قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2566|ئىنكاس: 40

ئەلسۆيەر: ياشلار زۆرۈر ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر - قانچە مەسلە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

18

دوست

4101

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1322
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 12:45:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ياشلار زۆرۈر ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر - قانچە مەسلە

ئەسقەرجان ئەنۋەر  ئەلسۆيەر







       ياشلىق بىر مۇڭلۇق ناخشا، ياشلىق ئىنسان ھاياتىنىڭ نۇرانە باھار پەسلى. ياشلىرى قۇدرەتلىك دۆلەت ۋە مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ، ياشلىرى جاسارەت ۋە ئۈمىدكە تولغان دۆلەتنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ. ياشلار بىر جەمئىيەتنىڭ كىشىلەر توپىدىكى ئەڭ جەڭگىۋار، ھاياتى كۈچكە تولغان قاۋۇل كۈچ. ياشلار قاۋۇل كۈچ بولغانىكەن، ئۇلارنىڭ زېممىسىدىكى يۈكمۇ ماس ھالدا ئېغىر بولىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن ياشلار ئۆز زېممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىپ يېتىپ، بىجاندىل تىرىشىپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدا تەر تۆكۈۋاتقان بولسىمۇ، قىسمەن ياشلىرىمىز قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەكتە، ئەنە شۇ قىيىنچىلىق دەستىدىن چۈشكۈنلەشمەكتە، ھەتتا يولدىن ئېزىپ خاتا يوللارغا كىرىپ كەتمەكتە. مېنىڭ ئۇشبۇ بايانلارنى زىكىر قىلىشىمغا بىر قانچە كۈن ئاۋۋال بىر سورۇندا دوستلىرىم بىلەن بولغان پاراڭدا ھېس قىلغانلىرىم سەۋەبچى بولدى.
       شۇ كۈنى سورۇنىمىزغا چوڭى 33 ياش، كىچىكى 24 ياشلاردا بار يەتتە تونۇش يىغىلغانىدۇق. سورۇنىمىز باشلىنىش بىلەن تەڭ دوستلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىنمۇ ئاغرىنىش ۋە زارلىنىش سادالىرى قۇمدەك تۆكۈلگىلى تۇردى.ـــ جان باقماق تەس بولۇپ كەتتى، مال باھاسى چاچتەك تېز ئۆسمەكتە، مائاشىمىز قاشتەك ئەسلى ھالىتىنى ساقلىماقتا. بىر باشلىق ئالماشسا، بىر يېڭى تۈزۈم چىقىپ، ئەسلىدىكى خىزمەتلىرىمىز قىيىنلىشىپ كەتمەكتە، ئىدارىدىكى يىغىننىڭ كۆپلىكىدىن، كاللىمىز قايماقتا، نېرۋىمىز زېدىلەنمەكتە، تاراتقۇلاردىن ھەركۈنى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان خەۋەرلەر ئاڭلىنىپ، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى تۆۋەنلەتمەكتە. پۇل پاخاللىقى سەۋەبلىك ئېلىۋاتقان ئاشۇ ئىككى – تۆكتۆك مائاشىمىز ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىلا بولۇپ قالدى، ئۆي ئېلىش، ئۆيلىنىشتە ئۆزىمىز ئۈستىمىزگە ئالىدىغان بارچە جاپانى ئاتا – ئانىمىز بولغان بىچارىلەر تارتىۋاتىدۇ،ـــ دېدى بىر دوستىمىز زارلانغان ھالدا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ.ـــ زارلانمىغىن دوستۇم، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر،ـــ دېدىم ئۇنىڭغا.ـــ نېمىگە زارلانمايدۇ، ئۇنىڭ دېگەنلىرى توغرىغۇ، ھازىر بىز ياشلار خۇش بولىدىغان ئىشلاردىن يۈرىكىمىزنى زەرداپ قىلدىغان ئىشلار كۆپىيىپ كېتىۋاتمامدۇ، قارىمامسەن ئەتراپقا، ئىشسىز ياشلارنىڭ كۆپلىكىنى، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق دېگەنلەرنىڭمۇ كۆپىنچىسىگە قارىساڭ، ئەر بولسا ئامانلىق ساقلىغۇچى، ئايال بولسا تازىلىق ئىشچىسى. سەن بىلەن مەندەك ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرماقتا، قىيىنچىلىق ئۇلارنىڭ يەلكىسىنى تاغدەك باسماقتا. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن كۆپلىگەن ياشلارنىڭ توي قىلىش يېشى بارغانسېرى كەينىگە سۈرۈلۈپ، جەمئىيەتتە نۇرغۇنلىغان ئەخلاقى يىمىرىلىشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.            
     ياشلار  مەسلىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدىغان سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغاچقا، ئۇلار جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقۇچى ئاساسلىق كۈچ بولۇش فونكىسىيەسىنى يوقىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەڭ زور خەۋىپ بولۇپ قالماقتا. يامان بولساڭ ئاسقان، ياۋاش بولساڭ باسقان. ھۆكۈمەتنىڭ قىسمەن كادىرلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەيۋەتلىك بىنالىرىنى كۆر، خەلق تۇرۇۋاتقان كونا كەپىلەرنى كۆر. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىي رېئاللىق تۇرسا، نېمىشقا رېئاللىقتىن ئۆزىمىزنى ئەپقاچىمىز، نېمىشقا تۈپ مەسلىلەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ، قۇرۇق شۇئارلارنى بولۇشىچە توۋلايمىز،ـــ دېدى يەنە بىر دوستۇم ئالدىنقىسىدىمۇ بەكرەك چالۋاقاپ.
     مەن ئويلايمەن، جەمئىيەتنىڭ جەڭگىۋارلىرى بولغان ياشلارنىڭ زېممىسىدە يۈكنىڭ ئېغىرلىقى، بۇ جەرياندا ئۇچرايدىغان رىيازەتلىرىنىڭ كۆپلىكى تەبىئي، بىراق بىز ياشلار بۇنى دەپلا ھەممىدىن زارلاپ، قاقشىساق بولمايدۇ. قاراڭغۇدىن قاقشىغاندىن بىر تال شام بولسىمۇ ياندۇرغىمىز ئەۋزەل، بىز قاقشىغان جەمئىيەت ئۆز ئوربىتىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ، ھايات داۋام قىلىۋېرىدۇ، كۆزىمىزگە سىغمايۋاتقان ئادەملەرنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، بىراق ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز. «ئىش تاپماق تەس، ئۆگەنگەننىڭ پايدىسى يوق، قىلغۇدەك خىزمەت يوق، پۇل چىڭ يەرگە كىرىپ كەتتى، جان باقماق قىيىن بولۇپ كەتتى...» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ زامان، ماكان ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئۆزىگە قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۋاتقانلىقىدىن قاقشاۋاتقان ئاشۇ دوستلىرىمىز بىلىشى كېرەككى، قىيىنچىلىق غايە بىلەن قوشكېزەك، غايە يۈكسەك بولغانسېرى، قىيىنچىلىقمۇ ماس ھالدا كۆپىيىدۇ، ئەمما بۇ قانۇنىيەتنى چۈشەنمىگەنلىرىمىز ھەمىشە قىيىنچىلىقلارنى مۇبالىغە قىلىۋالىمىز.
     قارايدىغان بولساق كۆپىنچە ئۇيغۇر ياشلىرى دىيارىمىزدا ئازراقلا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسە، چەتئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ، بۇ خىل ھالەت جەمئىيىتىمىزدە چەتئەل قىزغىنلىقىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت دېگەندەك، ھورۇن ئادەمنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھىرىگە ئاپىرىپ قويسىڭىزمۇ ھامان ئابروي تاپالمايدۇ، ئەكسىچە، تىرىشچان ئادەم يېزا - قىشلاقلاردىكى جۇل –جۇل كەپىلەردىمۇ ئۆز قىممىتىنى يارىتالايدۇ. شۇڭا بىز بىر ئىشلارغا مۇئامىلە قىلغاندا سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنايلى، تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز.      
  
دوكتۇرزۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» ناملىق كىتابىدا شۇنداق بايانلارئۇچرايدۇ:
        بىرەيلەن «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ئىشنى يەنە بىر چېچەن ياش ۋۇجۇدقا چىقىرىۋاتىدۇ. بىرىمىزگە يەتتە قات ئاسماننىڭ نېرىسىدىكى ئىشتەك بىلىنگەن قىيىن مەسىلىلەرنى يەنە بىر ئىرادىلىك ياش ھەل قىلىۋاتىدۇ، دەرد بىزنىڭ بېشىمىزغىلا كېلەمدىكىن دېسەك، پەلەستىن، ئاففانىستان، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ كۈنلىرى ئۇرۇش ساراسىمى ۋەيرانە ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ زىيادە قىممەت بولۇشى تۈپەيلى ياشلار ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە قېلىۋاتىدۇ. بىز يۈكسەك دەرىجىدە دېموكراتىك دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدىغان ئامېرىكىدىمۇ تەڭسىزلىك بار. شۇڭا ئادەم قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئولتۇرماي، قولىدىن كېلىدىغان ئىشلىرىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئىشسىز قالغان ياشلىرىمىزمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ، بىكار قالغان ۋاقىتلىرىدا ھەسرەتلىك خىياللارنى سۈرۈۋەرمەي، ھېسىياتقا بېرىلىۋەرمەي، بىر نەرسىگە قاتتىق قادىلىشى ۋە بىرەر كەسپنى بېرىلىپ ئۆگىنىشى كېرەك. پۇل تاپالمايۋاتقان، ئىشسىز قالغان چاغلىرىدا رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بېرىلىپ ئۆگەنگەنلەر كەلگۈسىدىكى كاپتال كۆرۈشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلاردۇر. جىق پۇل تاپقانلار قىيىنچىلىقنى ئەڭ كۆپ يەڭگەنلەردۇر. كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلالمىغانلار كۆپ پۇل تاپالمايدۇ، پۇل تاپالمىغانلارنىڭ رەڭگى سارغىيىدۇ، قەددى پۈكۈلىدۇ، ھاياتىدا مەنە، تەم ئاز قالىدۇ. يۇقىرقىدەك قىسمەن  ياشلاردىكى «تىرىشقىنىم بەرىبىر بىكار، مەن نېمە قىلالايتتىم، بىز دېگەن مۇشۇنداق خەق، بىز تۈگەشتۇق...» دېگەندەك ئويلار بىزنىڭ رېئاللىق ۋە ئۆزىمىز ھەققىدىكى خاتا تونۇشلىرىمىزنىڭ، پاسسىپ خىياللىرىمىزنىڭ مەھسۇلى. بۇ خىل خاتا تۇنۇشنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پۈتكۈل زېھنى بىلەن پۇل ۋە قىممەت يارىتالايدۇ دەپ قارىغان كەسپكە كىرىشىشى، ئۆز قىزىقىشىغا ۋاقىت ئاجرىتىپ، كۆڭلىدىكى نۇرلۇق ئوبرازىنى بىر - بىرلەپ لايىھەلەپ چىقىشى لازىم.
  
دوكتۇرزۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» ناملىق كىتابىدا يەنە شۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ:
      بەزى ياشلار مەسىلىسى تۈگىمىگەنسېرى مۇھەببەتكە بېرىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، مۇھەببەتكە بېرىلگەنسېرى ئۆزى ئىزدىگەن چىن مۇھەببەتنىڭ رېئاللىقتا تېپىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ئۈمىدسىزلەنگەنسېرى بىر ئىشقا رايى بارمايدۇ. يېڭى قىيىنچىلىقلار ئەنە شۇنداق چاغلاردا بىزنى مۈشۈكتەك ماراپ تۇرغان بولىدۇ. ئويلىنىپ باقايلى، بىز مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ قولى كىتاب ۋاراقلاۋاتقان، ئۆز تەقدىرىنىڭ غوجايىنىغا ئايلىنىۋاتقان بولسىچۇ، مۇھەببەت سەۋداسى، ئاشىقلىق ئوتى بېشىمىزغا كەلگەندە قىيىنچىلىق كۆزىمىزگە كۆرۈنمەيدۇ، مۇھەببەت كۆزىمىزنى چاپاق، كاللىمىزنى قاپاق قىلىۋەتكەن دەملەردە ئۆزىمىزنىڭ دەردى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر دەرتتەك، باشقىلار بىزنى چۈشەنمەيۋاتقاندەك ھېسىياتتا بولىمىز. بۇنداق چاغلاردا بىر قىسىم ئوغۇللار ھاراق، تاماكىدىن، قىزلار دىبا، جيۇبالاردىن، ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن تەسەللى تاپماقچى بولىشىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ساختا دەرتمەنلىكتۇر.خىزمەت ۋە مائاش مەسلىسىگە كەلسەك، خىزمەتنى مۇقىم ئىدارىدە ئىشلەش دەپ چۈشۈنىۋالماسلىقىمىز لازىم، مائاش ـــ ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى. مائاش خاسلىقىڭىزنى نابۇت قىلمىسۇن. ۋاقتى كەلسە، سىزنى ئالداۋاتقان ئاشۇ خىزمەتتىن ھەمدە جەلپكار نەرسىلەردىن ئىككىلەنمەي ۋاز كېچىڭ. ۋاز كېچىش مەغلۇبىيەت ئەمەس، بەلكى سىزدە شۇنىڭغا چۇشلۇق تەييارلىق ۋە ئىشەنچنىڭ بولغانلىقى. ئاجىزلار ھالقىلىق پەيتتە ۋاز كېچىش ۋە تەۋەككۇلچىلىكنىڭ تەمىنى مەڭگۈ تېتىماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا بىز ئۆزىمىز بىر ئۆمۈر قىلساقمۇ نەتىجە قازىنىش ئېھتىمالى بولمىغان، قىزىقمىغان ئىشلىرىمىزدىن ۋاز كېچىپ، ھاياتلىق سەپىرىمىزنى يېڭىدىن باشلاشىمىز لازىم، قىزىقىش ئەڭ ياخشى ئۇستاز، قىزغىنلىق ۋە تاللاش تىرىشچانلىقتىن مۇھىم.ياشلار ئۈستىدە يەنە بىر ھالقىلىق مەسلە بار، بەزى ياشلار «ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان – قازىنالمايدىغانلىقى 30 ياشقىچە بەلگىلىنىپ بولىدۇ» دېگەن گەپنى كۆپ ئاڭلايمىز، ئەمما ئۆزىمىزنىڭ تىلى ۋە دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز ئۈچۈنلا نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، تەمتىلەشتىن قۇتۇلۇپ ئاغزىمىز ئاشقا، ئايىقىمىز تاشقا تەگكۈچە يېشىمىز 30 غا، دەردىمىز توقسان توققۇزغا يېتىدىكەن، دېمەك، يۇقىرقى گەپ بىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ رېئاللىقىغا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا 30 ياشنى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يېڭىچە ھاياتىنىڭ باشلىنىشى دېيىشىمىز، بالدۇر قېرىۋالماسلىقىمىز لازىم. بالدۇر قېرىۋېلىش بىزنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن زەئىپلەشتۈرىدۇ، خالاس. يەنە بىرى، بەزى ياشلاردا ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى ياراتماسلىق، بىراۋغا سەۋەبسىزلا ئۆچ بولۇپ قېلىشتەك ناچار خاراكتېر بار. نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئالدىراپ بىر كىشىنى يارىتىپ كەتمەيدۇ. بىراۋ نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن كۈچىسە ئۆزىنى كۆرسۈتىۋاتقاندەك، مەنمەنچىدەك ھېس قىلىدۇ. خىيالىدا ئۆزى قىلسا تېخىمۇ ياخشى قىلىۋېتىدىغاندەك ئويلايدۇ. باشقىلارنى ياراتمايدۇ – يۇ، ئۆزى ھەرىكەتكە ئۆتمەيدۇ. ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەيدۇ، ئولتۇرۋېلىپ كىشىنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىپ، لەززەت تاپىدۇ. پسخۇلوگىيە نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى ياراتماسلىق ـــ ئازاب چېكىۋاتقان، ئۆزىنى تايانچىسىز ھېس قىلىۋاتقان زەئىپ روھنىڭ ئەكس نۇقتىدا ئۆزىنى ئاشكارلىشى. پىسخىكىسى ساغلاملار بىر ئىشنى ياخشراق قىلغانلاردىن تەجرىبە ئۆگىنىدۇ، نەتىجە قازىنىش جەريانىنى كۆزىتىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۆزگىلەردىن قۇسۇر ئىزدەپ زېھنىنى قورۇتمايدۇ.

0

تېما

0

دوست

503

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22567
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 13:18:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ كۈنى سورۇنىمىزغا چوڭى 33 ياش، كىچىكى 24 ياشلاردا بار يەتتە تونۇش يىغىلغانىدۇق. سورۇنىمىز باشلىنىش بىلەن تەڭ دوستلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىنمۇ ئاغرىنىش ۋە زارلىنىش سادالىرى قۇمدەك تۆكۈلگىلى تۇردى.ـــ جان باقماق تەس بولۇپ كەتتى، مال باھاسى چاچتەك تېز ئۆسمەكتە، مائاشىمىز قاشتەك ئەسلى ھالىتىنى ساقلىماقتا. بىر باشلىق ئالماشسا، بىر يېڭى تۈزۈم چىقىپ، ئەسلىدىكى خىزمەتلىرىمىز قىيىنلىشىپ كەتمەكتە، ئىدارىدىكى يىغىننىڭ كۆپلىكىدىن، كاللىمىز قايماقتا، نېرۋىمىز زېدىلەنمەكتە، تاراتقۇلاردىن ھەركۈنى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان خەۋەرلەر ئاڭلىنىپ، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى تۆۋەنلەتمەكتە......
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

978

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27507
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 14:26:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر؛ ماقالىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم، پىكىرلىرىڭىزنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە قايىل قىلىش كۈچىنىڭ زورلۇقى، شۇنىڭدەك ھازىرقى جەميىتىمىزدە ئۆز چىقىش يولىنى تاپالماي چۈشكۈنلىشۋاتقان، گاڭگىراپ قالغان ياشلىرمىزنىڭ ھەقىقى توغرا يولىنىشنى قەيەردىن باشلاپ قانداق مىڭىش توغىرسىدا، چوڭقۇر ئويلۇنۇپ كۆرۈش لازىملىقى توغۇرسىدىكى ياخشى بىر دەرىسلىك بولۇپتۇ. (سىزنىڭ ئىلىم ئىلىش، ئىلىملىكلەرنى ھۆرمەتلەش ھەمدە بۇ يولدا ئىزچىل ئەجىرلەرنى سىڭدۈرۈپ كىلىۋاتقىنىڭىزدىن بەكمۇ خوش بولدۇم. اللە دىن خاتىرجەملىك ھەم سالامەت بولۇشىڭىزنى، ئىلمىڭىزنىڭ تىخىمۇ زىيادە بولۇشىنى تىلەيمەن.)

0

تېما

2

دوست

4146

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1278
توردىكى ۋاقتى: 503
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 14:55:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پاتمان قۇرۇق گەپ ، ، ، قۇرۇق گەپ قىلىپ ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغۇچە جىم ئولتاماي ،

0

تېما

0

دوست

585

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27968
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 166
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 15:27:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ROCK يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 14:55
بىر پاتمان قۇرۇق گەپ ، ، ، قۇرۇق گەپ قىلىپ ئۆزىنىڭ ھەم ب ...

بۇرادەر، مۇشۇنداق ماقالىلەرنىڭ كۆپرەك يېزىلغىنى ياخشى...بۇ ،كۈن بويى ئۈندىدار ئويناپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن كۆپ ياخشى.....دەل مۇشۇنداق ماقالىلەر روھېيىتىمىزنى تازلاپ تۇرۇشقا پايدىسى بار.............

0

تېما

2

دوست

4146

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1278
توردىكى ۋاقتى: 503
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 15:42:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oglan0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 15:27
بۇرادەر، مۇشۇنداق ماقالىلەرنىڭ كۆپرەك يېزىلغىنى ياخ ...

ماڭا روھىيەتنى تازلايمىز دەپ گەپ قىلىپ بەرمەڭ ، ئۇيغۇرنىڭ روھىيىتى ھەممىدىن بەك ساپ ، بىزنىڭ روھىيىتىمىز تازلاشقا موھتاج ئەمەس ، ، ، ھازېر ئۇيغۇر ئەڭ موھتاج نەرسە پۇل ، ، ،

2

تېما

0

دوست

2942

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25610
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 908
توردىكى ۋاقتى: 317
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 15:48:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇنداقتا  سىزمۇ بىر پاتمان يۆل گەپتىن يوللىمامسىز ، باشقىلاردىن كۇسۇر ئىزلىمەي .
   « ھەر كىشىنىڭ  پەمى - ئىدراكىغا لايىڭ سۆزلىگىن ،
    نا ئورۇن سۆزلەپ ، ئۆزىڭنى كۈلكىگە قالدۇرمىغىل . »

2

تېما

0

دوست

785

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9550
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 215
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 16:21:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇسۇر ئىزدىمەي مەندەك ئوقۇپ چىقىپ كەتسەڭلارمۇ بولىدىغۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )