- تىزىملاتقان
- 2014-3-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1595
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
ئۆسۈش
59.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tadlax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-28 15:44
پەلسەپە نوختىسىدىن قارغاندا، مۇقامنىڭ كىلىپ چىقىشىنى مۇنداق ئىزاھلاشقا بۇلىدۇ. مىلادى ئالتىنجى ئەسىردىن ئىلگىرى ئىنسانلار جەميىتىدە تەۋراتنى چۆرىدىگەن سىھرى ئىلمى جاھانغا پىشىۋا بولغان. سىھىر ئارقىلىق ئىنسانلار ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىغا يەتكەن. غايىت زور قۇرلۇشلار ئىھرامغا ئوخشاش بۇلارنى ئىنسانلارنىڭ ئەھيا قىلىشى ناتايىن . قۇرئاندا سۇلايماننىڭ مەخسۇس قۇرلۇش قىلىدىغان دىۋىلىرى بارلىقى قەيىت قىلىنىدۇ. شامالنى مۇختەسەر قىلغان ئىشمۇ بار. دىمەك ئۇ ئىرادا سىھىر ئاساس رول ئوينىغان. ئاندىن ئالتىنجى ئەسىردىن كىيىن ، ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرى يۇكسەلگەن . چۇشۇنۇشلۇك دىگەندە تەۋراتتىن كىيىن پۇتۇن ئالەمگە قۇرئان پىشىۋا بولغان. تەۋرات سىھىرنى يىتەكلىگەن بولسا قۇرئان تەپەككۇرغا يىڭى يول ئىچىپ بەرگەن. ھەم يىتەكلىگەن.
ھازىر قۇرئان دىسە پارچىلاپ ، ھەدىسنى چوڭ بىلىمىز. قۇرئاننى ئىزدىنىش جەھەتتە ھازىرقى مۇسۇلمانلارغا 0 قۇيۇشقا بۇلىدۇ. شۇئار ھىساۋىدا بەيئەت قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭغا ، ساھابىلاردىن كىينكى قۇرئاننىڭ 200 خىل ئۇسۇلدا تەپسىر قىلىنىشى پاكىت بۇلالايدۇ. ھازىر شۇنچە تەرەققىي قىلغان جەمىيەتتە تىخى بىرەر تەپسىرنىڭ گىپى يوق. قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويماي، ئىزدەنگەن بولساق ، بىر ئەمەس بىرنەچچە خىل تەپسىرلىرى مەيدانغا كەلگەن بۇلاتتى.
ئەمدى شۇچاغلاردا قۇرئاننى قانداق تەتقىق قىلغان؟ دىگەنگە كەلسەك، بۇنىڭ تەتقىقاتى پەلسەپە، بۇلۇپمۇ تۆت تادۇ پەلسەپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىسلام پەلسەپىسى دىسە ، نەدىكى نىمىلىنى سۆزلەپ يۇرۇشيىدىكەن. ئەسلى فارابىيدىن ئۇلۇغ بىككىچە تادۇچىلار دەل ئۇزى ئىسلام پەلسەپىچىلىرى. ماۋۇلارنىڭ دۇنيا قاراش مىتودىنى ئىسلام پەلسەپىسى دەيمىز.
شۇ پەلسەپە بۇيىچە دۇنيادا ماكان زامان ئىنسان قۇرئان دەپ تۆت ئۇقۇم بار.بۇ تۆت ئوتتۇرسىدا ئوخشاش قانۇنىيەت باغلىنىش بار. مەسلەن زىمىن ماكاندايەتتە قىتئە بار. زاماندا ئاسماندا يەتتە يۇلتۇز. ئىنسان يەتتە باسقۇچ تاماملانغاندا ئىنسان سىياقىغا كىرگەن‹سۇرە مۇئمىن›. قۇرئان يەتتە ئايەت بىلەن باشلىنىدۇ. ئىنساندىكى ئىنىقسىزلىق، ياكى زاماندىكى ئىنقسىزلىق قۇرئان بىلەن يۇرۇيدۇ. قۇرئاندىكى مۇجمەللىك ئۇلۇغبىكتەك يۇلتۇزغا قارسا ، زاماندا ئايان بۇلىدۇ. ماۋۇ تامامەن مۇمكىن ئىش .
ھازىر بىرەر دورىنى پاتنىت قىلسا، تەركىپ بۇيىچە ئاقسىل مانچىلىك كىراخمال مانچىلىك، ۋىتامىن مانچىلىك دەپ شەرھىيلەپ قىلىدۇ. ئۇدەۋىرلەردە يۇقارقى تۆت تادۇ پەلسەپىسى بۇيىچە مەيلى دورىنى شەرھىيلەش بولسۇن ياكى باشقا قانۇن ،ئىختىساد، پەنلەر قاتارلىقلار شۇ پەلسەپە بۇيىچە شەرھىيلەنگەن . شۇنداقلا بۇ پۇتۇن دۇنياغا ئۆلچەم بولغان.
مۇقامدىمۇ شۇ قانۇنىيەت ئۆلچەملەر بۇلىشى مۇمكىن. مەسلەن ئاھاڭ يەتتە بۇلىدۇ. بۇ ئاسماندىكى يەتتە يۇلتۇزغا قىياس. يەتتە يۇلتۇز ھەركەت مۇساپىسىنى نوتىغا ئىلىپ ئۇدارقىلسا ،بۇنىڭدىن مۇقام ئاھاڭى چىقىشى مۇمكىن. بۇ خىلى مۇرەككەپ گەپ. مۇزىكا ئىلمىنى فارابىي ئىجاد قىلغان دىيىشىدۇ. فاربىينىڭ يۇلتۇزغا قاراپ مۇزىكا ئىلمىنى كەشىپ قىلغىننى كۆپلەربىلىدۇ. مۇشۇ يۇلتۇز زامان بىلەن قۇرئاننىڭ زامان قىسمى مۇناسىۋەتلىك. بەلكى بىر بىرىنى تۇلۇقلايدۇ. مۇشۇ ئىلىم ئۆچەپ كىتىۋاتقان پەيىتلەردە مۇقامنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىنى كاتتا خوش خەۋەر دىيىشكە بۇلىدۇ. چۇنكى قۇرئاننىڭ تىلىنى يىشىدىغان ئىلىم ، مۇقام ئاھاڭلىرىغىمۇ مۇجەسسەملەنگەن.دىمەك قەدرىگە يىتىپ ئىزدەنسەك، قۇرئان پىشىۋا دىگەن گەپكە يىقىنلىشىشتا بۇنىڭ قىممىتى بار.
|
|