- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7722
- نادىر
- 1
- يازما
- 321
ئۆسۈش
54.44%
|
ئويلاپ باقمىغان يەردىن تەسىرات ئىكەن.
مېنىڭمۇ ئۈچ تەسىراتىم بار.
1- تۈركىيەدە 4- 23- كۈنى بالىلار بايرىمى بولىدۇ. بۇ كۈندە جۇمھۇر باشلىقىدىن تارتىپ مىنىستىرلارغىچە ھەممىسى ئۆز ھوقۇقىنى يېرىم سائەت، بىر سائەت ئەتىراپىدا 7- 10 ياش ئارىسىدىكى ئوغۇل- قىز ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال بارلىق خەۋەر ۋاستىلىرى تەرىپىدىن كەڭ دائىرىلىك تارقىتىلىدۇ. ئابدۇللا گۈل، ئەردوغان... لار نورمال پۇخرا سالاھىيىتى بىلەن ئۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشۇپ، ئۇلارنىڭ مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىشىنى ۋە قىلغان گەپ- نۇتۇقلىرىنى ئاڭلايدۇ. بۇ ئەھۋاللار ئادەمنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ. بۇ بىر مىللەتكە، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىغا پەۋقۇلئاددە چوڭ ئۈمىت بېرىدۇ.
2- دىيارىمىزدىن تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش جەريانىدا ئامال بار تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن، تۇنۇشۇش، ئارلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلا ربىلەن ئۇچىراشتى دېيىلسە پەقەت ئۇيغۇر ئاشىخانىلىرىغا تاماق يېگىلى كەلگەندە باشقا ئۇيغۇرلارنى كۆرىشى مۇمكىن. شۇڭا تۈركىيەدە 4-5 يىل مۇقىم تۇرۇپ ئوقۇغان ئۇقۇغۇچىلارمۇ تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن پەقەتلا بىر نەرسە بىلەلمەيدۇ ياكى بىلمەيدۇ.
3- دىيارىمىزدىن بىرەر ۋەكىللەر ئۆمىگى كەلسە ياكى ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر 10- 20 يىلدا بىرەر قېتىم ئويۇن قويغىلى كېلىپ قالسا تۈركىيە بۇ ئەھۋاللارنى خەۋەرلەردە بەرمەيدۇ. نەتىقىدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار خەۋەرسىز قالىدۇ. ئۆتكەن يىل ئابدۇللا ئابدۇرىيىملار كەلگەندىمۇ ئۇلارنىڭ كېلىشى مەخپى تۇتۇلغان بولۇپ، پەقەت باشلىقى سابىر غۇلجا دېگەن كىشى بولغان، ئۇيغۇر سانايىچى ۋە ئىش ئادەملىرى (مىليونىرلىرى) دەرنىگى (تەشكىلاتى) نىڭلا خەۋىرى بولغان بولۇپ، بۇ ئويۇنغا تۈركىيەدىكى جۇڭگۇ ئەلچىسى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى، يېقىنلىرىلا قاتناشقان. جۇڭگۇ ئەلچىسى ئالدىنقى سىرادا سابىر غۇلجا بىلەن يانمۇ يان ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇيۇننى باشلاشقا 2-3 سائەت قالغاندا خەۋەر تاپقان تۈركىيەدىكى نورمال ئۇيغۇرلار بۇ ئۇيۇنغا كەلگەندە، نېمىشقىكىن يۈزلەرچە ساقچىلار ئۇلارنى ئۇيۇن مەيدانىغا يېقىنمۇ كەلتۈرمىگەن. بۇلار مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم |
|