قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: aratoruk

بىر يالغۇز ئانىنىڭ ئاھۇ -زارى -ياردەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

580

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18285
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 14:51:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازات 007 قېرىندىشىمىزنىڭ ھاۋالە قىلغان بېكىتىدىكى مەزمونلارنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم. ھەمدە تۆۋەندىكى قانوننىڭ چولپانگۈل خانىمنىڭ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم، ھەم مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىنىلا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويدۇم. ئەگەر تولۇق كۆرمەكچى بولساڭلار يوقىرىقى ئۇلانمىغا كىرسەڭلەر بولىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلىمى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى
(2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
(86 – نومۇرلۇق)
   ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلىمى قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ
2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى
11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلىمى قانۇنى››غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

1 – ماددا بۇ قانۇن پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت تۆلىمى ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2– ماددا مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە چېقىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، شۇ مەمۇرىي ئورگان تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ.
ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي ئورگان خىزمەت ھوقۇقىنى بىرلىكتە يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە چېقىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى بىرلىكتە يۈرگۈزگەن مەمۇرىي ئورگان ئورتاق تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ.
قانۇن – نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن تەشكىلات بېرىلگەن مەمۇرىي ھوقۇقنى يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە چېقىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، ھوقۇق بېرىلگەن تەشكىلات تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ.
مەمۇرىي ئورگاننىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان تەشكىلات ياكى شەخس ھاۋالە قىلىنغان مەمۇرىي ھوقۇقنى يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە چېقىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، ھاۋالە قىلغان مەمۇرىي ئورگان تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ.
4– ماددا مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدا مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ:
(1) جەرىمانە قويۇش، ئىجازەتنامە ۋە تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇش، پۇل – مالنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قاتارلىق مەمۇرىي جازالارنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بەرسە؛
(2) مال – مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش تەدبىرى قاتارلىق مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوللانسا؛
(3) مال – مۈلۈكنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئالسا، ئېلىپ ئىشلەتسە؛
(4) مال – مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار.
5 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دۆلەت تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:
(1) مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتسىز شەخسىي ھەرىكىتى؛
(2) پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ھەرىكىتىدىن بولغان زىيان؛
(3) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
  2 – پاراگراف تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ۋە تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى
6 – ماددا زىيانغا ئۇچرىغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
زىيانغا ئۇچرىغان پۇقرا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسى ۋە بېقىش مۇناسىۋىتى بار باشقا تۇغقانلىرى تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
زىيانغا ئۇچرىغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاخىرلاشسا، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
7– ماددا قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىققان بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى دەسلەپتە سادىر قىلغان مەمۇرىي ئورگان تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ، لېكىن، قايتا قاراپ چىققان ئورگاننىڭ قايتا قاراپ چىقىش قارارى بىلەن زىيان ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولسا، ئېغىرلىشىپ كەتكەن قىسمىنىڭ تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى قايتا قاراپ چىققان ئورگان ئادا قىلىدۇ.
8– ماددا قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىققان بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى دەسلەپتە سادىر قىلغان مەمۇرىي ئورگان تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ، لېكىن، قايتا قاراپ چىققان ئورگاننىڭ قايتا قاراپ چىقىش قارارى بىلەن زىيان ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولسا، ئېغىرلىشىپ كەتكەن قىسمىنىڭ تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى قايتا قاراپ چىققان ئورگان ئادا قىلىدۇ.
3  – پاراگراف تۆلەم تەرتىپى
9 – ماددا تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنىدا مۇشۇ قانۇننىڭ 3 –، 4 – ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، ئۇ، تۆلەم بېرىشى كېرەك.
تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى تۆلەم تەلىپىنى ئاۋۋال تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنىغا قويۇشى كېرەك، بۇ تەلىپىنى مەمۇرىي قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلغاندا بىللە قويسىمۇ بولىدۇ.
10 – ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ئورتاق تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنىنىڭ ھەرقاندىقىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىۋېرىدۇ، شۇ تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بېرىپ تۇرۇشى كېرەك.
11 – ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ئۇچرىغان زىيىنىغا قاراپ، بىر نەچچە تۆلەم تەلىپىنى بىرلا ۋاقىتتا قويسا بولىدۇ.
12 – ماددا تۆلەم تەلەپ قىلىشتا ئىلتىماس سۇنۇش، ئىلتىماسقا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى يېزىش كېرەك:
(1) زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، جىنسى، يېشى، ئىشلەيدىغان ئورنى، ئولتۇرۇشلۇق جايى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ۋەزىپىسى؛
(2) كونكرېت تەلىپى، پاكىت ئاساسى ۋە سەۋەبى؛
(3) ئىلتىماس قىلغان يىل، ئاي، كۈن.
تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ئىلتىماس يازالمايدىغانلىرى باشقىلارغا يازدۇرسا بولىدۇ؛ ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسا، تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى خاتىرىلەپ قويسىمۇ بولىدۇ.
تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ئۆزى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئەمەسلىرى زىيانغا ئۇچرىغۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ئىسپاتىنى بېرىشى كېرەك.
تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ئىلتىماسنى ئۆزى ئاپىرىپ بەرگەنلىرىگە تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى شۇ مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەخسۇس تامغىسى بېسىلغان ھەمدە تاپشۇرۇۋالغان كۈن ئەسكەرتىلگەن ئىسپاتنى بېرىشى كېرەك، ئىلتىماس ماتېرىيالى تولۇق بولمىغانلىرىغا تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى تولۇقلايدىغان ھەممە مەزمۇننى شۇ يەردىلا ياكى بەش كۈن ئىچىدە بىر يولىلا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
13 – ماددا تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە تۆلەم بېرىش – بەرمەسلىك ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم قارارى چىقىرىشتا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلىشى كېرەك ھەمدە تۆلەم ئۇسۇلى، تۆلەم تۈرى ۋە تۆلەم سوممىسىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 4 – بابىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى بىلەن كېڭەشسە بولىدۇ.
تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بېرىشنى قارار قىلىشتا، تۆلەم قارارى تەييارلىشى ھەمدە ئۇنى تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىغا قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بەرمەسلىكنى قارار قىلغاندا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىغا قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە تۆلەم بەرمەسلىك ئاساسىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

14 – ماددا تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بېرىش – بەرمەسلىك ھەققىدە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قارار چىقارمىسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى مۆھلەت توشقان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ تۆلەم ئۇسۇلى، تۆلەم تۈرى، تۆلەم سوممىسىغا باشقىچە پىكرى بولسا ياكى تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بەرمەسلىك ھەققىدە قارار چىقارغان بولسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بېرىش ياكى تۆلەم بەرمەسلىك قارارى چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
15 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي تۆلەم دېلولىرىنى قاراپ چىققاندا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ۋە تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى ئۈچۈن دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك.
تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان مەزگىلدە، جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن كىشى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قېلىشى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى بار – يوقلۇقى ھەققىدە دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك.
16 – ماددا تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى زىياننى تۆلىگەندىن كېيىن، قەستەنلىكى ياكى زور سەۋەنلىكى بولغان خادىم ياكى ھاۋالە قىلىنغان تەشكىلات ياكى شەخسنى تۆلەم خىراجىتىنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇشى كېرەك.
قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك جاۋابكارلىقى بارلارغا ئالاقىدار ئورگان قانۇن بويىچە چارە كۆرۈشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك

42 – ماددا بۇ قانۇن 1995 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

1

تېما

0

دوست

423

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   61.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28101
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 14:52:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
azharbag يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 12:51
كاتىپقا بەرگەن ئىسپاتلارنى نۇسخىلاپ (فۇيىن قىلىپ ) ساق ...

     گەرچە ئىسپاتلەر تولۇق بولسىمۇ ئەمەلدارلار قاراپ تۇرۇپ كۆز يۇمۇپ، قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇپ سورىمايۋاتىدۇ ، بەزى مۇناسۋەتلىك ئورۇنلار بىزنىڭ باشقۇرۇش تەۋەيىمىزە ئەمەس دەپ قوبۇل كىلمىدى ،شۇڭا قېرىنداشلىرىمنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈت كىلىپ ...ياردەم سورىدىم   !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

423

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   61.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28101
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 15:48:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyultash يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 14:51
ئازات 007 قېرىندىشىمىزنىڭ ھاۋالە قىلغان بېكىتىدىكى مەز ...

    سىزگە كوپتىن كوپ تەشەككۈر !! مەن مۇشۇ قانۇن نىزاملار ئارقىلىق ئۆزەمى قوغداش ئۈچۈن  نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك ئىدارە ئورگانلارنى ئىزدىدىم :مەسلەن تەپتىش ، ئىنتىزام ، تەشكىلات ، ئەرزىيەت ،شۇنداقلا ناھيىلىك پارتىكوم سېكرىتارى ....  ئەمەلدارلار كاراپ  تۇرۇپ  مەسئۇليەتسىزلىك كىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ  ئىسپات ئاغدۇرغانلىكىنى  ئېتىراپ قېلىدىغان جاۋاپ نامىنى ماڭا  بەرگەن بولسىمۇ لېكىن پۇللارنى قايتۇرۇش ، يوقلغان دەرىجە مۇئاش ، ئەرىز قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن  كۈلۈپ  ئۇچۇپ  يۈرگەن مۇئاش ئارخىپى  توغرۇلۇق  ھېچ قانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان .
  بۇنداق قانۇنلار  زادى كىم ئۈچۈن  ئىشلىتىلىدۇ  ؟ قانداق ئورۇندا ، قانداق  شارائىتتا   پۇقرا  ئۆزىنى قوغدايدۇ  .؟

2

تېما

0

دوست

580

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18285
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 15:57:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپاتلىرىڭىز تولۇق دەيسىز، نىمىشدەپ ئادۋىكات ياللىمايسىز؟ ياكى ئەمگەك مەمۇرىيەت تارماقلىرى دىگەندەك جايلارنى ئىزدىمەيسىز؟ ئەگەر كېچىكتۈرىۋەرسىڭىز يوقىرىدا بىر قېرىدىشىمىز دىگەندەك، كېيىن ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇ دەپ ناچارلىق قىلسا قانداق قىلىسىز؟ پۇلنىڭ سوممىسىمۇ ئاز ئەمەسكەن. مېنىڭچە ئادۋىكات ياللىسىڭىزمۇ چورەن كۆتىرەر.

0

تېما

0

دوست

81

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28213
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 16:25:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھھاق ئىش بوپتۇ ئەرىز قىلىڭ

1

تېما

0

دوست

423

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   61.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28101
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 17:44:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyultash يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 15:57
ئىسپاتلىرىڭىز تولۇق دەيسىز، نىمىشدەپ ئادۋىكات ياللىم ...

بۇ  ئىشلارنى دەپ نۇرغۇن ئىقتىسادىي ۋە روھى بېسىمغا ئۇچراۋاتىمەن  ھالىمدىنمۇ كىتەي دىدىم ، ئادۋۇكات  ئۇقۇشۇپ  ئەدلىيە ئورۇنلىرى ئارقىلىق ھەل قىلاي دسەم  قۇربۇم يەتمەيدۇ  ، چۈنكى ياۋۇز ئەمەلدارلار  2013-يىل ئاخىرىدىن  باشلاپ  تا ھازىرغىچە قەدەر 阳光补贴 دىگەنلەرنى تۇتىۋاتىدۇ  ، مەن بۇ باشلىقنىڭ  1+1 قانچە دىسە ،باشقىلاردەك سەن قانچە دىسەڭ شۇنچە دىمەي ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ  شۇنداقبولغاندۇ ،شۇڭا بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان  ھېيىت بايراملىق ،   باشقلارئورتاق بەھرىمان بولغان  نەرسىلەرنىڭ  بىر تىيىنلىقىدىنمۇ بەھرىمانبولۇپ باقمىدىم  ھېلى ھەم شۇنداق ...  

1

تېما

0

دوست

423

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   61.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28101
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 18:06:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلىرىم  مەن يولۇققان  بۇ ئۇۋالچىلىق  پارىخورلۇققا كىرەمدۇ  ؟

1

تېما

0

دوست

423

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   61.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28101
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 18:39:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyultash يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 14:51
ئازات 007 قېرىندىشىمىزنىڭ ھاۋالە قىلغان بېكىتىدىكى مەز ...

مېنىڭ  قولۇمدىكى :
     مېيىپلىق  گۇۋاھنامە  قانداق  ئورۇندا ، نىمىگە  ئىشلىنىدۇ ؟ مېيىپ دەپ كىنىشكە بىرىپ تۇرۇپ   بۇنداق بوزەك قىلسا ساق قېرىنداشلىرىمىز  ......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )