قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 972|ئىنكاس: 2

كۇرۇك بولمايدىغان توخۇ(ھىكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

3

تېما

4

دوست

2452

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 754
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-26 15:07:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۇرۇك بولمايدىغان توخۇ

(ھىكايە)

مەخەت ئابدىريىم

   




         ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئارسىدا كۇرۇك توخا ھەققىدە كۈلكە-چاقچاقلار تارقىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، كۇرۇك بولمايدىغان توخا،دىگەن سۆز ۋە شۇ سۆز بىلەن چاقچاق قىلدىغان ئەھۋاللار بۈگۈن ئوتتۇرغا چىقتى. بازار ئارىلاپ توخا بازىرنىڭ دوقمۇشىغا كەلسەم ئۇزۇندىن بىرى شۇ بازاردا توخا ئىلىپ توخا ساتىدىغان توختى جاۋالدۇرۋاق قولىدىكى توخىنى ماختاپ ئەتراپىغا كىشىلەرنى ئولاشتۇرۋالغان ئىكەن.

      ــ يولداشلار! قولۇمدىكى بۇ توخا تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە كۇرۇك بولمىغان توخا، ــ دەپ قولدىكى توخىنى ئىگىز كۆتۈرپ كىشىلەرگە كۆرسەتتى. توختى جاۋالدۇرۋاقنىڭ قولىدىكى بۇ توخىمۇ غەلىتىدەك كۆرنەتتى.بۇ توخىنىڭ تۇمشىقى ئۇزۇن بوينى قىسقا ، قۇيرىقى ئۇزۇن پۇتى قىسقا ئىدى. توختى جاۋالدۇرۋاق توخىسنى ماختايدىغان گىپىنى يەنە داۋاملاشتۇردى. ــ مانا بۇ توخىنىڭ ئالاھىدىلىگى كۇرۇك بولمايدۇ.كۇرۇك توخۇلاردەك داننى تاتىلاپ يىمەي مەخسۇس زاۋۇتتا ئىشلەنگەن ئارلاشما يىمەكلىككە ئامراق . مىڭىشى ئاستا ، ئاز يەپ تىز سەمرىيدۇ. تۇخۇمى قاتتىق گۆشى تاتلىق، ئەمما گۆشى رىستۇراندىكىلەردىن باشقىلارغا سىتىلمايدۇ. سالاھىيەت گۇۋاھنامىدىكى ئىسمى توك توخۇسى، ئەمەلىيەتتە قوللىنىدىغان ئىسمى كۇرۇك بولمايدىغان توخا.ـــ  دەپ توخوسىنى ماختاۋاتقاندا توختى جاۋالدۇرۋاق بىلەن ئويان – چاقچاقلىشىپ ئوينايدىغان ئاغىنىسى قۇم قازى تۇيۇقسىزلا  ـــ مۇبارەك بولسۇن ئاداش!گەپنى ئۇدۇل دەۋىرەي ، بۇ كۇرۇك بولمايدىغان توخو سىنىڭما ؟

      ـــ شۇنداق، ــ توختى جاۋالدۇرۋاق قۇم قازىنى كۆرگەندىن كىيىن سەل ھۇدۇققاندەك بولدى. ـــ بۇ   توخىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى شۇنچىلىك سۆزلەي، قالغان ئالاھىدىلىكلىرىنى كىيىنچە بىلىۋالالايسىلەر. ئالدى بىلەن سىلەر بۇ توخىنى مەندىن سىتىۋىلىپ مەلۇم مەزگىل باقساڭلا، تۇخۇمىنى يەپ باقساڭلا، گۆشىنى رىستۇرانغا نىسى سىتىپ باقساڭلار، سىلەرمۇ بۇ توخۇنى مەندىنمۇ بەكرەك ماختىماي تۇرالمايسىلەر ـــ توختى جاۋالدۇرۋاق ھىلىقى توخوسىنى كىشىلەرگە كۆرسەتتى.

      ـــ ئۇنداق بولسا مەنمۇ ساڭا بىر چاقچاق قىلاي دوستۇم. سەن مىنى كۆپ قىتىم چوڭ كىچىك سورۇنلاردا كۇرۇك توخا دەپ چاقچاققا ئارلاشتۇرپ مازاق قىلاتتىڭ، ھازىر مەنمۇ سىنى كۇرۇك بولمايدىغان توخو دىسەم بولامدۇ؟

   ـــ ھەي، قۇم قازى دىگەن كۇرۇك توخا ، ئىككىمىزنىڭ مىجەز خاراكتىرىمىز ئوخشىمايدۇ. سەن كۇرۇك توخا بولغاندىكىن مەن ئەلۋەتتە كۇرۇك بولمايدىغان توخو بولىمەن ـ دە . سەندەك روكۇلدايدىغان كۇرۇك توخا بولغۇچە،  ـــ دەپ تۇرشىغا ئەتراپتا تۇرغانلار چاۋاك چىلىشىپ قوللىرنى ئىگىز كۆتۈرشۈپ كۇرۇك بولماسىتىۋالىمىز، دىيىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى.

    توختى جاۋالدۇرۋاق قۇم قازىغا غەزەپلىك قاراپ قويۇپ،ــ ھەي قۇم قازى دىگەن كۇرۇك توخا،  سەن پات-پات بازار ئايلىنىپ مەندىن ئانچىمۇنچە تۇخۇم ياكى توخو سىتىۋالمىغاندىكىن سىنى كۇرۇك بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەيمەندە،سەن ئىسمى جىسمىغا لايىق كۇرۇك توخا .

    ــــ ئۇنداق بولسا سەنمۇ مۇشۇ ئورۇندا بىر مىنۇتمۇ توختىماي كۇرۇك بولمايدىغان توخاڭنى ماختاۋاتساڭ سىنى تونۇيدىغانلارمۇ قەستەنگە مەندىن ئاۋۇ كىم دەپ سورىسا توختى جاۋالدۇرۋاق ياكى كۇرۇك بولمايدىغان توخو دىمەي نىمە دەيتىم.

    يۇقارقى چۇشەندۈرشۈڭگە قارىغاندا توك توخوسى دىسەكمۇ بولىدۇ سىنى دەپ تۇررشىغا،

     ـــ گۆش توخوسى دىسەكمۇ بولىدۇ ـ دىدى يەنە بىرەيلەن.

      توختى جاۋالدۇرۋاق تىخىمۇ جىدددىيلىشىپ كەتتى. ھىلىقى كۇرۇك بولمايدىغان توخونى سىۋەتكە سىلىشقا تەمشىلىۋاتقاندا ، خىلى ۋاقىتتىن بىرى كۈلۈپ قاراپ تۇرغان تۇرەك تەرىسا سۆزگە چىقتى.

       ـــ ھەي توختى جاۋالدۇرۋاق ، سەندىن بىر گەپنى سوراپ باقاي ،سەن كۇرۇك بولمايدىغان توخاڭنى ماختايسەن، باشقىلارنى كۇرۇك توخا دەپ تىللايسەن، ھىلى بىرەيلەن سىنى توك توخۇسى دىسەكمۇ بولىدۇ دەيدۇ، ئەگەر توك قىچىپ كەتسە قانداق قىلىسەن، يىتىم بولىسەن. سىنىڭ كۇرۇك توخونى تىللاپ،كۇرۇك بولمايدىغان توخۇنى ماختىغان گەپلىرىڭگە ئاساسەن،ئىككى ئىغىز گەپ قىلسام كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۇرۇك بولمايدىغان توخا ئەمەس، ئۆزەڭ دىگەندەك توخۇنىڭ سۇيۇق پوقى بولىسەن. شۇڭا مىنىڭ گىپىمگە قۇلاق سال، توخۇنى نىمە دىسەڭ دە بەرىبىر توخا،ئادەم يەنىلا ئادەم، ئەمما توخۇنىڭ كۇرۇك بولىشى بۇ بىر قانۇنىيەت،ئۇ توخىنىڭ ماھىيىتى ، توخۇنىڭ كۇرۇك بولماسلىقى ئۇ توخۇغا ھاقارەت،ئەمدى توخو بىلەن ئادەمنى سىلىشتۇرساق، توخۇلار قاراڭغۇ كىتەكتە ياتسىمۇ تاڭ ئاتقانلىقىنى سىزىپ غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان ساڭا ئوخشاش مەخلۇقلارنى ئۇيغۇتۇشقا چىلىغان، شۇنداقلا ھەممىمىزنى ئويغاتقان.توخۇنىڭ مۇشۇ ئەقىللىق خاسىيتىدىن ئادەملەرمۇ سەھەردە ئونىدىن تۇردىغان ،سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇشقا ئەزان ئىيتىدىغان ، سائەتلىرىنى سايرىتىغان، دۈدۈك چىلىپ ئويغىتىغان ھەم ئويغىنىدىغان ياخشى ئادەتلەرنى يىتىلدۈرگەن. شۇڭا ئالملىرىمىز توخا ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ توخو بۇرۇنمۇ تۇخۇممۇ دىگەن مەسلىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنى سەندەك ۋە مەندەك ئادەملەر ھەل قىلمىسا سەن دەۋاتقان كۇرۇك بولمايدىغان توك توخۇلىرى ھەل قىلالامدۇ؟ مەنمۇ تۆۋەندىكى قارشىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقاي، ئەستايىدىل ئويلىنىپ جاۋاب بىرەرسەن؟


چاشقانلار ئالسىمۇ خامانلىقتىن جاي،

قاچىدۇ نىمىشقا ھەردەم كامارغا .

توخۇلار ئەزەلدىن سەگەك بولغاچقا،

ئويغۇتار ھەر تاڭدا بىقىپ ساماغا.


      مەخەت ئابدىريىم


0

تېما

4

دوست

1170

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27890
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 18:58:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئوخشىتىش بوپتۇ ،قەلەم قۇۋىتڭىزگە بارىكاللا
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

104

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   34.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28288
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 19:59:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىسسىمىللاھى رەھمانىر رەھىم ، بارلىق ماختاش ھەق ئېگىسى اللاھقا بولسۇن  !        
مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا ، شۇنداقلا بارلىق تورداشلارغا  :
اللاھ نى ھەقىقى تۇنۇيدىغان چىن ئىخلاسمەنقىرىنداشلاردىن ياردىم سورايمىز
جەمىيەتتىكى ھەر ساھە ئاق كۆڭۈل قولى ئوچۇق، اللا يولىدا مىسكىنلەرگە ياردەم بىرىشنى
خالايدىغان قۇربى يىتىدىغانلارنىڭ مەزكۇر ھەمشىرمىزگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ ،
قىرىندىشىمىزنىڭ ھەمشىرمىزنىڭ ساق- سالامەت يەڭگىشىگە سالامەتلىكىنىڭ
تىزراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن  ئاز تولا مېھرى شەپقەت قولىنى سۇنىشىنى سورايمىز .
قىرىندىشىمىز خۇتەندىن بۇلۇپ تۇرمۇشتىكى ناھەقچىلىق تۈپەيلى
ئۈرۈمچىدە ئات مىنىش مەيددانى يەنى[چىماشەندە ] ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ
ياردىمىدە بىر ئىغىزلىق ئۆيدە باشقىلار بىلەن بىللە خۇشنا ئولتۇرۋاتىدۇ ....
ھازىر بولسا قوشقىزەك ئوغلنى اللا خالىسا ساق سالامەت يەڭگىش ئالدىدا
ئاي كۈنى تۇشۇپ قالدى شۇڭا جىددى پۇلغا ئىھتىياجلىق بۇ قىرىندىشىمىزنىڭ
ئىرى بولسا مۇددەتسىز تۈرمىدە ....باشقا تۇققانلار بىلەن ئالاقە قىلالمايدۇ ...
تۇرانە يۇقلاپ كىلىشنى خالايدىغانلار بولسا ئايال كىشى كەلسە بۇلىدۇ ...
ئادىرسى چىماشىيەن شىسەن ئۇيغۇرلار مەھەلىسى [د] رايۇن 26 بىنا 3 ئىشىك 203 ئۆي
ئامانەت قەرىز كوپىراتىۋى كارتا ئىسمى ئازاتگۈل  نومۇرى 6210088011760590
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )