قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 883|ئىنكاس: 2

851-1001-يىللىرىدىكى ئۇدۇن خانلىرىنىڭ شەجەرىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4143

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1357
توردىكى ۋاقتى: 1047
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 01:52:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



1001 –851 يىللىرىدىكى ئۇدۇن خانلىرىنىڭ شەجەرىسىجامىس خامىلتون

تەرجىمان : تەلئەت ئوبۇلقاسىم تۈمەن

(شىنجاڭ مىڭئۆي تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى)



       مىلادى 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى تۈبۈتلەر ئۇدۇننى ئىشغال قىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ مىلادى 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىسلام غازاتچىلىرىنىڭ ئۇدۇننى بويسۇندۇرۇشىغىچە بولغان ئۇدۇن خانلىرىنىڭ شەجەرىسى نۆۋەتتە رەتكە تۇرغۇزۇلغاندەك قىلىدۇ. ئەمىليەتتە پۇللىېبىلانك (E.G.Pulleyblank) نىڭ بايلى(H.W.Bailey) نىڭ «خوتەن تېكستلىرى» 4-توم 179-181-بەتلىرىگە يازغان بىر ئىزاھاتىدىن ئۇدۇننىڭ مىلادى 851-يىلىدىن تارتىپ  قوللانغان بىر خىل يىلنامنىڭ بارلىقىنى بىلىۋىلالايمىز. بۇچاغدا تۈبۈتلەرنىڭ ئۇدۇنغا بولغان ئىشخالىيتى ئاخىرلاشقان، بۇ يىل نامى ھىچ بولمىغاندا 54 يىل يەنى مىلادىيە 904-يىلىغىچە داۋام قىلغان. پۇللېيبىلانك «بۆيۈك ئاسىيا  ژۇرنىلى» نىڭ 4-تومى 90-97- بېتىدە «سىتائىل خالىستۇي ھۆججىتىنىڭ دەۋرى توغرىسىدا» سەرلەۋىيلىك ماقالىسىنى ئىلان قىلغان، ئۇ ماقالىسىدا، باشقا ئۈچ خاننىڭ يىل نامىنى بىكىتىپ چىققان، يەنى  912-966-يىللىرىدىكى توڭچىڭ(同庆) يىل نامى، بۇ يىل نامىنى قوللانغان خاننىڭ نامى ۋىسا سامبىھۋا(Visa Sambhava) دىيىلگەن بولۇپ خەنزۇچە سالنامىلەردە ئۇ باشتىن ئاخىر لى شىڭتيەن(李圣天) دەپ خاتىرلەنگەن. مىلادىيە 967—977-يىللىرى(ياكى976-يىلى)دىكى تيەنزۈن يىل نامى، بۇ چاغدىكى خان ۋىساسۇرا (Visa-Sura) دىيىلگەن؛ 978-982-يىللىرىدىكى يىل نامى جوڭشىڭ دىيىلگەن بولۇپ بۇچاغدىكى خان ۋىسا دارما دىيىلگەن. بۇنىڭدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، مەن 1977-يىلى، «ئاسىيا ئېلمىي ژۇرنىلى»دا «جۇڭيۈن ئۈستىدە تەتقىقات» دىگەن ماقالەمنى ئىلان قىلدىم. ئۇنىڭ 36-بېتىدىكى 8-ئىزاھاتتا، تيەنشىڭ(天兴) يىلىنىڭ مىلادىيە 986-999-يىلىغا توغرا كىلىدىغانلىقنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدىم،  بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇدۇن خانلىرىنىڭ مۇكەممەل شەجەرىسىنى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇدۇن خانلىرىنىڭ باشقا بىر خىل  يىل نامىنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن، بىراق ئۇ ئۇدۇننىڭ ئىسلام غازاتچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كىتىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرىقى خانلىق يىل نامى بولشى مۇمكىن.
       ئەمىلىيەت ھەقىقىتەنمۇ شۇنداق، مىنشىكوۋ لېنىنگىراددا ساقلىنىۋاتقان  دۈنخۇاڭدىن تېپىلغان خەنزۇچە ھۆججەتلەرنىڭ كاتولوگىنى تۇرغۇزغاندا، Dx-1400 ۋە 2148 Dx-[①] نومۇرلۇق ھۆججەتتە «تيەنشۇۋ (天寿) 2-يىلى 9-ئاي» دىگەن يىل نامىنى ئىككى قېتىم  تىلغا ئالغان. Dx-1400 نۇمۇرلۇق ھۆججەت(«ئاسىيا مىللەتلەر تەتقىقات ئېنىستىتوتىدا ساقلىنىۋاتقان دۈنخۇاڭدىن تېپىلغان خەنزۇچە ھۆججەتلەرنىڭ ئىزاھاتلىق مۇندەرجىسى» 1-توم، 660-بەت، 1629-نۇمۇرغا قاراڭ)نىڭ ئىزاھاتلىق مۇندەرجىسىدە، ئاپتۇر بۇ ھۆججەت  يېزىلغان ۋاقتىنى مىلادىيە 10-ئەسىر بولىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن. كىشلەر ئادەتتتە يەنە «تيەنشۇۋ» دىگەن بۇ يىل نامىنى بىر نائىب خان قوللانغان  بولىشى مۇمكىن ياكى天寿 نى天福(مىلادىيە 937-يىلى) دىگەن خەتنىڭ خاتا يېزىلىپ قالغان شەكلى بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا، بۇ يىل نامى ئەمىليەتتە تولۇق دەلللەپ چىقىلغىنى يوق. ئەمما پائۇل پېللئوت  دۈنخۇاڭ بايقىغان ئۇدۇنچە ھۆججەتلەر ئىچىدىكى 2928 –نومۇرلۇق[ii][②] ئورام ھۆججەتنىڭ باش قىسمىدا تۆۋەندىكىدەك يىلنامىنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم:
Thyaia siva dide ksuna guha salye raruye masta dasamye haday
«  thyaia siwaيىل نامىسىنىڭ 3-يىلى، كالا يىلى، raruya ئاي(خەنزۇ كالندارىدا 6-ئاي)نىڭ 2-كۈنى». فونېتىكا نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇدۇن تىلىدىكى thyaia siwa بىلەن خەنزۇ تىلىدىكى 天寿 ئوتتۇرسىدا رۇشەن بىردەكلىك مەجۇت. ئەمما، ئۇدۇن خانلرىنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بولغان يىل نامىسىدا، ئۇنىڭ ئۈچىنجى يىلى قوي يىلى بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تۇنجى يىلى چوشقا يىلىدىن باشلانغان بولىدۇ. مىلادىيە 851-99 يىللىرى ئارىسىدا ئەزەلدىن بۇنداق تاسادىپى ماس كىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ. بۇنداق دىگەنلىك، مەيلى 815-940-يىلى بولسۇن ياكى 908-912-يىلى، ھەتتا ئاللىقاچان مەلۇم بولغان 912-966-يىلى، 977-996-يىلى، 978- 982(986؟)-يىلى ۋە 986-999-يىللىرىدىكى ھەرخىل يىل نامىلەردە ئەزەلدىن ئۇنداق ئېھتىماللىق كۆرۈلمىگەن. 1001-يىلىدىكى كالا يىلىغا ئۇلاش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا ئۇنى يەنە 3 يىل ئۇزارتىش كىرەك. ئەمىليەتتە، ئۇدۇن بۇنىڭدىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا(يەنى مىلادى 1006-يىلى)قەشقەر تەرەپتىن كەلگەن ئىسلام مۇخلىسلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. شۇڭلاشقا «تيەنشۇۋ» يىل نامىنى ئىسلام مۇخلىسلىرى شۇيەرنى بويسۇندۇرۇشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرىقى ئۇدۇن خانى قوللانغان دىيىشكە بولىدۇ.
     تۆۋەندە مىلادىيە 851-يىلىدىن 1001 –يىلىغىچە بولغان ئۇدۇن خانلىرىنىڭ شەجەرىسىنى بايان قىلىنىدۇ، شەجەرىدىكى ھەربىر يىل نامىغا قارىتا، مەن كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ئۆزۇمگە تونۇشلۇق بولغان نۇرغۇن دۈنخۇاڭ ھۆججەتلىرىنى  نەقىل كەلتۈردۈم، بىراق بۇ ھۆججەتلەرنى دەۋرلەرگە ئايرىغاندا، ئۇلارغا قارىتا گۇمانىي پىكرىمنى ساقلاپ قالدىم[iii][③].
    851ــــ 904(912؟)-يىلىلار. بۇ يىلنامىنى بىر ياكى بىر قانچە ئۇدۇن ھۆكۈمرانى ئىشلەتكەن، يەنە كىلىپ پەقەتلا ئۈزۈلۈپ قالمىغان يىل نامى بولۇپ بۇدەۋرلەردە ھاكىميەت يۈرگۈزگەن ئۇدۇن خانلىرى ھازىرچە تېخى دەللىلەپ چىقىلمىدى. بۇ يىل نامىنىڭ تۇنجى يىلى قوي يىلىدىن باشلانغان. تۆۋەندىكى بىر قانچە پارچە ئۇدۇنچە ھۆججەت مۇشۇ دەۋرگە تەئەللۇقتەك قىلىدۇ:
ــــ ستەيىن ساقلانما ھۆججەتلىرى 2469 S.-نومۇر: بۇ يىل نامىنىڭ 24-يىلى، يەنى قوي يىلى، Hamarriaja ئاي(خەنزۇ كالندارىدا 3-ئاي)نىڭ 10-كۈنى، يەنى مىلادىيە 874-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى. ھۆججەتنىڭ ئالدى يۈزىگە خەنزۇ يېزىقىدا « ئېت يىلى 5-ئاينىڭ 14كۈنى» دىگەن  خەت يېزىلغان (مىلادىيە 866(؟)-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈن) « خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 71-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
ـــ سىۋىن ھېدىن ساقلانما ھۆججەتلىرى 21-نومۇر (5-قۇر): ئوخشاش بىر يىل نامىنىڭ 32-يىلى، ئىككىنجى sim …( Ttum jara دەپ ئۇقۇلىدۇ) ئاي(خەنزۇ كالندارىدا 7-ئاي)نىڭ 28- كۈنى ( مىلادىيە 882(؟)-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى).
ــــ سىۋىن ھېدىن ساقلانما ھۆججەتلىرى 18-نومۇر: ئوخشاش بىر يىل نامىنىڭ 33-يىلى Ttum jara ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 7-ئاي)نىڭ 20-كۈنى(مىلادىيە 883-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى).
  ــــ بۆيۈك بېرتانىيە موزېيدا ساقلىنىۋاتقان Or.11344 نومۇرلۇق ھۆججەت 16-قۇر: ئوخشاش بىر يىل نامىنىڭ 33-يىلى، Bramkhaysjiئېي (خەنزۇ كالىندارىدا 8-ئاي) نىڭ 6-كۈنى ( مىلادىيە 9-ئاينىڭ 10-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 5-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.   
ــــ بۆيۈك بېرتانىيە موزېيدا ساقلىنىۋاتقان Or.11344 نومۇرلۇق ھۆججەت 16-قۇر: بىر خىل يىل نامىنىڭ 53-يىلى،  Musaci ئاي ( خەنزۇ كالىندارىدا 9-ئاي )نىڭ 15-كۈنى ( مىلادىيە 885-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 4-نومۇرلۇق ھۆججەت، 16-بەت 3-قۇر.
ـــ Achma ساقلانما ھۆججىتى 3-قۇر: ئوخشاش بىر يىلنامىنىڭ 35-يىلى،    SKarhverئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 11-ئاي) نىڭ 7-كۈنى(مىلادىيە 885-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 20-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
ــــ سىۋىن ھېدىن ساقلانما ھۆججىتى 15-نومۇر(ئۇدۇنچە-خەنزۇچە ھۆججەت): ئوخشاش بىر يىلنامىنىڭ 35-يىلى، يىلان يىلى Rrahaja ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 12-ئاي)نىڭ 21-كۈنى (مىلادىيە 886-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى).
ــــ سىۋىن ھېدىن ساقلانما ھۆججىتى 19-نومۇر(17-قۇر): ئوخشاش بىر يىلنامىنىڭ 35-يلى Rrahaja ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 12-ئاي)نىڭ 20-كۈنى(مىلادىيە 886-يىلى 1-ئايغا توغرا كىلىدۇ).
ــــ بۆيۈك بېرتانىيە موزېيدا ساقلىنىۋاتقان 252Or.11 نومۇرلۇق ھۆججەت 30-قۇر: ئوخشاش بىر يىل نامىنىڭ 53-يىلى(مىلادىيە 885-886-يىلىغا توغرا كىلىدۇ)، 34-قۇر، ئوخشاش بىر يىل نامىنىڭ 63-يىلى،Raruya  ئېي(خەنزۇ كالىندارىدا 6-ئاي)نىڭ 11-كۈنى(مىلادىيە 886-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم،24-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
ــــ دامىكۇدىن تېپىلغان F نومۇرلۇق ئورام ھۆججەت: ئوخشاش بىر يىلنامىنىڭ 36-يلى، Ttamriji ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 7-ئاي) نىڭ 22-كۈنى(مىلادىيە 886-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم،24-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
ــــ سىۋىن ھېدىن ساقلانما ھۆججىتى 20-نومۇر(8-قۇر): ئوخشاش بىر يىلنامىنىڭ 36-يلى،Bramkhaysji  ئاي(خەنزۇ كالندارىدىكى 8-ئاي) نىڭ 20-كۈنى(مىلادىيە 886-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى).
ــــ سىۋىن ھېدىن ساقلانما ھۆججىتى 1-نومۇر: ئوخشاش بىر يىلنامىنىڭ 36-يلى(مىلادىيە 885-886-يىلى).
ــــ سىۋىن ھېدىن ساقلانما ھۆججىتى13 نومۇر: ئوخشاش بىر يىلنامىنىڭ 35-يلى(مىلادىيە 885-886-يىلى).
ــــ سىۋىن ھېدىن ساقلانما ھۆججىتى 24-نومۇر(ئۇدۇنچە-خەنزۇچە ھۆججەت): ئوخشاش بىر يىل نامىنىڭ 54-يىلى، يامغۇرلۇق 4-ئاي(ياكى  Simjsija يىلى 2-ئاي)نىڭ 4-كۈنى(مىلادىيە 904-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 4-توم، 179-181- بەتگە قاراڭ.
912 ـــــ967-يىللار. ئۇدۇن خانلىقىنىڭ توڭچىڭ(Thikhi) يىل نامى. ئۇدۇن خانى ۋىساسامبھاۋا  (李圣天، —— Visa Sambhata ياغلاقالقالۇ- ئارىبا دىۋا) ھاكىميەت يۈرگۈزگەندە قوللانغان يىل نامى بولۇپ تۇنجى يىلى مايمۇن يىلىدىن باشلانغان.
ــ- پائۇل پېللىئوت دۈنخۇاڭ ساقلانما ھۆججىتىP.2027 نومۇر، 14-قۇر، توڭچىڭ 6-ئاي(مىلادىيە 917-918-يىلى). «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 49-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
ــــ ستائېل خولىستېن (Stael Holisten) ساقلانما ھۆججىتى 7-قۇر: تەختتە ئولتۇرغان ئارسىلانخان ۋىساسامبھاتا (Visa Sambhata)  توڭچىڭ 14-يىلى، توخۇ يىلى، kaja ئاي(خەنزۇ كالندارىدا 2-ئاي)نىڭ 12-كۈنى(مىلادىيە 925-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى).
ــــ سىتەيىن مىڭئۆي ساقلانما ھۆججىتى Ch.00275 نومۇرلۇق قوليازما: توڭچىڭ 30-يىلى، كالا يىلى، Hamirija ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 3-ئاينىڭ 15-كۈنى)(مىلادىيە 941-يىلى، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 3-توم، 6-نومۇرلۇق ھۆججەت.
   967 ــــ978-يىللار. بۇيىللاردا تيەنزۈن (天尊، (thyena/thyaina-tcuna  يىل نامى قوللىنىلغان. بۇ ئۇدۇن خانى ۋىساسۇرا(Visa sura) ئۇدۇنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا قوللانغان يىل نامى بولۇپ تۇنجى يىلى توشقان يىلىدىن باشلانغان.  
   ــــ پائۇل پېللىئوت دۈنخۇاڭ ساقلانما ھۆججىتىa5538P. نومۇر، 80-قۇر: تيەنزۈن 4-يىلى، ئات يىلى، 1-ئاينىڭ 9-كۈنى(مىلادىيە 970-يىلى2-ئاينىڭ 17-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 3-توم، 70-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
   ــ سىتەيىن مىڭئۆي ساقلانما ھۆججىتى 00216.Ⅰ. Ch نومۇرلۇق قوليازما، 44-قۇر: ئۇدۇن ھۆكۈمرانى ۋىساسۇرا، تيەنزۈن 5-يىلى، قوي يىلى،Ttaujira  ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 7-ئاي) نىڭ 17كۈنى(مىلادىيە 971-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى).  «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 92-بەت.
ــ پائۇل پېللىئوت دۈنخۇاڭ خەنزۇچە ساقلانما ھۆججىتى4099P. نومۇرلۇق قوليازما، 436-438-قۇر.  «ۋىساسامبھاۋانىڭ ۋارىسى ۋىساسۇرا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە…» (مىلادىيە 967-978-يىللار). E G. پۇللېيبىلانك: « ستائېل خولىستېن ھۆججىتىنىڭ دەۋرى»، «بۆيۈك ئاسىيا ژۇرنىلى»4-توم، 92-بەت.
ــ ھاردىنگې(Hardinge) ساقلانما ھۆججىتى 076.7.2-نومۇر: تيەنزۈن يىللىرى(مىلادىيە 967-978-يىللار). «خوتەن تېكستلىرى» 5-توم، 611-نومۇرلۇق ھۆججەت.
ــــ جاتاكاستاۋا(Jatakastawa) ھۆججىتى 5-قۇر: «… ئۇلۇغ خان ۋىساسۇراغا بەخىت تىلەيمىز…»(مىلادىيە 967-978-يىللار).
978-982(986؟)-يىللار. بۇيىللاردا جوڭشىڭ يىل نامى قوللىنلغان. بۇچاغدا ئۇدۇنغا ۋىسادھارما خان ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ بۇ يىل نامى بارىس(يولۋاس) يىلىدىن باشلانغان.
ــــ سىتەيىن مىڭئۆي ساقلانما ھۆججىتىa1002 Ch. نومۇر، 1-بەت، 20-قۇر: بودىساتۋا خان ۋىسادھارما ھۆكۈمرانلىقىنىڭ جوڭشىڭ 5-يىلى، ئات يىلى7-ئاي (مىلادىيە 982-يىلى 7-ئاينىڭ 23 ــــ 8-ئاينىڭ 21-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 14-نومۇرلۇق ھۆججەت.
ــــ بۆيۈك بېرتانىيە موزېيدا ساقلىنىۋاتقان 9268Or. نومۇرلۇق ھۆججەت، 1-بەت، 1-قۇر: نامى ئېنىق ئەمەس، « 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇدۇن خانلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇق، ئەڭ تۆھپىكار خان ۋىسادھارما ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە». بۇھەقتە كىيىنكى مەزمۇندىكى( 2.a) 9268 Or. نومۇرلۇق قوليازمىنىڭ تەپسىلاتىغا قاراڭ، ئۇنىڭ يېزىلغان دەۋرى مۇشۇ يىل نامىنىڭ 17-يىلى بولىشى مۇمكىن. «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 3-نومۇرلۇق ھۆججەت.
986-999-يىللار. بۇيىللاردا تيەنشىڭ ((thyena/thaina/thyina- hina يىل نامى قوللىنىلغان. بۇ چاغدا ئۇدۇنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان خاننىڭ نامى تېخى ئېنىقلانمىدى. بۇ يىل نامىنىڭ تۇنجى يىلى ئىت يىلىدىن باشلانغان.  
  ــ سىتەيىن مىڭئۆي ساقلانما ھۆججىتى 00269.Ⅰ. Ch نومۇر: كالا يىلى(مىلادىيە 989-يىلى بولشى مۈمكىن). تيەنشىڭ 7-يىلى(مىلادىيە 992-يىلى بولىشى مۈمكىن). مۇئەللىپنىڭ «جوڭيۈن ئۈستىدە تەتقىقات» دىگەن ماقالىسىغا قاراڭ، «ئاسىيا ئېلمىي ژۇرنىلى» 1997-يىلى،369-بەت.  «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 61-نومۇرلۇق ھۆججەت.
ــ پائۇل پېللىئوت دۈنخۇاڭ ساقلانما ھۆججىتى3016P. نومۇرلۇق خەنزۇچە قوليازما: تيەنشىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى(مىلادىيە 992-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى)، تيەنشىڭ 9-يىلى 9-ئاي(مىلادىيە 994-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ5-كۈنىگىچە). بۇ يىل نامى فىرانسىيە پارىژ دۆلەتلىك كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋاتقان خەنزۇچە قول يازمىدىكى ئىككى پارچە ئالاقە خېتىدە كۆرۈلىدۇ.
ــــ پائۇل پېللىئوت دۈنخۇاڭ ساقلانما ھۆججىتى2958P. نومۇر، 165-167-قۇر: گەنجۇ بىلەن ئۇدۇن ئارسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈزۈلگەندىن كىيىنكى 10-يىلى، يىلان يىلى(مىلادىيە 993-يىلى بولىشى مۈمكىن). مۇئەللىپنىڭ «جوڭيۈن ئۈستىدە تەتقىقات» دىگەن ماقالىسىغا قاراڭ، «ئاسىيا ئېلمىي ژۇرنىلى» 1997-يىلى،369-بەت.  «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 63-نومۇرلۇق ھۆججەت.   
ــــ پائۇل پېللىئوت دۈنخۇاڭ ساقلانما ھۆججىتى2028P. نومۇرلۇق قوليازما: تيەنشىڭ 9-يىلى، ئات يىلى، Raruyiئاي(خەنزۇ كالندارىدا 6-ئاي) نىڭ 19-كۈنى(مىلادىيە 994-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم،50-نومۇرلۇق ھۆججەت.   
ــ سىتەيىن مىڭئۆي ساقلانما ھۆججىتى 002. Ch نومۇرلۇق خەنزۇچە قوليازما، 92-قۇر: تيەنشىڭ 9-يىلى، ئات يىلى، Ttamjer ئاي(خەنزۇ كالندارىدا 7-ئاي)نىڭ 10-كۈنى(مىلادىيە 994-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 5-توم، ئىلاۋە قىسمى، 385-بەت، 14-نومۇرلۇق ھۆججەت.  
ــــ پائۇل پېللىئوت دۈنخۇاڭ ساقلانما ھۆججىتى2798P. نومۇر، 63-قۇر:   تيەنشىڭ 9-يىلى، ئات يىلى، Munaji ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 10-ئاي)(مىلادىيە 994-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 3-توم، 24-نومۇرلۇق ھۆججەت.
ــ سىتەيىن مىڭئۆي ساقلانما ھۆججىتى 0048. Ch نومۇر: قوي يىلى، Cujiwa ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا بىرىنجى ئاي)نىڭ 9-كۈنى(مىلادىيە 995-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بولىشى مۈمكىن) . مۇئەللىپنىڭ «جوڭيۈن ئۈستىدە تەتقىقات» دىگەن ماقالىسىغا قاراڭ، «ئاسىيا ئېلمىي ژۇرنىلى» 1997-يىلى،369-بەت.  «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 7-نومۇرلۇق ھۆججەت.
ــــ سىتەيىن مىڭئۆي ساقلانما ھۆججىتى 00272. Ch نومۇر، 63-قۇر: تيەنشىڭ 14-يىلى، چوشقا يىلى، Kaja ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 2-ئاي)نىڭ 25-كۈنى(مىلادىيە 999-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 12-نومۇرلۇق ھۆججەت.
   999-1001(1005)-يىللار. بۇيىللاردا تيەنشو (-siva (thyaina يىل نامى قوللىنىلغان. بۇ چاغدا ئۇدۇنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان خاننىڭ نامى تېخى ئېنىقلانمىدى. بۇ يىل نامىنىڭ تۇنجى يىلى چوشقا يىلىدىن باشلانغان.
ــــ) Dx (a نومۇرلۇق قوليازما: تيەنشۇۋ 2-يىلى 9-ئاي(مىلادىيە 1000-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كىلىدۇ).بۇ لېنىنگىرادا ساقلىنىۋاتقان دۈنخۇاڭدىن تېپىلغان بىر پارچە قوليازمىدا خاتىرلەنگەن ۋاقىت بولۇپ بۇ ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى جاڭ باۋشۈننىڭ ئوردىغا(ئۇدۇن؟) يوللىغان بىر پارچە خېتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، جاڭ باۋشۈن ئەينى چاغدىكى ئاتلىق قۇشۇن تۇتۇقى بولۇپ «دىۋان بىگى» دىگەن ھۆرمەت نامىغا ئىگە ئىدى. «ئاسىيا مىللەتلەر تەتقىقات ئېنىستىتوتىدا ساقلىنىۋاتقان دۈنخۇاڭ قوليازمىلىرىنىڭ ئىزاھلىق مۇندەرجىسى» 1-توم، 666-بەت، 1629-نومۇرلۇق ھۆججەتگە قاراڭ.
   ــــ  a21480. Dx نومۇرلۇق قوليازما: تيەنشوۋ 2-يىلى 9-ئاي(مىلادىيە 1000-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كىلىدۇ). بۇ لېنېنگىراددا ساقلىنىۋاتقان دۈنخۇاڭدىن تېپىلغان بىر پارچە قوليازمىدا خاتىرلەنگەن ۋاقىت بولۇپ بۇ قوليازمىنىڭ مەزمۇنى بىر قىز بالىنىڭ ئۇردىغا(ئۇدۇن) يوللىغان مۇراجىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. «ئاسىيا مىللەتلەر تەتقىقات ئېنىستىتوتىدا ساقلىنىۋاتقان دۈنخۇاڭ قوليازمىلىرىنىڭ ئىزاھلىق مۇندەرجىسى» 2-توم، 540-بەت، 2920-نومۇرلۇق ھۆججەتگە قاراڭ.
ــــ پائۇل پېللىئوت دۈنخۇاڭ ساقلانما ھۆججىتى2928P. نومۇر: تيەنشۇۋ 3-يىلى، كالا يىلى، Raruya ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 6-ئاي) نىڭ 10-كۈنى(مىلادىيە 100-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 3-توم، 41-نومۇرلۇق ھۆججەت.
  باشقا جايلاردا ئۇدۇن خانىلىرىنىڭ يىل نامى خاتىرلەنگەن قوليازمىلار كۆپ،  ئەمما بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىم ئانچە ئىشەنىچلىك بولمىغاچقا يۇقارىقى مەزمۇنغا كىرگۈزمىدىم. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم قوليازمىلاردىمۇ ئېنىق ۋاقىت خاتىرلەنگەن . مەسىلەن، ۋىساۋاھام(Visa Vaham) ئىسىملىك خاننىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزگەن يىللاردىكى يىل نامى بار بولۇپ ئۇنىڭ ھاكىميەت بېشىدا تۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئازدىگەندىمۇ 20 يىلدىن ئاشىدۇ، ئۇ بەلكىم مىلادىيە 851-912-يىللاردا ھاكىميەت بېشىدا تۇرغان بولىشى مۈمكىن. ئەگەر ھەقىقىتەنمۇ شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ۋىسا كىررتا(Visa Kirrta) بىلەن ۋىسا ۋىكررام (Visa Vikrram) قايسى يىللاردا ھاكىميەت يۈگۈزگەن؟ ئالدىنقىسى ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 16 يىل ھاكىميەت بېشىدا تۇرغان، كىينكىسى ھىچ بولمىغاندا 14يىل ھاكىميەت يۈگۈزگەن. مۇبادا ۋىساساڭغاما(Visa Sangama) [iv][④]ھەقىقەتەنمۇ تيەنشىڭ يىللىرىدا (مەن 986-999-يىللىرى دىگەن قاراشقا مايىل) ھاكىميەت يۈرگۈزگەن بولسا، ئۇنداقتا ۋىساكىررتا (ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 16يىل تەخىتتە ئولتۇرغان) ياكى ۋىسا ۋىكررام(ھىچ بولمىغاندا 14 يىل ھاكىميەت يۈرگۈزگەن) بولشىدىن قەتئى نەزەر ئۇلار 999-يىلىدىن 1005- يىلىغىچە بولغان  بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت بىلەن ماس كەلمەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، بىز ھەقىقەتەنمۇ توخو يىلىنى تۇنجى يىلى قىلغان ۋە چاشقان يىلىدىن باشلانغان يىل ناملىرىنى بايقىغان بولساقمۇ لىكىن بۇ ئىككى يىل نامى بىز سۆزلەپ ئۆتكەن 851-1001-يىللاردىكى ھەرقانداق يىل نامىغا توغراكەلمەيدۇ، چۈنكى بىز مىسال كەلتۈرگەن يىل نامىنىڭ تۇنجى يىلى تەرتىپ بويىچە، قۇي يىلى، مايمۇن يىلى، توشقان يىلى، يولۋاس يىلى، چوشقا يىلى ئىدى.
  تۆۋەندە ئۇدۇن يېزىقىدىكى بىر پارچە كەمتۈك قوليازمىنىڭ  يىل نامى سىتاتستىكا جەدۋىلى كۆپچىلكىكنىڭ دېققىىتىگە  سۇنۇلىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ يىل-دەۋرى توغرىسىدا كىسىپ بىرنىمە دىيەلمەيمەن.
   ـــ سىۋىن ھېدىن ساقلانما ھۆججىتى 26-نومۇر: 7-يىلى Bryam Khyasja ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 8-ئاي)نىڭ 14-كۈنى،  يىل نامى Ssau Vyatta (مىلادىيە 857-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى).
ــــ بۆيۈك بېرتانىيە موزېينىڭ شەرقشۇناسلىق بۆلىمىدە ساقلىنىۋاتقان 6392Or. نومۇرلۇق ھۆججەت: 11-يىلى Cvataja ئاي(خەنزۇ كالندارىدا 1-ئاي)نىڭ 8-كۈنى(مىلادىيە 866-يىلى 2-ئاينىڭ21-كۈنى بولىشى مۈمكىن)، يىل نامى بولسا tsisi ( خەنزۇ تىلىدىكى刺史 دىگەن سۆزنىڭ ئۇدۇنچە تەلەپپۇز قىلىنىشى) ئىدى.
ــــ سىۋىن ھېدىن ساقلانما ھۆججىتى 29-نومۇر: 13-يىلى Munamja ئاي ) خەنزۇ كالىندارىدا 10-ئاي)نىڭ 9-كۈنى(مىلادىيە 863-يلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى).
ــــ بۆيۈك بېرتانىيە موزېينىڭ شەرقشۇناسلىق بۆلىمىدە ساقلىنىۋاتقان 9268Or. نومۇرلۇق قوليازما 2-قۇر: 17-يىلى Mudracaja ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 9-ئاي)نىڭ 11-كۈنى، يىل نامىSau Vidyadatti (مىلادىيە 867-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى بولىشى مۈمكىن).
ــــ ھورنل(Hoernle) ساقلانما ھۆججىتى1-نومۇر: ئۇدۇن خانى ۋىسا ۋاھام(Visa Vaham)نىڭ 17-يىلى، Skarhvara ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 11-ئاي)نىڭ 5-كۈنى(مىلادىيە 867-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 25-نومۇرلۇق ھۆججەت.
  ــــ ھورنل(Hoernle) ساقلانما ھۆججىتى3-نومۇر: Sua Sacu يىل نامىنىڭ 17-يىلى، Rraha ئاي (خەنزۇ كالىندارىدا 12-ئاي)نىڭ 17- كۈنى (مىلادىيە 868-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بولىشى مۈمكىن). «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 27-نومۇرلۇق ھۆججەت؛ «خوتەن تېكستلىرى» 5-توم، 7-نومۇرلۇق ھۆججەت، يەنى،  6395Or. نۇمۇرلۇق ھۆججەتنىڭ 2-قۇرىغا قاراڭ.
ــــ بۆيۈك بېرتانىيە موزېينىڭ شەرقشۇناسلىق بۆلىمىدە ساقلىنىۋاتقان 2. 6399 Or. نومۇرلۇق ھۆججەت: ئوخشاش بىر يىل نامنىڭ 19-يىلى (Bram)Khaysjئاي (خەنزۇ كالىندارىدا 8-ئاي)نىڭ 20- كۈنى (مىلادىيە 869-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى). يىل نامى Spata Sda-ka. «خوتەن تېكستلىرى» 5-توم، 7-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
ــــ ھورنل(Hoernle) ساقلانما ھۆججىتى7-نومۇر: ئۇدۇن خانى ۋىساۋاھام ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20يىلى، Cvataja ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 1-ئاي)نىڭ 13-كۈنى، بۇ ئۈچىنجى ئۇدۇن خانى بولۇپ يىل نامى Ssau Vadyadutta ئىدى (مىلادىيە 870-يىلى 2-ئاينىڭ 17كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 30-نومۇرلۇق ھۆججەت ياكى 1. 6399 Or. نومۇرلۇق قوليازمىغا قاراڭ، «خوتەن تېكستلىرى» 5-تومقا بېسىلغان 8-نومۇرلۇق ھۆججەت.
  ــــ بۆيۈك بېرتانىيە موزېينىڭ شەرقشۇناسلىق بۆلىمىدە ساقلىنىۋاتقان 1. 6399 Or. نومۇرلۇق ھۆججەت(1-9-قۇر): ئوخشاش بىر يىل نامنىڭ 20-يىلى، Rrahaza ئاي(خەنزۇ كالندارىدا 12-ئاي)نىڭ 20-كۈنى(مىلادىيە 871-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى). يىل نامى Spata Sdaki ئىدى. «خوتەن تېكستلىرى» 5-توم 8-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
  ــــ سىۋىن ھېدىن ساقلانما ھۆججىتى، 4-نومۇر: Sua Sacu  يىل نامىنىڭ  21-يىلى، Raruja ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 6-ئاي )نىڭ 18-كۈنى(مىلادىيە 871-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى).
  ــــ بۆيۈك بېرتانىيە موزېينىڭ شەرقشۇناسلىق بۆلىمىدە ساقلىنىۋاتقان 2. 6399 Or. نومۇرلۇق ھۆججەت: Sakaja ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 2-ئاي)نىڭ 22-كۈنى، ئۇدۇن خانى ۋىساۋاھام ھاكىميەت يۈرگۈزگەن يىللار، ئۇنىڭ يىل نامى Ssau Sauira. Sidaka مىلادىيە 872-يىللىرىغا توغرا كىلىشى مۈمكىن. «خوتەن تېكستلىرى» 5-توم 3-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
  ــــ  X Mi Pece: ئوخشاش بىر يىل نامىنىڭ 22-يىلى، Mutcavi  ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 9-ئاي)نىڭ 18-كۈنى(مىلادىيە 872-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى). «خوتەن تېكستلىرى» 3-توم، 91-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
  ــــ بۆيۈك بېرتانىيە موزېينىڭ شەرقشۇناسلىق بۆلىمىدە ساقلىنىۋاتقان 2. 6395 Or. نومۇرلۇق ھۆججەت: 22-يىلى، Skarihwari ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 11-ئاي)نىڭ28-كۈنى(مىلادىيە 872-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى)، يىل نامى  Spata Sidaki. «خوتەن تېكستلىرى» نىڭ 5-تومىغا بىسىلغان 6-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
  ــــ بۆيۈك بېرتانىيە موزېينىڭ شەرقشۇناسلىق بۆلىمىدە ساقلىنىۋاتقان 2. 6398 Or. نومۇرلۇق ھۆججەت: 5-يىلى، Sijsija ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 4-ئاي)نىڭ 17كۈنى(مىلادىيە 855-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى). يىل نامىSau Samtatti Spata Malarrjum . «خوتەن تېكستلىرى»نىڭ 5-تومىغا بىسىلغان 6-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
  ــــ ھاردىنگې ساقلانما ھۆججەتلىرى، 074.4-نومۇر: ۋەلئەھدى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۇنجى يىلى، يىل نامى Hvamdu Sau. «خوتەن تېكستلىرى»نىڭ 5-تومىغا بىسىلغان 590-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
  ــــ مازارتاغ(Mazar Tagh)دىن قېزىۋىلىنغان C.00018 نومۇرلۇق ھۆججەت: ئۇدۇن خانى ۋىساكىررتا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى، Rrahaja(خەنزۇ كالندارىدا 12-ئاي)نىڭ 18-كۈنى، ئۇنىڭ يىل نامى Tci-se(刺史) amaca Ssau Visarka. «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 44-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ. بۇنىڭدىن باشقا مازارتاغدىن قېزىۋىلىنغان0065  b, ⅱ: نومۇرلۇق قوليازما(2-4-نومۇر)غا قاراڭ، ئۇنىڭدا يەنىلا ۋىساكىررتا ھەم ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 16-يىلى تىلغا ئېلىنغان. «خوتەن تېكستلىرى» 2-توم، 43-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
ــــ H.143MBD13 نومۇرلۇق قوليازما: ئوخشاش بىر يىل نامىنىڭ 7-يىلى توشقان يىلى. بۇ يىل نامىنىڭ كونكىرىت ۋاقتى ئېنىقلانمىدى، ئۇ بەلكىم توخۇ يىلىدىن باشلانغان بولىشى مۈمكىن. «خوتەن تېكستلىرى»نىڭ 5-توم، 89-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
ــــ مازارتاغ(Mazar Tagh)دىن قېزىۋىلىنغان 676 00 b, ⅱ: نومۇرلۇق ھۆججەت: مۇشۇ يىل نامىنىڭ 15-يىلى، قوي يىلى، .Bramkhamysji  بۇ يىل نامىمۇ تېخى  ئېنىقلانمىدى، ئۇنىڭ تۇنجى يىلى توخۇ يىلى ئىدى. «خوتەن تېكستلىرى»نىڭ 5-تومىغا بىسىلغان 468-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
ــــ خوتەن ھۆججەتلىرى07.3.(10) ۋە 08.1 نومۇر: مۇشۇ يىل نامىنىڭ 15-يىلى. «خوتەن تېكستلىرى» 5-توم، 671-672-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
ــــ ھاردىنگې ساقلانما ھۆججەتلىرى، 073-نومۇر(1-2 قۇر):  ئۇدۇن خانلىرى ئىچىدىكى ئەڭ خۇش تەبىئەتلىك ۋە ئەڭ مۇقەددەس خان ۋىساۋىكررام ھاكىميەت يۈرگۈزگەن يىللار. «خوتەن تېكستلىرى»نىڭ 5-تومغا بىسىلغان، 671-672-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.  
ــــ خوتەن ھۆججەتلىرى 03.(10) نومۇر: 18-يىلى، kaja ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 2-ئاي). «خوتەن تېكستلىرى» 5-توم ، 663-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
ــــ مازارتاغ(Mazar Tagh)دىن قېزىۋىلىنغان 6400 b,ⅱ: نومۇرلۇق ھۆججەت: ئوخشاش يىل نامىنىڭ 19-يىلىHamarrija  ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 3-ئاي)نىڭ 2-كۈنى. «خوتەن تېكستلىرى»نىڭ 5-تومغا بىسىلغان، 664-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
ــــ خوتەن ھۆججەتلىرى 04.(10) نومۇر: بۇ يىلنامىنىڭ 20-يىلى، Hadyaji ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 5-ئاي)نىڭ 25-كۈنى. «خوتەن تېكستلىرى»نىڭ 5-تومغا بىسىلغان، 664-نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ.
ــــ مازارتاغ(Mazar Tagh)دىن قېزىۋىلىنغانal.0036  نومۇر، مۇشۇ يىل نامىنىڭ 15-يىلى، يولۋاس يىلى، Rrahaja ئاي(خەنزۇ كالىندارىدا 12-ئاي)نىڭ 4-كۈنى، بۇ يىل نامى تېخى ئېنىق تەتقىق قىلىپ چىقىلمىغان بولۇپ ئۇنىڭ تۇنجى يىلى چاشقان يىلىدىن باشلانغان.
تەكشۈرۈپ تۈزۈتىشكە تىگىشلىك يەنە ئالاھىدە بىر ئەھۋال بار. بىر پارچە ھۆججەتتە غەلىتە خاتىرلەنگەن بىر ۋاقىت بار بولۇپ ئۇنىڭدا ئون ئىككى مۆچەل ئىشلىتىلىپلا قالماي ئاينىڭ مۇشۇ يىل ئچىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئۈچ كۈن ئىچىدە، ئەڭ ئاخىرىقى بىر قېتىم نۇر چاچار يۇلتۇز(Naksatra)نىڭ بۇرۇچ نامى قىستۇرۇلغان. بۇيەردە ئۇدۇن تىلىدىكى 00272. Chنومۇرلۇق بۇددىزىم قوليازما ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ، بۇ قوليازما ھۆججەت ھازىر بۆيۈك بىرتانىيە موزېيىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ W. H بايلى ئۆزىنىڭ «خوتەن بۇددىزىم تېكستلىرى» دىگەن ئەسىرىنىڭ 76-، 135-بەتلىرىدە ئۇنىڭ تېرانىكرپسىيسىنى ئشىلەپ  «خوتەن تېكستلىرى» دىگەن ئەسىرىنىڭ 5-جىلد، 368-، 249-، 253-بەتلىرىدە ئىلان قىلدى. مەن بۇ ئۇزۇن ئورام ھۆججەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان يەرلىرىدىن تۆۋەندىكى «خاتىمە»نى بايقىدىم، مىنىڭ ئۇدۇن تىلى سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا ئۇنى قىسقىچىلا تەرجىمە قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ دېققتىگە سۇندۇم.
198-197 قۇر(«خوتەن تېكستلىرى» 5-توم، 376-بەتكە قاراڭ):
Sahaica Salya Phye masti padauysye haday adra naksatra vi sacu kitha am upra dase.
تەرجىمسى: « adra  naksatra ھاكىميەت يۈرگۈزگەن يىللاردىكى توشقان يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇ شاجۇ(دۈنخۇاڭ) دا بۇ ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ چىقتى»[v][⑤].
847-848 قۇر («خوتەن تېكستلىرى» 5-توم، 252-بەتكە قاراڭ):
Si sutra puhye masti 20mye hadai sacu kithi ana purvabha driva naksatra Vi Sv hada sarvakar dase.
« ئۇ بۇ نومنى 5-ئاينىڭ 20كۈنى، naksatra purvabha driva ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىللاردا، شاجۇ شەھرىدە، چۈش ۋاقتىدا كۆچۈرۈپ بولدى».
  1103-1104 قۇر («خوتەن تېكستلىرى» 5-توم، 255-بەتكە قاراڭ):
Sahaci salya dasamye masti 8 hadai purvabhadriva naksa ttra vi sacu ana dase
«Purvabhadrapada   naksatraھاكىميەت يۈرگۈزگەن يىللاردىكى توشقان يىلى  2-ئاينىڭ 8-كۈنى، شاجۇدا كۆچۈرۈپ بولدى».
  85-يىلىدىن 1001-يىلىغىچە جەمئى 12 توشقان يىلى بار، ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا، 859-، 871-، 883-، 895-، 907-، 919-، 931-، 943-، 955-، 967-، 979-، ۋە 991-يىلدىن ئىبارەت. مەن ئۇ يىلنامىلەرنىڭ خەنزۇ كالندارىدىكى باشقا ۋاقتىنى ئويلاشماي تۇرۇپمۇ ھىندىستاننىڭ يۇلتۇز بۇرۇچلىرى خاتىرلەنگەن سالنامىلەرغا ئاساسەن ئىنتايىن توغرا بولغان بىر  ياكى ئۈچ ۋاقتنى بىكتىپ چىقالايمىز. روگېر بىللارد(Roger Billard)ئەپەندى قاپ يۈرەكلىك بىلەن بۇ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىندىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرىغا ئاساسەن، ئوقۇپ يىشىش پۈتۈنلەي توغرا بولىدىغانلا بولسا بۇ يەردە دىيىلگەن يىل نامى مىلادىيە 883-يىلى ياكى 943-يىلىنى كۆرسىتىدۇ، قەدىمكى رىمنىڭ يۇلى كالىندارىغا ئاساسلانغاندا ئايرىم ئايرىم ھالدا، مىلادىيە 883-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى(يەكشەنبە)، 6-ئاينىڭ 28-كۈنى(جۇمە)، ياكى مىلادىيە 943-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى(سەيشەنبە) ، 6-ئاينىڭ 25-كۈنى(يەكشەنبە)، 11-ئاينىڭ 8-كۈنى(چارشەنبە) كۈنىگە توغرا كىلىدۇ، دەپ كۆرستىدۇ. ئۇ بۇ مەسلىنى ئىنتايىن نازۇك مەسىلە دىگەندە چىڭ تۇرىدۇ، لىكىن بۇ تېخى ھۆكۈم بولۇپ شەكىللەنمىگەن، ئەمما بۇلار مۇۋاپىق بولغان بىر خىل ئونۋىرسال پەرەزدىنلا ئىبارەت. مەن ئەگەر ئۆز مەيلىمچە ئالدىمغا يەنە بىر قەدەم ئېلگىرلەپ يۇقارىقى پەرەزنى 883-يىلى ۋە  943-يىلىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئىىكى يىل ئارسىدىن تاللايدىغان بولسام، ئۇنداقتا مەن شاجۇ(دۈنخۇاڭ)دىكى ئۇدۇنلۇقلار كۆچۈرۈپ چىققان بۇ بۇددىزىم ھۆججىتىنىڭ ۋاقتى مىلادىيە 943-يىلى ئىدى دىگەن قاراشقا مايىل، يەنە كىلىپ ئەينى ۋاقىتتا ئۇدۇن بىلەن شاجۇ ئوتتۇرسىدا بىر خىل ئالاھىدە مۇقىم ۋە دوستانە مۇناسىۋەت مەۋجۇتتەكمۇ  قىلىدۇ[vi][⑥].
ئەڭ ئاخىرىدا، مەن كۆپچىلىكنىڭ دۇدبرىدگې(G.Dudbridge) بىلەن ئېممېرىك (R.E.Emmerick)يازغان « 0821 نومۇرلۇق پائۇل پېللىئوت دۈنخۇاڭ ساقلانما ھۆججىتى ھەققىدە»(ئىرانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 7-جىلدغا بېسىلغان، 1978-يىلى، 2-سان، 283-285-بەت) دىگەن ماقالىغا دېققەت قىلىشنى تەۋىسيە قىلىمەن. مەزكۈر ماقالەنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى پۈتكەندە بۇ ئەسەرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مۇشۇ ماقالىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا CH.C.001 نومۇرلۇق ھۆججەتكە مۇناسىۋەتلىك تەقرىزىدە ئۇنىڭمۇ مىلادىيە 883-يىلىنى ئەمەس بەلكى مىلادىيە 943-يىلىنى تاللايدىغانلىقى ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ ماقالىدىن، پائۇل پېللىئوت دۈنخۇاڭ ساقلانما ھۆججىتى ئارسىدىكى 0821 نۇمۇرلۇق قوليازما بىلەن CH.C.001 نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ ئوخشاش بىر توشقان يىلىدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.      
ئىزاھاتلار:
——————————————————————————–
[1][①]  بۇ يەردە «ئاسىيا مىللەتلەر تەتقىقات ئېنىستىتوتىدا ساقلىنىۋاتقان دۈنخۇاڭدىن تېپىلغان خەنزۇچە قوليازمىلارنىڭ ئىزاھلىق مۇندەرىجىسى»نى كۆرسىتىدۇ، 1963-يىلى، مۇسكۋا نەشىرى، 660-بەت، 1629-نومۇر، 2-جىلد، 1967-يىلى موسكۋا نەشىرى، 50-بەت، 2920-نومۇر.   
[1][②] بايلى: «خوتەن تېكىسىتلىرى» 3-توم، 1965-يىلى ۋە 1969-يىلى كامبېرىج ئونۋېرسىتىتى نەشىرى، 105-بەت، 41-نومۇرلۇق ھۆججەت.
[1][③] بايلى: «خوتەن تېكىسىتلىرى» 1 -5 جىلددىكى ترانسكىرىپسىيسىگە قاراڭ، 5 جىلىدلىق بۇ ئەسەر كامبېرىج ئونۋېرسىتېتى نەشىرىياتى تەرپىدىن 1945-، 1954-، 1965-(1-3 جىلدى 1969-يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان)، 1961-يىلى ۋە 1963-يىلى نەشىر قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، «خۇتەن بۇددىزىم تېكىسىتلىرى»، 1951-يىلى لوندۇن چەتئەل تىلى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىچىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن سىۋىن ھېدىننىڭ ساقلانمىلىرى ئىچىدە ھىچقانداق پايدىلىنىش ماتىرىيالى تىلغا ئېلىنمىغان.  بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تىرانىكېرىپسىيسى ۋە تەرجىمىسى «خۇتەن بۇددىزىم تېكىسىتلىرى» 4-تومىدا ئىلان قىلىنغان. نەقىل كەلتۇرۇلگەن سىۋىن ھېدىن ھۆججەتلىرىدىمۇ پايدىلانغان ماتىرىيال بىرىلمىگەن، بۇ ماتىرىياللارنىڭ ترانىكېرىپسىيسى «خوتەن تېكىسىتلىرى» 5-جىلدغا كىرگۈزۈلگەن.
[1][④] ۋىسا ساڭرامانىڭ ھاياتى توغرىسىدا،  بايلى: «خوتەن تېكىسىتلىرى» 4-جىلد، 8-بەتكە قاراڭ؛ «Visa Sangrama ئۈستىدە تەتقىقات»، «بۆيۈك ئاسىيا ژۇرنىلى» 7-جلىد، 11-24-بەت.
[1][⑤] 1061-قۇر («خوتەن تېكىسىتلىرى» 5-جىلد، 42-بەت)دا، بىر «خاتىمە»دە «بۇرۇچ(naksatra) تىلغا ئېلىنمىغان: «توشقان يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۇ شاجۇدا ئاخىرى (كۆچۈرۈپ) بولدى» دىيىلگەن.
[1][⑥] ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇدۇننىڭ شاجۇ ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە مەسلىسى ئۈچۈن مۇئەللىپنىڭ كونا ئەسىرى بولغان «بەش دەۋىر ئۇيغۇر تارىخى»غا قاراڭ، 134-136 بەت؛ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇدۇن بىلەن شاجۇ ئوتتۇرسدىكى قۇداباجلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مەسىلە ئۈچۈن پۇللىېبىلانك (E.G.Pulleyblank): « سىتائىل خالىستۇي ھۆججىتىنىڭ دەۋرى توغرىسىدا»غا قاراڭ، «بۆيۈك ئاسىيا ژۇرنىلى» 4-جىلد، 93-بەت
  «دۈنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 1984-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تەلئەت ئوبۇلقاسىم تۈمەن


[1][1]  بۇ يەردە «ئاسىيا مىللەتلەر تەتقىقات ئېنىستىتوتىدا ساقلىنىۋاتقان دۈنخۇاڭدىن تېپىلغان خەنزۇچە قوليازمىلارنىڭ ئىزاھلىق مۇندەرىجىسى»نى كۆرسىتىدۇ، 1963-يىلى، مۇسكۋا نەشىرى، 660-بەت، 1629-نومۇر، 2-جىلد، 1967-يىلى موسكۋا نەشىرى، 50-بەت، 2920-نومۇر.   
[1][1] بايلى: «خوتەن تېكىسىتلىرى» 3-توم، 1965-يىلى ۋە 1969-يىلى كامبېرىج ئونۋېرسىتىتى نەشىرى، 105-بەت، 41-نومۇرلۇق ھۆججەت.
[1][1] بايلى: «خوتەن تېكىسىتلىرى» 1 -5 جىلددىكى ترانسكىرىپسىيسىگە قاراڭ، 5 جىلىدلىق بۇ ئەسەر كامبېرىج ئونۋېرسىتېتى نەشىرىياتى تەرپىدىن 1945-، 1954-، 1965-(1-3 جىلدى 1969-يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان)، 1961-يىلى ۋە 1963-يىلى نەشىر قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، «خۇتەن بۇددىزىم تېكىسىتلىرى»، 1951-يىلى لوندۇن چەتئەل تىلى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىچىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن سىۋىن ھېدىننىڭ ساقلانمىلىرى ئىچىدە ھىچقانداق پايدىلىنىش ماتىرىيالى تىلغا ئېلىنمىغان.  بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تىرانىكېرىپسىيسى ۋە تەرجىمىسى «خۇتەن بۇددىزىم تېكىسىتلىرى» 4-تومىدا ئىلان قىلىنغان. نەقىل كەلتۇرۇلگەن سىۋىن ھېدىن ھۆججەتلىرىدىمۇ پايدىلانغان ماتىرىيال بىرىلمىگەن، بۇ ماتىرىياللارنىڭ ترانىكېرىپسىيسى «خوتەن تېكىسىتلىرى» 5-جىلدغا كىرگۈزۈلگەن.
[1][1] ۋىسا ساڭرامانىڭ ھاياتى توغرىسىدا،  بايلى: «خوتەن تېكىسىتلىرى» 4-جىلد، 8-بەتكە قاراڭ؛ «Visa Sangrama ئۈستىدە تەتقىقات»، «بۆيۈك ئاسىيا ژۇرنىلى» 7-جلىد، 11-24-بەت.
[1][1] 1061-قۇر («خوتەن تېكىسىتلىرى» 5-جىلد، 42-بەت)دا، بىر «خاتىمە»دە «بۇرۇچ(naksatra) تىلغا ئېلىنمىغان: «توشقان يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۇ شاجۇدا ئاخىرى (كۆچۈرۈپ) بولدى» دىيىلگەن.
[1][1] ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇدۇننىڭ شاجۇ ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە مەسلىسى ئۈچۈن مۇئەللىپنىڭ كونا ئەسىرى بولغان «بەش دەۋىر ئۇيغۇر تارىخى»غا قاراڭ، 134-136 بەت؛ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇدۇن بىلەن شاجۇ ئوتتۇرسدىكى قۇداباجلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مەسىلە ئۈچۈن پۇللىېبىلانك (E.G.Pulleyblank): « سىتائىل خالىستۇي ھۆججىتىنىڭ دەۋرى توغرىسىدا»غا قاراڭ، «بۆيۈك ئاسىيا ژۇرنىلى» 4-جىلد، 93-بەت
  «دۈنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 1984-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تەلئەت ئوبۇلقاسىم تۈمەن
مەنبە : «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 2-سان

4

تېما

2

دوست

2161

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 20:24:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ مۇھىم ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپسىز. ئونىنچى، توققۇزىنچى ئەسىرلەرنىڭ ئالدىدىكى ئۇدۇننىڭ تارىخىي ئۇچۇرلىرىدىن جىقراق خەۋەردار بولالىساق تېخىمۇ ئوبدان بولىتتى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

15

تېما

1

دوست

1943

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17235
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 584
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 22:31:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىم ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )