ئىلى دىيارىدىكى قۇمۇللۇقلار ئەجدادلىرىدىن چىققان سادىر پالۋان
قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشىنىڭ ئائىلە نەسەبى
(مۇھەممەت يۈسۈپ)
مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غۇلجىدىكى ئاپتورلارنىڭ تەتقىقات ماقالە ۋە ئەسەرلىرىدىن سادىر پالۋان، ھاكىمبەگ خوجا، ئابدۇللا ھاپىز قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشى ئەجدادلىرىنىڭ قۇمۇللۇق ئىكەنلىكىدىن ۋاقىپ بولۇپ، ئەزىز دىيارىمىز قۇمۇلنىڭ « پالۋانلار يۇرتى » بولۇپلا قالماستىن، نۇرغۇن جامائەت ئەربابلىرى، ئالىم، شائىرلارنىڭ چىققانلىقىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىپ سۆيۈنگەنىدىم. قۇمۇلدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىمۇ بۇ يېڭى تەتقىقات ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ماقالىنى يېزىپ كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.
ئىلى دىيارىدىن چىققان سادىر پالۋان قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ قۇمۇللۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، گەپنى ئىلى دىيارىغا قۇمۇللۇقلۇقلارنىڭ قاچان ۋە قانداق كۆچۈپ چىققانلىقىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
چىڭ سۇلالىسى 1759-يىلى شىنجاڭدىكى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىپ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق ئورگانلىرىنى قۇرغان، چېگرىنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەسكەر تۇرغۇزغانىدى. بۇنداق كۆپ ئەسكەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكىنى شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقتىن ئالۋان – ياساق ئېلىش بىلەن ھەل قىلاتتى. ئۇ چاغدا قاتناش، توشۇش ئىشلىرى راۋاجلانمىغانلىقتىن ئىچكى ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ ھەل قىلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تارىختىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش-چېگرىنى قوغداش ئەنئەنىسى بويىچە ھەرخىل شەكىلىدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشنى يولغا قويۇپ ھەل قىلىشقا كىرىشتى. شىنجاڭدا « ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش »، ئىچكى ئۆلكىلەردىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان « مەھبۇسلارنى يۆتكەپ كېلىپ ، ئەسكەرلەرنىڭ نازارەتچىلىكىدە يەر تېرىش » ، « شىنجاڭغا كۆچمەن كۆچۈرۈپ، خەلق تېرىقچىلىقىنى يولغا قويۇش » قاتارلىق چارە- ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ھەم ئاشلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ چىگرانى قوغداپ تۇرغان ئەسكەرلەر بىلەن ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ يېمەك – ئىچىمىكىنى ھەل قىلدى ھەم شىنجاڭغا ئاھالە كۆچۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، 1760-يىلدىن 1768-يىلغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىن 6000 ئائىلىكتىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقان دېھقانچىلىق قىلىشقا غۇلجىغا كۆچۈرۈلدى. جۈملىدىن قۇمۇلدىنمۇ 500ئائىلە ئۇيغۇر دېھقان 1766-يىلى 5-ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىسھاق ئىنانچىخان باشچىلىقىدا غۇلجىغا كۆچۈرۈلدى ( ئىسھاق ۋاڭ ئۈچ يىلدىن كېيىن قۇمۇلغا قايتىپ كەلدى ) خەنزۇلار بۇ دېھقانلارنى « ئۇيغۇر تېرىقچىلار» دەپ ئاتىدى. بۇ ئۇيغۇر دېھقانلار ئۆزلىرىنى بولسا «تارانچىلار » دەپ ئاتاپ ، جاللات شېڭ شىسەي دەۋرىدە ئايرىم بىر مىللەت دەپ ئاتىلىپ قالغان بولسىمۇ، كېيىن « ئۇيغۇر » دېگەن نام ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى . بۇندىن باشقا، ھەرخىل باھانە- سەۋەبلەر بىلەنمۇ قۇمۇلدىن غۇلجىغا كىچىك كۆلەمدە ئاھالە كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلىشىش بولغان. «1825-يىلى ( داۋگۇاڭنىڭ 5-يىلى ) 12-ئايدا چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىن چۈشۈرۈلگەن خوتەن، قەشقەر، ئىلى قاتارلىق جايلاردىكى ھېكىمبەگ ( بەزى جايلاردا ھاكىمبەگ دېيىلىدۇ )لەرنىڭ داۋگۇاڭ خاننى تاۋاپ قىلىشقا ئىجازەت بېرىلگەن بۇيرۇق بويىچە ئىلىنىڭ 6- جەرىكىلىك ( دەرىجىلىك) ھاكىمبېگى خالزات ھاكىمبەگ بېيجىڭگە بارغۇچە ۋە قايتقىچە قۇمۇلدىن ئۆتۈپ قىسقا مەزگىل تۇرغان. بۇ چاغدا 7-ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى مۇھەممەت بېشىر ۋاڭنىڭ 2- ئايالى بۈۋىھەجەر ( 8- ئەۋلاد ۋاڭ غۇلام مۇھەممەتنىڭ ئانىسى ) ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، خالزات ھاكىمبەگ تەيجى تاغىسىنىڭ قىزى مېھرىبانۇنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىشقا مەسلىھەت بەرگەن. توي رەسمىيەتلىرىنى ئەلچىلەر ئىلىغا ئىككى قېتىم بېرىپ بېجىرىپ كەلگەندىن كېيىن قۇمۇلدىن 60ئائىلە ئىلىغا توي قىلىشقا بارغان ۋە ئىلىدىنمۇ 60ئائىلىلىك ئەر – ئاياللار قۇمۇلغا كەلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، خالزات ھاكىمبەگ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قۇمۇلدىن ئىلىغا 30ئائىلە ئادەمنى كۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن بۇ 30 ئائىلىلىك قۇمۇللۇقلار خۇدىيار يۈزىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەھەللە شۇ چاغدىن باشلاپ «قۇمۇللۇقلار مەھەللىسى » دەپ ئاتالغان.
سادىر پالۋان
18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىلى رايونىدىكى مەنچىڭ خانلىقىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، خەلق قەھرىمانى، خەلق قوشاقچىسى سادىر پالۋاننىڭ بوۋىسىنىڭ بوۋاش ئىسىملىك قۇمۇللۇق ئادەم ئىكەنلىكى يېقىنقى يىللاردىلا ئېنىقلانغان. بۇ ئەھۋالنى ئاتاقلىق تارىخچى ۋە يازغۇچى، مەرھۇم تېيىپچان ھادى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ : « سادىرنىڭ بوۋىسى قۇمۇللۇق بولۇپ، ياش چاغلىرىدىلا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ تۈرلۈك ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشىنى ياساشقا قاتناشقان ھەمدە تاشچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىۋالغانىدى. ۋاڭ ئوردىسىنى ياساشقا قاشتېشى لازىم بولغانلىقتىن، ئۇ خوتەنگە قاشتېشى ئەكىلىشكە ئەۋەتىلگەن. بۇ چاغدا بوۋاشنىڭ يېشى چوڭ بولغان بولسىمۇ، تېخى توي قىلمىغانىدى. ئۇ كېيىنرەك خوتەندە گۈل دېگەن قىزنى ياخشى كۆرۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانىدى » ، « بوۋاش خوتەندە گۈل دېگەن ئايالدىن ئىككى ئوغۇللۇق بولۇپ، بىرسىنىڭ ئىسمى ھۆسۈيۈن ( كېيىن موزدۇز بولغانلىقتىن ھۆسۈيۈن موزدۇز دەپ ئاتالغان )، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى خۇشئەخمەت »ئىكەن. كېيىن « جەنۇبىي ۋە شەرقىي شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن 6000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقاننىڭ قاتارىدا سادىر پالۋاننىڭ بوۋىسى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىمۇ خوتەندىن ئىلىغا كۆچۈرۈلۈپ چىققان، ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن دېھقانلار 100ئائىلە بويىچە بىر كەنت قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بوۋاش ئائىلىسى سادىقيۈزىگە تەقسىم قىلىنغان . كېيىنرەك بوۋاشنىڭ موللا توختىيۈزدە تۇغقانلىرى كۆپ بولغانلىقتىن، ئوغۇللىرى بىلەن بىرگە موللا توختىيۈزگە كۆچۈپ كېلىپ، موللا توختىيۈزىگە قاراشلىق بىر ئون بېشىنىڭ مەھەللىسىدە ( ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىدىكى ئۇگۇڭ دېگەن يەرگە ) ئورۇنلاشقان. بوۋاش ئىلىغا كۆچۈپ كېلىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ ئىككى ئوغلىنى ئۆي – ئوچاقلىق قىلغان. چوڭ ئوغلى ھۆسۈيۈن ناسىر ۋە مەلىخان دېگەن ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. كىچىك ئوغلى خۇشئەخمەت بولسا روزى ۋە سادىر دېگەن ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. سادىر پالۋان تەخمىنەن 1798-يىلى تۇغۇلۇپ، 1871-يىلى كېسەل بولۇپ ئائىلىسىدە ۋاپات بولغان» ، « سادىر پالۋاننىڭ 1- ئايالى موللا توختىيۈزىنىڭ 1-قېتىملىق يۈز بېشى بولغان موللا توختىنىڭ شەرۋانەم ( شەرۋانىخان دەپمۇ ئاتالغان) دېگەن قىزى بولۇپ، ئۈچ ئوغۇللۇق بولغان، چوڭ بالىسىنىڭ ئىسمى تۆرىقۇل، ئىككىنچىسىنىڭ ئۇرەنقۇل، ئۈچىنچىسىنىڭ خۇداقۇل. 3-ئوغلىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى توختاخۇن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھازىرغىچە موللا توخىتىيۈزدە ئولتۇراقلىشىپ كەلمەكتە». سادىر پالۋاننىڭ 2-ئايالى ھېۋىزىخان بولۇپ، 2ئوغۇل، بىر قىز تۇغقان. چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ھېكىمقۇل، 2-ئوغلىنىڭ كېرەمقۇلنىڭ ھاشىر دېگەن ئوغلى 98ياش بولۇپ ، ئۇمۇ موللاتوختىيۈزىدە ئولتۇرۇشلۇق».
يازغۇچى، تارىخشۇناس تۇرسۇن ياسىن سادىر پالۋان ھەققىدىكى روماندىن كېيىن نەشىر قىلىنغان « باھادىر ئەزىمەت سادىر پالۋان » دېگەن تەرجىمىھال خاراكتېرلىق ئەسىرىدە سادىر پالۋاننىڭ دادىسىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەخمەت بولۇپ، ئۇ خۇشچاقچاق ،خۇش پېئىل ئادەم بولغانلىقتىن ، كىشىلەر ئۇنى خۇشئەخمەت دەپ ئاتىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتى خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى توقماق مەھەللىسى بولۇپ، بۇ مەھەللىدىكىلەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تۇنجى قېتىم تاياق- توقماق كۆتۈرۈپ قارشى چىققانلىقتىن، بۇ مەھەللىنىڭ نامى « توقماق» دەپ ئاتالغانلىقىنى ، بۇ مەھەللە كىشىلىرىنىڭ دەسلەپكى سۈرگۈندە ئىلىغا كۆچۈرۈلگەنلىكىنى تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە ئېنىق بايان قىلغان.
سادىر پالۋاننىڭ قۇمۇلغا پالىنىپ كەلگەنلىكى ۋە قايتقانلىقىنى مەرھۇم تېيىپجان ھادى مۇنداق بايان قىلغان: «سادىر پالۋان ئۇنى تۇتقىلى كەلگەن ۋاڭ-گۇڭ، بەگلەرنىڭ نەۋكەرلىرى ۋە ئىلى جاڭجۈننىڭ چېرىكلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئېلىشىپ، ئاققۇن- قاچقۇنلۇق ھايات كەچۈردى. ئۇ بىر قېتىم غۇلجا- قورغاس ئارىلىقىدا سەنمازىنىڭ شاللىقىدا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. سەنمازى بولسا ئاق مەھەللىسىنىڭ شاڭيۇسى بولۇپ، دەرھال كۈرەدىكى جاڭجۈنگە مەلۇم قىلغان. جياڭجۈن سادىرنى بىر نەچچە كۈن قامىغاندىن كېيىن قۇمۇلغا سۈرگۈن قىلىپ قۇمۇلدىكى ئىش بېجىرگۈچى ئەمەلدارغا تاپشۇرغان » .
سادىرنىڭ قۇمۇلدىكى ئىش- ھەرىكەتلىرىگە ھەمدە قۇمۇل خەلقىنىڭ 7-ئەۋلاد ۋاڭ مۇھەممەت بېشىرنىڭ ۋاڭلىقىغا قارشى كۈرەشتىكى باتۇر ئوغلانى گاڭگۇڭباقى بىلەن بولغان قېرىنداشلىق – دوستلۇقىنى تارىخشۇناس تۇرسۇن ياسىن تېخىمۇ ئېنىق ۋە تەپسىلىي يېڭى ماتېرىيال بىلەن بايان قىلغان. « 1828-يىل قىش، مانجۇ ھۆكۈمىتى سادىرنى خان كۈرە يامۇلىدىن قۇمۇل خان يامۇلىغا يۆتكىدى. سادىر ئىككى قېتىم قەپەسلىك ھارۋىغا سېلىنىپ تەلكە تاغلىرىدىن ئۆتتى. ئۇ قىشنىڭ جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇق شىۋىرغانلىرىنى قەپەسلىك ھارۋىدا ئولتۇرۇپ قوشاق قېتىپ ئۆتكۈزدى.
يىلان باغرىدەك يوللار ، تەلكە تاغلىرى دەيدۇ،
يۇرتۇمنىڭ ئىزقاشقىسى. تەڭرى تاغلىرى دەيدۇ.
ماڭا قىلچە بىلىنمەس، قاراخانغا دەرد تۆكسەڭ،
ئەل ئىشقىدىن باشقىسى. بىردەملىك لەببەي دەيدۇ.
مېنى قۇمۇلغا پالايدۇ، ئاققان قانلىرىم قىزىل،
ھېۋىزىخان توقاچ ياققىن، تامچىسىغا قۇياش خىجىل .
بەش بالام يېتىم قالدى، بىر ئەمەسمەن ئەل ئىچىدە،
تېنەتمەي ئوبدان باققىن. مىڭلاپ چىقار سادىر، بىل .
سادىر 1828-يىلدىن 1830-يىلغىچە ئىككى يىل قۇمۇل خان يامۇلدا ياتتى. بۇ يەردىمۇ ئۇ كۆپلىگەن بىگۇناھ مەھبۇسلار بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سادىرغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن مەھبۇس گاڭباقى ئىدى ( قۇمۇلدا گاڭگۇڭباقى دەپ ئاتالغان بۇ خەلق قەھرىمانى ھەققىدە ئاتاقلىق يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت ۋە ياش تارىخشۇناس سەمەت ئەسرا ماقالىلەر يازغانىدى. –ئا ) گاڭباقى قۇمۇللۇقلار ئىچىدىكى تورپاقلار جەمەتىدىن بولۇپ، ۋاڭنىڭ ئالۋاڭ ياسىقىغا مەڭگۈ دارخان بولغان قۇل ھەۋەيدۇلنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىدى. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئوۋچىلىق قىلاتتى. ئۇ 18يېشىدا بىر يولۋاس بىلەن ئېلىشىپ ، پۈتۈن 12تاغ ئارىسىدا داڭق چىقارغانىدى. مانا شۇنداق تاغۇ-تاش ئارىلاپ يۈرگەن بۇ پالۋان يىگىت ئاتىسىنىڭ دارخانلىقتا نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقى بىلەن ھېسابلاشمايتتى.
بىر كۈنى ، ئۇ تاغدىن چۈشۈپ ئوردا قوۋۇق يېنىغا كەلگەندە بىر توپ ئادەمنىڭ قەپەستىكى يېڭى كېسىلگەن باشقا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ كېلىپلا باشنىڭ ئاتىسىنىڭ بېشى ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدى- دە، شۇ يەردە تۇرغان دورغىدىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ ، باشقا چېرىكلەرگە ئېتىلدى. شۇغىنىسى، يالغۇز كېلىپ قېلىپ،قولغا چۈشۈپ زىندانغا تاشلاندى. سادىر زىنداندا ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ مۇنداق قوشاق توقىدى:
قۇمۇل دېگەن يەردىمۇ ، خان دەرۋازىسى ئالدىدا،
قازان قۇلىقى تۆت ئىكەن. كۆردۈم بىگۇناھ بىر باش.
زالىم تۇڭچىسى بەگلەر ، ئوغلى ئۇنىڭ گاڭباقى ،
زۇلمىدىن ئۆلگەن كۆپ ئىكەن. ماڭا بولدى قېرىنداش
سادىر پالۋان قۇمۇلدىن ئىلىغا گاڭگۇڭباقى بىلەن بىرگە قېچىپ چىقىپ، ئىلىدىكى ئازادلىق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىدۇ ۋە باشچىلىق قىلىدۇ. بۇ ئازادلىق قوزغىلىڭى غەلىبە قازىنىپ، ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلۇپ، ئەلاخان سۇلتان بولغاندىن كېيىن ، سادىر ئۆز يېزىسى موللا توختىيۈزىگە قايتىپ، ئەڭ ئاخىرقى تۆت يىللىق ھاياتىنى ئائىلىسىدە ئۆتكۈزىدۇ» .
« سادىر پالۋان زۇلۇمغا، ئىستېبداتلىققا قارشى ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، «پالۋان» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولغان ئۇلۇغۋار تارىخىي شەخس. شۇڭلاشقا، خەلق ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئۇنتۇمايدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسى ئىلى دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە غۇلجا ناھىيىسىنىڭ موللا توختىيۈزى كەنتىدە ھازىرمۇ ساقلىنىپ تۇرماقتا » .
پايدىلانمىلار :
1.ئابدۇللا ئەخمىدى : بەييەنخۇ يېغىلىقى ۋە مېھرىبانۇ ۋاڭ » شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » 1986-يىل 4-سان .
2.« ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى » مەجمۇئەسىنىڭ 92-يىلى 8-سان ( خەنزۇچە نەشرى )
3.تۇرسۇن ياسىن: « باھادىر ئەزىمەت – سادىر پالۋان » كىتابچىسى شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ، 2001-يىل 6-ئاي 1- نەشرى
4.«ئىلى گېزىتى » نىڭ 1998-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى « ۋەتەنپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر زات ھاكىمبەگ خوجا » دېگەن ماقالىسى
5. « ئىلى دەرياسى » ژۇرنىلىنىڭ 1982-يىل 4- سانى
6.«شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى » نىڭ 42-سان 280- ، 283- بەتلىرى
مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقوقى باغداش تورىغا خاس ، قالايمىقان كۆچۈرگەنلەرنىڭ قانۇنىي مەسئولىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ
|