قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4178|ئىنكاس: 17

ئابلىز ھوشۇر-چىڭگىزخاننىڭ تەرجىمھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

2

دوست

2381

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 13:33:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئابلىز ھوشۇر-چىڭگىزخاننىڭ تەرجىمھالى

ئابلىمىت مەخسۇم


ئىنىم ئابلىز(ئابدۇل ئېزىز)1912-يىلى1-ئايدا بۈگۈر ناھىيە يېڭىسار يېزا موللا ھوشۇر داموللا ھاجى دېگەن دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1952 -يىلى 40يېشىدا ئۈرۈمچىدە ئۈلۈم جازاسى بېرىلگەن.ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئەرەپچە،ئىنگىلىزچە،پارىسچە،تۈرۈك تىلى قاتارلىق 7 تىلنى بىلەتتى ھەم تەرجىماللىق قىلاتتى.

    ئۇ تۇغۇلۇپ 16ياشقىچە(1928-يىلغىچە)ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان ۋە ئۆز ئاتىمىز موللا ھوشۇر ھاجىدا ئوقۇغان.1928-يىلدىن1931-يىلغىچەكۇچا ناھىيىسىدە موسايىپ داموللىدا ئوقۇغان.شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ”ئەندىرىپ“دېگەن نام بېرىلگەن.بۇ ئەرەپچە سۆز بولۇپ،مەنىسى“بۇلبۇل“دېگەن بولىدۇ.1932-يىلدىن1934-يىلغىچە3يىل قەشقەر دىنىي خانلىق مەدىرىستە ئوقۇپ داموللا دېگەن ئۈنۋاننى ئالغاندىن كىيىن ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن1936-يىلغىچە ھىندىستانغا بېرىپ ئىككى يىل دىنى دەرس ئوقۇغان.1937-يىلىدىن1942-يىلىغىچە 6يىل ئەرەبىستاندىكى مەككىدە ئوقۇغان.ھەم شۇ يەردە ئوقۇتقۇچى بولغان .  1942- يىلىدىن1946-يىلغىچە مىسىردا 4يىل ئوقۇغان ھەم جامىل ئەزھەر ئۈنۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەل 35ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا مىسىرنىڭ ئەزھەر دېگەن ئاتاقلىق مەكتىپىدە ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقى،پادىشاھلىرى ھەم دىنىي ئۆلىمالارنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلار تەرپىدىن چۈشكەن سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشتەئابدۇلئەزىزنىڭ بەرگەن جاۋابى توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ قېتىملىق يىغىندىلا مىسىرنىڭ پادىشاھى ئابدۇلئەزىزنى ماختاپ“بۈگۈندىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ <چىڭگىزخان>بولسۇن،چۈنكى بۇرۇندا جۇڭگۇدا چىڭگىزخان دېگەن كىشى ئۆتكەن.بۇ قېتىم سەن جۇڭگۇدىن 2-قېتىم چىقتىڭ“دەپ جاكارلىغان.شۇنىڭدىن باشلاپ ئابدۇلئەزىز دېگەن ئىسىم ”چىڭگىزخان“دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

    ”چىڭگىزخان“دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى“ئاتاقلىق“،“مەشھۇر“،“ناھايىتى كۈچلۈك“،“تەڭداشسىز“دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.ئۇ مىسىردىن ئەرەبىستانغا بېرىپ مامۇت سىجاڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياپۇنيەگە بارغان.شۇ مەزگىللەردە جۇڭگۇنىڭ ياپۇنغا قارىشى ئۇرىشى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىل بولۇپ ئىنىم ئابدۇلئەزىزنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشچە ياپۇننىڭ بىر باشلىقى“ھازىر جۇڭگۇ-ياپۇن ئۇرۇشى بولىۋاتىدۇ.بىز جۇڭگۇنى چوقۇم بويسۇندۇرىمىز،سىلەر شىنجاڭدىكى موھىم ئادەملەر،سىلەر بېيجىڭغا بېرىڭلار بىز غەلبە قىلغاندا چىڭگىزخان سەن شىنجاڭنىڭ مەمۇرى باشلىقى،مامۇت سىجاڭنى سەن ھەربىي باشلىق بولىسەن“دېگەن.بۇ ئىككىسى ياپۇنيەدىن بېيجىڭغا كەلگەندىن كىيىن شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدا كومۇنىستلارنى،ۋەتەبپەرۋەر زاتلارنى،زىيالىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ شىنجاڭغا بارماي ئاخىرى نەنجىڭ داشۆسىدە ئوقۇغان.بۇ چاغدا مامۇت سىجاڭ ۋاپات بولغان،نامىزىنى چىڭگىزخان چۈشۈرۈپ  يەرلىككە قويغان.

    چىڭگىزخان ئاخىرى جۇڭگۇنىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسىدا بىر مەزگىل ئىشلەپ1947-يىلى1-ئايدا مىسىردىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن.15كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۈگۈر يېڭىسارغا كېلىپ ئۈچ ئايدەك تۇرغاندىن كىيىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى جاڭ جىجۇڭ،مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى ماشىنا ئەۋەتىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت نازارىتىدە كوجاڭ،قوشۇمچە سەنمىنجۇيى ياشلار ئىتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن.(ئەيسا بەگ رەئىس ئىدى).مۇشۇ ۋاقىت بېتىم بۇزۇلۇپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى راۋاجلانغان مەزگىل بولۇپ توخسۇن،تۇرپان،پىچان ناھىيىلىرىنىڭ ھاكىملىرى ھاكىملىقنى تاشلاپ غۇلجا تەرەپكە قېچىپ كەتكەن.بۇ ئۇرۇنلارنىڭ جەمىيەت ئەھۋالى مۇرەككەپلىشىپ،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ ئۈچ ناھىيىگە جەمىيەت تەرتىپىنى تىنجىتىپ باشقىدىن ھاكىم سايلاش ئۈچۈن ئىنىم چىڭگىزخاننى باشلىق،لى….نى مۇئاۋىن باشلىق قىلىپ 25دەك كىشىنى 1947-يىلى7-ئاينىڭ15-كۈنى توخسۇن،تۇرپان،پىچان ناھىيىلىرىگە ئەۋەتىپ توخسۇن ناھىيىسىگە ھامۇت داموللىنى ھاكىم،تۇرپانغا ئابدۇراخمان موھىتىنىڭ ئورنىغا ئابلىمىت دېگەن چوڭ ئاخۇننى شەنجاڭ،پىچان ناھىيىسىگە لۈكچۈن ۋاڭنىڭ ئىنىسى ئىسكەندەر غوجىنى ھاكىملىققا بەلگىلەپ تۇرمىدىكى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىپ ۋەزىپىنى تاماملاپ8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغان.بۇ خىزمەتكە مېنىمۇ بىللە ئېلىپ بارغان.

ئىنىم ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان بۇ ۋەزىپىنى تاماملاپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغاندىن كىيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.1948-يىلىئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا رەئىس بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە جاڭجېشىنى زۇڭتۇڭ سالايدىغان ۋەكىل نامزاتىنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەندە چىڭگىزخاننى بۈگۈردىن ۋەكىل قىلىپ كۆرسەتتى.شۇ يىلى4-ئايدا بېيجىڭغا بېرىپ9-ئايدا قايتىپ كەلدى.جىياڭ جېشىنى زۇڭتۇڭ سايلايدىغان قۇرۇلتايغا بېرىپ قاتناشتى.قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر بىر ناھىيە،ۋىلايەت ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن باردى ھەم ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دىنى نازارەتكە باشلىق بولۇپ ھەر بىر ناھىيىنىڭ چوڭ ئاخۇنلىرىنى بېكىتىش،تەستىقلاش ئىشلىرىنى بېجىردى.

   1949 -يىلى7-ئايدا تۇغقان يوقلاش ۋە ئارام ئېلىش ئۈچۈن بۈگۈر يېڭىساردىكى ئائىلىمىزگە كەلدى.9-ئاينىڭ21-كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئۆلكىلىك تەمىنەت نازارىتىنىڭ نازىرى مەمتىمىن بۇغرا،باش كاتىپ ئەيسا بەگ،قۇربان قوداي،ھاجى ياقۇپ،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر پولات قادىر قاتارلىق كىشىلەر ئۈچ ماشىنىدا  يۈك-تاقنى بېسىپ يېڭىساردىكى بىزنىڭ ئۆيگە چۈشۈپ چىڭگىزخان بىلەن  كۆرۈشۈپ بىر ئاخشام قونۇپ ئەتىسى جەنۇپقا(چەتئەلگە) قاراپ ماڭغاندا سىدىق بەگنى بىرگە كىتەيلى دېسە ئۇنىمىدى.ئىنىم چىڭگىزخاننى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي بىرگە ئېلىپ ماڭدى.ئىنىم ئۇلار بىللە ماڭغاندا 7 دانە يامبۇ،400سەر ياڭچەن،17سەر ئالتۇن ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ قەغەز پۇلنى ئېلىپ ماڭدى.چىگىرىغا بارغاندا باشقىلار چىگىردىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىنىم ئۆتەلمەي(كىچىكىپ قېلىپ)يەركەندە ئىككى ئاي تۇردى.قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ئۇكامنى يەركەندىن قەشقەرگە چاقىرتىپ  قەشقەر خانلىق مەدىرىستە خەلق ھۆكۈمىتى،قەشقەر،ئاقسۇدىن چاقىرتقان دىنى زاتلارنى ئۈچ ئاي تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرۇپ،ئۈچ ئايدىن كىيىن قەشقەردە قولغا ئېلىپ1950-يىلى 7-ئايدا قەشقەر تۈرمىسىدىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ بىر يېرىم يىلدىن كىيىن1952-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

مەنبە:بايىنغۇلىن تارىخى ماتىرىياللىرى4-توپلامدىن ئېلىندى.(1990-يىلى1-ئاي نەشىرى)

0

تېما

0

دوست

90

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21544
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 10:29:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ghojia يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 09:43
ئابدۇل ئېزىز دىگەن نامىنى بۇرۇنلا  ئاڭلىغان  ئەمما تەر ...

بۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بالىسى ئابلېز مەخسۇمنىڭ شېئىرى بولىشى مۈمكىن ،..بوۋام ئابلېز مەخسۇم بىلەن تۈرمىدە بىللە تۇرۇپتىكەن..شۇنداق شېئىرلىرىنى جىق سۆزلەپ بېرىتتى.بوۋاممۇ مەشھۇر ئالىم ئىدى.ئۇ ئابلېز مەخسۇمنى ئاجيىپ زور ئالىم ئادەم ئىدى..مەن دادىسىنى كۆرگەن لېكىن ئابلېز مەخسۇم دادىسىدىن زور ئالىم ئىدى دەيتى...دەل پويۇزغا سوقۇلۇپ ۋاپات بولغان ئادەم ئابلېز مەخسۇم
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

0

دوست

819

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   63.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17724
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 246
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 10:36:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىز ھوشۇرنىڭ يۇرتىمىزنىڭ تارىخىي توغرىسىدا ئەرەبچە يازغان كىتابى بارلىقىنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ زاتنىڭ تۇغقانلىرى ھېلىھەم بۈگۈر ناھىيەسى يېڭىسار بازىرىدا بار ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخنى بىلىدىغانلار ۋاپات بولۇپ كېتىشتىن بۇرۇن، بۇ زاتنىڭ دەۋرداش ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇشىمىز كېرەك ئىدى ئەسلىدە. ئابلىز ھوشۇر گومىنداڭ دەۋرىدە بۈگۈردىن چىققان يىگانە ئالىم، پائالىيەتچى، سىياسىئون ئىدى. ئەپسۇس بۈگۈر ناھىيەسىدە خېلى نۇرغۇن كىشىلەر يۇرتىدىن شۇنداق بىر ئادەم چىققانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاللاھ خالىسا كېيىنچە بىلىپ قالار.

خوجە

0

تېما

11

دوست

4668

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1301
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 11:07:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nahxibandiya يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 10:29
بۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بالىسى ئابلېز مەخسۇمنىڭ شې ...

مەنمۇ  بۇنى  چوڭلاردىن  ئاڭلىغان شۇڭا  ئشەنچلىك نىسپىتى تۆۋەن بولغاچقا  ئارسىغا  ساماۋەرخانا خەۋرى دەپ  يازغان،

0

تېما

0

دوست

1308

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26995
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 11:20:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1949 -يىلى7-ئايدا تۇغقان يوقلاش ۋە ئارام ئېلىش ئۈچۈن بۈگۈر يېڭىساردىكى ئائىلىمىزگە كەلدى.9-ئاينىڭ21-كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئۆلكىلىك تەمىنەت نازارىتىنىڭ نازىرى مەمتىمىن بۇغرا،باش كاتىپ ئەيسا بەگ،قۇربان قوداي،ھاجى ياقۇپ،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر پولات قادىر قاتارلىق كىشىلەر ئۈچ ماشىنىدا  يۈك-تاقنى بېسىپ يېڭىساردىكى بىزنىڭ ئۆيگە چۈشۈپ چىڭگىزخان بىلەن  كۆرۈشۈپ بىر ئاخشام قونۇپ ئەتىسى جەنۇپقا(چەتئەلگە) قاراپ ماڭغاندا سىدىق بەگنى بىرگە كىتەيلى دېسە ئۇنىمىدى.ئىنىم چىڭگىزخاننى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي بىرگە ئېلىپ ماڭدى.ئىنىم ئۇلار بىللە ماڭغاندا 7 دانە يامبۇ،400سەر ياڭچەن،17سەر ئالتۇن ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ قەغەز پۇلنى ئېلىپ ماڭدى.چىگىرىغا بارغاندا باشقىلار چىگىردىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىنىم ئۆتەلمەي(كىچىكىپ قېلىپ)يەركەندە ئىككى ئاي تۇردى.قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ئۇكامنى يەركەندىن قەشقەرگە چاقىرتىپ  قەشقەر خانلىق مەدىرىستە خەلق ھۆكۈمىتى،قەشقەر،ئاقسۇدىن چاقىرتقان دىنى زاتلارنى ئۈچ ئاي تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرۇپ،ئۈچ ئايدىن كىيىن قەشقەردە قولغا ئېلىپ1950-يىلى 7-ئايدا قەشقەر تۈرمىسىدىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ بىر يېرىم يىلدىن كىيىن1952-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
___________
بىللە قاچقانلار ئىچىدە ئابدۇرىھىم ئۆتكۇر ئەپەندىمۇ بارىكەن. ئۇمۇ چىگرادا تۇتۇلۇپ  ئۇرۇمچى تۇرمىسىگە يۆتكەلگەنىكەن. ئالىم ئابدۇشۇكۇر مەمەتىمىن «مەن ۋە مىنىڭ خەلقىم» دېگەن كىتابىدىكى ئەسلىمىسىدىمۇ ئوخشاش بىر تارىخنى يازغان.

خوجە

0

تېما

11

دوست

4668

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1301
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 11:20:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەنىم بولسا  بىلدىغانلار  كېرىپ خاتانى تۇزەپ قويدۇڭلەر،،،،رەخمەت،،،،
يەنە بىردەمدە  مۇنبەرگە مەخسۇس  قوساق كۆپىكىنى چىقىردىغانلارنى كىرمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ،،،شۇڭا ئنكاسىمنى  ئۆچۇردۇم   

1

تېما

1

دوست

1642

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   64.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25673
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 476
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 12:32:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىشى بىر كىتاب يازغان ئىكەنمىش......

0

تېما

3

دوست

1821

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22684
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 568
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 12:38:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئالىمىمىز توغۇرلۇق تېىخىمۇ تۇلۇق ئىزدىشنىشلەر بولسسكەن،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )