- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
9.02%
|
dinarogli يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 14:47
يەنە بىر ئىش كاللامدىن ئوتمەيدۇ بىتىم بۇزۇلغاندا 1947-ي ...
كۆپچىلىككە مەلۇم بولۇشى مۇمكىن، ماتېرىياللاردىن قارىغاندا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىر قوللۇق پىلانلىغان ھەم ھەرقايسى جەھەتلەردە ياردەم بەرگەن. ئىنقىلاب پارتىلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي خەلقئارادا فاششىزمغا قارشى كۈرەش غەلىبە قىلغان، يەنى 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، ئۇرۇش قوزغىغان گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەسلىم بولغان. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق خەلقئارا كۈچلەرنىڭ بېسىمى ۋە تەلىپى ئاستىدا مىللىي ئارمىيەمۇ ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇر بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى، جۇڭگو، ئامېرىكا- سوۋېت باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەسىرىدىكى دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئەسلى مەقسىدى- تىنچلىق. شۇڭا 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۇنيادىكى دۆلەت- رايونلاردىكى ھەربىي كۈچلەر مانا مۇشۇ تېنچلىقتىن ئىبارەت ئاساسىي ئېقىمغا تولۇق ۋە شەرتسىز ماسلىشىشى كېرەك. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مىللىي ئارمىيەنىڭ داۋاملىق ھالدا ئۇرۇش قىلىشى چەكلەنگەن، ئۇرۇش قىلىش ئارزۇسى بولسىمۇ قاندۇرۇلمىغان. سەۋەبى سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ئىنقىلابقا ھەربىي كۈچ جەھەتتىن زور ياردەملەرنى بەرگەن ۋە بېرىۋاتقان بولغاچقا، مانا مۇشۇنداق زور تېرەكتىن ئايرىلىپ قالغان شارائىتتا يەنە قانداق بولماقچى؟
ئەمدى 1947- 1949- يىللاردىكى ئەھۋالغا قارىساق، بۇ تېخىمۇ ئېنىقكى، مۇسكىۋا تەرەپ ۋەزىيەت كۈزەتكەن، ئاخىرىدا جۇڭگو كومپارتىيىسى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ھەممە ئىشلار ھازىرقىدەك بولۇپ كەتكەن.
مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندىنى تىللايدىغانغا نېمە ئاساسىمىز بار، ئۇنى خائىن دەيدىغانغىچۇ؟
بىلىشىمىز كېرەككى، ئۇ ۋاقىتتىكى تارىخ، بولۇپمۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن ئىبارەت بۇ خەلقىمىزنىڭ جەڭگۋارلىققا تولغان ئەشۇ تارىخى تولىمۇ سىرلىق ۋە پەۋقۇلئاددە بىر تارىخ. شۇ تارىخنى ھەقىقىي بىلىدىغانلار، باش بولۇپ پىلانلىغانلار ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بۇ يۇرتتىن يوقىلىپ كەتكەن، يىللارنىڭ ئۆتۈشى، ياشنىڭ چوڭىيىشى، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكى.... قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن ئىشلار مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. شۇڭا كەلسە- كەلمەس ئۆلۈپ كەتكەن بىر مويسىپىتتىن ئاغرىنمايلى. شۇ ۋاقىتتا ھېلىغۇ بىر سەيپىدىن ئەزىزى ئىكەن، ئون سەيپىدىن بولسىمۇ ھەتتاكى مەرھۇم ئەخمەتجان ئەپەندىلەر ھايات بولغان بولسىمۇ نۇرغۇن ئىشلارغا مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى. بەزى ئىشلاردىن ئاغرىنىش توغرا كەلسە مىللىتىمىزنىڭ قان- قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئىناقسىزلىقى، ھەددىدىن زىيادە ئاقكۆڭۈل، ساددىلىقىمىز، تار مەنپەئەتپەرەسلىك بىلەن بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان مىجەزىمىز، بېكىنمە، گول ھالىمىزدىن كۆرۈش كېرەك (ھازىرمۇ شۇنداققۇ؟). ئۇنىڭدىن قالسا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ 1944- يىلى ئەمەس، 1942-1943- يىللىرى قوزغالمىغانلىقىدەك كېچىككەن ئىنقىلاب بولغانلىقىدىن ئاغرىنىش كېرەك. ئەمدى بولسىمۇ ئۆزىمىزنى تۇتىۋالايلى، كەلسە- كەلمەس باشقىلارنى تىللىمايلى، ئۆتكەن كۈندىن ئاغرىنمايلى، ئىناق- ئىتتىپاق بولۇپ، ئەۋزەل شارائىتىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئىلىم- پەن، ئىقتىساد ئارقىلىق كۈچلەندۈرۈپ، يۇرتىمىزغا، ئاجىز- غېرىپلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى. ھە دېسىلا غەيۋەت- شىكايەت قىلىپ، ھە دېسىلا ھېلى ئۇنى- ھېلى بۇنى ئېغىزىمىزغا كەلگەنچە تىللاپ ئولتۇرۇشتىن باشقىنى بىلمىسەك ياخشى بولماس.
سوغۇققان بولۇپ، ئۆزىمىزنىمۇ- ئۆزگىنىمۇ ئايايلى. |
|