- تىزىملاتقان
- 2014-3-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 24
- نادىر
- 0
- يازما
- 0
ئۆسۈش
8%
|
مەن قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىىيەسىنىڭ ئالاھىدە شىتات ئوقوتقۇچىسى،مەن ۋە باشقا مەن بىلەن بىرگە خىزمەتكە قاتناشقان خىزمەتداشلار خىزمەتكە قاتناشقان 3 يىلدىن بۇيان باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ كىلىۋاتىمىز، ئەمما ھازىرغىچە مەكتىۋىمىزدىكى بىزدەك ئالاھىدە شىتات ئوقۇتقۇچىللىرى بىلەن بىاشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىسادى تەمىناتى ئوخشاش بولۇپ باقمىدى ، مەسلەن ئەڭ ئاددىسى يىل ئاخىردىكى 13-ئايلىق مائاش بىزگە بىرىلمەيدۇ ، سەۋەبىنى سورىساق 3 يىل سىناق ۋاختى توشۇپ رەسمىيلەشسەڭلار ئاندىن بىرىلىدۇ دىگەن جاۋاپقا ئىرىشتۇق ، ئەمما باشقا ناھىيدىكى بىزدەك ئوقۇتقۇچىلارغا 13-ئايلىق مائاش بىرىلىۋېتىپتۇ . بۇنىڭدىن باشقا ئىسسىنىش پۇلى ھەر يىلى ۋاختىدا بىرىلمەيدۇ ، 2013-يىللىق ئىسسىنىش پۇلىمىزنى تا بۈگۈنگىچە ئالالمىدۇق ، يەنە ئالدىنقى ئايدا ناھىيمىزدىكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەرگە يۇقىرسى 5000يۇەن ،تۆۋىنى 3000يۇەندىن تولۇقلىما پۇل تارقىتىلدى.ئەمما يەنە بىزگە كەلگەندە بۇ پۇل ئازلاپ 2000يۇەنگە چۇشۇپ قالدى.سەۋەبى نىمە؟يەنە شۇ،سەن دىگەن ئالاھىدە شىتات ئوقۇتقۇچىسى،تېخى رەسمىيلەشمىگەن ........
يۇقارقى مەن ئوتتۇرغا قويغان مەسىللەر يۇقىرىنىڭ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلمىللىرىمىدۇ ياكى تۆۋەندىكى قىسمەن رەھبەرلەرنىڭ ‹‹ئايرىم ئورۇنلاشتۇرىشى››مىدۇ؟
ئەسلى ئالاھىدە شىتات ئوقوتقۇچىلىرىنىڭ تەمىنات مەسىللىرى قانداق بولىشى كىرەك؟ مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك يۇقرى دەرجىلىك رەھبەرلەر بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىىپ قالسا ، بۇ مەسلىگە نىسبەتەن بەلگىلىمە سىىياسەتلەر توغرىسىدا چۇشەنچە بەرسە ،بىزگە ياردىمى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن مەقسەتتە بۇ تىمىنى يوللۇدۇم.
|
|