دادا، مېنىڭ چوڭ بولماي ئۆلگۈم بار
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
دادا ، ياخشىمۇ سەن؟
گەرچە سەن بىلەن كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرساممۇ ، ساڭا خەت يازغۇم كېلىۋاتىدۇ، مېنىڭ بۇ خەتنى ساڭا نېمىشقا يازغانلىقىمنى بىلەمسەن ؟ بۇ خەت مېنىڭ مەن ئېلىپبەنى ھەدەمدىن ئۈگۈنۈپ بولۇپ مېنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ،ئەڭ قەدىرلىك بولغان ساقاللىرى يۈزلۈرۈمگە سانجىلىپ تۇرىدىغان ئالدىراش دادامغا كۆڭلۈمدىكى سۆزلۈرۈمنى دىگۈم كېلىپ يازدىم . دادا مەن ساڭا بەك ئامراق .
دادا ، سېنىڭ ماڭا كىچىك ۋاقىتلىرىمدا نىمە دىگەنلىكىڭ يادىڭدا بارمۇ ؟ ئۆيدىكىلەر مېنىڭ كىچىكلا تۇرۇپ نۇرغۇن خەتلەرنى يازالايدىغانلىقىمنى ماختاشتى ، سەنمۇ شۇنداق كۈلكە ئىچىدە مىنى ساقاللىرىڭنى سانجىپ سۆيۈپ كەتتىڭ . مېنى باشقىلار بەكمۇ ئەقىللىق دەپ كۆرسىلا سۆيۈپ كېتىدۇ ، مېنىڭ سوراپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ ، مېنى مەكتەپتە ئوقۇتقان ئاشۇ مۇئەللىملىرىم شۇنچىلىق ئەقىللىق ،ئۇلار مەندىن كۆپ نەرسىنى بىلىدۇ ،نېمىشقا كىشىلەر ئۇنى سۆيمەيدۇ ؟ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ؟ ئۇنداقتا چوڭ بولسا ھېچكىشى بىر -بىرىنى سۆيمىسە ، ھەتتا مۇئەللىمنى سەنمۇ ھېچكىم ماختاپ قويمايدۇ ، چوڭ بولسا ھېچكىم بىر -بىرىنى ماختىمىسا ئۇنداقتا چوڭ بولۇش بەك قورقۇنۇشلۇق ئىكەن . مېنىڭ چوڭ بولغۇم كەلمەيۋاتىدۇ . مىنىڭ چوڭ بولغۇم كەلمىگىنى يەنە كۆپ سەۋەبلەر بار ، خەتلىرىمنى ئاخىرىغىچە ئوقۇپ تۈگەتكىن بولامدۇ دادا ؟
سەن خىزمەتتىن كەچ كەلگەن ھېلىقى كۈنى مەن ئالىم تاغاشنىڭ قېشىغا گۆشكە چىققان ئېدىم ، تۆت ئاكاشنىڭ كوچىدا يىغىلىپ ئولتۇرۇپ قارت ئويناۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئاچچىقىم كەلدى ، چۈنكى سەن ماڭا قارت ئوينىسا يامان بولىدۇ دىگەن ئىدىڭ . مەن ئۇلارنىڭ قېشىغا بارغۇچە يەنە ئۇلار « ھاراق ئىچىپ نەچچە قىز بىلەن كۆڭۈل ئاچتۇق ،ئۇ كاساپەتلەر نىڭ بەك پەيزى باركەن » دېدى . مەن ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا قارت ئوينىسا يامان بولىدىغانلىقىنى دىسەم ، ئۇلار مىنىڭ يانچۇقۇمدىكى گۆشكە ئېلىپ چىققان پۇللۇرۇمنى ئېلىۋالدى ، ھەمدە مىنى ئىتتىرىپ «شۇم »دەپ تىللىدى . مەن ئۇلارغا ئېسلىۋالسام تەستىكىمگە قاتتىق بىرنى ئۇردى .يۈزلۈرۈم ئاغرىغانلىقتىن ئولتۇرۇپ چىرقىراپ كەتتىم ، لىكىن ئۇلار قارىماستىن ئويۇنىنى ئويناۋەردى ، ھەتتا كوچىدىكى داداش،ئاكاشلارمۇ ماڭا قاراپ قويمىدى ، ئۇلارنىمۇ قارت ئويناشتىن توسمىدى . سەن بولغان بولساڭ چوقۇم ئاپام بىلەن مېنى سۆيۈپ كىتەر ئىدىڭغۇ دادا .مۇئەللىم چۈشەنمىسەڭلار داداڭلاردىن سوراڭلار دېگەن ئېدى ، سەندىن مەن چۈشەنمىگەن بىر قانچە سۇئالنى سوراي دادا . نېمىشقا چوڭلار يامان بولىدىغان ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىدۇ ؟ يەنە نېمىشقا باشقىلار ئۇنى توسمايدۇ ؟ نېمىشقا ئۇلار بالىلارغا خالىغانچە ئازار بېرىدۇ ؟نېمىشقا مېنى شۇنداق چاغدا بىر كىشى كېلىپ سەندەك پىشانەمگە سۆيمەيدۇ ؟ ئەجابا ئۇلار مىنىڭ دادام بولمىغانلىقى ئۈچۈن مىنى يۆلىمەمدۇ ؟ مېنىڭ يېشىمنى سۈرۈتۈپ قويمامدۇ ؟ ئۇلارنىڭ بالىسىنى باشقىلار مۇشۇنداق ئۇرسا سەنمۇ شۇنداق كۆرمىگەندەك ئۆتۈپ كىتەرسەنمۇ دادا ؟ مەنمۇ چوڭ بولسام شۇنداق بولۇپ كېتەرمەنمۇ ؟ مېنىڭ چوڭ بولغۇم كەلمەيۋاتىدۇ . چوڭ بولۇش بەك قورقۇنۇشلۇق ئىكەن .
مەكتەپتىكى ئىشلارنى ساڭا دەپ بېرەي ھە دادا ، نەچچە كۈن بۇرۇن بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمىز سىنىپقا كىردى ، ئۇ جىددىي ھالدا بىزنى سىنىپ تازىلاشقا ، مەكتەپنى سۈپۈرۈشكە بۇيرۇپ ، بىر نەچچە ساۋاقدىشىمىزغا دەرىس يادىلاتتى . مەنمۇ خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە مۇئەللىمنىڭ يېزىپ ئېلىپ كىرگەن دەپتەردىكى ماقالىنى يادىلىدىم . مۇئەللىم بىزگە « بۇلارنى ئۆزىمىز يازدۇق » دەڭلار دېدى . مەن «نىمىشقا » دەپ سورىسام مىنى بىرمۇنچە تىللاپ كەتتى ،ھە -راست ، شۇنىڭدىن كېيىن مۇئەللىمدىن نىمىشقا دەپ سوراشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم . شۇ كۈنى ئۆتۈپ كەتتى . ئەتىسى بىرمۇنچە داداشلار ئىللىق كۈلۈپ سىنىپقا كىرىپ كەلدى . ئۇلار دىگەندەك مەندىن سورىدى :
ــ ئوغلۇم ، دەپ باقە ، سىنىپ مەسئۇلۇڭلار سىلەرنى ئۇرۇپ تىللامدۇ ؟
ــ نېمىشقا دەپ سورىساق تىللايدۇ ،ــ دېدىم مەن ،چۈنكى سەن چوقۇم راست گەپ قىل دەپ ئۈگەتمىگەنمىتىڭ .
ــ ئۇنداقتا سىلەرنى بىز كېلىشتىن بۇرۇن بىرەر نەرسە يادىلاشقا بۇيرىدىمۇ ؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ داداش خۇددى ھەممە ئىشنى كۆرگەندەك .
ــ شۇنداق ، مۇئەللىم بىزگە بىر پارچە ماقالىنى ئېلىپ كېرىپ بۇنى يادىلاڭلار دەيدۇ ، يەنە تېخى ئۇنى بىز يازدۇق دەڭلار دېدى ، لىكىن بۇنى بىز يازمىغان ئىدۇق ،ــ دېدىم مەن .
ــ سىلەرنىڭ سىنىپتا ساۋاتسىز بالا بارمۇ ؟
ــ بىزنىڭ سىنىپتا بەش ساۋاتسىز بالا بار
ئۇلار كۈلۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . بىردەمدىن كېيىن دەرىستىن چۈشكەندە مۇئەللىم باشقىلارنى قويۇپ بېرىپ مېنى ئېلىپ قالدى . ئۇ نىمە ئىش بولغانلىقىنى دىمەستىنلا مېنى ئۇرۇپ كەتتى ، مىنىڭ كاسام ، بەللىرىمگە مۇشت بىلەن ئۇرغىلى تۇردى ، مەن گەپ سوراي دېسەممۇ ئاۋازىم چىقمىدى . مەن يىغلاپ كەتتىم ،لىكىن مۇئەللىم مېنى ئۇرۇشتىن توختىمىدى ، بىزنىڭ مۇئەللىمنىڭ بۇنچىلىك ئۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ،ئېيتە دادا ، مەن راست گەپ قىلسام خاتامۇ ؟ مەن مۇئەللىمگە ئۆچ بولۇپ كەتتىم ،ھەم مۇئەللىم دىسە قورقۇپ تىتىرەپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم .سەن دائىم ماڭا ئوغۇل بالا دېگەن چىداملىق بولۇغ كېرەك دەيتتىڭغۇ ، مەن سىلەرگە بۇنى دېمىدىم ، لىكىن شۇ كېچە ئىچىمدە بىر كېچە يىغلاپ چىقتىم . مەن نېمە ئىشنى خاتا قىلدىم ؟ سەن دىگەن بويىچە قىلسام نېمىشقا ھەمىشە تاياق يەيمەن ؟ مۇئەللىمدەك چوڭ بولغاندا مەنمۇ شۇنداق ئەسكى بولۇپ كىتەرمەنمۇ ؟ مىنىڭ مۇئەللىمدەك ئەسكى بولغۇم يوق ، مەن چوڭ بولمايمەن جېنىم دادا .
دادا ، يەنە بىر گېپىم بار ، ئالدىنقى كۈنى ئاپام ماڭا ئايرۇپىلان ئېلىپ بېرىمەن دىگەن ئېدى ، مەن ئۇنى ساقلىدىم ،لىكىن ئۇ ماڭا ۋەدە قىلغان ۋاقتىدا ئېلىپ بەرمىدى . مەن ئاپامغا دىسەم «مەن ئالدىراش قوزام ، كېيىن بولسۇن » دەيدۇ . بۇ بىرقېتىم بولمىدى ، ئاپام مۇشۇنداق قىلىۋەرسە مەن ئاپامغا ئەمدى ئىشەنمىسەم بولامدۇ دادا ؟يەنە بىر سېنىڭ يېقىن دوستۇڭ بولغان ئادىل ئاكاشمۇ ماڭا بىرمۇنچە ئويۇنچۇق ئالغاچ كېلىمەن دەپ ئۈچ قېتىم مىۋە -چىۋە كۆتۈرۈپ كەلدى ، ،مەن ئۇ ئاكاشقىمۇ ئىشەنمەمدىمەن ؟ چۈنكى سەن ماڭا ، ئادەم يالغان سۆزلىسە باشقىلار ئىشەنمەيدۇ دىگەن ئىدىڭ ئەمەسمۇ ، مەن ئاپامغا ۋە ئادىل ئاكاشقا ئەمدى ئۇنداق تەلەپمۇ قويمايمەن ، چۈنكى سەن يەنە ئۆزەڭ ئىشەنمىگەن ئادەمگە تەلەپ قويما دىگەن ئىدىڭ ئەمەسمۇ ، ئەمدى بىلدىم ، ئەسلىدە سەن ئاپامنى ۋە شۇ ئاكاشنى دەپتىكەنسەن . ئادەم چوڭ بولسا راستىنلا بولمايدىكەن دادا ، چوڭ بولسا سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلىمايدىكەن ، مەنمۇ سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلىمىسام سەن چوقۇم مەندىن رەنجىپ قالىسەن ،شۇڭا مەن چوڭ بولمايمەن دادا ، ھەرگىز چوڭ بولغۇم يوق .
مىنىڭ چوڭ بولماي ئۆلگۈم بار دادا !
چوڭ ئاپام ئۆلۈپ كەتكەندە ،مەن سەندىن :
ــ دادا ، چوڭ ئاپام قېنى ؟ ــ دەپ سورىسام ، سەن :
ــ چوڭ ئاپاڭ گۈزەل ، چىرايلىق بولغان ، ئۆزىگە ئوخشاش ياخشى كىشىلەر بار يەرگە كەتتى ــ دېگەن ئىدىڭ
ــ ئۇ يەرگە بىز بارالمامدۇق ؟ ــ دەپ سورىدىم .
ـــ ياق بالام ، ئادەم چوڭ بولۇپ ،يېشى چوڭ بولۇپ چوڭ ئاپاڭدەك بولغاندا بارالايدۇ ،ــ دىگەن ئىدىڭ .
مەن چوڭ ئاچامدىن چوڭ ئاپام ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئاڭلىدىم ، كېيىن يەنە بىر داداشتىن «ھەرقانداق كىشى ئۆلۈپ كىتىدۇ » دەپ ئاڭلىدىم . بۇنىڭدىن بىلدىم ، ئەسلىدە مەنمۇ ئۆلەلەيدىكەنمەن ئەمەسمۇ . دادا ماڭا دەپ بەرگىن قانداق قىلىپ ئۆلگىنى بولىدۇ ؟ مەن چوڭ بولمايلا سىلەر بىلەن بىللە ئۆلەي ، شۇنداق قىلسام سېنى رەنجىتمەي ياخشى بالا بولالايدىكەنمەن .
دادا ، ساڭا دىسەم مېنىڭ ئۆلگۈم بار ، پەقەتلا چوڭ بولغۇم يوق .
سېنىڭ جاۋاب خېتىڭنى كۈتىمەن دادا ، بۇ خەتنى ساڭا بۈگۈن سەن ئۆيگە كەلسەڭلا قولۇڭغا بېرىمەن .
ئوغلۇڭ پىرقەتتىن .
(بىر نارىسىدىنىڭ دادىسىغا يازغان خېتى)
2014-04-28
تىيەنجىن
|