سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىشىدە گەنجۇئۇيغۇرلىرىنىڭ رولى ئەخمەت مۆمىنتارىمى (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)
قىسقىچەمەزمۇنى:
بۇماقالىدە مىلادىيە 1028 –يىلى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تاڭغۇتلار تەرىپىدىنيىمىرىلگەندىن كېيىن خېشى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن پۇتۇنلەي غايىپ بولۇپ كەتمەستىن بەلكى كۆچۈش،يۆتكىلىش، ھەتتا قايتىدىن باش كۆتۈرۈشتەك تارىخى جەرياننى باشتىن كەچۈرگەنلىكى ،جۈملىدىن 1036 – يىلدىن 1071 – يىلغىچە بولغان مەزگىلدە شاجۇ(دۇنخۇاڭ)دا يەنىلائۇيغۇر ھاكىمىيىتىنڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى، مۇشۇ ھاكىمىيەت تەركىبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنچە «سېرىق ئۇيغۇرلار » دەپ ئاتالغانلىقى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:
گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى، سېرىق ئۇيغۇرلار، يىلتىزداشلىق مۇناسىۋىتى
مىلادىيە840-يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن جەنۇپقا ۋە غەربكە كۆچكەن ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىرقىسمى تەخمىنەن 875 – 885 – يىللاردا خېشى رايونىداگەنجۇنى مەركەز قىلىپ ، كۈچىنى زورايتىپ، ئەڭ ئاخىرى مۇستەقىل بىر سىياسىي، ھەربىي گوروھ سۈپتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقىپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى.مىلادىيە11 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى ھەر خىل سەۋەبلەرتۈپەيلىدىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. جۈملىدىن ئوردىدىكى ئەمەلدارلار ۋەھەرقايسى جايلاردىكى سەردارلار كۈچىيىپ كېتىپ، قاغاننىڭ نوپۇزى تۆۋەنلەپ كەتتى،ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىچكى ماجراسى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلىپ، ئوردىدا سىياسىي ئۆزگىرىشلەر توختىماي يۈز بېرىپ ، بەزى قەبىلىلەر قارشىلىق كۆرسىتىپ ، ھاكىمىيەت ئاجىزلاپ كەتتى. نەتىجىدە خانلىقنىڭ ئىگىلىكى خارابلىشىشقا يۈزلەندى، قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان سودا –تىجارەتلىرىنىڭ كۆلىمىمۇبەك تارىيىپ كەتتى. مەملىكەت سىياسىي جەھەتتە مۇقىم بولمىغان،ئىقتىسادىي جەھەتتەئاجىزلاشقان مۇشۇنداق چاغدا، تاڭغۇتلار تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كېلىپ، گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىغا ئېغىر خەۋپ تۇغدۇردى.مىلادىيە 1028-يىلى تاڭغۇتلارنىڭ سەردارى لىيۈەنخاۋ گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى گەنجۇنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ، گەنجۇنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرلار ھاكىمىيىتىدىن مەھرۇم قالدى. ئەمما ھاكىميەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ھەرگىزمۇ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ شۇنىڭدىن ئىتبارەن تارىخ سەھنىسىدىن پۇتۇنلەي غايىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.بەلكى ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن كۆچۈش، يۆتكىلىش، ھەتتا قايتىدىن باش كۆتۈرۈشتەك تارىخى جەرياننى باشتىن كەچۈردى.
گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقىۋىتى مەسىلىسىدە، ئىلىم ساھەسىدە مۇنداق بىر نوپۇزلىقراق قاراش، يەنى بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى پاناھ ئىزدەپ چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى تىبەتلەرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىگە،بولۇپمۇ جەنۇبتىكى خېخۇاڭ رايۇنىدىكى( گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرى تەۋەسىدىكى خۇاڭخېۋە خۇاڭشۇي دەريالىرى ۋادىسى) تىبەتلەرنىڭ گوسىلۇ قەبىلىسىگە بېقىنغان، كېيىن ئۇلار غەربىي شىمال تەرەپكە سۇرۈلۈپ تەدىرىجى مۇستەقىل بولۇپ، ئۆزلىرىنى « سېرىق ئۇيغۇرلار » دەپ ئاتىغان(1) ، بىرقىسمى دۇنخۇاڭنىڭ غەربىدىكى تەڭرى تېغىنىڭ ۋە ئالتۇنتاغنىڭ كۈنگەي-تەسكەي تەرەپلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا ، جۈملىدىن قۇچۇئۇيغۇر خانلىقى ۋە ئۇدۇن (خوتەن ) خانلىقىنىڭ تەۋەسىگە كۆچۈپ كەتكەن ، ئازساندىكى بىر قىسمى سۇڭ سۇلالىسى تەۋەسىگە كەتكەن، يەنە بىرقىسىمى تاڭغۇت دۆلىتىگە ئەل بولغان( تاكى مىلادى 1227 – يىلى چىڭگىزخان تاڭغۇتخانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىنلا ئۇلار تاڭغۇتلارنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدىن قۇتۇلغان)(2)دېگەن قاراش داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىكى «ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى پاناھ ئىزدەپ جەنۇبتىكى تىبەتلەرنىڭ گوسىلۇ قەبىلىسىگە بېقىنغان، كېيىن ئۇلار تەدىرىجى مۇستەقىل بولۇپ، ئۆزلىرىنى سېرىق ئۇيغۇرلار دەپ ئاتىغان» دېگەن قاراش توغرىمۇ-خاتا،بۇنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، گەنجۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارمار بولغاندىن كېيىن جەنۇبتىكى تىبەتلەرنىڭ گوسىلۇ قەبىلىسىگەبېقىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى بۇ چاغدا تاڭغۇت خانلىقى دەل بىر تەرەپتىن خېشى رايۇنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن خېخۇاڭ رايۇنىنى ئىگىلەش ئۈچۈن زوركۆلەمدە قۇشۇن توپلاۋاتقان بولۇپ، ھەربىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، گەنجۇ،لياڭ جۇرايۇنى بىلەن خېخۇاڭ رايۇنى شەرقتىن غەربكە قاراپ ئىلگىرلەۋاتقان تاڭغۇت قۇشۇنىغانىسبەتەن ئوخشاشلا زەربە بېرىش ئوبىكتى ئىدى.مۇشۇنداق ئىكەن، گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ گەنجۇنى قولدىن بېرىپ قۇيغاندىن جەنۇبقا يۇرۇپ خېخۇاڭ رايۇنىغا بېرىشتەك تەۋەككۈلچىلىكنى قىلىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ. تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، تاڭغۇتلار گەنجۇنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ، غەلىبىدىن پايدىلىنىپ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ غەربكە چېكىنگەن كۈچىگە قوغلاپ زەربە بەرمەي، بەلكى قوشۇنىنى يۆتكەپ نىشانىنى جەنۇبتىكى خېخۇاڭ رايونىغا قارىتىپ، چىڭتاڭ (ھازىرقى چىڭخەيدىكى شىنىڭ) دىكى مۇئەييەن ئەمەلىي كۈچكە ئىگە گوسىلو قەبىلىسىنى بىراقلا يوقاتماقچى بولغان.بۇنىڭ بىلەن گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قالدۇق قىسىمىنىڭ كۆچۈشىگە مەلۇم ۋاقىت يارىتىلغان.ناۋادا ئۇلار بىر قېتىملىق جەڭدىكى مەغلۇبىيەت بىلەنلا خېشى كارىدورىدىن چىقىپ كېتىشنى ئويلىمىغان بولسا، ئۇنداقتا غەربكە كۆچۈش ـــ ئۇلارئۈچۈن ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ئىدى.ئۇلار غەربكە كۆچسە،خېشى كارىدورىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان غەربىي ئۇچىنى كونتىرول قىلىپلا قالماي، يەنە قايتىدىن تەشكىللىنىپ،ئۆز ھاكىميىتىنى قايتىدىن قۇرالايتتى، ھەتتا شەرىققە يۈرۈش قىلىپ، تاڭغۇتلارنىڭ قۇلىدىن گەنجۇنى قايتۇرۇپمۇ ئالالايتتى. شۇڭا ئۇلار كەڭ كۆلەمدە غەرىبكە كۆچۈپ گۇاجۇ، شاجۇ رايۇنىغا كىرگەن(3)، ھەرگىزمۇ تىبەتلەرنىڭ گوسىلۇ قەبىلىسىگەبېقىنمىغان. گوسىلۇغا بېقىنغان ئۇيغۇرلار بولسا لياڭجۇ تاڭغۇتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندا ئۇلارغا باش ئىگىشنى خالىماي كۆچكەن لياڭجۇدىكى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار گوسىلو تەرىپىدىن چىڭتاڭ رايونىغا(ھازىرقى چىڭخەيدى كىشىنىڭ) ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەم ئىزچىل مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ، ھەرگىزمۇ غەربكە كۆچمىگەن، شۇنداقلا «سېرىق باش ئۇيغۇرلار»دەپمۇ ئاتالمىغان(4).بەلكى كېيىن ئۇلارتىبەتلەرگە سىڭىپ كەتكەن( ئۇلارنىڭ پۇشتى ھازىرمۇ ئۆزلىرىنى «خۇر» دەپ ئاتايدۇ)(5).
1036 – يىلى تاڭغۇت قۇشۇنى لى يۈەنخاۋنىڭ باشچىلىقىداخېشى رايونىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىپ، گۇاجۇ، شاجۇ، سۇجۇ قاتارلىق ئۈچ جاينى ئىشغال قىلغان. بۇنىڭ بىلەن شاجۇ ئۇيغۇرلىرى ئامالسىزدۇنخۇاڭدىن چىكىنىپ، چىلەنشەن تېغىنىڭ جەنۇبىغا ماكانلاشقان. ئەمما زادىلا باش ئەگمىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە شاجۇغا ھۇجۈم قىلغان ھەم ئاخىرى دۇنخۇاڭنى ئىگلىگەن،ئۇلارنىڭ سەردارى ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ يېڭى بىر ئۇيغۇر ھاكىميىتىنى قۇرغان(6).شۇنىڭدىن كېيىن 1036 – يىلدىن 1071 – يىلغىچە بولغان مەزگىلدە شاجۇدا يەنىلائۇيغۇر ھاكىمىيىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. بۇنى جۇڭگو ۋە چەتئەلدىكى مۇشۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم ئەھىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىتراپ قىلىدۇ. بىزنىڭ قارشىمىزچە،بۇ ھاكىمىيەت تەركىبىدىكى ئۇيغۇرلار ھەم شاجۇ رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنى، ھەم غەربكەكۆچكەن بىرقىسىم گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنى، ھەم قۇچۇدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولىشى مۇمكىن. يەنى ، گەنجۇ ئۇيغۇر ھاكىميىتى ھالاك بولغاندىن كېيىن، گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر قىسىمى غەربكە بېرىپ گۇاجۇ، شاجۇ رايۇنىغا ماكانلىشىپ، شاجۇ ئۇيغۇر ھاكىميىتىنىڭ مۇھىم بىر ئۇلىغا ئايلانغان. قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىمۇيىپەك يولىنى بۇيلاپ ئۆزلۈكسىز خېشى رايونىغا كىرىپ شاجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈچىنى زورايتقان، شۇنداقلا ئىككى جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىسىنى كۆچەيتكەن. شۇڭا بىزشاجۇ ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىدە قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈچى بار دەپ قارايمىز(7).1078 – 1085 – يىللارغا كەلگەندە شاجۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 300 مىڭدىن ئاشقان(8).كېيىن ئۇلار « قىتانلارغا ئىتائەت قىلىپ، بەزىدە ئىسيان كۆتۈرۈپ تۇرغان »(9).جورجىتلار قىتانلارنى يۇقاتقاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە جورجىتلارغا بېقىنغان. 10نەچچە يىلدىن كېيىن تاڭغۇتلار جورجىتلار بىلەن يارىشىپ ئۆز كۈچىنى شاجۇغا كىرگۈزگەندە، شاجۇ ئۇيغۇرلىرى تاڭغۇتلارغا ئىتائەت قىلىشقا باشلىغان(10).
13 – ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۇلاريەنە « سېرىق ئۇيغۇر » (黄头回鹘) دېگەن نام بىلەن مەيدانغاچىقىپ،كېيىن غەربكە يۈرۈش قىلغان چڭگىزخان قۇشۇنى تەرىپىدىن بويسۈندۈرۈلغان(11). شۇنىڭدىنكېيىن ئۇلار يۇەن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدا بولغان. « سېرىق ئۇيغۇرلار » دېگەنبۇنام خەنزۇچە تارىخنامىلەردە مىلادى 11 – ئەسىرنىڭ 60 –يىللىرىدىن كېيىن كۆرۈلىدۇ. يەنى مىلادى 1068 – يىلى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ غەربئەللىرىگە ئەۋەتكەن بىر ئەلچىسى پادىشاھ سۇڭ شېنزۇڭغا ئۆزىنىڭ تۆت يىللىق سەپىرىجەريانىدا سېرىق ئۇيغۇرلار يېرىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. مىلادى 1081–يىلى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەلچىسى ئۆزىنىڭ ئۇدۇن (خوتەن ) تەۋەسىدىن ئۆتۈپ، سېرىقئۇيغۇرلار زېمىنىغا كەلگەنلىكى ۋە سېرىق ئۇيغۇرلار زېمىنىدىن ئۆتۈپ تاتارلار ( يەنىشىرۋىلار، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ تەسىرى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغىچەيەتكەنىدى ) رايونىغا كەلگەنلىكى ۋە بۇ جايدىن ئۆتۈپ سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دائىرىسىگەكىرگەنلىكىنى بايان قىلغان(12). ئۇنداقتا ئۇلار نېمە ئۈچۈن «سېرىق ئۇيغۇرلار » دېيىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە بەزى تەتقىقاتچىلار : ئۇلارنىڭچاچلىرى سېرىق بولغانلىقى( ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك كىشىلىرىنىڭ چاچلىرى قارا بولغانلىقىئۈچۈن ، ئۇيغۇرلارنىڭ قوڭۇر چاچلىرى گەۋدىلىنىپ سېرىق دەپ قارالغان بولۇشى مۇمكىن ) ئۈچۈن شۇنداق دېيىلگەن دېسە ، بەزى تەتقىقاتچىلار: بۇ ئۇيغۇرلار سېرىقرەڭنى ياخشى كۆرەتتى،شۇڭا ئۇلارسېرىق ئۇيغۇرلار دېيىلگەن ، دېيىشىدۇ. مەيلىقانداقلا بولمىسۇن ، « سېرىق ئۇيغۇرلار »دېگەنبۇنام مۇشۇ مەزگىلدىلا ئوتتۇرىغا چىققان. دېمەك، گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى گۇمران بولغان مەزگىلىدىن باشلاپ بۇ بىربۈلەك ئۇيغۇرلار باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىدىن «سېرىقئۇيغۇر »دېگەن يېڭىچە نام بىلەن ئايرىپ قارالغان (13).
15- ئەسىرنىڭئاخىرىدا، ئۇلار قايتا خېشى كارىدورىدىكى گەنجۇ ۋىلايىتىگە كۆچۈپ كەلگەن. شۇنىڭدىنكېيىن موڭغۇل، خەنزۇ، زاڭزۇلار بىلەن بىللە ياشىغان. مىڭ ، چىڭ سۇلالىلىرىدەۋرىدە سېرىق ئۇيغۇرلار يېرىدە ئايماق – دىيارلار تەسىس قىلىنىپ ، باشقۇرۇشكۈچەيتىلگەن. فىئوداللىق تۈزۈمنىڭ ۋە مىللىي زۇلۇمنىڭ ئېزىشى ،شۇنداقلا باشقا بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇلار بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ كەتكەن.مىلادىيە 1949-يىلىغا كەلگەندە بۇ قەۋىمدىن ئاران 3000 كىشىقالغان . 1949 – يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىنكېيىن، 1953 – يىلى مەركىزىي ھۆكۈمەت تەكرار مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق مەزكۇرقەۋمگە خەنزۇچە« يۈگۇ » (裕固) دېگەن نام قويغان (بۇخەنزۇچە «维吾尔»دېگەننامدىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھەرئىككىسى «ئۇيغۇر»دېگەننامنى بىلدۈرىدۇ) ھەم ئۇلارنى جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭبىرى قىلىپ بېكىتكەن(14). ھازىرقى يۈگۇ(裕固) مىللىتىدىكى ياڭ فامىلىسى دەل قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقىدىكىياغلاقار ئورۇقىنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان نامىدۇر(15).
ئىزاھات:
(1) لىفۇتۇڭ:« سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە »، « چىگرا سىياسىيسى مۇھاكىمىسى»، 1943 – يىلى3- توم 8 – سان.
(2) (5) (13) (14) تۆمۈر: «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى» ،مىللەتلەر نەشرىياتى 1999-يىل7-ئاي خەنزۇچە1-نەشرى.
(3)(4) تاڭكەيجيەن:« گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قالدۇق قۇۋىملىرىنىڭ كۈچۈشى ۋە ئۇلارنىڭ شىجۇئۇيغۇرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى » ، « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»ژورنىلى خەنزۇچە 1984 –يىللىق3 – سان.
(6) چيەن بوچۇەن: « ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنخۇاڭدىكىتارىخى »، « دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى » 1989 -يىللىق 1-سان (ئومۇمىي 15-سان)
(7) لۇ چىڭفۇ:«بەيئەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدىكى ئۇيغۇرلىشىشى ۋە شاجۇ ئۇيغۇرھاكىمىيىتى »، «دۈنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 1998 ـ يىللىق 1 ـ سان (ئومۇمىي 33 ـسان).
(8) « سۇڭ سۇلالىسى تارىخى » 490 – جىلىد « ئۇيغۇرلارتەزكىرىسى »، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى1977-يىلى خەنزۇچەنەشرى.
(9) « لياۋسۇلالىسى تارىخى. بارگاھ – قاراۋۇلخانىلار تەزكىرىسى»، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى1974-يىلى خەنزۇچە نەشرى
(10) ۋۇ گۇاڭچېڭ: « تاڭغۇتنامە » 36 – جىلىد، 1935-يىلىبېيجىڭ فاكسىمىل نۇسخىسى.
(11) « يۇەن سۇلالىسى تارىخى» 121-جىلىد «سۇبۇتاينىڭ تەرجىمھالى »، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1976-يىلى خەنزۇچە نەشرى
(12) ئەنۋەربايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق : « شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى »، 571 ــــ597 –بەتلەر، مىللەتلەر نەشىرىياتى 1991 – يىل ئۇيغۇرچە1- نەشىرى.
(15) ياڭ شېڭمىن تۈزگەن، ئىمىن ئەخمىدى تەرجىمە قىلغان: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار »،330 ـــ 335-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق
نەشىرىياتى 1998 – يىل 8-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى
|