- تىزىملاتقان
- 2011-6-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 638
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
27.6%
|
يىڭىچە غەرپكە ساياھەت
ئەلقىسە غەربكە نوم ئىلىش ئۈچۈن ماڭغان پوچىلار يولىنى داۋاملىق داۋام قىلدى .ئۇلار ماڭا -ماڭا يالقۇنتاغقا ياماشتى ،بۇ تاغ ئالامەت قىزىقكى تاس قالدى بۇ خەق شەرققە ساياھەت قىلىشنى مەسلىھەتلەشكىلى .....
ئۇلار مىڭىپ بىر مەھەللىگە ئولاشتى ،بۇ مەھەللىنىڭ كىشلىرى ناھايىتى باي ئىدى ،نومچى بىكار تەلەتلەر تامنىڭ بۇلىڭىدا ئولتۇرىۋىدى كىشلەر ئۇلارغا پارچە نان تاشلىغىلى تۇردى بۇلار ئاخىرى قورسىقىنى ەوللاشتى بىر پىشايۋانلىق ھويلىدا بىر بوۋاي غىرجەك چىلىپ تۇرپان مۇقاملىرىدىن دەردداغ مۇقامىنى ئورۇنلاپ ئولتۇراتتى نومچى پىركالانلار ئۇنىڭ ھويلىسىغا روخىسەتسىز كىرىپ ئولتۇردى
تاڭسىڭ
بوۋايغا)پەيزىڭ باركەن جۇمۇ ئۇكا
باجى:ئوستاز سىز مەكتەپ تەربىيىسى كۆرگەنمۇ ؟؟؟ قىرىپ ئۆلەيلا دەپ قالغان قىرىنى ئۇكام دەيسىزغۇ ؟
تاڭسىڭ:يىشى چوڭ بولغان بىلەن جۇغى كىچىككەنغۇ مانا ؟
بوۋاي خويەنسەن شىۋىسىدە) نىم دېسەن پوخۋاش؟؟؟ ،ئۈكەم دېمە ماقىمۇ ؟؟؟ يىن بىكا چىكەڭنى ئاريمەن، كەھمەن بىلەن بىرنى قويمە ماقىمۇ ؟
تاڭسىڭ:نىمانداق ئىسسىق يۇرت بۇ ؟
بوۋاي:ئايلىمىزدىكى تاغنى قىزىلتاغ دېمىز ... خەقلەر يالقۇنتاغ دەپ ئاتىۋاپتىغۇ تاڭ ..... ھەر -ھەر ئادەملەر كىلىپ ساياھەت قىلىمىز دەپ بىشىغا ماروژنى تىڭىپ ماڭسىمۇ ئىرىپلا كىتىدۇ ئادەملەر باي،ئىچكەن سۈيى لاي يۇرت بۇ
شاسىڭ:بۇنداق ياشىغىچە كۆچۈپلا كەتسەڭلەر بولمامدۇ ؟
بوۋاي :سەن ماڭنۇر تۇرۇپ ماڭا شۇ گەپنى قىلىۋاتامسەن ؟؟؟ ھالىڭغا ئوسۇراي خىرىندى لومودى گۇيتوزا گۇي پوخۋاش
يەردىن ئىس تۈتەك كۆتۈرلۈپ يەر مۇئەككىلى پەيدا بولدى ......
مۇئەككەل:ۋۇكۇڭئەپەندىم تىنىچلىقمۇ ؟
ۋۇكۇڭ :كىمسەن ئۆزۈڭ ؟
مۇئەككەل:مەن مۇشۇ يالقۇنتاغنىڭ يەر مۇئەككىلى
ۋۇكۇڭ :تايىنلىق ئىچكىردىن يانچۇقچىلىق قىلغىلى چىققان ئادەمدۇر سەن؟
مۇئەككەل:يوقسۇ تەقسىر... بۇرۇن يۇرتۇمدا ئەسكى تۈسكى يىغىپ جان باقىدىغان كىيىن بۇ يەرگە كىلىپ كىسەك قۇيۇپ پۇل تاپتىم ،كىيىن ساياھەت يىتەكچىسى بولدۇم .... ھازىر يەر مۇئەككىلى بولدۇم ھى ھى ھى `3_
ۋۇكۇڭ:بۇ تاغقا سەن ئوت قويۇپسەندە
مۇئەككەل :سىز 500يىل ئىلگىرى ئەرشنىڭ پار قازىنىغا ئوت قالاۋاتقاندا پار قازاننى تىپىپ ئۈرىۋەتكەن شۇ چاغدا چوغ يەرگە چۈشۈپ مۇشۇ تاغقا ئايلانغان
بوۋاي :بوۋاي :ھەەەەەەەەەەەەەەەە ئەسلىدە بۇ سىسىق مايمۇن تاغقا ئوت قويۇپتىكەندە ؟؟ بۈگۈن نىمە مىنى نەس باسىدىكىن دەپتىمەن تىخى ......... ھاي خالايىق كىلىڭلار بىزنىڭ تاغقا ئوت قويغان كانتۇ مايمۇن بۇ يەردىكەن شۇئان بىر توپ كىشى كىلىپ سۇن مايمۇننى بىسىپ توقماقلىغىلى تۇردى
بوۋاي:3كۈن ئىچىدە بۇ تاغدىكى ئوتنى ئكچۈرمەيدىغان بولساڭ قوغلاپ يۈرۈپ ياسايمىز ... بىلدىڭمۇ خوڭگاي مايمۇن
ۋۇكۇڭ :ماقۇل ئاكا،ماقۇل .قانداق ئۆچۈرمەن ؟؟؟
بوۋاي :كۈنچىقىشتا كالا دىۋە دەيدىغان بىر دىۋە بار ئۇنىڭ بانان يەلپۈگۈچلۈك خۇتۇنى بار ،شۇنىڭدا بانان شۆپىكىدە توقولغان يەلپۈگۈچ بار شۇنىڭ بىلەن يەلپۈسەڭ ئۆچەرمىش
ئۆمرىدە ئاتىسىدىنمۇ تاياق يىمىگەن سۇن مايمۇن قويرىقىنى سۆرەپ يولغا چىقتى ئۇ ئىگىز ئۆڭكۈر دەپ ئاتالغان ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى ،تەلەتىدىن ماروژنى يىغىپ تۇرىدىغان بانانخان مەلىكە چىقتى ~
مەلىكە :كىم بولىسىز بالام ؟
ۋۇكۇڭ :پىقىر غەربكە نومغا كىتىۋاتقان يالقۇنتاغقا كىلىپ ھارام تاياق يەپ كەتتىم ،
مەلىكە :تاياق يىگەن بولساڭ نىمە چاتىقىم
ۋۇكۇڭ :سىزدە بىر يەلپۈگۈچ بارمىش شۇنى بىرىپ تۇرسىلا بۇ خەقنى يەلپۈپ يۇقاتقان بولسام پۇخادىن چىقاتتىم
مەلىكە :قانچە پۇل بىرىسەن ؟
ۋۇكۇڭ : كوچا خۇتۇنلىرىدەك پاراڭ سالماڭ ،، مەن سىزنىڭ ئىنىڭىز بولىمەن ،،، كالا دىۋىنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى بۇلىمەن
مەلىكە : كالىنىڭ ئىنىسى قانداقسىگە مايمۇن بولدۇ ؟ ئەقىلگە سىغقىدەك گەپ قىلە ... مانداق بولسۇن ،،، بىر يەلپۈشىمگە چىدىساڭ يەلپۈگۈچنى بيىرىي؟؟
ۋۇكۇڭ:ماقۇل
مەلىكە يەلپۈگۈچ بىلەن ۋۇكۇڭنى يەلپۈۋىدى ئۇ قەغەز دەك ئۈچۈپ ئەرشئەلاغا چىقتى ئەرشتە ھۇشىدىن كەتكەن ۋۇكۇڭنى مىنى بۇددا بىر كاچات سىلىپ ئويغاتتى
مىنى بۇددا:بۇ يەردە نىمە تىمىسقىلا يۈرىسەن مايمۇنەك ؟
مايمۇنەك:بانان يەلپۈگۈچ مىنى ئۇچۇرۇپ مۇشۇ يەرگە ئەكەلدى
مىنى بۇددا:بانان يەلپۈگۈچ ئەسلى ئالەم بىنا بولغاندا تەرەت تۇڭىنىڭ ئىچىدىن تىپىلغان خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەر ئۇنى بىر يەلپۈسە ئادەمنى10مىتىر يىراققا ئۇچۇرۇپ كۆزىگە تۇپا توزىتىۋېتىدۇ ... سىلى بىرىپ كالا دىۋىنى ئىزدەپ باقسىلا
ۋۇكۇڭ كالا دىۋىنى ئىزدەپ تۈلكە جىننىڭ قىشىغا باردى غارغا يىقىنلاشقاندا تۈلكىگۈل ئۇچراپ قالدى ۋۇكۇڭ ئۇنىڭدىن ەەپ سورىدى
ۋۇكۇڭ:كالادىۋىنى تۇنامسەن سىكىلەك ؟
تۈلكە >:تۇنۇيمەن ............
قىزىل كالا ئىچتىڭمۇ
كۈچ قۇۋۋەتكە تولدۇڭمۇ `
لاي .لاي.لاي
ۋۇكۇڭ:ياكۇنىڭغا سارت_دىگىنىچە ئۇنى قوغلىدى تۈلكە بۇغۇندەك ئۇچۇپ غارغا كىرىۋالدى غاردا كالا دىۋە نىيۇ رۇ مىيەن ئىچىپ ئولتۇراتتى
تۈكە:ئىشىدىمۇ يوق يۇندا ئىچىپ ئولتۇيرغىنىنى بۇ كاززاپنىڭ
كالا:ۋايۋۇي ئاپپىقىم نىمە بولدى ؟
تۈلكە:يولدا بىر مايمۇن ئۇچراپ قوغلاپ كەتتى ..... قوغۇنلۇقنىڭ يولىدا بۇغۇندەك قاچمىغان بولسام مىنى ياساپ كىتەتتى
كالا :مەن چىقىپ قاراپ باقاي
كالادىۋە سىرتقا چىقىپ ۋۇكۇڭغا يۇلۇقتى
ۋۇكۇڭ:تىنىچلىقمۇ كالا ئاكا؟
كالا:كىمسەن ؟
ۋۇكۇڭ:مەن سىزنىڭ ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ئىنىڭىز سۇن مايمۇن .... ئەينى ۋاقىتتا خەقلەر تاشلاپ بەرگەن باناننى مەن يەپ شۆپىكىنى سىزگە بىرەتتىمغۇ ؟؟؟
كالا دىۋە: خۇتۇنۇم بەرگىلى ئۇنىمىسا ئۇنى تىللاپ قىىپسەن...بۈگۈن ئامرىقىم تۈلكىگۈلگە پوخورلۇق قىلماقچى بوپسەن گۇناھىڭ ئىغىر جۇمۇ
ۋۇكۇڭ:توۋاااااااااااااااااااااااا تۆھمەت دىگەنمۇ شۇنداق بۇلامدۇ ؟
كالا دىۋە كالا تىرىسىدە تىكىلگەن خۇرۇم ئايىقىنى يىشىپ شىۋە پۇراپ تۇرىدىغان پايپىقىنى ۋۇكۇڭنىڭ يۈزىگە ئاتتى
ئۇرۇش تالاش باشلىنىپ كەتتى شۇ ئارلىقتا باجى كىلىپ ھايۋاناتلار ئۇرۇشى ئەۋجىگە چىقتى مايمۇن بىلەن تۇڭگۇز كالىنى بىسىۋېلىپ تازا دۇمبالاۋاتقاندا بانانخان ئايلا كىلىپ ئارىغا چۈشتى
مەلىكە :بولدى ئۇرماڭلار يەلپۈگۈچنى بىرەيلى
شۇنداق قىلىپ نومچىلار يەلپۈگۈچنى ئىلىپ يالقۇنتاغقا كەلدى ۋۇكۇڭ تاغنى يەلپۈدى تاغنىڭ ئوتى ئۆچتى يولوچى چۈپرەندىلەر يولىغا ماڭدى
|
|