قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3375|ئىنكاس: 12

جۇڭگودا 20-ئەسىردىن بويانقى ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيەتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

1

دوست

4389

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 58
تۆھپە : 1510
توردىكى ۋاقتى: 248
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-4 11:34:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگودا 20-ئەسىردىن بويانقى ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيەتى تەتقىقاتىنىڭ ئەھۋالى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر



ئەخمەت مۆمىن تارىمى

(شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)



    قىسقىچە مەزمۇنى: خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقات 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيەتى، تىل –يېزىقى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى ماتېرىياللىرىنى دەسلەپكى قەدەمدەئىزدەپ تېپىش، يىغىپ توپلاش، تۈرلەر بويىچە رەتلەپ چىقىش، يېشىپ ئوقۇش نەتىجىسىدەباشلانغانىدى. 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا ئۇيغۇرلار دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى، تىل– يېزىقى، دىنىي ئېتىقادى، مىللىي تەركىبى، كېلىپ چىققان ۋە جايلاشقان ماكانلىرى،تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقات دەسلەپكى قەدەمدە رەسمىي باشلاندى. 1949– يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن، مەملىكىتىمىزدە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى باشقا مىللەتلەر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن ماس قەدەمدە راۋاجلاندى.جۈملىدىن مەركەزدە ۋە شىنجاڭدا مەخسۇس تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇپ ۋە بىرتۈركۈم تەتقىقاتچىلار بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى مۇئەييەن ئاساسقائىگە بولدى، شۇنداقلا مۇئەييەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولدى، بۇ دەۋر ئالاھىدىلىكىنى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۈلۈشكە بولىدۇ: بىرىنچى باسقۇچ 1950-يىللاردىن1980-يىللارغىچە بولغان دەۋر بولۇپ ، بۇ باسقۇچتا مەملىكىتىمىزدىكى تەتقىقاتچىلارئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدا تۈرلۈك يازما ماتىرىياللار ۋەئارخېئولوگىيەلىك ماتىرىياللارغا تايىنىپ، ماركىسىزملىق تارىخ قاراش ۋە مىللەت قارىشىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلدى ۋە بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇلار يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا ئاساس سېلىپ بەردى ۋە ئۇنى دەسلەپكى كۈلەمگە ئىگە قىلدى. ئىككىنچى باسقۇچ 1980-يىللاردىن2000-يىللارغىچە بولغان دەۋر بولۇپ ، بۇ باسقۇچتا تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىنى مۇھىم كۈن تەرتىپكە قويۇپ، زوربىر تۈركۈم ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىلىرىنى يېتىشتۈردى؛ ئۇيغۇرتارىخى تەتقىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك غەربىي يۇرت تارىخى، دۇنخۇاڭ شۇناسلىق، يىپەك يولى شۇناسلىق، تۇرپانشۇناسلىق، كۈسەنشۇناسلىق، ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىق، شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسى قاتارلىق ئىلىملەر تەرەققىي قىلىپ، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىلىرىنى يېڭى ماتېرىيال، يېڭى تەتقىقات ئۇسۇلى بىلەن تەمىن ئەتتى؛ ئۇيغۇرتارىخى تەتقىقاتى بۇيىچە خەلقئارا ھەمكارلىق كۈچىيىپ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇلدى.بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، مەخسۇس تەتقىقات ساھەسى بۇلۇپ شەكىللىنىشىكە باشلىدى. ئۈچىنچى باسقۇچ 2000-يىللاردىن ھازىرغىچە بولغان ۋاقىت بولۇپ، بۇ باسقۇچ تا مەملىكىتىمىزدىكى تەتقىقاتچىلار چەتئەللەردە بارلىققا كەلگەن ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىن بايقالغان ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيىلىك، يازما ماتىرىياللارغا تايىنىپ، ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردىكى يىتەرسىزلىكلەرنى داۋاملىق تۇلۇقلاپ، ئۇيغۇر تارىخىدىكى بەزى قىيىن، نازۇك تېمىلارنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى ھەم بىر قەدەر مۇكەممەل ، سېستىمىلىق تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بۇ ئۇيغۇرتارىخى تەتقىقاتىنى سېستىمىلىشىشقا، قېلىپلىشىشقا، مۇكەممەللىشىشكەيۈزلەندۈردى.
   
       مەملىكىتىمىزدە ئۇيغۇر تارىخى –مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا مۇئەييەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەزى نېگىزلىك مەسىلىلەرساقلانماقتا.بۇلار ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك: بىرىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ياشىغان زېمىنى مەسىلىسى. ئىككىنچى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە ئىرقى تەركىبى مەسىلىسى. ئۈچىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقى مەسىلىسى.بۇ مەسىلىلەرنىڭ توغرا ھەل قىلىنىش-قىلىنماسلىقى   ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ توغرا يۈنىلىشنى بويلاپ راۋاجلىنىشى ياكى راۋاجلىنالماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. مېنىڭچە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر تارىخى – مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مەسىلىگەدىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ: بىرىنچى، ئۇيغۇر تارىخىنى چوقۇم باشقا تۈركىي مىللەتلەر تارىخى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ئۇيغۇر تارىخىنى كۆپ خىل پەنلەرنىڭ گىرەلەشمە نوقتىسىدا تۇرۇپ تەتقىق قىلىش كېرەك. جۈملىدىن تىلشۇناسلىق،ئارخېئولوگىيە، جۇغراپىيە، ئىنسانشۇناسلىق، ئىرىقشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق،جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرنى يانداشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى،ئۇيغۇر تارىخىنىڭ تەتقىقات دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. جۈملىدىن ، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ دائىرىسىنى يالغۇز شىنجاڭ ۋە مۇڭغۇل ئېگىزلىكىدە ياشىغان ئۇيغۇرلاربىلەن چەكلەپ قويماي، بەلكى جۇڭگونىڭ ئىچكىرى رايونلىرىدا ياشاۋاتقان، بۇلۇپمۇ گەنسۇدا  ياشاۋاتقان سېرىق ئۇيغۇرلارغا ۋەخۇنەندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، شۇنداقلا چەت ئەللەردە، بۇلۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىياداياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا كېڭەيتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، بىر پۈتۈن ئۇيغۇرتارىخىنى تۇلۇق، ئەتراپلىق، مۇكەممەل يۇرۇتۇپ بەرگىلى  بۇلىدۇ.

    بىرىنچى، ئۇيغۇر تارىخى- مەدەنىيەتى تەتقىقاتىنىڭ ئەھۋالى
      خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقات 19– ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇشۇ ساھەگە قىزىققۇچى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيەتى، تىل – يېزىقى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى ماتېرىياللىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدەپ تېپىشى، يىغىپ توپلىشى، تۈرلەر بويىچە رەتلەپ چىقىشى، يېشىپ ئوقۇشى نەتىجىسىدە باشلانغانىدى. 20– ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە جۇڭگو ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى،شۇنداقلا يېڭى ئىلىم ۋە دەۋرنىڭ تەلىپى بىلەن، ئۇيغۇرلار دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. نەتىجىدە ئاشۇ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشى ۋە خالىسانە خىزمىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى، تىل – يېزىقى،دىنىي ئېتىقادى، مىللىي تەركىبى، كېلىپ چىققان ۋە جايلاشقان ماكانلىرى، تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى دەسلەپكى قەدەمدە رەسمىي باشلاندى. بۇ ھەقتە باشلامچىلىق رول ئوينىغانلار سۈپىتىدە ئالدى بىلەن ۋاڭ گوۋېي بىلەن ۋاڭ رىۋېيلارنى تىلغائېلىشقا بولىدۇ. بولۇپمۇ ۋاڭ رىۋېينىڭ ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى كۆپ تەرەپلىمە بولۇپ، ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى توغرىسىدا» («تىيانشان ئايلىق مەجمۇئەسى»، 1935 – يىللىق 6 – سان)، «پامىرنىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇھاكىمە» («يۆگۈڭ»، 1935 – يىللىق 5 – سان)، «تاڭسۇلالىسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇھاكىمە» (تارىخشۇناسلىق مەجمۇئەسى»،1936 – يىللىق 1 – سان)، «ئۇيغۇر (چيەنخۇي) نامىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدامۇھاكىمە»، («يۆگۈڭ»، 1937 – يىللىق 4 – سان) قاتارلىق ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.

       20 – ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىغا كەلگەندە، دۆلىتىمىزدەئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات قوشۇنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇ يىللاردىكى  ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلەردىن لى فۇتوڭنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچكەندىن كېيىنكى گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى» («شەرقىي شىمال مەجمۇئەسى»،1941 – يىللىق 1 – 2 سان)، دىڭ سۇنىڭ «شىنجاڭ ئاھالىلىرى ۋە ئۇيغۇرلار»(«ئېتنولوگىيە تەتقىقاتى مەجمۇئەسى»، 1946 – يىللىق 5 – سان)، لى دۇڭفاڭنىڭ«شىنجاڭدىكى قېرىنداشلار تۈركلەرمۇ؟» («داگۇڭباۋ گېزىتى»نىڭ 1944 – يىل 10 –ئاينىڭ 14 – كۈنىدىكى سانى)، «شىنجاڭدىكى قېرىنداشلار قانداقتۇر تۈرك مىللىتى ئەمەس» («دۆلەت تىلى گېزىتى»نىڭ 1944 – يىل 12 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىكى سانى)،مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» (1940 – يىلى كابۇل نەشرى)،«شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى قېرىنداشلار تۈركلەردۇر» («داگۇڭباۋ گېزىتى»نىڭ 1944 – يىل 10– ئاينىڭ 31 – كۈنىدىكى سانى)، «يەنە شىنجاڭدىكى قېرىنداشلارنىڭ تۈركلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا» («داگۇڭباۋ» نىڭ 1944 – يىل 11 – ئاينىڭ 24 – كۈنىدىكى سانى) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

      1949– يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن، مەملىكىتىمىزدە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى باشقا مىللەتلەر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن ماس قەدەمدە راۋاجلاندى.جۈملىدىن مەركەزدە ۋە شىنجاڭدا مەخسۇس تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇپ ۋە بىرتۈركۈم تەتقىقاتچىلار بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى مۇئەييەن ئاساسقائىگە بولدى، شۇنداقلا مۇئەييەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولدى، بۇ دەۋرئالاھىدىلىكىنى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۈلۈشكە بولىدۇ:

     بىرىنچى باسقۇچ:بۇ باسقۇچ 1950-يىللاردىن 1980-يىللارغىچە بولغان دەۋرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، بۇباسقۇچتا مەملىكىتىمىزدىكى تەتقىقاتچىلار جۇڭگو ۋەچەتئەللەردىكى ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدا تۈرلۈك يازما ماتىرىياللار ۋە ئارخېئولوگىيەلىك ماتىرىياللارغا تايىنىپ، ماركىسىزملىق تارىخ قاراش ۋە مىللەت قارىشىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلدى ۋە بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى. جۈملىدىن بۇ دەۋردە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ماركىسىزملىق تارىخ قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلىشىپ، پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدائۇيغۇر تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارنى يىغىش – توپلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئېتنوگرافىيەسىگە دائىر بىر قىسىم ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقتى.گەرچە بۇ ئارىلىقتا مەيدانغا كەلگەن تەتقىقات ئەسەرلىرى سان جەھەتتىن بىر قەدەر ئاز، سۈپەت جەھەتتىن تۈۋەنرەك بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا ئاساس سېلىپ بەردى ۋە ئۇنى دەسلەپكى كۈلەمگەئىگە قىلدى.

       1952 – يىلى شەرق كىتابچىلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان گو يىڭدېنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر تۇنجى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، گەرچە مەزكۇر ئەسەرنىڭ ھەجىمى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى، تارىخى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى،دىنىي ئېتىقادى، تىل – يېزىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بىر قەدەر ئېنىق ھەم سىستېمىلىق بايان قىلىنىپ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

        1956 – يىلىدىن 1964 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتادۆلىتىمىزدە 1 – قېتىم تەشكىللىك، پىلانلىق ھالدا مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلدى. 1946 – يىلى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاساسەن ئاخىرلاشتى، 1956 – يىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل –يېزىقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ۋە 1958 – يىلىدىكى شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىنى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاساسىدا،«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە ئېتنوگرافىيەسى»،«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، قىسقىچە ئېتنوگرافىيەسى توپلىمى» (جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتى 1963 – يىلى ئىچكى قىسىمدا بېسىپ تارقاتقان) قاتارلىق ئۈچ توپلامنىڭ دەسلەپكى ئارگىنالى ۋە 1953 – 1958 –يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تارىخى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگەبېغىشلانغان بەش پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىنى تەكشۈرۈش» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1948 – يىلى نەشرى) يېزىپ چىقىلدى. بۇلاردا سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، تىل – يېزىق، دىنىي ئېتىقاد، ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ 50 –يىللىرىدىن ئاۋۋالقى ئىجتىمائىي، تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى بىر قەدەرسىستېمىلىق ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلدى. بۇلار كېيىن يېڭى جۇڭگونىڭ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا ئاساس سېلىپ بەردى.

         1958 – يىلىغا كەلگەندە، دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق تۈركولوگلىرى فېڭ جياشېڭ، چېڭ سۇلو، مۇ گۇاڭۋېن قاتارلىقلار «ئۇيغۇر تارىخىغادائىر ماتېرىياللاردىن قىسقىچە توپلام» (جەمئىي ئىككى قىسىم، مىللەتلەر نەشرىياتى1958 – يىلى نەشرى)نى تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى. بۇ ئەسەر گەرچە «ماتېرىياللاردىن قىسقىچە توپلام» دېگەن نامدا ئاتالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ خەنزۇ ۋە چەت ئەل تىللىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار بىر قەدەر تولۇق ئىگىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي، تارىخىي تەرەققىياتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئومۇمىي تارىخ تىپىدىكى ئىلمىي ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

         تارىخشۇناس گۇباۋ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭدا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان تۇنجى ئەۋلادتەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىلىرىغا، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىشقا بېرىپ، نۇرغۇن ماقالىلەرنى ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنى يازغان. كېيىن ئۇ يۇقىرىقى ماقالىلىرى ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ئاساسىدا، «قەدىمكى شىنجاڭنىڭ مۇزىكا – ئۇسسۇلى ۋە قەدىمكى جەمئىيىتى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1988 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى.

          مۇشۇ باسقۇچتا دۆلىتىمىزنىڭ تەيۋەن رايونىدىكى بىرقىسىم ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ئۈستىدەتەتقىقات ئېلىپ بېرىپ خېلى كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە لىفۇتوڭ ئەپەندى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن 70 – يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچەبولغان ئارىلىقتا «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررىتورىيەسى توغرىسىدا مۇھاكىمە»، «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇسلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە»، «ئۇيغۇر مەدەنىيەتى ۋە يۈەن سۇلالىسىنىڭ دۆلەت قۇرۇشى» قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، دىنىي ئېتىقادى ۋەمەدەنىيەتىگە دائىر ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى، كېيىن بۇ ماقالىلەر ئاساسىدا«قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى»، «لى فۇتوڭ ئەسەرلىرى توپلىمى» (جەمئىي بەش قىسىم،تەيۋەن ئوقۇغۇچىلار كىتابچىلىق ئىدارىسى 1992 – يىلى نەشرى) قاتارلىق ئەسەرلىرىنى يازدى. ئابدۇللا تېمەن تەيۋەندىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى بولۇپ، ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ مەنبەسى ۋە مەدەنىيەتى» («شىنجاڭ تەتقىقاتى»، 1964 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرى مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە. تەيۋەندىكى تەتقىقاتچىلار ئىچىدە، ئۇيغۇر تارىخىنى بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك ۋە سىستېمىلىق تەتقىق قىلغان كىشى ليۇ يىتاڭ ئەپەندى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇشۇ باسقۇچتا، «ئۇيغۇرلارنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا مۇھاكىمە»،«ئىككى تاڭنامەدىكى ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ نەسەب نامىسى ئۈستىدە تەتقىقات»،«ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى توغرىسىدا تەتقىقات»قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر بىر يۈرۈش ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدى، كېيىن ئۇ بۇماقالىلىرى ئاساسىدا «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات» (تەيۋەن جېڭجۇاڭ كىتابچىلىقى ئىدارىسى، 1975 – يىلى نەشرى)، «تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات» (تەيۋەن جىڭشى كىتابچىلىق ئىدارىسى، 1980 – يىلى نەشرى) قاتارلىق ئەسەرلىرىنى يېزىپ نەشرقىلدۇردى.

          يۇقىرىدىكى ئەسەرلەر مۇشۇ باسقۇچتىكى دۆلىتىمىز ئۇيغۇرتارىخى تەتقىقاتىدىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتا يەنەھەرقايسى كەسپىي ژۇرناللاردا ئاندا – ساندا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەرمۇ، بۇباسقۇچتىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ تەدرىجىي ھالدا كەسىپچانلىق جەھەتتىن كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ مەزگىلدە مەملىكەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك سىياسىي كۈرەشلەرنىڭ ، بولۇپمۇ  ئاتالمىش«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ سىياسىي تەسىرىدە، مىللەتلەر تەتقىقاتى خىزمىتى،جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى «چەكلەنگەن رايون» بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئەمدىلا باشلانغان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، ھەتتا بىرقىسىم تەتقىقاتچىلار تەنقىد ۋە كۈرەش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى، ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر مەجبۇرىي توختىتىپ قويۇلدى. ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت تەتقىقات ئەسەرلىرىدەبىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالمىغان روشەن سىياسىي تۈس ئەكس ئەتتى. بۇ، مۇشۇدەۋردىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ بىر روشەن ئالاھىدىلىكى ھىسابلىنىدۇ .

          ئىككىنچى باسقۇچ:
بۇ باسقۇچ 1980-يىللاردىن2000-يىللارغىچە بولغان دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ باسقۇچتا،ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى باشقا پەنلەر تەتقىقاتىغا ئوخشاش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ ئاپەتلىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، تۇرغۇنلۇق ھالىتىدىن قايتىپ، تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغاكىردى. نەتىجىدە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئۆزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى ۋەكەسىپچانلىقى جەھەتتە ئىلگىرىكى ھەر قانداق چاغدىكىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب: بىرىنچىدىن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇشقۇرۇلۇشىنى مۇھىم كۈن تەرتىپكە قويدى ھەم زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى؛ ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئىلىملەرنىڭ، جۈملىدىن غەربىي يۇرت تارىخى، دۇنخۇاڭشۇناسلىق، يىپەك يولىشۇناسلىق، تۇرپانشۇناسلىق، كۈسەنشۇناسلىق، ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىق، شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسى قاتارلىق ئىلىملەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىلىرىنى يېڭى ماتېرىيال، يېڭى تەتقىقات ئۇسۇلى بىلەن تەمىن ئەتتى؛ ئۈچىنچىدىن، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن خەلقئارا ھەمكارلىق، ئىچكى – تاشقى ئىلىم ئالماشتۇرۇشتىكى قولاي شارائىتلار، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىيقىلىشى، خەلقئارا، مەملىكەتلىك ۋە رايون خاراكتېرلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى، شۇنداقلا «مىللەتلەر تەتقىقاتى»، «ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى»، «غەربىي شىمالنىڭ تارىخ – جۇغراپىيەسى»، «غەربىي شىمال مىللەتلەرتەتقىقاتى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى»،«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «تۇرپانشۇناسلىق» قاتارلىق بىر تۈركۈم نەشر ئەپكارلىرىنىڭ بارلىققاكېلىشى، بۇ باسقۇچتىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتى مۇشۇ باسقۇچتىن باشلاپ يېڭى بىر تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىردى. بۇ باسقۇچتامەملىكىتىمىزدىكى تەتقىقاتچىلار يېڭى سىياسىي ۋەزىيەتتىكى ئىلم ساھەسىدىكى «ھەممەئېقىملار بەس-بەستە سايراش»فاڭجېنىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ماتىرىيالىزىملىق تارىخ قارىشى ۋە مىللەت قارىشىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى  ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن دادىللىق بىلەن پايدىلىنىپ، شۇنداقلا يېڭىدىن بايقالغان ئارخېئولوگىيەلىك ۋە يازما ماتىرىياللارغا ئاساسلىنىپ، ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك ۋە خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، نۇرغۇن نادىر تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى.  تولۇقسىزئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مۇشۇ باسقۇچتا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات – نەشرىيات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەتىگە دائىر مەخسۇس ئەسەر ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى 100 پارچىدىن ئاشىدۇ، ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ.

         بۇ باسقۇچتا، گېڭ شىمىن ئەپەندى دۆلىتىمىزدە فېڭ جياشېڭدىن كېيىن يېتىشىپ چىققان يەنە بىر داڭلىق تۈركولوگ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇمەملىكىتىمىزدە تۇنجى بولۇپ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن – يېنسەي يېزىقىدايازغان بىر قىسىم مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى چەت ئەللىكلەرنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن پايدىلانغان ئاساستا، ئەسلىي تېكىستتىن بىۋاسىتە خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەتىگە دائىر بىر قىسىم مەخسۇس ئەسەر ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى يازدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «تارىم ئويمانلىقىدىكى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى ۋە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى» («شىنجاڭ تارىخىغا دائىر ماقالىلەر توپلىمىنىڭ داۋامى»، 1983 – يىلى نەشرى)، «قاراخانىيلارسۇلالىسى تارىخىدىن قىسقىچە بايان» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»ژۇرنىلى، خەنزۇچە 1982 – يىللىق 2 – سان)، «قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن تاللانما»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1982 – يىلى نەشرى)، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان مەدەنىيەتى ۋە يازما ۋەسىقىلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1983 – يىلى نەشرى) قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەتى تەتقىقاتىنىڭ ماتېرىيال مەنبەسىنى ئېچىپ بېرىشتە ياكى نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە كۆرسەتكەن تەسىرى خېلىلا زور بولدى.

           چېڭ سۇلو ئىلگىرى «ئۇيغۇر تارىخىغا دائىرماتېرىياللاردىن قىسقىچە توپلام» نى تۈزۈشكە قاتناشقان. ئۇ 20 – ئەسىرنىڭ 70 –يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەتىگە دائىر «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغرىسىدا مۇھاكىمە»، «ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىشى توغرىسىدامۇھاكىمە»، «9 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ  شەرقىي ۋە غەربىي ئىككى قىسمىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە تارىم ئويمانلىقى قەدىمكى مەدەنىيەتىگە ۋارىسلىق قىلىشى»، «قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تارىخىدىن قىسقىچە بايان» قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى، كېيىن بۇماقالىلىرىنى توپلاپ «تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا دائىر ماقالىلەر توپلىمى» (خەلق نەشرىياتى، 1993 – يىلى نەشرى) ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى.

         خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىل – يېزىقلىرىغا پۇختا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ليۇ جىشاۋ ئەپەندى مۇشۇ باسقۇچتىكى تۆھپىكارتارىخ شۇناسلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا، 1985 – يىلى «ئۇيغۇر تارىخى»نىڭ 1 – قىسمىنى، 1996 – يىلى«ئۇيغۇر تارىخى»نىڭ 2 – قىسمىنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى. ئاپتور بۇ زور ھەجىملىك ئەسىرىدە، خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە يازما ۋەسىقىلەردىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچەپايدىلىنىپ، ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىر يۈرۈش ۋەقەلەر ۋە زور مەسىلىلەر ئۈستىدەسىستېمىلىق ھەم كەڭ دائىرىلىك تەتقىقات يۈرگۈزدى ھەمدە ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئائىت مەسىلىلەرنى خېلى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەردى. مەزكۇر ئەسەر ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدەقولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

         مۇشۇ باسقۇچتىكى تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىرئىش شۇكى، 1989 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخىغا ئائىت مەجمۇئەنىڭ بىرتۈرى بولۇپ، ئۇنى 1981 – يىلى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قارمىقىدىكى مىللىي مەسىلىگە ئائىت بەش كىتاب تەھرىر ھەيئىتى ئۇيۇشتۇرغان يېزىقچىلىق گۇرۇپپىسى يېزىپ چىققان. مەزكۇر ئەسەر مۇشۇ باسقۇچتا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تەتقىقاتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

         لىن گەن ئەپەندى دۆلىتىمىزدىكى قەدىمكى زامان شىمال مىللەتلىرى تارىخى تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن تارىخشۇناسلارنىڭ بىرى. ئۇ 20 –ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلار ۋە قەدىمدە شىمالدا ياشىغان تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيەتى توغرىسىدا ئىزچىل تۈردە تەتقىقات يۈرگۈزۈپ كەلدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە تارىخىي تەرەققىياتى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بولغان ھونلار ۋە كۆك تۈركلەر تارىخىغا بېغىشلانغان «ھون تارىخى»(ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى، 1977 – يىلى نەشرى)، «ھونلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»(خەلق نەشرىياتى، 1986 – يىلى نەشرى)، «تۈرك تارىخى» (ئىچكى موڭغۇل  خەلىق  نەشىرياتى، 1988 – يىلى نەشرى) قاتارلىق ئەسەرلىرى ئىلىم ساھەسىدە زور تەسىرگەئىگە. ئۇنىڭ «تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماقالىلەردىن تاللانمىلار» (جەمئىي ئىككى قىسىم، جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى، 1987 – يىلى نەشرى)، گاۋزىخۇ بىلەن بىرلىشىپ يازغان «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى» (ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى، 1994 –يىلى نەشرى) قاتارلىق ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تارىخىغا بېغىشلانغان يىرىك ئىلمىي ئەمگەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

           ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان قاراخانىيلار سۇلالىسى تارىخى توغرىسىدىكى تەتقىقات، ئىلگىرى دۆلەت ئىچىدە ئاجىزساھەلەردىن بىرى ئىدى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچى سىۋېي لياڭتاۋ ئەپەندى بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ ئىشنى ئالدى بىلەن تارىخىي ماتېرىياللار ۋە چەت ئەللەرنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى بىرقەدەر تولۇق ئىگىلەشتىن باشلاپ، قاراخانىيلارسۇلالىسىنىڭ نامى، قۇرغۇچىلىرى، زېمىن دائىرىسى، تەۋەلىكىدىكى قەبىلە – ئۇلۇسلار،خانىدانلىقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەتى، شۇنداقلا قاراخانىيلارسۇلالىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالە –خانىدانلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدەئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئاساستا «قاراخانىيلار سۇلالىسى تارىخىدىن بايان» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1986 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى. بۇ ئەسەر دۆلىتىمىزدە ئۇيغۇرلار قۇرغان قاراخانىيلار سۇلالىسى توغرىسىدا خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان تۇنجى مەخسۇس ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىن ۋېيلياڭ تاۋ ئەپەندى نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئىزچىل ھالداقاراخانىيلار سۇلالىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋر ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيەتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «يەكەن خانلىقى تارىخىدىن ئومۇمىي بايان» (خېيلۇڭجياڭ مائارىپ نەشرىياتى، 1996 – يىلى نەشرى)، «غەربىي يۇرتتىكى خوجا جەمەتى توغرىسىداتەتقىقات» (جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 1998 – يىلى نەشرى) قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرىنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى.

           ھەممىگەمەلۇمكى، تارىخ تەتقىقاتى قەدىمكى تىل – يېزىق ۋە يازما ۋەسىقىلەر تەتقىقاتى دىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ جەھەتتە نيۇ رۇجى ئەپەندى گېڭ شىمىن ئەپەندىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى ۋە تەتقىقاتى ئاساسىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرى ۋە ۋەسىقىلىرى توغرىسىدا مۇقەددىمە» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997 – يىلى نەشرى)ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر يېزىق شۇناسلىقىنىڭ تىكلىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئۇل سېلىپ بەردى، شۇڭا بۇ ئەسەرنى دۆلىتىمىزدە ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تىل – يېزىقى ۋە يازما ۋەسىقىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن بىر نامايەندە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە لى جىڭۋېي ئەپەندىمۇ «قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي،ئىقتىسادىي ۋەسىقىلەر توغرىسىدا تەقىقات» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1996 –يىلى نەشرى)، «تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەسىقىلەرتوغرىسىدا تەتقىقات» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996 – يىلى نەشرى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە دۇنخۇاڭ ۋە تۇرپاندىن تېپىلغان، ئىلگىرى چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان، مىلادىيە 10 ~ 13 – ئەسىرلەرگە دائىر قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي،ئىقتىسادىي ۋەسىقىلەرنى خەلقئارا ترانسك رىپسىيەگە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىللە، خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇردى ۋە ئۇلار توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ باردى. باش تەتقىقاتچى ياڭ فۇشۆ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيەتى ۋە يازما ۋەسىقىلىرى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، «شياجۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يازما ۋەسىقىلىرى »(نيۇ رۇجى بىلەن بىرلىشىپ يازغان، گەنسۇ مەدەنىيەت نەشرىياتى، 1995 – يىلى نەشرى)،«قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا بۇددىزم» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998 – يىلى نەشرى)قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى. ئۇنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا بۇددىزم »ناملىق ئەسىرىدە بۇددا دىنىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا تارقىلىشى ۋە ئالاھىدىلىكى،ئۇيغۇرلاردىكى بۇددىزم تەرجىمىچىلىكى، بۇددا ئىبادەتخانىلىرى ئىگىلىكى ۋە بۇددىزىم مەدەنىيەت مەسىلىلىرى بىر قەدەر ئەتراپلىق تەتقىق قىلىنغان. گو پىڭلياڭ بىلەن ليۇگې بىرلىكتە «قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىدىن قوللانما» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995 –يىلى نەشرى) ناملىق ئەسەرنى يېزىپ، دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردىكى قەدىمكى ئۇيغۇرتارىخىنىڭ تەتقىقات ئەھۋالىنى خېلى ئەتراپلىق تونۇشتۇردى. ياڭ شېڭمىن قەدىمكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، «قەدىمكى ئۇيغۇرلار» (جىلىن مائارىپ نەشرىياتى، 1992 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى. رېن يىفېيبىلەن ياسىن ھوشۇر بىرلىكتە «ئۇيغۇرلار» (مىللەتلەر نەشرىياتى، 1997 – يىلى نەشرى)دېگەن ئەسەرنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى.

       سۇبېيخەي ئەپەندى ئەسلىدە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى تەتقىقاتىدا خېلى كۆپ ئەمگەك سىڭدۈرگەن پېشقەدەم تەتقىقاتچىلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ يىللاردا خۇاڭ جيەنخۇابىلەن بىرلىكتە چىڭ سۇلالىسىدىن مىنگو دەۋرىگىچە بولغان ئۇيغۇر بەگلىرى تارىخىغابېغىشلانغان «قۇمۇل، تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىقى تارىخى» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1993 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسەرنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى. تارىخشۇناس دۇۋەن ليەنچىن بولسا «دىڭلىڭلار، قاڭقىللار ۋە تېلىلار» (شاڭخەي خەلق نەشرىياتى، 1988– يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىنى بىرقەدەر ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ بىڭخۇانىڭ «تۇرپاننىڭ قەدىمكى زامان مەدەنىيەتى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1989 – يىلى نەشرى)، جياڭ چىشياڭنىڭ«شىنجاڭ قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يارماقلىرى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1990 –يىلى نەشرى)، چېن زۇنۋاڭنىڭ بۇنىڭدىن 600 يىل بۇرۇن خۇنەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە بىر تۈركۈمى بولغان خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ۋەمەدەنىيەتىگە بېغىشلانغان «خۇنەن ئۇيغۇرلىرى» (يۆلۈ كىتابچىلىق نەشرىياتى، 1994 –يىلى نەشرى)، مياۋ پۇشېڭنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى بەگلىك تۈزۈمىگە بېغىشلاپ يازغان«بەگلىك تۈزۈمى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995 – يىلى نەشرى)، تيەن ۋېيجياڭنىڭ«موڭغۇللار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى» (شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت –فوتو سۈرەت نەشرىياتى، 1996 – يىلى نەشرى)، چېن شېڭيۈەن قاتارلىقلارنىڭ «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ تارىخى»نىڭ 1 – تومى بولغان «ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ تارىخى» (گۇاڭدۇڭ مائارىپ نەشرىياتى، 1998 – يىلى نەشرى)، شاڭ يەنبىڭنىڭ «يۈەنسۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات» (مىللەتلەر نەشرىياتى، 1999 –يىلى نەشرى)، لى جىنشىننىڭ «شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى»(دىن ۋە مەدەنىيەت نەشرىياتى، 1999 – يىلى نەشرى) قاتارلىق ئەسەرلەرمۇ نەشرقىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتا ۋە قاتلامدىن ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىدىكى مەسىلىلەر بىر قەدەر ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلدى.

          بۇباسقۇچتا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىمۇ دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پېشقەدەم تارىخشۇناسلاردىن ئۇيغۇر سايرانى، ھاجى ياقۇپ، قاسىم ئارىش، مۇھىدىن ۋىلەم، ئابدۇللا ئەھمىدى قاتارلىق تەتقىقاتچىلارئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، مەدەنىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك تەتقىقات ئېلىپ باردى. ياش تەتقىقاتچىلاردىن قاھار بارات، ھەبىبۇللا خوجا لەمجىنى قاتارلىقلار قەدىمكى ئۇيغۇرتارىخ – مەدەنىيەتى ۋە يازما يادىكارلىقلىرى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ باردى.بولۇپمۇ بۇ يىللاردا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئۇيغۇر مۇزىكا – ئۇسسۇل تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا – ئۇسسۇل سەنئىتى» (شىنجاڭ خەلقنەشرىياتى، 1980 – يىلى نەشرى) ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى.ئارخېئولوگ، قەدىمكى يېزىقلار تەتقىقاتچىسى قۇربان ۋەلى «بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» (شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1983 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى. تارىخشۇناس ھاجى نۇرھاجى قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋەقاراخانىيلار سۇلالىسى توغرىسىدا ئىزچىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، «قاراخانىيلارقىسقىچە تارىخى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983 – يىلى نەشرى)، «يەكەن سەئىدىيەخانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسەرلىرىنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى. گەرچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەجىمى كىچىك بولسىمۇ،لېكىن ئۇلار ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ئىچىدە دەسلەپكى قەدەمدە مۇشۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان، قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن سەئىدىيە خانلىقى تارىخىغابېغىشلانغان، ئۆز تەتقىقاتچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئانا تىلىدا يېزىلغان خاس دەۋرتارىخى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى تەتقىقاتچىسى ئابدۇللا تالىپ «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېركلار» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1983 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ تارىخى تەتقىقات ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. ئابدۇرېھىم سابىت «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» (جەمئىي تۆت توم، قەشقەر شەھەرلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى1982 -، 1983 – يىللىرى باستۇرغان) ناملىق زور ھەجىملىك ئىلمىي ئەسىرىنى يېزىپ،مەزكۇر ساھەدە زور تەسىر پەيدا قىلدى. تەتقىقاتچىلاردىن ئابدۇقېيۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپلەر «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسەرنى يېزىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر يازمايادىكارلىقلىرى توغرىسىدا دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردە ئېلىپ برىلغان تەتقىقاتنەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى ھەم بىزدىكى بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتقا يول ئېچىپ بەردى.ئىبراھىم نىيازنىڭ «تارىختىن قىسقىچە بايانلار» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1989 –يىلى نەشرى)، ئەنۋەر بايتۇر بىلەن خەيرىنسا سىدىقنىڭ «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» (مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991 – يىلى نەشرى)، ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللانىڭ«ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993 – يىلى نەشرى) قاتارلىق ئەسەرلەر نەشر قىلىنىپ، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى تېخىمۇكېڭەيتىلدى.

          1995– يىلى بېيجىڭدا جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا يېڭى بىر كۈچ قوشۇلدى. بۇجەمئىيەت قۇرۇلغاندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى (مەجمۇئەسى)» دىن جەمئىي تۆت قىسىم نەشر قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر تارىخى ۋەمەدەنىيىتى تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. نەتىجىدە مۇشۇيىللاردا مىللىي تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن توختى مۇزاتنىڭ «ئۇيغۇر تارىخى ۋەمەدەنىيىتى توغرىسىدا تەتقىقات» (مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995 – يىلى نەشرى) ،ئارخېئولوگ ئابدۇقېيۇم خوجىنىڭ «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت» (شىنجاڭ خەلقنەشرىياتى، 1995 – يىلى نەشرى)، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىنىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپەتارىخى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997 – يىلى نەشرى)، مەھمۇد زەيدىنىڭ «ئۇيغۇرمەدەنىيەت تارىخىدىن تەرمىلەر» (مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995 – يىلى نەشرى)، خوجائەھمەد يۇنۇسنىڭ «گۈلشەن ۋادىدىكى ئىزلار» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996 – يىلى نەشرى)،ئابدۇكېرىم راھمان باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1998 – يىلى نەشرى)، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋەمەدەنىيىتى تەتقىقاتى (مەجمۇئەسى)» (1 – قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998 –يىلى نەشرى)، ئابلىز مۇھەممەد سايرامىنىڭ «ئۇيغۇر مەدەنىيەت – سەنئىتىگە دائىرئىلمىي ماقالىلەر» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999 – يىلى نەشرى)، «سۈي، تاڭسۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخى شەخسلەر» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999– يىلى نەشرى) قاتارلىق ئەسەرلەر نەشر قىلىنىپ، ئۇيغۇر تارىخى ياكى مەدەنىيەتتارىخىدىكى مەسىلىلەر ئوخشاش بولمىغان نۇقتا ۋە قاتلاملاردىن تەتقىق قىلىندى،مەلۇم ساھەلەردە بۆسۈش خاراكتېرىدىكى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مەلۇم ساھەلەردەئىلگىرىكى تەتقىقاتتىكى بوشلۇقلار تولدۇرۇلدى ياكى يېڭىلاندى.

           بۇباسقۇچنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر قەدىمكى يازما ۋەسىقىلەرنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ۋە نەشر قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇباسقۇچتا كىلاسسىك خەنزۇچە ۋەسىقىلەردىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتېرىياللارنى توپلاش، رەتلەش ۋە نەشر قىلدۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن ئىجابىي خىزمەتلەر ئىشلەندى.بۇنىڭغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان «تارىخىي خاتىرىلەر» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987 – يىلى نەشرى)، «خەننامە» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993 – يىلىنەشرى)، «كېيىنكى خەننامە» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996 – يىلى نەشرى)، «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى، جىننامە، سۇڭنامە» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 – يىلى نەشرى)، «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 – يىلى نەشرى)قاتارلىقلارنى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تۈزگەن «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخىغا دائىر ماتېرىياللاردىن تاللانما» (خەلق نەشرىياتى، 1987 – يىلى نەشرى)نى، چېن گاۋخۇا تۈزگەن «مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قۇمۇل، تۇرپانغا دائىر ماتېرىياللاردىن توپلام» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984 –يىلى نەشرى) بىلەن «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە قارلۇقلارغا دائىرماتېرىياللاردىن تاللانمىلار» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1991 – يىلى نەشرى)نى ليۇ مېيسۇڭ تۈزگەن «ئىككى تاڭنامىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قىسسىلەرنى سېلىشتۇرۇپ تەھقىقلەش» (مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى، 1989 – يىلى نەشرى)نى، فېڭ جىۋېن قاتارلىقلار تۈزگەن «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ يىلنامىسى» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1992 – يىلى نەشرى)نى، ياڭ شېڭمىن تۈزگەن «ئەلنى ئىدارەقىلىش ئۆرنەكلىرى» دىكى تۈرك – ئۇيغۇرلارغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللارنى سېلىشتۇرۇپ ئىزاھلاش» (تيەنجىن قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى، 1992 – يىلى نەشرى)نىمىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدا ياكى تارىختا ئۇيغۇرلارتەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن تىل – يېزىقلاردا يېزىپ قالدۇرۇلغان يازما ۋەسىقە –ماتېرىياللارنى توپلاش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىپ نەشر قىلدۇرۇش جەھەتتىمۇ نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەندى. بۇنىڭغا «ئوغۇزنامە» (مىللەتلەر نەشرىياتى، 1980 – يىلىنەشرى)، موللا ئىسمۇتۇللا مۆجىزىنىڭ «تاۋارىخىي مۇسىقۇيۇن» (مىللەتلەر نەشرىياتى،1982 – يىلى نەشرى)، موللا مىر سالىھ كاشىغەرىينىڭ «چىڭگىزنامە» (قەشقەر ئۇيغۇرنەشرىياتى، 1985 – يىلى نەشرى)، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981 ~ 1984 – يىللىرى نەشرى)، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»(مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984 – يىلى نەشرى)، موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ئەمىنىيە» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 – يىلى نەشرى) ۋە «تارىخىي ھەمىدى»(مىللەتلەر نەشرىياتى، 1986 – يىلى نەشرى)، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «مايترىسىمىت» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987 – يىلى نەشرى)، مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ«تەزكىرەئى ئەزىزان» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988 – يىلى نەشرى)، مىرزامۇھەممەد ھەيدەرنىڭ «تارىخىي رەشىدى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007 – يىلى نەشرى)،شاھ مەھمۇد جوراسىنىڭ «سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار» (قەشقەرئۇيغۇر نەشرىياتى، 1989 – يىلى نەشرى)، شىريارنىڭ «مەۋلانا ئەرشىدىن تەزكىرىسى» (شئۇ ئا ر قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى نەشرگە تەييارلىغان، 1994 – يىلى نەشرى)،ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ «شەجەرەئى تۈرك» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 – يىلىنەشرى)، شەرەفىدىن ئەلى يەزدىنىڭ «زەپەرنامە» (مىللەتلەر نەشرىياتى، 2007 – يىلى نەشرى) قاتارلىقلارنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر تارىخىغا دائىرقەدىمكى يازما يادىكارلىقلارنىڭ توپلىنىشى، رەتلىنىشى، تەتقىق قىلىنىشى ۋە نەشرقىلدۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ ماتېرىيال مەنبەسىنى تولۇقلاپلاقالماستىن، بەلكى تەتقىقات دائىرىسى بىلەن مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، ئۇيغۇرتارىخىي تەتقىقاتىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇشۇ باسقۇچتائېلىپ بېرىلغان غەربىي يۇرت ۋە شىنجاڭ تارىخى توغرىسىدىكى تەتقىقاتتىمۇخۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تۈزگەن «شىنجاڭنىڭ قىسقىچەتارىخى» (جەمئىي ئۈچ قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980 ~ 1992 – يىللىرى نەشرى)،جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تۈزگەن«جۇڭگونىڭ تارىخىي دەۋرلەردىكى مىللەتلەر تارىخى مەجمۇئەسى» (جەمئىي سەككىز قىسىم،سىچۇەن مىللەتلەر نەشرىياتى، 1988 ~ 1996 – يىللىرى نەشرى)، تارىخشۇناس يۈ تەيشەنباش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن «غەربىي يۇرتنىڭ ئومۇمىي تارىخى» (جۇڭگو قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى، 1996 – يىلى نەشرى) ۋە «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى» (جۇڭگودوستلۇق نەشرىياتى، 1996 – يىلى نەشرى)، چېن خۇيشېڭ قاتارلىقلار تەرىپىدىن يېزىلغان «مىنگو دەۋرىدىكى شىنجاڭ تارىخى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999 – يىلىنەشرى)، چيەن بوچۇەن يازغان «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى» (شىنجاڭ خەلقنەشرىياتى، 1996 – يىلى نەشرى)، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1991 – يىلى نەشرى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.

          ئومۇمەن ، بۇ مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن تەتقىقات ئەسەرلىرى سان جەھەتتىن كۆپ بۇلۇپلا قالماي، سۈپەت جەھەتتىنمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە يىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنى ئاجايىپ تەرەققىياتقائېرىشتۈردى ۋە زور كۈلەمگە ئىگە قىلدى. بۇلۇپمۇ بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر تارىخىغائائىت تەتقىقات ئەسەرلىرىدە بىر تەرەپلىمە سىياسىي تۈستىن خالىيراق ھالدىكى ئىلمىي قاراش ئەكس ئېتىپ،ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى توغرا يۈنىلىشنى بويلاپ راۋاجلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بۇلۇپ، مەخسۇس بىر تەتقىقات ساھەسى بۇلۇپ شەكىللىنىشىكەباشلىدى. بۇ، شۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ھىسابلىنىدۇ.

          ئۈچىنچى باسقۇچ: بۇ باسقۇچ 2000-يىللاردىن ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بۇباسقۇچتا، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ مەزمۇنى ئىلگىرىكى ئاساسىدا تېخىمۇچوڭقۇرلاشتى ۋە مەزمۇن دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى، تەتقىقات قوشۇنى تېخىمۇ زورايدى.ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا مەخسۇ س تەربىيەلەنگەن، كەسپىي ۋە بىلىم سەۋىيەسى ئۈستۈن بولغان بىر تۈركۈم ياش تەتقىقاتچىلار قوشۇنى يېتىشىپ چىقىپ، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى. ئۇيغۇرتارىخىدىكى بەزى تەتقىقات دەرىجىسى قىيىن، نازۇك تېمىلاردا مەخسۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ دائىرىسى ۋە مەزمۇنى تېخىمۇ كېڭىيىپ، ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىر قىسىم كونكرېت مەسىلىلەر چوڭقۇرمۇلاھىزە ۋە تەتقىق قىلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ خاس دەۋر تارىخى تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ باسقۇچتا،مەملىكىتىمىزدىكى تەتقىقاتچىلار مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىلم ساھەسىدىكى يېڭى يۈزلىنىشنىڭ تۈرتكىسىدە خەلقئارادىكى ئىلمىي ھەم ئىلغار تارىخ قارىشى ۋە مىللەت قارىشىنى قوللىنىپ، چەتئەللەردە بارلىققا كەلگەن ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋەمەملىكەت ئىچى-سىرتىدىن بايقالغان ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيىلىك، يازما ماتىرىياللارغاتايىنىپ، ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردىكى يىتەرسىزلىكلەرنى داۋاملىق تۇلۇقلاپ، ئۇيغۇرتارىخىغا ئائىت بىر قەدەر مۇكەممەل ھەم سېستىمىلىق تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ۋۇجۇدقاچىقاردى. بۇ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنى سېستىمىلىشىشقا، قېلىپلىشىشقا،مۇكەممەللىشىشكە يۈزلەندۈردى. ئۇلارنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش گۇرۇپپىسى يازغان «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى»(مىللەتلەر نەشرىياتى، 2000 – يىلى نەشرى) نى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ نەشرقىلىنىشى، بۇ باسقۇچتىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى باشلاپ بەردى.بۇ ئەسەردە، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقە بولغان 1944 – يىلىدىن1949 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئىلى، تارباغاتاي،ئالتاي قاتارلىق جايلاردا پارتلىغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھاكىمىيىتىنىڭ خاراكتېرى قاتارلىق مەسىلىلەر بىر قەدەرئوبيېكتىپ، توغرا شەرھلەنگەن.

          تارىخشۇناس خۇا تاۋ ئۆزىنىڭ «غەربىي يۇرت تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات (8 – ئەسىردىن 10 –ئەسىرگىچە)» (شاڭخەي قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى، 2000 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرىدە، خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردىكى خاتىرىلەرنى ئەرەبچە، پارسچە ۋە باشقاتىللاردىكى تارىخىي ماتېرىياللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، 8 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تاكى 10 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىر قىسىم ئىنچىكە مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق، چوڭقۇر تەتقىقات يۈرگۈزدى.

          ياش تەتقىقاتچى يۇنۇسجان ئېلىنىڭ «17 ~ 18 – ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جۇڭغارلارنىڭ مۇناسىۋىتى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرى ئىلگىرى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن كۆپ ئېتىبارغا ئېلىنمىغان، جۇڭغار خانلىقى بىلەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىگە بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەر بولۇپ، ئاپتوربۇ ئەسەردە ئوخشاش بولمىغان تارىخىي قاتلام ۋە نۇقتىدا تۇرۇپ، 17 ~ 18 –ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقاجەھەتلەردىكى مۇناسىۋىتىنى بىر قەدەر ئەتراپلىق كۆرسىتىپ بېرىپ، مۇشۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

         لىچىنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003 – يىلى نەشرى)ناملىق ئەسىرى دوكلاتىمىز تارىخچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگەبېغىشلانغان ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، شەكىللىنىشى ۋە كۆچۈش سەۋەبى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇلاھىزە قىلىنغان، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يۈز يىللىق تەرەققىيات جەريانىدىكى ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى مۇھاكىمە قىلىنغان.

          ياش تارىخشۇناس ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇقنىڭ «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇرلارنىڭ 7 –ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 9 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان تارىخىغابېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەر بولۇپ، ئاپتور بۇ ئەسەردە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى، خانلىقىنىىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەھەرتۇرمۇشى ۋە دىنىي ئېتىقادى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا خېلى چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ بەردى.

         تەتقىقاتچى تيەن ۋېيجياڭنىڭ «قوچۇ ئۇيغۇرلىرى تارىخىدىن لېكسىيە» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2006 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرىدە، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مىلادىيە 9 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن تاكى 14 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان تەخمىنەن بەش ئەسىرلىك تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى، مەدەنىيەت –سەنئىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى ھاكىمىيەت خانلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىر قەدەر ئەتراپلىق بايان قىلىنغان.

        ۋاڭچيەن قاتارلىقلارنىڭ «ئۇيغۇرلار: تارىخى ۋە ھازىرقى ھالىتى» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2005 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرىدە، ئۇيغۇر رايونلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى، ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ھازىرقى ھالىتى توغرىسىدا خېلى ئەتراپلىق تەتقىقات يۈرگۈزۈلگەن.

         يۇقىرىقىلاردىن باشقا، پېشقەدەم تەتقىقاتچى ئىمىن تۇرسۇننىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» (شىنجاڭخەلق نەشرىياتى، 2000 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرى، چېن گۇگۇاڭ بىلەن ھاجى نۇرھاجى يازغان «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىسلام دىنى تارىخى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000– يىلى نەشرى)، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەتى تەتقىقات جەمئىيىتى تۈزگەن«جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى (مەجمۇئەسى)» (2 – قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 – يىلى نەشرى)، تارىخشۇناس ھاجى نۇر ھاجىنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرى، ئەسەت سۇلايماننىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيىتى»(مىللەتلەر نەشرىياتى، 2002 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرى، ئالىمجان مەخسۇت بىلەن ئابدۇشۈكۈر مەخسۇتنىڭ «ئۇيغۇر بىناكارلىق تارىخى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 –يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرى، ئابلەت نۇردۇننىڭ «غەربىي يۇرتنىڭ تارىخى ۋەمەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2001 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرى، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 – يىلى نەشرى)، «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 – يىلى نەشرى) قاتارلىق ئەسەرلىرى،يۈسۈپجان ياسىننىڭ «تەڭرى قامچىسى ـــ ئاتتىلا» 0شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 –يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرى، غەيرەتجان ئوسماننىڭ «ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 – يىلى نەشرى)، «قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى» (شىنجاڭئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2007 – يىلى نەشرى) قاتارلىق ئەسەرلىرى، ئادىل مۇھەممەدتۇراننىڭ «مەكىت تارىخىدىن تىزىسلار» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 – يىلى)،«قەدىمكى قەشقەرنىڭ تارىخ – جۇغراپىيەسى» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2001 – يىلىنەشرى) قاتارلىق ئەسەرلىرى، پېشقەدەم تۈركولوگ گېڭ شىمىن ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى يازما ۋەسىقىلىرى توغرىسىدا تەتقىقات» (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2003 – يىلى نەشرى)، «قەدىمكى تۈركچە ئابىدىلەر تەتقىقاتى» (مەركىزىيمىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2005 – يىلى نەشرى)، «شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2006 –يىلى نەشرى) قاتارلىق ئەسەرلىرى، راھىلە داۋۇتنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرى، تەتقىقاتچى ئىسراپىل يۈسۈپ بىلەنئەنۋەر قاسىمنىڭ «غەربىي يۇرت يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيەت تارىخى» (مىللەتلەرنەشرىياتى، 2006 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسىرى، ئىسراپىل يۈسۈپ باش مۇھەررىرلىكىدەتۈزۈلگەن «كۈسەنشۇناسلىق تەتقىقاتى» (1 – قىسىم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى،2008 – يىلى نەشرى) ناملىق ئەسەر مۇشۇ باسقۇچتىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدىكىمۇھىم نەتىجىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

           ئومۇمەن،بۇ مەزگىلدىكى تەتقىقات ئەسەرلىرىدە ئىلگىرىكى مەزگىلدىكى ئۇيغۇرتارىخى تەتقىقاتىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەر ئۈستىدىكى نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان قاراشلار بىرلىككە كېلىشكە باشلاپ، ئۇيغۇر تارىخىنى نۇقۇل تارىخ نوقتىسىدىنلائەمەس، بەلكى تىل، تارىخ، ئارخېئولوگىيە، مەدەنىيەت نوقتىسىدىن گىرەلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش يۈزلىنىشى مەيدانغا كىلىپ، سېلىشتۇرماتارىخشۇناسلىق قارىشى يىتەكچى ئورۇنغا ئۈتۈشكە باشلىدى. بۇ، بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇرتارىخى تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى ھىسابلىنىدۇ.

          ئىككىنچى، ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا ساقلانغان نېگىزلىك مەسىلىلەر

          ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، گەرچە جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىز ئۇيغۇر تارىخى –مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا مۇئەييەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرتارىخىدىكى بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلار يەنىلا ئاجىز ھالقاياكى بوشلۇق بولۇپ تۇرماقتا. شۇنداقلا، بۇ نېگىزلىك مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتتا بەزى ئىختىلاپلار كېلىپ چىقماقتا. بۇ ئىختىلاپلار خېلى زور مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان بۇلۇپ، بۇلار ئاساسەن تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتىدا ئېپادىلىنىدۇ:

           بىرىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ياشىغان زېمىنى مەسىلىسى.ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار تارىختا ياشىغان زېمىنلاربىرقەدەر كەڭ بولغانلىقتىن، ئۇزۇندىن بۇيان تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدە ياشىغان زېمىنلىرى بىلەن ھازىر ياشاۋاتقان زېمىنىنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرىدىغان ياكى ئايرىپ چۈشەندۈرىدىغان، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلاموڭغۇل ئېگىزلىكى ۋە تارىم، جۇڭغار ۋادىسىدا ياشىغان دەيدىغان قاراش بىلەن ئۇيغۇرلار 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچىلىك مۇڭغۇل ئېگىزلىكىدە ياشاپ، ئاندىن كېيىن تارىم،جۇڭغار ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن دەيدىغان قاراش مەۋجۇت بۇلۇپ كەلدى ھەم كېيىنكى قاراش ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە باشلىدى. مېنىڭچە، بۇ ئىككى قاراش ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ماكانلاشقان زېمىننىڭ كەڭلىكىدە ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەركىزىنىڭ يۆتكىلىشىدە بۇلۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئېلىمىز ئىچى-سىرتىدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار، يازما پاكىتلار ۋە بۇلارئۈستىدىكى يىرىك تەتقىقاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن بۇيانلا تارىم،جۇڭغار ۋادىسىداھەم مۇڭغۇل ئېگىزلىكىدە ياشىغانلىقىنى، كېيىن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەركىزىنىڭ مۇڭغۇل ئېگىزلىكىدىن تارىم،جۇڭغار ۋادىسىغايۆتكىلىپ، مۇڭغۇلىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈپ، تارىم، جۇڭغار ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن قوشۇلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختاياشىغان زېمىنى مەسىلىسىدە تارىم،جۇڭغار ۋادىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى ئىكەنلىكىنى چوقۇم مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەم ئېتىراپ قىلىش كېرەك. بولمىسا، بۇ تارىخى پاكىتلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغانلىق بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خەلقلەر ئارىسىدائۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانىغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

             ئىككىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋەئىرقى تەركىبى مەسىلىسى. بىزگە مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار مىللەت بۇلۇپ شەكىللەنگۈچەتۈرلۈك ئىرىقتىكى قەدىمكى خەلقلەرنىڭ تەركىبىنى ئۆزىگە قۇبۇل قىلغانلىقتىن،ئۇزاقتىن بۇيان تەتقىقاتچىلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەجدادلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى باغلاپ چۈشەندۈرىدىغان، شۇنداقلا ئۇلارنى ئېتنىك باغلىنىشى يوق ئايرىم خەلقلەر سۈپىتىدە چۈشەندۈرىدىغان،  جۈملىدىن ساكلار،ھۇنلار، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئەجداد- ئەۋلادلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە خەلقلەردەيدىغان قاراش بىلەن ئۇلار يىلتىزداشلىقى يوق خەلقلەر دەيدىغان قاراش مەۋجۇت بۇلۇپ كەلدى ھەم بۇ جەھەتتە كەسكىن ئىختىلاپ كۆرۈلدى. مېنىڭچە، بۇ ئىختىلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى ئىنسانشۇناسلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۆزگىچىلىكىدە بۇلۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى تەركىبىنىڭ سەل مۇرەككەپلىكى مۇشۇنداق ئىختىلاپنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ھىچقانداق ساپ ئىرىقتىكى مىللەت مەۋجۇت ئەمەس،ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزى بار. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەملىكىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ياشىغان زېمىنلاردىنتېپىلغان قەدىمكى ئادەم ئىسكىلىتلىرى، قۇرۇغان جەسەتلەر ۋە ھەرخىل يېزىقتىكى يازماخاتىرىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار ساكلار، ھۇنلار، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش ئىرىقتىكى يىلتىزداش خەلقلەر ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بەرمەكتە. شۇڭا ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە ئىرىق تەركىبى مەسىلىسىدە، ساكلار، ھۇنلار، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداد-ئەۋلادلىق مۇناسىۋىتىنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىش ھەم ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بولمىسا، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى تۇلىمۇ مۇجىمەللىشىپ، ئۇيغۇرلارخۇددى يىلتىزسىز دەرەخكە ئوخشاپ قالىدۇ.

          ئۈچىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقى مەسىلىسى. شۇنىسى مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار تارىختا يايلاق يىپەك يولى ۋە بوستانلىق يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە ماكانلاشقانلىقتىن، شەرق ۋە غەرب بىلەن بولغان ئالاقەجەريانىدا تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ، جۈملىدىن شەرق مەدەنىيىتى ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەم ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئامىللىرىنى ئۆزمەدەنىيىتىگە سىڭدۈرگەن. مۇشۇ ۋەجىدىن ئۇزۇندىن بۇيان تەتقىقاتچىلار ئارىسىدائۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدە شەكىللىنىپ، شەرق ۋە غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلغان دەيدىغان، شۇنداقلا ياكى شەرق مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدەشەكىللەنگەن، ياكى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن دەيدىغان قاراش مەۋجۇت بۇلۇپ كەلدى. مېنىڭچە، بۇ قاراشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ئەمەلىيەتتەئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ قىرلىق ئالاھىدىلىكىدەبۇلۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈستىدىكى ئىنچىكە تەتقىقاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋردىن تارتىپلا ئۆزلىرىنىڭ ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە خاس ھالدىكى ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى ياراتقانلىقىنى،شۇنداقلا يىپەك يولى ئالاقىسى جەريانىدا شەرق ۋە غەرب خەلقلىرى مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل دۇردانىلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئۆز مەدەنىيىتىنى بېيىتىپ، ئوتتۇراتۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، يۇنان-رىم مەدەنىيىتى، ھىندى مەدەنىيىتى ۋە ئەرەپ-پارس مەدەنىيىتىنىڭ ئامىللىرىنى مۇجەسسەملىگەن كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكى مەسىلىسىدە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قانداقتۇر شەرق مەدەنىيىتى ياكى غەرب مەدەنىيىتىگە تەۋە قىلماي، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە تەۋە قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن تارىخىي پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلىنغان بۇلىدۇ.

بىزنىڭچە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر تارىخى – مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مەسىلىگەدىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:

         بىرىنچى، ئۇيغۇر تارىخىنى چوقۇم باشقا تۈركىي مىللەتلەر تارىخى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارتۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر غوللۇق ئەزاسى بولغانىكەن. ئۇيغۇر تارىخىنى مۇقەررەرھالدا باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار بىلەن تارىختىن بۇيان زىچ باغلىنىپ كەلگەن  قىرغىز، قازاق،ئۆزبېك،تاتار، تۈرك (تۈركىيە تۈركلىرى)، تۈركمەن، ئەزەر، تۇۋا... قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخى، شۇنداقلا مۇڭغۇل، تاجىك....قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش كېرەك. يەنە كېلىپ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا خۇددى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا ئوخشاشلا بۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخى ئۈستىدىكى تەتقىقاتتىمۇ خېلى زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇڭا، ئۇيغۇرتارىخىنى بۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخى بىلەن باغلاپ تەتقىق قىلغاندا، يالغۇز ئۇيغۇرتارىخىدىكىلا ئەمەس، بەلكى بۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخىدىكى نۇرغۇن ھالقىلىق، مۇرەككەپ،چىگىش مەسىلىلەرگە جاۋاپ تاپقىلى بۇلىدۇ.

           ئىككىنىچى، ئۇيغۇر تارىخىنى كۆپ خىل پەنلەرنىڭ گىرەلەشمە نوقتىسىدا تۇرۇپ تەتقىق قىلىش كېرەك. جۈملىدىن ھازىرقى ئىلىم ساھەسىدە بىر پەننى يالغۇر شۇ پەن نوقتىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى شۇ پەن بىلەن ئالاقىدار باشقا پەنلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش يۈزلىنىشى ئومۇملىشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇيغۇر تارىخىنى چوقۇم تىلشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيە، جۇغراپىيە،ئىنسانشۇناسلىق، ئىرىقشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرنى يانداشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدائۇيغۇرلارنىڭ تىلى،ئىرقى، مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىيىتىگە دائىر تەتقىقاتلار خېلى زوركۈلەمگە ئىگە بولدى. شۇڭا، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر تارىخىنى كۆپ خىل پەنلەرنىڭ گىرەلەشمە نوقتىسىدا تۇرۇپ  تەتقىققىلغاندا ئۇيغۇر تارىخىدىكى ھەل بولماي كېلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوڭۇشلۇق ھەم ئىلمىي ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ.

            ئۈچىنچى، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ تەتقىقات دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. جۈملىدىن ئۇيغۇرلار تارىختا كەڭ زېمىنلارداياشىغانلىقتىن، شۇنداقلا مەيلى ئانا ماكانىدا بولسۇن ياكى كۆچۈپ بارغان ماكانلىرىدا بولسۇن شۇ جايلارنىڭ تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغانلىقتىن، ئۇيغۇرتارىخى تەتقىقاتىنىڭ دائىرىسىنى يالغۇز شىنجاڭ ۋە مۇڭغۇل ئېگىزلىكىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار بىلەن چەكلەپ قويماي، بەلكى جۇڭگونىڭ ئىچكىرى رايونلىرىدا ياشاۋاتقان،بۇلۇپمۇ گەنسۇدا  ياشاۋاتقان سېرىق ئۇيغۇرلارغا ۋە خۇنەندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، شۇنداقلا چەت ئەللەردە، بۇلۇپمۇئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا كېڭەيتىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا شىنجاڭدىن باشقا جايلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ خېلى كۆپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى ۋە مۇئەييەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇڭا، بۇجايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئومۇمىي ئۇيغۇر تارىخى كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ تەتقىق قىلغاندا، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىنى تۇلۇق، ئەتراپلىق، مۇكەممەل يۇرۇتۇپ بەرگىلى  بۇلىدۇ.

پايدىلانمىلار:

1.  ئەخمەت مۆمىن تارىمى: « مەملىكىتىمىزدەيېڭى دەۋردە ئۇيغۇر تارىخىنىڭ  تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى»، «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » 2010-يىللىق 3-سان.

2.ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: «دۆلىتىمىزدە ئۇيغۇرتارىخى تەتقىقاتىنىڭ 60 يىلىغا نەزەر»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەرتەتقىقاتى»ژۇرنىلى 2010-يىللىق 2-سان.

3.جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى تۈزگەن    « ئۇيغۇرتارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا دائىر ئەسەرلەر كاتولوگى »، مىللەتلەر نەشرىياتى2000-يىلى 10-ئاي  خەنزۇچە 1-نەشرى


4.رەخىمە ئوسمان، خالىدەشاراخمان تۈزگەن« ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماقالىلەر كاتولوگى»، شىنجاڭ خەلقنەشرىياتى 1993-يىلى 8-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى

5.ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن«ئۇيغۇرچە نەشىرقىلىنغان ئەسەرلەر كاتولوگى»، شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى نەشرىياتى 2004-يىلى 7-ئاي ئويغۇرچە 1-نەشرى.

ئىلاۋە: بۇ ماقالىنىڭ تەكتى ئەسلى«شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى »نىڭ 2010-يىللىق 3-سانىدا « مەملىكىتىمىزدەيېڭى دەۋردە ئۇيغۇر تارىخىنىڭ  تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى»دېگەن نامدا ئېلان قىلىنغان، بۇ قېتىم قايتا تۇلۇقلىنىپ يېزىلدى،پايدىلانغۇچىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا  ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

0

تېما

3

دوست

1833

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22684
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 572
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 21:06:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگودا 20-ئەسىردىن بويانقى ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيەتى تەتقىقاتىنىڭ ئەھۋالى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر
ياخشى تېما، بولسا 20-ئەسردىن بۇرۇنقى تەتقىقاتلار بولسا داۋاملىق ئەۋەتكەيسىز.(مەسلەن 19-،18-ئەسىردىكى تەتقىقات ئەھۋالى دىگەندەك). ھارمىغايسىز ئاكا
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

1

دوست

1407

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1971
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 106
تۆھپە : 331
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 21:49:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلام ئەخمەتجان!
بۇ ناھايىتى مول-ھوسوللۇق ئەمگەك بوپتۇ، ئەجىرىڭىزگە رھمەت!
سىزگە، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە شۇنداقلا سىز ياخشى كۆرگەن ۋە سىزنى ياخشى كۆرگەن بارلىق كىشىلەرگە بەخىت تىلەيمەن!

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 02:21:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى ماتېريال ئىكەن....تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر!

2

تېما

24

دوست

3559

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3423
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 1021
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 09:00:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەبرە يوللىغان ۋاقتى  2014-5-5 21:06
جۇڭگودا 20-ئەسىردىن بويانقى ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيەتى ت ...

بۇ توغرىسىدا غالىب بارات ئەركنىڭ «چىڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت تارىخىغا دائىر ئەسەرلەر» (مۇشۇنداقراق ئىسىمدە قاپتۇ) دەپمۇ بىر ماقالىسى بولىدىغان.

1

تېما

2

دوست

1538

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17559
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 448
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 09:09:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى ماتېريال ئىكەن....تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر! مانا مۇشۇنداق تەتقىقات نەتىجىلىردىن ھەرۋاقىت خەۋەردار بولۇپ تۇرساق ياخشى بولىدىكەن

0

تېما

3

دوست

1833

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22684
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 572
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 11:23:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توغرىسىدا غالىب بارات ئەركنىڭ «چىڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت تارىخىغا دائىر ئەسەرلەر» (مۇشۇنداقراق ئىسىمدە قاپتۇ) دەپمۇ بىر ماقالىسى بولىدىغان.
بۇ ئەسەر قايسى ژورنالدا،قانچىنىچى يىللىق سانىدا تاپقىلى بولار؟

2

تېما

24

دوست

3559

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3423
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 1021
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 15:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەبرە يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 11:23
بۇ توغرىسىدا غالىب بارات ئەركنىڭ «چىڭ دەۋرىدىكى غەربى ...

ئۆتكەن يىلى بىر ژۇرنالدىن كۆرگەن. مەن ئىزدەپ باقاي.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )