قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4563|ئىنكاس: 35

ئاۋۋال ئالتۇن قوزۇقنى قوغدىغىنىمىز تۈزۈك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

2

دوست

1649

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   64.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27267
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 544
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 18:31:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاۋۋال ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› لىرىمىزنى قوغدىغىنىمىز تۈزۈك
قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى





— نېمىنىڭ نامى يوق؟
— يوقنىڭ نامى يوق!
— نېمىنىڭ نامى ئەڭ قىممەتلىك؟
— دۆلەتنىڭ نامى!
— دۆلەتنىڭ ھوقۇقى نېمە؟
— يەر !
— يەر نېمە ؟
— ئالتۇن قوزۇق !
— يەرنىڭ نامىچۇ ؟
—  . . .
   

    كىشىنىڭ ئۆزى تۆرەلمىشىدىن يوقالمىشىغىچە، زاغرا تىل بىلەن ئېيتقاندا، بۆشۈكتىن تۆشۈككىچە بولغان ئارىلىقتا توپىدىن تۆرىلىدىغانلىقىمىز، توپا ئۈستىدە ياشايدىغانلىقىمىز، يەنە توپا ئىچىگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىمىز ئۈچۈنمىكىن ۋە ياكى ئەشۇ توپىدىن بىزگە ئاش – نان تېپىپ يېيىشىمىزگە،ئەشۇ توپىدىن كۈنسايىن خىرەلىشىۋاتقان  ئەجداد روھىنى ئىزدىشىمىزگە ئىمكان، ئىز كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشىۋاتقان يەرگە بولغان مېھرىمنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىنمىكىن، ئەيتاۋۇر، ئولتۇرسام – قوپسام يەر ۋە يەر ناملىرى ھەققىدە كۆپ ئويلىنىدىغان، ئەتراپىمدىكىلەرگە يەر ناملىرى ھەققىدە ‹‹ كاسىلداپ ›› سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدىم.
     دېمىسىمۇ، يەر ناملىرى تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ۋە بىر مىللەت ياكى دۆلەتنىڭ سىياسىي، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىغان بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە، شۇنىڭدەك،  ئۇ يەنە مەدەنىيەت ھادىسىسى.  بىر مىللەت ياكى دۆلەت يەر نامى ۋە ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرە ( يەر ئۈستى، يەر ئاستى چېگرىسى، كۆك – بوشلۇق چېگرىسى ) ئىچىدە ئۆزىنىڭ مەدەنىي بىرلىككە، سىياسىي ئورتاقلىققا، ئىجتىمائىي گەۋدىگە، مىللىي روھقا، شان – شەرەپكە، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلالايدۇ ۋە  ئەسىرلەر بويى ئۇلغىيىپ بارىدىغان جاسارەتلىك روھنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.
    كونىلار ‹‹ يەر— ئالتۇن قوزۇق ›› دەپ ناھايىتى دۇرۇس ئېيتقان. بىلىش تەس ئەمەسكى،   ‹‹ يەر ›› نىڭ ئۆزى ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› بولغان ئىكەن، ئەلبەتتە، يەرنىڭ نامى شۇ ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› نىڭ ئىگىسى، يەر نامى قايسى مىللەتنىڭ تىلىدا ناملانغان ئىكەن، ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› نىڭ ئىگىسى شۇ مىللەتكە مەنسۇپ بولىدۇ. بۇ ئادەتتىكى لوگىكىلىق قائىدە. خوش، ئۇنداق بولسا، بىز ئۆزىمىزنىڭ تىنىقىمىزدىن، قېنىمىزدىن، تىلىمىزدىن، نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىي، سىياسىي تارىخىمىزدىكى ئاچچىق – ئاچچىق كەشمىشلىرىمىزدىن، جاراڭلاپ تۇرغان كۈلكە سادالىرىمىزدىن تۆرەلگەن ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› — يەر ناملىرىمىزنى قانچىلىك قوغداپ قالالىدۇق، ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك مېھرىمىزنى، زېھنىمىزنى ئاتا قىلالىدۇق ؟ بەلكىم، نۇرغۇن بەدەل تۆلىگەندىمىز، بىراق بىزنىڭ ئۇلارغا بەرگىنىمىز، ئۇلارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مىللىي گەۋدە، مىللىي روھ، مىللىي خاسلىق، مىللىي بىرلىك، مىللىي ئەنئەنىدىن ئىبارەت مىللىي قان ئۈستىگە يۇغۇرۇلغان ھايات، مىللەت مىلودىيىسىنىڭ بىر تامچىسى بىلەنمۇ باراۋەرلىشەلمەيدۇ.  بۇلارنى قويۇپ تۇرايلى، يېڭى ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىدىن ئەمدىلا ئاتلىغان  ئۇيغۇرلارنىڭ يەر ناملىرىغا بولغان چۈشەنچىسى قانچىلىك ؟ دېھقىنى ئۆزىدىن كۆپتەك بىلىنىدىغان بۇ مىللەتنىڭ دېھقانلىرى ئەجداتلىرى ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› دەپ ئاتىغان يەرلىرىگە خىمىيىۋى ئوغۇتنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكتىنمىكىن، ئۈنۈملۈك يەرلىرى تاتىراڭلىشىپ كەتكىنىدەك، دېھقانلىرىمىزنىڭلا ئەمەس، بەلكى زىيالىيلىرىمىزنىڭمۇ يەر ناملىرىغا بولغان چۈشەنچىسى بارغانسېرى ئاڭقاۋلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. يەرلىرى بەزلىشىپ، ئوت – چۆپمۇ ئالالمايدىغان دېھقانلىرىمىز يەرنىڭ ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› لىقىدىن ئۈمىدىنى ئۈزمەي، ماڭلاي تېرىنى ئېتىز بېشىدا يەر باغرىغا سىڭدۈرۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كەتمەن سېپى تۇتۇپ باقمىغان، ماڭلاي تەرلىرى كۆز چاناقلىرىغا سىڭىپ باقمىغان زىيالىيلىرىمىزنىڭ يەر ناملىرىنى ئىلمىي نۇقتىدىن ئەمەس، بەلكى ئاتام زامانىدىكى بوۋا – مومىلىرىنىڭ ئەپسانە، رىۋايەتلىرىدە؛ چۆچەك، ھېكايەتلىرىدە؛ قوشاق، داستانلىرىدا، ناخشا، كۈيلىرىدە ئۇچراپ تۇرىدىغان يەر ناملىرىغا ئائىت بايانلارغىمۇ ئەھمىيەت بەرمەسلىكى كىشىنى ئازابلايدۇ.
      ۋاھالەنكى، يەر ناملىرى تەتقىقاتى ۋە يەر ناملىرى ئىلمى ھەققىدىكى قاراشلار بارغانسېرى ئۇلغۇيىۋاتقان، بەزى  نەتىجىلەر مەيدانغا كېلىۋاتقان  رىئاللىققا يۈزلىنىۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ ھەقىقەتتە تېخى بىزنىڭ ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› لىرىمىزنىڭ قەدىرلىنىشىدىن خېلىلا يىراق. تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، بىزنىڭ يەر ناملىرىغا ئائىت تەتقىقاتلىرىمىز ۋە يەر ناملىرى ئىلمى ھەققىدىكى قاراشلىرىمىز تېخى ئۇلغايمىدى، مۇكەممەللەشمىدى. زور كۆپچىلىك زىيالىيلىرىمىز يەر ناملىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ھەتتا بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. مانا بۇ يېڭى ئەسىردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كەمتۈكلۈكنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممە كەمتۈكلۈكنىڭ مەنبەسى. بىزدە ئۆز يۇرتىنى سۆيمىگەن كىشى ۋەتەننى سۆيمەيدۇ دېگەن گەپ بار. شۇنداق ئىكەن، ئۆزى ياشاۋاتقان، ئۆزى دەسسەپ تۇرىۋاتقان، ئۆزىگە ھەممىنى تەغدىم قىلىۋاتقان  يەرنىڭ نامىنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەن كىشىدە، قانداقمۇ مىللىي روھ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ بولسۇن؟! قىزىق يېرى، ‹‹ مەن قەشقەرلىك ››، ‹‹ سەن غۇلجىلىق ››، ‹‹ ئۇ خوتەنلىك ›› ، ‹‹ بۇ ئاقسۇلۇق ››، ‹‹ ئۇلار تۇرپانلىق ›› دېگەندەك يۇرتۋازلىقتىن ئىبارەت يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈۋەتكەن يەر نامىنىڭ، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى چۈشۈنىشىگە ھېچقانداق ئەقىل بەرمىگەنلىكىگە ھەيرانمەن. يۇرتۋازلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكىنىمىزدە، يەر ناملىرىنىڭ ھەقىقەتەن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەنمىزيۇ، يەر نامىنىڭ بىزگە نېمىلەرنى دېمەكچى بولغانلىقىغا، ئۇنىڭ ماھىيىتىنىڭ بىزنىڭ تەغدىرىمىز بىلەن تومۇرداش ئىكەنلىكىگە دېققەت قىلىپ كەتمەيدىكەنمىز. دەل شۇنداق بولغاچقا، ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئۆلمەس مىراس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن يەرناملىرىنى ھازىرغىچە ئاخبارات نەشىرياتچىلىقىمىزدا توغرا قوللىنالمايۋاتىمىز. مەسىلەن، ‹‹ ياركەند دەرياسى ››( ياكى ھازىرقى ئىستېمالدا ‹‹ يەكەن ››) دېگەن نامنى ‹‹ زەرەفشان دەرياسى ›› دەپ، ‹‹ قارا قورۇم تېغى ›› دېگەن نامنى ‹‹ كوئېنلۇن ›› دەپ، ‹‹ قاراشەھەر ›› دېگەن يەر نامىنى ‹‹ يەنجى ›› دەپ، ‹‹ تەڭرىتاغ ›› دېگەن نامنى خەنزۇچىدىكى ئاتىلىشى بويىچە ‹‹ تيانشان ›› دەپ، ‹‹ ئانا ساي ›› دېگەن نامنى ‹‹ يىنسەي ›› دەپ، ‹‹ ئورقۇن ›› دېگەن نامنى ‹‹ ئورخۇن ›› دەپ . . . قوللانغاندىن باشقا، ‹‹ توقسۇ ›› دېگەن نامنى خەنزۇ تىلىدىكى ئاتىلىشى بويىچە، بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىپ ‹‹ شىڭخا ›› دەپ ئاتىمىغۇچە نۇرغۇن دېھقانلارنىڭلا ئەمەس، مەن مەن دېگەن زىيالىيلارنىڭ بىلمەسلىكى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ.  يەنە كۇچا ( كۇچار )، ئالمىلىق ( ئالمالىق )، ئۇيسۇن تېغى ( كەتمەن تېغى ) ، يوپۇغا ( يوپۇرغا )، ئۈچتۇرپان ( ئۇچتۇرپان ) دېگەندە ئاتىلىشلار ؛ شۇنىڭدەك  تېخى يېقىندىلا ‹‹ كۆنچى ›› دېگەن نامنىڭ ‹‹ كۈنچى ›› دەپ ئاتىلىشىنى تەشەببۇس قىلىنغىنىغا ئوخشاش بىرمۇنچە يەر نامىنى ئۇلارنىڭ توغرا – خاتاسى بىلەن ھېسابلاشماي قوللىنىۋەردۇق ياكى قولىمىزدىكى دەستەك – تەمتىكىمىزدىن پايدىلىنىپ قېلىپلاشتۇرۇۋەتتۇق. ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭدا ‹‹ زەرەفشان ›› دېگەن يەر نامى يوق ئىدى، ‹‹ كوئېنلۇن ›› دېگەن بۇ سېسىق ناممۇ ‹‹ قارا قورۇم ›› دېگەن مۇبارەك نامنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىدى، ‹‹ ئۇيسۇن تېغى ›› دېگەن نامنى باشقىلار مەقسەتلىك توقۇپ چىقىرىۋالغانىدى، بۇ تاغ ئەزەلدىن ‹‹ كەتمەن تېغى ›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەنىدى. ‹‹ كۆنچى ›› دېگەن يەر نامىنى ‹‹ كۈنچى ›› دەپ ئاتاشنىڭ ھەم شۇ نامنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا ‹‹ كۈنچى ›› دەپ ئاتاشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى، ھەتتا ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي پاكىتىمۇ يوق ئىدى!
     يەر نامىنى قوللىنىش باشقا گەپ، شۇنىڭدەك ئۇنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ئۆمۈر بېرىش يەنە باشقا گەپ. ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› نى ئەسىرلەر بويى ساقلاپ يېتىپ، ئۈن – تىنسىزلا يەنە باشقىلارغا بېرىۋېتىش ياكى ئۇنى تاشلىۋېتىش ۋە ياكى ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ يوقلىقىنى تۇيۇقسىزلا ماڭقۇرتلارچە ھېس قىلىش  تېخىمۇ باشقا گەپ. دۆلىتىمىزنىڭ يەر ناملىرى قانۇنىدا ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايونلاردىكى يەر ناملىرىنىڭ توغرا نامىنى قوللىنىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا قويۇلغان يەر ناملىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك، مۇمكىنقەدەر ساقلاپ قېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز بۇ قانۇننىڭ روھىغا قانچىلىك ھۆرمەت قىلالىدى، قانچىلىك سىجىل ئىمكانىيەت يارىتالىدى؟ يېزا، كەنتلىرىمىزگە قاراپ باقايلى، ھازىر ئۇيغۇر ئاخبارات – نەشىرياتچىلىقىمىزدا ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەر – ماقالىلەردە يېزا، كەنتلىرىمىزنىڭ نامى ئۇنتۇلدۇرۇلۇپ، ‹‹ 6– يېزا 8 – كەنت ›› ( تېخىمۇ قىزىقارلىقى ‹‹ 6 – گوڭشى ›› دەپ ئاتىلىشلىرىچۇ! ) دېگەندەك رەقەم نامى بىلەن ئاتىلىۋاتىدۇ. يەر ناملىرىنىڭ رەقەملەشتۈرۈلۈشى ئىلگىرىكى سىياسەتنىڭ زورلۇق كۈچىدىن بولغان بولسا، ئەمدىكى يەرناملىرىنىڭ مۇنداق رەقەملەشتۈرۈشى بىر قىسىم يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ ‹‹ نامىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، يېرىدىن ياتلاشتۇرۇۋېتىش ››، نەدە، كىمنىڭ يېرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت پەسكەشلىكىنىڭ يەر ناملىرىدا ئىپادىلىنىشى. ئەگەر بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاخبارات – نەشىرياتچىلىقىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ يەر ناملىرىنى قوغداش، قېلىپلاشتۇرۇش روھى بار بولغان بولسا، ئۇ ھالدا مۇنداق رەقەملەشتۈرۈلگەن يەر ناملىرى مەيدانغا كەلمىگەن، كىشىلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى، روھىنى چۇۋالچاقلاشتۇرمىغان، چۈشكۈنلەشتۈرمىگەن بولاتتى.  بۇنداق ئاتاش ئادىتى ( توغرىسىنى دېگەندە بۇ ئادەت ئەمەس، بەلكى قەستەنلىك ) مۇشۇ پاجىئەلىك يولىنى بويلاپ مېڭىۋەرسە، ئۇ ھالدا بىزنىڭ قولىمىزدىكى ئاتا – بوۋىلىرىمىز بەرگەن ھېلىقى ئەستىلىك — ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› نىڭ نېمە قىممىتى قالسۇن؟! يەر ناملىرىمىزغا ئائىت لۇغەت، خەرىتىلىرىمىزدە، قوللانما كىتابلىرىمىزدا ئۇنىڭ توغرا ئاتىلىشى بار، ئورنى كۆرسىتىلگەن، قېلىپلاشتۇرۇلغان دەپ قارىغىنىمىز بىلەن، ئەل – ئاۋامنىڭ ئېغىزىدا، ئاخبارات – نەشرياتچىلىقىمىزدىن ئىبارەت پارتىيىنىڭ سەزگۈر  تىلىدا ھەر كۈنى  دېگۈدەك بىلىپ – بىلمەي باشقىچە ئاتىلىپ قېلىشى ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› ىمىزدىن بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقانلىقىمىزنى، ياتلىشىۋاتقانلىقىمىزنى ئاشكارىلىماقتا. بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز داڭلايدىغان يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ھەر خىل قىسمەتلەردە، قانلىق قىرغىنچىلىقتا ئانا ماكانىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپمۇ، نەچچە ئون يىللاردىن كېيىن، ئانا ماكانىغا قايتىدىن توپلىنىش – جۇغلىنىشى يەنە شۇ ‹‹ ئىسرائىلىيە ›› دىن ئىبارەت يەر نامىنىڭ سېھرىي قۇدرىتىدىن ئىبارەت ئىدى. روشەنكى، بۇ مىللەتنىڭ قەلبىدىكى توپلىنىش، جۇغلىنىش، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلىش روھىنى يەر نامى ئاپىرىدە  قىلغانىدى. ئەلبەتتە، بىز يەھۇدىيلاردەك قان يىغلاپ، ئانا يۇرتىمىزدىن سەرسان بولۇپ چىقىپ كەتمىدۇق، ھېچقانداق بىر ھاكىمىيەت بىزنى بۇ ئانا ماكانىمىزدىن قىرغىن قىلىپ قوغلاپ چىقارمىدى، يەنە شۇ ئانا يېرىمىزنىڭ ئىللىق قوينىدا بىخارامان ئەللەيلىنىۋاتىمىز. ئۇنداقتا، بىزدىكى مۇنداق روھقا نېمە بولدى؟ ئۆزۈمگە خاس جاۋابىم شۇكى، بىز يەھۇدىيلاردەك يەر نامىنىڭ قىممىتى ۋە ھىممىتىگە ئەھمىيەت بەرمىدۇق، ئۇنى توغرا ئىشلىتىپ قەدىرلىمىدۇق، قەدىمدە ئەجداتلىرىمىز نەگە كۆچسە، ئەسلىدىكى يەر نامىنى شۇنچە ئازابلىق كەشمىشلىرىدىمۇ ئۆشنىسىگە ئېلىپ، ئانا ماكانىدىن قىيمىغانلىقىنى، مېھرىنى بىلدۈرۈپ، كۆچكەن يېرىگە قويالىغىنىدا، بىز تېخى تەييار يەر ناملىرىنىمۇ ئوڭلاپ قەدىرلىيەلمەيۋاتىمىز، ئۇلارنىڭ ‹‹ ساغلاملىقى ››غا كاپالەتلىك قىلالمايۋاتىمىز، شۇڭا بىزدىكى مۇنداق روھ يىلسېرى پۈچەكلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.
     يەنىلا بوۋا، مومىلىرىمىز ئېيتقان ‹‹ يەر — ئالتۇن قوزۇق ›› قا كېلەيلى.  مۇشۇ ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› نىڭ خاسىيىتى بىلەن ئانا ماكانىمىزنىڭ يەر ناملىرى ھەققىدە خېلىلا ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىقاتلار ئىلگىرى سۈرۈلدى، بىر نەچچە قورال كىتابمۇ نەشرى قىلىندى. ھەرقايسى ئوبلاست، ۋىلايەت، شەھەرلەر، شۇنىڭدەك ناھىيىلەر ئۆزلىرىگە قاراشلىق ‹‹ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى ›› نى تۈزۈپ چىقتى ۋە ئىچكى قىسىمدا نەشرى قىلدى. شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي رايونلىرى خەرىتىلىرى توپلىمى نەشرى قىلىندى. بۇ خەرىتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئىشلىگۈچىلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە( ئۈرۈمچى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹ چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر ›› پروگراممىسى )، شىنجاڭ يەر ناملىرىغا ئائىت خېلى كۆپ قورال كىتابلار نەشرى قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇلار خەرىتىگە كىرگۈزۈلگەن يەر ناملىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەشتە خېلىلا كۈچ سەرپ قىلغان، جاپا تارتقان، جايلار بىلەن فاكىس، تېلېفونلاردا ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، كۆپلىگەن يەر ناملىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئاتىلىشىنى توغرىلاپ چىققان. ئۇلارنىڭ بۇ روھىنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ، بىراق خەرىتىگە كىرگۈزۈلگەن بىر قىسىم يەر ناملىرىنىڭ خاتالىقى ( مەسىلەن، شۇ خەرىتىلەر توپلىمىنىڭ 4 — 5 بەتلىرى ‹‹ شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي رايونلىرى ›› دا ئاددىيسى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ ياد بولۇپ كەتكەن  قىرغىزىستاننىڭ شىنجاڭغا  يېقىن بولغان چېگرا شەھىرى — ‹‹  卡拉科尔 ›› نىڭ نامى ‹‹ كالا كول ›› دەپ، قازاقىستاندىكى ‹‹ 塔尔迪库尔干›› نىڭ نامى ‹‹ قورغان – تالدى ›› دەپ ئېلىنغان. ئەمەلىيەتتە، ئالدىنقى نام ‹‹ قارا كۆل ›› دەپ ئاتالسا، كېيىنكى نام ‹‹ تالدى قورغان ›› دەپ ئاتىلاتتى. ئەلبەتتە، بۇ خەرىتىلەر توپلىمىدىكى بۇنداق خاتالىقلارنى ‹‹ كۈرمىڭلاپ ›› تاپقىلى بولمىسىمۇ ‹‹ يۈزلەپ ›› تاپقىلى بولىدۇ. شۇ خاتالىقلار ھەققىدە ئايرىم توختىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ ماقالىدە قىستۇرما قىلىپ ئۆتۈش بىلەنلا كۇپايىلىنىمەن ) نى ئەلبەتتە ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئورنى يۈتۈپ كەتكەن ياكى ئورنى مەلۇم بولمىغان قەدىمكى يەر ناملىرىنىڭ نامىنى توغرا ئاتالماسلىق بىلەن،  ئوخشاش دەۋردە، ئوخشاش ماكاندا تۇرۇپ، ئانا دىياردىكى يەر ناملىرىنىڭ نامىنىڭ توغرا ئېلىنماسلىقى ئوخشىمايدىغان مەسىلە. چۈنكى، خاتالاشماسلىق خەرىتىدىكى مۇھىم شەرت بولۇپلا قالماي، زامانىمىزدا قوللىنىۋاتقان ئانا ماكاندىكى يەر نامىنىڭ توغرا ئاتىلىشى ئەڭ مۇكەممەل تۈزۈلگەن دەپ داڭلانغان خەرىتىگە توغرا چۈشمەسلىكى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ناھايىتى ئېنىقكى، ھېلىقى ‹‹  ئالتۇن قوزۇق ›› قا بولغان مېھرىمىزنىڭ دائىم ئىشلەۋاتقان كەسپىي خىزمىتىمىزدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپالمىغانلىقى بىزنى ئوڭايسىزلاندۇرماي قالمايدۇ. شۇنى ھېس قىلالايمىزكى، قەدىرلىمەسلىكتىن ياتلىشىش، ياتلىشىشتىن تاشلىنىپ قېلىش باشلىنىدۇ. ئەلبەتتە، ھەرقانداق ياتلىشىشتىن يەنە مەنىۋى يېرىق — ھاڭ روياپقا چىقىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بىزدىكى قەدىرلەنمەسلىك ۋە ياتلىشىش يەنە روشەن ھالدا يەر ناملىرىنىڭ مەنىۋىي ۋە مەدەنىيەت سەھنىسىدىن ئورۇن ئالالماسلىقى بىلەنمۇ ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. ‹‹ يەر ›› نىڭ ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› لىقىنى بىلمەي ياكى ئۇنى ئېتراپ قىلماي، ياتلىشىۋېرىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا شۇ ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز ئۇزۇرايدۇ، ئۇنىڭغا بولغان ئىگىدارچىلىقىمىز شۇنچە ئاجىزلىشىدۇ. كەلگۈسىدە ئادەم بىلەن ( تېخىمۇ توغرىسى بىز بىلەن ) يەر نامىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان مۇنداق مەنىۋىي يېرىقنى مەڭگۈ تولۇقلىغىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا ئانا ماكانىدىكى يەر ناملىرى ھەققىدە ھېچ نەرسە دەپ بېرەلمىدى؛ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەر ناملىرى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا دەل ۋاقتىدا جاۋاپ بېرەلمىدى، ھەتتا ئىزدىنىپ كېيىنچە جاۋاب بېرىشنى ئويلاپ باقمىدى ياكى ئۇلار ئوقۇغۇچىلىرىغا يەر نامىنىڭ قىممىتى، قۇدرىتى، خاسىيىتى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت، مىللەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە ھېچنىمە دېيەلمىدى؛  يەر ناملىرى تەتقىقاتچىلىرى  ئانا ماكانىدىكى يەر ناملىرىنىڭ مەنىسى، كېلىپ چىقىشى، تارىخىي دەۋرلەردىكى ئاتىلىشى، تەرەققىيات جەريانى ھەققىدە دېيەرلىك تەتتقىقات نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى، نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمىدىلا ئەمەس، بەلكى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلمىدى ياكى چوڭقۇرلىيالمىدى؛ نەشىرياتلار  ئانا ماكانىنىڭ يەر ناملىرى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنى تۈپتىن قوللىيالمىدى، ئۇيۇشتۇرۇش روھىنى جارى قىلدۇرالمىدى ياكى بازار قوغلىشىپ، خەلقنىڭ مەنىۋىيلىكتىن، ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ››ىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋبچى بولدى. مانا بۇ بىزنىڭ مۇشۇ دەۋردىكى ئاجىزلىقىمىز ۋە خاتالىقىمىز. نۇرغۇن ، نۇرغۇن سەۋەنلىك – خاتالىقلىرىمىزنىڭ، مەدەنىيەتتىكى ئۈزۈكلۈكنىڭ، شۇنىڭدەك مۇشۇ كەملەردىكى ئىقتىسادىي كىرزىسىمىزنىڭ، مەنىۋىي پۈچەكلىرىمىزنىڭ چىگىشلىشىپ كەتكەن تۈگۈنى ئانا ماكاننىڭ تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى دەۋرىدىكى يەر ناملىرىنىڭ قەدىرلەنمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
قىسقىسى، ئۆزىمىزنى، ئۆزگىلىكىمىزنى قەدىرلەيمىز، جارى قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئاۋۋال ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› لىرىمىزنى قوغدىغىنىمىز تۈزۈك!
uyghuray

186

تېما

15

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   71.41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1927
نادىر تېمىسى: 24
مۇنبەر پۇلى: 6655
تۆھپە : 7697
توردىكى ۋاقتى: 1686
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 19:06:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنى، ئۆزگىلىكىمىزنى قەدىرلەيمىز، جارى قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئاۋۋال ‹‹ ئالتۇن قوزۇق ›› لىرىمىزنى قوغدىغىنىمىز تۈزۈك!

20

تېما

6

دوست

6549

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   30.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 2040
توردىكى ۋاقتى: 597
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 19:12:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن قۇزۇقىنى قوغدىمساق ، كىملكىمىز يۇقاپ كىتدۇ .

0

تېما

0

دوست

399

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   49.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28024
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 19:21:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بۇلۇپتۇ،
ئاۋۋال،ھالال ئەقىدىمىزنى مەستەھكەم ئىمانىمىزنى قوغداپ باقايلى، يەھۇدى بۇنىڭ تىپىك مىسسالى،
نەچچە مىڭ يىل ‹‹ئالتۇن قۇزۇق››سىز ياشىغان،ھەتتا ئالتۇن قۇزۇققىمۇ ئىگە بۇلالمىغان ئىدى، سەرگەردانچىلقتا يۇقالغان بولسا شۇلار يۇقالسا توغرا بۇلاتتى
uyghuray

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

66

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   25.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4958
توردىكى ۋاقتى: 875
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 20:03:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر ،ئېسىل تىما ...ئوغاۋالا ئەركەككەنسىز،رەھمەت قېرىندىشىم.

ئالىي ئەزا

3

تېما

1

دوست

3932

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  895
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 566
تۆھپە : 819
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 20:46:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپلىرىمىزنىڭ ئويلىغىنى بىردەك،ئۆزىنى ئويلىمىغان ئىنسان ئۆزگۈنىمۇ ئويلىمايدۇ

4

تېما

0

دوست

811

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   62.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9073
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 172
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 22:05:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلار مىنىڭ «مەسچىتكە پۇل يىغىشتىن ياردەم سۇرايمەن »دىگەن تىمامنى ئەسلىگە ئەكەپ قويساڭلار. مۇشۇ ئارقىلىق بىزنىڭ يۇرتتىكىلەرنىڭ بېشىدىكى بۇ ئالۋان يۇقۇرنىڭ قۇلىقىغا يىتىپ ئاسان ھەل بۇپ كەتسە بىز بەكمۇ مىننەتدار بولغان بۇلاتتۇق

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

66

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   25.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4958
توردىكى ۋاقتى: 875
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 22:07:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاراسەتلىك ئەجداتلىرىمىز ‹‹يەرنى ساتقانلىق جاننى ساتقانلىق ›› دەپ توغرا ئېيىتقان .بىراق بەزى قېرىنداشلىرىمىز كىچىككىنە پۇلنى دەپ يەرلەرنى سېتىپ ،كاتەك بىنالارغا كىرىۋېلىپ ،راھەتكە چىقتۇق دىيىشىۋاتىدۇ .يەرنى ساتمايلى قېرىنداشلار .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )