"مەيدىسىدە تۈكى بار جوڭگۇلۇق"
تەتىلدە بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ لاتارىيەسى چىقىپ قېلىپ، سەپىرىم تېنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالاۋ ( Palau) غا بولۇپ قالدى.مەنزىلىمگە بارغىچە 46 سائەت ئىچىدە 3 قېتىم ئايرىپلان ئالماشتۇردۇم؛شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىدىن كېلىپ كۆرگىنىم مەن كۈتمىگەن بىر مەنزىرە.
ئەگەر تاموژنا خادىملىرىنىڭ ئۈستىدىكى فورما كىيىمى ۋە تامغا ئېسىقلىق پالاۋنىڭ دۆلەت بايرىقى بولمىسا، كۆرگۈچىنىڭ بىز 30-40 كىشى تىزىلىپ ئۆچىرەت تۇرىۋاتقان بۇ ئورۇننىڭ بىر دۆلەتنىڭ چىگرىسى-تاموژنىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى تەس: پاسپورت تەكشۈرۈۋاتقان ئىككى خادىم، كۆزۈمگە دەرۋازىۋەندەكلا كۆرۈنۈپ تۇرغان 5-6 چېگرا ساقچىسى ۋە مەن چۈشكەن ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار بولۇپ جەمئى 40-50تىن ئارتۇق ئادام يوق، بۇ دۆلەت(!) نىڭ تاموژنىسىدا. پاسپورت توسىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن چوڭراق بىر زال، قاتارى بىر ماگىزىن دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆرەرمەن دەپ ئويلىسام ئۇمۇ يوق؛ تىمتاسلا بىر ئارقا ھويلىغا چىقىپ قالدىم. گەرچە پالاۋنىڭ 20 مىڭ نوپۇسلۇق كىچىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، تېخى 1994 -يىلى مۇستەقىل بولغانلىقىنى بىلسەممۇ بىر دۆلەت دېگەن مەۋجۇداتنىڭ چېگرىسىنى بۇنچە ئاددى، بۇنچە جىمجىت دەپ تەخمىن قىلمىغان ئىدىم. مېھمانخانا ئالدىمغا ئەۋەتكەن شوپۇرنىڭ ماشىنىسىدا كېتىۋېتىپ كاللامغا كەلگەن پىكىر شۇ:" ھەي خۇدايىمەي! زېمىن دېگەن بۇ نەرسىنى بەزىلەرگە بىر مېتىر ماتانىڭ ئورنىدا ئەرزان بېرىۋېتىپسەنۇ، بەزىلەرگە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد جېنىنى بېرىۋاتسىمۇ ' ئالە ئەمدى، نۆۋەت سېنىڭ' دېۋەتمەيۋاتىسەن! شىمالى ئىرېلاندىيە مىڭ يىلدىن بۇيان مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتمامدۇ؟ چېچەنلەر 200يۈز يىلدىن بۇيان قان تۆكۈۋاتمامدۇ؟ يەنە كىملەر پالتا-پىچاق بىلەن ئاپتوماتلىقلارنىڭ ئالدىغا، يەنە كىملەر تاش-كېسەك بىلەن تانكىنىڭ ئالدىغا مانا مۇشۇ ئارزۇ، مانا مۇشۇ ئارمان بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋاتمامدۇ؟!" مېھمانخانىغا يېتىپ بارغىچە ئارىلىقتا يەنە شۇنىمۇ ئويلۇدۇم:"ئاللاھىم، ھەر مەۋجۇداتىڭدا بىر ھېكمەت، ھەر ھادىساتىڭدا بىر سىگنال بار، بەلكىم مۇستەقىللىق دېگەن ئۇنداق ئەرزان نەرسە ئەمەس دەپ بەزىلەرنىڭ ئەسىرلىرچە بەدەل تۆلىشىنى قىسمەت قىلىۋاتىسەن؛ھەم يەنە مۇستەقىللىق ئېرىشكىنى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس دەپ ئۇنى 20 مىڭ نوپۇسلۇق بىر نامرات قەۋمنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ بېرىۋاتىسەن." مېھمانخانىغا كەلگىنىمدە كېچە سائەت 3 بوپتۇ، تاڭ ئاتقاندا كۆزۈم يۇمۇلدى، 30 نەچچە سائەت ئۇچۇشنىڭمۇ ئەمگەك ئىكەنلىكىنى كۈن چىققاندا ياتقان پېتى كۈن پاتاردا ئويغانغانلىقىمدىن ھېس قىلدىم. تۈركىيىدە مەن بىلەن بىللە لاتارىيىدە تەلەي سىنىغان ئاغىنەم مىرشات ھەسەنگە يېرىم بېلەت چىققان، قالغان يېرىمىنى ئۆزى تۆلەش ئېغىر كېلىپ ئىككىلىنىپ قالغان ئىدى؛ تەلىيىمگە بىر كۈن كېيىن ئارقامدىن ئۇمۇ يېتىپ كەلدى. ئىككىمىز بىر كۈندىلا پالاۋنى كېزىپ بولدۇق؛ ئەتىسى ساياھەت نۇقتىلىرىنىمۇ كۆرۈپ تۈگەتتۇق. دۆلەت كىچىك بولغاچقا كىمنى، نەنى سورىساڭ ھەرقاندىقى دەپ بېرەلەيدىكەن ياكى يېتىلەپ ئاپىرىپ قويىدىكەن. 3 _كۈنىگە كەلگەندە تاكسىچىلارنىڭ ھەممىسى بىزنى تونۇپ كەتتى، ماگىزىنچىلارمۇ ھەم؛ يولدا ماڭساق كىشىلەر بىلەن سالاملىشىپ ماڭىدىغان بولۇپ قالدۇق. 3 -كۈنى كەچتە زېرىكىشكە باشلىدۇق. " بىكارلىق دەپ كېلىۋېرىدىغان ئىش ئەمەسكەن جۇمۇ ساياھەت دېگەنگە" دەپ قاخشاپ چىقىۋاتاتتۇق بىر بېنگاللىقنىڭ ئاشخانىسىدىن، ياندىكى بىر خانىدىن ئۇيغۇرچە ئاۋاز چىقتى. --- مىرشات، ئۇيغۇر!--- دېدىم ياندىكى خانىگە قۇلىقىمنى دىڭ تۇتۇپ. ئۇمۇ توختاپ ياندىكى ئۆينى تىڭشىدى، بىردىنلا، بايىقى ئاۋاز يوق. --- ياقەي، ئۆزۈڭ ئۇيغۇر سېغىنىپ قاپسەن؛ بۇ يەرلەردە ئۇيغۇر نېمە ئىش قىلىدۇ؟!--- دېدى مىرشات؛ ماڭايلى دەپ تۇرىۋېدۇق، يەنە ئۇيغۇرچە ئاۋاز چىقتى، بۇ قېتىمقىسى تېخىمۇ ئېنىق: --- بولىدۇ ئاداش، بولىدۇ كېلەر ھەپتە تېلېفون قىلاي، سەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ بولغۇچە مەنمۇ ئاۋىسترالىيىگە بېرىپ بولىمەن.--- دېمەك بىر ئۇيغۇرنىڭ تېلېفونداۋەتەندىكىلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنى ئېنىق. خانىنىڭ ئىچىدىكى ئاۋازنى تىڭشاۋاتقىنىمىزنى كۆرگەن ئاشخانا خوجايىنى يېنىمىزدا پەيدا بولدى ۋە "مۇشۇنداقمۇ ئەدەپسىزلىك بولامدۇ" دېگەن ئەلپازدا قوپال قول ئىشارىتى بىلەن بىزنى جايىمىزدىن ئۇزاقلىشىشقا بۇيرۇدى؛ مەن خوجايىننى بېلىكىدىن تۇتۇپ يانغا ئىتتىرىۋېتىپلا خانىگە بېسىپ كىردىم: بىر ئۇيغۇر! ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇشىدىغان-بىلىشىدىغان! " ۋاي ئۇكام سەنمۇ؟"، " ۋاي ئاكا سەنمۇ؟" دىيىشىپ بىر-بىرىمىزنى باغرىمىزغا بېسىشتۇق. ئارىمىزدىكى بۇ ئوتتەك قىزغىن كەيپىياتنى كۆرگەن خوجايىننىڭ بايىقى ئاچچىقى سەل يانغاندەك، مېنىڭ بايىقى قوپاللىقىمنىمۇ ئەپۇ قىلغاندەك تۇراتتى، خاپىلىقىنىڭ چالىسى، يېڭىدىن بۇيرۇتقان تاماقلىرىمىز بىلەن يوقالغان بولدى. ئۇشتۇمتۇت تېپىۋالغان بۇ ئىنى ئاغىنىمىزنىڭ ئىسمى نەسىردىن ئەلا؛ ياۋروپادا ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان چېغىدا، ئىستانبۇلغا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەن ۋە بىز شۇ يەردە تونۇشقان.ئۇ ياۋروپادىكى ئوقۇشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئاۋىسترالىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ۋە ئىشلەۋاتقان شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە بىر ئايدىن بېرى پالاۋدا تۇرىۋاتقان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يېنىدىكى سۆھبەتدىشىنى تونۇشتۇردى. ما ئۇيغۇرنىڭ يامانلىقىنى قاراڭ، كەلگىنى ئىككى ئاي بولماپتۇ، بىر ئامېرىكىلىق دىپلومات بىلەن ئاغىنە بولىۋاپتۇ، ئىسمى Tim ئىكەن، تىم ئەپەندى، ئامېرىكىنىڭ پالاۋدىكى غەيرىي رەسمىي ئەلچىسى ئىكەن.4 چەتئەللىك كۈلكە چاقچاق بىلەن كېچىنى يېرىم قىلىۋېتىپتۇق. رېستوراندىن چىقىشىمىزغا بىر قانچە مۇخبىرنىڭ ئارىسىدا قالدۇق، مەن دەسلەپ بەلكىم مۇخبىرلار يېنىمىزدىكى ئامېرىكىلىق دېپلوماتتىن گەپ سورىماقچى دەپ ئويلۇدۇم، بىرازدىن كېيىن بايقىدىمكى ئاپىراتنىڭ كۆزلىرى بىزدە؛ بىز قاياققا ماڭساق مۇخبىرلار شۇ ياققا ماڭىدۇ، ئاپىراتلار شۇ ياققا قايىدۇ؛ ھەيران بولۇپ سورىدۇق: ---بىزنى سۈرەتكە ئېلىپ نېمە قىلىسىلەر؟ بىلمەكچى بولغۇنۇڭلار نېمە؟--- سوئاللىرى ناھايىتى ئاددى: --- سىلەر كىم؟ نەدىن كەلدىڭلار؟ نېمە ئۈچۈن كەلدىڭلار؟--- بۇ سوئاللارغا، ئويۇن-چاقچاق شەكلىدە، ئەمما راست جاۋاپ بەردۇق. يەنە سورىدى: --- بىز جوڭگۇلۇق دەيسىلەر، جوڭگۇلۇقلارغا ئوخشىمايدىكەنسىلەرغۇ؟ --- قانداق قىلىمىز؟ بىزنىڭ نېمە ئامالىمىز؟ سىلەرگە بۇرنىمىزنى مىجىپ بېرەيلىمۇ؟ قاپىقىمىزنى ئېزىپ كۆزىمىزنى ئىككى چەتكە چېكىپ بېرەيلىمۇ؟ نېمە كۈتىسىلەر بىزدىن؟ شۇنداق قىلىپ مىللەت تەركىۋىمىز، دىنىمىز، مەدەنىيىتىمىز دېگەندەك بىرقانچە نۇقتىدىن سوئال سورىدى؛ دەپ بەردۇق، كېتىشتى. بىز ئويلاپتۇقكى، بۇ بىچارىلەر بىزنى بىرەر سائەت ساقلاپتۇ، بىزدىن يازغۇدەك ھېچ گەپ چىقمىدى؛ نەنىڭ؟ ئەتىسى قارىساق پالاۋ كۈندىلىك گېزىتىدە مىرشات ئىككىمىزنىڭ رەسىمى، خەۋەرنىڭ ماۋزۇسى: " يەنە ئىككى ئۇيغۇر پالاۋدا" . ئېغىزىمىزدىن نەقىل ئالغىنى ئىككى جۈملە، قالغىنىنى گېزىت -ژورناللاردىن توپلاپ قىززىق بىر خەۋەر ئىشلەپتۇ، بىزمۇ قىزىقىپ ئوقۇدۇق. نەسىردىن ئەلا ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا خەۋەر بولۇپ بولغان ئىكەن؛ شۇڭا مىرشات ئىككىمىز مەركەز بوپتۇق. مىرشات ئىككىمىز قولىمىزدىكى گېزىتكە قاراپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرساق، تىم ئەپەندى بىلەن نەسىردىن ئەلا يەنە بىر پارچە گېزىتنى كۆتۈرۈپ ياتىقىمىزغا كىرىپ كەلدى؛ بۇ گېزىتتىمۇ باش خەۋەر بىز بوپتۇق. بۇ خەۋەردە مىرشاتنىڭ رېستوراندىن چىقىۋاتقان چاغدىكى رەسىمى بېرىلىپتۇ،بۇ چاغدا ئىسسىقنىڭ دەستىدىن مىرشاتنىڭ كۆينىكىنىڭ ئۈست ئىككى تۈگمىسى ئوچۇق قالغان، مۇخبىر مەخسەتلىك ھالدا دەل شۇ كۆكس ۋە كۆكرەكتىكى قىللارنى رەسىمدە ئالاھىدە گەۋدەلەندۈرگەن. خەۋەرنىڭ ماۋزۇسى تېخىمۇ قىززىق: " مەيدىسىنىڭ تۈكى بار جوڭگۇلۇق!" دېمەك، پالاۋلىقلار جوڭگۇلۇق دېسە خەنزۇلارنىلا بىلگەچكە، كاللىسىدىكى جوڭگۇلۇق دېگەن بۇ كىملىك رامكىسىغا بىزنىڭ قويۇق قاش ۋە ئېگىز بۇرۇنلىرىمىز سىغمىغان، كۆكرەكتىكى قىللار تېخىمۇ شۇنداق..................... "تۈركىيە تەسىراتلىرىم" نىڭ 4 - ۋە 5 -قىسىملىرىدا گەپ، يەنە شۇ ' مەيدىسىدە تۈكى بار جوڭگۇلۇق' بولۇشتىن كېلىپ چىققان قىزىقچىلىق ۋە ئاۋارىچىلىكلەر ئۈستىدە بولىدۇ. |