كىتاب يېلىنجاتقان ئارزۇ
رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ
ئۇزۇندىن بۇيان قەلبىمدە بىر ئارزۇ چۇقان سالاتتى.بۇ ئارزۇ ئىلكىدە ئىچىمگە بىر ئوت كىرىۋالغىلى ئىككى يىل بولدى.ئۇ بولسىمۇ ھەر يىلىقى دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ئىدى.چۈنكى كىتاپ بىر ئادەمىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش تاكاممۇلىشىشىدىكى رۇھى ئوزۇق ۋە كۈچ قۇۋەتتۇر.شۇنداقلا ئوقۇغۇچىللىرىمىزنىڭ ئۆزىمىز ھەققىدىكى كىتابلارنىڭ كۆپ قىسىمىنى بىلمەي چوڭ بولىۋاتقانلىقى ئوقۇتقۇچىلىق ئىشقىدا يانغان پىقىرىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى كىتاپقا بولغان ھىرىسمەنلىكى ۋە ئارزۇيىنى تىزاراق كۈۋەجىتىشكە تەقەززا قىلىۋاتاتتى ۋە ئەشۇ كىتاپلارنى ئوقۇغۇچىلارغا قانداق بىلدۈرۈش ۋە ئوقۇتۇش ھەرۋاقىت مىنى ئارامىمدا قويماي رەللە قىلاتتى. ھەممىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ھەر يىلى ئۆمىد ئىينىڭ 23-كۈنى دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنى.مەن ئۆتكەن يىلى دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنىدىكى كىتاپ يىغىپ بالىلارغا ئوقۇتۇش پىلانىمىنى پۇل ۋە كىتاپ توپلاپ كىتاپ فوندى تەسىس قىلىپ كىتاپ سىتىۋىلىپ بالىلارغا ھەركۈنى ئارىيەت بىرىپ تۇرۇشقا ئۆزگەرتكەندكىيىن بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا1000يۈۋەنگە يىقىن پۇل يىغىلدى. كىتاپ فوندى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلۇپ داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچىللىرىمىز يازغان تارىخى رومانلاردىن 30 پارچە سىتىۋالدۇق.شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى قوزغىلىپ ئىشخانامغا كىتاپ ئارىيەت ئالغىلى كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايغى ئۈزۈلمىدى. چۈنكى مەن سىتىۋالغان كىتاپلار ئۇنداق-مۇنداق كىتاپلار بولماستىن بىزگە ئۆزلىكىمىزنى تونىتىدىغان،كىملىكىمىزنى بىلدۈرىدىغان، ھەممەيلەن سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئەمما ئوقۇغۇچىلىرىمىز تىخىچە ئوقۇپ ئۈلگىرىمىگەن«قۇم باسقان شەھەر»،«كەلىللە ۋە دەمىنە»،«داغ»،«جاللات خېنىم»،«ئۆزلىك ۋە كىملىك»،«ئانا يۇرت»قاتارلىق كىتاپلار ئىدى.كىتاپ ئوقۇش مۇككەممەل خاراكتىر ۋە مول ھىس تۇيغۇلارنى يىتلىدۇرىشتىكى ئاساسلىق ئامىل. ئوقۇغۇچىلار ئەسىلى مۇنداق كىتاپلارنى ئوقۇشقا قىزىقىدىكەن ئەمەسمۇ؟ئەسلىدە ئۇ كىتاپلار مەكتەپتە بولمىغاچقا ئوقۇيالماپتىكەن- دە؟! ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقېيۇمىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئوقۇتۇش گوروپىسىدا كىتاپ چىيى تەسىس قىلىندى.ئۇ كۈنى بىز ئالاھىدە ۋاقىت ئاجىرتىپ بارلىق كىتاپلارنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى بىر يەرگە يىغىپ ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ھەققىدىكى نادىر كىتاپلارنى تونۇشتۇرۇشتۇر غاندىكىيىن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىردىن كىتاپ تارقىتىپ ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىكىيىن شۇ كىتاپتىن سۇئال چىقىرىپ زىھىن سىناش شەكلىدە پائالىيەت ئىلىپ باردۇق،بۇنىڭ ئۈنۇمى نەچچە سائەت چىڭقىلىپ ئۆتكەن دەرىستىن ئۈنۈملۈك بولدى.
بۇ يىلىقى كىتاپ ئوقۇش كۈنى مەن ئۈچۈنلا ئەمەس بارلىق ئوقۇغۇچللىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك كۈن بولدى. بىز بۇ قىتىمقى كىتاپ ئوقۇش پائالىيەت نىشانىمىزنى يىتىم بالىلارغا قاراتتۇق.ئالدى بىلەن بۇ ھەقتە باغداش( (www.bagdax.comتورىدا بىر مۇراجەتنامە چىقاردۇق.بۇ مۇراجاتنامە تور،چ چ،ئۈندىدار،بىلوگ قاتارلىقلاردا تارقىتىلىپ ئون كۈن ئىچىدە بىر نەچچە مىڭ يۈەن پۇل ۋە 300 پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ تاپشۇرىۋلدۇق.بۇ پۇل ۋە كىتاپلارنى جەمئىيىمىزدىكى يىتىم بالىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بولىدىغان ساخاۋەتچى كىشللىرىمىز ئىئانە قىلغان ئىدى.بۇ يەردە ئىسىمىنى ئاتاشقا تىگىشلىك قىرىندشلىرىمىز بار، ئاپتۇنۇم رايۇنلىق مىھرىبان ئانا،ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتىگە،ئۈرۈمچىدىن ھاجىنسا خانىم،غۇلجىدىن ئابدۇۋاخاپ ئەپەندى،ئاتۇشتىن تىلغۇن نۇمۇرنىڭ بىشى 138 ئاخىرى 530بولغان ئاتۇشتىكى قىرىندىشىمىزغا،پائالىيەتنى باشتىن-ئاخىرى قوللىغان يۇپۇرغا ئوغلى قىيۇمجان ئەپەندىگە،جېجىياڭ ئۈنۋىرستىتىدىن ھەسەنجانغا ، كۇچا ناھىيە 5-باشلانغۇچ مەكتەپتىن تۇختى تۇدى،رىسالەت ئەر-ئايالغا،شىنجاڭ ئۈنىۋىرسىتى پەرزەنتلەر مەكتىپىدىن زۇلھاياتقا، مەكتىپىمىزدىن ئارزىگۈل، رىيانگۈل، بۇخەلچەم، ئابدۇرىشىت مۇئەللىم،مىھرىگۈل،يۇپۇرغا شىنخۇا كىتاپخانسىدىن تۇرسۇنجان ئەپەندى،داڭلىق دىراماتىروگ ساھىت سادىق ئاكىغا، بىلىم-كۈچ ژورنىلىغا ،كورلا زۇبەيىر كىتاپخانىسغا،يۇپۇرغىدىكى يازغۇچى قەلەمكەشلەرگە ، مىھرىبان ئانا ،ساخاۋەتچى ئاتىلارغا،قەشقەردىكى سەنئەتكارلىرىمىزغا، ئۇنىڭدىن باشقا ئىسىمىنى بىزگە ئاشكارلاشىنى خالىمىغان بارلىق ساخاۋەتچى كىشلىرىمىزگە چىن دىلمىزدىن رەخمەت ئىيتىمىز!!گەرچە مەن بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى بولساممۇ ئەمما نىمىشقىكىن بالىلارغا ئۆز تارىخىمىز ھەققىدە تەلىم-تەربىيە بىرىشتە رولۇم بەكلا يۈكسەك ۋە مۇھىم دەپ قارايمەن.بولۇپمۇ ئۆزىمىز ھەققىدە يىزىلغان كىتاپلارنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىمىز تەرىپىدىن ئوقۇشىسز قالماسلىقى مەن ئۈچۈن ئەڭ باھادىر ئىش.چۈنكى بىز ئۇلارغا يەتكۈزمىسەك،تارقىتىپ تەشۋىق قىلمىساق ئۇلار ئۆزلىرى ھەققىدە ھىچىنىمىنى بىلمەي چوڭ بولسا كىتاپ مەدەنىيىتىمىز ياخشى تەشۋىق قىلىنمىسا مىللىي مەدەنىيىتىمىز ئىز باسارسىز قىلىشى مۇمكىن.باشقا ھەرقانداق مەدەنىيەت كىتاپ مەدەنىيىتى بولغانلىقى ئۇچۇنلا ئۆز قىمىتىنى يوقاتماي كەلگەن،مەن بۇ ئىككى يىلىنى ئالدىن بۇ مىنىڭ كىتاپ يىلىم دەپ بىكىتىۋالغانمۇ ئەمەس،ئەمما قەلبىمدە مەۋج ئۇرغان بىباھا كىتاپلىرىمىزنى ۋە مەدەنىيىتىمىزنى ئەتراپىمىزدىكلەرگە ۋە ئوقۇغۇچىلارغا تۇنۇشتۇرشتەك بىر خىل ۋەزمىنلىك مەسئۇلىيەت ،شۇنداقلا كىتاپقا بولغان ھىرىسمەنلىكىم بۇ يىللىرىمىنى كىتاپ ئارقىلىق كۆپلىگەن مەنىلارغا پۈركىدى. كىتاپ ھەققىدە ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشۈمگە تۈرۈتكە بولدى.نەزەر سالسام بۇ ئىككى يىل ھاياتىمدىكى مەن ئۈچۈن ئەك كۆپ كىتاپ سىتىۋالغان، ئەڭ كۆپ كىتاپ ئوقۇغان يىل،ئەڭ كۆپ كىتاپ ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان يىللار بولدى.بۇندىنكىيىنىكى يىلىمنىڭ ئۆزگىچە ئۆتۈشى شۇندقلا بارلىق ياش زامانداشلىرىمىنىڭ پۇرسەت چىقىرىپ كۆپرەك كىتاپ كۆرۈپ ياشلىق باھارىنىڭ ھەر بىر بىتىنى گۈزەل ئەستىلەكلەرگە ۋە قىممەتلىك ئۇنچە-دۇرلارغا بىزىشى شۇنداقلا كىتاپ مەدەنىيىتىمىزنى قاغجىرتىپ قويماسلىقى پىقىرنىڭ ھەر تىنىقىدىكى ئەڭ ئىزگۈ تىلىكىدۇر.مەن جەمىيەتتىكى نۇرغۇن ساخاۋەت ساھىبلىرىنىڭ مىنىڭلا ئەمەس بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئىزگۈ ئارزۇنى قاناتلاندۇرغىندىن ئىنتايىن سۆيۈندم.ھازىر ئۇيغۇر تارىخىدا بەلگىلىك قىممەتكە سازاۋەر ھەتتا بەزىللىرىنى ئالدىراپ تاپقىلى بولمايدىغان ئەنە ئەشۇنداق بىباھا كىتاپلار جەمىيەتتىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ «يېتىم بالىلار كىتاپ فوندى»مىزغا كىتاپ ۋە پۇل ئىئانە قىلىشى بىلەن كۆپىيىپ 500 پارچىدىن ئاشتى. مەن بۇ يەردە گىزىت-ژورناللاردا كۆپلەپ تىلغا ئېلىنغان كىتاپ ئوقۇشىنىڭ ئەھمىيتى توغرىسدا تەكرار سۆزلەپ ئولتۇرمىدىم.چۈنكى ئۇيغۇر خەلقىمىز يىقىنىقى يىللاردىن بۇيان بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ساۋاتلارغا ئىگە بولدى.كىتاپ ئوقۇشىنىڭ ئەھىمىيتى توغرىسىدىكى تەسىرلىك بايانلارنى كۆپ ئاڭلىدى.مىنىڭچە ھازىرقى مەسىلە ئەشۇ ئاڭلغان ۋە كۆرگەنلىرىمىز ئاساسىدا ئويلىغانلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە بەجا كەلتۈرۈش ھازىرىقى كىتاپ ئۈچۈن قىلىدىغان مۇھىم ئىشىمىز .چۈنكى كىتاپ ئوقۇش ئەڭ گۈزەل پائالىيەت،ئۇ ئارقىلىق ئالەمدىكى جىمى نەرسە بىلەن ئۇچراشقىلى ،ئالەمىنىڭ ئۇ ھەممە جايىغا قەدەم باسقىلى بولىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلىيەت ھەقىقىي ئۇستاز،چۈنكى شۇ ئىشىنىڭ نەتىجىسى ئەمەلى قول سىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق روياپلىنىدۇ.كىتاپ قۇدىرەت تىپىشىنىڭ ئۇل تېشى،رۇناق تىپىش ئۈچۈن كىتاپنى دوست تۇتۇپ كىتاپ مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ ھەر دەمدە كىتاپ ساپ مۇھىتىدىن نەپەس ئېلىشىمىز كىرەك. مەن بۇ قىتىم بىر تەرەپتىن ئەتىراپىمىزدا جەمىيەتتىكى يىتىم بالىلارغا كۆڭۈل بولىدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن سۆيۈنسەم يەنە بىر تەرەپتىن مىنىڭ ۋە بالىلارنىڭ قەلىب ئىشكىنى چىكىدىغان نۇرغۇن دۇردانە كىتاپقا ئىگە بولالىغىنىمدىن،ئەشۇ كىتاپلارنىڭ ھاياتىمىزغا سىڭىپ كىرىپ ئارزۇيىمىزنى قاناتلاندۇرغىندىن، ئۇلغايتىقىندىن مەمنۇن بولدۇم. قەلبىمدە«رەخمەت سىلەرگە ئەي ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىم، رەخمەت سىلەرگە بىباھا كىتاپلىرىم»دىگەن ئوتلۇق سادا توختىماي جاراڭلايتى. |