قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6933|ئىنكاس: 66

بىر يالغۇز ئانىنىڭ ئاھۇ -زارى -ياردەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

423

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   61.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28101
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 12:11:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغۇزئانىنىڭ ئاھۇ -زارى

چولپانگۈل خانىم


    مەن چولپانگۈل.خانىم. ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ پىنسىيونىرى. ھازىرقى ۋاقىتلىق تۇرۇش ئورنۇم ئۈرۈمچى، مەركەزدىن ،گوۋۇيۈەندىن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى تۈزەش ،خىزمەت پوزىستسىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇنداقلا تور ئارقىلىق چىرىكلىككە قارشى تۇرىلىۋاتقان بۇگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە مەن بېشىمدىن ئۆتكەن دەرد -ئەلەملىرىمنى تور ئارقىلىق تورداشلارغا شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى رەھبەرلەرگە سادايىمنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ يازمامنى باغداش تورىغايوللىدىم ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مېنىڭ بۇ مەسىىلەمگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ دەردىمگە يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . قولۇمدا بارلىق دەلىل -ئىسپات ،ماتىرىياللار ھەممىسى تولۇق .

        مەن 1988-يىلى 7-ئايدا ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا تەقسىم قىلىندىم.25 يىل دوختۇرخانىمىز ۋە ناھىيىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن خىزمەت قىلدىم ، خىزمەت ئارلىقىدا ناھىيىمىزدىكى تەپ كېسىلىنى تەكشۈرۈش ،يوقىرىغا يوللاش خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىپ ئۆزەم بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدىم . 25يىللىق خىزمەتتىن بەدىنىم ئاجىزلىشىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىم ناچارلاپ ئۇدا پىنسىيە ئىلتىماسى سۇنۇش ئارقىلىق 2012-يىلى 8-ئايدا پىنسىيەگە چىقتىم .
     1. 2007-يىلى ئاتا-ئانام ئېغىر كىسەل بولۇپ ياتاقتا يېتىپ قالغاندا مەن پەرزەنتلىك بۇرجۇم بىلەن ئىدارىدىن رۇخسەت ئېلىپ، 3 ئاي ئەتىراپىدا كېسەل باقتىم. بۇ جەرياندا، دوختۇرخانا ماڭا تۇرمۇش پۇلىمۇ بەرمەي مۇئاشىمنى تولۇق تۇتۇپ قالدى. دوختۇرخانىنىڭ بۇخىل ئۇسولى ‹‹دۆۋلەت خادىملىرىنى باشقۇرۇش قانونى››غا ئۇيغۇنمۇ؟ مەن دۆلەتنىڭ پىشقەدەم خىزمەتچىسى. مۇئاشىم مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ كاپالىتى. مۇكاپات مۇئاشىمنى تۇتۇپ قالسىمۇ،ھېچ بولمىغاندا ئاساسى مۇئاشىمنى چوقۇم بېرىشى كېرەك دەپ قارايمەن. مەن بۇ توغۇرىدا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ماڭا ئېنىق چۈشەنچە بېرىشىنى سەمەمى ئۈمۈد قىلىمەن.
  2. كېيىن خىزمەت كۆپلۈك سەۋەپلىك سىمىنا قوشۇپ ئىشلەپ  ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدىم .بىر قانچە دوختورخانىلارغا كۆرۈنۈپ ئىقتىساد يەتمەسلىك سەۋەپلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا داۋالاندىم شۇنداق قىلىپ ئالدى كەينى 5ئايدىن ئاتۇق داۋالىنىپ خىزمەت قىلغۇدەك بولۇپ قايتىپ كىلىپ ئىشقا چۈشتۈم. بۇ جەرياندىمۇ، داۋالىنىش مەزگىلىدىكى مۇئاشىمنى تولۇق تۇتىۋېلىپ. ھەتتا تۇرمۇش پۇلىنىمۇ بەرمىگەچكە بىر مۇنچە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدىم.  
  (3)، 2010-يىلى ئىشلەۋاتقان بىر خىزمەت كۈنى باشلىق مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى. كىرسەم، ئىدارىمىزدىكى مەمەت ھۈسۈيۈن بىلەن مەلۇم شىركەتنىڭ دورا ساتتى خوجايىنى ۋە  دوختۇرخانە باشلىقى خۇئاڭ يىدەن ئۈچى بار ئىكەن. باشلىق ماڭا: "بۇ دورىنى سەن كىرگۈزۈپ،تالوننى مالىيەگە ئۆتكەزمەپسەن. ئاقىۋەتكە ئۆزەڭ ئىگە بولىسەن. دورا پۇلىنى تۆلەپ بۇ كىشىنى يولغا سال" دىدى. مەن ئېلىپ قارىسام 2009-يىلى لابىراتورىيەدە ئىشلەتكەن زەھەرلىك سۇيۇقلۇقلارنىڭ تىزىملىكىدەك بىر نەرسە بولۇپ، سوممىسى تۆت مىڭ نەچچە يۈز يۈەن ئىكەن. مەن: بۇ دورىلارنى مەن كىركۈزمىگەن دىسەم،باشلىق قەتئى ئۇنىماي مېنىڭ كىرگۈگەنلىكىمدە چىڭ تۇرىۋالدى. مەن ئامال بولمىغاندا: " مېنى كىرگۈزدى دىيىشكە نىمە ئىسپاتىڭ بار"؟دىسەم. باشلىق:"بۇ ئاسان، يوقلىما جەدىۋىلىگە قارىساقلا ئېنىق بولىدۇ"دىدى. مەنمۇ: "بوپتۇ ئەمىسە، سەن يوقلىما جەدىۋىلىگە قارا. مەن ئۆيگە كىرىپ چىقاي"دەپ ئىسپاتنى ئېلىۋېلىپ كىرگەندە. ئۇ ماڭا، شۇ يىل، شۇ ئايلىق يوقلىما جەدىۋىلىنى ئىسپات قىلىپ كۆرسەتتى. مەن: "بۇ جەدىۋەلنى نەدىن ئەپ كىردىڭ؟" دىسەم. ئۇ: "نەدىن بولاتتى، ئەلۋەتتە ئارخىپ خالتىسىدىن ئەپكىرىمەندە" دىدى. قارىسام يوقلىمام توپ-تولۇق تۇرۇپتۇ. ئەمىليەتتە، شۇ دورىلار كىرگۈزۈلگەن، شۇ يىل، شۇ ئايدا مەن قومۇلدا ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىۋاتاتقان ئىدىم. مەن ئۆيدىن ئەپ چىققان ھەقىقى ئىسپاتنى كۆرسەتكەن ئىدىم، ئۇ تولىمۇ ئوسال بولدى. ھەم: "بولدى، بولدى. چىقىپ كەتسەڭ بولىدۇ. بۇ پۇلنى سەن تۆلىمەيسەن" دىدى. كۆپچىلىك ئويلاپ بېقىڭلار بۇ قانداق خىزمەت پوزىتسىيەسى؟
      بۇ قىلمىشنى ساختا ئىىسپات ياساپ باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى دىسەك بولامدۇ؟  بىر باشلىق تۇرۇپ قول ئاستىدىكى ئادەمگە شۇنداق قارا چاپلاپ قاقتى-سوقتى  قىلسا بولامدۇ؟ بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ قانوندا جاۋاپكارلىقى بولامدۇ؟ ئەگەر بولساچوقۇم شۇ بەلگىلىمە بويىچە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قەتئى تەلەپ قىلىمەن.
  (4)، 2011-يىل 3-ئايدا ماشىنا ھادىسىگە ئۇچىراپ 2 ئاي ئەتىراپىدا دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم. بۇ جەرياندىمۇ مۇئاشىمنى تۇرمۇش پۇلىمۇ بەرمەي تولۇق تۇتىۋالدى. مەن دوختۇرخانىغا ئىسپات چىقىرىپ بەرسە، زىيىنىمنى قاتناش تارماقلىرىدىن تۆلىتىۋالىدىغانلىقىمنى ئېيتسام، مالىيە خادىمى دو گۇييىڭ "ئەگەر ئىسپات لازىم بولسا ئۆزلىرى كەپ ئالسۇن" دەپ تا ھازىرغىچە ئىسپات چىقىرىپ بەرمىدى. شۇنداق بولۇپ قاتناش ھادىسىدىكى زىيانلىرىمنىمۇ تۆلىتىپ ئالالمىدىم. مۇئاشىمنى تۇتىۋالغىنى راست تۇرۇپ ، ئىسپات چىقىرىپ بەرمەسلىككە نىمە ئاساسى بار؟ ئىسپات چىقىرىپ بەرمىگەن ئىكەن مېنىڭ قانونلۇق ھەققىمنى قانونسىز "يېۋالدى" دىسەم بولامدۇ؟ بۇ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ھەققىم بولامدۇ-يوق؟
  (5)، مەن 2012-يىلى 8-ئايدا پىنسىيەگە چىقتىم. مەن ئاراتۆركتە ئۆيى بولمىغان كادىرلارنىڭ مۇئاش رەسمىيىتىنى قومۇلدىكى ‹‹ئاراتۆرۈك پىشقەدەم كادىرلار ئورنى››غا يۆتكىسە بولىدىغانلىقنى بىلىپ، مۇئاشىمنى قومۇلغا يۆتكەش جەريانىدا، ئۆزەمنىڭ 2009-يىللىق بىكىتىشتە لاياقەتسىز بولۇپ، بىر دەرىجە مۇئاشىمنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم. مەن ئۇلاردىن سورىسام، ئۇلار "بىز ئىدارەڭ قانداق يوللىغان بولسا شۇنداق بىر تەرەپ قىلىمىز. بىلمەكچى بولساڭ ئىدارەڭدىن سورا"دەپ يولغا سالدى. مەن ئىدارىغا كېلىپ باشلىقنى ئىزدىدىم.باشلىق مېنىڭ ھېچ قاچان لاياقەتسىز بولمىغانلىقىمنى،ئۇنداق ئىشنىڭ يوقلىغىنى دىدى. مەن ئۇنىڭدىن ئوبدان قاراپ، ئېنىقلاپ، ئاندىن بىر نەرسە دىيىشنى ئۆتۈنسەم، ئۇ كىسىپلا "مەن بىلمەمتىم، ئۇنداق ئىش قەتئى يوق" دەپ كېسىۋەتتى.
   (6)، مەن بىر تۇل ئايال،مۇئاش مېنىڭ بىردىن-بىر ئىقتىسادى جان تومۇرۇم، ئىككى بالام بىلەن مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ كاپالىتى. مەن دۆلەتكە 25 يىل خىزمەت قىلىپ پىنسىيەگە چىققان  ئىكەنمەن، دۆلەت ماڭا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ بېكىتكەن مۇئاشتىن تولۇق بەھىرلىنىش ھوقوقۇم بار. مەن شۇ خىلدىكى ئويلىنىشلار بىلەن 2012-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىلىرى ئۈرۈمچىدىن ئاتايىن كېلىپ،  ئىدارىمىزنىڭ ئىلگىرى مېنىڭدىن ھەرخىل باھانە سەۋەپلەر بىلەن تۇتۇپ قالغان مۇئاشلىرىم بىلەن بىر دەرىجە مۇئاشىمنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىش مەقسىدىدە، ماتىريال ھەم دەلىل ئىسپات تاييارلاپ، ناھىيىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى بىلەن پارتىكوم سېكىرتارىنى ئىزدىدىم.مەن سۇنغان ئەرز ماتىريالى بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارنى شۇجىنىڭ كاتىۋى ئېلىپ قالدى.ھەم مېنىڭ قايتىپ تۇرۇشۇمنى، پات تۇرسەتتە ئېنىق جاۋاپقا ئېرىشىدىغانلىقىمنى ئېيتتى.
  (7). بالىلىرىمنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالماي،  ئىقتىساتتىن قىينالغاچقا 2012-يىل 10-ئاينىڭ ئىچىدە مەخسۇس مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن ئاراتۆرككە قايتىپ كېلىپ  شۇجىنى يەنە ئىزدەپ كىرسەم يەنە كاتىبى كۈتىۋالدى.ئۇ مېنىڭدىن نىمە ئىشىم بارلىقىنى سورىدى.مەن ئۆتكەنكى ئىشلارنىڭ تېخىچە جاۋابى بولمىغانلىقىنى دىدىم. كاتىپ مەندىن: "سېنى سەھىيە ئىدارىسى ياكى دوختۇرخانا ئىزدەپ تېلفۇن ئۇرمىدىمۇ؟"دەپ سورىدى. مەن: "ياق،ھېچكىم ئىزدىمىدى"دىدىم.كاتىپ شۇ جايدىلا سەھىيە ئىدارىسىنىڭ شۇجىسىنى چاقىرتىپ كەلدى. سەدەن سوپى شۇجىدوختۇرخانىنىڭ ئىككى مۇئاۋۇنى كېرەم يۈنۈس بىلەن يىڭ جەندوڭنى چاقىرتتى. بىز ئۈچ تەرەپ  (يەنى سەھىيە ئىدارىسى، دوختۇرخانا ۋە مەن) كاتىپنىڭ تەكلىۋى بىلەن سەھىيە ئىدارىسىغا كېلىپ سۆزلەشتۇق. مەن ئۆزەمنىڭ تا ھازىرغىچە بولغان، ئۇچىرىغان  ناھەقچىلىقلىرىمنى سۆزلەش بىلەن بىرگە دوختۇرخانىدا ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئەمىلى مەسىلىلەرنىمۇ  ئوتتۇرىغا قويدۇم.بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىقى نەتىجىسى بۇنداق بولدى؛ ھازىرچە مەن قايتىپ تۇرىدىغان، سەھىيە ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ مەخسۇس گۇرۇپا تەشكىللەپ تەكشۈرۈپ ماڭا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. مەن تەشكىلگە ئىشىنىپ يەنە قايتىپ كەتتىم.
   (8)،مۇشۇ ئىشلار بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي كارتامغا مۇئاشىمنىڭ كىرمەيۋاتقانلىقىنى بايقاپ،‹‹ناھىيىلىك پىشقەدەم كەدىرلار ئورنى››نىڭ بوغالتىرى شىئاڭ لىغا تېلفۇن ئۇرۇپ سورىسام، ئۇ، مېنىڭ مۇئاشىمنىڭ ئۇلاردا يوقلىقىنى ئېيتتى، مەن "ئەمىسە مۇئاشىم نەگە كەتتى"دەپ سورىسام. ئۇ: "بۇ ئىشنى ئەڭ ياخشىسى باشلىقتىن سورا"_دىدى. مەن بۇ ئورۇننىڭ بشلىقىنى تېلفۇندا ئىزدىدىم،ھەم ئۇنىڭدىن مۇئاش ئىشىمنى سورىسام؛ ئۇ: "دوختۇرخانىنىڭ يۆتكەپ ئېلىپ كاتتى"دىدى. مەن: "نىمىشدەپ ئېلىپ كەتتى؟ سەۋەبى نىمە ئىكەن"دىسەم. ئۇ: "سەۋەبىنى دوختۇرخانىدىن سورىساڭ، ساڭا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويىشى مۈمكىن"دىدى. مەن قايتا بوغالتىر شىئاڭ لىدىن مېنىڭ مۇئاشىمنى زادى كىمنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى قىستاپ سۇراپ تۇرىۋېلىۋىدىم ئۇ ئاخىرى دوختۇرخانا مالىيە بۆلۈم باشلىقى دو گۇييىڭنىڭ باشقا بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان سىڭلى***(ئىسمىنى بىلمەيمەن) ئېرى بىلەن بىرگە كېلىپ يۆتكەپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. مەن ھەيران قالغان ھالدا: "مۇئاش رەسمىيىتىگە مەن قول قويماي تۇرۇپ، باشقىلار يۆتكەپ كەتسە،بۇ قىلمىشىڭلار قانونغا خىلاپ ئەمەسمۇ؟ ناۋادا مەن ئۆلۈپ كەتكەن تەغدىردىمۇ چوقۇم مېنىڭ ئەڭ يېقىن تۇققانلىرىم ئىزدىشى كېرەكقۇ"_دىدىم. ئويلاپ بېقىڭلار، بىر مالىيە بۆلۈم باشلىقىنىڭ ھوقوقى شۇنداق چوڭ بولغان يەردە، باشقا ئىشلارنى قانداقمۇ تەسەۋۇر قىلغىلى بولسۇن؟         شۇنداق قىلىپ دوختۇرخانە باشلىقى خۇئاڭ يىدەن مالىيە خادىملىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ماڭىمۇ ئۇقتۇرماي مۇئاشىمنى قانونسىز ھالدا، قانونسىز يول بىلەن دوختۇرخانىغا يۆتكىۋالغان. ئاندىن مۇئاشىمنى يەنە بۇرۇنقىدەك خالىغانچە تۇتقان. دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ بۇ خىلدىكى ھەركەتلىرى قانونى تەرتىپكە ئۇيغۇنمۇ؟ ئەگەر قانونغا خىلاپ بولسا قانداق جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟ مەن بۇ خىل قىلمىشنى، ھوقوقتىن قالايماقان پايدىنىلىپ، باشقىلارنىڭ ھەق ھوقوقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق دەپ قارايمەن. ھەم تىگىشلىك قانونى جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىمەن.
   (9)، مەن مۇئاشىمنى دوختۇرخانىڭ يۆتكەپ كەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، ئەرزىيەت ئىدارە باشلىقى ماھىرە بىلەن تېلفۇندا كۆرۈشۈپ مۇئاشىمنى يۆتكەپ كەتكەن ئىشنى ئىنكاس قىلدىم. ماھىرەم خۇئاڭ يىدەن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنكى ماڭا مەرگەن جاۋابى بۇنداق بولدى: "خۇاڭ يىدەن ئارىمىزدا ئۇقۇشماسلىق بەك كۆپ، شۇڭا يۆتكەپ كەلدىم. كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆزەم يۆتكەپ بېرىمەن " دىگەندەك. ماھىرەممۇ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشۈمنى ئېيتتى. مەن بۇ ئىشىم توغۇرلۇق تەشكىلنى ئىزدەشنى باشلاپ، سەھىيە ئىدارىسىدىكى كىلىشىم  بولۇپ ئارىدىن 2 ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتكەندە، سەدەن سوپىغا تېلفۇن قىلىپ ئىشلارنىڭ قانداق  بولغانلىقىنى سورىسام؛ ئۇ، قارارنىڭ چىققانلىقىنى، دوختۇرخانىنىڭ توغرا، قانونى تەرتىپكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئاندىن مەن بۇ نەتىجىگە رازى ئەمەسلىكىمنى،مۈمكىن بولسا يوقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنى ئىزدىسەم بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىسام، "ئۇنى ئۆزەڭ بىل"دىدى. ئاندىن مەن ۋىلايەتلىك سەھىيە باشقارمىسى ئىشخانىسىغا تېلفۇن قىلدىم، تېلفۇننى ئىشخانىدىن بىرى ئالدى. مەن ئەھۋالىمنى ئېيتىپ ئۇلاردىن مەسىلىھەت سورىدىم.ئۇ ئاۋال بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ ئاندىن ماڭا جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئىككىنچىلەپ تېلفۇن قىلغاندا ئۇلار،بۇ  ئىشنىڭ ئاللىقاچان بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغانلىقىنى دىدى. مەن ئۇلاردىنمۇ بۇ قارارغا رازى ئەمەسلىكىمنى، يەنە باشقا ئورۇنلارنى ئىزدىسەم بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىسام، ئۇلار: "بولىدۇ، ئۇ سېنىڭ ھوقوقۇڭ" دىگەن جاۋاپنى بەردى.ئاندىن مەن ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنى ئىزدىدىم.ئۇلارنىڭ مەخسۇس ئەرزىيەت ئىشخانىسى بولىدىكەن. ئۇلارمۇ ماڭا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى دىدى. كېيىن ئۇلارمۇ بۇ ئىشنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان ئىش ئىكەنلىكىنى دىدى.مەن ئۇ قارارغا رازى ئەمەسلىكىمنى دىسەم، ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابىمۇ يوقۇرىقى جاۋاپلارغا ئوخشاش بولدى.
(11)،مەن بۇ ئىشىم توغۇرلۇق تەشكىلنى ئىزدەپ ئىنكاس قىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە دوختۇرخانە باشلىقى خۇئاڭ يىدەن بىلەن ئۈچ رەت كۆرۈشتۈم. ئۈچ قېتىملىق كۆرۈشۈشنىڭ ئاساسى مەزمونى بۇنداق:
  1-رەت؛ مەن: "مۇئاشىمنى نىمىشدەپ مەندىن بىسۇراق يۆتكەپ ئەكىلىۋالىسەن؟". ئۇ: "سەن توختىماستىن ناھىيىگە، ۋىلايەتكە، ئاپتونوم رايونغا ئەرز قىلساڭ ئەلۋەتتە ئەكىلىۋالىمەندە". مەن: "ئەمىسە سېنىڭ پىكىرىڭچۇ؟ ئەمدى قانداق قىلماقچى؟" "سەن قايتىپ تۇر، مەن بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاي. ساڭا رازى بولغۇدەك جاۋاپ بەرسەم بولمىدىمۇ؟ ". مەن: "بوپتۇ، ساڭا يەنە بىر قېتىم ئىشىنەي، بۇ مېنىڭ، سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ بىلەن ئۇزۇن يىللىق يىقىن مۇناسىۋىتىمىزنىڭ يۈزى بوپ قالسۇن. ئامما يادىڭدا بولسۇن، مېنى تولا ئاۋارە قىلما. مېنىڭ ئۈرۈمچىدىن بىر قېتىم بېرىپ كىلىشىم ئوڭاي ئەمەس جۇمۇ. سەنمۇ بىر ئەقىللىق ئادەم، مېنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى ھالىمنى دىمىسەممۇ پەرەز قىلالايسەن، 2 بالام ئالى مەكتەپكە چىققاندىن بۇيان يىلدا ئائىلىسى ئېغىر قىيىنچىلىق دەپ ئىسپات يېزىپ بېرىۋاتى سەن"دىدىم.
2-رەت؛ مەن:"ئەمدىغۇ ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ ئېنىقلاپ بولغانسەن؟ ماڭا تىگىشلىك جاۋاپ بەرمىسەڭ قاملاشماس؟" ئۇ: "ئىككىمىز ئۇزۇن يىللىق خىزمەتداش، بىر يەردە چوڭ بولغان،بۇ ئىشنى كەينىگە سوزماي كىلىشىپ بىرتەرەپ قىلىپ تۈگەتسەك بولمامدۇ؟" مەن: "ياخشى گەپ،باشتىلا شۇنداق ئويلۇنىشىڭ كېرەك ئىدى. دىمىسىمۇ بىر بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ نىمە قىلىمىز. دەپ باقچۇ، قانداق كىلىشىمىز؟". ئۇ: "سەن، بۇرۇنقى ئىشلارنى دەپ كونا خارماننى سورما، مەن سېنىڭ ھېلىقى بىر دەرىجە مۇئاش ئىشىڭغا يول مېڭىشىپ بېرەي.ئەگەر بۇرۇنقى  تۇتۇپ قېلىنغان قىسمىنى تولۇقلاپ بېرىشكە مۈمكىن بولسا، ئۇنىڭغىمۇ ياردەم قىلاي. ئاندىن مۇئاش رەسمىيىتىڭنى قاچان دىسەڭ شۇ چاغدا قايتۇرۇپ يۆتكەپ بېرەي. قانداق؟ شۇنداق قىلساق بولار!؟". مەن: "بۇرۇنقى تۇتۇپ قېلىنغان پۇللۇرۇمچۇ؟". ئۇ: "ئۇ گەپلەرنى بولدى قىل.  ۋاقىتمۇ ئۇزىراپ كەتتى. قاچان قالغان ئىشلاردۇ، ئۇ".ئۇنىڭ بۇ خىل كىشىنى مەڭسىتمەي خورلايدىغان گېپى غۇژ قىلىپ مىڭەمگىلا  چىقتى. مەن: "ھېي...، 50 كوي، 500 كوي ھەتتا 5000 كوي پۇل بولسىمۇ بولدى قىلىۋەتسەم، ئويلاپ باقچۇ، بۇ دىگەن 5 تۈمەن كويدىن ئارتۇق  پۇل تۇرسا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككى بالام بىلەن شۇ پۇلغا قاراشلىق تۇرسام، قانداق قىلىپ بولدى قىلىۋېتەلەيمەن؟ مۇشۇنداق گەپ  ساڭا ئوخشاش يوغان بىر رەھبەرنىڭ ئاغزىدىن خىجىل بولماي قانداق چىقتى". ئۇ: "ئەمىسە  سەن قايتىپ تۇر، بۇ ئىشنىڭ ۋاقتى ئۇزىراپ كەتكەچكە  مەن تېخى ئېنىقلاپ بولالمىدىم".
3-رەت. بۇقېتىم بالىلارنى تەتىل قويۇپ بەرگەن پۇرسەتتە ئاراتۆرۈككە كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرۈش ھەم ئەينى چاغدا سەھىيە ئىدارىسى مېنىڭ ئىشىم توغۇرلۇق چىقارغان ‹‹قارار››نى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن سەھىيە ئىدارىسىغا باردىم. سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ماڭا:"ئەمدى بولدى قىلساڭ بولمامدۇ؟ بىرىشقا تىگىشلىك پۇللۇرۇڭنىمۇ بېرىپ بوپتىغۇ" دەيدۇ. مەن ھەيران قالغان ھالدا: "كىمگە كىم پۇل بېرىپتۇ؟"دەپ سورىسام. ئىدارە باشلىقى: "بېرىشقا تىگىشلىك پۇللۇرۇڭنى بېرىپ بوپتىغۇ"دىدى. مەن قايتىپ چىقىپ، خۇئاڭ يىدەن بىلەن 3-رەت كۆرۈشتۈم.مەن: "ماڭا قاچان پۇل بەردىڭ؟"دەپ سورىسام؛ ئۇ باشتا: "ۋاقتى ئۇزىراپ كەتكەنئىشلارنى بولدى قىل، مەن ساڭا مۇئاشىڭنى قايتىدىن ‹‹ناھىيىلىك پىشقەدەم كەدىرلار ئورنى››غا قوشۇلساڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدە يۆتكەپ بېرەي " دىدى. مەن: "ئۆزەمگە تىگىشلىك پۇللار بىلەن بىر دەرىجە مۇئاشىمنىڭ ئىشىنى ھەل قىلماي ھەرگىز بولدى قىلمايمەن. پۇللۇرۇمنى زادى بېرەمسەن، بەرمەمسەن؟"دىدىم. ئۇمۇ بىردىنلا چاپاننى تەتۈر كىيىپ: "ساڭا بېرىشقا تىگىشلىك پۇلنى تولۇق بېرىپ بولدۇم، ئەگەر مۇئاشىڭنى قايتۇرۇپ ‹‹ناھىيىلىك پىشقەدەم كەدىرلار ئورنى››غا يۆتكەپ بەر دىسەڭ ئۇنىمۇ يۆتكەپ بېرەي، ئەگەر ئۇنىڭغىمۇ رازى بولمىساڭ، نەگە بېرىپ ئەرز قىلساڭ قىلىۋەر"دىدى. مەن: "بۇ گەپنى سەن دىدىڭ ھە؟"دىسەم، ئۇ: "ھە، مەن دىدىم. نەگە بارساڭ بار"دىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى زادى چىقمىدى. دوختۇرخانە، 2012 يىللىق يوقلىما مۇئاشىمنى بىر تىيىن بەرمەي تۇتۇپ قالدى.قائىدە بويىچە مەن پىنسىيەگە چىقىشتىن ئاۋالقى مۇئاشىمنى بولسىمۇ بېرىشى كېرەك ئىدى. 2013.يىل 12.ئايدىن باشلاپ ‹‹قۇياش نۇرى تولۇقلىمىسى››نىمۇ بىر تىيىن بەرمەي تۇتىۋالدى. تۇتىۋېلىش سەۋەبىنى سورىسام؛ "بۇرۇن بەرگەن ‹‹قۇياش نۇرى تولۇقلىمىسى›› خاتا بېرىلىپ كېتىپتۇ، شۇنى تولۇقلاپ تۇتىۋالماقچى"دىدى.شۇنداق بولۇپ، مۇئاش تۇتۇش،ئۇ سەۋەپ، بۇ باھانە بىلەن تا ھەزىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.
      مەن بۇ ئىشىم توغۇرلۇق يەنە يوقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. كەچۈرگەيسىلەر!!! مەن پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا،دۆۋلەتنىڭ قانونىغا ھەم يوقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقلىغىغا ئىشىنىمەن. ھاتتا مەركەزدىكى ئەڭ يوقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىنى ئاشكارلاۋاتقان، پاك-نىيانەتلىك تەكىتلىنىپ پارىخور چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ ئەدىۋىنى بېرىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ياخشى ۋەزىيەتتە، خۇئاڭ يىدەندەك بىر كىچىككىنە ئەمەلدارنىڭ، قانون تۇرۇپ قانوننى كۆزگە ئىلماي، تەشكىل تۇرۇپ تەشكىلنى خالىغانچە ئالداپ. ئاياقتىكىلەرگە خالىغانچە بېسىم قىلىپ "ئۆز خاندانلىقى" نى قۇرۇپ خاتىرجەم ئۆتىۋېرىشىگە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.
       (12)، مەن سەھىيە ئىدارىسىنىڭ ‹‹قارارى››نى 2014-يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرى بىر مۇنچا جاپالار بىلەن قولغا ئالدىم. ئۇ ‹‹قارار››دا مېنى 129 كۈن ئىش تاشلىغان دەپتۇ (‹‹قارار››نىڭ باشقا مەزمولىرىنى بۇ يەردە دىمىسەممۇ بولىدۇ، چۈنكى ئەزرزىمگە قوشۇمچە قىلىپ تەڭ بېرىمەن.) ئويلاپ بېقىڭلار، مەن دوختۇرخانىنىڭ خىزمەتچىسى، دۆلەت خادىمى تۇرۇپ، 129 كۈن  يوقاپ كەتسەم،دوختۇرخانە مېنى ھېچ سۈرۈشتۈرمىگەنمىدۇ؟ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتا،مەن ھەر نىمە قىلسام قىلىپ ئۈلگۈرىمەنغۇ؟ ئەگەر بىرەر جىنايى ئىشلارغا چېتىلىپ قالسام، دوختۇرخانە مېنىڭ تەشكىلىم تۇرۇپ، ھېچ قانداق مەسئۇلىيىتى بولماسمۇ؟ ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، مەن دوختۇرخانىنىڭ ھەر قانداق ئىسپاتىغا ئىشەنمەيمەن. بۇ گېپىمنى بۇرۇنقى قېتىمقى ئەرز جاريانىدىمۇ دىگەن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ دەيمەن. ساقتا ئىسپات ياساپ باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش خۇئاڭ يىدەننىڭ نورمال ئادىتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەھىيە ئىدارىسىگىمۇ قاتتىق نارازىلىقىم بار. چۈنكى، ئۇلار ھەددىدىن ئارتۇق مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن خالىغانچىلا ئىسپاتنى ئاغدۇرغان، بىر مەزلۇم  كىشىنىڭ ھەق ھوقوقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويماي، مسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ‹‹قارار›› چىقارغان.      
  مەن گەرچە شۇنچە قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان بولساممۇ تىرىشىپ بەرداشلىق بەردىم. بالىلىرىمنىڭ نورمال ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا ئاراتۆركتىكى ئۆيۈمنى سېتىۋېتىپ بالىلىرىمنىڭ ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلدىم. بىراق ئۆزەم يالغۇز مۇئاشلىق تۇل ئايال، ئىككى بالامنىڭ ئوقۇشى، تۇرمۇشى ھەم ئۆزەمنىڭ تۇرمۇشۇم مۇشۇ ئازغىنا مۇئاشقا قاراشلىق. ئۆي ساتقان پۇلنىمۇ ئىشلىتىپ بولدۇم. ئامما ئىككى بالامنىڭ ئوقۇشى تېخى تۈگەپ جەمىيەتتىن ئۆز ئورنىنى تاپمىدى. ھازىر ئۆيۈمنىڭ ئۈچ يىللىق پار پۇلى نېسى پېتى تۇرۇپتۇ.پار پۇلى، بانكا قەرزى دىگەندەك چىقىملارنىمۇ تۆلەشكە ئامالسىز قالدىم. مەن مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولساممۇ، ھالا بۈگۈنگە كەلگۈچە، ھۆكۈمەتكە ۋە يوقۇرى دەرىجىلىك  رەھبەرلەرگە قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىم توغۇرلۇق ھال ئېيتىپ ئۇلارنى ئاۋارە قىلىپ باقمىدىم.ھۆكۈمەتتىن ياردەم سوراپ قولۇمنى سۇنمىدىم، ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سۇنماسمەن چۈنكى ھەقىقى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر مەندىنمۇ ئارتۇق ياردەمگە مۇھتاج. مەن ھۆكۈمەت ۋە قانوننىڭ ئادىللىقىغا ئىشىنىمەن.ماڭا ئوخشاش ئاجىز بىر مەزلۇم پۇقىرانىڭ قانونلۇق ھەق-ھوقوقلىرىمنى قانون بويىچە قوغدىشىمغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ دەپ  ئۈمۈد قىلىمەن.  
     تەلەپلىرىم
     مېنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن ئەرزىيەت ئىدارىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومۇتىتى ۋە مۇپەتتىش ئىدارىسىگە ئىلتىماسىم شۇكى:
1، مېنىڭ ئىدارەم تەرپىدىن قانونسىز تۇتىۋالغان قانونلۇق ھەقلىرىمنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەرسە!. دوختۇرخانە تا ھازىرغىچە مېنىڭ تەخمىنەن ھېساپلىغاندا 8_10 تۈمەن يۈەن ئەتىراپىدا مۇئاشىمنى تۇتۇپ قالدى. ماڭا شۇ مۇئاش پۇلۇمنى ئىنچىكە ھېساپلاپ قانچە بولسا شۇنچە پۇلنى بانكا ئۆسىمى بويىچە قايتۇرۇپ بەرسۇن. يوقىتىۋەتكەن بىر دەرىجە مۇئاشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە تولۇقلاپ بەرسە.
2، دوختۇرخانا باشلىقى خۇئاڭ يىدەن ماڭا، خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتىن تا ھازىرغىچە ئاز بولمىغان ئىقتىسادى بېسىم ھەم روھى بېسىم كەلتۈردى. بۇنىڭغا خۇاڭ يىدەندىن روھى تۆلەم تەلەپ قىلىمەن. تۆلەم سوممىسى تۇتۇپ قالغان مۇئاشىمنىڭ سوممىسى بىلەن ئوخشاش بولسۇن. ھەم بۇ ئەرزنى قىلىش جەريانىدىمۇ بىرمۇنچە چىقىمدار بولدۇم. بۇ چىقىمغىمۇ خۇاڭ يىدەن مەسئۇل  بولۇپ تۆلىسۇن.
3،  ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومۇتىتى بىلەن مۇپەتتىش ئىدارىسى، دوختۇرخانىنى ھەر تەرەپتىن قاتتىق تەكشۈرۈپ، دوختۇرخانىدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىپ، ياخشى بىر خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ، ھەقىقى خەلق دوختۇرخانىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىرگە، دوختۇرخانا باشلىقى خۇئاڭ يىدەننىڭ تۆۋەنگە بېسىم قىلىپ،يوقىرىنى ئالداش، ھوقوقىدىن قالايماقان پايدىنىلىش، يالغان  ئىسپات تۇرغۇزۇپ قانوننى كۆزگە ئىلماسلىقتەك قىلمىشلىرى ئۈستىدە قانونى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ بەرسۇن.  
قوشۇمچە
  1، ئەينى چاغدا مەن ناھىيىلىك پارتىكوم سېكىرتارى ۋاڭ شۇجىنى ئىزدىگەندە قولۇمدىكى ھەممە ئىسپات، پاكىتلارنى ۋاڭ شۇجىنىڭ كاتىبىغا بېرىۋەتكەن ئىدىم.  ئۇ ئىسپات، پاكىتلار ھازىر نەدە، كىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. لازىم بولسا يوقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئۆزلىرى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىۋالسا.
2،تۇتۇپ قېلىنغان مۇئاش سوممىسىدىكى سان تەخمىنەن سان. چوقۇم مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس مالىيە خادىملىرى ھېساپلاپ چىققاندىن كېيىكى سان ئاساس قىلىنسا.
3، مەزكۇر ‹‹ئەرزنامە››دىكى ۋاقىتلاردا خاتالىق كۆرۈلۈپ قالسا، ئىسپات، پاكىتلاردىكى ۋاقىت ئاساس بولسا. ئىسپاتلار قولۇمدا بولمىغاچقا ۋاقىتنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم.

ھۆرمەت بىلەن: ئاراتۆرك ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ پىنسىيونىرى
         چولپانگۈل خانىم : تېلىفۇن : 15739596656
               2014.يىل4-ئاينىڭ 24.كۈنى

0

تېما

4

دوست

1170

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27890
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 12:51:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەدە سىزگە ھەقىقەتەن ئۇۋل بوپتۇ ،بالىرىڭىز تېخى ئوقۇشتىكەن ،ئاللا ئىگىمىز ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلغاي ،.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

5386

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   7.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7646
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 834
تۆھپە : 1086
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 12:51:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاتىپقا بەرگەن ئىسپاتلارنى نۇسخىلاپ (فۇيىن قىلىپ ) ساقلىۋالغانمۇ. سۇزلەشكەن گەپ-سۇزلەرنى  تىلفۇندا ئۇنگە ئىلىۋالغانمۇ؟

0

تېما

0

دوست

585

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27968
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 166
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 12:51:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلىتىمىزنىىڭ ئەمگەك قانۇنى بويىچە ئىش كۆرۈڭ، ئەڭ ياخشى ئامال ئادوۋكاتتىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ سوتقىلا ئەرز سۇنۇڭ......

man  dinar

11

تېما

7

دوست

8017

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   60.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10889
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1382
تۆھپە : 1509
توردىكى ۋاقتى: 1023
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 13:05:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ تۇر يۇزىدە ئەرز قىلغىنىڭىز بەك ياخشى بۇپتۇ  ھۇقۇقىدىن چەكتىن  ئاشۇرۇپ پايدىلانغانلار  جازاسىنى تارتىدۇ ،  ھەمە ئىشنىڭ چېكى بار ، چېكىدىن  ئاشۇرىۋەتكەنلەر  چەكلىمىگە ئوچرايدۇ

0

تېما

0

دوست

259

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   86.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22102
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 13:25:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى ئىسپاتنى بېرۋەتكىنىڭىز ھەرگىز بولماپتۇ.ئۇلار بىز ئىسپات ئالمىدۇق دەپ تۇرۋالسا ھېچقانداق قىلغىلى بولمايدۇ.بولسا ئاشۇنداق چوڭ سۆزلىگەن گەپلرىنى ئۈنگە ئېلۋالسىڭىز چوڭ ئىسپات بولاكەنتۇق

0

تېما

0

دوست

584

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21008
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 13:29:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي نەگىلا قارسا ناھەقچىىلىك زۇلۇم،ئاللا ئاسانلىق بىرە.

1

تېما

0

دوست

423

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   61.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28101
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 13:42:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
0999guzel يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 12:51
ھەدە سىزگە ھەقىقەتەن ئۇۋل بوپتۇ ،بالىرىڭىز تېخى ئو ...

ھەممە ئىسپاتلار، سەھىيە ئىدارىسىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئىسپاتى 、ئاغدۇرخان جاۋاپ نامى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ  3- قېتىملىق ئىسپات نامىنى ئېتىرىپ قىلىپ تۇرۇپمۇ ھەل قىلماي تاشلاپ قويغان جاۋاپ ناملىرىمۇ تولۇق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )