يىڭىچە غەربكە ساياھەت ( نومچىلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى )
ئەلقىسسە غەربكە ساياھاتكە ماڭغان سولتەك راھىپلار يول بويى بىچارە ئالۋاستىلارنى بوزەك قىلىپ ئاخىرى گۈھەرنىشىن ئىبادەتخانىسىغا يىتىپ كەلدى ، بۇلارنىڭ كەلگىنىنى ئاڭلىغان تاتاگاتو ياماموتو بۇتساتۋا بىشىغا يالغان ئاق چىچىنى كىيىپ بۇلارنى سوراق قىلىش ئۈچۈن مەيدان ھازىرلىدى .
تاتاگاتو : -سوراق باشلاندى ... ھەر قايسى زاستاتىل جاناپلار ، ئالدىمىزدا جىنايەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پىتىپ پۇتنى ئاران سۆرەپ كەلگەن تۆت پاخشەك تاز تۇرۇپتۇ، بۇلارنىڭ قۇماندانى سىتارشى لىيتنات تاڭ ھەزرەت ، 2-دەرىجىلىك ئەسكەر ۋۇكۇڭ، موزدوز شاسىڭ ، پوپاڭچى باجى ۋاھاكازالار .
زاستاتىللار :-سوت باشلاندى.
تاتاگاتۇ :- قىنى تاڭسىڭ ، ئالدىغا چىق ،پۇتۇڭنى يىغ .سىنىڭمۇ گۇناھىڭ جىق ، سەن ئۆز ۋاقتىدا نۇرغۇن قىز جىنلارنى كەلتۈرۋىلىپ ئاندىن تاشلىۋەتتىڭ ، ئۇلارنىڭ بەزىسى مىنىڭ ئالدىمغا كىلىپ دەردىنى تۆكتى، سىنى سۆكتى ، بەخىتكە يارىشا ئۇ قىزلارنى ۋاقتىدا خوتۇن قىلۋالمىغان بولسام ئۆمۈرلۈك بەختى نابۇت بولاتتى.
تاڭسىڭ : -جاناپلىرى ، مەن ئۇ قىزلارنى كەلتۈرۋالمىدىم ، ئەكسىچە مىنى مۇئاشى،خىزمىتى بار دەپ كەلتۈرۈرمەكچى بولدى ، مەن خىزمەتنىلا ئويلاپ ئۇ قىزلارغا قاراپمۇ قويمىدىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قىزلارنىڭ بىرىنىڭمۇ خىزمىتى يوقكەن ، خىيالىدا ماڭا تىگىۋىلىپ مېنى باقتۇرماقچى بوپتۇ ، شۇڭا ياراتمىدۇققۇ ھى ھى ھى
ئاۋالۇكسۇۋارا سەتەڭ :- مەن قارشى ، تاڭسىڭ قەستەن بىز خىنىم قىزلارنى كەمسىتىۋاتىدۇ ، دۇنيادا غۇرۇلۇق قىزلار تىخى تۈگەپ كەتكىنى يوق .
تاتاگاتو :- قارشىلىق كۈچكە ئىگە ، قىنى سۆزلەڭ گۈزىلىم.
ئاۋالۇكسۇۋارا سەتەڭ :- ئەينى ۋاقىتتا تاڭسىڭنى مەن تاللىغان ، راستىنى دىسەم مىنىڭ ئۇنىڭغا كۆزۈم چۈشتى، ئۇ چاغدا تىخى تاڭسىڭنىڭ خىزمىتى يوق ئىدى .
تاتاگاتو : -ئالە شارەڭنى ، سىزنى مەن ئالايمىكىن دەپ يۈرسەم تىخى .....
ئاۋالۇكسۇۋارا :- لىكىن ئۇ يول بويى ئۇچرىغانلا قىزنى ياراتمىدى ، مەقسىتى خىزمىتى بار قىزنى ئالماقچىكەن ، مىنىمۇ ياراتمايدۇ تىخى، پوچتالىيون دەپ .
تاتاگاتو : -ئۇنداق بولسا تاڭسىڭغا كۆمۈرنى يۇيۇپ ئاقارتىش جازاسى بىرىلسۇن .
زاستاتىللار :- ھۆكۈم كۈچكە ئىگە.
تاتاگاتو :- قىنى پور كۆتەك چىقە ئالدىغا-
باجى : -مانا مەن .
تاتاگاتو :- سىنىڭمۇ گۇناھىڭ چەكسىز ، سەن يول بۇيى نەچچە خۇتۇن ئەپ بولدۇڭ ، يەنە تىخى يەپ تويمايسەن ، دىئابىت كىسىلى بوپ قىلىشتىن قورقمامسەن ؟
باجى : -مەن تىخى ياش تۇرسام يەۋالمىسام ، كىيۋالمىسام ، قىزلار بىلەن كۆڭۈل ئىچىۋالمىسام قانداق بولىدۇ ؟ قىرىغاندا ئارماندا كىتىدىغان گەپ.
تاتاگاتو -: سىنىڭ كۈنۈڭ نىمە دىگەن يىرگىنىچلىك ؟ !! يەۋالمىساڭ تۈگەپ كىتەمدىكەن ؟ كىيۋالمىساڭمۇ سەت تۇرساڭ سەن ؟ تىخى قىزلار بىلەن كۆڭۈل ئاچامسەن ؟ بىرلا قىزغا كۆڭۈل بەرسەڭ نىمە بولاتتى ئۇكام !!! سەن گۇينىمۇ جازالايمەن ، ماكانىڭ بولغان ئېغىلغا مەڭگۈلۈك پالاندىڭ.
باجى :- ئۇ يەردىمۇ يەيمەن ئىشقىىپ .
تاتاگاتو : -ئۇ يەردە ساڭا گالنى ئىتىشتۇرۇپ ئاشقازاننى قالايماقان قىلىدىغان سسىق سامان بار .
تاتاگاتو : -قېنى ماۋۇ پاخشەك مايمۇن .
ۋۇكۇڭ :- مانا مەن .
تاتاگاتو : -سەن يول بۇيى ئۇچرىغانلا ئادەم بىلەن تىللاشتىڭ، تىل ھاقارەتتە يىڭەلمىسەڭ چىدىماسلىق قىلىپ ئۇردۇڭ ، تاياق يىسەڭ ئاغىينىلىرىڭنى باشلاپ كىلىپ ئاجىز جىنلارنى بوزەك قىلدىڭ ، قىسقىسى خەق ساڭا چىقىلمىسىمۇ چىقىلدىڭ ، گۇناھىڭ ئىغىر.
ۋۇكۇڭ :- ئۇستازىمنىڭ كۆڭلىنى دەپ بويىمدا قاپتۇ، قوشكىزەك تازا .... ھى ھى ھى
تاتاگاتو :.- دىمەك، رەزگى مايمۇندىن ئىككىنى تەۋەللۇت قىلماقچىكەنسەن-دە !!! ھارامدىن تاپقان مايمۇنلىرىڭنى نىرى ئاپار، گۇناھلىرىڭ تۇپەيلىدىن ساڭا ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى قەپەزدىن ئورۇن بىرىلدى.
ۋۇكۇڭ : -ماقۇل.
تاتاگاتو : -قىنى ماۋۇ سۆرۈن تەلەت پوق ساقال.
شاسىڭ : -مانا مەن .
تاتاگاتو :- سەن ئۆمرۈڭدە بىرەر ئادەمگە ئىللىق چىراي بوپ باقمىدىڭ ،نۇرغۇن كىشلەر سىنىڭ ئۈستىڭدىن بىزگە شىكايەت قىلىپ كەلدى .
شاسىڭ : -ئىششىڭنى قىلە رىزىنگە باش بۇد
تاتاگاتو : -مىنى تىللاۋاتامسەن !!!!
شاسىڭ : -سىنىڭدەك يۇندىخورنى تىللىماي كىمنى تىللايمەن ، سىنىڭمۇ گۇناھىڭ كۆپ ، بىز رىيازەت چىكىپ ئالدىڭغا كەلسەك بىزنى بىرەر رىستۇرانغا باشلىماقتا يوق ، سوراق قىلۋاتىسىنا ؟!
تاتاگاتو :- قارشىلىق ئىناۋەتسىز.
شاسىڭ :- ئاناڭنىڭ يىنىدا ئىناۋەتسىزمۇ خۇمسى .
تاتاگاتو :- بۇنداق ئاغزى يامان ئادەمنى ئاچىقىپ ئاغزىغا مىق قىقىڭلار، ئادەم تىللىغانغا تويسۇن.
شاسىڭ:- ئاغزىمىز يامان بولغان بىلەن ۋىجدانىمىز بار جۇمۇ ، جازالىرىڭغا پەرۋا قىلمايمەن .
شاسىڭ سۆرەپ ئىلىپ چىقىپ كىتىلدى ، ئەمدى گەپ قالغانلاردا قالدى.
تاتاگاتو : ئەمدى كىمىكى بۇ قىتىملىق سوت توغرىسىدا غەيۋەت تارقىتىدىكەن شۇنى يىراق جايلارغا پالايمەن سوراق تامام .
ئەسكەرتىش: داۋامى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ يوللىنىدۇ....ئىنكاسىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.... |