قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: hanjar0903

مائارىپ نازارىتىنىڭ قىلغىنى توغۇرىمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

5

دوست

3587

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8678
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 766
تۆھپە : 584
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 15:16:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahlak321 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-4 10:28
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەنزۇچە ،ئۇيغۇرچە كە ...

رەخمەت سىزگە! سىز دىگەندەك قىلىپ باقايلى!

0

تېما

0

دوست

704

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   40.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28176
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 19:05:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما يوللىغۇچى قېرىنداشلىرىمىز ،بولسا ھەركۈنى يوللىغان تىما توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ دىققەت قىلغان قىلمىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بىرىپ تۇرساڭلار .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 14:29:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە ئىلان قىلغان ۋاكالىتەن دەرس ئۈتكەن ئۇقۇتقۇچىلارمەسىلىسنى ھەل قىلىش چارىسى دىگەن تېمىنى تاپقىلى بۇلارمۇ ؟948839916چچ

3

تېما

5

دوست

3587

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8678
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 766
تۆھپە : 584
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 23:42:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
albax يوللىغان ۋاقتى  2014-5-8 14:29
تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە ئىلان قىلغان ۋاكالىتەن دەرس ئۈتكەن ...

مەنمۇ2010-يىلى تەڭرى تاغ مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان ھۈججەتنى تاپالمايۋاتىمەن.

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 16:07:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hanjar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-8 23:42
مەنمۇ2010-يىلى تەڭرى تاغ مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان ھۈجج ...

مەنمۇ ئىزدەپ باقتىم ، بىر ئامال قىلىپ تاپساق بۇلاتتى ..........................تاپالىسىڭىز ماڭا ئۇنتۇلماي يوللاپ بەرسىڭىز .............مەن چۈشكەن كەنىتتە مۇشۇنداق ئىش باركەن ، ياردەم قىلماقچىدىم .

3

تېما

5

دوست

3587

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8678
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 766
تۆھپە : 584
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 21:22:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
albax يوللىغان ۋاقتى  2014-5-9 16:07
مەنمۇ ئىزدەپ باقتىم ، بىر ئامال قىلىپ تاپساق بۇلاتتى . ...

بۇلىدۇ. تاپسام مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللايمەن.

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 17:45:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hanjar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 21:22
بۇلىدۇ. تاپسام مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللايمەن.

بۇلىدۇ ، ساقلايمەن..............

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29744
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 19:58:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار رەسمىيلەشتۈرۈلىدۇ


ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ دېجۇڭنى زىيارەت


جىڭ بو

     يادرولۇق ئەسكەرتمە: يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتىدىغان (代课教师)ئوقۇتقۇچىلار مەسىلىسى ئۇزاق بولغان، چېتىلىدىغانلار كۆپ، جەمئىيەت ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇرەككەپ تارىخىي قالدۇق مەسىلە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقان زور مەسىلىگە ئايلاندى.
     يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ۋە يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلار مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون 2009 – ۋە 2010 – يىلى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ چەت، يىراق يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە نىشانلىق ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى ئېلان قىلىپ، سىياسەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مالىيەدە قوللاپ، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، بۇ مەسىلىنى نېگىزىدىن ھەل قىلىش ئىرادىسىگە كەلدى. مۇخبىرىمىز ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ دېجۇڭنى يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار نىشانلىق تەكلىپ قىلىنىدۇ
    مۇخبىر، ئاپتونوم رايون يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟
    جاۋ دېجۇڭ: ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ چەت، يىراق يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە نىشانلىق ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەرتى توشىدىغان ئىشتات سىرتىدىكى يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى نىشانلىق تەكلىپ قىلىش ئۇسۇلى بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلغىلى ھەم تەكلىپ قىلىش دائىرىسىنى يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بىلەنلا چەكلىگىلى بولىدۇ ھەم ئۇ لاياقەتلىك بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈۋاتقان، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى رەسمىي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا قوبۇل قىلىشقا پايدىلىق. شۇڭا، جايلار كونكرېت تەكلىپ قىلىش مەشغۇلاتىدا لاياقەتلىك بولۇش – بولماسلىققا ئەھمىيەت بېرىشى شەرت، ئۆلچەمنى قايرىپ قويۇپ ئاددىيلا قوبۇل قىلسا بولمايدۇ.
     مۇخبىر: نىشانلىق تەكلىپ قىلىشنىڭ ئوبيېكتى ۋە شەرتى قايسىلار؟
    جاۋ دېجۇڭ: ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە، نىشانلىق تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتلىرى 2008 – يىلى 31 – دېكابىردىن ئىلگىرى ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك مائارىپ ئىدارىلىرى بىر تۇتاش تەكلىپ قىلغان، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىلى بەش يىلدىن ئاشقان يېزا – بازار، كەنت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرى(ناھىيە بازىرىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دىكى ئىش ئورنىدىكى، ئىشتات سىرتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار، دەپ بەلگىلەنگەن. بەلگىلىمىدە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىلىرى بىر تۇتاش تەكلىپ قىلغان، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىلى بەش يىلدىن ئاشقان، شۇنداقلا ئىش ئورنىدا بولغان بولۇش تەلىپى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، بۇلار جەزمەن ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەردۇر.
     نىشانلىق تەكلىپ قىلىشنىڭ شەرتلىرى يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، مۇنتىزىم ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش شەرتىگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنرەك بولىدۇ، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا مۇۋاپىق قويۇۋېتىلىدۇ. جايلار شەرتنى كونكرېت تەتبىقلاشتا پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى ھەم مۇۋاپىق جانلىق بولۇشى، بولۇپمۇ جاپالىق، چەت، يىراق يېزا مەكتەپلىرىدە ئۇزاق يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، مول ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىپ، سىياسەتتە مۇۋاپىق مايىللىشىش ۋە ئېتىبار بېرىش كېرەك.
     مۇخبىر: قانداق ئۇسۇلدا نىشانلىق تەكلىپ قىلىنىدۇ؟
    جاۋ دېجۇڭ: بۇ قېتىمقى نىشانلىق تەكلىپ قىلىشتا، يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئاساس قىلىنىپ، ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشتىكى يېزىقچە، ئېغىزچە ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلماي، دەرس ئۆتۈش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش چارىسى ئارقىلىق تەكلىپ قىلىنغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي دەرس ئۆتۈش ئىقتىدارى سىنىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تەقدىرلىنىش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارغا نۇقتىلىق ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ئورنى ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي دەرس ئۆتۈش سەۋىيەسى ئىگىلىنىدۇ. ئومۇمىي تەلەپ: رەسمىي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا تەكلىپ قىلىنىدىغان ۋاكالىتەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئەمەلىي ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى، تەكلىپ قىلىنغاندىن كېيىن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇشى شەرت، بىر تەرەپتىن تولۇقلىسا، بىر تەرەپتىن يېتىشمەيدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەسلىكى كېرەك.
     مۇخبىر: نىشانلىق تەكلىپ قىلىشتا ئېھتىياجلىق ئىشتات قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟
    جاۋ دېجۇڭ: ھۆججەتتە مۇنداق بەلگىلەنگەن: نىشانلىق تەكلىپ قىلىدىغان مەكتەپتە بوش ئىشتات بولسا، نىشانلىق تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچى شۇ ئىشتاتقا سەپلىنىدۇ. نىشانلىق تەكلىپ قىلىدىغان مەكتەپتە ئىشتات توشقان ياكى ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئاپتونوم رايوندىكى ئىشتات تارماقلىرى ئىختىساسلىقلار زاپاس ئىشتاتىدىن ھەل قىلىدۇ. نىشانلىق تەكلىپ قىلىنغۇچىلار ئىختىساسلىقلار زاپاس ئىشتاتىغا سەپلەنسە، مەخسۇس ئىشتاتنى مەخسۇس ئىشلىتىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ نورمال ئىشتاتىغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلانغىلى، ئىشتاتنى ھەقىقىي ئىسمى بويىچە باشقۇرغىلى، قىسقارتىشقىلا بولىدىغان، ئايلانمايدىغان، بىرى چېكىنسە بىرى قىسقارتىلىدىغان ئۇسۇلنى قوللانغىلى بولىدۇ.
     مۇخبىر: نىشانلىق تەكلىپ قىلىنغان ۋاكالىتەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلىش مەسىلىسى قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟
    جاۋ دېجۇڭ: ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››گە ئاساسەن، نىشانلىق تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار تەكلىپ قىلىنغان خىزمەت ئورنىدا ئاز دېگەندىمۇ ئالتە يىل خىزمەت قىلىشى كېرەك، تەكلىپ قىلىنغان مەزگىلدە خىزمەت ئورنىنى تەڭشەشكە بولمايدۇ. بۇ بەلگىلىمە يېزىلاردا لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تۇتۇپ قالالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان، ئۇزاق مەزگىللىك مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالاش يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى رەسمىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئالدىنقى شەرتلەرنىڭ بىرى. جايلار سىياسەتنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئۆتكەلنى مەھكەم ئىگىلەپ، توختام مەزگىلىدە تەلەپكە يەتمىگەن يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ۋاكالىتەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۆتكىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەسلىكى كېرەك، خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ رەسمىي ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئۆزلۈكىدىن ئەمەلدىن قالىدۇ، ئۇلارنى قايتا تەكلىپ قىلىشقا بولمايدۇ.
يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات مەسىلىسى كۆپ يول ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ
    مۇخبىر: يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلاردىن قانداق سالاھىيەتنى ھازىرلىغانلىرى سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ؟
    جاۋ دېجۇڭ: ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››دە: ناھىيە (شەھەر)لىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق تەكلىپ قىلىنغان ياكى ناھىيە (شەھەر)لىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئېتىراپ قىلغان يېزا (بازار)، كەنتلەردىكى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر (پۇقرالار ئاچقان، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىدىغان، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويغان مەكتەپلەرنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) ئۆز ئالدىغا تەكلىپ قىلغان ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلاردىن 2008 – يىلى 31 – دېكابىردىن بۇرۇن شۇ يېزا – بازار، كەنتتىكى يېزا مەجبۇرىيەت باسقۇچىدىكى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپتە ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكەن ۋاقتى بىر يىلدىن ئاشقانلىرى بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلىرىدا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكەنلەر بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ يېزىلىرىدا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكەنلەر بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شارائىتى جاپالىق بولغاچقا، ناھىيە بازىرىدا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلارمۇ بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. يەنە شۇنى ئالاھىدە چۈشەندۈرۈپ قويۇش زۆرۈركى، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردا قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
     مۇخبىر: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلىرىدا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات مەسىلىسى قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟
    جاۋ دېجۇڭ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلىرىدا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات مەسىلىسى مۇنداق بىرقانچە يول ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ:
     بىرىنچى، ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىلىدۇ. يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشتە، ئاساسلىقى ‹‹ئەمگەك قانۇنى›› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىپ، ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكەن ۋاقتىغا قاراپ مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىلىدۇ. كونكرېت ئىقتىسادىي تولۇقلىما ئۆلچىمىدە ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكەن يىل سانى ئاساس قىلىنىدۇ، ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكەن ھەر بىر يىلىغا ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى شۇ ناھىيە (شەھەر)دىكى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ بىرئايلىق مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىلىدۇ.
     ئىككىنچى، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە يوللىرى كۆپەيتىلىدۇ. ئاپتونوم رايون مۇنداق بەلگىلىدى: ناھىيە(شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا، يەر ھۆددە ئېلىشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى ھەم ئېتىبارلىق سىياسەت تۈزۈپ يار – يۆلەك بولۇشى كېرەك.
     يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلار مۇئەييەن ئوقۇش تارىخى، مۇئەييەن بىلىمگە ئىگە بولۇپ، يېزىلاردىكى مەدەنىيەت ساپاسى بىرقەدەر يۇقىرى كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئاپتونوم رايون كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى بولغاندا، يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى كەنت دەرىجىلىك زاپاس كادىرلار سۈپىتىدە كەنت كادىرى نامزاتىغا كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشنى، بۇنىڭ كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ياخشى تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
     ئاپتونوم رايون ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى››نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، باشقۇرۇشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش چارىسى››نى ئېلان قىلىپ، يېزىلاردىكى جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورۇنلىرىنى يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتىشنى، ئوخشاش شارائىتتا يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئالدىن تەكلىپ قىلىپ، كۆپ قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.
     ئۈچىنچى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئاپتونوم رايون يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلاردىن شەرتكە توشىدىغانلىرىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ ئىككى بۆلەك بويىچە ھەل قىلىنىدۇ:
     (1) يېزىلارنىڭ يېڭىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. يېزىلارنىڭ يېڭىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا تاپشۇرىدىغان ھەق بىرقەدەر ئاز بولغاچقا، يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تاپشۇرالايدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يېزا نوپۇسى بولۇپ، يېزىلارنىڭ يېڭىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
     (2) يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلاردىن شەرتكە توشىدىغانلىرى شەھەر، بازارلاردىكى كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ ھەم مالىيە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ. يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارغا ئالاقىدار سىياسەت تەتبىقلانغان بولۇپ، ئۇلارنى ئىختىيارىي بولۇش ئاساسىدا شەھەر، بازارلاردىكى كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىتىدە بۇنىڭغا ئالاقىدار چارە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا توشقان ياكى ئېشىپ كەتكەن يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى بەلگىلەنگەن ياش چەكلىمىسىگە يەتكىچە داۋاملىق تاپشۇرسىمۇ ياكى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ. بۇلارغا دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتىنى تەتبىقلاشقىمۇ بولىدۇ.
      تۆتىنچى، مالىيە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېزىلارنىڭ يېڭىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىۋە شەھەر، بازارلاردىكى كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقاندىن كېيىنكى ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، شەخسىي تاپشۇرىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكەن يىل سانى، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەم بويىچە مالىيەدىن بىر قېتىمدىلا چىقىم قىلىنىدۇ. كونكرېت تولۇقلىما ئۆلچىمى مۇنداق بولىدۇ: ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكەن ۋاقتى بەش يىلغا توشمىغانلارغا مالىيەدىن تولۇقلىما بېرىلمەيدۇ؛ بەش يىلدىن ئون يىلغىچە(بەش يىلنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) بولغانلارنىڭ ھەر بىرىگە ئوتتۇرىچە 5000 يۈەندىن تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكەن ۋاقتى ئون يىل (ئون يىلنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئاشقانلارنىڭ ھەر بىرىگە ئوتتۇرىچە 10مىڭ يۈەندىن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.
      بەشىنچى، شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئاپتونوم رايون يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەت بويىچە، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ ھەم تۈرگە ئايرىپ ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئەڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
       شۇنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش زۆرۈركى، يەرلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان يېزىلاردا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتۈپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلار يۇقىرىقى سىياسەتتىن بەھرىمەن بولمايدۇ. يەرلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى سىياسىتى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىتىدە پەرق بولسا، ئاپتونوم رايون ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىدۇ.
مەنبە :شىنجاڭ گىزىتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )