قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1082|ئىنكاس: 11

ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول تارىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

19

دوست

3659

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1166
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 04:10:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول تارىخى




ئۇيغۇرلاردا ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر خىل تەنتەربىيە تۈرلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە پۇتبول ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. بەزى تارىخىي مەلۇماتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قوۋملەرنىڭ قوزىنى تۇلۇمچىلاپ سويۇپ ئىچىگە يەل (ھاۋا) تولدۇرۇپ ئىشلەنگەن توپنى تېپىش ئۇسۇلى بىلەن قارىمۇ قارشى قەلئەلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىدىغان «تەپۇك» تېپىش ناملىق بىر ئويۇنى بار ئىدى، دېيىلگەن («تۈرك قامۇسى»، 29– توم، 384–بەت) يەنە «تۈرك مىللىي مەدەنىيىتى» دېگەن كىتابنىڭ 276– بېتىدە پۇتبول، چەۋگەن ئويۇنلىرى ھون دەۋرىدىن بۇيان «تۈركىي قوۋملەر ئارىسىدا ئوينالغان» دېگەن ئىبارىلەر بار.

تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندا، پۇتبول ياكى توپ تۈركىي قوۋملەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. دەرۋەقە، ئۇ چاغلاردىكى توپ ھازىرقى زاماندىكى توپقا ئوخشاشماستىن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا كۆرسىتىلگەندەك، تۇلۇمچە سويۇلغان قوزا تېرىسىگە يەل قاچىلاپ تېپىش، يىپ توپ تېپىش، يۇمشاق نەرسىلەردىن ياسالغان تڭپنى تېپىش شەكلىدە بولغان.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ پۇتبول ئويناش ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئادەت بولغان. ئۇيغۇر بالىلىرى ئورما ۋاقتىدا بۇغداي ئېڭىزى، كۈزدە قوناق ئېڭىزى ۋە خامانلاردا ئېشەك مىنىپ ئوغلاق (تۇلۇمچە سويۇلغان قوزا تېرىسىگە سامان تىقىپ ياكى يەل بېرىپ، )چەۋگەن، ۋاللەي ئويناشتىن تاشقىرى، يىپتىن ياسالغان ياكى ئىككى كونا تۇماق ئىچىگە يۇڭ ياكى پاختا تىقىپ توپ قلىپ، چاپاندىن قاپقا (قەلئە) ياساپ پۇتبول ئوينايدۇ.

ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70– يىللىرى مەشھۇر سودىگەر، مەرىپەتچى زات باۋۇدۇن مۇسابايوۋ شىنجاڭدىكى دىنىي مەكتەپلەردە پەننىي دەرس قوشۇپ ئوقۇشنى يولغا قويىدۇ. 1883– يىلى ئاتۇش ئىكىساقتا دەسلەپ ئۈچ سىنىپلىق مەخسۇس پەننى مەكتەپ، 1885– يىلىغا كەلگەندە زامانىۋى سەككىز سىنىپلىق پەننىي مەكتەپ سېلىپ، ئالتە مو يەردە تەنتەربىيە مەيدانى ياسايدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ مەيداندا يۈگۈرۈش، سەكرەش، مېڭىش، تۇرۇش قاتارلىق ئاددىي تەنتەربىيە مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، چامباش، پۇتبول، تارتىشماق (ئارقان ۋە كالتەك)، «ئەسىر ئېلىش»، «تاش كەلدى – تاش كەتتى» قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.

1902– يىلى باۋۇدۇنباي ئۆز خىراجىتى بىلەن روسىيە، تۈركىيىگە ئوقۇغۇچى چىقىرىدۇ. ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرى قاتارىدا پۇتبولمۇ زامانىۋىلىشىدۇ، تەتىجىدە ئۇيغۇر تۇنجى زامانىۋى پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي پۇتبول پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىدۇ.

1927– يىلى 7– ئايدا، ئاتۇش ئىكساققتا قۇرۇلۇغان ئۇيغۇر پۇتبولچىلار كوماندىسى ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ پۇتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئۇلارنى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن، شىۋىتسارىيىنىڭ ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسىنى نۆلگە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن يېڭىدۇ.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا ئىكساقتا قۇرۇلغان پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى گەرچە يېشى يەتمىشتى ئاشقان بولسىمۇ، يېڭى زامان پۇتبول مەيدانىدىن ئورۇن ئالىدۇ. كېيىن (1951-يىلى) ياشانغان دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان بۇ ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى غەربىي شىمال رايونى بويىچە چېمپيۇن بولىدۇ.

بۇ ئەھۋاللار بىزگە پۇتبول ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا خېلى بۇرۇنلا كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.



1

تېما

0

دوست

1729

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   72.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 520
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 11:35:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 11:57  

1927– يىلى 7– ئايدا، ئاتۇش ئىكساققتا قۇرۇلۇغان ئۇيغۇر پۇتبولچىلار كوماندىسى ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ پۇتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئۇلارنى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن، شىۋىتسارىيىنىڭ ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسىنى نۆلگە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن يېڭىدۇ.

=================================================
1927-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرى ئېكىساق دىھقانلار پۇتبول كوماندىسى ئەنگىلىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئات-ئېشەكلەر بىلەن قەشقەرغە يېتىپ كېلىپ، سەمەن يېزىسىدىكى ئابدۇرېھىم ھاجىم دىگەن كىشىنىڭ بىدىلىكىدە ئەنگىلىيە ۋە شىۋىتسىيە كونسۇل خىزمەتچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان پۇتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. نەتىجىدە ئەنگىلىيە كوماندىسى 1:2 نەتىجە بىلەن، شىۋىتسىيە كوماندىسى 0:7 نەتىجە بىلەن ئېكىساق دىھقانلار كوماندىسىغا ئۇتتۇرىدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ مۇھىم ئىشلار خاتىرىسىگە پۈتۈلىدۇ. بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ئابدۇرېھىم ھاجىمنىڭ ئىنىسى ئابدۇشۈكۈر ھاجىم( تۈركىيەدە ئوقۇغان سودىگەر، ئېنگىلىزچىغا پۇختا) ۋە باش كونسۇل جورجى ماكارتېنىي ئەپەندىنىڭ ئايالى كاتېرىنا(كەيسىرىن) خانىمنىڭ توھپىسى زور بولىدۇ.

تۈزىتىش:

مۇسابىقە ۋاقتى: 1927-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرى(7-ئاي ئەمەس).
مۇسابىقىلەشكەن دۆلەتلەر: ئەنگىلىيە ۋە شىۋىتسىيە (شىۋىتسارىيە ئەمەس).
مۇسابىقىلەشكەن كوماندىلار: كونسۇل خىزمەتچىلىرى كوماندىسى (ئىشتىن سىرتقى كوماندا ئەمەس)
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

4

دوست

1184

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27890
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 11:38:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە !ئەسلى پۇتبول ئەجداتلىرمىزدىن قالغان تەنتەربىيە تۈرىكەندە ؟

1

تېما

7

دوست

4332

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22857
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1266
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 12:32:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YAVUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 12:34  
0999guzel يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 11:38
ھە !ئەسلى پۇتبول ئەجداتلىرمىزدىن قالغان تەنتەربىيە تۈ ...


پۇتبۇل تۈرك دۇنياسىدابارلىققا كەلگەن.

29

تېما

1

دوست

3337

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17305
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 66
تۆھپە : 1044
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 12:46:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجداتلىرىمىزنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى زور ئىكەن،شۇڭا روس قاتارلىق ئەمدى ئىشتان كىيىشنى ئۈگەنگەنلەر،بىزگە ھەسەت قىلىپ دۈشمەنلىك قىلغان ئىكەندە!يەنە قانداق بايقاشلار باردۇر؟بۇ ئىزلار بىر-بىرلەپ تېپىلغۇسى ئىنشائاللاھ!

2

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25326
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 4190
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 14:53:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1910 نەچچىنچى يىللىرى قەشقەر شەھەر نوربېشىدا چەتئەللىكلەر بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە قەشقەر ئاتۇشتىكى پوتبولچىلار ئكز ماھارىتىنى نامايان قىلىپ ئۇتقانىلەن.
شۇ مۇسابىقە ئۇيغۇرنىڭ ئورۇس ( كۆككۆز)لەر بىلەن ئوينىغان تۇنجى مۇسابىقە، ئورۇس ( كۆككۆز)لەرنى ئۇتقان تۇنجى مۇسابىقە دەپ ئاڭلىغانتىم.

0

تېما

0

دوست

93

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28215
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 14
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 17:07:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبۇل ئۇيغۇرلار ئارسىدا كەڭ تارقالغان،قەشقەرنىڭ «كىچىك بىرازىلىيە»دەپ نامىمۇ بار

0

تېما

0

دوست

93

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28215
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 14
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 17:07:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبۇل ئۇيغۇرلار ئارسىدا كەڭ تارقالغان،قەشقەرنىڭ «كىچىك بىرازىلىيە»دەپ نامىمۇ بار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )