بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-29 14:25
جۇڭگونىڭ سابىق رەھبەرلىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ خېيىم –خەتىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
بوزقىر تەرجىمىسى
جۇڭگونىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن رەھبەرلەردىن 10يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق بولغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەركىتىنىڭ تىزگىننى يىغىشقا ھەيدەكچىلىك قىلغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار ئۈچ ئەرباپنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، 2003-يىلى دۆلەت رەئىسلىكىدىن قالغان جىياڭ زېمىن ھازىرقى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا بۇ ھەقتە ناھايتى ئېنىق سېگنال بەرگەن. جىياڭ زېمىن تارقاتقان ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلگەن : بۇ قېتىمقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەركىتىنىڭ قەدىمىنى بەك تېز ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۇ شۇنداق دېيىش ئارقىلىق شى جىنپىڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ ، پارتىيە ئىچىدىكى يۇقۇرى قاتلام ھوقۇقدارلارنىڭ ئائىلەتاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقان ، يېقىن -يورۇقلىرىغا تەگمەسلىكنى بىشارەتلىگەن. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەركىتىگە قاتنىشىۋاتقان بىر ئەربابنىڭ بىلدۈرىشىچە ، بىر يىل ئاۋال شى جىنپىڭغا دۆلەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن خۇ جىنتاۋمۇ بۇ جەھەتتە ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قالغان ھەم بۇ ھەركەتنى بەك كېڭەيتىۋەتمەسلىكنى ئاگاھلاندۇرغان. جىياڭ زېمىن ھەم خۇ جىنتاۋلار بۇ ھەركەت ھازىر يېتەرلىك بولدى، دەپ قارىغان . مۇبادا يەنىمۇ كېڭىيىپ كەتسە ئۆزلىرى ۋە ئۆزلىرىگە تەۋە گۇرۇھتىكىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر يېتىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىشقان.ئۇلار يەنە قاتتىق بولغان ھەم ئۇزۇنغا سوزۇلغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بورىنىنىڭ تەسىرىدىن پارتىيە ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ قوللىشىنىڭ ئاجىزلاپ ، كومپارتىيەنىڭ ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى مۇقىملىقىغا خەۋىپ يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن. شى جىنپىڭ چىرىكلىك ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئىسراپچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدىكى يادرولۇق ۋەزىپە قىلغان بولۇپ ، « يولۋاس-چىۋىنلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىش » كە قەسەم ئىچكەن. ئۇ كۆزلىگەن چىرىكلىككە زەربە بېرىشنىڭ ئوبىيېكتى چوڭ ھوقۇق تۇتقان ئەمەلدارلار ( يولۋاسلار) ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى بىيۇروكرات ئەمەلدارلار(چىۋىنلەر) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مۆلچەرلەرگە قارىغاندا ، دائىرىلەر كەلگۈسى نەچچە ھەپتە ئىچىدە جۇڭگودىكى ئەڭ زور « يولۋاس» نىڭ بىرى ، سابىق مەركىزىي كومىتېتى سېياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى جۇ يوڭكاڭنى تارتىپ چىقىرىدىكەن . جۇ يوڭكاڭ ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان . يەنە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەمدە بىخەتەرلىك تارماقلىرى ، ئېنىرگىيە ساھەسى ۋە سېياسىي ئاپپاراتلاردا خىزمەت قىلىدىغان يۈزلىگەن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمۇ تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.مۇبادا ئۇ سوتقا تارتىلسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1949-يىلدىن بۇيانقى چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن كونتۇرۇل ئاستىغا ئېلىنغان ئەڭ ئالىي ئەمەلدار بولۇپ قالىدىكەن. يۇقۇرى قاتلام مۇنبىرىدىكى نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، جىياڭ زېمىن بىلەن خۇ جىنتاۋمۇ جۇ يوڭكاڭنى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى قوبۇل قىلغان. جۇ يوڭكاڭ جىياڭ زېمىننىڭ كۆپ يىللىق ھەقەمسايىسى ئىكەن. خۇ جىنتاۋ ئۈچۈن ئېيىتقاندا ، شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى بولغان مەركىزىي بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لىڭ جىخۇانىمۇ تەكشۈرۈپ بېقىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇدەك. http://www.ftchinese.com/story/001055551
|