قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 866|ئىنكاس: 7

مەن ساراڭ (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

4

دوست

1023

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28028
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 14:01:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن ساراڭ

(ھېكايە)
ئەخمەتجان مەمتىمىن(تىيەنجىن)

         



        ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىۋاتىمەن.شۇ تاپتا كۆڭلۈم تۇلىمۇ خۇشال.شۇ خۇشاللىقىمدا ،مېنىۋالغان ۋېلىسپىتىمنىڭ ئېگىز-پەس يېزا يوللىرىدا چايقىلىپ چىقىرىۋاتقان جاق-جۇق ئاۋازلىرى،ھەتتا ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئېشەكنىڭ ھاڭرىغان،كالىنىڭ مۆرىگەن،ئىتنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازلىرىمۇ قۇلىقىمغا ئەڭ يېقىملىق مۇزىكا بولۇپ ئاڭلانماقتا.ئالدىراپ-تېنەپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ۋە ئالدىنقى ئۈچ ئايلىق مائاشنى تارقاتقانلىق خوشخەۋرىنى ئايالىمغا يەتكۈزىشكە ئالدىرىدىم.
       مىڭ-مىڭلاپ ئەپسۇس،ئۈچ مىڭ يۈئەن پۇل سېلىنغان قارا رەڭلىك قول سومكامنى ئېلىش ئۈچۈن،ۋېلىسپىتىمنىڭ ئارقا جازىسىغا قارىغىنىمدا،كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ،يېقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم.سومكا يوق تۇراتتى.يۈگرەپ يېقىلىپ دېگىدەك سومكىنى ئىزدەپ ئىدارىگىچە باردىم.يولدا يولۇققان ھەر بىر ئادەمدىن سورىدىم.مېنىڭ ئالدىراقسان قىياپىتىمنى كۆرگەن نۇرغۇنلىرى"ساراڭ ئادەممۇ بۇ!"دېيىشتى، ئارقامدىن.ئىزدەپ ئىزدەپ سومكا ئاخىرى تېپىلمىدى.ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئايالىم بىلەنمۇ بىر ھازا تاكاللىشىپ كېتىپتىمەن،خۇددى سومكىنى ئۇ يوقىتىۋەتكەندەك.بىردەمدىن كېيىن قوشنىلار تاكاللىشىۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلاپ يۈگرەپ چىقىشقاندا ئاندىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋالالىدىم.ئۇلار ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن خاپا چىراي ئايالىمغا "كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ،بۇ ئادەم ساراڭ بۇلۇپ قالغان چېغى"دەپ تەسەللى بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم.
         سىزمۇ مىنى ساراڭ ئادەمكەن دەۋاتامسىز،ئاتا-ئانا بالا ئىشقىدا ھېلىغۇ ساراڭ بۇلۇشكەن،جان بېرىشكىمۇ رازى ئەمەسمۇ؟بالام غۇلامجان مەكتەپتە تۇلىمۇ ياخشى ئوقۇدى.ئالدىنقى يىلى ئۇ ئامرىكىدىكى بىر ئالى مەكتەپكە ئەلا نەتىجە بىلەن قۇبۇل قىلىنغاندا خەقلەر ماڭا نىمە دېدى بېلەمسىز؟ئۇلار ماڭا"غۇلامجاننى نېمە بېرىپ باققانتتىڭىز؟ نېمانچە ئەقىللىق بالا بۇ؟"دېمەسمۇ،مەن ئۇلارغا"خۇدايىم بەرگەن ھالال ناننى بېرىپ باققان"دېدىم تۇلىمۇ مەغرۇرلۇق بىلەن.بۇلۇپمۇ ئوغلۇم غۇلامجاننىڭ"دادا،مەن چۇقۇم ياخشى ئۇقۇپ دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ئالىمى بۇلىمەن.نوبىر دەمدۇ نوبىل دەمدۇ بىر نېمە مۇكاپاتىنى ئېلىپ خەلقىمگە شان-شەرەپ كەلتۈرىمەن"دېگەن سۆزلىرى مېنى بەكمۇ سۈيۈندۈرىۋەتتى."شۇنداق قىغىن بالام."دېدىم مەن ئۇنىڭ بېشىنى سىلىغاچ مەمنۇنلۇق بىلەن باش لىڭشىتىپ.
         شۇنداق قىلىپ غۇلامجان مەكتىپىگە كەتتى.ئايالىم ئىككىمىز يېمەي-ئىچمەي يىغقان پۇللىرىمىزنى ئۇنىڭغا ئەۋەتسەك بۇ پۇللار ھەر قېتىم"رەھمەت سىلەرگە ئانا-دادا.لېكىن مەن ھازىر بۇ پۇلغا ئىھتىياجلىق ئەمەس.مەن بىر ياقتىن ئوقۇغاچ،بىر ياقتىن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە سىرتتا ئىشلەۋاتىمەن.ئىشلەش ئارقىلىقمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋالالايدىكەنمەن.ھازىر خەجلىگىدەك پۇلۇم بار،مەندىن ئەنسىرىمەڭلار."دېگەن بىر پارچە خەت بىلەن قايتىپ كېلىدۇ.بىر كۈنى تىلىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر پارچە خەت تاپشۇرىۋالدىم.كۆڭلۈم بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولدى.دېمىسىمۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان چۈشۈم بۇزۇلۇپ بىر قىسمىلا بۇلۇپ قالغان ئىدىم."غۇلامجان جاپا تارتىپ قالغانمىدۇ؟"دېگەن بىر گۇمان خىيالىمدىن كەچتى،شۇڭا بۇ خەتنى ئالاھىتەن ناھىيەگە ئاپىرىپ ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ،مىڭ تەسلىكتە چۈشىنەلەيدىغان بىر ئادەمنى تاپتىم.بۇ ئامرىكا تىلىدا يېزىلغان خەتتىن بىلدىمكى،غۇلامجان شۇنچە تېرىشىپ ئۆگىنىپ بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغان ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى سىرتتا ئىشلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،ئوقۇش پۇلىنىڭ يۇقۇرى بۇلىشى سەۋەپلىك ئۇ ئوقۇش پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرالماي ئوقۇتقۇچىللىرى ئالدىدا تەس كۈندە قاپتۇدەك.بۇ خەتنى ئەۋەتكىنى غۇلامجاننىڭ توم ئىسىملىك بىر ئامرىكىلىق ساۋاقدىشى بۇلۇپ،ئۇ خېتىدە بىزنىڭ ئائىلىمىزگە ھەۋىسى كېلىدىغىنىنى ئېيتىپتۇ.سەۋەبىنى مۇنداق يېزىپتۇ:
         بىر كۈنى غۇلامجاننىڭ پوچتالىيون ھېلىلا ئەكەپ بەرگەن كونۋېرت ئىچىدىن بىر باغلام جۇڭگو پۇلىنى ئېلىپ يەنە بىر يېڭى كونۋېرت ئىچىگە سېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.مىنىڭ بۇ ئىشنى بىرىنچى قېتىم كۆرىشىم ئەمەس ئىدى.ئۇ يەنە.مەن چۈشەنمەيدىغان يېزىقتا بىر پارچە خەت يېزىپ ئۇنىمۇ كونۋېرتقا سېلىۋەتتى.ئۇ شۇنداق چىرايلىق يازغانىدى سىزىمىمچە ئۇنىڭ ئىشلەتكىنى دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق يېزىق بولسا كېرەك.كۆڭلۈمدە بەزى سۇئاللار تۇغۇلدى،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلدى.
         -نېمىشقا پۇلغا شۇنچىلىك ئېھتىياجلىق تۇرۇپمۇ ئاتا-ئاناڭ ئەۋەتكەن پۇلنى ھەر قېتىم بىر تىيىنمۇ ئالماي ئۆز پېتى قايتۇرىۋېتىسەن؟،-ئۇدۇللا سورىدىم.
         -ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ماڭا ئايان.ئاتا-ئانامنى جاپادا قويسام بولمايدۇ،-دېدى ئۇ جاۋابەن.مەن يەنە سورىدىم:
         -ئۇنداق بولسا سەن بۇ پۇلنى بەرىبىر ئىشلەتمىگەندىكىن،نېمىشقا ئەۋەتمەڭلار دېمەيسەن؟
         -ياق،بولمايدۇ!،-دېدى ئۇ كەسكىن قىلىپ.ئۇ يەنە:
         -مەن ھەر قېتىم كونۋېرتنى ئاچمىغىنىم بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى پۇلدىنمۇ قىممەتلىك بىر نەرسىنى تاپشۇرىۋالىمەن.ئاتا-ئانام كونۋېرتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا،ئۇلارمۇ ئوخشاشلا پۇلدىن قىممەتلىك بىر نەرسىگە ئېرىشىدۇ،-دەپ قوشۇپ قويدى.كېيىن غۇلامجاننىڭ سۆزلىرىنى ئاستا-ئاستا ئويلاپ تېگىگە يەتكىنىمدە دىلىم ۋىللىدە يۇرىغاندەك بولدى.شۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرگە ھەۋەس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم.غۇلامجاننىڭ بۇ ئامرىكىلىق ساۋاقدىشى توم خېتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە"مەن ئامرىكىدىكى داڭلىق بىر شىركەتنىڭ دېرىكتۇرىنىڭ ئوغلى.ئاتا-ئانام ئاجرىشىپ كەتكەن.ئائىلەمنى سىلەرنىڭكىدەك ئىللىق دېيەلمىسەممۇ،لېكىن پۇلدىن قىسىنمايمەن.بۇندىن كېيىن غۇلامجاننىڭ ئۇقۇش پۇلىدىن ئەنسىرىمەڭلار،ئۇنىڭغا مەن ياردەم قىلىمەن."دەپ يېزىپتۇ.
         خەتنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەن ھېلىقى ئادەمنىڭ بۇ دەپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلاپ،كۆز ياشلىرىم يېپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك قۇيۇلۇشقا باشلىدى.
         -ھەي،ھەي!،-دېدى ھېلىقى ئادەم دۇلۇمغا يىنىككىنە پوك-پوك ئۇرۇپ،-ساراڭ ئادەممۇ سىز،خۇشخەۋەر ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ يىغلايدىغان؟
         -شۇنداق مەن ساراڭ،-دېدىم ئۇنىڭغا قۇپال تېگىپ ۋە ئۆزۈمنى سەل ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن،ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ،دېيىشكىنىمىز بۇيىچە ئوتتۇز يۈئەننى تۇتقۇزۇپ،ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقان ئىدىم.
          بۈگۈنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر مېنى ساراڭ دېيىشتى.ئۇزۇندىن بېرى غۇلامجانغا ئەۋەتىشنى ئويلاپ يۈرگەن ئۈچ ئايلىق مائاشىم بىراقلا يوق بولغاندا،ساراڭ بولماسلىقنىڭ ئۆزى ساراڭلىق.
          بۈگۈنكى كۈندە ئاتا-ئانىلار بالىللىرى ئۈچۈن كۈيۈپ پىشىپ ئىشلەيدۇ.بالىللىرىنى جاپا تارتقۇزۇپ قويماسلىق،ئۇلارنى ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىدىن كېچىدۇ.ناۋادا بالىللىرىمىز بۇنى بىلسە ئىقرارمەن،ئۇلار ئۈچۈن مەن ساراڭ!
          ناننى بالامغا بەردىم،ئۆزۈم تاشنى چىشلىدىم.بالامنىڭ بەختى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىنىم تاپماي ئىشلىدىم.ناۋادا،يۈرىكى بالىسى ئۈچۈن سوققان ئاتا-ئانىنى ساراڭ دېيىش ھەق بولسا تۇلىمۇ ئىپتىخارلىق بىلەن شۇنداق دەيمەن،مەن ساراڭ!


0

تېما

0

دوست

680

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21568
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 18:45:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىلېرىڭىز بارا-بارا ياخشىلىنىپ كېتىپ بارىدۇ.بۇقېتىمقىسى نەشرىياتقا ئەۋەتكۈدەك چىقىپتۇ.سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

301

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27849
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 19:26:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          راست، بىز شۇ پەرزەنتىمىزنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن ئاشۇنداق ساراڭ بولۇشقا رازىمىز، بىراق جەمئىيىتىمىزدە ئۆزىنىڭ بالىسىنى باقماي تاشلىۋاتىدىغان، ھە دېسە بالىلىرىنى يىتىم قىلىدىغان، بىر ياخشى ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋاتقان بېشىنى سا چوقىلاپ قوويغان تۇغما ساراڭلارمۇ ئاز ئەمەس....

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 19:57:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ياخشى چىقىپتۇ....

0

تېما

4

دوست

1170

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27890
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 18:55:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى ئۇقۇپ كۆزلىرىمگە لىقىدەڭ ياش كەلدى ،بەك ياخشى يېزىپسىز ھارمىغايسىز .

0

تېما

0

دوست

104

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   34.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28288
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 19:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىسسىمىللاھى رەھمانىر رەھىم ، بارلىق ماختاش ھەق ئېگىسى اللاھقا بولسۇن  !        
مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا ، شۇنداقلا بارلىق تورداشلارغا  :
اللاھ نى ھەقىقى تۇنۇيدىغان چىن ئىخلاسمەنقىرىنداشلاردىن ياردىم سورايمىز
جەمىيەتتىكى ھەر ساھە ئاق كۆڭۈل قولى ئوچۇق، اللا يولىدا مىسكىنلەرگە ياردەم بىرىشنى
خالايدىغان قۇربى يىتىدىغانلارنىڭ مەزكۇر ھەمشىرمىزگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ ،
قىرىندىشىمىزنىڭ ھەمشىرمىزنىڭ ساق- سالامەت يەڭگىشىگە سالامەتلىكىنىڭ
تىزراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن  ئاز تولا مېھرى شەپقەت قولىنى سۇنىشىنى سورايمىز .
قىرىندىشىمىز خۇتەندىن بۇلۇپ تۇرمۇشتىكى ناھەقچىلىق تۈپەيلى
ئۈرۈمچىدە ئات مىنىش مەيددانى يەنى[چىماشەندە ] ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ
ياردىمىدە بىر ئىغىزلىق ئۆيدە باشقىلار بىلەن بىللە خۇشنا ئولتۇرۋاتىدۇ ....
ھازىر بولسا قوشقىزەك ئوغلنى اللا خالىسا ساق سالامەت يەڭگىش ئالدىدا
ئاي كۈنى تۇشۇپ قالدى شۇڭا جىددى پۇلغا ئىھتىياجلىق بۇ قىرىندىشىمىزنىڭ
ئىرى بولسا مۇددەتسىز تۈرمىدە ....باشقا تۇققانلار بىلەن ئالاقە قىلالمايدۇ ...
تۇرانە يۇقلاپ كىلىشنى خالايدىغانلار بولسا ئايال كىشى كەلسە بۇلىدۇ ...
ئادىرسى چىماشىيەن شىسەن ئۇيغۇرلار مەھەلىسى [د] رايۇن 26 بىنا 3 ئىشىك 203 ئۆي
ئامانەت قەرىز كوپىراتىۋى كارتا ئىسمى ئازاتگۈل  نومۇرى 6210088011760590

0

تېما

2

دوست

511

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27402
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 162
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 21:05:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kirindaxim يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 19:59
بىسسىمىللاھى رەھمانىر رەھىم ، بارلىق ماختاش ھەق ئېگىس ...

ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ.......

1

تېما

1

دوست

573

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   14.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27551
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 20:24:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )