قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2233|ئىنكاس: 11

ماخمۇت مۇھىتى ۋە 6- دېۋزىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 20:19:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماخمۇت مۇھىتى ۋە 6- دېۋزىيە
شىرىپ خۇشتار


مەھمۇت مۇھىتى ۋە 6- دېۋزىيە


            خوجىنىيازھاجى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغاندىن كېيىن ئۇ ئۈرۈمچىگە مېڭىش ئالدىدا، ئۆز قىسىملىرىدىن ھامۇتخان لۈيجاڭنى 500 ئەسكەر بىلەن ئۆزىنى قوغداشقا ئېلىپ قالىدۇ، شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى بىر دىۋىزىيە قىلىپ تەشكىللەپ، ئۇنى 6- دىۋىزىيە دەپ ئاتايدۇ (ئۇ دىۋىزىيەنىڭ تۇلۇق ئىسمى «شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە قۇرۇقلۇق ئەسكىرى ئاتلىق قوشۇن ۋاقىتلىق 6- دىۋىزىيىسى »).بۇ دىۋىزىيىگە مەھمۇت مۇھىتىنى قوماندانلىققا تەيىنلەيدۇ.دىۋىزىيە بىر برگادا،4 پولك (تۇەن)،بىر مۇھاپىزەتچى ئىسكادروندىن تەركىب تاپىدۇ.بىرگادا كوماندىرلىقىغا قۇمۇللۇق سالى دورغا،مۇئاۋىنى قىلىپ تۇرپانلىق توختىبەگ تەيىنلىنىدۇ.1- پولك تۇەن كوماندىرى تۇرپانلىق سەمەت ھاجى،2- پولك كوماندىرى تۇرپانلىق قۇرباننىياز گاجىدى(شاھىدى دەپمۇ ئاتىلاتتى )،3-پولك كوماندىرى توقسۇنلۇق غوپۇر،،4- پولك كوماندىرى تۇرپانلىق پولاتبەگلەر بولىدۇ. 36-ماخۇسەن قىسمى مارالبېشىدىن چېكىنگەندىن كېيىن قوماندان مەھمۇت مۇھىتى گېنېرال لېيتنانت ئونۋانى بىلەن 6- دىۋىزىيىنى باشلاپ، 1934-يىلى 20- ئىيۇل قەشقەر شەھرىگە يېتىپ بېرىپ،دىۋىزىيە باش شىتابىنى قەشقەر شەھرىدىكى سابىق شىتەي يامۇلىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.بۇلاردىن بىر تۇەن باش شىتاب ئورۇنلاشقان جايدىكى يۇمۇلاق شەھەرگە،بىر تۇەن شەھەر ئىچىدىكى سودا- سارايلارغا، بىر تۇەن يېڭىسار قەلئەسىگە،بىر تۇەن يەركەن كونا شەھەرگە ئورۇنلىشىدۇ. 1933-يىلى تەشكىللىنگەن يەرلىك قوشۇنلاردىن « قەشقەر ئۈستىن ئاتۇش بىرىگادىسى » دەپ ئاتالغان زەيدىن كارۋاننىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى،«ئاستىن ئاتۇش بىرىگادىسى »دەپ ئاتالغان كىچىك ئاخۇننىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى ۋە كىچىك ئاخۇن قوشۇنىدىكى «پارتىزان ئەترەت قوماندانى» دەپ ئاتالغان رىشتەم (بۇ نامنى تەسلىمىچىلىكى ئۈچۈن مافۇيەن بارگەن )نىڭ بىر پەي ئەسكىرى مەھمۇت مۇھىتىغا قوشۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 6- دىۋىزىيە ئەسكىرىنىڭ ئومۇمى سانى 4000 ئەتراپىدا بولىدۇ.
       مەھمۇت مۇھىتى قەشقەرگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۈرۈمچىدىن گوڭ جىنخەن دېگەن كىشى باشچىلىقىدا بىر تۇەن ئەسكەر قەشقەرگە كېلىپ يېڭىشەھەرگە،لىيۇ سىڭچۇڭ باشچىلىقىدا بىر تۇەن ئەسكەر يەركەنگە ئورۇنلىشىدۇ.بۇ ماجۇڭيىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كەتكەن،ئۇنىڭ قارمىقىدىكى قوشۇن ماخۇسەنگە تاپشۇرۇلۇپ، ماخۇسەن خوتەنگە ئورۇنلاشقان ۋاقىت ئىدى. شۇ كۈنلەردە شېڭ شىسەي 6- دىۋىزىيىنى تەرتىپكە سېلىش باھانىسى بىلەن، رۇس گېنېراللىرىدىن بىرىنچى قېتىم رابالكىن (ساقاللىق گېنېرال )،ئىككىنچى قېتىم ئوبخوپ،ئۈچۈنچى قېتىم دوتكىن قاتارلىقلارنى قەشقەرگە ئەۋەتىپ، ئەسلىدىكى ھەربىي تەلىم كۆرمىگەن مىللىي قىسىمغا بىرىنچى قەدەمدە ئىنتىزام تەربىيىسى،ئىككىنچى قەدەمدە زامانىۋى ھەربىي تەلىم -تەربىيە دەرسى ئۆتىدۇ. دوتكىن كېلىشى بىلەن ھەربىي ئۆزگىرىش بولۇپ،باشقا ئىشلار ئېلىپ بېرىلمايدۇ.
         شۇ كۈنلەردە شېڭ شىسەي 6- دىۋىزىيەدىن قۇرباننىياز سەئىدى (مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوغلى)،دىۋىزىيە قورال -ياراغ مەسئۇلى ئابدۇللا ئەپەندى (ئابدۇللا تۇەنجاڭ)،مۇئاۋىنى ئەخمەت تۇەنجاڭ،تۇەنجاڭ قۇرباننىياز شاھىدى ۋە شىتاب باشلىقى سايىمئاخۇنلارنى ئوقۇشقا دەپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇلار 1934-يىلىدىن 1935- يىلىغىچە تاشكەنتتە ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئىدىيە ئۆزگەرتىپ كېلىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن 6- دىۋىزىيە ئىچىدىكى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. مەسىلەن، شەرقىي شىمال پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ سابىق گېنېرالى لۇ بىن گارنىزون قوماندانى بولۇپ كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەھمۇت مۇھىتى مۇئاۋىن سىجاڭ بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى قوراللارنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن «6- دىۋىزىيىنىڭ قوراللىرى كونا، بۇ قوراللارنى تاپشۇرۇڭلار،بىز سىلەرگە يېڭى قورال بېرىمىز » دەيدۇ. مەھمۇت مۇھىتى « ئالدى بىلەن يېڭى قورالنى بېرىڭلار،ئاندىن كونا قورالنى بېرىمىز » دەپ قورال تاپشۇرغىلى ئۇنىمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي توقسۇنلۇق غوپۇر تۇەنجاڭ،مۇئاۋىنى ئابدۈشۈكۈر تۇەنجاڭ،مۇھاپىزەتچى ئەترەت باشلىقى ھۈسىيىن ئاخۇن،قۇمۇللۇق سالى لۈيجاڭ،پازىل لۈيجاڭ،شايارلىق ھەمدەم بەگ ھاجى، پولات تۇەنجاڭ، مەسلىھەتچىلەر باشلىقى نىزامىدىن ئەپەندى، قورال-ياراغ باشلىقى ئابدۇمۆمىن ھاجى، مەمەت خەلىپەت،ئەييۇپ بەگ قاتارلىق پىشقەدەملەرنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا ئادەملەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 6- دىۋىزىيىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ،مەھمۇت مۇھىتىنىڭ بەزى يېقىن ئادەملىرىمۇ ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. سەمەت ھاجى شېڭ شىسەي ئالدىدا مەھمۇت مۇھىتىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قەسەم بېرىدۇ. توقسۇنلۇق غوپۇر تۇەنجەڭ،قەشقەرلىك مۇئاۋىن تۇەنجاڭ ئابدۈشۈكۈر ئاخۇنلار ئەھۋالنى مەھمۇت مۇھىتىغا ئېيتىپ قويىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى سەمەت ھاجىنى قولغا ئالىدۇ. يۇقۇرقىدەك بىر قاتار ھەركەتلەر مەھمۇت مۇھىتىنىڭ شىنجاڭدا 1937-يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى بىر قانچە يېقىن ئادەملىرىنى ئېلىپ، ھىندىستانغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.

              مەھمۇت مۇھىتى
         مەھمۇت مۇھىتى 1887- يىلى تۇرپان ئاستانىدا ھاللىق ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن ئۆز يۇرتىدىكى كونا مەكتەپ ۋە مەدرىسلەردە ئوقىغان،كېيىن سودا- تىجارەتكە ئارلىشىپ ئۈرۈمچى،چۆچەك ۋە روسىيىنىڭ شەمەي،قازان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى چوڭ -كىچىك شەھەرلىرىدە ھەتتا موسكۋا، پېتىربورىگكىچە بېرىپ تىجارەت قىلغان.ئۇ شۇ مەزگىلدە يېڭى ئىلىم -پەن ئۆگەنگەن ۋە رۇس تىلى ئۆگەنگەن. كېيىنكى مەزگىلدە ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ يېڭى مەكتەپ ئېچىش ئىشىغا ياردەمدە بولغان.
1931-يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن تۇرپان خەلقى قوزغالغاندا تۇرپان قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، كېيىن ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتى ئۇرۇشتا قۇربان بولغاندىن كېيىن تۇرپان قوزغىلىڭىغا يېتكچى بولغان. قوزغىلاڭچىلار تۇرپاندىن ئالتە شەھەر تەرەپكە چېكىنىپ قەشقەردە تۇرغاندا،شېڭ شىسەي قارمىقىدىكى 6- شىنىڭ سىجاڭى بولغان. قەشقەردە بولغان مەزگىلدە قەشقەر يېڭى زامان مائارىپى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشىدۇ.دىنىي مەدرىسلەرنى ئىسلاھ قىلىدۇ.
         1937- يىلى 4-ئاينىڭ 2- كۈنى، ئۇ ۋەزىيەت تەقەزاسى بىلەن بىر قانچە يېقىنلىرىنى ئېلىپ ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن. ھىندىستاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن جۇڭگوغا قايتىش مەقسىتىدە باي ئاخۇن ئەزىزىنى جىياڭ جېيشىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ شېڭ شىسەي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ ۋە ئۆزىمۇ ئۇزاق ئۆتمەي ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ،1944- يىلى بېيجىڭدا ۋاپات بولىدۇ.


مەنبەسى: شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر


167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1765
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6609
توردىكى ۋاقتى: 1557
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 12:17:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرلۈك دەپ كەتكەنلەرنىڭ ياتقان يېرى جەننەت گۈلشەنىدە بولسۇن! ئەزىزلەرنى خەلقى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

529

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24578
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 152
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 13:05:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا بۇ ئادەمنىڭ ئىز باسارلىرىنى كوپلەپ چىقىرىشقا قادىر يھتقان يىرىنى  قھننھت قىلسۇن

3

تېما

0

دوست

1545

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13459
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 94
تۆھپە : 420
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 15:49:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا رەھمەت،

1

تېما

2

دوست

3563

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1078
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 16:25:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇفتى جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوشقان تۆھپىسى ناھايتتى چوڭ.مەخسۇت مۇفتى ،مەھمۇت مۇفتى قاتارلىقلار يىڭىچە مەكتەپلەرنى ئاچقان،خوجىنىياز قوزغىلاڭ قىلغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ تۇرپاندا قوزغىلاڭ قىلغان.ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى گۇگۇل مۇفتى ‹ئۇچ ۋىلايەت›ئىنقىلابى ۋاقتىدا تۇرپاندا يەنە بىر قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۇرگەن.
122812ov47n252s5h21h55.jpeg

0

تېما

0

دوست

1308

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26995
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 17:00:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياپونىيە ئارخىپلىرىدىكى بەزى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭدىكى مانجۇرىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى تاكېئۇچى جۇگۇدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەرەب تىلى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ، 1940- يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلىغان. ئۇنىڭ مەلۇماتىدا «مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللىرى توكيوغا يېتىپ كەلگەندە ياپونىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھاياشى سەنجىرو باشچىلىقىدىكى كىشىلەر ئۇلارنى كۈتۈۋالغان. 1939- يىلى 11- ئايدا ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسۇلمانلار كۆرگەزمىسىگە مەھمۇت مۇھىتى باشلىق توققۇز نەپەر كىشى قاتناشقان. ئۇلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ ئۆز ئىسىملىرىنى يېزىپ ئىمزا قالدۇرغان» دېيىلگەن.

بۇ كېشى ياپونىيىگىمۇ بىرىپتىكەن. ھىندىستانغا بىرىپ شۇ يەردىنلا قايتىپ كەلمەپتىكەن.

1

تېما

1

دوست

1546

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21777
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 462
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 17:13:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇت مۇھىتى  ھەقىقىى مىللى قەھىرمان دىيىشكە مۇناسىپ كىلدىغان  ئادەمدۇر .
ئۇنىڭ شاپتۇل داموللىدىن  ئىبارەت بۇ  پەسەندە  مۇناپىقنى ئادەم  ئەۋەتىپ ئۆلتۇرۋەتكىنى  ئاڭلىغاندىم .
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن  شىھدلىرىمىزنىڭ

0

تېما

8

دوست

5451

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10179
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 544
تۆھپە : 1321
توردىكى ۋاقتى: 306
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 19:02:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تارىخقا، بولۇپمۇ ئەشۇ ئۆتكەن ئەسردە دىيارىمىزدا يۈز بەرگەن شۇ ئۇلۇغ ئىنقىلابىي تارىخقا تولىمۇ قىزىقاتتىم، شارائىتىمنىڭ يېتىشىچە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. بۈگۈنمۇ يەنە ئەشۇ يالقۇنلۇق يىللارنىڭ قەھرىمانى ھەققىدە يېڭى بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.
تېما ئىگىسى ۋە تورداشلارنىڭ شۇ ھەقتىكى قىممەتلىك ئىنكاس- ئۇچۇرلىرىغا كۆپ رەھمەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )