قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2739|ئىنكاس: 34

شەھەر باشلىقى، ئاپتومۇبىلىمنى قەيەرگە توختىتىمەن؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

6

دوست

2611

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28166
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 808
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 17:57:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەھەر باشلىقى، ئاپتومۇبىلىمنى قەيەرگە توختىتىمەن؟

"ئاقسۇ گېزىتى" مۇخبىرى  ئابدۇسالام ئابلىز






        ئاپتومۇبىلنىڭ كۆپىيىشى بىر ياخشى ئەھۋال بۇلۇپ، ئۇ بىر رايوننىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە بەلگىلىك تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنىڭ، خەلقنىڭ ماددى تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنىڭ، پۇلىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئەمما، تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان ئاپتومۇبىل ئاقسۇ شەھرىدە بىر ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلىنىپ، شەھەر ئىچىدە نورمال يول يۈرۈش، ئاپتومۇبىل توختىتىشقا ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىق ۋە قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرماقتا. شەھەر كۆلىمى كېڭىيىۋاتقان، ئىگىز بىنالار يىلسىرى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاپتومۇبىل توختىتىدىغان جاي تاپماق تەسلىشىپ كەتتى. بۇ مەسىلىنى زادى كىم ھەل قىلىدۇ...؟
        سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاقسۇ شەھرىنىڭ شەھەر كۆلىمى 37 كىۋادىرات كىلومېتىر بۇلۇپ،  ھازىرقى كۆلىمى 78 كىۋادىرات كىلومېتر كېلىدىكەن. ئەمما شەھەرنىڭ كۆلىمى كېڭەيگەن بىلەن شەھەر كوچىلىرى ھەر يىلى ۋىلايەت دائىرىسىدىكى 30 نەچچە شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇپ پىراۋا ئېلىۋاتقان "يېڭى شوپۇر"لارغا كىچىكلىك، تارلىق قىلىپ قالماقتا. كۈنمۇ كۈن، ئايمۇ ئاي ئۇلغىيىۋاتقان "ئاپتومۇبىل سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى" شەھەر كوچىلىرىنىڭ قاتناش بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماي، ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانى تاپقىلى بولماسلىق ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. چوڭ يول ياقىسىدىكى بەزى مەيدانلار تۇرۇپلا ھەقلىق ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانىغا ئۆزگىرىپ كەتتى. ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق چوڭ يول بۇيىغا جايلاشقان بەزى ئىدارە-ئورۇنلار ئۆز تەۋەلىكىنى قورشاپ، قامال قىلىپ، ئاپتومۇبىل توختىتىشقا رۇخسەت قىلماسلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. بەزى مەيدانلارغا كىرىش-چىقىش ھەقىقەتەن مۇشكۇل بۇلۇپ، ئاپتومۇبىل توختىتىش ئاۋارىچىلىقى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقماقتا.
        2006-يىلى 10-ئايدا مەن بىرىنچى قېتىم خاڭجۇ شەھرىگە بارغىنىمدا، بۇ شەھەرگە ياسالغان ئىستىرولۇق ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم. ئاپتومۇبىللار بوشلۇققا 2-3 قەۋەت قىلىپ ئېسىپ قويۇلاتتىكەن. 2011-يىلى 6-ئايدا خاڭجۇ شەھرىدە 70 كۈن تۇرۇش جەريانىدا يەر ئاستىغا ياسالغان نەچچە قەۋەتلىك ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانىنى كۆرۈپ، مەن تېخىمۇ ئەجەپلەنگەن ھەم شەھەر كوچىلىرىنىڭ شۇنداق ئازادە تۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم. ئۇنداق بولمىغاندا، نەچچە مىليۇن نۇپۇسى بار بۇ "جەننەت شەھەر" دىكى ئاپتومۇبىللار نەگىمۇ پاتار ئىدى، قەيەرگىمۇ توختىتىلار ئىدى؟ يېقىندا "ئاقسۇ گېزىتى"گە بېسىلغان ئاۋات ناھىيىسىدە بىر ئىستىرولۇق ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانى ياسىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئوقۇپ تولىمۇ خوش بولدۇم. 250 مىڭ نۇپۇسى بار ئاۋات ناھىيىسىدە ھازىر 60 مىڭدىن ئارتۇق موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى بار ئىكەن. بۇ ئەمەلىيەتكە ئاساسەن ناھىيە ئاممىنىڭ ئاپتومۇبىل توختىتىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىشىغا باش قاتۇرۇپتۇ. ۋىلايەتنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، قاتناش، پۇل-مۇئامىلە مەركىزى ھىساپلىنىدىغان ئاقسۇ شەھرىچۇ؟ تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئاقسۇ شەھرىدىكى ئاپتومۇبىللار 200 مىڭغا يېقىنلىشىدىكەن. ھەر يىلى شەھەردە ئاپتومۇبىل 5000 دانىلىق سۈرئەت بىلەن كۆپىيىپ مېڭىۋېتىپتۇ، لېكىن يول شۇ، كوچا شۇ، مەيدان شۇ. ھازىرغىچىلىك شەھەردە بىرەر ئاسما كۆۋرۈك ياكى يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولى ۋە ياكى خاڭجۇ شەھرىدىكىگە ئوخشاش ئىستىرولۇق ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانى ياسالغىنى يوق. شۇ ۋەجىدىن، ئاپتومۇبىل ئىگىلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ قىسلىقىدىن زارلانماقتا. ئەڭ ئېغىر بولغىنى 1-خەلق دوختۇرخانىسى، 1-دېۋىزىيە دوختۇرخانىسى قاتارلىق بىر قىسىم كۆزنەك ئورۇنلارغا كىرىش تولىمۇ تەسكە توختىماقتا. بەزى جايلارغا ئاپتومۇبىل ھەيدەپ بارغاندىن كۈرە پىيادە مېڭىپ بېرىش ئاسان بولماقتا. مەن نۇرغۇن شوپۇر دوستلار ۋە ئاممىنىڭ شەھەرنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسىنى ئاڭلىدىم. ئاقسۇ شەھرىنىڭ ھازىرقى يوللىرى ئىلگىرى ياسالغان، ئەمما ئۇ ئاپتومۇبىللارنىڭ نۆۋەتتىكى يول يۈرۈش، توختىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى نەچچە يەردە چوڭ-كىچىك قاتناش ۋەقەسى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان شەھەرنىڭ قاتناش تەرتىپى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، چوڭ-كىچىك يول، كوچا ئېغىزلىرىدا قاتناش ساقچىسى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى. ئۇلار ئىش ئورنىدا مەزمۇت تۇرۇپ، قار، يامغۇر، جۇد، شىۋىرغان دىمەي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقتىمۇ قاتناش قىستاڭچىلىقى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقماقتا. بولۇپمۇ، يوللىرى قاشا بىلەن ئايرىۋېتىلگەن شىنخۇا يولى، ساغلاملىق يولى، غەربى چوڭ كوچا، شەرقى چوڭ كوچا قاتارلىق يوللاردا يول يۈرمەك تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتتى. مۇبادا بۇ يول بۆلەكلىرىنىڭ مەلۇم يىرىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ قالسا، ئارقىدىكى ئاپتومۇبىللار ئۇزۇن ئۆچرەت تۇرۇپ كېتىدىغان، ياكى ئالدىغا، ياكى كەينىگە ماڭالمايدىغان  زىددىيەتكە دۇچ كەلمەكتە. لەنگەر يولى ۋە ئاقسۇ گېزىتخانىسى جايلاشقان نەنچاڭ شەرقى يولىنىڭ ئىككى تەرەپىگە قالايمىقان توختىتىپ قويۇلغان ئاپتومۇبىللار نورمال قاتناش تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە.
        ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئاپتومۇبىللار بۇندىن كىيىن كۆپىيىدۇكى، ھەرگىز ئازايمايدۇ. نۆۋەتتىكى جىددىچىلىكنى، قىستاڭچىلىق بېسىمىنى ئۆزىگە سىغدۇرالمايۋاتقان شەھەر كوچىلىرى يەنە نەچچە يىلدىن كىيىن قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلەر؟ ئاپتومۇبىللار قەيەرگىمۇ توختىتىلار...؟ مانا بۇلار ئاقسۇ شەھرىدىكى ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن توغۇلغان ئەندىشىلىك سۇئالى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىك خىيالى. شەھەر بىر-ئىككى كۈندە چوڭىيىپ قالمايدۇ، ئەمما، بىر-ئىككى كۈندە ئاپتومۇبىلدىن نەچچىسى كۆپىيىشى مومكىن. ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ يەر ئۈستى ياكى يەر ئاستى ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانى ياساش پىلانى، ئىرادىسى بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنى پۈتتۈرۈشكە مەلۇم جەريان كېتىدۇ. بۇ جەريان تاماملانغىچە ئاپتومۇبىل داۋاملىق كۆپىيىپ، ئەسلىدىنلا چەكلىك لايىھىلەنگەن شەھەرنىڭ گۈزەل كوچىلىرى ۋە چىرايلىق مەيدانلىرىنىڭ تېخىمۇ جىددىلىشىپ، شەھەر خەلقىگە ئويلىمىغان قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ. كەلگۈسىدە مۇقەررەر دۇچ كېلىدىغان بۇ رىئاللىق ۋە ۋەھىمە مىنى، ئۇنى، ئاپتومۇبىلى بار-يوقلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلاندۇرۇپ قويماقتا. ئاخىرى مەن ئاممىغا ۋەكالىتەن شەھەر باشلىقىغا بۇ ئىش توغرىسىدا ئىلتىجا قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم: شەھەر باشلىقى، سىزنىڭچە ئاپتومۇبىلىمنى قەيەرگە توختاتسام بۇلار...؟
                         ( "ئاقسۇ گېزىتى" دىن ئېلىندى، قوشۇمچە سۈرەتلەرنى uyghari تارتقان.)

   DSCF2467.jpg
   DSCF2470.jpg
    DSCF3001.jpg
   DSCF3599.jpg
   DSCF3602.jpg
   DSCF3611.jpg
   DSCF3614.jpg
   DSCF3626.jpg
       DSCF2899.jpg
   DSCF2904.jpg
   DSCF3598.jpg
   DSCF3606.jpg
   DSCF3608.jpg
   DSCF3610.jpg
   DSCF3619.jpg
   DSCF3620.jpg
   DSCF3621.jpg
   DSCF3625.jpg
   DSCF3627.jpg
    DSCF3630.jpg
   DSCF3632.jpg
   DSCF3633.jpg
   DSCF3635.jpg
    DSCF3638.jpg
  
DSCF2464.jpg
IMG_20130620_135105.jpg
DSCF3628.jpg
DSCF2676.jpg
DSCF3629.jpg
DSCF3637.jpg

1

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 698
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 19:32:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ئوتتۇرىدىكى رەسىمدە ‹‹يېڭى ماكان كاۋا ئەتكەن لەغمەنخانىسى›› دەپ تۇرامدۇ نېمە، ئاقسۇدا كاۋىدا لەغمەن ئېتەمدۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

351

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25302
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 19:47:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(UYGRAF )ئاقسۇدا كاۋىدا لەغمەن ئەتمەيدۇ .كاۋاپ دىگەن خەت تۇللۇق چىقماپتۇ.ھەي بىر كەلتۇرىۋالدىڭىزدە ھې ھې ھې .

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1885
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 21:03:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە يۇرت ئوخشاش مۇشۇ مەسىلە.

man  dinar

11

تېما

7

دوست

8017

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   60.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10889
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1382
تۆھپە : 1509
توردىكى ۋاقتى: 1023
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 22:19:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 19:32
ئاۋۇ ئوتتۇرىدىكى رەسىمدە ‹‹يېڭى ماكان كاۋا ئەتكەن لەغ ...

مەنمۇ شۇنداق ئۇيلاپ قالدىم ، رەسىمگە قاراپ كاۋىدا لەغمەن ئېتەمدۇ نىمە دەپ ،

0

تېما

4

دوست

2494

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9094
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 157
تۆھپە : 683
توردىكى ۋاقتى: 409
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 22:31:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
salam0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 19:47
(UYGRAF )ئاقسۇدا كاۋىدا لەغمەن ئەتمەيدۇ .كاۋاپ دىگەن خەت ت ...

2

تېما

0

دوست

7121

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1668
توردىكى ۋاقتى: 961
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 22:43:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىلى شەھەر باشلىقى كىرىپ،» قەيەرگە توختاتساڭ توختاتمامسەن ئاداش، مەن ساڭا ئاپتۇموبىل ئال دەپ بۇيرۇق قىلغانمىدىم، «دەمىكى ھەقاچان.
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )