- تىزىملاتقان
- 2011-6-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 251
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
ئۆسۈش
83.67%
|
ئىلىم چېيى 2000 يىللاردىن كېينكى ئەڭ يارقىن ،ئۆزگىچە بولغان مەدەنىيەت ھادىسىسى دېيىشكە بولىدۇ .
قاتار چاي جەمئىيتىمىزدە ئومۇملىشىپ ئەسەبىي ھالەتتە چوڭ -كىچىك ، ئەر -ئايال ئارىسىدا مودىغا ئايلىنىپ جەمئىيەتكە ، ئائىلىلەرگە نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن بۇنىڭغا قارىتا ھەرخىل ماقالە -ئوبزورلار يېزىلىپ ، قاتار چاي ، سېپى ئۆزىدىن خاتا چاي دىگەندەك ئىبارىلەر مەيدانغا كەلگەندىن بۇيان چايلار بىر قەدەر ئىلمىيلاشتى ۋە ئازايدى . بۇ بىر ياخشى ئىش .
يېقىنقى بۇ بىر يىلدىن زۇلپىقار ئەپەندىم باشچىلىقىدا ئىلىم چېيى روياپقا چىقىپ ئەسلىدىدىكى يەپ-ئىچىش ،كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلىش خاراكتىردىكى چاي يۈكسەك ئىلمىيلىككە كۆتۈرۈلدى .
جەمئىيەت ئەنە شۇنداق بىر قىسىم ھادىسە بىر قىشىم كىشىلەر تەرىپىدىن تەرەققى قىلىىدۇ ، ھەم ياخشى بىر يۆلىنىشكە قاراپ ماڭىدۇ ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان ئاز ساندىكى چاي سورۇنلىرىدا مېھمانلار ئىئانە توپلاپ ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان ياخشى بىر ئىشلار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ لېكىن يەپ ئىچىپ ، ئۇسۇل-تانسا بىلەن ئاخىرلىشىدىغان مەنىسىز خاتا چايلار تېخى تۈگىگىنى يوق ، ئىلىم چېيى دەماللىققا ئامما بىر قەدەر قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ھالاتتە بولسىمۇ لېكىن بۇ ھامان كېيىڭىيىدۇ شۇنداقلا كېيىڭىش كېرەكتۇر .
ئەلۋەتتە مەدەنىيەت سەۋىيە ،قاتناشقۇچىلارنىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن تەڭشەش ئىسلاھىتى ئېلىپ بېرىپ ئۆزگەرتسەك بولىدۇ ، پەرزەنت تەربىيسى ، ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش ، بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتى ، تەنتەربىيە ، ۋەھاكازالار ،
دىيارىمىزدا بىر قانچە يىلدىن بۇيان چايخانا مەدەنىيىتى تېز تەرەققى قىلدى ، ھەرەمباغ قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئېچىلىشى كىشىلەر نىڭ خىزمەتتىن سىىرت مۇھىتىنى ئۆزگەرتتى . ئېلىپ ئېيتساق چايخانا ئەسلىدە چاي ئىچكەچ پىكىرلىشىدىغان ئىلمىي سورۇن ، قانداقتۇر قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن يەپ ئىچىدىغان سورۇن ئەمەس ، ئەگەر شۇنداق بولغان بولسىدى ھەرەمباغ چايغانىسى ئەمەس ھەرەمباغ تېز تاماقخانىسى ، رېستۇرانى دەپ ئاتالغان بولار ئىدى ، شۇڭلاشقا يوقالغان چايخانا مەدەنىيتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۋالغان ئىكەنمىز ، چاي ئىچكەچ ئىلمى سۆھبەتلىرىمىزنىمۇ تەدرىجى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ يېڭى بىر ئۇيغۇر جەمئىيتىنى مەيدانقا كەلتۈرسەك ......................... |
|