قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4808|ئىنكاس: 112

غايىپ بولغان «بىر كىتاب - بىر ئالەم» پىروگراممىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

201

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25342
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 15:00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



«بىركىتاب - بىر ئالەم» پىروگراممىسى نېمە ئۈچۈن
ئەمەلدىن قالدى
مۇھەممەتجان ئابدۇۋەلى ئۇزلۇق
   



      ياشاش قەۋەت خاسىيەتلىك بىر ئىش. لېكىن كىتابسىز ياشاش ياشىمىغان بىلەن باراۋەر. ھېچ بولمىغاندا كىتاب ئوقۇپ ياشىغىنىڭ پۈتۈن دېگەندە ھاياتىڭنىڭ يېرىمنى ياشىماي قويغىنىڭ بىلەن باراۋەر.
                                                                -باتۇر روزى

      ئېسىل بىر كىتاب ھەقىقەتەن ئۆزگىچە دۇنيا. شۇ گۈزەل دۇنيانىڭ سىرلىق قەسىرىگە قەدەم بېسىش، ھەرقانداق تەم بىلەن تەڭلەشكۈسىز ھۇزۇرىدىن بەھىر ئېلىشتىن ئارتۇق ئىش بولماس. بىر كىتاب- بىر دوست، بىر كىتاب- بىر ھايات. بىر كىتاب- بىرئالەم،  بىر ھەق. بىر كىتاب ھەقىقەتەن بىر ئالەم. «بىر كىتاب - بىر ئالەم» دېگەن بۇ ئىبارە بىز ئۈچۈن ناتۇنۇش ئەمەس.  بۇ رايۇنىمىزدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق ئاخبارات ئورگىنى بولغان شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 2011-يىلى1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ تەستىقلىغان مەخسۇس كىتاب ھەققىدە بولىدىغان سۆھبەت خاراكتىرلىك  پىروگراممىسى بۇلۇپ، تېلۋىزىيەدە قۇيۇلغاندىن كېيىن كۆرۈرمەنلەردە ناھايىتى ياخشى بولغان تەسىر قالدۇرغان ئىدى.
     چۈنكى بۇنىڭ ئالدىدا كىتاب ھەققىدە «بىر كىتاب - بىر ئالەم»دەك مەخسۇس بىر  پىروگرامما بۇلۇپ باقمىغان. گەرچە نەچچە يىل ئىلگىرىكى «تەڭرىتاغ گۈلزارى»،«سەنئەت گۈلزارى»، «مەدەنىيەت بوستانى» قاتارلىق تېلۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا ئەدىب،سەنئەتكارلارنىڭ ھايات كەچمىشلىرى، ئىجادىيەت سەمەرىلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ. ئەمما«بىر كىتاب ۋە بىر ئالەم»بولسا.يالغۇزيازغۇچنىڭ ئۆزىلا ئەمەس، بەلكى ئەسەرنىڭ ئۆزى نوقتىلىق، كونكىرىت. مەزمۇنلۇق ھالدائاپتۇر، شۇ ساھە تەتقىقاتچى. مۇتەخەسسسسلەرنىڭ تەھلىللىرى بىلەن كەڭ كۆرۈرمەنلەردە خۇددىي شۇ كىتابنى ئوقۇغاندەك، ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن مۇھىتتا ياشىغاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.  شۇ تەرەپلىردىن «بىر كىتاب -بىر ئالەم» ئىخلاسمەن، كىتابخۇمار كىشلەرنىڭ يەنە بىر سىردىشىغا ۋە دىلكىشگە ئايلانغان ئىدى.
    مۇنداقچە ئىيتقاندا بىر كىتابتىكى مۇھىم نوقتىلارنى ۋە مەركىزىي ئىدىيەنى كۆرۈرمەنلەرگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكۈزۈش تېخىمۇ تەس. ئەمما بىز كۆرۈپ تۇرۇپتۇكى مەزكۇر پىروگراممارىياسەتچىنىڭ قابىللىقى، يۇقىرى تىل ماھارىتى. جانلىق سۇئاللىرى. جۇشقۇنلۇق روھى ھالىتى بىلەن سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ كۈچلۈك مۇلاھىزە  ۋە تەھلىلىرى شۇ كىتابتىكى ئۆزگىچە بىردۇنيانىڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىدە زاھىر بۇلۇپ، شۇ كىتابنى بىر ئوقۇپ بېقىشنى تەقەززا قىلغان ئىدى.  
   -بىر كىتاب - بىر ئالەم ، قۇيۇلۇشتىن توختاپتۇ.
    بۇ گەپنى مەن نەچچە ئاي ئىلگىرى بىر دوستۇمدىن ئاڭلاپ ئەپسۇسلۇق خىياللاردائولتۇرۇپ كەتكەن ئىدىم. بۇ قانداقتۇر ئۆزۈمنىڭ كىتابخۇمارلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئون مىليۇندىن ئارتۇق نۇپۇسقا ئىگە بىر مىللەتتە «كىتاب ھەققىدە»مەخسۇس بىر پىروگراممىنىڭ بولماسلىقى ئىدى. كىتاب ئوقۇش بەس-بەستەتەكىتلىنىۋاتقان، كىتابنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى ئورنى مەيلى قانچىلىك زۇلمەتلىك بىر دەۋىرلەر بولسۇن ۋە ياكى ھازىرقىدەك ئىنسانىيەت ئۇچۇر دەۋىرىدەتۇرۋاتقاندا بولسۇن. كىتاب ھامان ئىنسانلارتەرەققىياتى بىلەن بىرگە بۇلۇپ كەلدى. دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا مىڭ بىر جاپادا يوقتىن بار بولغان، ئەمما «بالدۇر تۇزىغان گۈل»دەك ئۆمرى قىسقا بولغان مۇشۇنداق قىممەتلىك پىروگراممىنىڭ ئۈنتۈنسىز ئىكراندىن غايىب بۇلۇشى مىڭلىغان. ئون مىڭلىغان كۆرۈرمەنلەرنى ئەجەبلەندۈرگەن بۇلۇشى مۇمكىن. بىز دەل مۇشۇنداق مەخسۇس كىتاب ھەققىدە تېلۋىزىيە پىروگراممىسى يوق ئىدى. ھازىر تېخىمۇ يوق بولدى،  بېراق بۇ ھەرگىز ئاددىي مەسىلە ئەمەس.
    «بىر كىتاب - بىر ئالەم»پىروگراممىسىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى، تېلۋىزىيە ئىستانسى ئۈچۈن خىزمەت ھالقىسىدىكى ئاددىي بىر ئىش بولسىمۇ، ئەسلىدىنلا كىتاب ئوقۇمايدىغان. كىتاب ئوقۇش ھاياتىدىكى بارلىق ئىشلىرىدىن تەس ۋە زىرىكىشلىك تۇيۇلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن قۇلاق بىلەن ئاڭلاپ، كۆز بىلەن كۆرۈپ نەزەر دائىرسىنى ئېچىشىغا پايدىلىق ئىدى. ئەمما ئېيتىپ ئۆتكەندەك 10مىليۇندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ تېلۋىزىيە  پىروگراممىسىدا بۇ ھەقتە مەزمۇننىڭ بولماسلىقى ئادەمنى ئويلاندۇرماي، ئەپسۇسلاندۇرماي قالمايدۇ.
   بۇلۇپمۇ ھازىرقىدەك مەزكەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا يېڭى يېزا، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش. ئۇمۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ساغلام. ئىناق،باياشات بىرمەدەنىيەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئورتاق ساداغا ئايلانغان.
    مەزكەزدىن كىتابخۇمارلار جەمئىيتى قۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىپ، يېزا-قىشلاقلاردىمۇدېھقانلار كۈتۈپخانىسى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇپ ھەر خىل سەۋەبلەردىن كىتاب-ژورنال كۆرۈش پۇرستىدىن بەھرىمان بۇلالمىغان دېھقان-چارۋىچىلار ئۈچۈن مۇشۇنداق بىرپىروگراممىنىڭ دائىم، مۇمكىن بولسا كۈندەدېگۈدەك تېلۋىزۇردا قۇيۇلۇشى، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى، دۇنياقارىشىنى، كۆز قارىشىنى يېڭىلىشىداناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
    توغرا تۇنۇش ۋە ئىلغار ئىدىيە ۋە دۇنيا قاراشقائىگە ئادەم ھامان ھەرجەھەتتىن باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرالايدۇ، نادانلىق ۋە مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە بولمىغان ئادەم، ھەدېسە باشقىلارغا ئاسانلا ئىنىشنىپ كېتىدۇ، ھەم شۇنداقلا ئاسانلا يامان يولغا كىرىپ قالىدۇ.
    ھازىر ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يېزا- قىشلاقلاداقۇرۇلغان «دېھقانلار كۈتۈپخانىسى» كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەمنىڭ يوقلىدىن كۈن بۇيى تاقاق ھالەتتەتۇرىدىكەن. ھەتتا بىر قىسىم كۈتۈپخانىلار مۇزىيدەك مۇ رولى بولماي. كىتاب جازىلىرىدىكى كىتابلار قول تەگمىگەن ھالەتتە توپا بېسىپ تۇرغان.
    زادى نېمەئۈچۈن؟ تەكشۈرۈپ كەلگەندە بىزنىڭ كىتاب ئوقۇمايدىغىمىز بىر خىل ئەنئەنە بولۇپ قالغان، كىتاب ئوقۇغىنىدىن ئەمەس، بەلكى كىتاب ئوقۇمىغىنىدىن مەغرۇرلىنىپ سۆزلەيدىغان كىشلىرىمىز ئۈچۈن بۇ بىر خىل نورماللىق بولسىمۇ.
    كىتاب ئوقۇش زۆرۈرىىيىتى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك رىقابەتلىك دەۋىرگەنىسپەتەن كىتابنىڭ قۇدىرىتىگە ھەرگىز سەل قارىغىلى بولمايدۇ. تەرەققىي قىلغان ئەللەردىن ئامېرىكا، ياپۇنىيە، ئەنگىلىيە، گىرمانىيە،فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزغىنىلىقى ۋەئەستايىدىللىقى،ئومۇمىى خەلىقنىڭ ساپاسى، تەرەققىي قىلغان مائارىپ، جەمئىيەت ئاتمۇسفىراسى بىلەن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، مانا مۇشۇ ئەللەردە كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيتى ئەنئەنە ۋەمىراس سۈپىتىدە ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىگە سېڭىپ كەتكەن.
   دېمەك، بىر رايۇننىڭ مەدەنىيلىشىش ۋە زامانىۋىلىشتا كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيتى ناھايىتى ياخشى بولغان كۆرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.تولىستوي: «كۆڭۈلدىكىدەك كىتاب پارسەتنىڭ ئاچقۇچى، كىشلەرنى يۇقىرىغا باشلايدىغان شوتا، كىشلەرنى مۇكەممەللىشكەئېلىپ بارىدىغان كېمە »دەپ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىقان.
   شۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى بىر كىتابنىڭ كىشىگە بېرىدىغان ئىلھامى ۋە سېھرى كۈچنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. شۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا «بىر كىتاب - بىر ئالەم» پىروگراممىىسى يولغا قۇيۇلۇپ. ئېكراندىن يۈتكۈچە بولغان مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بىز «مەمەت ئاۋاق»، «ئانىنا-كارىننا»،«مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»،«لۈشۈن ئەسەرلىرى»،«ئايتماتوف ئەسەرلىرى»، قاتارلىق جۇڭگۇ ۋە دۇنياغا داڭلىق ئەسەرلەربىلەن تۇنۇشقان بولساق. «سەرسان روھ». «باھادىرنامە»،«كەچمىش»، «قومباشقان شەھەر»،«سالچىلار»قاتارلىق ئويغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەر ھەققىدىكىمۇھاكىملىك تۇنۇشتۇرۇش كىتاب ئوقۇمايدىغان ۋە مۇشۇنداق بىر كىتابنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغان كىشلەرنىڭ بەس-بەستە سېتىۋېلىپ ئوقۇشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
   كىتاب ئوقۇيالمايدىغان چەك يېزا-قىشلاقتىكى كىشىلەر تېلىۋىزۇردىن «بىر كىتاب - بىر ئالەم» پىروگراممىسى كۆرۈپ ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتقان، كىتاب ئوقۇشنىڭ،  بالا ئوقۇتۇشنىڭ، ساۋاتلىق بۇلۇشنىڭ ھەقىقەتەن ئۆمۈرلۈك ۋە خاسىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن.
   دېمەككى، مۇشۇنداق بىر خاسىيەتلىك، ئەھمىيەتلىك ئىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈلگەن پىروگراممىنىڭ «كۆرۈش نېسپىتى»ياكى ئاللىقانداقتۇر باشقا سەۋەپلەرتۈپەيلى تېلىۋىزىيە ئىكرانىدىن غايىپ بۇلۇشى ئىشىمەنكى بىر مەنلا ئەمەس، كىتابنى سۆيىدىغان ئونلىغان. مىڭلىغان ئىخلاسمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى پەرىشان قىلىدى.
    شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پۈتۈن جەمئىيەتتىن،  شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكۇم، ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت رەھبەرلىرنىڭ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ،  بۇلۇپمۇ شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسى رەھبەرلىرنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.



0

تېما

3

دوست

1300

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27920
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 384
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 19:02:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىز  يەردە قالمىغاي  ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

18

تېما

18

دوست

4101

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1322
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 19:07:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى ئالاقىدارلاردىن ئاڭلىسام، «بىر كىتاب بىر ئالەم» پىروگراممىسى ئەمدى قەتئىي قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەيدىكەن!
«بىر كىتاب بىر ئالەم» پىروگراممىسى مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان پىروگراممىنىڭ بىرى ئىدى. مەن بۇ پىروگرامما ئارقىلىق پىشقەدەم يازغۇچىلىرىمىزنىڭ سىماسىنى ئېكران ئارقىلىق كۆرگەن، ئاۋازىنى ئېكران ئارقىلىق ئاڭلىغان، بۇ ئارقىلىق قەلبىمدە شۇ يازغۇچىلارغا بولغان قايىللىقىم ھەسسىلەپ ئاشقان، ئۇشبۇ پىروگراممىدا تونۇشتۇرۇلغان كىتابلارنى ئوقۇشقا بەل باغلىغان ئىدىم، ھەي ئەپسۇس، ئەمدىلا ئايىقى چىققان بۇ «بالا» پىروگرامما، ئىككى قەدەم ئېلىشىغىلا، جايىدا ئولتۇرۇپ قاپتۇ، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى. ئەجىبا بىزگە «گۈزەللىك سىزدە»، «ناۋا»، «مەشرەپ» قاتارلىق سەنئەت پىروگراممىلىرىلا بولسا كۇپايىمۇ؟ بىزگە تەپەككۇرنىڭ، كىتابنىڭ لازىمى يوقمۇ؟ ئەجىبا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ناغرا - سۇناي، ئۇسسۇل - ناخشا ياكى مودىل مۇسابىقىسى رىقابىتىگە دۇچ كېلىۋاتامدۇ ياكى ئۆتكۈر بىلىم رىقابىتىگە دۇچ كېلىۋاتامدۇ؟
قانۇن ۋە ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىشنىڭ مەنبىيى نادانلىقتىن بولۇر، كىشىلەرنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، قۇلۇپلانغان قەلبىنى ئېچىشنىڭ ئاچقۇچى كىتابتۇر، نېمىشقا ئەۋلادلىرىمىزغا كىتاب ئوقۇش تەربىيەسى بېرىپ، ئۇلارغا غايە، ئېتىقاد، پەن تەربىيەسى بېرىدىغان، يۈز مىڭلىغان قەلىبلەرگە كىتاب ئوقۇشنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلدۇرۇدىغان  «بىر كىتاب بىر ئالەم» پىروگراممىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؟ بۇ مەسلە ھەققىدە مەن كۆپلىگەن سورۇنلاردا جامائەتنىڭ ياخشى پىروگراممىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى ئاڭلىدىم، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم غەش بولدى.   «بىر كىتاب بىر ئالەم» پىروگراممىسىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات - نەشرىيات باش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدارلارنىڭ تازا ئوبدان ئويلىنىپ كۆرۈشىنى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، دەۋرنىڭ تەقەززاسىنى ھەر دەم ئويلاپ، كىتاب ھەققىدىكى پىروگراممىنى ئۇيغۇرچە قانالدا قايتىدىن زاھىر قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن!
پىكىرىمگە قوشۇلىدىغانلار ئاۋاز قوشساڭلار!!!!

0

تېما

0

دوست

907

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   81.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28293
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 19:26:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ پىروگىراممىنى مەنمۇ بەك ياقتۇراتتىم . بۇ پىروگىرامما ئەڭ ياخشى يىزىلغان ئۆزىمىزنىڭ ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنىلىك ئەسەرلەر ھەققىدە تەھلل-مۇلاھىزىلەر يۇرگۇزۇلۇپ ، ئوقۇرمەنلەرگە كۆرسەتمە خاراكتىرىدە يىتەكلەش ئېلىپ بارغان ئېدى. شەخسەن مەن ئورخان پامۇكنىڭ ‹‹منىڭ ئېسمىم قىزىل›› نامىلق رومانىنى ئوقۇپ نورغۇن جايلارنى ئوقۇپ چۇشەنمىگەن ئېدىم ، بۇ كىتاپ توغىرلۇق سۆھبەت قويۇلغاندىن كىيىن كاللامدىكى بەزى چېگىش مەسىلىلەر ئايدىڭلاشقان . ئجاد ۋە پىكىر يىڭىلىقى يوق بىر قىسىم سەنئەت پىروگىراممىلىرى بازار تاپتى ،  ‹‹بىر كىتاپ بىر ئالەم ›› پىروگىراممىسسى كۆرلۇش نىسپىتى تۆۋەن دەمدۇ ئېشقىلپ بەزى سەۋەپلەر بىلەن توختاپ قالدى . قارىغاندا كىشىلىرىمىز ئېددىيە يىڭلىقىغا ئەمەس سەنئەت سەۋدالىقىغا بەكرەك خۇشتار چىغى.

1

تېما

0

دوست

1014

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28080
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 20:03:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بىر كىتاب بىر ئالەم» پىروگراممىسى مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان پىروگراممىنىڭ بىرى ئىدى. مەن بۇ پىروگرامما ئارقىلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ سىماسىنى ئېكران ئارقىلىق كۆرگەن، ئاۋازىنى ئېكران ئارقىلىق ئاڭلىغان، بۇ ئارقىلىق قەلبىمدە شۇ يازغۇچىلارغا بولغان قايىللىقىم ھەسسىلەپ ئاشقان، ئۇشبۇ پىروگراممىدا تونۇشتۇرۇلغان كىتابلارنى ئوقۇشقا بەل باغلىغان ئىدىم، بۇ پىروگىرامما يولغا قويۇلغاندا تونۇشتۇرۇلغان كىتاپ ھەم شۇ يازغۇچى توغرىسىدا مۇنازىرە مۇھاكىمىلەر ئامما ئارىسىدا ھەم چوڭ كىچىك سورۇنلاردا پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالغان ئىدى.بىر قېتىم توي مەرىكىسىدە  «باھادىرنامە» كىتاپ تېمىسىدىكى سۆھبەتنى كۆرگەنلەر ھەم كىتاپنى ئوقۇغانلار شۇنداق قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپتۇ مەن بۇ كىتاپنى ئاڭلىغان بولساممۇ ئوقۇپ باقمىغان كېيىن مەنمۇ تېلىۋىزوردىن «بىر كىتاب بىر ئالەم» پىروگراممىسى ئارقىلىق قىزىقىشىم قوزغۇلۇپ بىر يۇرۇشنى سېتىۋېلىپ ئوقۇپ بولدۇم ھازىر نەشىر قىلىنىۋاتقان كىتاپلار شۇنداق كۆپ «بىر كىتاب بىر ئالەم» پىروگراممىسى ئارقىلىق ئاممىنى كىتاپنى قانداق ئوقۇش قانداق زوق ئېلىش توغرىسىدا ياخشى يىتەكچى ھەم ئاممىغا ئومۇملاشتۇرغۇچى بولىۋاتقان ئىدى.مانا قاراپ باقايلى ناۋا پىروگىراممىسى جاللىنىۋىدى چوڭ كىچىك ھەممىمىز كىتاپنى تاشلاپ ناۋا مەستانىسى بولۇپ كېتىۋاتىمىز.«بىر كىتاب بىر ئالەم» پىروگراممىسىنىمۇ ناۋا پىروگىراممىنى قوللىغاندەك يازغۇچىلىرىمىز ۋە كىتاپخۇمار ئوقۇرمەنلىرىمىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ قوللاپ بەرسە بەك ياخشى بولاتتى بىر كىتاب بىر ئالەم!!!

5

تېما

11

دوست

3926

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15798
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 1238
توردىكى ۋاقتى: 486
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 20:30:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستلا بەك ئىچنىشلىق ئىش بوپتۇ.ئەجبا يىڭى ناۋانى كونا ناۋادىن بىيىتىپ بەردى.،مەشرەپنى شەھەرمۇ-شەھەر كىزىپ،ھاردىم -تالدىم دېمەي سۇرەتكە ئالدى.تەلەي يۇلتۇزنى بولسا ئارسىغا ناخشا-مۇزىكا قىستۇرماي ئاخرلاشتۇرمايدۇ.ئېلانلارنىغۇ دېمەي تۇراي .راديئولاردا مەخسىۇس تەلەپ-ۋەتەقدىم پىرگىراممىسى بىلەن ناخشا ئۇسۇلنى ھەدەپ قويۇپ بەردى.لىللا گەپ قىپ باقلى ،ئۇيغۇرلار ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلش ئىتبارى بىلەن،بىر ھايات مىللەت بولۇش ئىتبارى بىلەن ،7مىلياتلىق يەرشارنىڭ ئىچىدىكى بىر مىللەت بولۇش ئىتبارى بىلەن ،مۇشۇ مىللەتنىڭ ئۆرۇپ ئادىتنى ،تەلىم-تەربىيسىنى،كىتاب ۋە ياكى ئىلىم-پەنگە ئائىت قايسى پىرگوراممىسى بار؟قايسى راديئو ياكى تىلۋىزور پىرگوراممىسى  مۇشۇ توغۇرلۇق كىشلەرنىڭ مەنۋى ئىھتىياجنى بىيتىپ كەلدى؟بىزگە ناخشا ئۇسۇلنى ئۆزمىز زورلاپ تاڭمىزمۇ؟ئەمدى بولغاندا مۇشۇنداق بىر ئوبدان پىرگوراممىنى توختىتىپ نېمە قىلماقچى؟ئەگەر مۇشنىڭ ئورنىدا ناخشا-ئۇسۇلغا ئائىت پىرگورامما بولغان بولسا ،ناۋا،مەشرەپلەر يەتمىدى دەپ ھەرگىز توختاتمايتىغۇ دەيمە؟بىزنى قانداق تەربىيلەيدۇ؟باللارنىچۇ؟بىر مىللەت بولۇش ،20مىليۇندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە بولۇش سۇپتىمىز بىلەن خەلقىمىزگە ئېلىمگە ئائىت بىر پىرگوراممنىڭ بولشىنى كۇچلۇك تەلەپ قىلمەن.بولسا بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوششىنى ئۇمۇد قىلمەن.

0

تېما

0

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8114
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 20:32:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشا ئۇسۇللا بولسا كىتاب بىلەن كارى يوق بەزەنلەرنىڭ

1

تېما

4

دوست

8229

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   64.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2127
توردىكى ۋاقتى: 648
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 20:39:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇسلاندىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )