قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1195|ئىنكاس: 12

دوپپا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

37

دوست

4924

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1549
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 06:59:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulquddus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-6 11:44  



ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي باش كىيىمى
دوپپا

بادەم دوپپا ، چىمەن دوپپا ... گۈزەل ئۇيغۇرغا شان دوپپا ،
جېمى ئالەمگەمەشھۇر بول ، بەخت - ئارزۇمغا جان دوپپا .
جاھان ئارا سىنىڭ كەبى ياراشىملىق تاجىم نەدە ؟
  كۆزۈمگەمىڭ سۈرەي سىنى ، كۆزۈم نۇرى بايان دوپپا!!!
كۆپلەر ئىزدىشەركىملىك قۇرۇق قەغەز ۋاراقىدىن ،
مىنىڭ ھەقىقى كىملىكىم بىر سەندە ئايان دوپپا.
ئۇزاق ئەسىر كى يىل بۇيى ئېزىز ئەجدادىمىز كەيگەن،
كۆرمىگىم بۈگۈن بەك تەس ، كىتىپ قالدىڭ قايان دوپپا.
قارايمەن سىنجىلاپ ھەرچاغ : ئۇ كىم ، قايسى مىللەت بۇ ؟؟؟ ،
بىلەلمەي گاڭگىراپ دەيمەن :  مەڭگۈ بول ئامان دوپپا.
كىيىپ باقسۇن ژىگىت –قىزلار گۈزەللىشەر ئەجەپ ھەيۋەت ،
كىشىنىڭ مەسلىگى كېلۈر ، بولۇر ھەم شادىمان دوپپا.
گۈھەرىم سەن، گۈزەلىم سەن ، سېنىڭسىز ياشىماق زۇلمەت!
قاراڭغۇ تۈن كېچىلەرمۇ يۈرەك ئوينار جانان دوپپا !
سېنىڭدە بار ئەجەپ مەنا ، قىلىچ ، قورغان ، گۈلى رەنا،
چۈشەنگەنلەر بولۇر دانا ، ئېقىلغا پاسىۋان دوپپا .
سېنىڭ ئۆزگە سىياقىڭدىن ، ئەجەپ گۈزەل سىمارىڭدىن ،
ۋە بەلكى ئوت –پىراقىڭدىن كۈيەر ماھى تابان دوپپا .
ئاتا– ئانام كى ئەجدادىم بىلەتتى تۇتىيا سېنى ،
ئايرىلماس ئىدى ئەسلا دالايۇ ـ تاغ – داۋان ، دوپپا.
شۇڭا باشتىن چۈشۈرمەيمەن، دۇنياغا تىگىشمەيمەن ،
ھىكمىتىڭ كى خىسلىتىڭ ، كۈيلىسەم داستان دوپپا.
خەپ دەيمەن ئاشۇ گىلدىڭ چاكاندا باش سەتەڭلەرگە ،
قانداقمۇ ياشايدىكىن، سېنى تاشلاپ ھامان دوپپا .
گاھ بەكمۇ ئېچىنىمەن ، قايغۇغا چۆكۈپ ئاندىن ،
ۋاقرايمەن،  ئۆزلۈك ئۆلسە ھالىمىز يامان دوپپا !!!
ئاگاھ بولغاي جېمى خەلقىم بۇ قىسمەتنىڭ ئازابىدىن.
كۇلاھۇ- جەندىدىن ئارتۇق كۆرۈلگەي ھەرزامان دوپپا.
تىلەيمەن ئەي ئۇلۇق ئاللاھ ! ئايرىما ئەبەت ئەسلا ،
قەدىردان مىللىتىم ئۈچۈن بولۇپ قالغاي ياران دوپپا..... !!!


* * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * *
مۇبارەك ئەي گۈزەل دوپپا ،ھىكمەتلىك مەسەل دوپپا ،
ئۇيغۇرلۇق شەرەپىگە مەڭگۈلۈك غەزەل دوپپا  !!!



ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 11:28:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تەستىقتىن ئۈتۇپتۇ . مۇبارەك بولسۇن !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

2075

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13257
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 621
توردىكى ۋاقتى: 316
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 13:22:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل شېئركەن،ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

2

تېما

37

دوست

4924

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1549
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 14:36:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sunay يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 13:33
يەنە شۇ دوپپىنىڭ گېپى.دوپپىچىلارنىڭ تور بېتى يوقالغان ...

بىرئاز سوغۇققان بولۇڭ قېرىندىشىم.
ھەر كىيىمنىڭ ۋاختى بولىدۇ. ئەمما ئۆرپ -ئادەت مەسىلىسىنى ئىسلامدا چەكلىگەن بولسا دەلىل كەلتۈرۈپ بېقىڭ. ئەمدى، «دوپپا» ئاتالغۇسىنى كىم قانداق مەخسەتتە قوللىنىدۇ، بۇنى ئۆزى بىلىدۇ. ئوخشاشلا «دوپپا» تورىنى قۇرغان ۋە يامان غەرەزدە بولغانلار بىلەن مىللىي ئۆرپ- ئادىتىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلغانلارنى قوشۇپ يامان كۆز، يامان سۆز بىلەن مۇئامىلە قىلساق ياخشى بولماس.

1

تېما

7

دوست

4332

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22857
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1266
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 17:05:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ زىھنىڭىزنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلسۇن،قېرىندىشىم.
ناھايىتى دەل پەيتلەردە ئېلان قىلىنغان سەرخىل مارش بولدى بۇ.

1

تېما

7

دوست

4332

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22857
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1266
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 17:09:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdulquddus يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 14:36
بىرئاز سوغۇققان بولۇڭ قېرىندىشىم.
ھەر كىيىمنىڭ ۋاختى  ...

ئۇنداق كىشىلەرگە ئېتىبار بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق،''دەلىل كەلتۈرۈڭ ''دېسىڭىز تازا بەدبۇي ھاقارەتتىن بىرنى كەلتۈرۈپ ،كۈتكىنىڭىزنى پايخان قىلىدۇ،خالاس.

1

تېما

1

دوست

1546

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21777
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 462
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 22:05:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
YAVUZ يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 17:09
ئۇنداق كىشىلەرگە ئېتىبار بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق،''دەلىل  ...

توغرا  گەپ  . قارىغاندا بۇ سۇناي دىگەن مەخسۇس ئوڭ - تەتۈر ئنكاس يېزىپ  مۇنبەرنى قالايمىقان قىلغىلى ئالايىتەن تىزىملىتىپ  كىرگەن ماشكا ئوخشايدۇ ، دىققەت قىلىڭلار قېرىنداشلار .  چىشلەپ قويمىسۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )