- تىزىملاتقان
- 2014-8-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 620
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
ئۆسۈش
24%
|
ئۇيغۇرلار غەرپكە كۆچكىچە بولغان ئارلىقتا تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلار ، جۈملىدىن تارىم ئويمانلىقى تۈركلىشىش ۋە ۋە ئۇيغۇرلىشىش جەريانىنى باشلىغان بولۇپ ، 840 - يىلىدىن كېيىنكى چوڭ تىپتىكى مىللەتلەر قوشۇلىشىغا شەرت - شارائىت ھازىرلىغانىدى. شۇڭلاشقا 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن ، كەڭ كۆلەمدە غەرپكە كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ھېچقانداق توسالغۇسىزلا تارىم ۋە تۇرپان ئويمانلىقىغا ماكانلىشىپ ، ئەسلىدىكى يەرلىك ئاھالە بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى ۋە ناھايىتى تېزلا مەدەنىيەت جەھەتتە گۈللىنىشكە ئېرىشتى. گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە غەرپكە كۆچۈشى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى غايەت زور ۋەقە بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ھەقتە خەنزۇ مەنبەلىرىدىن باشقا ھېچقانداق بىر مىللەتنىڭ تارىخنامىلىرىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن . كىشىنى تېخىمۇ ئەجەبلەندۈردىغىنى شۇكى، مۇشۇنداق تارىخى خاراكتىرىلىق چوڭ كۆچۈشنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قان - ياشلىق سەپىرىدە مۇشۇ ۋەقەنى تېما قىلغان بىرەر ئېپوس ياكى كىچىككىنە رىۋايەتمۇ قالدۇرۇپ قويمىغان. ئاشۇ ۋەقەدىن 200 يىل ئۆتمەيلا قۇچۇ خانلىقىدا يارىتىلغان جىلد - جىلد يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە ئالېكساندرنىڭ يۈرۈشلىرى، ‹ئىنجىل›نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ پارچىلىرى، ئىزوپ مەسەللىرى بايقالدىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش تارىخىغا دائىر بىرەرمۇ ھۆججەت تېپىلمىدى. تېخىمۇ ئېچىنارلىقى ، 11- ئەسىردە ياشىغان قاراخانلى سۇلالىسىدىكى ئىككى نەپەر بۈيۈك شەخس _ مەھمۇد كاشىغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىب ئۆز ئەسەرلىرىدە غەرپ مەنبەلىرىدىكى نوھنىڭ ئوغلى ياپەس ياكى فېرىدۇننىڭ ئوغلى تۇر ۋە ئۇنىڭ نەۋرىسى ئەفراسىياب ھەققىدە مەلۇماتلار قالدۇردىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ 9- ئەسىردىكى غەرپكە كۆچۈش ھەققىدە ئەسلا ئۇچۇر قالدۇرمىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ تارىختىن بۇيانقى سىياسى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەن ئىككى قەدىمى مەدەنىيەتلىك ئەل _ ئىران بىلەن ھىندىستاننىڭ تارىخچىلىرىمۇ بۇ ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرمىدى. تارىخچىلار ئۇزاقتىن بۇيان ‹ ئۇيغۇرلار تارىخدىكى دەۋر بۆلگۈچ زور ۋەقە › دەپ ئاتىغان بۇ قېتىمقى چوڭ كۆچۈشنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ يازما ۋە ئاغزاكى مەنبەلىرىدە ئۇچرىماسلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن تەئەججۈپلەندۈرىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار تارىخدىكى بۇ زور ۋەقەنى باشقا مەبنەلەر ئارقىلىق يەنىمۇ ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ.
تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ
ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈپلا ئۇلارنى قىسقىغىنا ۋاقىتتا تارىمدىكى مىللەتلەر بىلەن قوشۇلۇپ كېتىشى يەرلىك مىللەتنىڭ ئىرقى ، ئۆرپى ۋە تىلى جەھەتتىن ئۇرۇق تۇققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھەم كۈسەن قەشقەرلەردىن چىققان بەزى يېزىقلارغا قاراپ تارىمنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنى ئىران ياكى ھىندى نەسىللىك دېسە قاملاشمايدۇ، چۈنكى دىنى ۋەسىقىلەرنىڭ شۇ تىلدا بولۇشۇ تەبىئى يەنى بىزنى قازسىمۇ ئۇنداق ئەرەبى ، فارسى ۋەسىقىلەر تولا بۇنىڭغا قاراپلا بىزنى ئەرەپ ياكى پارس نەسىللىك دېسە قاملاشماس.....
ھەرقايسى قېرىنداشلاردىن ئۈمۈدۈم : سىلەرنىڭ مۇنازىرەڭلارنى كۆرۈپ بەك سۆيۈندۈم بىلىمىڭلار ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن . مۇمكىن بولسا بىر بىرىڭلارغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىلمى مۇلايىم مۇنازىرە ئېلىپ بارساڭلار .....
|
|