قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4684|ئىنكاس: 73

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ چۆچەكتىكى چاغلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 03:55:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ چۆچەكتىكى چاغلىرى

         
   سەيپىدىن ئەزىزى 1937-يىلى « چۆچەك گېزىتخانىسى » غا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، دەسلەپتە قارا خىزمەتچى، كېيىن تەرجىمان، تەھرىر بولغان. سەيپىدىن ئەزىزى تۇنجى ئەسىرى «بىرلىك سەپ» دېگەن شېئىرنى 1938-يىلى چۆچەكتە يازغان. شۇنىڭدىن كېيىن «يېتىم توختى»، «شانلىق قۇربان»، «زامانقۇل»، «ئىككى مەنزىرە»، «يادىكار»، «18-سېنتەبىر»، «شانلىق غەلبە»، «چاقىرىلمىغان مېھمانغا سوۋغا» قاتارلىق ھېكايە،پوۋېستلىرى؛ «باي ۋە مالاي»، «ئىككى بايغا بىر مالاي» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى شۇ دەۋردە چۆچەكتە يېزىلىپ ۋە تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر سانائىي نەفىسە تەرىپىدىن چۆچەك سەھنىسىدە ئويناپ چىقىلغان .

سەيپىدىن ئەزىزى بىر تەرەپتىن گېزىتخانىدا ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن، « مەھمۇد قەشقەرى » نامىدىكى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى، « پالتابايېف مەكتىپى »، « گىمنازىيە »، « ئوقۇتقۇچىلار كۇرسى » قاتارلىق مەكتەپ ۋە كۇرسلاردا دۇنيا تارىخى، ئەدەبىيات، سىياسىي ئىقتىساد قاتارلىق دەرسلەرنى بەرگەن، بەزى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلىگەن .

   1930-يىللارغا كەلگەندە چۆچەك خەلقىنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى باشقا جايلاردىن تېزىراق بولغان. چۈنكى بۇ مەزگىللەردە چۆچەك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆۋەندىكى ئۈچ ئامىل سەۋەپ بولغان :

   (1) چۆچەكنىڭ 1852-يىلى چېگرا سودا شەھىرى بولۇپ بېكىتىلىشىدىن باشلاپ غەرب بىلەن شەرقنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆتكىلى بولۇشى .

   (2) 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇر، تاتار، ئۆزبىك، قازاق ۋە رۇس زىيالىيلىرىنىڭ ھەر تەرەپتىن چۆچەككە توپلىنىشى چۆچەك مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى. 1901-يىلى « ئۆمۈرىيە مەكتىپى »، 1911-يىلى « گۈلەندەمىيە مەكتىپى »، 1913-يىلى« تۇران مەكتىپى »، « ئۇيغۇر ئەرلەر مەكتىپى » قاتارلىق مەكتەپلەر قۇرۇلغان. 1930-يىلىغا كەلگەندە « مەھمۇد قەشقەرى » نامىدىكى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى، « نەمۇنە » نامىدىكى « ئۆزبىك مەكتىپى »، « دۆرتىۋىل مەكتىپى »، 1939-يىلى « چۆچەك گىمنازىيە مەكتىپى » قاتارلىق مەكتەپلەر قۇرۇلغان. گىمنازىيە ئەينى يىللاردا شىنجاڭدىكى مۇكەممەل كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرسى ھېسابلىناتتى، 1954-يىلى شىنجاڭ بويىچە تۇنجى 10-سىنىپ مۇشۇ گىمنازىيىدە ئوقۇش تاماملىغان. بۇ يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشى چۆچەك خەلقىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ باشقا جايلاردىن ئىلغار بولۇشىغا پۇختا ئاساس سالغان .

   (3) سەيپىدىن ئەزىزى، ئابلىمىت ھاجىينۋ قاتارلىق سوۋېت ئىىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن زىيالىيلارنىڭ چۆچەككە كېلىشى چۆچەك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان .

   1938-يىلى چۆچەك شەھىرىدىكى بىر قىسىم بايلار ۋە سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق بىر قىسىم زىيالىيلار ئىئانە توپلاپ « چۆچەك خەلق باغچىسى » ( ھازىر خەلق مەيدانىغا ئۆزگەرتىلدى ) نىڭ ئىچىدىكى تاملىرى سېرىق، ئۈستى قاڭالتىرلىق ياۋروپا پاسونىدىكى « خەلق كۇلۇبى » نىڭ پۈتۈشىگە زور تۆھپە قوشقان .

   چۆچەك شەھىرىدىكى « مەھمۇد قەشقەرى » ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى (1932-1952) دە ئوقۇغان، شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولغان پىشقەدەم مائارىپچى مەريەم تۇردىبايىۋا سەيپىدىن ئەزىزى توغرىسىدا توختىلىپ  :

  سەيپىدىن ئەزىزى چۆچەك گېزىتخانىسىدا ئىشلەۋاتقان چاغلاردا مەكتىپىمىزگە كېلىپ لېكسىيە ئوقۇغۇچىلارنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيلەيتتى. سەنئەت جەھەتتە ھەر خىل تېمىدىكى قىسقا درامىلارنى يېزىپ، بىزگە رول ئېلىشنى ئۆگىتىپ سەھنىلەرگە ئېلىپ چىققۇزاتتى. سەيپىدىن ئەزىزى يېزىپ بىز رول ئېلىپ چىققان « ساۋاتسىزلىق » دېگەن دراما ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ئىسمائىل ھاجى مەسىماخۇن مۇنداق دېدى: 1942-يىللىرى مەن « پالتابايېف ئۇيغۇر ئەرلەر مەكتىپى » دە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا سەيپىدىن ئەزىزى تارىخ دەرسى بېرىدىغان، ئېسىمدە قېلىشىچە، بىزگە ھەپتىسىگە ئىككى سائەت دەرس ئۆتەتتى. سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن بىز ناھايىتى يېقىن ئىدۇق .ئۇ بەزىدە بىزگە مۇئەللىم بولسا، بەزىدە دوستىمىز بولاتتى، ئۆزى بەك چىقىشقاق، پاراڭچى ئىدى .

   چۆچەك دىيارىنىڭ ئاشىل يېزىسىدا « سەيپىدىن يولى » دەپ بىر تاشيول بار. 1976-يىلى ئىيۇل ئاشىل يېزىسى ئۈچۈن ئەستىن ھەرگىز چىقمىغۇدەك كۈنلەر بولۇپ قالدى، چۈنكى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئاشىل يېزىسىغا كېلىدىغانلىقى (2-قېتىم) توغرىسىدا خەۋەر كەلگەنىدى .

   شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ، ئاپتوموبىل ماڭغىلى بولمايدىغان ئاشىل يېزىسى بىلەن ئابدىرا يېزىسى ئارىلىقىدىكى 12Km يولنى ئىككى يېزا خەلقى 55 تىپلىق تراكتور، ئات ھارۋا، ئۆكۈز ھارۋا بىلەن 3000 دىن ئارتۇق ئادەم بىر كېچە-كۈندۈز ئىشلەپ پۈتتۈرۈۋەتكەن ئىدى. شۇ كۈننىڭ ئەتىسى سەيپىدىن ئەزىزى بۇ يېزىغا ئۇلار ياسىغان يول بىلەن بىمالال كېلىپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ كەتتى. مانا شۇ يىلدىن باشلاپ تاھازىرغىچە ئاشىللىقلار ئاشۇ يولنى « سەيپىدىن يولى » دەپ ئاتاپ كەلمەكتە .

   ئۇلار يەنە 1978-يىلى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ قازاق قىشلىقىغا بىر زەنجىر تراكتور ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىنى، قىشلاقتىكىلەر ئاشۇ تراكتورنى ئۇزاق يىل « سەيپىدىن تراكتورى » دەپ ئاتىغانلىقىنى، سەيپىدىن ئەزىزى قىشلاقتا بىر تۈپمۇ دەرەخ تىكىلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى تەنقىدلىگەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن قىشلاقتىكىلەر سەپەرۋەرلىككە كېلىپ دەرەخ تىكىپ ئورمان بىنا قىلىنغانلىقىنى، 2003-يىلى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كۆز يۇمغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلىنغانلىقىنى سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيدۇ .

   دېمەك بۇلار ئاددىي يېزا كادىرلىرىنىڭ سەيپىدىن ئەزىزى توغرىسىدىكى ئەسلىمىسى بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىچىك يېزىنىڭ ۋە ئاددىي يېزا خەلقىنىڭ سەيپىدىن ئەزىزىگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، ئەلۋەتتە .

   سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ چۆچەكتە تۇرغان ئاخىرقى يىللىرى ئىنتايىن غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن. 1942-يىلى شىڭ شىسەينىڭ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغىلى باشلىغان. 1943-يىلى يانۋاردا شىنجاڭدا گومىنداڭنىڭ پارتىيە ئورگىنى (党部) قۇرۇلغاندا چۆچەكتىمۇ ۋىلايەتلىك شۆبىسى قۇرۇلغان. ۋالىي، ساقچى ئىدارە باشلىقلىرى ئۆزگىرىدۇ. شۇ يىلى 1-يانۋار شىڭ شىسەي تەرىپىدىن چۆچەككە پالانغان سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن ئايالى ئايىم ئەزىزى ئىككىسى تەڭلا گېزىتخانىدىكى خىزمىتىدىن ھەيدىلىدۇ .

   سەيپىدىن ئەزىزى گېزىتخانىدىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاۋۋال ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىدىن، ئاندىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئاۋۇت ھاجى سەيپىدىن ئەزىزىنى ئۇيۇشمىنىڭ بوغالتىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، لېكىن ئوخشاشلا بىر ئايدىن كېيىن يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى دەپ بۇ خىزمەتتىنمۇ چىقىرىۋېتىلىدۇ .

   كىچىك چاغلىرىدا ئانچە-مۇنچە سەيپۇڭلۇق ئۆگەنگەن سەيپىدىن ئەزىزى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە لەتىپجان ئىسىملىك بىر سەيپۇڭغا نىمكار بولۇپ ئىشلىگەن. ئەپسۇس، بۇ سەيپۇڭمۇ « نىمكار دېگەنگە ئالدىراپ مائاش بەرمەيدۇ، بىر نەچچە ئاي ئىشلەپ باققاندىن كېيىن ھۈنەرنى كۆرۈپ ئاندىن پۇل بېرىدىغان ئىش » دەپ پۇل بەرمىگەن، ئامالسىز قالغان سەيپىدىن ئەزىزى بۇ يەردىنمۇ چىقىپ كەتكەن .

   سەيپىدىن ئەزىزى تازا قىيىنچىلىق تارتىپ يۈرگەندە، ۋالىي مەھكىمىسىدە ئىشلەيدىغان جۇڭ يىن دېگەن شىبە كادىر سەيپىدىن ئەزىزىنى كۇلۇبقا ئېيىغا 20 يۈەن بېرىدىغان قارا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن سەيپىدىن ئەزىزى بىرلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشى، بىرلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن چۆچەك كۇلۇبىدا كوچىغا كىنو-تىياتىرلارنىڭ ئېلانلىرىنى چاپلاش، بېلەت سېتىش،ئىشىكتە تۇرۇپ بېلەت تەكشۈرۈش، ئويۇن ۋاقتىدا زالنىڭ تازىلىقىغا قاراش، ئويۇن تۈگىگەندىن كېيىن زالنى تازىلاش، ئورۇندۇقلارنى رەتلەش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. بۇ ئىشلار سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن يېنىدا قولىغا-قول، پۇتىغا-پۇت بولۇپ يۈرگەن ئايالى ئايىمغا ناھايىتى ئېغىر كەلگەن. لېكىن شۇ مەزگىللەردە ئۇلارنىڭ يېقىن دوستلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى ھەر دائىم كېلىپ ياردەملىشىپ تۇرغان. كېيىن ئاغىنىسى قېييۇمنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە ياردىمى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگۈزۈلگەن بىليارتقا قارىغان. لېكىن تۈرلۈك بېسىم ۋە روھىي ئازاب تۈپەيلى بۇ خىزمەتتىنىمۇ ئايرىلىپ كۇلۇبتىن چىقىپ كەتكەن .

   بىرەر ئورۇندا ئىشلەش ئىمكانىيىتى قالمىغاندىن كېيىن، سەيپىدىن ئەزىزى تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدا كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنى سېتىپ خىراجەت قىلغان. ساتىدىغان نەرسىلەر تۈگىگەندىن كېيىن قارى قاتارلىق دوستلىرى، يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن ئىگەمبەردى خەلپەت، يۈسۈپ ھاجىم، تۇغقانلىرىدىن توختى ئاخۇن ئاكا ۋە ئايالى نىساخان قاتارلىقلارنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر ياردىمى بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ، ئىلاج قىلىپ چۆچەكتىن چىقىپ ئىلىگە كېتىش پىلانىنى تۈزگەن، لېكىن شۇ مەزگىلدە تۇيۇقسىز تۈرمىگە قامالغان، سوراق قىلغان ئاساسىي مەسىلە سوۋېت كونسۇلىنىڭ ساڭا تاپشۇرغان تاپشۇرۇقىنى ئېيت، نېمىشقا سوۋېتكە بېرىپ ئوقۇدۇڭ؟ لېنىننى ماختاپ ماقالا يېزىپسەن، سەن ئۇنى نەدىن بىلىسەن؟ دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ ئاخىرى ھېچنەرسە تاپالمىغاندىن كېيىن، يۇرت چوڭلىرىدىن ئىگەمبەردى خەلپەت، ئابىت ھاجى، مۇقىم شىيەنجاڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشى بىلەن تۈرمىدىن قويۇۋېتىلگەن.

   سەيپىدىن ئەزىزى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئارىلاپ-ئارىلاپ ساقچى ئىدارىسىگە چاقىرتىلىپ سوراق قىلىنىدىغان، ھەتتا ئۆيگە كېلىپ ئايالى ئايىمنى چىقىرىۋېتىپ ئىشىكلەرنى ئېتىۋېلىپ سوراق قىلىنىدىغان ئىشلار كۈچەيگەن .

   شۇنىڭ بىلەن سەيپىدىن ئەزىزى ساقچىدا ئىشلەيدىغان سابىر، ئوسمانجان قاتارلىق دوستلىرىنىڭ چۆچەكتىن چاپسانراق چىقىپ كېتىش تەكلىپى بىلەن ۋالىي مەھكىمىسىگە نەچچە ئايلاپ، 1943-يىلى ئىيۇندا تۇغقىنى مەمتىلى توختىلارنىڭ ھارۋىسغا ئولتۇرۇپ ئۆيىنى كۆچۈرۈپ چۆچەكتىن غۇلجىغا كەتكەن .


مەنبە : « چۆچەك يەرلىك تارىخ ئوقۇشلۇقى » دىن

يازغۇچى،شائىر،دراماتورگ،دۆلەت ئەربابى سەيپىدىن ئەزىزى

سەيپىدىن ئەزىزى بىر قىسىم رەھبەرلىرىمىز بىلەن بىللە

سەيپىدىن ئەزىزى مىللىي ئارمىيە قوماندانلىقىدا

سەيپىدىن ئەزىزى خىزمەت ئۈستىدە

سەيپىدىن ئەزىزى چۆچەك ئاممىسى ئارىسىدا

چۆچەك مۇزىيى ئىچىدىكى سەيپىدىن ئەزىزى ھەيكىلى

چۆچەك مۇزىيىدا ساقلانغان سەيپىدىن ئەزىزى نەمۇنىلىرى

سەيپىدىن ئەزىزى ئەينى ۋاقىتتا خىزمەت ئۆتىگەن گېزىتىخانا (ھازىرقى چۆچەك مۇزىيى)



file:///c:/DOCUME~1/ADMINI~1/APPLIC~1/360se6/USERDA~1/Temp/014436~1.JPGfile:///c:/DOCUME~1/ADMINI~1/APPLIC~1/360se6/USERDA~1/Temp/014436~1.JPGfile:///c:/DOCUME~1/ADMINI~1/APPLIC~1/360se6/USERDA~1/Temp/014436~1.JPG                                                   




0

تېما

1

دوست

1305

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21785
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 428
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 12:58:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭلق رەھپىرىمڭز ياتقان يىرى جەنتتە بولغاي ئامىن.....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئالتۇن

31

تېما

2

دوست

5599

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8830
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 453
تۆھپە : 1476
توردىكى ۋاقتى: 424
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 17:08:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئادەمنىڭ ئىسمنى ئۆزنى ئاڭلسام ۋە كۆرسەم بەك ئاچىقىم كېلىدۇ،بۇدا يولماڭ!

0

تېما

0

دوست

81

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28213
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 17:13:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلارنىڭ دىيىشىچە بىزنىڭ ناھايىگە 70نەچچى يىلى خىزمەت تەكشۇرۇپ كىلىپ يولنىڭ يىراقلىغىنى كورگەندىن كىيىن تۇنجى بىزنىڭ ناھىگە ئايرۇپىلان قانناشنى تەستىقلاپ بىرىپتىكەن بىز ئۇقۇشقا بەرىپ بىزنىڭ ناھىگە ئايرىپىلان قاتنايدۇ دىسەك باشقا يۇرتتىكى بالىلار ئىشەنمەيتتى مانا ھازىر بىزنىڭ ناھىمىزگە ئايرىپىلان قاتنىغىلى40نەچچە يىل بولدى ئالىمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي

3

تېما

2

دوست

1123

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26108
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 17:19:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
azgun10 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 12:58
داڭلق رەھپىرىمڭز ياتقان يىرى جەنتتە بولغاي ئامىن.....

نەدە يېتىشىنى بىلگۈچى ئاللاھ.

0

تېما

0

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8114
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 17:51:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەيپىدىن ئەزىزى دىگەن كىمۇ ؟ مەن تۇنۇمايدىكەنمەن

0

تېما

4

دوست

1170

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27890
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 19:08:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 17:08
مۇشۇ ئادەمنىڭ ئىسمنى ئۆزنى ئاڭلسام ۋە كۆرسەم بەك ئاچىق ...

نىمىشقا ئەمدى ؟ئۇ كىشى شۇنچىلىك خەلىق پەرۋەرغۇ

2

تېما

0

دوست

1311

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26293
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 201
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 19:32:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىمىزغا قاراپ ئىلگىرلەيلى،تارىخقا ئىسلىۋالمايلى، تارىخنى ھەم ئۇنۇتمايلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )