قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1749|ئىنكاس: 13

جاھالەت تىرىلگەن دەۋر: ئاپپاق غوجا دەۋرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 20:16:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جاھالەت تىرىلگەن دەۋر: ئاپپاق غوجا دەۋرى






         1682-يىلى ئاق تاغلىقلار مەزھىپىنىڭ باشلىغى ئاپپاق خوجا (خوجا ھىدايىتۇللا) جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى غالداننىڭ ياردىمىدە يەكەن سەئىديە خاندانلىقىنىڭ پايتەختى يەكەننى ئېگەللەپ،ئىسمايىل خاننى تەخىتتىن چۈشۈرۈپ خوخىلار ھاكىميىتىنى تىكلىدى.شۇنىڭ بىلەن چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن سۇلتان سەئدخان قۇرغان يەكەن سەئىديە خانلىقى(1541-1682)گۇمران بولدى يەكەن سەئىديە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە ،يەكەن سەئىديە خانلىقىدا قار تاغلىق خوجىلارنىڭ تەسىرى كۈچەيگەن. سۇلتان ئىسمايىل خان قارا تاغلىقلارنى قوللاپ ،ئاق تەاغلىقلارنىڭ كاتتابېشى ئاپپاق خوجىنى شىنجاڭدىن قوغلاپ چىقارغان. 1670-يىلى ئاپپاق خوجا جەنۇبى شىنجاڭدىن قوغلىۋېتىلگەندىن كېيىن،دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىللىرىدە دىنى پالىيەت ئېلىپ بارغان.كېيىن شىزاڭغا بېرىپ دالاي لاما دىن مەدەت تىلىگەن. دالاي لاما ئاپپاق خوجىنىڭ تەلۋىگە ئاساسەن،شۇ چاغدىكى جۇڭغار خانى غالدانغا ئاپپاق خوجىغا ياردەم بىرىش توغرىسىدا غالدانغا خەت يازغان. ئاپپاق خوجا شىزاڭدىن قايتىشىدا چىڭخەي، گەنسۇدىن ئۆتكەن. گەنسۇنىڭ سۇجۇ رايۇندىكى راھىپىمۇ ئاپپاق خوجىنى غالدانغا تونۇشۇترۇپ خەت يېزىپ بەرگەن. ئاپپاق خوقا بۇ خەتلەرنى ئېلىپ 1679-يىلى جۇڭغار خانلىقى ئوردىسىغا بارىدۇ.بۇ چاغدا جۇڭغار خانلىقى خېلى قۇدرەت تاپقان،ئالدىنقى يىلى ياز ئايلىرىدا تۇرپان بىلەن قۇمۇلنى ھۆكۈمرانلىق دائىرسىگە ئالغان ئىدى.ئاپپاق خوجا غالدان بىلەن كۆرۈشۈپ،ئۇنىڭغا قەشقەر،يەكەنلەردە مۇرۇتلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىگىنى،ياردەمگە ئىرىشسىلا ئاسانلا غەلبە قىلىشقا ئىشەنجىسى كامىل ئىكەنلىگىنى ئېيتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىمۇ جەنۇبى شىنجاڭنى تەسىر دائىرسىگە كىرگۈزىۋېلىشنى ئاللىبۇرۇنلا پىلانىغا كىرگۈزگەن ۋە پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. يەنەشۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش ھاجەتكى،غالدان ياش ۋاختىدا دالاي لاما غا



ئېتقات قىلىپ،بۇددا ئەقىدلىرىنى ئۈگەنگەن،تىبەتتە چېچىنى چۈشۈرۈپ راھىپ بولغان. دالاي لاما ئۇنىڭغا «بوش خۇتۇغتۇ»دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. شۇڭا ئۇ دالاي لاما نىڭ خېتى بويىنچە ئاپپاق خوجىغا ياردەم قىلدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە بىر يىل تىيانشاننىڭ جەنۇبىغا يۈرۈش قىلىشقا تەييارلىق قىلىدۇ.


1680يىلى غالدان 12مىڭ ئاتلىق قۇشۇننى باشلاپ،ئاپپاق خوجىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئاقسۇ،ئۈستۈن ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ،ئالدى بىلەن قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ.يەكەن خانلىقىنىڭ قەشقەردىكى ھۆكۈمرانى باباق سۇلتان بىر مەھەل قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ،ئاخىر مەغلۇپ بولۇپ جەڭدە ئۆلىدۇ.جۇڭغار قوشۇنى قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن يەكەنگە يۈرۈش قىلىدۇ.يەكەندىكى مۇھاپىزەتچى قۇشۇن قوماندانى ئىۋەر بەگ تاقابىل تۇرۇپ باققان بولسىمۇ،ئاخىرى ھوجۇمنى توسالماي ئۆزىمۇ جەڭدە شېھىت بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن يەكەن سەئىديە خانلىقىنىڭ خانى ئىسمايىل خان مادارا قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.قارا تاغلىقلارنىڭ باشلىقى ئابدۇللا خوجا ھىندىستانغا كىتىدۇ.ئىسمايىل خان شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ تەسلىم بولىدۇ.جۇڭغار قوشۇنى يەكەننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن،ئىسمايىل خان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تابەتلىرىنى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىپ،ئىلىدىكى ئىرەن قابۇرغا دېگەن جايغا نەزەربەنىت قىلىدۇ. غالدان دەسلەپتە تۇرپاندىن كەلگەن ئابدىرشىتنى يەكەن خانى قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئوغلى ئەرىك ئاقسۇغا ھاكىم بولىدۇ. ئاپپاق خوجا بولسا دىنى ھوقۇقنى ئۆز قولىغا ئالىدۇ.لېكىن ئابدىرشىت بىلەن ئاپپاق خوجا ھوقۇق تالىشىپ قالىدۇ.ئاپپاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە ياخشىچاق بولۇپ،دىنى كۈچكە تايىنىپ ئابدىرشىت خاننى چەتكە قېقىپ،1682-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئابدىرشىت خاننى يەكەندىن قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.ئەركنىمۇ غالدان ئىلىغا ئالداپ ئاپىرىپ تەقىپ ئاستىغا ئالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاپپاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا،ئاقسۇ،قەشقەر،يەكەن ۋە خوتەن قاتارلىق تۆت شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولىدۇ.ئاپپاق خوجا ئۆزى يە كەندە تۇرۇپ، چوڭ ئوغلى يەھيانى قەشقەرنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. باشقا شەھەرلەرنىڭ ھاكىملىرىنىمۇ ئاپپاق خوجا ئۆزى تەيىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن فىئودال خوجىلارنىڭ ھاكىميەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقى باشلىنىدۇ.بۇ ھۆكۈمرانلىق 77يىل داۋام قىلىدۇ.


ئاپپاق خوجا ھۆكۈمرانلىق تەخىتكە چىققاندىن كېيىن،جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ، جەنۇبى شىنجاڭ خەلقىنى تالان-تاراج قىلىشنى كۈچەيتىدۇ، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە ياخشىچاق بولىدۇ.غالدان ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كىتىش ئالدىدا،ئاپپاق خوجا ئۇلارغا نۇرغۇن مال-دۇنيا سوغا قىلىدۇ.يا لغۇز غالداننىڭ ئۆزىگە تۆت مىڭ سەر تەڭگە ھەدىيە قىلىدۇ ۋە ھەر ئايدا شۇنچىلىك تەڭگە ئەۋەتىپ تۇرماقچى بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە100مىڭ سەر تەڭگە،15مىڭ چارەك بۇغداي ۋە باشقا نەرسە-كېرەكلەرنى تاپشۇردىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ. ئاپپاق خوجا شىزاڭدىكى دالاي لاما نىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن،لاسا غىمۇ تارتۇق يوللاپ تۇرىدۇ .غالدان ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇپ قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ.


ئاپپاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ،يەكەن سەئىديە خاندانلىقىنىڭ ئەسلىدىكى قانۇن-تۈزۈملىرىنى بىكار قىلىپ،دىنى قانۇن تۈزۈپ ھاكىميەت سورايدۇ.«قازى قۇززات»،«مىر ئادىل».«مۇھتەسىب» قاتارلىق ئەمەل-مەنسەپلەرنى تەسىس قىلىپ،«شەرىئەت»،«تەرىقەت» ئاساسىدىكى فىئودال ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزىدۇ.


ئاپپاق خوجا تەسەۋۇپچىلىقنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ،سۇپىزىمنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ.مازارغا تاۋاپ قىلىشنى يۇقۇرى دولقۇنغا چىقىرىدۇ. قەشقەر،يەكەن ،خوتەن،ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئىسھاقىيە مەزھىپىدىكىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ.ئىسھاقىيە مەزھىپىدىكىلەر بۇ قىرغىنچىلىقتىن پانالىنىش ئۈچۈن ،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كەشمىر قاتارلىق جايلارغا قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.


ئاپپاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە ئولپان-سېلىق تۆلەش ئۈچۈن،جەنۇبى شىنجاڭ خەلقىنى ئىكىسپۇلاتتاتسىيە قىلىش ۋە ئېزىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.مەسىلەن:يەر بېجى،چارۋا بېجى، باغ بېجى، ئوت-چۆپ بېجى،سۇ بېجى قاتارلىق 20نەچچە تۈرلۈك باج-سېلىق ئەمگەكچى خەلقنى كۈن كەچۈرەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. خوجىلارنىڭ فىئوداللىق ھۆكۈمرانلىقى ۋە تەسەۋۇپچىلىقنىڭ ئاسارىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغىمۇ زور توسقۇن بولىدۇ.يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-مەدەنىيىتى خېلى روناق تاپقان.قەشقەر،يەكەن قاتارلىق جايلاردا «خانلىق مەدرىس» گە ئوخشاش ئىلىم-پەن يۇرۇتلىرى،دىن،ئەدەبىيات،تارىخ،ئىلمى نۇجۇم(ئاستىرۇنۇميە) ،ماتىماتكا ۋە باشقا پەنلەرنى تەھسىل قىلىش مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى.ئىستانبول،ئىراق،ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دىن بىر مۇنچە كىشلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان.قەشقەردىكى تۈشۈكتاغ رەسەتخانىسمۇ خېلى داڭ چىقارغان ئىدى. ئاپپاق خوجا ھۆكۈمرانلىق تەخىتكە چىققاندىن كېيىن، بۇ رەسەتخاننى بۇزدۇرۋەتكەن. ئىلىم-پەن يۇرۇتلىرىنى سۇپىزىمنىڭ ئىستىقامەت سورۇنىغا ئايلاندۇرغان.«خانلىق مەدرىس»تە ساقلىنۋاتقان نەچچە 10مىڭ پارچە كىتاپ ۋە قوليازمىلارغا ئوت يېقىپ ئۈچ كېچە -كۈندۈز كۆيدۈرگەن .نۇرغۇن ئالىملار،مەشھۇر زاتلار باشقا يۇرۇتقا قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان.تارىخچى ئەنۋەر بايتۇر «ئاپپاق خوجا توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدا ئېيىتقاندەك ،شۇنىڭ بىلەن «شىنجاڭ جەميىتىنڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت بىر ئىزىدا توختاپ قالغان»خوجىلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە ،مىللى زىدىيەت،سىنپى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن.جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ بۇلاڭچىلىقى،فىئودال خوجىلارنىڭ زۇلمى ۋە ئىكىسپۇلاتاتسىيەسى دەستىدىن خەلقنىڭ غەزپى چېكىگە يەتكەن. مەزھەپلەر ۋە تۈرلۈك سىياسى كۈچلەرنىڭ كۈرشى ئەۋجىگە كۈتۈرۈلگەن.1692-يىلى قارا تاغلىقلار جۇڭغارلارنىڭ ئىچكى يىغلىغىدىن


پايدىلىنىپ قاغىلىق،پوسكام،يېڭىسار قاتارلىق جايلاردا ئىسيان كۆتۈرگەن.بۇ ئىسيان تىزلىكتە قەشقەر قاتارلىق جايلارغا كېڭەيگەن. يەكەندىن باشقا جايلار ئاپپاق خوجىغا بوي سۇنمايدىغان بولىۋالغان. بۇ چاغدا غالدانغا بەيئەت قىلمىغانلىغى تۈپەيلى ئامما ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان مەمەت ئىمىن(ئاپپاق خوجىنىڭ خوتۇننىڭ ئاكىسى) ئاپپاق خوجىنى تەخىتتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئاپپاق خوجا جۇڭغارلار كونتۇرۇل قىلپ تۇرغان قۇمۇل رايۇننىغا قېچىپ كىتىدۇ.لېكىن مۇھەممەت ئىمىن ئاق تاغلىقلار بىلەن غالدان قۇشۇننىڭ زەربىسىدىن مەغلۇپ بولىدۇ. ئاپپاق خوجا يەنە تەخىتكە چىقىپ قارا تاغلىقلاردىن رەھىمسىزلىك بىلەن


ئىنتىقام ئالىدۇ.ئامما دىنى مەزھەپ كۈرشى يەنىلا بېسىقمايدۇ. قارا تاغلىقلاردىن شادى جوجا يەكەندە ئىسيان كۆتۈرۈپ ئوردىغا بېسىپ كىرىپ،ئاپپاق خوجىنى ئۆلتۈرىدۇ.ئاپپاق خوجىنىڭ خوتۇنى خانىم پادىشا ئىسيانچىلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ شادى خوجىنى قەتلى قىلىدۇ.ئۇ يەكەندە،ئاپپاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى يەھيا خوجا قەشقەردە تۇرۇپ ھاكىميەت سورايدۇ.لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي خانىم پادىشا بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ.خانىم پادىشا جۇڭغارلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ يەھيا خوجا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرگۈزىدۇ.


1696-يىلى ئابدىرشىتخاننىڭ ئىككىنچى ئىنىسى ئاقباشخان ئاق تاغلىقلارنىڭ يېغلىقىدىن پايدىلنىپ يەكەنگە بېسىپ كىرىپ خانىم پادىشانى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئاق تاغلىقلاردىن قىساس ئالىدۇ.


1697-يىلى قەشقەردىكى ئەھمەت خوجا قىرغىزلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ،يەكەندىكى ئاق باش خاننى مەغلۇپ قىلىدۇ.لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي دانىيال خوجا قازاقلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ يەكەندە تەخىتكە چىقىدۇ.


1713-يىلى جۇڭغار خانى سېۋان ئارابتان قۇشۇن باشلاپ كېلىپ جەنۇبى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىدۇ.يەكەندىكى دانىيال خوجا جۇڭغار قۇشۇنىغا تەسلىم بولىدۇ ۋە جۇڭغار قۇشۇنىنىڭ قەشقەرگە يۈرۈش قىلىشىغا يول باشلاپ بىرىدۇ.قەشقەردىكى ئەخمەت خوجىنىڭ قوشۇنى بىر نەچچە كۈن قارشىلىق كۆرسۈتۈپ باققان بولسىمۇ ،ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ.ئەخمەت خوجا ئەسىر ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ.دانىيال خوجا ئائىلە-تاباتلىرى بىلەن ئىلىغا كۆچۈرلىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن 1720-يىلغىچە مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەۋلادى ئىك خوجا ھاكىميەت باشقۇرىدۇ. 1720-يىلى جۇڭغارلار دانىيال خوجىنى جەنۇبى


شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشقا ئەۋەتىدۇ.ئۇ جۇڭغارلارغا ھەر يىلى 100مىڭ تەڭگە يوللاپ تۇرىدۇ.1735-يىلى دانىيال خوجا كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ.دانىيال خوجا ئۆلگەندىن كېيىن جۇڭغار خانى غالدان سېرىن دانىيالنىڭ چوڭ ئوغلى خوجا جاھاننى يەكەن ھاكىمى،ئۈچىنچى ئوغلى خوجا يۈسۈپنى قەشقەر ھاكىمى،تۆتىنچى ئوغلى خوجا خامۇشنى ئاقسۇ ھاكىمى،كىچىك ئوغلى خوجا ئابدۇللانى خوتەن ھاكىمى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي غالدان سېرىن ئۇلارنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ باشقىلارنى مەنسەپكە قويىدۇ.كېيىن خوجا يۈسۈپ كۈچ توپلاپ جۇڭغارلارغا قارشى چىققان بولسىمۇ،خانلىق تەخىتكە چىقىش نىيتىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. بەزى جايلار جۇڭغار خانلىقىغا بەيئەت قىلسا ،بەزى جايلار چىڭ سۇلالىسىگە نەيئەت قىلىدۇ. يەكەن ،خوتەنلەردە بولسا ئۆز ئالدىغا ھاكىميەت سورايدۇ.شۇنداق


قىلىپ خوجىلارنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى فىئودال ھۆكۈمرانلىقى ئاساسەن ئاخىرلىشىدۇ.


خوجىلار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زاۋال تېپىشىنى ئاساسان خوجىلارنىڭ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە بېقىنىپ خەلققە ئېغىر زۇلۇم سالغانلىقى؛ھۆكۈمرانلار گورۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پايدا-مەنپەت ۋە دىنى مەزھەپ كۈرشى كەسكىنلەشكەنلىگى؛سىنپى زىدىيەت كۈچەيگەنلىگى كەلتۈرۈپ چىقارغان.


مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى»1992-يىللىق2-سان
قەدىمىي شەھەر قەشقەر



1

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 698
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 14:05:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى بىر تورداشنىڭ مۇشۇ مۇنبەردە ‹‹ئامېرىكا بىلەن ئاپپاق خوجىنى تىللاش ئەڭ بىخەتەر›› دەپ يازغىنى ئېنىق ئېسىمدە.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1308

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26995
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 17:38:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپپاق خوجىنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قىلغان سەپىرى ھەققىدە


مۇھىم مەزمۇنى:بۇ ماقالىدە «ئاپپاق خوجا» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان خوجا ھىدايەتۇللا ئىشاننىڭ 17– ئەسىرنىڭ 70– يىللىرى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئىسمائىلخان تەرىپىدىن يەكەن خانلىقى تەۋەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، سەئىدىيە سەلتەنەتىنىڭ تەختىنى تارتىۋېلىش، ئۆچ ئېلىش، قارشىلىشىش ئوي– خىياللىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، قىلچەئۇيالماستىن ۋە ئارىلىقنى يىراق كۆرمەستىنتىبەتكە بىرىپ لاما دىنىنىڭ دىنىي، سىياسىي داھىيىسى دالاي لاماⅤكە ئۆز «قىيىنچىلىقى» دىن ھال- داتلاشتا قايسى يوللار ئارقىلىق بېرىپ كەلگەنلىكى نۇقتىلىق بايان قىلىنىدۇ.

    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:ئاپپاق خوجا؛ قاچقۇن ھايات؛ تىبەتكە سەپەر

    ھەممىمىزگە مەلۇم، ئاپپاق خوجا يەكەن خانلىقى تەۋەسىدىن قوغلانغان ۋاقىت تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى زېمىنلارغا ئۇيرات موڭغۇللىرى ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان ھەم ئۇلارنىڭ سىياسىي گەۋدە سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان ھاكىمىيەت ئاپپاراتى ـــ جۇڭغار خانلىقى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان، يەكەن خانلىقى بولسا كۈنسېرى ئاجىزلىشىپ پەقەت تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى زېمىنلارنىلا ئىدارە قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان، خانلىق تەۋەسىدە تەپرىقچىلىق، ئىچكى نىزا، مەزھەپچىلىك، پىرقىۋازلىق، بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىش ئېغىرلىشىۋاتقان، مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرى بولغان خوجا– ئىشانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئاپپاق خوجا باشچىلىقىدىكى ئاقتاغلىق ئىشانلار گۇرۇھىنىڭ كۈچى كۈنسېرى كۈچىيىپ، خانلىقنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا قول تىقىش ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان، «ئاقتاغلىق» سوپى– ئىشانلار بىلەن «قاراتاغلىق» سوپى– ئىشانلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭگە جىدەل كۈچەيگەن ۋاقىت ئىدى.


http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... /content_210197.htm

0

تېما

0

دوست

1308

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26995
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 17:38:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﭘﺘﻰ -ﺑﻪﺷﯩﺮﺳﻰ
ﻣﯘﺧﺘﺎﺭ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﮬﻮﻧﺰﺍﺩﻩ

ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﺍﺭﺍﻗﻠﺎﭖ ﻛﯚﺭﮔﯧﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ئوغوزخان،باتۇر،كۆلبىلگە،ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ،ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﺮﻟﻪﻧﺴﻪﻙ،ﻣﻪﺧﺪﯗﻡ ﺋﻪﺯﻩﻡ،ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩا(ﺋﺎﭘﺌﺎﻕﺧﻮﺟﯩنىڭ تىگى -تەكتى ئۇيغۇر ئەمەس ) ﻠﺎﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﭘﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ-ﺋﻪﺗﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻨﯩﻤﯩﺰ.ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ،ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩﻠﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﺯﯛﺭﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﺷﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﺎ ﺯﯛﺭﯨﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.ﭼﯜﻧﻜﻰ،ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﺗﯜﯞﺭﯨﻜﯩﮕﻪ ﻣﯩﺨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺳﺎﯞﺍﻕ ﯞﻩ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﺎﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ،ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ 370ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺳﻮﭘﯩﺰﯨﻢ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.ﺋﯘ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ،18ﻳﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺳﻮﭘﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ.ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﻮﻗﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﺎﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ زەھەرلەپ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﭼﻜﻪ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﺘﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ،"ﺋﯩﺸﻘﯩﻴﻪ"ﺳﯜﻟﯩﻜﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ "ﭘﯩﺮ"ﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻠﺎﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺷﻪﺩﺩﯨﻲ ﺟﺎﻟﻠﺎﺕ،ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﮬﯩﺪﺍﻳﺘﯘﻟﻠﺎ (ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ) ﺧﻮﺟﺎ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ،ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻟﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﯩﺴﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺨﺎﻥ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ.ﺳﻮﭘﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ "ﺋﯩﺸﺎﻗﯩﻴﻪ"ﺳﯜﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺧﺎﻥ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩﻠﺎﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ "ﺋﯩﺸﻘﯩﻴﻪ" ﺳﯜﻟﯩﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ،ﻣﯩﻠﺎﺩﻯ 1671-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﯘﻟﺎﺭﻧﻰ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻠﺎﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ(ئىسمايىلخانﺋﯩﺸﺎﻗﯩﻴﻪ ﺳﯜﻟﯩﻜﯩﮕﻪمايىل بولغاچقا چوڭ تىكىننىڭﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟنى ئۆلتۆرۇش تەلپىنى رەت قىلغان. ).ﻗﻮﻏﻠﺎﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺭﯨﺘﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﺍ،ﺷﯩﺰﺍﯕﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﻟﺎﻱ ﻟﺎﻣﺎ(ﯞ)ﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﻠﺎﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺧﻠﯩﺴﻰ،ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎﻡ،ﭘﯩﺸﯩﯟﺍ ﮬﻪﺯﺭﻩﺕ،ﭘﯩﺮ ﺋﯩﺸﺎﻥ،ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ 27-ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﮬﯩﺪﺍﻳﺘﯘﻟﻠﺎ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻟﺎﻣﺎ ﺩﺍﮬﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯚﻳﯜﭖ،ﺯﺍﺭ-ﺯﺍﺭ ﻳﯩﻐﻠﺎﭖچاتراقلىرىدىن ئۆمىلەپ ئۆتۆپ،ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺨﺎﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ "ﺸﯩﻜﺎﻳﻪﺕ"ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺩﺍﻟﺎﻱ ﻟﺎﻣﺎ(ﯞ) ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺗﯩﻜﯩﭗﺗﯘﺭﻏﺎﭼﻘﺎھەمدە سەئىدىيە خانلىقىدا بۇرۇن قىپقالغان قانلىق ؟ۆچى بولغاچقا ،ﮬﯩﺪﺍﻳﺘﯘﻟﻠﺎﺭﻏﺎ "ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ"(ﺯﺍﯕﺰﯗﭼﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻗﺎﺗﻠﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﮬﯩﭙﻠﺎﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ) ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ "ﺋﺎﺗﺎ" ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺟﻮﯕﻐﺎﺭ(ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ)ﻟﺎﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻏﺎﻟﺪﺍﻥ ﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﯩﮕﻪ(ﻏﺎﻟﺪﺍﻥسىرىن) ﻟﺎﻣﺎ ﺩﯨﻨﻰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﯘ "ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ"ﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ،ﭼﯩﯖﺨﻪﻱ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ،ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺟﻮﯕﻐﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﯩﭽﯘﺋﻪﻥ،ﭼﯩﯖﺨﻪﻱ،ﻧﯩﯖﺸﯩﻴﺎ ﺧﯘﻳﺰﯗﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ "ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﯞﻟﺎﺩﻯ ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ..."ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.ﻏﺎﻟﺪﺍﻥ ﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،ﻟﺎﻣﺎ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺩﺍﻟﺎﻱ ﻟﺎﻣﺎ(ﯞ)ﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﻰ.ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ،ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﺟﻮﯕﻐﺎﺭﻟﺎﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﭽﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ،ﻳﻪﻛﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ،170ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻗﻮﺭﭼﺎﻕ "ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ" ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ،ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺳﻮﭘﯩﺰﯨﻢ ﻣﯘﺭﯨﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﻪﺗﺴﻪ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ.ﺋﯘ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 81ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﭘﯧﺘﻰ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ.ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﯗﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ.ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﺎﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ،ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ،ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﺎﺭﻧﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﮔﻪﻥ.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻮﺗﯘﻥ-ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ،ﺟﻮﯕﻐﺎﺭﻟﺎﺭﻏﺎ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﻏﻘﺎ ﺗﺎﺷﻠﺎﭖ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ "ﺋﯩﺸﺎﻗﯩﻴﻪ"ﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﺧﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﺵ "ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ"ﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ.ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﺎﺑﺎ ﺭﻩﮬﯩﻢ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ "ﺩﻩﮬﺮﻯ"ﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﭖ،ﺑﻪﻟﻐﺘﻪ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺘﯘﺭﻏﺎﻥ.ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ،ﺋﺎﺷﯩﻘﻠﯩﻖ،ﻣﺎﺯﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ،ﻣﯚﻣﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ،ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭼﻪﺗﻨﯩﮕﻪﻥ ﺳﻮﭘﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﺎﺭﻧﯩﯔ "ﺩﺍﮬﯩﺴﻰ" ﺩﻩﯞﺍﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﻪﻗﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﺋﻪﭘﺴﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭽﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﮕﯜﺳﯩﺰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﺎﺭﻧﻰ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﭘﯩﺮﻯ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ 68ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ (1694-ﻳﯩﻠﻰ) ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﻩ "ﺋﯩﺸﺎﻗﯩﻴﻪ ﺳﯜﻟﯜﻛﻰ" ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﻪﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﭘﺎﻙ ﺟﻪﺳﯩﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﯚﻟﯜﺷﺘﯩﻦ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ "ﻣﺎﺯﺍﺭﻯ ﺷﺎﮬﺎﻥ"(ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﮬﻪﺯﺭﻩﺕ) ﮔﻪ ﺩﻩﭘﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ،ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﻪﮬﻴﺎ ﺧﻮﺟﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﯟﺍﺭﻩﻥ،ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﺘﯘﻥ-ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﺧﺖ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﯚﮬﺘﯩﺮﻩﻡ ﺧﯧﻨﯩﻢ (ﭘﺎﺷﺎ ﺧﯧﻨﯩﻢ) ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 20 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ،"ﺟﺎﻟﻠﺎﺕ ﺧﯧﻨﯩﻢ"ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ،1699-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﻭﻟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻮﭘﯩﻠﺎﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﭽﺎﻗﻠﺎﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.
ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ(1678-1699)ﺳﻮﭘﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻠﺎﻕ ﻣﯩﺰﺍﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ،ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻖ،ﺯﯗﻟﯘﻡ،ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ،ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ،ﺟﻪﯕﮕﻰ-ﺟﯩﺪﻩﻝ،ﺋﺎﭼﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﭘﻠﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.ﺑﯘ ﮬﺎﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﯛﺭﯨﯟﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺵ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﭘﻰ-ﺋﯩﺸﺎﻧﻠﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﭘﺘﻰ-ﺑﻪﺷﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻠﺎﺭﺩﯨﻠﺎ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ.ﺑﯘ ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﺋﯩﺪﺭﯨﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ،ﺳﺎﭘﺎﻳﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﻰ.ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ،ﺋﻪﺷﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺳﺎﯞﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﯩﺰﺍﮪ:ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﺎﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻠﺎﺭ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﺪﻯ

ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ "ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ"ﻧﯩﯔ 1995-ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ

0

تېما

0

دوست

1308

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26995
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 17:40:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپپاق غوجا --- نەسەپ (ئاتىدىن تۇغۇلۇش جەھەتتە تۆۋەدىكىدەك)
1.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەلللەھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم.
2.سەيدىنا پاتىمەرەزىيەللاھۇ ئەنھا
3.سەيدىنا ھەزرەتى ئىمام ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
4.سەيدىنا ھەزرىتى ئىمام زەينۇل ئابىدىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
5. سەيدىنا ھەزرىتى ئىمام  مۇھەممەد باقىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
6. سەيدىنا ھەزرىتى ئىمام جەئپەر سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
7. سەيدىنا ھەزرىتى ئىمام  موسا كازىمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
8. سەيدىنا ھەزرىتى ئىمام  موسا  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
9.سەيدىنا ھەزرەتى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
10.سەيدىنا ھەزرىتى  ئابدۇللاھ فەزلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
11.سەيدىنا ھەزرىتى سەيىد تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
12.سەيدىنا ھەزرىتى سەيىد ئەھمەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
13.سەيدىنا ھەزرىتى  سەيىد مۇھەممەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
14.سەيدىنا ھەزرىتى سەيىد شاھ ھەسەن  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
15.سەيدىنا ھەزرىتى  سەيىد شاھ ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
16.سەيدىنا ھەزرىتى سەيىد  جالالىدىن  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
17.سەيدىنا ھەزرىتى  سەيىد  كامالىدىن  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  
18.سەيدىنا ھەزرىتى  سەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
19.سەيدىنا ھەزرىتى سەيىد قىلىچ بورھانىدىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
20.سەيدىنا ھەزرىتى  سەيىد مىر مۇھەممەد خوجا دىۋانە   رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
21.سەيدىنا ھەزرىتى   سەيىد خوجا مۇھەممەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
22.سەيدىنا ھەزرىتى  سەيىد  بورھاندىن خال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
23.سەيدىنا ھەزرىتى  سەيىد  جالالىدىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
24.سەيدىنا ھەزرىتى سەيىد   خوجا ئەھمەد كاسانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  
25.سەيدىنا ھەزرىتى  سەيىد  مۇھەممەد ئىنشان كالان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
26.سەيدىنا ھەزرىتى  سەيىد  مۇھەممەد  يۈسۈف فەيزۇل ئەنۋەر  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
27.سەيدىنا ھەزرىتى  سەيىد شەيخ ھىدەيتۇللا ئاففاق خوجا كاشىغەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ

سەيدىنا ھەزرىتى  سەيىد شەيخ ھىدەيتۇللا ئاففاق خوجا كاشىغەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  ئاتىدىن فىزولوگىيىلىك تۇغۇلۇش ھالىتىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ 27- ئەۋلادىدۇر.
بۇ ھەر قايسى يۇرت،دۆلەت قازىلىرىنىڭ مۆھىرلىرى بېسىلغىنى بويىچە بىزنىڭ قولىمىزغا كەلگەن نەسەپ شەجەرىسى،
بۇ شەجەرە ئاتالمىش قارا تاغلىق سوپىلارنىڭ قولىدا ساقلىنىپ بىزگىچە كەلگەنمىش .

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 00:59:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ بولسا تۇغۇلغان ۋاقتىدىن باشلاپ  تاكى ئەۋلاتلىرىنى قوغلاپ يوقاتقانغىچە تەپسى تارىخنى تەمىن ئىتەرسىز بىلمىگەنلەر بىلۋالسۇن

0

تېما

4

دوست

1620

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24629
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 23:04:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 14:05
قايسى بىر تورداشنىڭ مۇشۇ مۇنبەردە ‹‹ئامېرىكا بىلەن ئا ...

ئۇنداق ئەمەسمىكىن! ئاپپاق غوجىنى تىللىسىڭىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بوپ قېلىشىڭىز مۈمكىن!

0

تېما

0

دوست

1336

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   33.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25774
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 402
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 13:34:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغىلى تاس قالغان مۇناپىق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )