- تىزىملاتقان
- 2013-5-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1211
- نادىر
- 2
- يازما
- 80
ئۆسۈش
21.1%
|
«ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە »مۇنداق بايانلار بىزنى پەرقلىق ئويلىنىشقا ئۈدەيدۇ:
1.ئۆزلۈكنى، كىملىكنى ئۈمۈر بويى تونىماي ئۆتۈپ كېتىش بىر تىراگىدىيە.
2.ئېيتىش كېرەككى، بىز ئۆزىمىزنى ئەقىللىق چاغلىغاندىلا نادانغا ئايلىنىۋاتقان بولىمىز.
3.گەرچە پەرقلىق جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەھۋالى بىزنى ئېھتىياتچان بولۇشقا ئۈندەپ تۇرسىمۇ، بىرجەمئىيەتنىڭ ئومۇمى ئىجتىمائىي ھاۋاسىنى ئىشەنمەسلىك، خەۋپسىرەش، نامەلۇم ئەندىشە كەيپىياتى قاپلاپ كەتسە ئۇنداقتا بۇ جەمئىيەتنىڭ ئادەملىرىدە شەخسىيەتىلىك، بىھۇدە شۈبھىلىنىش خاھىشى ئېغىرلاپ كېتىدۇ-دە، زېھىن خورايدۇ.
4.ئەسكىگە ئەگىشىپ ئەسكى بولۇش، جەمئىيەتكە قاقشاپ ئۆز ھەركىتىنى . مەيلىگە قويىۋىتىش، چىن تۇيغۇلىرىنى تېپىۋىلىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئادەم ئۈچۈن ئۈزۈل-كىسىل مەغلۇبىيەتتىن دىرەك بېرىدۇ.
5. ئۆتكۈر پىكىر ئىگىلىرىنىڭ، ئىلغار زىيالىيلارنىڭ تەلىمىنى ئالغان ئادەم ھامان ئىدىيە جەھەتتىن چاقنايدۇ.
6.چۈشكۈنلۈك ئۈمىد بىلەن قوش كېزەك.
7. بىزدە دەۋر «ھەقىقەت جەڭچىلىرى »بولۇشقا يول قويمىسا «مەسىلە بايقۇغۇچى»بولالايدىغان، ئىلىم تارقىتىش ئىمكانىيىتى تارايسا ئۆز ئىجتمائىي توپىغا مەسلىھەتچى بولالايدىغان، ئىشقىلىپ بىر يول ئىتىلسە يەنە بىر يوچۇقتىن شۇڭغۇپ كىرەلەيدىغان روھ، چىچەنلىك، پىداكارلىق بولۇشى كېرەك. چۈنكى بىر مۇنەۋەر زىيالىينىڭ شەخسى تۇرمۇشى ئۆزىگە تەۋە بولغىنى بىلەن مەنىۋىيىتى ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپقا مەنسۈپ بولىدۇ.
8.بىر مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ باشقىلارغا تونۇلۇش دەرىجىسى شۇ مىللەتنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي ئورنى ۋە باشقا جەھەتتىكى ئەمەلىي كۈچى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
9.ئۇيغۇرلار مەدەنىيلىشىش، شەھەرلىشىش داۋامىدا تارىخنىڭ بوران چاپقۇنلىرىدا ئۆزكىملىكىنى ساقلاپ قالغان ، بېيىتقان ، تاكامۇللاشتۇرۇپ ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە شەھەرلىشىش مۇساپىسىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر كىلىكىگە قويۇلغان سوئال ھېچقانداق دەۋردىكىگە ئوخشىمايدۇ.
10.كىملىك كىرزىسى دېگەن نېمە؟ كىملىك كىرزىسى بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە ئادەمدىكى «ئۆزلۈك تۇيغۇسىنىڭ، مۇنداقچە ئېييتقاندا ، ئۆزىنىڭ قىممىتى ھەققىدىكى رازىمەنلىك تۇيغۇسى، ئەھمىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈشىدۇر». |
|