- تىزىملاتقان
- 2014-1-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2683
- نادىر
- 0
- يازما
- 154
ئۆسۈش
22.77%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mamatimin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-30 11:28
مەن ئۇزەم بىلگەنچە بىر تەرجىمە قىلىپ باقاي ئۇزاق بوپتۇ پارىس يېزىغى بىلەن ئۇچرۇشۇپ باقمىغىلى تورداشلارنىڭ خاتا يەرلىرىگە سەمىمى تۇزىتىش بىرىشىنى سەمىمى
ئۇتۇنىمەن،
ئاساسى مەزمۇنى
شۇنداق ئېيتىلىپتۇلاركى مۇغول يۇرتىدا ئىككى تاغ بۇلۇپ ئىگىز ھەم ئۇزۇن شەرىقتىن غەرىپكە سۇزۇلغان ئۇلۇق تاغلار ئىدى،بىرسىنىڭ ئېتى سۇيۇملۇك تەڭرى ناملىق يەنە بىرسى تاقىر توپۇلۇق بۇ ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدىكى مۇغول يۇرتىنىڭ غەربىدە يەنە بىر تاغ بار ئىدى ئۇنى قۇتتاغ دىيىشەتتى،
بۇ ئاتالغان تاغلارنىڭ ئارىسىدا بىر تەرەپتە ئېقىپ تۇرغان ئون دەريا باردۇر يەنە بىر تەرەپتە توققۇز دەريا بار كەڭ ئۇلۇغ سۇلار،
قەدىم ئۇيغۇرلار قەۋمى شۇ دەريالارنىڭ ئارىسىدا ياشىايتى،ئۇلار ئون دەريا ئارىسىدا ياشىغانلار ئون ئۇيغۇر دىيىلىدۇ توققۇز دەريا ئارىسىدا ياشىغانلار توققۇز ئۇيغۇر دىيىلىدۇ ئۇلار شەھەر ۋە سەھرالارغا ئولتۇراقلاشقان خەلىقلەر ئىدى،يۇز يىگىرمە ئۇرۇق جەمەت ئىدىلەر كېيىن بىر كىشىنى پادىشاھ قىلدى لىكىن ئۇنىڭغا بويسۇنمىدى ئۆز ئىچىدىن بۇزۇلدى،بىركۇنى ھەممىسى يىغىلىپ كېڭەش قىلىشتى ئېيىتتىلەركى بىزلەر ئىككى بۇلەك خەلىقمىز ھەرقايسىمىز بىر كىشىنى ئۆزىمىزگە باش قىلايلى كىمكى ئۇنىڭ سۇزىنى ئاڭلىمىسا بېشىنى ئالسۇن ۋە مالمۇلكىنى مۇسادىرە قىلسۇن دىيىشتى
كېيىن ئون ئۇيغۇر ئۇرۇقىدىن مىكۇتاتىي ئاتلىق كىشىنى خان قىلىشتى ۋە ئۇرۇق جەمەت لەقىمى قويدى،
توققۇز ئۇيغۇر ئۇرۇقىدىن بىر كىشىنى خان قىلدى ئۇنىڭغا كوكلو دەپ لەقەم قويدى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۇغۇللىرى بىرسى بىرسىگە دۇشمەن بولدى ۋە بىرسى بىرسىنىڭ ئادەملىرىنى بۇلاش ئەسىر ئېلىشلەر بولدى
شۇنداق قىلىپ بۇلاردىن بىر قىسمى يۇرتىدا قېلىپ بىر قىسمى ئېرتىش دەريا بۇيىغا ماكانلاشتى، يەنە بىر بۇلىگى بەيىش شەھرى ۋە يارىب ئەگىپ دىگەن ئىككى ۋىلايەتنى بەرپا قىلدى،يەنە بىر بۇلىگى يىلقا قوي بېقىپ بەشبالىقنىڭ ئەتراپىدا كوچمەن بۇلۇپ يۇردى،يەنە بىر بۇلىگى ئېرتىشنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە چارۋا باقماي بىلىق ۋە قۇندۇز كىيىك تىيىن ئوۋلاپ گۇشىنى يەپ تېرىسىنى كىيىپ ياشاپ يۇردى جەمەتىنى پەقەت ئويلىمايتى،ئانىلىرى قىزلىرىنى قارغىسا شۇنداق دەيىتتى يىلقا قوي باقىدىغان كىشىگە تىگىپ گوش يەپ قىمىز ئىچىپ بېشىڭغا يامان كۇنلەر چۇشۇپ يۇرگەيسەن دەيمىشلەر،
چىڭگىزخان زامانىدا بارچۇقتىكى خەلىق بەخىتلىك ئىدى چىڭگىزخان كىشى ئەۋەتىپ ئەگەر ئۇزىگە بېقىنسا يىلدا مال ئىبەرتىپ تۇرسا بۇلىدىغان توغۇرلوق پۇتۇشتى چىڭگىزخان ئۇرۇشق ا ئاتلىنىپ ماۋرە ئۇننەھىرىگە كەلگەندە بارچۇق ئېدىقۇت لەشكەرلىرى كىلىپ يولداچىڭگىزخانغا قۇشۇلۇپ ياخشى خىزمەتلەر قىلدى ئۇيغۇر خەلقىدە تۇركىي تىل ئۇقىغان كىشىلەر كوپ ئىدى دەپتەردارلىق ۋە دىۋان ھىساۋاتلىرىنى ياخشى بىلەتتى،
چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرىنىڭ زامانىدا ماۋرەئۇننەھرىدە ۋە خۇراساندا ۋە ئىراقتا دىۋاندا ۋە دەپتەردارلار ھەممىسى ئۇيغۇر ئىدى،
خىتاينىڭ يۇرتلىرىدا ھەم چىڭگىزخاننىڭ ئۇغۇللىرى دىۋان ۋە دەپتەرچىلەرنى ئۇيغۇر خەلقىدىن قىلغان ئىدى،
چىڭگىزخاننىڭ ئۇزىنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان ئوغلى ئوگدايخان خۇراسان مازاندىران ۋە كەيلاننى ئۇيغۇر كوركوز تىگىنگە تاپشۇرغان ئىدى ئۇ ياخشى ھىساۋاتچى ئىدى ئۇچ-توتمىڭ مالنى ئۆلتۇرۇپ يىلدا ئۆگدايخانغا ئەۋەتەتتى؛
|
|