قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: parwar1

مۇقام خانىشى ئاماننىساخاننى قايتىدىن بايقاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

3

دوست

3321

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17083
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 962
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 16:51:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musapirman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-28 17:04  

ئۇيغۇرلارنى ناخشا ئۇسۇل مىللىتى دىگۈزىۋاتقان ھازىرقى سەنئەت بىزنىڭ ئەسلى سەنئىتىمىزمۇ؟، ئۇيغۇر سەنئىتىدە سوتسىيالىستىك دەۋىردىن بۇرۇن ھازىرقىدەك ئەر-ئايال ئارلاشمىتى؟ ، ئۇيغۇر سەنئىتىدە قايسى دەۋىر ، قايسى ۋاقىتتىن بۇيان ئەر ئايال ئارلاش ئۇسۇل ئوينايدىغان ئىشلار بارلىققا كەلدى ؟ . بىزنىڭ مۇقام ، خەلىق ناخشىللىرىمىز تارىختىن بۇيانقى مىللىتىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىسسىق-سوغاقلارنى بايان قىلىدىغان بىر قامۇستى . يېقىن زاماندىن تېكىستلەر كۆپلەپ ئۆزگەرتىلدى ، خەلىق ناخشىللىرىنىڭ تېكستلىرىمۇ ئۆزگۈرۈپ كەتتى .
ئەجداتلىرىمىز مەشرەپ سورۇنلىرىدا ھەق-ناھەقنى ئايرىپ ، ئەل ئىچىدىكى ناشايان ئىشلارنى قامچىلاپ . ياشلارغا ئەدەپ-ئەخلاق ئەل-ۋەتەننى سۆيۈش ، ئاتا-ئانىغا ھۆرمەت قىلىش ، خوشنا مەھەللە كويلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش ، بىر-بىرىگە ياردەم قىلىش ...دىگەندەك كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگۈنۈش پۇرسىتى يارىتىپ كەلگەن. مۇقاملىرىمىز مانا مۇشۇنداق مەشرەپ سورۇنلۇرىدا ئوقۇلۇپ كەلگەن . ئۇ پەقەت ناخشا بولماستىن يۇقۇردىكى تېكىستتەك ئاللاھقا مۇناجات ئېيتاتتىكەن . ھازىرقى سورۇنلىرىمىز ئاساسەن ھاراق-شاراپ ئاساس بولغان سورۇنلارغا ئايلاندى . كىم جىق ئىچەلىسە شۇ سورۇندا باشقىچە قىساپلىندىغان بولدى . ( ئەمما يېقىندىن ئىچىدىغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئازلىغاندەك  قىلىدۇ)
ئەگەر ئاغرىنىشقا توغرا كەلسە ، مۇقامدىن ئاغرىنماي ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مودا ناخشىللىرىدىن ، ئۇيغۇرچە پۇراقتىن ئەسەرمۇ يوق . ياۋرۇپانىڭ ، روسنىڭ ، كورىيەنىڭ ، ھىندىستاننىڭ ..... دىگەندەك ھەرخىل مىللەتلەرنىڭ ئاھاڭلىرىنى ئانچە-مۇنچە ئۆزگەرتىپ، پەدازلاپ  جان بېقىۋاتقان ، ئادەمنى غىدىغلايدىغان شەھۋانى ناخشىلارنى ئېيتىپ سەھنىلەردە چولپان ئاتىلىۋاتقان ، ناخشىچى ۋە ناخشىلارنى ئەۋۋەل ئويلۇشۇپ باقساق ، ئۇنىڭدىن كىيىن مۇقاملىرىمىزنى ئويلاشساقمىكىن دەيمەن .

2

تېما

3

دوست

3321

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17083
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 962
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 17:12:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yamgur. يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 16:16
ئەلۋەتتە، رەھمەت سىزگە.....ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ....

ئوشاق مۇقامى
سانايۇ ھەمدە بىھەت ئول خۇدايا خالىقۇل ئالەم،ياراتىپ ئالەمۇ تۇفراقىدىن ھەم خەلقىتىپ ئادەم.
ياراتىپ يەرۇ –ئاسماننى سەن ئۇنىڭ سۇنئىن تاماشا قىل،
ياراتىپ لەۋھىنى كۇرسى قەلەمنى ئەرشىنى ئەزەم.
ياراتىپ قۇدرەتىڭدىن ئەمبىياۋۇ- ئەۋلىيالەرنى،
دېدى دوستۇم ئۇلارنى ئەيلىبان ئۆز سىرلىرىغا مەھرەم.
ياراتىپ ئۇشبۇ ئالەمنى ئۆزىگە جىلۋىگەر ئەتتى،
ئەزىز ئەيلەپ مۇھەممەدنى قىلىپ پەيغەمبەرى خاتەم،
خۇدايا شۇكرىكىم بىزنى مۇھەممەد ئۈممىتى قىلدى.
مۇھەممەتنى قىلىبان بارچە پەيغەمبەرلىرى ئەزەم.
خۇدانىڭ دوستىنى ھەم دوست تۇتۇڭلار ئەي مۇسۇلمانلار.
شاپائەت ئەيلىگەي مەھشەر كۈنى ھەم پىرىڭ بولۇپ ھەمدەم،
ئىلاھا مەغفىرەت قىلغىن رەھمىتىپ قىلغان گۈناھىمنى،
كىلىپتۇ دەرگاھىڭگەبۇ ھۈۋەيدا بارچىدىن كەم –كەم.
تەرەھھۇم ئەتمىدى ئول گۈل مېنى شىكەستىگە زىنھار.
ۋىسالىڭ بادەسىدىن ئەل چەكتى مەن غېمىگە سازاۋەر،
سۇجۇدى كەبىئىي  دەۋىر ئەيلىسەم  ياھۇ تاڭ ئەرمەسكىم.
قولۇمدا ساغىرى سەربان دىلىمدە رىشتەئىي زۇننار،
جۇنۇن يولىگىچە چۈشتۈم يەتمىدى مەڭا مەجنۇن.
نى مۇلكى – مالىنى دېدىم كې ياھۇ يارىنى ئەغيار.
ۋاي سەبۇرى يا قەدەھ ئىچ بول بولما پاي مالى مالامات،
نەپەس غەنىمەتى ئايا زامانە تاڭلا نە ئوينار.
يار  ئىشىكىنى ئاچمىدى كاكۇلىنى قارا قىلۇر،
قاشلىرىنى قىلىچ ئېتىپ زۇلفىنى ئەجداھا قىلۇر،
ئول ساڭا بۇ سىياقىنى ئەيلىمەس ئەقلىڭ نادان،
بۇ ئەجەل ئۆلتۇرەلمىگەي ھەر نە قىلۇر خۇدا قىلۇر.
ئەھلى دىيارىدىن كېچىپ ئىشىقنىڭ يولىغا  يۈز قويۇپ،
ئەۋۋەلى گەدا قىلىپ ئاخىرى پادىشاھ قىلۇر
نەفسى ئىشىگە تويمىدى يەتتى بۇ كۆڭۈل سىرىنى ۋەج،
بەرگى دەرەختىن ئۆمرىنى بىر –بىرىدىن جۇدا قىلۇر.
ئەيلىمەس مۇخلىس تەجەللىي ئۇشبۇ دۇئانى مۇستەجىپ،
تەلۋە زەلىلىي يالۋىرىپ ھاجىتىنى ئىلتىجا قىلۇر.
دوست ئىگەم ئاللا بى بى ئاللا ۋايەي رەھمان كەرەم بار.

مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ بېرەي .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

634

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   26.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27264
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 17:18:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىر كۈنلەر كەلسە
مۇشۇ تېلۋىزوردا بېرىلىۋاتقان «ناۋا» « گۈزەللىك سىزدە» .... دىگەندەك «ئەزىز» پىروگىراممىلارنىڭ  سەھنىسىگە ئارىمىزدىن چىقىۋاتقان ئىلىم- پەن ئالىملىرى چىقىپ، « ئىلىم-پەن نىمە؟» « ئىمان سىزدە» « شەرمىي-ھايا سىزدە» «ئىلىم - ئېرپان سىزدە» دىگەندەك تىمىلاردا سۆزلەپ روھىيىتىمىزنى قاپلىغان غاپىللىق، مەھكۇملۇق، خۈنۈكلۈكلەرنى چىقىرىپ تاشلىۋەتسە، ئەلۋەتتە بىزمۇ ئايىغى چىقسا مەسچىتكە بارالايدىغان، تىلى چىقسا كىتاپ ئوقۇيالايدىغان دىگەن ناملارغا ئېرىشسەك، شۇ ناملاردىن يەھۇدىيلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىنى ئىلغار دەپ بىلگەندەك بىزنىڭمۇ مەدەنيىتىمىزنى پۈتۈن دۇنيا ئىلغار دەپ ئىتىراپ قىلسا، (دىىمىسىمۇ شۇنداق بولمىسا)  شۇ سەنئەتچى مىللەت، كاۋاپچى، يانچۇقچى مىللەت، .... مىللەت دىگەن ناملاردىن قۇتۇلۇپ ئىلىم سۆيەر مىللەت، تەتقىقاتچى مىللەت .....  دىگەندەك ناملاردا ئاتالساق، مەھمۇد، يۈسۈپ بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ يېڭى-يېڭى « دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» لەرنى، « قۇتادغۇبىلىك» لەرنى دۇنياغا جاكارلىساق........
ئىشقىلىپ شۇنداق بىر كۈنلەرنىڭ كىلىشىنى كۈتمەكتىمەن.

1

تېما

8

دوست

1919

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12457
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 240
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 17:50:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
musapirman يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 17:12
ئوشاق مۇقامى
سانايۇ ھەمدە بىھەت ئول خۇدايا خالىقۇل ئا ...

ھە، دەل مەن دەۋاتقان مۇقام تېكىستلىرى مۇشۇ ئىدى، ئەپسۇس، دىننى تۈس ئالدى دىدىمىكىن مۇشۇنىمۇ ئۆزگەرتىپ باشقىچە بىر مۇقامنى تىكلەپ قويدى......ھەي ئىسىت،
رەھمەت سىزگە يوللاپ بەرسىڭىز داۋامىنى بەكمۇ خۇش بولاتتىم سىزدىن

1

تېما

8

دوست

1919

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12457
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 240
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 17:55:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
musapirman يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 16:51
ئۇيغۇرلارنى ناخشا ئۇسۇل مىللىتى دىگۈزىۋاتقان ھازىرقى ...

بەك ياخشى ئىنكاس بوپتۇ بۇ، توغرا، كىچىك ۋاقىتلىرىم بولسىمۇ دادام رەھمەتلىك بىلەن ئاڭلىغان مۇقاملاردا تەسۋىرلەنگەن بۇ رەببىمگە شۇنداق ئاشىقلىقىم، سېغىنىشىم قوزغىلىپ كېتەتتى، مۇقامنى ئاڭلاۋىتىپ كۆزلىرىمگە ياش كېلەتتى، ھەتتا پەنجىگاھ مۇقامىنىڭ داستانلىرى ئېيتىلغاندىكى ۋەقەلىكلەر ئېيتىلىدىغان بولسا كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇپ ناخشىدا تەسۋىرلىنىۋاتقان پەيغەمبەرلەرگە ئىچىلىرىم سىيرىلىپ كېتەتتى.
بىر سېخى ئالەم بىنا قىلغاندىمەن بىللە ئىدىم.......
.......
...
..
زىكرىيارنىڭ باشىغە ھەرە قويۇپ پار ئەيلىدى ......دەيدىغان تېكىستىمۇ بارمۇ سىزدە ؟ شۇنى بىر تولۇقى بىلەن ئەۋەتىپ بەرسىڭىز سىزدىن بەكمۇ مەمنۇن بولاتتىم....

0

تېما

1

دوست

3071

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18016
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 920
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 20:18:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yamgur. يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 16:49
ئامىركىنىڭ نىمە سۈيقەستى بارلىقىنى بىلمەيدىغان ئوخش ...

ھېچ قاچان ھېچ بىر مەملىكەت يات بىر قەۋىمگە مۇدئاسىز ، مەقسەتسىزلا ياردەم قىلغان ئەمەس ، ھەم ياردەممۇ قىلمايدۇ ، ئىسىڭىزدە بولسۇن ھەرقانداق ئىشتا بايدا زىيان توقۇنىشى ھەم باردۇر ،  ئامىركا بولمىغان كۈننى تەسەۋۇر قىلىپمۇ بۇلالايسىز ، ياخشىلىقلىرىنى ئۆزىڭىز ماتىريال كۆرۈپ ئىزدىنىپ بىلۋالاسىز ......  ھېچ بولمىسا مۇشۇ كۈنلەرنى ئويلاپ بولسىمۇ چۈشۈنۋالاسىز ....

1

تېما

0

دوست

1116

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22397
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 14:46:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇردىكى   تاماگەرنىڭ   ئىنكاسىنى    قۇۋۋەتلىدىم.....ئامىرىكا  بولمىسا   نۆۋەتتە  مېنىڭ  پەمىلەم  ۋاڭ  سېنىڭ  پەمىلەڭ  جاڭ  بولۇپ  كېتەتتىمىكىنتاڭ.....

2

تېما

3

دوست

3321

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17083
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 962
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 22:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yamgur. يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 17:50
ھە، دەل مەن دەۋاتقان مۇقام تېكىستلىرى مۇشۇ ئىدى، ئەپس ...

نەچچە كۈن ئالدىراش بوپقېلىپ مۇنبەرگە كىرەلمىدىم ، بۈگۈن پۇرسەت بوپتۇ مۇنبەرگە كىرىشكە . ۋاختىم بولسىلام ياخشى مۇقەددىمە - داستانلارنىڭ تېكىستىنى يوللاپ بېرەي .  

پەنجىگاھ مۇقامىنىڭ مۇقەددىمىسى

يۈزۈڭگە بىخۇتانە سەجدە قىلدىم بىرىيا دەرلەر،
ئۇلۇغلۇق ھۆرمىتىدىن  ئاستانە  كىبرىيا دەرلەر.

پەرىزادى ئىرەمدىن زىيادە جىلۋە ئەيلەپسەن،
سېنى لەيلى رەنادەك ئاجايىپ دىل رەبا دەرلەر.

قۇياشنىڭ شۆھلەسى يەڭلىغ ئىشىق ئوتىدا كۆيدۈردۈڭ،
مېنى مەجنۇنى ھەيراندەك كويۇڭدا بىر گەدا دەرلەر.

ئەجەبدۇر ئەي شەھى خۇبان كېچە كۈندۈز ئىشىگىڭدە،
ھەمىشە مەن نەۋا قىلسام يەنە سەن بىنەۋا دەرلەر.

تەبەسسۇم ئەيلىبان تاكى نەزەر قىلساڭ گۆرۈستانغا،
قوپۇپ گۆردىن بارى مۇردە ھەمە ۋا ھەسرەتا دەرلەر.

چىمەنزارۇ كۆڭۈلنى غۇنچە يەڭلىغ داغى ئەيلەپسەن،
تاماشا ئەيلىگەن گوياكى دەشتى كەربالا دەرلەر.

لەبى لەئىلىڭدە كۆرگەچ نۇقتەئى خالىڭنى ھەيرەتتىن،
غۇلامى ھىندۇۋى شەككەر پۇرۇچى بىباھا دەرلەر.

كۆڭۈلدە بۇ ھەسرەتتىن بېلەكچە داغ ئەلەم يوقتۇر،
تېنىم كۆرگەچ بۇ تۇپراق ئۆزرە نەقشى بورىيا دەرلەر.

يۈرۈپ سوردۇم تېبىبلەردىن نەدۇر بۇ دەردىما دەرمان،
تېبىب ئېيتۇركى ئەي نادان بۇ دەردى بىداۋا دەرلەر.

ئېتىڭنىڭ  خاكىپايىغا  زەلىلى  كۆزىنى  سۈردى،
نەدا كەلدىكى قەسىرىڭدىن كۆزۈڭ سۈر تۇتىيا دەرلەر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )