قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1167|ئىنكاس: 14

NASA: مارسقا 2030-يىللىرى ئادەم چىقىرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4109
توردىكى ۋاقتى: 1544
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 10:57:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ناسا 2030-يىللىرى مارسقا ئادەم چىقىرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى



بىلىمخۇمار

2014-يىلى 7-ماي


ناسا 2014-يىلى 30-ئاپرېل كۈنى ئېچىلغان بىر يىغىندا ئۆزىنىڭ 2030-يىللىرى مارسقا ئادەم چىقىرىش پىلانى بىلەن بىر «ئۇچۇر خەرىتىسى» (infographic) نى دۇنياغا ئېلان قىلدى.  بۇ ئۇچۇر خەرىتىسى تۆۋەندىكى 1-رەسىمدە بېرىلدى.  ناسا نىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلغان يېڭى پىلانى تۆۋەندىكى قەدەم-باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1)خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرۇش.

(2) ئادەم ئولتۇرىدىغان «ئورىئون» (Orion) ناملىق بىر ئالەم ئۇچقۇرى بىلەن ئۇنى ئالەم بوشلىقىغا چىقىرىدىغان راكېتادىن تەشكىل تاپقان بىر يېڭى تىپتىكى «ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىش سىستېمىسى» (Space Launch System) نى ياساش.  

(3) 2020-يىللىرى ماشىنىدىن ياسالغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىر ئاستېرويد (asteroid) ياكى كائىنات ئۇچار تېشىنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ بېرىپ، ئۇ تاشنى تۇتۇپ، ئۇنى ئاي شارىنىڭ ئوربىتىسىغا سۆرەپ ئەكىلىش، ئاندىن رەسمىي ئادەملەردىن تەركىپ تاپقان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇ تاشنىڭ قېشىغا «ئورىئون» بىلەن ئۇچۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش.  شۇنداقلا ئۇ تاشنىڭ نۇسخىلىرىنى يەر يۈزىگە ئېلىپ چۈشۈش.

(4) تەتقىقات ۋە تەييارلىقلار ئاساسىدا 2030-يىللىرى مارس ۋە ئۇنىڭ ھەمرايىغا ئادەم چىقىرىش.

ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ناسا ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق پۇلى 17.65 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىللىق خام چوتىنىڭ 0.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.  ئامېرىكا 1969-يىلى ئايغا ئادەم چىقارغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىللىق خام چوتىنىڭ 4 پىرسەنتىنى سەرپ قىلغانىدى.

پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

[1] First, capture an asteroid: NASA's wild path to Mars revealed for 2030 landing

http://www.pocket-لىنت.كوم/news/128669-first-capture-an-asteroid-nasa-s-wild-path-to-mars-revealed-for-2030-landing

[2] NASA’s human path to Mars

http://www.nasa.gov/content/nasa ... -mars/#.U2lmpvldU1I

رەسىم:
http://www.nasa.gov/content/nasa ... -mars/#.U2lmOvldU1I


1-رەسىم

1-رەسىم

0

تېما

0

دوست

1308

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26995
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 12:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ناسا ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق پۇلى 17.65 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىللىق خام چوتىنىڭ 0.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.  ئامېرىكا 1969-يىلى ئايغا ئادەم چىقارغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىللىق خام چوتىنىڭ 4 پىرسەنتىنى سەرپ قىلغانىدى.
______--
ئامىركىنىڭ ناساغا ئاجراتقان مەبلىغى ئىزچىللىققا ئىگىكەن. ئالەم تەتقىقاتى خىراجەت ئەڭ كۆپ كېتىدىغان تۇر.
ئامىركا ئەمدى يەنە «تۇنجى مارىسقا ئادەم چىقارغان دۆلەت»لىك كۇرسىغا ئولتۇردىغان بوپتۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4344
توردىكى ۋاقتى: 1725
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 14:37:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-7 19:19  

بىز كەڭتاشا زىمىندا خاتىرجەملىك ئىزدەپ ئاۋارە، ئەركىن ئاكام مارىس ساياھىتى بىلەن...

ئېيتقاندا ئۇچقۇلارنى ھازىرقىدىن بەك تەرەققى قىلدۇرۇش خەتەرلىك ئىش بۇپ قىلىۋاتىدۇ، كىيىن ئىشلىتىدىغان يىقىلغۇ رادىئاكتىپلىقى كۈچلۈك ماددىلار بۇپ قالسا خەتەرلىك دىمەكچىمەن.

0

تېما

2

دوست

1945

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25749
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 622
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 14:42:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى قايسى دۆلەت ياكى قايسى خەلىق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئىلىم پەنگە مۇشۇنداق ئىشتىياق ۋە مەبلەغلا سىلىنىپ تۇرىدىكەن ئۇ دۆلەت ياكى خەلىق ھامان ئۇتۇپ چىقىدۇ. ئامرىكا ۋە باشقا غەرىپ دۆلەتلىرى مۇشۇنىڭ تىپىك مىسالى.

نارات

1

تېما

0

دوست

4984

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14180
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 1320
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 15:16:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

0

تېما

5

دوست

4457

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21916
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1422
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 16:24:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت دوكتۇر ئەپەندىم.يىڭى بىلىم يىڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىگىڭىز ئۈچۈن.ئامىرىكا ھۆكۈمىتى يىللىق خام چوتىنىڭ 0.5 پىرسەنتىنى چىقىرىپ ئالەم قاتنىشىغا ئىشلەتسە،يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر GDPدىن چىقىرىدۇ.چىقارغان نىسبىتى مائارىپقا سالغان سىلىنمىسىدىنمۇ يۇقۇرى.ئاپىرىن دۇنيادا يەنە بىر قىتىم ‹‹ئەڭ››نىڭ ئالدىغا تىزىلىپتۇ.
ئۆتكەندە بىر خەۋەردە يەر شارىغا ئۇخشاش پىلانىتا تىپىلدى دەپ ئاڭلىغانتىم،ئامىرىكىلىق شۇيەرگە چىقارمۇ؟

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 6450
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 18:02:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا مەن قېرىغىچە خېلى كۈنلەرنى كۆرىمەنمۇ نىمە ؟  ئەتىگە ھېچنىمە دىگىلى بولمايدۇ ... بەلكىم مارىسقا چىقىش پىلانى تېخىمۇ بالدۇر بولىشى مۇمكىن ، چۈنكى بەزى يىڭى تېخنىكىلار چىقىشى ئېنىق ، ئامرىكا ھەرقانچە بولسىمۇ كىيىن يەنە قانداق تېخنىكىلارنىڭ چىقىدىغىنىنى تۇلۇق بىلىپ بۇلالماس ، ئۇلار بەلكىم ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن مۆلچەرلىگەندۇ !

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 18:14:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تېما ئىگىسىگە رەھمەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )