قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7798|ئىنكاس: 50

ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 22:53:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچى


ئالىمجان



   ئاتوم بومبىسى بولسا يادرونىڭ يىمىرىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان بىر خىل يادرو قۇرالى . ئاتوم بومبىسى بولسا يادرونىڭ يىمىرىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان بىر خىل يادرو قورال . ئۇنى ئەڭ بۇرۇن ئامېرىكا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ، ئىنتايىن يۇقىرى ۋەيران قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش كۈچىگە ئىگە ، پارتىلغان ۋاقىتتا كۈچلۈك يادرو رادىئاتسىيىسى چىقىرىپ ،جالىقلارنىڭ قۇرۇلما توقۇلمىلىرىغا زىيان يەتكۈزدۇ .ئاتوم بومبىسى ياسىلىدىغان ئەسلى ماتىرىيال بولسا ئۇران 235، ئۇ تەبىي ئۇراننىڭ %0.7 تەركىبىنى ئىگىلەيدۇ ،ئۇنىڭدىن باشقا%99.3 نى ئىگىلەيدىغان ئۇران 238 بولسا ئاتوم بومبىسى ياسايدىغان ئاچقۇچ.        



  1945-يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى ، تۇنجى قېتىم ئۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن ئاتوم بومبىسى ياپونىيىنىڭ خروشىما (گۇاڭداۋ ئارىلى) غاتاشلانغان. 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ، ئىككىنچى قېتىملىق ئاتوم بومبىسى ياپونىيىنىڭ ناگاساكى(چاڭچى) غا تاشلانغان . شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە 9- ئاينىڭ 2-كۈنى تەسلىم بولغان .


  ئاتوم بومبىسى - پەن تېخنىكىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنىڭ تېزلىكتە ئۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن گەۋدىلىك مىساللىرىنىڭ بىرى. 1939- يىلى يادرونىڭ يىمىرىلىش ھەركىتى بايقالغاندىن تارتىپ  1945- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساپ چىققۇچە بولغان جەريانغا پەقەت 6 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان. 1939-يىلى 10- ئايدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاتوم بومبىسى ياساشنى قارار قىلىپ، 1945-يىلى ئۈچ دانە ئاتوم بومبىسى ياساپ چىققان . بىرىنچى دانىسىنى تەجرىبە قىلغان ،قالغان ئىككى دانىسىنى ياپونىيىگە تاشلىغان . 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى خروشىماغا تاشلانغىنى 《كىچىك ئوغۇل》ناملىق ئاتوم بومبىسى بۇلۇپ ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 4.1 توننا، قۇدرىتى 20مىڭتوننىغا يەتمەيدۇ. شۇ يىلى 8- ئاينىڭ 9- كۇنى ناگاساكىغا تاشلانغان《سېمىز پور》ناملىق ئاتوم بومبىسىنىڭ ئېغىرلىقى 4.5 توننا، قۇدرىتى 20 مىڭ توننا كېلىدۇ !



   باشقا دۆلەتلەر تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىقىپ سىناق پارتلاتقان ۋاقىت :

   سابىق سوۋىتلەر ئىتتىپاقى — 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ;

   ئەنگىلىيە — 1952- يىلى 10- ئاينىڭ 3-كۈنى ;

   فىرانسىيە — 1960- يىلى 2- ئاينىڭ 13-كۈنى ;

   جۇڭگو — 1946- يىلى 10- ئاينىڭ 16-كۈنى ;

   ھىندىستان — 1974- يىلى 5- ئاينىڭ 18-كۈنى ;


   1945- يىلدىن بۇيان ، ئاتوم بومبىسى ياساش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ھەجىمى ،ئېغىرلىقى كۆرنەرلىك كىچىكلىدى ، تېخنىكىلىق ئىقتىدارى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ،ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئۇنى ساقلاشتەك بىخەتەرلىك ئىقتىدارلىرىمۇ تېخىمۇ مۇھىم ئشلار قاتارىدا تۇتۇلدى.



ئاتوم بومبىسىنىڭ تارىخى:


  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرشى ، تەتقىقاتچى سىزدىلاد گىرمانىيىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، داڭلىق ئالىم ئىنىشتىيىنگە خەت  يىزىپ ، ئاتوم بومبىسى ياساشنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىنى چۈشەندۈردى .

  1941- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى (ياپونىيەپىئارىل‐خاربور پورتىغا تۇيۇقسىزھۇجۇم قىلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى)زۇڭتۇڭ روزۋېلىت ئامېرىكا پەن - تەتقىقات تەرەققىيات ئىدارىسىغا بارلىق كۈچ بىلەن ئاتوم بومبىسى ئىشلەپ چىقىرىش بۇيرىق ىبەردى .

  1942- يىلى 8- ئايدا ، ئامېرىكا ئاتوم بومبىسى ياساشتىكى”مانخاتتون پىلانى“ نى تۈزۈپ چىقتى .

  1943- يىلى 7- ئايدا ، ئامېرىكا ئاتوم بومبىسى تەتقىقات ئورنى قۇردى.

  1945- يىلى 3- ئايدا ، ئاتوم ئېنىرگىيىسىنى بىرلەشتۈرۈش كومىتېتى قۇردى.

  1945- يىلى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى ، يىڭى مېكسىكا شتاتى قۇملۇقىدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى قېتىملىق ئاتوم بومبىسى پارتلىتىش سىنىقى ئېلىپ بېرىلدى.

  1945-يىلى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى ، ئامېرىكاياپونىيىنىڭ خروشىما ۋە ناگاساكى غا ئاتوم بومبىسى تاشلىدى .

  1949- يىلى ، سابىق سوۋىتلەر ئىتتىپاقى ئاتوم بومبىسى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ، ئەنگىلىيە ، فىرانسىيىلەر 1952- ۋە 1960- يىلى ئۆزى ياسىغان ئاتوم بومبىسىنى پارتلىتىپ سىناق قىلدى .

  1964- يىلى جۇڭگومۇ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولدى .



  ئاتوم بومبىسى تىپىك يادرو قوراللارنىڭ بىرى بۇلۇپ ،ۋەيران قىلىش كۈچى ئىنتايىن يۇقۇرى، ئۇ پارتلاش مەركىزىدىن ئەتراپىغا قاراپ چەمبەرشەكلىدە تارقىلىپ پارتىلايدۇ ، ئەتراپقا كۆرسەتكەن ۋەيرانچىلىق تەسىرى بىر قانچەقاتلامغا بۆلۈنىدۇ . ئۇ پارتلىغان دەقىقىدىكى كۈچلۈك نۇر ئادەمنىڭ كۆزىنى شۇھامانلا قارىغۇ قىلىپ قۇيىدۇ ، كۈچلۈك پارتلاش تەسىرىدە ھاسىل بولغان فىزىكىلىق ۋەيران قىلىش كۈچى بىلەن خېمىيىلىك ۋەيران كۈچى ئوخشاشلا چوڭ ، ئۇ نىڭدىن چىققان يادرو رادىئاتسىيىسى جانلىقلارنىڭ قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، جانلىقلار تۈرىنىڭ ياكى شەكلى ، خۇسۇسىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ .

  ئامېرىكا ياپونىيىگە تاشلىغان ئىككى دانە ئاتومبومبىسى شۇ ۋاقىتتا  150مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىدەك قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن . نەچچەكۈندىن كىيىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئاخىرى تەسلىم بۇلۇشنى قارار قىلغان . بۇنىڭغاقاراپ بەزىلەر ” ئاتوم بومبىسى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشىنى ئاخىرلاشتۇردى “ دەپ قارايدۇ . يەنە بەزىلەر ” ئاتوم بومبىسى يېڭى بىر دەۋر ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ “ دەپ قارىدى .

  ياپونىيەئامېرىكىنڭ ھەربىي پاراخوتىنى چۆكتۈرۋەتكەندە500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى سۇغا غەرق بۇلۇش ىھەمدە لەھەڭلەرگە يەم بۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدىن ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى قوزغالدى ،ئەسلىدە بۇ پاراخوت ئامېرىكىنىڭ مۇھىم يادرو قۇرال بۆلەكلىرىنى تىنچ ئوكياندىكى ئارىلىغا تۇشۇپ كېتىۋاتقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن 《كىچىك ئوغۇل》ناملىق ئاتوم بومبىسى 29-b بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايرۇپىلانىغا قاچىلاندى. بۇ كېلەڭسىز  29-b بەلگىلىك كۈمۈش رەڭلىك بومباردىمانچى ئايرۇپىلاننىڭ قانتىنىڭ ئۇزۇنلىقى 43 مېتىر ، ئايرۇپىلان گەۋدىسىگە ئۇچۇق قىلىپ ، ئۇچقۇچى)بولور(نىڭ ئانىسى قۇيۇپ بەرگەن Enolagay دېگەن ئىسىم يىزىلغان ،دەھشەت گۈركىرەك ئاۋاز بىلەن ئۇچىدىغان بۇ ئايرۇپىلان 6 سائەتتىن كىيىن خروشىمائاسمىنىغا يېتىپ بارغان .

  ۋاقىت ھېسابلىغۇچ بىلەن بارومېتىر سەپلەنگەن توشۇغۇچى ئاتوم بومبىسىنى نىشانغا تەككۈزۈپ پارتلاتتى . بۇ ۋاقىتتا  29-b ئاللىبۇرۇن 18 مىڭ مېتىر يىراقلىققا كېتىپ بولغانئىدى ، بىراق ،ئۇ زىنت توپنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، ھاۋادا پۇلاڭشىپ غاراسلاپ قالدى .كىشىنىڭ كۆزىنى چاقىدىغان كۈچلۈك نۇر بىلەن تەڭ ھاسىل بولغان ئىس-تۈتەك بىر كۈن ھاۋانى قاپلىدى، «بولور» نىڭ خروشىماغا قايتىپ كۆرگىنى بولسا < قورقۇنۇچلۇق ، غايەت زور ، پۇرقىراپ كۆتۈرۇلىۋتقان موگوسىمان بۇلۇت > بولدى . يەنە بىر ئۇچقۇچىنىڭ تەسۋىرلىگىنى بولسا < يالقۇنجىغان قارا نېفىت قازىنى > بولدى . پارتلىغاندىن كىيىن ھەممە جاھان ئۈلۈكتەك تىپتىنىچ بۇلۇپ كەتتى .....


  بىردەمدىن كىيىن ،خۇددى دوزاقتەك مەنزىرە پەيدا بولدى ؛ تېمپىراتۇرا 2980 سىلسىيە گىرادۇس [5400 فارانگىيىت] ، پارتلاش مەركىزىگە يېقىنراق جايدىكى بارلىق جانلار ھەش - پەش دىگۈچە كۆيۈپ ئىس-تۈتەك پارىغا ئايلىنىپ كەتتى ، بەختكە يارىشا ھايات قالغانلار ھۇشىنى يوقاتقان ھالدا چۈش كۆرىۋاتقاندەك دەلدەڭشىپ نىشانسىز ماڭماقتا ئىدى ، ئۇلارنىڭ تېرە-گۆشلىرى خۇددى ئېتىۋەتكەن دسمالدەك چۇۋۇلۇپ چىقىپ قالغان ئىدى ، ياغاچ ئۆيلەر ، باغچىلار ، ئورمانلىقلار ۋولقاندەك كۆيمەكتە ئىدى ، تۇپراقلاردا جەسەتلەرمۇ كۆمۈردەك كۆيۈۋاتاتتى ، بۇ شەھەردە 290 مىڭ دىن ئارتۇق ئاۋام خەلىق ۋە 43 مىڭ ئەسكەر بار بۇلۇپ ، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 70 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 130 مىڭ ئادەمنىڭ يارلىنىشى ؛ 70مىڭ ئولتۇراق قۇرلىشىنىڭ ۋەيران بۇلۇشى مۆلچەرلەندى ، 3 كۈندىن كىيىن قۇۋۋىتى 22 توننا tnt پارتلىتىش دورىسىنىڭ كۈچىگە داڭداش كېلىدىغان «سېمىز پور» ناملىق ئاتوم بومبىسى ناگاساكىدا پارتىلدى .1945- يىلنىڭ ئاخىردا ، 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى ، كىيىنكى 5 يىل ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بىر ھەسسە كۆپەيدى.


  1945-يىلى خروشىمانى بومباردىمان قىلىش

  1945-يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى .


  ئامېرىكا يېڭى مېكسىكا شتاتىنىڭ « ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش » تەجىرىبىسىدىن كىيىن ئاتوم بومبىسىنىڭ قورقۇنۇچلۇق ۋەيران قىلىش كۈچىنى بىلدى ، 7- ئاينىڭ 26- كۈنى ، ياپونىيە تەسلىم بولغان « پوتسدام ئۇقتۇرۇشى » ئىلان قىلىنغاندىن كىيىنكى 2 كۈندىن كىيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترۇمان ياپونىيىگە ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىشنى ئېلان قىلدى . بۇ چوڭ مەخپىي تەتقىقات پىلانىغا 2،000،000،000 ئامېرىكا دوللىرى خەجلىنىپ ، نەچچە ئون مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىغا تېگىشتى .


   8- ئاينىڭ 5-كۇنى ، سائەت 14:00


   يىراق شەرق 20- بومباردىمانچى ئەترەتنىڭ باشلىقى ئىككىنچى كۈنى بۇ ئالاھىدە ۋەزىپىنى ئىجراقىلىشنى قارار قىلدى ، چۈشتىن كىيىن 尼提安 ئارىلىدا، « كىچىك ئوغۇل » ئايرۇپىلانىغا قاچىلاندى ، ئۇنىڭ سىرتقى پوستى قارا پولات تاختا بىلەن ياسالغان بولۇپ ، ئېغىرلىقى 4400 كىلوگىرام < 9700 قاداق > .، خۇددى « سوزىۋەتكەن ئەخلەت تۇڭى » غا ئوخشايتتى .

  « كىچىك ئوغۇل » غا رادار ، ۋاقىت ھېسابلىغۇچ ، بارومېتىر ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن b-29 بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايرۇپىلانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، زەنجىر بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇلدى ، «بولۇر» ياۋرۇپادا بىرىنچى قېتىملىق b-17 بومباردىمان قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان كونا ئەسكەر بولۇپ ، ئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدە بۇ قېتىمقى ۋەزىپە تاماملانغان . ئۇ ئادەم تېپىپ كىلىپ ، ئۇچقۇچىلار دېرىزىسىنىڭ يېنىغا ئاپىسى قۇيۇپ بەرگەن "  ...enola gay  " دېگەن ئىسىمنى بىر ئېنگىلىز چىسى چوڭلۇقتا يېزىپ قويدى .


  8- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 00:00 ؛


   ئەڭ ئاخىرقى يوليورۇق چۈشۈرۈلدى ، « بولۇر » ئۆز گورۇپىسىدىكى 11 نەپەر ئەزاغا مۇھاپىزەت كۆزەينىكىنى تاقاشنى ئاگاھلاندۇردى. ھاۋارايىدىن مەلۇماتتا نىشان شەھەر خىروشىمانىڭ تاڭ سەھەر ھاۋا ئوچۇق بولىدىغانلىقى ئاڭلىتىلدى ، بىر باشقارما باشلىقى تەڭرىدىن " دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىشقا ئاتلانغان باتۇر ئەزمەتلەر " گە ئامانلىق تىلىدى . بارلىق گۇرۇپپا ئەزالىرى ئەتىگەنلىك تاماق يىدى . « بولۇر » توخۇ بىلەن ئاناناس قىيمىسى ئارىلاشتۇرۇلغان ھامبۇرۇگ بولكىسى يىدى . تاڭ سەھەر سائەت 2:27 دە نىشانغا ئاتلانماقچى بولغانلىقتىن ئۇلار نىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقتى يوق ئىدى .

  تاڭ سەھەر سائەت 2:27 دە ماتور ھەركەتلەندۈرۈلدى ، ئايرۇپىلانىڭ يۈكى 6800 كىلوگىرام < 15مىڭ قاداق > ، بۇ ئازىراق نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى، بىراق ، ئۇ ئىككى ئېنگىلىز مىلى ئۇزۇنلۇقتىكى ئۇچۇش يولىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتتى . سايپان ئارىلى ئاسمىنىدا ، 科.怕森斯德 ۋە 莫里斯.接普生 بومبىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئايرۇپىلان بۆلمىسىدىن قايتىپ چىقدى . 3 سائەتتىن كىيىن ئۇلار 沃怡.吉马 ئاسمىنىدىكى مۇھاپىزەت ئايرۇپىلانى بىلەن توپلاشتى . ئەتىگەن سائەت 8:50 دە ئۇلار ياپونىيە ئاسمىنىنىڭ 9500 مېتىر ھاۋا بوشلۇقىغا يېتىپ كېلىپ ، خىروشىماغا ئىنتايىن يىقىنلاشتى .

  يەر ئۈستىدە بولسا ، شەھەردىكى كىشلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتاتتى ؛ ئەسكەرلەر خىروشىمادىكى بىر قىسىم " قورغان " لىرىدا ئۆز مەشىقىنى قىلىۋاتقان ئىدى ؛ قىز ئوقۇغۇچىلار ئەستايىدىللىق بىلەن يول سۈپۈرۋاتقان ئىدى ؛ كوچىلاردا كىچىك-كىچىك ماشىنىلار ۋە ۋېلسىپىتلىك كىشلەر ئىشقا كېتىۋاتاتتى ......

سائەت 9:16 دە ، خىروشىما ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:15 دە ، بومبا خىروشىما دوختۇرخانىسى ئۈستىدىكى 580 مېتر ئېگىزلىكتىن تاشلاندى ......

  ........گۇم !!!!

   پارتلاش بىر دەقىقىلا داۋاملاشتى ،بىراق ، تېمپىراتۇرا ئاللىبۇرۇنلا 5400 فارانگىيىتقا چىقىپ كەتتى ؛ ئۇچار قاناتلار يېرىم ھاۋا بوشلۇقىدىلا ئىس-تۈتەككە ئايلاندى ؛ 1180مېتىر ئېگىزلىكتە ئوت يالقۇن كۆپۈكچىسى پەيدا بولۇپ . 3650 مېتىر ئەپچۆرىسىدىكى توك سىملىرى خۇددى سەرەڭگىدەك ئوت ئالدى ؛ پۈتكۈل شەھەر گوياكى قوقاسقىلا ئايلاندى؛ بومدا ئىنتايىن كۈچلۈك ئوت يالقۇنى ھاسىل قىلىپ ، ئايرۇپىلاندىن كەينىگە قارىسا ئاسمان خۇددى " شەھەرگە ماگما ياكى شىكەر قىيامى تۆكۈۋاتقاندەك " كۆرۈندى ، ھەممىلا جاي ئوت بىلەن قاپلانغان !

  كوچىلاردا بىرسى ماشىنىسى بىلەن كۈلگە ئايلانسا ، يەنە بىرسى بىنالارنىڭ پەلەمپىيىدىلا كۆيۈپ كۈل بولدى ، كەلكۈندەك كەلگەن ئوت يالقۇنىدىن ھېچقانداق جانلىق قېچىپ قۇتۇلالمىدى ....   

  قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پۈتكۈل جاھان گويا يەرشارى توختاپ قالغاندەك قورقۇنچلۇق تىمتاسلىققا چۆمدى ، ھەممىلا يەر قاپقارا ئس-تۈتەك ، ئوت يالقۇنى ......

  بەخىتكە يارىشا ئامان قالغانلارنىڭ ئۈستى باشلىرى ، كىيىملىرى كۆيگەن ، تېرىلىرى قىپقىزىل تىتىلىپ پاخپىيىپ كەتكەن ، خۇددى بىر چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ، نىشانسىز ھالدا دەلدەڭشىپ كېتىۋاتماقتا ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن نەبىر كۆز ياكى ئېغىزنى تاپقىلى بولمايتتى ، ۋە ياكى بەدىنىنىڭ ئالدى ياكى كەينىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايتتى ،بىر قىزنىڭ چىقىپ قالغان تىلى خۇددى قۇتقۇزۇڭلار دەۋاتقاندەك ئىدى ، بىر ئەر ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ ، يەر ئۈستىدە تىرمىشىپ جان تالاشماقتا ئىدى ، يەنە بىر ئەر بولسا ئېتىلىپ چىققان كۆز ئالمىسىنى تۇتقان ھالدا قىينىلىۋاتاتتى ، ئەسلىدىكى چىرايلىق باغچىلاردا بولسا ، تۇپراق-كۆللەر ھەممىلا جايدا جەسەت ، جانلىقلار كۆيۈۋاتاتتى، بىر قىسىم ھايات كىشلەر ئاللىبۇرۇن ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۇپ بولغان ئىدى ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ يۈز-كۆزلىرى قىزىق ئوت تەپتىدە قاتتىق ئىششىپ كەتكەن بولۇپ ، قارىماققا قىپقىزىل لەۋلىرى بىلەن سۇ ئىچىۋاتقاندەك ھالەتتە ئىدى ....

  پۈتۈن شەھەر رايونى يىغلاش ، چىقىراش ، ۋاقىراشتەك دات-پەرياد ئاۋازى بىلەن تولۇپ كەتتى ، بىراق ، قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت بۇلا ئەمەس ، 9- ئاينىڭ 1- كۇنىگە قەدەر ئۆلگەن ئادەملەر سانى 70 مىڭ غا يىتىپ ، 1،300،000 ئادەم يارلاندى ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن بىرى ئېغىر دەرىجىدە يارلانغان بولۇپ ، ئەڭ ئاخىرقى ئۆلۈش 100 مىڭ دىن ئېشىپ كېتىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن ئىدى .



ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 15:21:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتلىرىم ئۆزلىكىدىن قۇشۇلۇپ يىزىلىپ قاپتا ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

205

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27595
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 15:31:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇنىڭ ئاتۇم بومبىسىنى پارتىلاتقان ۋاقتى خاتا بۇلۇپ قاپتۇ

3

تېما

0

دوست

2701

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 830
توردىكى ۋاقتى: 182
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 15:34:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ALMEQI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-1 15:38  

مەن ئاڭلىغان يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەر:

ئامرىكا
روسىيە
جۇڭگو
ئەنگىلىيە
ڧىرانسىيە
ھىندىستان
پاكىستان
ئىسرائىلىيە
چاۋشىيەن

بۇلارنىڭ ئىچىدە، مەيلى يادرو قورالىنىڭ كۆپلىكى مەيلى ئۈنۈمدارلىقى ۋە ياكى تىخنىكا سۈپىتى جەھەتتىن بولسۇن ئامرىكا بىلەن روسىيە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 16:08:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  جۇڭگو نىڭ كىنى خاتا يىزىپ قۇيۇپ تىمەن ئەسلى 1964_يىلى ..

1

تېما

0

دوست

4511

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6180
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 960
توردىكى ۋاقتى: 186
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 16:14:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان قاسىمى 1949-يىل 8 -ئاينىڭ 27-كۈنى ئايرۇپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى. (بۇچاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالتاي ئۇران كانىدىن پايدىلىنىپ بولغان).
سوۋېت ئىتتىپاقى 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاتوم بومبىسىنى پارتىلاتتى.

1

تېما

2

دوست

3551

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1074
توردىكى ۋاقتى: 283
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 16:32:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى پارتىلىتىش كۇچى ئەڭ زور ئاتوم بومبىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ياساپ چىققان.ياساپ بولۇپ ئالىملارنىڭ تەخمىنەن ھىساپلىشىچە ئۇ ئاتون بومبىسى 1000كىلومىتىر دائىرىنى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدىكەن.بىراق سوۋېت زىمىنىدىن 1000كىلومىتىر دائىرىدە شەھەر يوق يەنى تاپالماي ئۇ بومبىنىڭ يىرىمىنى سىناق قىپتىكەن.700كىلومىتىر دائىرە پۇتۇنلەي ۋەيران بولاپتۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە بومبىنى پارتىلاتقاندىن كېيىن پۇتۇن شىمالىي يىرىم شاردا توك  ،رادىئو قاتارلىق نەرسىلەر 3سائەت پالەچ ھالغا چۇشۇپ قاپتىكەن.ئامرىكا بۇ ئىشنى قاتتىق ئەيىپلەپتىكەن،لېكىن سوۋېتتا 3كۇنگىچە بارلىق ئەسلىھەلەر پالەچ ھالغا چۇشۇپ قالغاچقا بۇ ئىشتىن ئۇچ كۇندىن كېيىن خەۋەر تىپىپتىكەن.

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 16:42:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاۋشەن جىنىدا ئاتوم سىناق قىلدى .. ئىشقىلىپ يامان نەسىكەن بۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )