گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا (ئەخمەت مۆمىن تارىمى، شىنجاڭ خەلقنەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)
قىسقىچەمەزمۇنى : مەزكۇر ماقالىدە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قانداقتۇر تەشكىلسىز ھالدا ھەرتەرەپكە كۆچمەستىن ، بەلكى تەشكىللىك ھالدا ئىككى يۆنىلش بۇيىچە غەربكە ۋە جەنۇبقاكۆچكەنلىكى، ئاخىرىدا خانلىقنى قايتا قۇرۇش ئۈمىدى يوققا چىققاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇلارنىڭ بىرقىسمىنىڭ يېڭى ھاكىمىيەت ــــ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغانلىقىمۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
تەخمىنەن مىلادىيە 745 -يىلى موڭغۇل يايلىقىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى كۈچىيىپ،كېيىنكى شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزۈپ ، ئۆتۈكەن تېغى باغرىنى مەركەز قىلىپ ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. ﺋﻮرﺧﯘنﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪا، ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 832 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ خانلىق تاﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻛﯜرەﺷﻠﯩﺮى ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ئوردىدىكى ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪرﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﮬﻪﺳﻪﺗﺨﻮرﻟﯘق، ﻣﻪزﮬﻪﭘﯟازﻟﯩﻖ، ﮔﯘرۇﮬﯟازﻟﯩﻖ ﻳﺎﻣﺮاپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن 840 -ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯩﻠﺪﯨلا ﺋﺎرﻗﺎ - ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜچ ﻗﺎﻏﺎن ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﻪك ﺋﻪﮬﯟال كۆرۈلدى. ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪر ئارىسىدىمۇ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜش ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎڭﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ۋە ﺷﺎداﭘﯩﺘلار (ﭼﯚل ﺗﯜرﻛﻠﯩﺮى) ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎنلىقىغا خىرىسقىلىپ ، ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﭘﺎرﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﻪﺗﺘﻰ، بولۇپمۇ ﻳﯧﻨﺴﻪي دەرﻳﺎﺳﻰ ۋادﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩﻴﻤﻪت ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ ﻛﯩﺮﯨﺶﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻘﯩﻐﺎ چۈشتى. ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ، ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﺮى ۋە ﺋﻮردا ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮى ﻏﻪﭘﻠﻪت ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻤﺎي، ﻳﻪﻧﯩلا ﮬﻮﻗﯘق، ﻣﺎل- ﻣﯜﻟﯜك، ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎز ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻧﯩﺰاغا پاتتى. ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 839 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘﻳﺮۇقﭼﯘرۇق ﻗﯘت ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮۇق ﺋﯩﻨﻪﻳﯜن ﻛﯚل ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﻳﻐﺎ ﺗﯧﻜﯩﻨﻨﻰ ﺋﯩﺴﻴﺎن ﻛﯚﺗﯜرۈشﻏﻪرﯨﺰﯨﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯚﻟﺘﯜرۈۋەﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻧﺎرازى ﺑﻮﻟﯘپ، ﺷﺎداﭘﯩﺘلارﻧﯩﯔﺋﺎﻗﺴﺎﻗﯩﻠﻰ ﻗﻮي ﻳﻪشىنگە 300 ﺗﯘﻳﺎق ﺋﺎﺗﻨﻰ ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﺎداﭘﯩﺖ ئەسكەرلىرىنىﺋﺎرﯨﻴﻪت ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻗﯘت ﻗﺎﻏﺎﻧﻐﺎ ﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﺪى، ﻗﯘت ﻗﺎﻏﺎن ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚزﯨﻨﻰﺋﯚﻟﺘﯜرۈۋاﻟﺪى. ﺑﯘﻳﺮۇق ﭼﯘرۇق ﻗﯘﺷﯘۋ(قازار) ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﻳﯚﻟﻪپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯚزىﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪت ﻳﯜرﮔﯜزدى. دەل ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ «ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪا ۋاﺑﺎ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ، يەنە ﻗﺎﺗﺘﯩﻖﻗﺎر ﻳﯧﻐﯩﭗ، ﻗﻮي، ﺋﺎﺗلارﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪرﻧﻰ ﺋﺎﭼﺎرﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﭘلاپ، ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪر ﻳﻮﻟلاردا دۆۋﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ»(«ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»). ئەلنىڭ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪر ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻤﯘ، ﮬﯚﻛﯜﻣﺮانلارﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﻪﭘﺮﯨﻘﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻳلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﺑﻪﻟﻜﻰ چېكىگە ﻳﻪﺗﺘﻰ. 840 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺷﯘۋ ﻗﺎﻏﺎن ۋە ﺑﯘﻳﺮۇق ﭼﯘرۇﻗﻘﺎ ﻧﺎرازى ﺑﻮﻟﯘپﻳﯜرﮔﻪن ﺳﺎﻧﻐﯘن ﻛﯜﻟﯜگ ﺑﺎﻏﺎ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎق ﺗﯜزۈپ، 100 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘنىنى ﺑﺎﺷلاپ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ قارابالغاسۇن ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﻗﯘﺷﯘۋ ﻗﺎﻏﺎننى ۋە ﺑﯘﻳﺮۇق ﭼﯘرۇﻗﻨﻰ ﻗﻪﺗﻞ ﻗﯩﻠﺪى، ﺷﻪﮬﻪرﮔﻪ ﺋﻮت ﻗﻮﻳﯘپ، ﺋﻮردﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻣﺎل -ﻣﯜﻟﯜﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯘلاڭ - ﺗﺎلاڭ ﻗﯩﻠﺪى، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﭘﻪﺗﻨﯩﯔ، ۋاﺑﺎﻧﯩﯔ ۋە ﻛﯜﻟﯜگﺑﺎﻏﺎ بىلەن ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷلاپ زەرﺑﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎن ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘرﻟﯩﺮى ئېغىركۈلپەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷلاپ، قېرىنداشلىرىنىڭ يەرلىرىگە كۆچۈشكەباشلىدى.
ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى ھەققىدە «كونا تاڭنامە . ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە: «كۈلۈگ باغا چۇرۇقتىن نارازى بولۇپ، قىرغىزلارنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ كېلىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھىرىنى ۋەيران قىلدى. قۇشۇۋ قاغان بىلەن چۇرۇقنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، ئۇيغۇرلار ھەرقايسى تەرەپلەرگە تىرىپىرەن بولۇپ كەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇيرۇقى ساجى (سابچى)، قاغاننىڭ جىيەنى پان تېكىن (ياكى مەڭلىك تېكىن) ۋە ئىنىسىنارۇ (ياكى نېفىن) قاتارلىق بەش ئاكا - ئۇكا ئون بەش قەبىلىنى باشلاپ غەربكەقارلۇقلار تەرەپكە ماڭدى. بىر قىسمى تىبەتلەر يېرىگە ،يەنە بىر قىسمى ئەنشىگە (ھازىرقى كۇچا، قاراشەھەر ئەتراپى)كەتتى. قاغان ئوردىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئون ئۈچ قەبىلە ئۇكا تېكىننى قاغان قىلىپ تىكلەپ، جەنۇبقا كۆچۈپ كېلىپ خەنزۇلارغا بېقىندى »(1)دەپ خاتىرىلەنگەن بولسا، «يېڭى تاڭنامە ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى »دە: «كۈلۈگ باغاقىرغىزلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. قاغان ۋە چۇرۇق ئۆلتۈرۈلدى، قوۋملىرى تىرىپىرەن بولۇپ كەتتى. ۋەزىر ساجى ۋە مەڭلىك تېكىن (پان تېكىن) ئون بەش قەبىلىنى باشلاپ قارلۇقلار تەرەپكە كەتتى. بىر تارمىقى تىبەتلەر يېرىگە ، يەنە بىر تارمىقى ئەنشىگە (ھازىرقى كۇچا، قاراشەھەر ئەتراپى)كەتتى. قاغان ئوردىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئون ئۈچ قەبىلە ئۇكا تېكىننى قاغان قىلىپ تىكلەپ، جەنۇبقا كېلىپ ئورۇنلاشتى » (2)دەپ خاتىرىلەنگەن. «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»نىڭ 264 ـ جىلىدىدا بولسا :«... ئۇلارنىڭ ۋەزىرى ، پان تېكىن قاتارلىقلار 15 قەبىلە بىلەن قارلۇقلارتەرەپكە ماڭدى. بىر قىسىمى تىبەتلەر يېرىگە، بىر قىسىمى ئەنشىگە (ھازىرقى كۇچا،قاراشەھەر ئەتراپى) كىردى»(3) دېيىلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار چوڭ جەھەتتىن ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ غەربكە ۋە جەنۇبقاكۆچكەن. ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىمكى، ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن قارابالغاسۇننىڭ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ۋەﻳﺮان ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈﻟﯜﺷﻰﺋﻮرﺧﯘن دەرياسى ۋادﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﯩﻜﻰ ﺟﺎﻳلارﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜپﻛﯧﺘﯩﺸﻰ، ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ دﯦﺮەك ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪۇ.ﭼﯜﻧﻜﻰ، «ﻛﯚﭼﻤﻪن ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ دۆﻟﻪت ﺗﻪﺷﻜﯩلاﺗﻠﯩﺮى ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﺮەك دۈﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔﮬﯘﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻧﺪا ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﭼﻮڭ ﭼﯩﻘﯩﻤلارﻏﺎ ئۇچرايدۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘلاردا ﺗﻮﻟﯘقﻣﯘﻧﻘﻪرز ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎز دﯦﮕﻪﻧﺪە ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰﺑﺎر: ﺑﯩﺮى، دۈﺷﻤﻪن ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﺪە ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎراﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﯩﺮاق راﻳﻮﻧلارﻏﺎ(ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪرﺗﯩﭙﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪا) ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺶ؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪتﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯘلاﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘرۇﺷﯩﻐﺎﺋﯩﺸﺘﯩﺮاك ﻗﯩﻠﯩﺶ»(4). ﮔﻪرﭼﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلارﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴىمۇ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮان سىنىپىنى ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﯟﯦﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪن ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪۇراﻟﻤﯩﻐﺎن، ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺎ -ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﺮى، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮى، ئەمەلدارلىرى، ﺋﯧﺴﯩﻠﺰادە ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻳﻪﻧﯩلاﺋﯚز ﻗﻮۋﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮول ﻗﯩﻠﯩﭗ تۇرغان. ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆچۈشى قانداقتۇر بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي بۆلىكىنىڭلا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزىي رايونى بولۇپ كېلىۋاتقان موڭغۇل يايلىقىدىن يەنە شۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان، ئۆز قېرىنداشلىرى بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان خېشى كارىدورى ۋە جۇڭغار، تارىم رايونلىرىغا يۆتكىلىشى ئىدى(5).شۇنداقتىمۇ ،بۇ يەردە ئۇلارنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ بىر يۆنىلىش بۇيىچە كۆچمەي، ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ ئىككى يۆنىلىش بويىچە كۆچۈشى تولىمۇ دىققەتنى تارتىدۇ.تۆۋەندە بۇھەقتە توختىلىمىز.
جەنۇپقا كۆچكەنلەر: 840-يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى قارابالغاسۇننىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى 13 قەبىلە قۇشۇۋ(قازار)قاغاننىڭ ئىنىسى ئۇكا تېكىننىڭ باشچىلىقىدا جەنۇبقا مېڭىپ، مىلادىيە 841-يىلى ئۇكاتېكىننى قاغان قىلىپ تىكلىگەن. ئۇ ئەمەلىيەتتە ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى ئىدى(6). بۇيەردە، نېمە ئۈچۈن ئۇكا قاغان ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى چىقىش يولى بولمىغان ۋەزىيەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ باشقا بىر رايونغا، مەسلەن،شەرققە ياكى غەرب تەرەپتىكى خېشى رايونىغا ۋەياكى ئۇنىڭدىنمۇ يىراقراق جايلارغاتەشكىللىك ھالدا كۆچۈپ كېتىشكە ئۇرۇنۇپ كۆرمىگەندۇ؟ دېگەن سۇئال تۇغۇلىدۇ.ئۇمۇمەن، ۋەزىيەت مۇنداق كۆچۈشكە قولايلىق بولمىغان بولسا كېرەك. بىرىنچىدىن،شەرققە يۈرىدىغان يول قىتانلار تەرپىدىن بوغۇپ قويۇلغان بولۇپ، قىتانلارنىڭئىگىلىگەن يەرلىرى شۇ چاغلاردا سەددىچىنگە تاقىلايلا دەپ قالغانىدى. ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋاقىتلاردا ، قىتانلارنىڭ بىر قىسىمى ئۇيغۇرلارغائىتائەت قىلىپ تۇرغاندا شەكىللىنىپ قالغان ئۆز ئارا دۈشمەنلىك مۇناسىۋەتنى نەزەردەتۇتقاندا، شەرق تەرەپكە يۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئىككىنچىدىن، غەرب تەرەپتىكىگەنسۇ(خېشى رايونى) شۇ چاغلاردا يەنىلا تىبەتلەرنىڭ قولىدا ئىدى، بۇ رايونلارغابۇرۇنلا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقىسمى تىبەتلەرگە ئىتائەت قىلغان، بىرقىسىمى مۇستەقىل تۇرىۋېرىپ، تىبەتلەرنىڭ تېررىتورىيىسىنىڭ ئەڭ ئۈنۈمسىز چۆل ۋەيېرىم چۆل يەرلىرىدە كۆچۈپ يۈرگەنىدى. شۇڭا،ئۇكا قاغانغا ئەگەشكەن ئۇيغۇرلار سەددىچىن بويىدا قېلىپ، ئانچە –مۇنچە كۈچلىنىۋالغاندىن كېيىن، يەنە شىمالغا قايتىپ كېتىمىزغۇ ، دېگەن ئۈمىدتەبولغان بولسا كېرەك(7).
ئۇكا قاغانغائەگەشكەن ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان بۇرۇنقى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ،ئۇلاردىن ئات-يىپەك سودىسىدا قەرز قالغان ماللارنى ئېلىش ئارقىلىق ھاللىنىۋېلىشنى ھەم ئەسكەر ئارىيەت ئېلىپ سەلتەنەتىنى قايتا تىكلەشنى كۆزلەپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنۋۇ، تيەندې چېگرا رايونىغا بارغان بولسىمۇ ، ئۇزاق ئۆتمەي تاڭ سۇلالىسى ۋە قىرغىزلارنىڭ زەربىسى ئاستىدا پىتىراپ كەتكەن. «كونا تاڭنامە» ۋە «يېڭى تاڭنامە»دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇكاقاغان مىلادىيە 846 – يىلى ئىچكى .موڭغۇلدىكى ئالتۇن تاغدا قول ئاستىدىكى بۇيرۇقى يىنچۇر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.ئۇنىڭ ئىنىسى ئوكنىر (ئىنان ) تېكىن قاغان بولغان. بۇ چاغدا ئوكنېر قاغاننىڭ ئەتراپىدىكى ئادىمى 5000 غىمۇ يەتمەيتتى. ئۇلار نائىلاج قۇمۇقلارنىڭ قېشىغا پاناھ تارتىپ بارغان (قۇمۇقلار ئەسلىدە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا قارام قەبىلە ئىدى).847- يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ لولۇڭ رايونىنىڭ ھىراۋولى جاڭ جۇنۋۇ ئوكنىر قاغان ۋە ئۇنىڭ قوۋمىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش مەقسىتىدە قۇمۇقلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغاندا، ئوكنىر قاغان ۋە ئۇنىڭ ئابرۇيلۇق بەگلىرىدىن بولۇپ 500 كىشى شىرۋىلارنىڭ قېشىغا پاناھ تارتىپ بارغان (شىرۋىلارمۇ ئەسلىدە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا قارام قەبىلە ئىدى). كېيىن ئۇلار تاڭ سۇلالىسى لەشكەرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمىدا ئۇيەرلەردىمۇ تۇرالماي، ئوكنىر قاغان ۋە ئايالى قارلۇي، ئوغلى دوس تېكىن قاتارلىق توققۇز كىشى غەربكە قېچىپ كەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان(8).كېيىن قىرغىزلار يەنە يەتتە تۈمەن لەشكەر چىقىرىپ شىرۋىلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، «ئۇلارنىڭ يېرىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى چۆللۈكنىڭ شىمالىغا ئېلىپ كەتكەن. باشقا جايدىكىلىرى بولسا پىتراپ كەتكەن » (9). قىرغىزلار تەرىپىدىن « چۆللۈكنىڭ شىمالىغا ئېلىپ كېتىلگەن» ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندە كۈچمەي قېلىپقالغان ئۇيغۇرلار كېيىن قىتانلارغا (لياۋ سۇلالىسىگە) بېقىنىپ، يەنىلا «ئۇيغۇر»دېگەن نام بىلەن تارىخ نامىلەردە كۆرۈلگەن، كېيىنچە مۇڭغۇللار، ياقۇتلار، تۇۋالارغاسىڭىپ كەتكەن(10). پىتىراپ كەتكەن ئۇيغۇرلار بولسا ئېرغۇنا دەرياسىنى بۇيلاپ جەنۇبقا كۆچۈپ، تىىبەتلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى خېشى رايۇنىغا كىلىپ ماكانلاشقان. ئۇلارنىڭ غەربكە كۆچۈپ تەڭرىتېغى ئەتراپىغا بارماي، جەنۇبقا كۆچۈپ خېشىغا كېلىشىدە ئىچكى – تاشقى سەۋەبلەر بولسا كېرەك. يەنى، بىرىنچىدىن، خېشى رايۇنىدا ئەسلىدىنلا ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ماكانلىشىپ كەلگەن بۇلۇپ، بۇ جاي يەنەياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ كۈچلەنگەن جايى بولغان؛ ئىككىنچىدىن، ياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ تىبەتلەر بىلەن ناھايتى يېقىن ئالاقىسى بولغان. ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى مەزھەپ كۈرىشى تۈپەيلىدىن ئۇلار پان تېكىننىڭ ئىتائىتىگە ئۆتۈشنى خالىمىغان. تۆتىنچىدىن، 842 – يىلى يازدا قىرغىزلار غەربكە كۆچكەن پان تېكىن باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلىگە ئىككىنچى قېتىم زەربە بېرىپ، ئۇلارنى قاتتىق زىيانغائۇچراتقان ھەم تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىنى ئىگلىۋالغان (11). بۇ«تىبەتلەرگە بېقىنغانلار»مۇ غەربكە كۆچكەنلەر ئىچىدىكى «تىبەتلەر يېرىگەكەتكەنلەر»گە ئوخشاش ئاساسلىقى گەنجۇ قاتارلىق جايلارغا كەلگەن.بۇھەقتە «بەش دەۋرگە ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر»28-جىلدىدا ئېنىق ھالدا تيەندې، جېنۋۇئەتراپلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تالاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن«قالدۇقلىرى غەربكە كېتىپ،تىبەتلەرگە بېقىنىپ، گەنجۇغا ماكانلاشتى»(12) دېيىلگەن.
غەربكە كۆچكەنلەر: «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە»، «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»دىكى خاتىرىلەر بويىچە ئۇزۇندىن بۇيان بەزى تەتقىقاتچىلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر قوۋملىرى ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچكەن، بىر قىسىمى قارلۇقلار تەرەپكە ماڭغان، بىرقىسىمى ئەنشىگە، بەشبالىققا ۋە قۇچۇ(تۇرپان)غا ماكانلاشقان، بىر قىسىمى تىبەتلەريېرىگە كىرىپ گەنجۇغا ماكانلاشقان، دەپ قارايدۇ.بۇ يەردە غەربنى نىشانلاپ ماڭغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇچە چېچىلىپ كېتىشى كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە،غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار دەسلەپتە بەشبالىق ئەتراپىدىكى قارلۇقلارنىڭ يېرىگەكەلگەن بولۇشى، كېيىن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكتىن (يەنى قىرغىزئاقسۆڭەكلىرى ئورخۇن دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىنى ئىشغال قىلغانلىقىغىلا قانائەت قىلماي، پېتىراپ كەتكەن ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق قوغلاپ زەربە بەرگەن بولۇپ، 842 – يىلى يازدا ئۇلارغەربكە كۆچكەن پان تېكىن باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلىگە ئىككىنچى قېتىم زەربە بېرىپ،ئۇلارنى قاتتىق زىيانغا ئۇچراتقان)، ئامالسىز بىر قىسىمى تىبەتلەر يېرىگە ـــگەنجۇغا ، بىرقىسمى ئەنشىگە كەتكەن بولۇشىمۇمكىن(13). كونكىرىت ئېيتقاندا، «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە»، «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دىكى «غەربكە قارلۇقلارتەرەپكە كەتتى» دېيىلگەن ئۇيغۇرلاردەسلەپتە ئالتاي تېغىدىن ئۆتۈپ جۇڭغارىيەدىكى قارلۇقلارنىڭ قېشىغا كەلگەن. تارىخنامىلەردە خاتىرىلىنىشىچە، قارلۇقلار ئەسلىدە بۇلاگ، چىگىل،تاشلىك قاتارلىق ئۈچ قەبىلىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دەسلىپىدە قۇمۇلنىڭ غەربى،قاراشەھەرنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا تەڭرى تېغىنى بويلاپ جايلاشقان.8 - ئەسىرنىڭئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن چۇ دەرياسى، تالاس دەرياسى ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى بويىدىكى جايلارغىچە يېتىپ بارغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا كىرگەن.ئەمما 746-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىل تىبەتلەر، شاداپىت تۈركلىرى ۋەقىرغىزلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىقىشقائورۇنغان. كېيىن قۇتلۇق قاغان (795-805- يىللار) ۋە كۈلۈگ بىلگە قاغان(805-808-يىللار) دەۋرىدە ئۇيغۇرلار بېشبالىق(جىمىسار ئەتراپى)، ئەنشى (كۇچا،قاراشەھەر ئەتراپى ) ۋە بالاساغۇن قاتارلىق جايلارنى قوشۇن تۇرغۇزۇپ، ئەمەلدارئەۋەتىپ ئىدارە قىلغان، نەتىجىدە قارلۇقلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىتائىتىگە ئۆتكەن.دېمەك ، «غەربكە قارلۇقلار تەرەپكە كەتكەن» ئۇيغۇرلار ئەمەلىيەتتە ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كېلىۋاتقان جۇڭغارىيەدىكى قارلۇقلارنىڭ يېنىغاكەلگەن(14). ۋاھالەنكى، بۇلار تېخى مۇستەھكەملىنى پ بولالمىغاچقا، قىرغىزلارنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ بولالماي، بىرقىسىمى يەنىلا تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدا قېلىپ قىرغىزلار بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرغاندىنباشقا، بىر قىسىمى تىبەتلەر ئىگىلەپ تۇرغان خېشى كارىدورىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قېشىغاــــ گەنجۇ ، لياڭجۇ، چىنجۇ، سۇجۇ ئەتراپلىرىغا كەتكەن.مانا بۇلار تارىخنامىلەردە «تىبەتلەريېرىگە كەتتى» دېيىلگەن ئۇيغۇرلاردۇر. يەنە بىر قىسىمى پان تېكىن باشچىلىقىدا تەڭرىتېغىدىن ئۆتۈپ ئەنشىگە ــــ قاراشەھەر، كۇچا ئەتراپىغا كەلگەن.مانا بۇلار«ئەنشىگە كەتتى» دېيىلگەن ئۇيغۇرلاردۇر. يەنە بىر قىسمى بولسايەتتىسۇ،سۇياب دەرياسى ۋە پامىر ئەتراپىغا كېلىپ ماكانلاشقان(15). بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار غەربكە ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ ئەمەس، بەلكى بىر تارماق بويىچە كۆچكەن بولۇپ ، كېيىن قىرغىزلارنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشى تۈپەيلىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن(16).
پان تېكىن باشچىلىقىدىكى بىرقىسىم ئۇيغۇرلار ئەنشىگەــــ قاراشەھەر، كۇچا ئەتراپىغا كەلگەندىن كېيىن ، 842-يىلى پان تېكىن ئۆزىنى ياب غۇدەپ جاكارلىغان. چۈنكى بۇچاغدا جەنۇپقا كۆچكەن ئۇيغۇرلار تىكلىگەن ئۇكا قاغان تېخى ھايات ئىدى ھەم ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق قاغانى ئىدى. كېيىن پانتېكىن ئۇكا قاغاننىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئىنىسى ئوكنىر(ئىنان) قاغان ۋەئادەملىرىنىڭ پىتىراپ كەتكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن 848 – يىلى 1 – ئايدا ئۆزىنىقاغان دەپ ئاتاپ(17)، ھاكىمىيەت تىكلىگەن(تەتقىقاتچىلار بۇ ھاكىمىيەتنى «غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتى» دەپ ئاتايدۇ). ۋاھالەنكى، كېيىنچە «ھاكىمىيەتتەمالىمانچىلىق يۈز بەرگەن»، يەنى 870-يىلى ئەتراپىدا پان تېكىن بەشبالىقتىكى سەردارى بۆگۈچىن(بۆگۈ تېكىن) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، قاغان ئۇرۇقىدىكىلەر سىرتقاكېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلاردىن بىرقىسمى گۇاجۇ، شاجۇغاكەتكەن(18).
يوقۇرقىلاردىن قارىغاندا، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن خېشى رايونىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر نەچچە تۈركۈم بولۇپ،بۇلارنى ئاساسەن ئۈچ تۈركۈمگە باشچىلىقىدىكى غەربكە كۆچكەن 15 قەبىلىدىن « تىبەتلەر يېرىگە كەتكەنلەر »،ئىككىنچى تۈركۈمى « جەنۇبقا كۆچۈپ كەلگەن » « قاغان ئوردىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى13 قەبىلە » نىڭ بىر قىسىمى، ئۈچىنچى تۈركۈمى بولسا پان تېكىن باشچىلىقىدىكى ئەنشىگە كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىن يەنە شەرققە كۈچۈپخېشىغا كەلگەن بىر قىسىمىدۇر. ئۇلار گەنجۇ( ھازىرقى گەنسۇدىكىجاڭيې ئەتراپى) غىلا ئەمەس، بەلكى چىنجۇ( تيەنشۈي ئەتراپى)، لياڭجۇ (ۋۇۋېي ئەتراپى) ، لەنجۇ، گۇاجۇ، شاجۇ ( دۇنخۇاڭ ئەتراپى)، سۇجۇ ( ھازىرقىگەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۇەن رايونى) قاتارلىق جايلارغىمۇ كەلگەن(19).ئۇلار 7-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپلا خېشى رايونىغا كىرگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىبىلەن بىرلىشىپ بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىنى زورايتقان.
پان تېكىن 848-يىلى ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ يېڭى ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى (غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتى)نى تىكلىگەندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە ھەممەجايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ، جۈملىدىن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ھەم خېشىرايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق سەردارى بولۇپ قالغان. شۇنىڭبىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەركىزى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا يۆتكەلگەن(20).تەتقىقاتچىلاربۇ ھەقتە توختىلىپ: « پان تېكىن ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇ خېشىۋادىسى، پامىرنىڭ غەربى، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭئورتاق غوجىسى بولۇپ قالدى. بۇ ئۈچ بۆلەك ئۇيغۇرلار چېچىلاڭغۇ غەربىي ئۇيغۇرھاكىمىيىتىنى قۇراشتۇرۇپ چىقتى» دەيدۇ(21).
پان تېكىننىڭ ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ يېڭى ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ چىققان جايى توغرىسىدا «كونا تاڭنامە . ئۇيغۇرلارتەزكىرىسى »دە « ئەنشىدە ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىدى» دېيىلگەن، «ئەلنى ئىدارەقىلىشقاپايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»دە بولسا «ئالدى بىلەن ئەنشىگەكېلىپ ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، ئاندىن گەنجۇغا ئورۇنلاشتى»دېيىلگەن، « سوڭ سۇلالىسى تارىخى. ئۇيغۇرلارھەققىدە قىسسە » دە بولسا « .... ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ،گەنجۇ، شاجۇ، شىجۇ(تۇرپان)نى ئىلكىگە ئالدى. ئەمما ئىلگىرىكى گۈللىنىشنى ئەسلىگەكەلتۈرەلمىدى» دېيىلگەن بولۇپ، خاتىرىلەر ھەر خىل. بۇنىڭغا ئاساسەن بەزىلەر پان تېكىننى گەنجۇدا تۇرغان دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش تەس.«ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»دىكى «ئالدى بىلەن ئەنشىگەكېلىپ ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ،ئاندىن گەنجۇغا ئورۇنلاشتى» دېگەن باياندىن قارىغاندا، ئېھتىمال پان تېكىن قاغان دەپ ئاتىلىپ خېشى ۋادىسى، پامىرنىڭ غەربى،تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق قاغانى بولۇپ، بۇ ئۈچ بۆلەك ئۇيغۇرلار ئورتاق بىر ھاكىمىيەتنى شەكىللەندۈرگەن چاغدا، تاڭ سۇلالسىدىكىلەربۇ ئۈچ بۆلەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىپ بولالمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ پەقەت گەنجۇنى مەركەز قىلىپ خېشى ۋادىسىدىكى ھەرقايسى جايلارغاتارقالغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىقى يېقىن ھەم بىۋاسىتە ئالاقىسى بولغاچقا، ئۇلارخاتا ھالدا پان تېكىننى گەنجۇدا دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا « سوڭ سۇلالىسى تارىخى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە » دىكى « .... ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ،گەنجۇ، شاجۇ، شىجۇ(تۇرپان)نى ئىلكىگە ئالدى. ئەمما ئىلگىرىكى گۈللىنىشنى ئەسلىگەكەلتۈرەلمىدى» دېيىلگەن باياننىمۇ « .... ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ، ( ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ) گەنجۇ، شاجۇ، شىجۇ(تۇرپان)نى ئىلكىگە ئالدى. ئەممائىلگىرىكى گۈللىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى»دەپ چۈشنىش كېرەك(22). شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، مەيلى ئەرەبچە ياكى پارسچە تارىخىي ماتېرىياللار بولسۇن ۋە ياكى خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللار بولسۇن ھەممىسى بىردەك پان تېكىننىڭ ئەنشى، يەنى كۇچا، قاراشەھەرئەتراپىدا قاغان ئاتالغانلىقىنى ھەر تەرەپتىن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ (23).
خېشىرايونىغا ماكانلىشىپ تىبەتلەرگە بېقىنغانئۇيغۇرلار يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك دەسلەپتە پان تېكىننى ئورتاق سەرداردەپ تونۇغان ھەم بىرلىككە كېلىشنى، تەرەققىي قىلىشنى ئىستىگەن. ئەمما ھە دېگەندىلا بۇ ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن . بۇنىڭدا ئۇلار چۈقۈممۇۋاپىق ئىچكى ھەم تاشقى شارائىتقا ئىگە بولۇشى زۇرۇر ئىدى.كېيىنچە ۋەزىيەتئۇلارغا پايدىلىق بولغان. ئۇلارمۇ ۋەزىيەتتىن ئۇبدان پايدىلانغان.ئالدى بىلەن، ئۇلار تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇرۇنقى شاجۇ ئايمىقىنىڭ ھىراۋۇلى جاڭ يىچاۋنىڭ تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىنى قوللىغان. باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇلار خېشى رايونىغا ماكانلىشىپ تىبەتلەرگە بېقىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ زۇلمىغا ئۇچراپ كەلگەن. چۈنكى تىبەت ھۆكۈمرانلىرى ھەرقايسى مىللەتلەرگە قارىتا ئاسمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. بۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىغىنى ۋە قارشلىقىنى قۇزغىغان. نەتىجىدە مىلادىيە 850– يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇرۇنقى شاجۇ ئايمىقىنىڭ ھىراۋۇلى جاڭيىچاۋ بۇ جايدا ياشايدىغان خەنزۇلارغا ۋە ئۇيغۇرقاتارلىق باشقا خەلقلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ، تىبەت ئاقسۇڭەكلىرىگەقارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە تىبەت ئاقسۇڭەكلىرىنى گەنجۇ، لياڭجۇ، شاجۇ، يىجۇ(قۇمۇل) رايونلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان. ئۇيغۇرلارنىڭ جاڭ يىچاۋنىڭ تىبەتلەر ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىنى قوللىشى تارىخنامىلەردە ئانچە كوپ خاتىرلەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ناھايتى ئېنىقكى،پان تېكىننى ئورتاق سەردار دەپ تۇنىغان ئۇيغۇرلار ئەينى ۋاقىتتا جاڭ يىچاۋنىڭ قۇشۇنى بىلەن خېلى ياخشى مۇناسىۋەتتە بولغان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئۆزئاراماسلاشقان، قوللاشقان. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۆز ئارا قوللىشىشى، ماسلىشىشى تىبەتلەرنىڭ خېشى، شەرقىي شىنجاڭ رايونىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ناھايىتى تېزلا بىتچىت قىلغان. بۇھال خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق شارائىت ياراتقان .جۈملىدىن ئۇلار تىبەتلەرنىڭھۆكۈمرانلىغىدىن قۇتۇلۇپ، تەرەققى تېپىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان(24) ۋەھالەنكى مۇشۇ مەزگىلدە، پان تېكىن تىكلىگەن يېڭىئۇيغۇر ھاكىمىيىتى (غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتى) نىڭ ئىچكىقىسمىدا زور بىر سىياسىي داۋالغۇش يۈز بەرگەن ، يەنى مىلادىيە 870- يىلى پانتېكىننىڭ بەشبالىقتا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارى، بۆگۈ(بارغۇت)ئۇرۇقىدىن بولغان بۆگۈ چىن ھەربىيسىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق پان تېكىننى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ،قوچۇ(تۇرپان) دا ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت تىكلىگەن. نەتىجىدە پان تېكىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، بۆگۈچىننىڭ قۇچۇ قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۆز ئالدىغاھاكىمىيەت قۇرۇۋېلىشى بىلەن پان تېكىننىڭ ئۇرۇق - جەمەتى، بۇيرۇق - تارقانلىرى ۋەبىر قىسىم ئادەملىرى بۆگۈ چىننىڭ رەھبەرلىككە ئىتائەت قىلىشىنى خالىماي ئۆزئالدىغا يول تۇتۇشقان(25) ، يەنى ئۇلاردىن بىرقىسمى خېشى رايونىدىكى گۇاجۇ،شاجۇغا كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن تاكى مۇشۇ مەزگىلگىچە غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتىگە تەۋەبولۇپ تۇرۇۋاتقان خېشى ئۇيغۇرلىرى 875 – يىلىدىن كېيىن ئۆزئالدىغا ھاكىمىيەت قۇرۇشيولىغا ماڭغان(26) . شۇنىڭدىن كېيىن ،خېشى ئۇيغۇرلىرى ئىچكى جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن. بولۇپمۇ پان تېكىننىڭ ئۇرۇق - جەمەتى خېشى رايونىغا كەلگەندىن كېيىنتەدىرىجى ھالدا بۇيەردىكى ھەر قايسى ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ئۇيۇشتۇرغۇچىكۈچكە ئايلىنىپ، خېشى ئۇيغۇرلىرى تەدىرىجى بىرلىككە كىلىشكە باشلىغان. جۈملىدىنئۇلار گەنجۇ رايونىنى مەركەز قىلىپ ،كۈچىنى زورايتىپ، ئەڭ ئاخىرى مۇستەقىل بىر سىياسىي، ھەربىي گوروھ سۈپتىدە تارىخسەھنىسىگە چىققان(27).
خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ سەردارىنىڭئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ دۆلەت قۇرغان ۋاقتى ھەققىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىئوخشاش ئەمەس. يىغىنچاقلىغاندا، 847 –859–يىللىرى ، 857 – يىلى، تەخمىنەن 867 –870 – يىللىرى، 872 – يىلى، 880 – يىلنىڭ ئالدى – كەينى، 884 – يىلىدىن ئىلگىرى،884 – 887 – يىللىرى، 890 – يىلى، 891 – يىلىدىن كېيىن،895 – 899 – يىللىرى، 895 –يىلىدىن ئىلگىرى، 10 – ئەسىرنىڭ بېشى، تەخمىنەن 924 – يىلى دۆلەت قۇرغان دېگەن بىرقانچە خىل قاراش مەۋجۇت. بۇنىڭدا مۇھىمى خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇنجى قاغانىنىڭ كىمئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش زۆرۈر. «ئىلگىرى كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار پانتېكىننى تۇنجى قاغان دەپ قارىغان ئىدى. ھازىر بۇنداق قاراشنىڭ تازا توغرائەمەسلىكى دەلىللەنمەكتە»(28). دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگە ئاساسلانغاندا، 875 –885 – يىللاردا ھۆكۈم سۈرگەن بىلگە قاغان تۈنجى قاغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوردىسى گەنجۇ شەھىرى ئەتراپىدا، يەنىئېرغۇنا دەرياسى بويىدا بولغان. بۇ خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ 875 – يىلى رەسمى مۇستەقىلھاكىمىيەت ــــ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ(29). ئۇنداقتا خېشى ئۇيغۇرلىرى ھاكىميەتقۇرغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قاغانى ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى تارمىقىدىن كىلىپ چىققان؟باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، 870 – يىلى ئەتراپىدا پان تېكىننىڭ ئۇرۇق - جەمەتى خېشى رايونىغا كەلگەندىن كېيىنتەدىرىجى ھالدا ھەر قايسى ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ئۇيۇشتۈرغۈچى كۈچكەئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋارىسى قاغانلىق تەختىنىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى ھىسابلىنىدۇ.تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانى بىلەن كېيىنكى قۇچۇئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىدىقۇتى ئوخشاش بىر ئۇرۇقتىن كىلىپ چىققان بولۇپ، ئېھتىمالھەممىسىلا پان تېكىننىڭ ئەۋلادى بولۇشى مۇمكىن(30). گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىنئۇيغۇرلارنىڭ ئېرغۇنا دەرياسى ۋادىسىدىن خېشى كارىدۇرنىڭ مەركىزى رايۇنلىرىغاكېڭىيىشى تەخمىنەن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئاندىن ئەمەلگە ئاشقان. 884 – يىلىنىڭئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئەسلى تىبەت، تۇيغۇنقاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەپ ياتقان گەنجۇ شەھرىنى ئۆز قۇلىغا ئالغان. بۇ گەنجۇئۇيغۇرخانلىقىنىڭ كۈچيىشىگە مۇستەھكەم ئاساس سالغان(31). 900 – يىلى ياكىئۇنىڭدىن سەل كېيىن ئۇيغۇرلار ئوردىسىنى ئېرغۇنا دەرياسى ۋادىسىدىن گەنجۇ شەھرىگەكۈچۈرۈپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار « گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى » دېگەن نام بىلەن تارىخسەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغان(32) .
مىلادىيە901-يىلى تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى جاۋزوڭ ھەرەم ئاغىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىفېڭشياڭغا ئېلىپ كېتىلگەندە، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تاڭ سۇلالىسىنىڭ لىڭجۇئايمىقىنىڭ ھىراۋۇلى خەن سۇن ئارقىلىق پادىشاھ جاۋزوڭغا مەكتۇپ يوللاپ، لەشكەرچىقىرىپ خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما رەتقىلىنغان(33). بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاللىقاچانتاڭ سۇلالىسى بىلەن خوشنا بولغانلىقىنى، كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلىبولىدۇ. تەخمىنەن 10-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى خېشىرايونىنى تامامەن دېگۈدەك تىزگىنلىگەن(34). ئومۇمەن يۇقىرىقىلاردىن شۇنى بىلىشكەبولىدۇكى،بىرىنچىدىن، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى سەرسان بولغاندىن كېيىن قانداقتۇر پىتراپنىشانسىز ھالدا يات – يىراق جايلارغا كەتكەن بولماستىن، بەلكى بۇرۇندىن ئورخۇنئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىدە بولۇپ كەلگەن خېشى رايونى ۋەتەڭرىتېغىنىڭ شىمال – جەنۇبىدىكى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىغا ئۇلارنى پاناھتارتىپ تەشكىللىك كۆچكەن بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ خانلىقنى قايتا قۇرۇشئارزۇسىدا بولغان؛ ئىككىنچىدىن، جەنۇپ ۋەغەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ يولباشچىلىرى كۆچۈپ بارغان جايلىرىدا ئۆز ئالدىغا تۇغتىكلەپ قاغان بولۇۋالغان بولماستىن، بەلكى ئەلنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش مەخسىتىدەئەنئەنىۋى تەخىت ۋارىسلىقى قائىدىسى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ، بىر – بىرىگە يول قۇيۇپكەلگەن. مەسىلەن، پان تېكىننىڭ قۇشۇۋ(قازار) قاغاننىڭ ئىنىسى ئۇكا تېكىن قاغانبولۇپ تىكلەنگەندىن كېيىن ئۇنى ئىتىراپ قىلىپ ئۆزىنى يابغۇ دەپ ئاتىشى ۋە ئۇنىڭئورنىغا چىققان ئوكنېر(ئىنان) قاغاننىڭ دېرىكى بولمىغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆزىنىقاغان دەپ جاكارلىشى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، خېشى رايونىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقىنى قايتا قورۇش ئۇمىدى يوققا چىققاندىن كېيىنلا ئاندىن يېڭى ھاكىمىيەت ـــگەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى تىكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھاكىميەت ئورخۇن ئويغۇرخانلىقىنىڭ داۋامى سۈپتىدە قەد كۆتىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇدىرىتىنى قايتا نامايەنقىلغان.
ئىزاھ:
(1) (5) (6) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: « ئورخۇنئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2006 – يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشرى. (2) (10) ليۇ شيۇ: «ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ» 195-جىلد «ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»، جۇڭخۇاكىتاپچىلىق ئىدارىسى 1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى. (3) ئوۋياڭ شيۇ، سۇڭ چى : «يېڭى ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ» 142-جىلد «ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى. (4) سىماگۇاڭ:«ئەلنىئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» 264 ـ جىلىد، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1956-يىلى خەنزۇچە نەشرى. (7) ياڭشېڭمىن: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار »،330 ـــ 335-بەتلەر، شىنجاڭ خەلقنەشىرىياتى 1998 – يىل 8-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى. (8) ئا. گ. مالىيېۋكىن يازغان،ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان: «9ـــ 12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى »،16-17-بەتلەر ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993 – يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى. (9) ليۇ زىشياۋ: « ئۇيغۇر تارىخى »بىرىنچى قىسىم1-كىتاپ 136- بەت ، مىللەتلەرنەشىرىياتى 1987 – يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى. (11)(12) لى شۇخۇي:« گەنجۇ ئۇيغۇرلىرنىڭ تارىخىئۈستىدە ئىزدىنىش(1) ـــــ ئۇغۇزلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات-10 »، «قەشقەرپىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2007 – يىلى 1-ئاي28-قىسىم1-سان. (13)ۋاڭ پۇ : «بەش دەۋرگە ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر»28-جىلد«ئۇيغۇرلار»، شاڭخەي قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى 1978-يىلى خەنزۇچەنەشرى. (14) (17) سۇ بېيخەي، لى شيۇمېي :«ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىنى ۋە موڭغۇل يايلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكەكۆچۈشى»، «دۈنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 1990 ـ يىللىق 2 ـ سان (ئومۇمىي 18 ـ سان). (15) (16) (21)(23) (25) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: « يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار »،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2010 – يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشرى. (18)ليۇ شيۇ: «ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ» 195-جىلد «ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى ؛ سىماگۇاڭ: « ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۇمۇمىيئۆرنەكلەر » 428 – جىلىد، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1956-يىلى خەنزۇچە نەشرى. (19) لۇچىڭفۇ : «بەيئەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدىكى ئۇيغۇرلىشىشى ۋە شاجۇ ئۇيغۇرھاكىمىيىتى »، «دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 1998 ـ يىللىق 1 ـ سان (ئومۇمىي 33 ـسان). (20) چيەن بوچۇەن: « ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنخۇاڭدىكىتارىخى»،« دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى » 1989 -يىللىق 1-سان (ئومۇمىي 15-سان ). (22) (24) (30) (31) چېن بىڭيىڭ:«يەنە گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا»، «دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 1990-يىللىق2-سان(ئومۇمىي 18-سان). (26) (27) (29) (32) لى شۇخۇي:« گەنجۇئۇيغۇرلىرنىڭ تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىش(2) ـــــــ ئۇغۇزلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدەتەتقىقات-10 »، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2007 – يىلى7-ئاي28-قىسىم4-سان. (28) روڭشىنجياڭ :« گەنجۇ ئۇيغۇر ھاكىميىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە »،« تارىخ تەتقىقاتى »ژورنىلى 1993 – يىللىق 5 – سان. (33) سىماگۇاڭ: «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» 263-جىلىد ، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1956-يىلىخەنزۇچە نەشرى؛ ئوۋياڭ شيۇ، سۇڭ چى : «يېڭى ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ» 142-جىلد «ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى. (34) جۇيۆخەي:« گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئەتراپتىكى ھاكىميەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدەتەتقىقات »، ماگىستىرلىق ماقالىسى، غەربىي شىمال پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى 2005 –يىلى 5 – ئاي.
ئىلاۋە: بۇ ماقالە ئەسلى«مۇنبەر» ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
|