قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2830|ئىنكاس: 14

قەيسەر مىجىت: يەنە بىر تىلەك (ئاۋازلىق)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

70

تېما

16

دوست

9409

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   88.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 43
مۇنبەر پۇلى: 795
تۆھپە : 3173
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 11:34:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

يەنە بىر تىلەك

قەيسەر مىجىت



(ئىنىم شۆھرەت ئىلھامنىڭ تويىغا بىغىشلايمەن)
           ئىلاۋە:
مەن 1988-يىلى سىنتەبىردە ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلگىنىمدە، مەكتەپكە ئورۇنلىشىپلا ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى قازاق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يىنىغا جايلاشقان ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر ئاھالىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئانامنىڭ نەۋرە سىڭلىسى - زورىگۈل ئاچامنى ئىزدەپ باردىم. سىرىق رەڭلىك تۆت يانچۇقلۇق چاپان بىلەن قارا رەڭلىك كەپكە شەپكەمنى كىيىپ تۇققىنىمنىڭ ئۆيىگە بارسام، بۈگۈن تويى بولۇۋاتقان ئىنىم شۆھرەت -تۇغۇلغىنىغا نەچچە ئايلىق بوپتىكەن. شۇندىن كىيىن ئۈرۈمچىدىكى ھاياتىمدا ئىلھام ئاكام ۋە زورىگۈل ئاچام ماڭا كۆپ باش پاناھ بولدى. ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلى سۈلھەت ۋە شۆھرەت مىنىڭ كۆز ئالدىمدا بوۋاقلىق ۋە بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزدى. تۇققان بولار ئەمما ئانامنىڭ بۇ تۇققانلىرىدەك كۆيۈملۈك تۇققان بولماس جۇما!
ئۇلارنىڭ ئۆيى مىنىڭ ئۆيۈم بولدى. شاتلىغىمنىمۇ، ھەسرىتىمنىمۇ ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشتىم. زورىگۈل ئاچام - بەزىدە كىر -قاتلىرىمنىمۇ يۇيۇپ بىرەتتى. تۇرمۇش ئىشلىرىمغا ھەم كۆپ باش قاتۇراتتى. مەن ئەلۋەتتە  زورىگۇل ئاچام قاتارلىق  بۇ تۇققانلىرىمدىن چەكسىز مىننەتدارمەن!
           مەن 1997-يىلى ئۆكتەبىردە ئامىرىكغا ماڭغاندا پۈتۈن ئائلىدىكىلەر مەن بىلەن قۇچاقلىشىپ قىيمىغان ھالدا كۆز يېشى قىلىشىپ ئۇزۇتۇشقان ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى -كۈندە دىگۈدەك بىشىنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىر تىقىۋىتىپ، بىرەر قىزىق پاراڭلىرى ۋە قىلىقلىرى بىلەن ئۇلارنى كۈلدۈرۈۋىتىپ، ئۆيىدە بار ياخشى نەرسىسىنى يەۋىتىپ، ياكى تامدىن ياكى رىشاتكىدىن ئاتلاپ ياتىقىغا كىتىپ قالىدىغان مەندەك تۇققىنىنى ئەمدى ئۇزۇن مەزگىل كۆرەلمەيدىغانلىغىنى تۇيغان ئىكەن ئەمەسمۇ؟
شۇ مەنزىرە ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا.
        نۇرغۇن يىللار ئۆتتى، زورىگۈل ئاچامنىڭ چوڭ ئوغلى توي قىلىپ كەتتى، تەكلىپ قىلدى، بارالمىدىم. ئەڭ كىچىك ئوغلى شۆھرەتنىڭ تويى بۈگۈن بولۇۋاتىدۇ. بۇ تەكلىپكە جاۋابەن بارماق بولدۇم، ئەمما مۈمكىن بولمىدى، شۇڭا بىر خىل مۇرەككەپ ھىسسىيات ئىچىدە كۆڭلۈمنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادە قىلدىم. بۇنىڭ يەنە ئاۋازلىق دىكلامتاسىيەسى ھەم بار!
ۋاقىت - مېھر -شەپقەتنى ئۇنتۇلدۇرالمايدۇ، بولۇپمۇ ماڭا!
  

**********************************************************

تۆۋەنكى قويۇش بەلگىسىنى بېسىپ قەيسەر مىجىت ئاكىمىزنىڭ ئۆزى ئوقۇغان دىكىلماتسىيەنى ئاڭلاڭ .
-باغداش تورى تورغا يوللىدى



ئۇ يىلى،


مەن ئوقۇشقا كەلسەم ئاتۇشتىن،
ئۈرۈمچىگە كۈزكۆز   ساپتىكەن.
مەن كۆرگەندە سەن تېخى بوۋاق،
ھەممە ساڭا قاراپ قاپتىكەن،
كۆچمەپتىكەن باھار ئۆيۈڭدىن،
سىنى سۆيۈپ باشقا ئاپتىكەن.


يىللار ئۆتتى،
رەڭگى ئۆڭدى سىرىق چاپاننىڭ،
تاشلىۋەتتىم كەپكە شەپكەمنى.
تەتىلىدىڭ، ماڭدىڭ، يۈگۈردىڭ،
"ئاكا" دىدىڭ ئۇتتۇڭ قەلبىمنى.
سىنىڭ ئۆيۈڭ - مىنىڭمۇ ئۆيۈم،
يىنىكلەتتى جاپا -دەردىمنى.

سۈلھەت - شۆھرەت ئاكا ئۇكىلار،
ئاھ، مېھىرگە تولغان ئۇ چاغلار.
ئۇكىلىرىم دەيتتىم سۆيەتتىم،
نەزىرىمدە بىر جۇپ شۇڭقارلار.
تۈگۈنەتتى ئاپاڭ تاماقنى:
"قەيسەر قاچان  كىلىپ يەۋالار؟"
كۆيۈمى بار بىر-بىرىمىزگە،
بىز ئاشۇنداق تاتلىق تۇققانلار!

ئېسىمدە بار تۈنۈگۈنكىدەك،
سەن مەكتەپكە كىرگەن سىنتەبىر.
ئۆزۈڭ ئوماق، سۆزلىرىڭ چۈچۈك،
كەلگۈسۈڭگە ئىيتاتتىم تەگبىر:
يامانلارنىڭ كۆزىدىن ساقلا،
بەختى پارلاق ئىنسانلاردىن قىل!
دەيتتىم ساڭا: "سەن مىنىڭ ئۇكام،
چوقۇم ياخشى يىگىت بوپ يىتىل"!

بىر يىلى،
ئۇچۇپ كەتتىم ئوكيانلار ئاتلاپ،
ياخشىلارنى ۋاقتىنچە تاشلاپ.
نىيەت قىلغان قايتىپ كىلىشنى،
ئەمما قالدىم باشقا يول تاللاپ.
شۇنداقتىمۇ سىلەر كۆڭلۈمدە،
ياشاپ كەلدىم ھەر زامان ئويلاپ.
ئۈرۈمچىنىڭ ئوتلۇق مىھرىنى،
چۈشلىرىمدە نەچچە قۇچاقلاپ!


دەل بۈگۈن،
جامائەتنىڭ قۇتلىشى بىلەن،
تويۇڭ كۈلۈپ باقماقتا ئىنىم.
بولالمدىم يىنىڭدا شۇ تاپ،
كەم قالدى خەپ، زوق-شوق ئۇسۇلۇم.
قوبۇل كۆرگىن ئاددى سوۋغامنى،
ئارام تاپسۇن تۇققانلىق كۆڭلۈم!
گەرچە ئۆزۈم بارالمىساممۇ،
تىلىگىمنى مۇنداق يوللۇدۇم:


بەخت قۇچاق ئاچسۇن سىلەرگە،
ئىنىم شوھرەت، سىڭلىم زەينۇرە.
ئۈرۈمچىنىڭ باھار پەسلىدەك،
تۇرمۇشۇڭلار پۈركەنسۈن گۈلگە!
تەڭكەش قىلىپ ياشاڭلار خوشال،
سۆيگۈ بىلەن يىزىلغان كۈيگە!
ۋاپا، مېھر تۇرسۇن ئەركىلەپ،
ئۆيۈڭلەرگە قۇل بولسۇن كۈلكە!

2014-يىلى 30-ئاپرىل، ئامىرىكا بوستۇن

0

تېما

0

دوست

1161

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 370
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 14:45:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئەھمىيەتلىك سوۋغات بوپتۇ!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

19

دوست

3455

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1100
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 18:10:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ . ۋەتەن سىغىنىشلىرى ئىچىدە ئەسلەپسىز .

0

تېما

7

دوست

1183

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23688
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 368
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 18:42:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yiganayapraq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 18:44  

شۇنداق ئويلاپ باقسام قەيسەركامنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى بەك زىچكەن-ھە!ئۆزى شۇنچە يىراقتا تۇرغان بىلەن پۈتۈن خىيالى ياق پۈتۈن خىيالى بولسىمۇ بولماس پۈتۈن خىيالنى بۇ يەرگە بىرىۋەتسە ئامرىكىدىكى تۇرمۇشىچۇ،خىزمىتىچۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىشلىرىچۇ راست-ھە!ئىشقىلىپ پۇرسەت چىققاندىلا بۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلارنى ئەسلەش بۇ يەردە بولىۋاتقان ئىشلار بىلەن بىللە بولىدىكەن،ئۆزەم ئۆزگە يۇرتتا بولساممۇ كۆڭلۈم ھەممە خەلىق بىلەن بىللەدۇر دىگەن مۇشۇ بولسا كىرەك.مۇبارەك بولسۇن،شۇ ياخشى تىلەكلەرنى يازغان قوللىرىڭىزغا دەت تەگمىسۇن.

10

تېما

12

دوست

2253

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 740
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 23:15:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yiganayapraq يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 18:42
شۇنداق ئويلاپ باقسام قەيسەركامنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇ ...

قەيسەر ئاكامدا يۈكسەك يۇرت روھى، ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرنىڭ غېمىنى يېيىش پەزىلىتى بار! مەن بۇ ئاكىمىزدەك ئالىملىرىمىزنىڭ ئارىمىزدىن ئۈزۈلمەي چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ژۇرنىلنىڭ تۇنجى سانىدا چىققان ماقالىسىدە قەيسەر مىجىت ئاكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپتۇ، بىز قەيسەر ئاكىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز!

3

تېما

0

دوست

1255

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25740
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 382
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 10:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا قىرىندىشىم  ياخشى يىزىپسىز......بىزدىكى ئىتتىپاقلىق گۈللىرى ئەمدى راۋرۇس چېچەك ئاچتى، ئىشىنىمەنكى، بىز بۇ مۇقەددەس گۈلنى ھەرگىز سولاشتۇرۇپ قويمايمىز.

0

تېما

7

دوست

1183

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23688
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 368
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 10:47:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alsuyer يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 23:15
قەيسەر ئاكامدا يۈكسەك يۇرت روھى، ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرنىڭ  ...


زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئاكىنىڭ ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ژۇرنىلنىڭ تۇنجى سانىدا چىققان ماقالىسىىنى مەن كۆرمەپتىمەن،مۇمكىن بولسا نەدىن بۇ تەپەككۇر ژۇرنىلىنى  تېپىپ ئوقۇيدىغىنىمزنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز ۋە ياكى توردا بولسا ئۇلانما ئادرىسىنى كۆچۈرۈپ قويسىڭىز سىزدىن كۆپ خۇرسەن بولاتتىم،رەھمەت.

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 4091
توردىكى ۋاقتى: 1236
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 12:05:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر ئۇستازنىڭ يېزىقىچىلىق ئۇسلۇبىي ھەقىقەتەن ئۆزگىچە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )