قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3281|ئىنكاس: 30

ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 20:00:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر


           نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ – ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش – ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى 10 نەچچە يىل مابەينىدە، ئىلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭى، تەپەككۇرنى، تۇرمۇش شەكلى ھەم مىللىي ئۆرپ – ئادىتى، قىممەت قارشى قاتارلىقلاردا زور ئۆزگىرىش بولدى.بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ نىكاھ – ئائىلە مۇناسىۋىتى ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى شۇ دۆلەت ياكى شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ – ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش – ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بۇيان، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ مۇھىم بىر ھۈجەيرىسى بولغان نىكاھ – ئائىلە مۇناسىۋىتىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئالايلۇق، نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى جۆرە تاللاش ئېڭىدا ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا، مال – مۈلكىگە، ئەمەل – مەرتىۋىسىگە ئەھمىيەت بېرىشتىن، لايىق بولغۇچىنىڭ ئىقتىدارىغا، تالانتىغا، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ئەخلاقىي پەزىلىتى قاتارلىق ئاساسلىق تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىشكە قاراپ يۈزلەندى. بۇ خىل يۈزلىنىش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى چوڭقۇرلاشقان، ئىقتىسادىي بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان رايونلاردا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنمەكتە.
            مەسىلەن: شېنجېندىكى 300 قىزنىڭ جۆرە تاللاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلاردىن 198 ئى، يەنى %66 تې كەسىپتە تىرىشقان، ئىختىساسلىق يىگىتكە ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، پەقەت ئونىلا، يەنى %3.3 تىلا پۇلدار بايۋەچچىلەرگە ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان.

              شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ شەھەرلەردە، بولۇپمۇ پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ تارماقلىرىدا ئىشلەيدىغانلىرى ئىچىدە ئىقتىدارلىق، تالانتلىقلاردىن جۆرە تاللايدىغانلارنىڭ نىسبىتى بۇرۇنقىدىن خېلى زور دەرىجىدە كۆپەيدى. ئۇنىڭدىن باشقا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئېڭىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى. ئالايلۇق، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش، بالا بېقىش ۋە تەربىيىلەشنى پۈتۈنلەي ئاياللارنىڭ قىلىشىغا تېگىشلىك ئىش دەپ قارايدىغان ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ ئورنىنى ئائىلە ئىشلىرى، بالا بېقىش ۋە تەربىيىلەش ئار – ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى دەيدىغان يېڭىچە قاراش ئىگىلەشكە باشلىدى. بۇ ئائىلە ئەمگىكىنىڭ ئىجتىمائىيلىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرى ئۇزاق مۇددەت فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ زۇلۇمى، كەمسىتىشى ۋە خارلىنىشىغا ئۇچرىغان، بۇ ئاساسلىقى باشقىلارنىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا چات كېرىۋېلىش، نىكاھ سودىسى ۋە ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى خالىغانچە تالاق قىلىۋېتىش ئىمتىيازى قاتارلىقلاردا گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. ھازىر ئىسلاھات ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدا ئەركىن جۆرە تاللاش نىسبىتى %50 تىن ئېشىپ كەتتى.
              يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇرۇنقىدەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ماددىي تۇرمۇشتا بىر – بىرىگە ياردەم بېرىشنى ئاساس قىلىپ ئورنىتىلغان نىكاھ – مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى، مۇھەببەتنى ئاساس قىلغان نىكاھ مۇناسىۋىتى ئىگىلىدى. ئاياللار ئەرلەرگە بېقىندى بولۇش خاراكتېرىدىكى ئائىلە مۇناسىۋىتى، ئائىلە ئىشلىرىنى ئەر – ئايال ئورتاق بىر تەرەپ قىلىدىغان دېموكراتىك ئائىلە مۇناسىۋىتىگە ئۆزگەرمەكتە. بالدۇر پەرزەنت كۆرۈش، كۆپ تۇغۇشتەك ئەنئەنىۋى تۇغۇش ئادىتى كېچىكىپ تۇغۇش، ئاز تۇغۇشتىن ئىبارەت يېڭى تۇغۇش ئادىتىگە ئۆزگەردى. مەسىلەن: « شىنجاڭ ئاياللىرى » ژۇرنىلىنىڭ 1996 – يىللىق 6 – سانىنىڭ « ئاياللار خىزمىتىدىن ئۇچۇرلار » سەھىپىسىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تۇرپان ۋىلايىتىدە تۇغۇش ئىقتىدارىغا ئىگە 93 مىڭ 619 ئايالنىڭ، 76 مىڭ 467 سى تۇغۇت چەكلەش تەدبىرىنى قوللانغان. 7 مىڭ 92 جۈپ ئەر – خوتۇن يالغۇز پەرزەنت كۆرۈش كىنىشكىسى، 2 مىڭ 606 جۈپ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئەر – خوتۇن پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغان. تۇغۇت چەكلەش نىسبىتى %98.98 كە يەتكەن. %80 ئائىلىدە ئىقتىسادنى ئەر – ئايال بىرلىكتە باشقۇرىدىغان بولغان، %50 ئائىلىدە ئايال خوجىدار بولغان.
         ئەمما شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان چېگرا رايون بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئىسلاھاتتىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە يۈكسەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تەرەققىيات سەۋىيىسى دېڭىز بويلىرىدىكى رايونلاردىن، بەزى قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭكىدىن خېلى ئارقىدا، ھەتتا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ناھىيىلەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىمۇ روشەن پەرق بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتونوم رايونىمىزدا فېئوداللىق كۆز قاراش ۋە باشقا تۈرلۈك تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاياللارنى خورلايدىغان، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان، ھەتتا ئاياللارنى تاۋار ئورنىدا كۆرىدىغان قاراشلار يەنىلا مەۋجۇد. بۇ خىل قاراشلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.
  1. يېزىلاردا نىكاھ ئىشلىرىغا « بېدىك »، « ۋاسىتىچى » لارنىڭ ئارلىشىشى. بۇنىڭدا بۇرۇنقىدەك كوللېكتىپ ئەمگەك پائالىيەتلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىش تۈپەيلىدىن، يېزىلاردىكى ياشلارنىڭ ئۆزئارا ئەركىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىش پۇرسىتىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىمۇ مۇھىم سەۋەب بولغان.

2. چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئالدىن بېيىغان بەزى كىشىلەر بۇرژۇئازىيىنىڭ جىنسىي ئەركىنلىك قارىشىنىڭ تەسىرىدە خوتۇنىنى قىزلاشتۇرۇش، ياشلاشتۇرۇش، ئاشنا ئويناش، خىللاشتۇرۇش، توي قىلماي تۇرۇپ بىللە ئۆتۈش، باشقىلارنىڭ ئەر – ئاياللىرىغا ئالا كۆڭۈللۈك قىلىشنى ئۆز – ئۆزىنىڭ راھەت – پاراغەت، بەخت ئۆلچىمى قىلىۋالدى.نەتىجىدە جەمئىيەتتە نىكاھتىن ئاجرىشىش، خوتۇن يەڭگۈشلەش خېلى ئەۋج ئېلىپ قالدى. مەسىلەن، قەشقەر شەھىرىنىڭ مەلۇم مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان بىر ئائىلىدە ئەر تەرەپ قايتىدىن قىز ئېلىش مەقسىتىدە ئۆز ئايالىنى يەتتە بالا بىلەن قويۇۋەتكەن. بۇ كىشى شۇ ئىش تۈپەيلىدىن ھەتتا ئولتۇراق ئۆيلىرىنىمۇ سېتىۋېتىپ ئايالى بىلەن بالىلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
            توغرا بولغان نىكاھ – ئائىلە قارىشى – سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى، شۇڭا بىرىنچىدىن، ھەر قايسى جايلار ھەر مىللەت خەلقىگە نىكاھ قانۇنى، ئانا – بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداشقا دائىر قانۇن نىزاملارنى داۋاملىق تەشۋىق قىلىشى ۋە ئۇلارنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، نىكاھ قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاش لازىم. ئىككىنچىدىن، ياشلارغا توغرا نىكاھ – ئائىلە، مۇھەببەت قارىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى تىكلەش توغرىسىدىكى تەربىيىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىش كېرەك.
             ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىقنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، كەڭ پۇقرالار ئارىسىدا قانۇن تۈزۈم تەربىيىسى، توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىسى، پۇقرالارنىڭ قانۇنچىلىق ئېڭى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك قانۇن ئورگانلىرى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى خارى قىلدۇرۇپ، نىكاھ – ئائىلە مۇناسىۋىتىدە سوتسىيالىستىك ئەخلاققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە چەك قويۇش ئارقىلىق كۆپ ئاجرىشىش، كۆپ نىكاھلىنىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1997 – يىللىق 4 – سانىدىن ئېلىندى .




1

تېما

0

دوست

404

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26816
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 22:46:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار ئورنىغا نىسبەتەن تولۇق كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمىدۇق ،كۆپ قىسىم رايونلاردا ئاياللار ئورنىغا تۇتقان پوزىتسىيىمىز ياخشىلانغان بولسىمۇ،يەنە ئاز بىر قىسىم رايونلاردا يېتەرسىز تەرەپلەر مەۋجۇت.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسالام:سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەڭ ياخشى كىشى ئۆز ئاياللىرىغا ۋە ئائىلىسىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولغان كىشىدۇر،سىلەرنىڭ ياخشىراغىڭلار مەندۇرمەن. دېگەن.
ھەرقانداق بىر جەمىيەت ۋە مىللەتتە ئاياللارغا ئېتبار بېرىلىپ،جەمىيەتتىكى ئورنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن،شۇ ئايال تەۋە بولغان مىللەتنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ماڭىدۇ. چۈنكى ئۇ ئايال فەرزەنتلەرنى تەربىيلەشتەك شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىمى بىلەن يۈكسەكتۈر.ئايال بىلىملىك بولسا مىللەت ساپالىق بولىدۇ.
دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر،ئالدىڭىزدىكى سۆيگۈنىڭ قەدىرىگە يېتىڭ!مۇھەببەتكە سادىق بولۇپ،خۇشال ياشاپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈڭ!



يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 23:15:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسى نىمە مەقسەتنى ئىپادىلىمەكچى  ياكى مەن چۇشۇنەلمىدىمۇ ،
غەلىتىلا بىر نىمنى يوللاپسىزغۇ ،بۇنى چوڭراق تەشۋىقات جازىسىغىلا ئېلىپ قويسىڭز ياخشى بولار ئىكەن مۇنبەرېگە زايا كىتىپتۇ
بېدىك ،دىگەن قايسى ساراڭنىڭ تاپقان گىپى سىلەرنىڭ يۇرتلاردا توينى بىدىكلەر ئارقىلىق قىلامسىلەر ،بىزنىڭ يۇرتلاردا يۇرت موتىۋەرلىرنى ئارىغا قۇيۇپ قىز سورايدىغۇ .
ئەركىن مۇھاببەت ؟ھازىر مۇھابەتنى  قانچىلىك كىشلەر قەدىرلەيدۇ ،بىر تال ئالمىنى بىر چىشلەپ تەشلىۋەتكەندەكلا ،چىشلەپلا تاشلايدۇ،چىشلەپ قويغان ئالما ئۇزۇن قالماي سېسىيدۇ
ئەركىن مۇھاببەتنىڭ دىيارىمىزغا قوشقان توھپىسى بۇزۇقچىلىقلار كوپەيدى
بولدىلا جىق سوزلىمەي  نەدىن تېپىپ كىلدىغاندۇ مۇشۇنداق ئەخلەت  بىر نىمىلەرنى ئازىراقمۇ ئەمىليەتكە ئۇيغۇن ئەمەس  قۇرۇق تەشۋىقات

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 23:29:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پەقەت بىلىۋالساقلام بۇلىدۇ خالاس ، باشقىچە ئويلاپ كىتىشنىڭ ئورنى يوق .

0

تېما

0

دوست

1724

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   72.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17899
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 556
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 00:00:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇ دېگەننى پاتماندا بىر قۇيۇپتىكەنسىز ، لېكىن گۈلدىرى يۇغان يامغۇرى يوق بوپقاپتۇ

2

تېما

9

دوست

5818

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   16.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15034
يازما سانى: 604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1730
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 13:52:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
97-  يىلنڭكىكەن  ھە !    2007  نڭ  بولغان  بولسا  ياخشىراق بولاتتىكەن...  رەھمەت.  

نىجات ئەكبەر

4

تېما

6

دوست

2503

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12100
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 713
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 15:37:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما جىڭ ئاشۇ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1-بېتىگە چوڭ سەرلەۋھە بىلەن ئېلان قىلنىدىغان سوتسىيالىستىك تەشۋىقات ماقالىسىكەن. ھازىر كىمگە خۇشياقىدۇ بۇنداق قۇرۇق تەشۋىقات. تېخى تېمىغا قاراپ «ئەمەلىيەتچىل ماقالە» مىكىن دېسەم، قۇرۇق گەپكەنغۇ بۇ. راست يۇقىرىقى تورداشلار دېگەندەك ئەخلەت تېما!

0

تېما

3

دوست

1833

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22684
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 572
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 16:22:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە يېرىم ئەۋەتىلىپ كالدىمۇ قانداق، سۈپەتلىك ئىلمىي ماقالىگە ئوخشىمايدىغۇ؟ ( شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1997 – يىللىق 4 – سانىدىن ئېلىندى .)،ھەرقانچە بولسمۇ،ئاپتۇر، قىسقىچە مەزمۇنى ۋە پايدىلانمىلار بولۇشى كېرەكقۇ؟ ئەۋەتكەنكىن تۇلۇق ئەۋەتسىڭىز بوپتىكەن قېرىندىشىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )