مىنىڭ بىلىشىمچە ئانا-بالىلار مۇلازىمەت پونكىتى ئەسلىدە،ئانا-بالىلار ئۈچۈن قويلايلىق بولغان ساقلىقنى ساقلاش ،مەسلىھەت بىرىش ...قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىشى كېرەك ئىدى،ئەمما نۆۋەتتە قاراپ باقىدىغان بولساق بىر قىسىم جايلاردىكى ئانا-بالىلارخىزمەت پونكىتى ئادەمگە قاراپ،پۇلغا قاراپلا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان چىراي،ئاددىي ئىشنىمۇ تەسلەشتۈرۈپ بىر قېتىم كىلىەپ پۈتىدىغان ئىشنى بەش قېتىمدا پۈتتۈرۈپ ،تالاي دادىلارنى قاخشىتىپ ،تالاي ئانىلارنى قاخشىتىپ ،بىر ئىسىمنىڭ ئۆزىنىلا 100يۈئەن ئەتراپىدا قۇيۇپ يىزىپ ،پۇل ئېلىشنى ئاساس، مۇلازىمەتنى قۇشۇمچە ،مەسلىھەت بىرىشنى يوقنىڭ ئورنىدا قىلىپ ،ئىسمى -جىسمىغا لايىق پونكىت بولماي قالغىلى تۇردى ،مانا مەن 5قېتىم بېرىپ 3ئايغىچە بالامنىڭ كىچىككىنە تۇغۇلۇش ئىسپاتنى ئالالماي ئاۋارە بوپ يۈرگەن كاج تەلەي دادىلارنىڭ بىرى....
مانا نەچچە قېتىم باردىم ،چارشەنبە بارسام ،پەيشەنبە كەل دىدى،پەيشەنبە كەلسەم ،ئۇ بۈلۈمدىكىلەر بىر ئش بىلەن چىقىپ كەتكەن ،دۈشەنبە كەل دىدى،دۈشەنبە كەلسەم مەسئۇل خادىم يوق،يەنە بىر كۈنى كەلسەم دايىنجى (خەت ئۇرغۇچ) يوق،يەنە بىر كۈنى كەلسەم ،بولمىسىمۇ بولىدىغان قوشىۇمچە بىر ۋاراق يوق دىدى،ھەممىنى تۇلۇقلاپ يەنە كەلسەم ھەم چۈشكىچە ساقلاپ 4سائەت ساقلىغىنىمنىڭ جاۋابى يەنە شۇ نەس دايىنجى (خەت ئۇرغۇچ) بۇزۇق،يەنە چۈشتىن كىيىن كەلسەم ،خوتۇنۇڭنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلىسى يوق........دىگەندەك نۇرغۇن باھانىلار بىلەن يەنە نۇرغۇن مەندەك ئىشنىڭ يۇلىنى بىلمەي تۈزلا ئىش بېجىرىپ قالغانلارنى يەنە قايتۇردى....
توۋا شۇنچىۋالا يەردە بار بولغان ،ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى چاقىرىق قىلىۋاتقان ئاممىۋى لۇشىيەن بۇلاردا يوقمىدۇ؟؟؟
ئەجەبا ،ئەسلى نۇسخىسى بولسا ،فۇيىنى يوق ،فۇيىنى بولسا ئەسلىسى يوق....دەپ تۈگىمەس باھانىلارنى تېپىپ ،بىر بالىنىڭ نۇپۇسىنى ئالدۇراي دىگەنگە ئاشۇنچىۋالا ئاۋارە قىلىپ ،يىرااق يېزىدىكىلەر بىكارغا كىلىپ ،ئۆچرەتتە تۇرۇپ يېلىنىپ ،يالۋۇرۇپ ،بولمىغاندا پۇل تىقىپ خوشامەت قىلسا ،ياكى بىرەر باشلىقنى بىللە باشلاپ كىلەلىسە ئاندىن ئىش بېجىرىپ خەلىق ئۈچۈن خىزمەتنى مۇشۇنداق قانات يايدۇرامدىغاندۇ؟....
سىلەرنىڭچە تورداشلار ئادەمنى ئاساس قىلىش چاقىرىقى ئاستىدا ،رەسمىيەتنى ئاساس قىلىپ ،سۇنى لېيتىپ ،بېلىق تۇتۇپ ،ئاممىنى نارازى قىلىپ خىزمەت ئىشلەش ئۇلارچە ئاممىۋى لۇشىيەننىڭ يېڭىچە يۇلىمىدۇ؟....زادى قانداق قىلىش كېرەك....
ئاشۇ ئانىلارنى ،ئاشۇ دادىلارنى ئاشۇنچىلىك ئاۋارە ۋە نارازى قىلىپ ،ئانا -بالىلار خىزمىتىنى ئاشۇنداق ئېلىپ بارسا سۈرۈشتۈردىغان بىرەر ئۇرۇن يوقمىدۇ؟....
سىلەردىن شۇنى سوراپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ :ھەي ئانا -بالىلار مۇلازىمەت پونكىتى ،سىلەر <<ئانا -بالىلار مۇلازىمەت پونكىتى>>مۇ ياكى <<
ئانا -بالىلار ،ئاتىلار قەلبىنى مۇزلىتىش پونكىتىمۇ>>....
مەنبە:كۇچا ناھىيلىك ئانا -بالىلار مۇلازىمەت پونكىتىدا ئۆزەم يۇلۇققان ئىشلار...
ۋاقتى :بۈگۈن دۈشەنبە پۈتۈن كۈندىكى تەسراتلىرىم . |