مۇقام خانىشى ئاماننىساخاننى قايتىدىن بايقاش
ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى جاھانغا نامى مەشھۇر يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ۋەكىل كىشىلىرى سۈپىتىدە سانىلىدىغان، «نەفىسە» تەخەللۇسى بىلەن بىزلەرگە تونۇشلۇق بولغان خانىش ئاماننىساخان ۋە شۇنڭغا يانداش بىرقانچە مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنداق بىر تونۇشلارغا كىلىپ ھەرقايسڭزلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بىقىش تاماسىدا ئۈشبۇ پىكىردە چولتا، بايانغا كالتە نامەمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇپ تۇرۇپتىمەن.
ئەسلى دۇرۇس بولغىنىدا تارىخى نامە، تارىخى شەخىسلەرگە نامە يازغۇچىلار ئەسلى شۇ كەسىپنىڭ ئالى،ۋىجدانلىق،مۆتىۋەرلىرىدىن بولشى شەرت ئىدى. بىراق يۇقارقى سۈپەتتىكى ئاكابىرلارنىڭ مەن ئويلىغان نۇقتىنى مىنىڭ پىكىر قىلىش يولۇم بىلەن بايان ئەيلىشى مۇمكىن بولمىغانلىقى شۇنداقلا «خانىش ئاماننىسا» بىلەن «نەفىسە»نى مەركەزلىك بىرلا نۇقتىدىن،قىلىپلاشقان قىسسەلەردە شەرھلەۋىرشلىرىدىن ھىسسىلىرىم تويۇنۇپ كەتكەچكە، ئۇنڭدىن باشقا ئەڭ مۇھىمى مىنڭمۇ ئۆتكەن زاتىم توغۇرلۇق پىكىر بايان قىلىپ بىقىش ھوقوقۇم بولغاچقا مەندىن نامە سىلەرگە كەتتى.
كەمچىللىك، خاتالىق، بىرتەرەپلىمە قاراشلار بايقالغىنىدا بىر ئىلىك نامەڭلارنى ئايىماسلىقڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن كەمىنە : پەرۋەر
«ھازىرقى ئاماننىساخان» ۋە «ئەسلى ئاماننىساخان»
تارىخى تەزكىرلەرنى يازىدىغانلارغا ھەيرانمەن. گەپ-سۆزلەرگە كارامەت ئۇستا. شۇنچە ئۇزاق ئەسىرلەر بۇرۇنقى راس ياشاپ ئۆتكەن ۋە ياشىماي تۇرۇپ ئۆتكەن شەخىسلەرگە قايتىدىن جان بىرىپ، ئۇلارنىڭ تىلىغا ئۆزلىرىنىڭ ھىسياتلىرىنى، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دەۋىرنىڭ چاقىرقلىرىنى قوشۇپ، قايسىسىنىڭ راست،قايسىسىنىڭ يالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئاجايىپ تەسىرلىك دىئالوگلار بىلەن كىشىنىڭ دىلىنى مەسىتخۇش قىلىۋىتىدۇ.
ئۈشبۇ قالايمىقان يىزىلغان نامەم مۇناسۋىتىدىن شۇنداقلارغا مەندىن «بارىكاللا».
خۇددى يۇقارقىدەك يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانلىرىدىن بىرى بولغان سۇلتان ئابدۇرىشىدخاننىڭ، جامالىدىن بەكرەك چالغان ساتارىغا ئاشىق بىقارار بولۇپ،يامان تەستە ئالغان توقال(ئىككىنجى ئايالى) ئاماننىسانىڭ رومانتىكا ۋە لىرىكىغا تويۇنۇپ كەتكەن تۇنجى ئۇچىرشىش ۋەقەلكلىرى يۇقارقى سۆزۈمنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
شۇ ۋەقەلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «كاتتا فىلىم» «خانىش ئاماننىساخان» دىن قىسقىچە ئۈزۈندە ئىلىپ ئۈشبۇ نامەمنىڭ كەم يەرلىرىنى تولۇقلىماق تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىزلەر.
تەكلىماكان گىرۋىكىدىكى خالى بىر يۇرتدا،ئۈنى ياڭراق بىر قىزنىڭ ساتارى،يولدىن ئىزىپ قالغان،بارى يوق ئۈچ (سۇلتان ئابدۇرىشدخاننى قاتمىغاندا ئىككى قوغدىغۇچى) يولۇچىنى مەخمۇت ئوتۇنچىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كەلدى.
مانى قاراڭ،، ھەممە ئىش، ھەممە كەلگۈلۈك، ئىشقىلىپ بەك كۆپ ئىشلارنىڭ بىشى ئاشۇ سەھرالىق،تومپاي قىزنىڭ چالغان ساتارىنىڭ مۇڭلۇق كۈيىدىن، ئىيتقان ناخشىدىن باشلانغان بولدى.
سۇلتانغا بىغىشلانغان نەزمىلەرگە قوشۇلۇپ، ئەقىل-ئىدىراك،ھۆسنى-جامالدا تەڭ يىتىشكەن سەھرا قىزىغا تۇتاشقان ئىشىق ئوتلىرى، ئوتۇنچىنىڭ بىشىغا يا بەخىت يا ئازاپقا تەۋە بولمىغان بىر قۇشنىڭ قونىشى، خانىش ئاماننىساخاننىڭ، يەركەنىتنى مەركەز قىلىپ تەسەۋۋۇپ دائىرسى بۇ يىنى ئىسسىق كۆلدىن ئىشىپ،ئۇ يىنى چىن سىپىلىغىچە ئۆز سەلتەنەتىنىڭ جۇلاسىنى چاچقان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەلەتى،توقۇزاق ناھىيسىنىڭ باقمىچىلىق ئورۇنلىرىدىن پەرقى يوق ھالەتتە فىلىمگە ئىلىنغان (لىكىن،ئەسلىدە بەكمۇ كاتتا,ھەشەمەتلەك) ئوردىسىدا ئۇستاز قەدىرخان بىلەن چىچىلىپ تارىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى رەتلەپ، ۋاستىلىك ھالدا ئۆزئەجرىنىڭ كىيىنچە 12تەخسە DVD,VCD,CD قىلىپ ئىشلىنىپ چىقىشلارغا دەسلەپكى ئۇلنى سىلىشلار، بۇ خىزمەت تۈپەيلى ئۇيغۇر 12مۇقامىنىڭBDTتەرىپىدىن«دۇنيا غەيرى ماددى مىراسلار بايلىقى» دەپ ئىتىراپ قىلىنىشى بىلەن، بىز كىيىنكىلەرنىڭ «ناخشا-ئۇسۇلچى مىللەت»دىگەن ئۇتۇقلارغا ئىرىشىشىمىز، «ئاق تاغلىق-قارا تاغلىق» لارنىڭ سۈيقەستىدىن ھالاكەت ئوچاقلىرىدا ئىچىنىشلىق بوزلاشلارغىچە بولغان بىرقاتار راسىت-يالغان تارىخى ۋەقەلەر كىشىنىڭ ھەم خۇش قىلىپ ھەم قايغۇغا چۆكتۈرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئوتۇنچىنىڭ ساتار چالالايدىغان قىزى ئاماننىسانى كۈيلەش، مەدھىيلەش بىز ئەۋلادلارغا مىراس قالدى. بىز كۈيلىدۇق كۈيلىگەندىمۇ راۋۇرۇس كۈيلىدۇق. ئەگەردە ئۆلگەن كىشى ياتقان يىرىدىن قوپۇپ چىقالايدىغان بولسا ئىدى، ئاماننىساخان بىزدىن ئەمدى كۈيلىمەسلكنى ھەم كۆپ ئىشلارنى
ئۆتۈنگەن بولاتتى. بىراق بۇ مۇمكىن ئەمەسدە.
ئۇ بىزدىن-تانغىلى بولمايدۇ
ئوتۇنچىنىڭ قىزى ئاماننىسا ئاددىلا بىرقىز بولغىنى بىلەن «خانىش ئاماننىساخان» ئۇنداق ئەمەسدە.
ئاماننىسا خانىش بىزگە 12مۇقامدىن باشقا يەنە بىر ئالاھىدە سوۋغا-تەپرىقچىلكنى قالدۇرۇپ كەتتى.
لىكىن جىنىم چىقسىمۇ راسىت گەپ قىلىمەن، بۇ تەپرىقچىلكنى ئاماننىساخان قالدۇرپ كەتمىگەن. بۇنى قالدۇرۇپ كەتكىنى بولسا ھازىرقى زامانەمنىڭ جان باقار تارىخچىلىرى قەلىمى ئاستىدىكى «ھازىرقى زاماندىكى خانىش ئاماننىساخان» قالدۇرۇپ كەتتى.
_ پۈتۈن خانلىق مۇشۇ غەزەلچى قانجۇق بىلەن زاۋاللىققا يۈز تۇتتى.
_ ئاماننىساخان بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى، ئۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياد ئىتىلىدۇ.
_شەيتاننىڭ لەشكىرى....
_ مۇقام خانىشى....
مانا بۇ «ھازىرقى زاماندىكى خانىش ئاماننىساخان»نىڭ تولۇق غەلبىسى. ئۇ بۈيۈك تىپدا مەدھىيلەندى، يۇقىرغا كۆتۈرۈلدى. ئىتقادىمىزنىڭ مۇرەسسەسىز،يول قويۇلمايدىغان بۇيرۇقلىرىغا ئاپىرىپ تاقاشتۇرۇلدى.
كىملىك بىلەن ئىتقادنىڭ تاللىشى ئاستىدا ئاسانلا ھاياجانلىنىپ كىتىدىغانلار يىڭى بىر دەۋىردىكى «ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق»توپىنى بارلىققا كەلتۈردى.
ئوتۇنچىنىڭ قىزى «ئەسلىدىكى ئاماننىسا» بۇلارغا جاۋاپكار بولماسلىقى كىرەك. ئۇ قىزنىڭ چىرايلىق ئۈنى،ياراتقۇچىنىڭ بەرگەن نىئمىتى. ئاللاھ خالىغىنىغا ئاشۇنداق بىرىدۇ. ئۇ قىز سازغا ماھىركەنتۇق، ئارىمىزدكى تالاي ئانىلىرىمىزمۇ سازلارنى چىرايلىق چالىدۇ. شۇ كارامىتى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت (خاندانلىقى) گۇمران بولغىنى يوق. سەھنىلەردە ئوقۇغان ناخشىلىرى، چالغان سازلىرى بىلەن ئالغان ئاتىقىنى، پۈتۈن ئەلنى بىرلككە كەلتۈرگەن ھەر نامى مەشھۇر سەركەردىلىرىمىز ئۆمىرىدە بىر ئاڭلاشقا خۇشتار بولالمىغان«ئەل سۆيگەن، ئەلنى سۆيگەن...» دىگەندەك تالاي ئورۇنسىز،سەھنە مەدھىيەلىرى ۋە رىفلىكىسكە ئايلىنىپ كەتكەن چاۋاك سادالىرى ئىچىدە،بىزلەرگە ھەرقانداق يەردە ۋەكىل بولۇپ سانىلىۋاتقان سەنئەت پىشۋالىرىمىزنى نىمە دەيمىز؟ ئۇلار شەنىگە نىمە بولامىز؟يانا 50يىل ئۆتكەندىن كىيىنمۇ ئاشۇنداق ھاقارەتلىك سۆز بىلەن تىللاپ تۇرۇپ مەدھىيلەيدىغىنىمىزنى ھەق دەمدۇق ياكى قارا يۇمۇر دەمدۇق؟.
مەيلى ئاماننىسانى تىللامدۇق ياكى مەرەمنىسانى تىللامدۇق ئوخشاشلا بىر ئىش، ئۇ بىزدىن-تانغىلى بولمايدۇ. ئۆتكەن تارىخ ئۈچۈن تىرىقدەك چىچىلىشقا بولمايدۇ، تەپرىقچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ.
ئۈستىنكى ئابزاسنى ئوقىمىسڭىزمۇ تۆۋەنكى قۇرنى كۆرۈپ قويۇڭ، زىيان قىلماس
ئاماننىساخان ئورىدىغا كىرىپ پۈتۈن ئەل غەزەلچى-سازەندە بولۇپ كەتكەن ئىش ئەسلا يوق،ھەم بۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇ دەۋىردىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشلىرى،ئەل-ئاۋامدىكى پاراۋانچىلقلارنىڭ كۆپ بولغانلىقىنى كۆز يۇمغۇسىز ھەقىقەت.
شۇ دەۋىرلەردكى،يات ئىتقادلاردا يۈرۈشكەن قەۋىملەرنىڭ ئوردىسىدىكى ۋە ئەل-ئاۋام ئارسىدىكى «قىلىقىغا چەك يوق، تىنىگە كىيىم يوق» نەغمە-ناۋا،ھاياسىز بەزمىلىرىدىكىلەرنىڭ شۇلارنىڭ زەبۇن بولغان تارىخىغا دەستەك بولماقتا يوق، ئۇلاردىن بولغان ئەدىب، شائىر، يازغۇچى...لارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تونۇتۇلۇپ، بىزلەرنىڭ كۆزىمىزگە تىقىۋەتكۈدەك بولغان تەپەككۇر يولى توغۇرلۇق ئازراق بولسىمۇ ئويلۇنۇپ قويغۇلۇقدە.
دىمەك ئۆزگىلەر بىر دۆۋە كۈلىدىن كۆيمەي قالغان ئاراچلارنى ماتىلاپ تىپىۋىلىپ، سىيلاپ-سىيپاپ «گۆھەر»گە ئايلاندۇرغانلىرىدا بىز نىمىلەرنى قىلدۇق؟ بىربىرىمىزگە نىمە ئىزا-ئاھانەتلەرنى قىلمىدۇق؟ قىلغىنىنىڭ تايىنى (ئانام-دادام كۆرمىگەن نىمىلەر)،«مەشھۇر ئالىم، ئەدىب» سانلىپ بالىلىرىمىزنىڭ ئىمتاھان قەغەزلىرىدە ھالقىلىق سۇئال سۈپىتىدە «بۇ كىم؟ قاچان،نەدە تۇغۇلغان؟ نىمىلەرنى قىلغان؟؟؟؟؟»دەپ سورىلىپ يۈرگەنلەردە،ئايال تۇرۇپ شۇنچە چوڭ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان كىشىمىز تۈپەيلى ئىككى تاغلىق بولىۋىلىشلىرىمىزنى ھەر كۆرگەندە كىشىنىڭ«ئىسىت سىنىڭ ھالڭغا» دەپ بوزلاپ يىغلىغۇسى كىلىدۇ.
2014-يىلى24-ئۈمىد
|