قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3268|ئىنكاس: 17

قەيسەر مىجىت: خاسكېي خاتىرىلىرى-(4)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

70

تېما

16

دوست

9409

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   88.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 43
مۇنبەر پۇلى: 795
تۆھپە : 3173
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 06:10:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


خاسكېي خاتىرىلىرى-(4)      


قەيسەر مىجىت


    ئېلاۋە: ئەسلىدە مەن بۇ ئەسەرنىڭ ئىېنگلىزچىسى مەتبۇئاتتا ئىلان قىلىنغاندا پۈتۈن يۈرۈشلۈك قىلىپ تەرجىمە نۇسخىسىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇناي دىگەن ئىدىم.شۇنى ئەسكەرتىشنى لايىق كۆردۈمكى، ئەسەر يېزىلغاندا كۆزدە تۇتۇلغان ئوقۇرمەنلەر ئوبىكتى- ئېنگلىز تىلى ئوقۇرمەنلىرى. ئىشلار ھەمىشە مەقسەتسىز بولۇۋەرمەيدۇ ئەلۋەتتە. ئەمما ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسىنى كۆرگەندىن كىيىن ئەسەردىن  تاللاپ قوشۇمچە مەزمۇنلارنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغۇم كەلدى-دە بۇ ھەپتە ئاخىرى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم.

        مەن خۇراپى ئادەم ئەمەس، لېكىن بەزىدە غايىپقىمۇ ئىشىنىپ قويىمەن، بۇ بەلكى كىچىكىمدە تولا ئاڭلىغان "پالغا ئىشەنمە، پالسىزمۇ يۈرمە" دىگەنگە ئوخشاش گەپلەرنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك.
         مېنىڭ ئىت يىلى تۇغۇلغىنىم راست. ئىتلارنىڭ ئۆزگىچە خاراكتىرى بار: ئۇلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك خاراكتىرى ئۇلارنىڭ ساداقاتمەنلىگىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەن ھەر كۈنى دىگۈدەك خىزمەتكە بارغۇچە شەرقى شىمال ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ (نورتھەئاستەرن ئۇنىۋەرسىتي)يىنىدىكى رۇگگىلىس  بىكىتىدە پويىزدىن چۈشۈپ قېلىپ ئۇنىۋىرسىتىت سەيناسىدىن بىزنى ئىشقا ئىلىپ بارىدىغان ئىدارىمىزنىڭ ئاپتوۋوزىغا چىقىمەن. مەن ھەر قىتىم مەكتەپ سەيناسىدىن كېسىپئۆتكەندە بۇ مەكتەپكە بولغان سۆيگۈ ۋە تەشەككۈر  ھىسلىرى ۋۇجۇدۇمدا تېپچەكلەيدۇ. ئەگەر ئون نەچچە يىل ئىلگىرى مۇشۇ مەكتەپ ماڭا ئوقۇش مۇكاپاتى بەرمىگەن بولمىسا، مەن بۇ يەردە بولاتتىممۇ؟ بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە قەيەرلەردە بولۇشۇمنى كىم بىلسۇن؟ تەقدىر مىنى بۇ يەرگە ئىلىپ كەلدىمۇ؟ ياكى مىنىڭ غايەممۇ ۋە ياكى ئۆزۈمدىكى قەتئى ئىرادىمۇ؟راست گەپنى قىلسام مەنمۇ ئىنىق جاۋابىنى ئۇقمايمەن.
      بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا بەزىدە شۇنداق سۇئاللار قويۇلۇپ قالىدىكەنكى سەن ئۇنىڭ جاۋابىنى ھەرگىز تاپالمايسەن. مەن ئۇنداق سۇئاللارغا يولۇقۇپ قالسام ئاسانلا ئاق بايراق كۆتۈرىمەن. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا روھى جەھەتتىن ئارتۇقچە سورۇقچىلىق تارتمايمەن. مەن ئادەمنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭمۇ چەكلىمىسى بولۇشى كىرەك دەپ قارايمەن. ئەگەر خىياللىرىڭ ئەقىلغە سىغسا يەنى لوگىكىلىق بولسا، ئۇ چاغدا ياخشى، ئەگەر تەرتىپسىز، باش ئاخىرى يوق، ئايىغى چىقمايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئازاپلىق.
     مۇبادا سىز  ئۆزىڭىزنىڭ تۇنجى مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىنى ئەسلىسىڭىزلا مىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشىنىسىز.
     مەن ئۆزۈمنىڭ ئىت يىللىقلىغىنى بىلىمەن ئەلۋەتتە، ئەمما ماڭا مۇكاپات بەرگەن مەكتەپنىڭ مەكتەپ سىمۋولى  يەنى ماسكوتىنىڭ خاسكېي (سىبىرىيە ئىتى) ئىكەنلىگىنى بىلگىنىمدە ئۆزۈمگە سوئال قويدۇم:
      بۇ تەلەيمۇ، توغرا كىلىپ قىلىشمۇ ۋە ياكى ياراتقۇچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ؟  بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ سۇئاللىرىغا لوگىكىلىق جاۋاپ تاپالمىغىنىدا ئۇنى ياراتقۇچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن دىيىشىدۇ. مەنمۇ بۇ قىتىم شۇنداق قىلدىم، شۇنداق قىلغىنىمدا كۆڭلۈم ئاسان تىنجىيتى.
       مەن تۇرۇۋاتقان شتات ماسساچۇسېتتس -ئامىرىكىنىڭ شەرقى قىرغىقىغا جايلاشقان يىڭى ئېڭگىلاند رايونىدا بولۇپ، مەن كەلگەن بۇ مەكتەپنىڭ  - شەرقى شىمال ئۇنىۋىرسىتىتى بۇ رايوندىلا ئەمەس ھەتتا مەملىكەت ئىچىدىمۇ نامى بار خۇسۇسى ئۇنىۋىرسىتىت ئىدى.  بۇ ئۇنىۋىرسىتىت خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارغا باشقا مەكتەپلەرگە قارىغاندا قىزغىن مۇمائىلە قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئاسپىراتورلۇق پروگراممىسى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىرىش جەھەتتە نىسبەتەن مەرت.
     مەن ياشلىق ھاياتىمنىڭ قىممەتلىك بىر قىسمىنى بۇ مەكتەپتە ئۆتكۈزدۈم. دەل شۇنداق بولغانلىقتىن مەن بۇ يەردىكى كەچمىشلىرىمنى ئۇنتۇيالمايمەن، ئۇنتۇيالمىغىنىم ئۈچۈن ئۇنى  ياخشى كۆرىمەن.
       پۈتۈن مەكتەپنىڭ چوڭ كىلىماتىغا ماس ھالدا ئىقتىساد فاكۇلتىتىمۇ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قىزغىن ئىدى، بىزنىڭ فاكۇلتتىتىكى ئۈچ پروفىسسور مىنىڭ ھۆرمىتىمگە ئىرىشتى. دوكتۇر ۋاسسالل ئۆزىنىڭ قىزغىنلىغى ۋە ئالىجاناپلىغى بىلەن، دوكتۇر شاكـتېر مىنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىساد ھەققىدىكى بىلىملىرىمنى ياخشى كۆرگەنلىگى بىلەن،  دوكتۇر سۇڭۋوكىم مىنى ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىققا ئىلىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھان قەغەزلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئانچە مۇنچە دەرس سۆزلەش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىش ھەمدە ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق ئوقۇغۇچى ۋاقتىدا يىققان ئامىرىكىدا ياشاش ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى سۆزلەپ بىرىشى بىلەن...
       مەن مۇنۇ نەسىھەتنى دوكتۇر سۇڭدىن ئاڭلاپ ئۆزۈمگە تەتبىق قىلدىم ۋە باشقىلارغا ھەم تارقاتتىم ھىلىھەم شۇنداق قىلىۋاتىمەن:
"- ئوقۇغۇچى ۋاقتىڭدا بوستۇندا ماشىنا سىتىۋالما، ھەتتا ئۇ ماشىنا ئەرزان بولسىمۇ، ئەگەر زۆرۈرلا بولمىسا. ماشىنىنى ئىلىش ئوڭاي، بىقىش تەس..."ئۇنىڭ مەسلىھەتى قۇلىغىمدا بولغاچقا، ماشىنا سىتىۋىلىش زۆرۈر بولغان 2007-يىلىلا (ئامىرىكىغا كىلىپ 9 يىلدىن كىيىن)  ئاندىن تۇنجى ماشىنامنى سىتىۋالدىم، ئەلۋەتتە ئۇ يىپ يىڭى ماشىنا ئىدى.مەن ئىش كۆرمىگەن ياشلارنىڭ چوڭلارنىڭ دىگەنلىرىگە قۇلاق سىلىشىنى مۇھىم دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ سۆزىگە نۇرغۇن تەجىربە ۋە ھىكمەت يوشۇرۇنغان بولىدۇ.
        بۇ پروفىسسورنىڭ يەنە باشقا گەپلىرىمۇ قۇلىغىمدا ھازىر ئاڭلىغاندەكلا جاراڭلاپ تۇرىدۇ، مەن ئۇنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىنى يىڭى كەلگەنلەرگە يەتكۈزۈپ تۇرىمەن، چۈنكى بىر ئادەم بولسىمۇ ئاتا-ئانا، ئەل-يۇرتىدىن ئايرىلىپ بۇ يەرگە ئۈمىد بىلەن كەلگەن ئىكەن، جاپانى ئاز تارتىپ تىزرەك ياخشى كۈن كۆرسۈن -دە!"مانا بۇ قازان ياغ بولسا چۆمۈچمۇ ياغ بولىدۇ"نىڭ جانلىق مىسالى (ئىقتىسادشۇنداسلىقتىكى  spillover  effect دىگەن سۆز مانا مۇشۇ ماقالنى ياخشى يورۇتۇپ بىرىدۇ مىنىڭچە) مەن فاكۇلتىت كاتىۋى - قارا تەنلىكلەر ئىرقىدىن بولغان پەچىشىيا  ۋە ئاسپىراتورلار بۆلىمىنىڭ كاتىۋى ئاق تەنلىكلەر ئىرقىدىن بولغان شەيلانى ياقتۇردۇم. پۇېرتو-رىكولىق پائۇل، ئورېگون شىتاتىدىن كەلگەن ئېرىك سىندىل ۋە روسىيەدىن كەلگەن جۇلىئا كروشكو، تاتىنىيالار بىلەن ياخشى ئۆتتۈم. ئۇلار بىلەن بولغان ئىنسانى مۇئامىلە ۋە دوستلۇقنىڭ تەسىرىدە دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى ئۆينى سىغىنىش ھىجران ئوتلىرىم سەل بىسىققاندەك بولدى شۇنىڭ بىلەن ئۈگۈنۈشكە باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم گەرچە بۇ يەردە ئۈگۈنۈۋاتقان ئىقتىساد ئىلمى بىلەن ۋەتەندە ئۈگەنگەن ئىقتىساد ئىلمىنىڭ پەرقى زور بولسىمۇ... (مىنىڭ ئامىرىكىدا ئىقتىساد ئىلمى ئۈگۈنۈش ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىمنىڭ ئۆزىمۇ باشقىچە بولۇپ بۇ ئويلىغانىلىرىمنى بىر كۈنى يىزىپ چىقىش ئويۇم بار)
        مەن ئامىرىكىغا تۇنجى قىتىم كەلگەندىكى بولۇپمۇ شەرقى شىمال ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئۆتكۈزگەن دەسلەپكى يىللاردىكى ھاياتىمنى ئالاھىدە ئەسلەيمەن. چۈنكى مەن بۇ يەردە "يوچۇن مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى تېڭىرقاشلىرىم" نى( the cultural shock) ( بىشىمدىن كەچۈردۈم، ئۇ يىللاردا مىنىڭ ئاممىباپ ئېنگلىز تىلىنى چۈشۈنۈشۈم ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە ئۇنچە ياخشى ئەمەس ئىكەن. مەسىلەن مەن،" ?what is up "
" دىگەن گەپنىمۇ خاتا چۇشۇنىۋالغان تۇرسام؟
     ئەمىليەتتە بۇ ئادەتتىكى سالام-سائەت سۆزى بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ماڭا تۇنجى قىتىم بىر قىز تەرىپىدىن ئىيتىلىشى مىنىڭ چىرايىمغا تەبەسسۇم ئەمەس بەلكى نىرۋامغا جىددىچىلىك ئىلىپ كەلدى.
      ساۋاقدىشىم نافىساخان بېنگال دۆلىتىدىن كەلگەن ئىدى.  ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ ئاز كۈندىن كىيىنلا ئۆزەمچە ئۇنى ئۆزۈمگە يىقىن كۆردۈم (بەلكىم مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بولسا كىرەك) نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئۇ -مىنىڭ ساۋاقدىشىم- دە. بىز ئۇيغۇرلار ساۋاقداشلىرىمىزنى  يىقىن ئادەملەر قاتارىدا كۆرىمىز. بىر كۈنى، مەكتەپنىڭ سنەلل ناملىق كۈتۈپخانىسىنىڭ ئالدىدا نافىسا خان
بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالدىم.
- " ?what is up "، دېدى نافىسا خان ماڭا،
     ئۇنىڭ چىرايىدا تەبەسسۈمدىن ئەسەر يوق. مەن ئۇنىڭ دىگىنىنى تازا چۈشۈنەلمەي چىرايىغا قاراپ جاۋاپ تاپماق بولدۇم. ئۇنىڭ چىرايى بەئەينى ئاق قۇرۇق قەغەز. ئۇنىڭ بۇ سۆزنى ئاشۇ سىياقتا ماڭا دىيىشى ۋە مىنىڭ ئۇنى ئانا تىلىم ئۇيغۇرچىغا تۈز ھەم تىزلا تەرجىمە قىلىشىم (نىمە دەيسەن؟ گىپىڭ بارمۇ؟ دىگەن مەنىدە چۈشۈنۈپ قاپتىمەن، بىز ئۇيغۇرلار بىر-بىرى بىلەن قىزىرىشقاندا ئىشلىتىدىغان سۆز ئىدى - دە ئۇ)....
       ئالامەت ئوڭايسىزلىنىپ، جىددىيلىشىپ كەتتىم ،  دەرھاللا كاللامغا كەلمىگەن ئويلار كىلىپ كەتتى: مەن بىرەر ئىشنى خاتا قىلدىممۇ بۇنىڭغا؟ ئاۋۇ كۈنى كومپۇتىر تەجىربىخانىسىدا ئۇنىڭدىن "ئېكسەل" ھۆججىتىنى قانداق ساقلايدۇ؟ دەپ ياردەم سورىغان ئىدىم، شۇنىڭغا خاپا بوپ قالدىمۇ يا؟ ئۇنىڭغا سۆز قىلىۋاتقىنىمنى ھۈسەن ئىسىملىك يولدىشى كۆرگەن ئىدى، شۇ يولدىشى خاپىچىلىق سالدىمۇ يا...."ئۇنىڭ مەن بىلەن ئارتۇقچە كارى بولماي ئۆز يولىغا راۋان بولۇشى بىلەن "ئۇھ" دەپ ئىسىمگە كەلدىم.
      يەنە بىر مىنى ئوڭايسىزلاندۇرغان ئىش مەن ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا قاراپ ئىشىك باققۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا يۈز بەردى. ئامىرىكىنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ سىرتىدا ئىشلەشنى چەكلەيدۇ، ئەمما مەكتەپ ئىچىدىن ئىش تاپالىسا ھەپتىسىگە 20 سائەت ئىشلىسە بولىدۇ.  نۇرغۇن چەتەللىك ئوقۇغۇچىلار ياكى كۈتۈپخانىدىن ياكى  مەكتەپ ياتاق باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن خىزمەت تاپىدۇ، مەنمۇ ئىلتىماس قىلىپ ئىشىك باققۇچىلىق خىزمىتىنى تاپتىم ( شۇ يىللىرى سائىتىگە 6-7 دوللار بىرەتتى)
      بۇ خىزمەتنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدە- تۈزۈملىرى ۋە ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپلىرى بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ زىيارەتچىلىرىگە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم ئىدى، ھەم ئۇنداق قىلماي كىمنىڭ ھەددى بۇ قانۇن دۆلىتىدە؟
       بىر كۈنى مەن غەربى ستەتسون ياتىغىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتسام،  ئىككى قولىدا ئىغىر سومكا كۆتۈرگەن بىر سېمىز ھەم كىلەڭسىز ئايال (قارا تەنلىك) كىرىپ كەلدى، كەلدى-دە نۆۋەتچىلىكتە ئىشلىتىدىغان تىلىفوننى ئىشلىتىپ قىزىنى چاقىرىشقا بولىدىغان بولمايدىغانلىغىنى سورىدى. مەن ئۇنىڭ كىملىگىنى تەكشۈرگەندىن كىيىن ئۇنىڭ تىلىفوننى ئىشلىتىشىغا يول قويدۇم.ئانا -بالا ئىككىسىنىڭ سۆزىدىن مەن ئۇنىڭ قىزىنىڭ 5-10 مىنۇت ئىچىدە بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىن چۇشۇدىغانلىغىنى  بىلدىم.ئەپسۇسكى يىرىم سائەت  ۋاقتىت ئۆتۇپ كەتكەن بولسىمۇ بۇ ئايالنىڭ قىزىنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ.
        تۇيۇقسىز بۇ ئايال جىلى بولۇشقا ھەمدە ئادەم چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى سۆزلەشكە باشلىدى، دىققەت قىلسام ئۇنىڭ نەپەسلىرى تېزلىشىۋاتىدۇ. ھەي بۇ ئۇيغۇرلۇق كۆڭلۈمنى قانداق قىلارمەن؟  مەن ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىنى پەرەز قىلدىم-دە ئەنسىرەش ئىچىدە سورىدىم:
-خانىم، ئەھۋالىڭىز ياخشىدۇ؟  (? Ma'am, are you feeling well)
- ياق، مەن ياخشى ئەمەس،(?  No, I am not feeling well).
       بۇ گەپنى ئاڭلاپلا  "ھە بۇ ئايال ئاغرىپ كىتىۋىتىپتۇ " دەپ چۈشۈنۈپتىمەن-دە! مىنىڭ كاللامغا مەن ئۈرۈمچىدىكى چىغىمدا قايسى بىر خەنزۇچە -ئېنگلىزچە كىتاپتىن بۇ  سۆزنىڭ  -" ئاغرىق" دىگەن مەنىسى بارلىغىنى كۆرگەندەك قىلغان ئىدىم . قارىغاندا سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئۇچ بۇلۇڭلۇق تەرجىمىدە يوقاپ كەتكەن چېغى، مېنىڭ ئېسىمگە ياتاقنىڭ يىنىدىلا بىر دورا دۇكىنى بارلىقى كەلدى-دە ئالدىراپ -تىنەپ شۇنداق دىدىم:
-خانىم ئازراق دورا ئىچىڭ( ?Please take some drugs ,  Ma’am )
    بۇ دورا دىگەن سۆزنىڭ «زەھەرلىك چىكىملىك» دىگەن مەنىسى بارلىغىنى نەدىن بىلەي؟
   -نىمە دېدىڭ؟ غەزەپ بىلەن سورىدى بۇ ئايال، ئۇنىڭ ئاۋازى كۆتۈرۈلۇپ كەتتى.
  -ئازراق دورا ئىچىۋىلىڭ («زەھەرلىك چىكىملىك چىكىۋىلىڭ » دىگەن مەنىنى بېرىپتىمەن يەنە)
-نىمە،نىمە دىدىڭ، ھۇ....ئۇ ۋارقىراپ  ئالدىمغا مىنى ئۇرىدىغان قىياپەتتە ئېتىلىپ كەلدى.
-ۋاي نىمە دىگەن قورقۇنچلۇق. ئۇنىڭ تەلەتىدىكى بۇزۇقچىلىقتىن ئۇنىڭ مىنى سەت گەپلەر بىلەن تىللاۋاتقانلىغىنى پەرەز قىلدىم. "نادانلىقمۇ- بەخت" دىگەن مۇشۇ يەردە راست گەپ بوپ قالدى. بەلكىم ئۇ تىللىغان تىللارنى چۈشەنگەن  بولسام كۆتۈرەلمەي ئايلىنىپ قىلىشىم مۇمكىن ئىدى-دە.
          خۇداغا شۈكرى ھىلىمۇ ياخشى مەن ئۇ دەۋاتقان مەينەت سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىكەنمەن، چۈنكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى سىنايدىغان ئېنگلىز تىلى ئىمتىھانىدا مەينەت سۆزلەردىن ئىمتىھان ئالمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن چەتئەل تىلى ئۈگەنگىنىڭدە ئۇ سۆزلەرنى ھەرگىزمۇ كىتاپلاردا كۆرمەيسەن. ئۇ چاغلاردا يەنە ئەسكى سۆزلەر كەڭتاشا ئۇچراپ تۇرىدىغان يوتۇبى، فەيسبۇك ۋە تىۋىتتىرلەر بولسۇن؟
  ھەم مەن ئايال كىشى بىلەن گەپتە تەڭ بولۇپ يىڭىدىغان ئەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيتىم.
-ھېچنىمە، ھېچنىمە، كەچۈر، كەچۈر. مەن خۇددى ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەردەك ئىككى قولۇمنى كۆتۈردۈم.
   مەن ئۇ ئايالدىن چۆچۈگەن ئىدىم.
- ئاغزىڭغا بىقىپ سۆزلە، ھۇ..ئۇ ماڭا نەشتىرىنى سانچىۋاتقاندا تەلىيىمگەئۇنىڭ قىزى چىقىپ قالدى ۋە ئۇنى ئىلىپ كەتتى. مەن ئىشخانىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىزنى ئىشقا بۆلىدىغان قىزغا نىمە بولغانلىغىنى ئىيتتىم ۋە قۇلىقىمغا كىرىپ قالغان بەزىسۆزنىڭمەنىسىنى سوراپ بىلىۋالماق بولدۇم.
  ---ھا ھا ھا . كۈلۈپ كەتتى، سامانسا ماڭا قاراپ.  "مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن" دىگەن مۇشۇ- دە.
     ئاندىن ئۇ ماڭا بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى لۇغەتتىن تىپىپ بىلىۋىلىشىمنى ئىيتتى ھەمدە بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ئارتۇقچە دوستانلىق قىلىشىنى خالاپ كەتمەيدىغانلىغىنى شۇڭا كىمگە، نىمە دەۋاتقىنىمغا دىققەت قىلىشىمنى ئاگاھلاندۇردى.



1

تېما

1

دوست

3476

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 950
توردىكى ۋاقتى: 219
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 13:37:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك بىرەرىنىڭ تۇرىقى چىرايىغا قاراپ ياردەم كىرەكمۇ دەپ سورىماسلىق كىرەكمۇ قانداق؟ئاۋۇ چىكىملىك چىكىۋال دىگەن جاينى تەسەۋۇر قىلىۋاتىمەن.بىرى جىلە بولۇپ ئادەم ساقلاش،سىز بولسىڭىز ساقلاۋاتقان كىشىنىڭ تەرىگە قاراپ زەھەرلىك چىكىملىك چىكىۋال دەپ ھاھاھا.ئىنگىلىز تىلى ئۇيغۇر تىلىدەك ئۇڭاي ئەمستە.

مۇشۇ ئامېركىلىقلارنى بىر خىل يۈزسىز كۆرىدىغان ھالەت شەكىللنىپ قىلىۋاتىدۇ مەندە.ئۇ قارا تەنلىك تىلپونىڭىزنى ئىشلىتىپتۇيۇ سەبىر قىلماپتۇ.بۇ دىگىنىم تىلپوننىڭ يۈزىنى قىلىپ ئىككى ئىغىز گەپكە سۈكۈت قىلسا بولمامدۇ دىگەنلىك ئەمەس.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 4091
توردىكى ۋاقتى: 1236
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 16:32:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنا  بۇلۇپ  يۈرگەن ئىدىم. مانا ئاخرىمۇ يېزىلىپتۇ. مەن قىلىۋاتقان ئىش ئىقتىزاد بىلەن  ئانچە يېقىن بولمىسىمۇ ،لىكىن ئېقىتىزاد توغرىسىدىكى يازمىلارنى سۆيۈپ  ئوقۇيمەن.

http://risaletmerdan.blogbus.

59

تېما

11

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1164
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6206
تۆھپە : 4093
توردىكى ۋاقتى: 4267
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 19:00:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلايمەن. مەنمۇ موشۇنداق غەلبە قازانغۇچىلارنىڭ ھېكايىسىگە ئامراق.

1

تېما

1

دوست

1506

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   50.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17559
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 438
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 20:14:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەكچەشمېنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۇڭنى قىسۋا دەپتىكەن.   ئۇ تەرەپلەردە ھەددىدىن ئارتۇق كۆڭۈل بۆلسە، بەك دوستانە ياردم قىلسا خاتا چۇشىنىپ قالىدۇ.
ئۇيەرلەر ئۇيغۇر يۇرتلىرى بولمىسا يە.

0

تېما

7

دوست

1183

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23688
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 368
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 21:25:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،مەن غايىپقا ئىشىنىمەن،بەلكىم بۇ كونىلىقتەك كۆرۈنگەن بىلەن تەقدىر بىلەن نىكاھ غايىپتىن دىگەنگە بەك ئىشىنىمەن جۇما قەيسەركا،سىزنىڭ بۇ خاسكى خاتىرلىرىنىڭ بالدۇراق شۇ يەردىكى مەتبۇئاتتا ئىلان قىلىنىپ پۈتۈن قىسمىنىڭ بىز بىلەن كۆرۈشۈشىنىنى كۈتىمىز-ئەمسە.ھىلىقى پويىزدىكى قىزنىڭ سوئالىنىڭ كەينىنى قانداق بولغاندۇ دەپلا قالغانتىم....شۇ قىزنىڭ قانداق ھالەتتە بولغىنىنى بەك بىلىپ باققىم كەلدى،قاچان چىقار-ھە كەينى....كۈتۈشتىمۇ مۇھەببەت بار دىگەنتىڭىز راس،ساقلاپ باقايلى ئەمسە.

2

تېما

0

دوست

564

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   12.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28486
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 166
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 10:04:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇداغا شۈكرى ھىلىمۇ ياخشى مەن ئۇ دەۋاتقان مەينەت سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىكەنمەن، چۈنكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى سىنايدىغان ئېنگلىز تىلى ئىمتىھانىدا مەينەت سۆزلەردىن ئىمتىھان ئالمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن چەتئەل تىلى ئۈگەنگىنىڭدە ئۇ سۆزلەرنى ھەرگىزمۇ كىتاپلاردا كۆرمەيسەن. ئۇ چاغلاردا يەنە ئەسكى سۆزلەر كەڭتاشا ئۇچراپ تۇرىدىغان يوتۇبى، فەيسبۇك ۋە تىۋىتتىرلەر بولسۇن؟
  ھەم مەن ئايال كىشى بىلەن گەپتە تەڭ بولۇپ يىڭىدىغان ئەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيتىم.
-ھېچنىمە، ھېچنىمە، كەچۈر، كەچۈر. مەن خۇددى ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەردەك ئىككى قولۇمنى كۆتۈردۈم.
   مەن ئۇ ئايالدىن چۆچۈگەن ئىدىم.

2

تېما

1

دوست

916

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18489
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 258
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 11:34:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى قىسمىغۇ باركەن ،2-ۋە 3-قىسىملىرىنىڭ ئادرىسىنىڭ بەرسەڭلار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )