- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35316
- نادىر
- 19
- يازما
- 1762
ئۆسۈش
63.29%
|
ماۋۇ تەرجىمىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، چاغاتايچە بىلەن ھەپىلەشكەن كىشىلىرىمىزمۇ خېى باركەن جۇمۇ...
ئانداغ ئىيتۇرلاركىم موغۇل يۇرتىدا ئىككى تاغ بولۇپ،ئۇزۇنلۇقى كۈن
چىقىشتىن كۈن پىتىشگىچە بىر نىھايەت ئۇلۇغ
تاغ ئەردىلەر. بىرسىنىڭ ئېتى توقرا توبۇزلۇق يەنە بىرسى ئۇسقۇنلۇق.
بۇ ئىككى تاغنىڭ ئاراسىدا موغۇل يۇرتىنىڭ كۈن پىتىشىدا يەنە بىر تاغ
بار ئىدى،ئېتى قۇت تاغ دىيىلەتتى. بۇ ئېيتىلغان تاغلارنىڭ ئاراسىدا
بىر يەردە ئاقىدىغان ئون ساي بار، يەنە بىر يەردە توققۇز ساي بار .
(چاي) ئۇلۇغ سۇلار قەدىم ئۇيغۇر ئىلى شۇ سايلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان
ئېدى. ئۇن سايدا ئۇلتۇرغانلار ئون ئۇيغۇر دىيىلەر، توققۇز سايدا
ئولتۇرغانلار توققۇز ئۇيغۇر دىيىلەر ئىدى. (شەھەرلەشكەن مەدىنيەتلىك)
خەلق ئىدى. يۇزيىگىرمە ئۇرۇقلۇق ئەل ئېدى، بىر كىشىنى پادىشاھ
كۆتىرىپ ئۇنىڭ (غەرىگە) باقماس ئېدى. شۇ سەۋەپتىن بۇزۇلۇشقا
باشلىدى. بىر كۈنى ھەممىسى يىغىلىپ (مۇزاكىرلەشتى) بىزلەركى بىر
بۆييۈك خەلقمىز،ھەر قايسىمىز بىرلىكتە بىر كىشىنى تۆرە قىلايلى
كىم ئۇنىڭ سۆزىنى قۇبۇل قىلمىسا ئۆلتۈۈرلسۇن ۋە مال-مۆلكى
مۇسادىرە قىلىنسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇن ئۇيغۇر ئۇرۇقىدىن مەنگۈتاتى
ئاتلىق بىر كىشىنى خان كۆتەردىلەر. ئەل (ئەلتەر لەقەپ) قويدى. توققۇز
ئۇيغۇر ئۇرۇقىدىنمۇ بىر كىشى كۆتەردىلەر. كوكلو *) (لەقەب) قويدىلەر.
بۇ ئىككىسىنىڭ باللىرىنى (بوزلىدىلەر)، ئولغا ۋە ئەسىر بولۇپ تۇردى.
بىر نەچچەلىرى يۇرتلىرىدا جايلىشپ قالدى يەنە بەزىلىرى ئىرتىش
دەرياسىنىڭ ياقىسىغا كىلىپ شۇيەردە قالدى، بىر بۆلۆكى بىھىش
شەھرىگە (يارىب)،(ئىيكىن ئەگىپ-->ئىقىن ئەگىپ دىگەن
گەپ بۇلۇشى مۆمكىن)ياخشى قىلدى،يەنە بىر بۆلىكى يىلغا،قوي
ساقلاپ بىشىبالىقنىڭ يىقىنىدا كۆچۆپ قونۇپ يۈردى، ۋە يەنە بىر بۆلىكى
ئىرىتىشنىڭ تۆۋەىنىدە ھىچ بىر مال ساقلىماي بىلىق ۋە قۇندۇز ۋە كىش
ۋە سۇسار ۋە تىيىن ئۇۋلاپ (شۇنىڭ بىلەن جان باقار ئىدى)، (قوماچ) نى
ئۆمرىدە كۆرمەيتتى. ئانىلىرى (ئەگەر) قىزلارنى (قارغاسالىر) ئىيتۇرلار
ئىدىلەر،يىلقىلىق، قۇيلۇق كىشىگە توشۇپ(شۇنىڭ بەدىلىگە) قىمىز
ئىچىپ، بىشىغا يامان كۈن تۇغۇپ يۈرەكلىك (سىندەرلەر ئىمىش)
چىنگىزخان زامانىدا (باۋۇرچاق) تىكىن خەلقى بەختلىك ئىدى،
چىنگىزخان كىشى ئەۋەتىپ ھەر يىلى مال بىرەر ئىدى. چىنگىزخان
ئاتلىنىپ ماۋارۇئەننەھىر ئۈستىگە كەلگەندە (باۋۇرچاق) ئىدىقۇت
لەشكەرلىرى بىلەن كىلىپ يولدا چىنگىزخانغا قوشۇلۇپ ياخشى
خىزمەت قىلدى،ئۇيغۇر خەلقىدە تۈركى تىلى ئۇقىدىغان كىشىلەر
كۆپ بولار ئىدى، پۈتۈكچىلىكنى ۋە دىۋان-ھىسابلارنى ياخشى بىلەرلەر
ئېدى. چىنگىزخاننىڭ نەۋرلىرىنىڭ زامانىدا ماۋەرائۇننەھەر ۋە خۇراسان
ۋە ئىراقتا دىۋانلار ۋە پۈتۈكچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىدى، خىتاينىڭ
يۇرتلىرىدا چىنگىزخاننىڭ ھەر ئۇغۇللىرى ھىساپ-كىتاپچىلارنى ئۇيغۇر
خەلقىدىن قۇيار ئېدى. چىنگىزخاننىڭ ئۇرنىدا ئولتۇرغان ئۇغلى ئوكدايخان
خوراسان ۋە (مازىنداران) ۋە كىلاننى ئۇيغۇر (كوركۆز) تىكىنگە تاپشۇرغان
ئىدى، ئۇ ياخشى ھىساپچى ئىدى، يىلدا ئۈچ-تۆت مىڭ مالنى (كۆپەيتىپ)
ئوكتايخانغا ئەۋەتەر ئېدى. |
|