قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 13608|ئىنكاس: 216

ئاسپىرانت قىزلار قېرىپ كەتتۇقمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

17

دوست

400 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8883
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 800019
تۆھپە : 800695
توردىكى ۋاقتى: 1033
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا كېڭەيتىش ماھىرى تەشۋىقات ماھىرى تېما ماھىرى پەخىرلىك ئەزا مۇنەۋۋەر مەسئۇل مۆھتىرەم ئەزا پىشقەدەم ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى تۆھپىكار باشقۇرغۇچى نادىر يازما چولپىنى تۆھپىكار ئەزا پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 17:11:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

ئاسپىرانت قىزلار قېرىپ كەتتۇقمۇ؟
(ئايجامال ئەخمەت)



ـ ۋاي-ۋۇي،سەن ئوقۇشقا كەتكىلى نەزامان ؟تېخىچە ئوقۇيمەن دەپ يۈرەمسەن ؟سىنىڭ تويۇڭنى ئوينىماي تۇرۇپ باللىرىمىزنىڭ سۈننەت تويلىرىنى ئويناپ قالمايلى يەنە ...
  ـ بىر ئوبدان خىزمىتىڭنى تاشلاپ  ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇپ نىمىمۇ قىلارسەن؟
  ـ بۇ ياشقا كىرىپ تۇرۇپمۇ تېخچە مەكتەپتە يۈرۈپ قېرى قىز بولۇپ قالما  يەنە ، توي قىلدىغان يېشىڭدىن ئۆتۈپ كەتتىڭ .
    ھەرقىتىم تەتىلدە،يۇرتقا بارغاندا ،ئۇرۇق تۇققانلىرىم ،باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىمدىن مانا مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلايتتتىم .ھەتتا بەزىدە ئاتا-ئاناممۇ بۇگەپلەرنى دەپ قالاتتى ،بۇنداق چاغدا ناھايىتى تېزلائۇلارغا رەدىيە بەرسەممۇ لىكىن ئۈزۈمنى بەزىدە راستىنلا يىشىم چوڭىيىپ «قېرى قىز» بولۇپ قالغاندىمەنمۇ ،ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇپ خاتا قىلدىممۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالاتتىم .ئەمما مەكتەپكە قايتىپ كىلىشىم بىلانلا ئەتراپىمدىكى ماڭا ئوخشاش قىزلار بىلەن بىلىم .ئىگەللەش ،مۇنازىرلىشىش بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كىتىپ بۇ خىياللىرىم قاياقلارغىدۇر غايىپ بۇلاتتى ،ـ دە ،يەنە قىزغىن ھالدا ئۆگۈنۈشكە كىرىشەتتىم .
    بىركۈنى قىزلاربىلەن بىللە تاماق يەپ ئولتۇرۇپ ،بۇ توغۇرسىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاۋاتقان قىزلارنىڭ پەقەت مەنلا ئەمەسلىكىمنى ھېس قىلدىم ،ماڭا ئوخشاش يېزىلىق قىز ساۋاقداشلارنىڭ كۆپۈنچىسى بۇ گەپلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇردىكەن .
    ئاسپىرانىتقا چىققاندىن كىيىن ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشىنىڭ تولۇق كۇرىستىكى ئوقۇش بىلەن تامامەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېسقىلدىم ،يىتەكچى ئوقۇشىمىزنىڭ ھەر تەرەپلىمە  يىتەكلىشىدىن سىرت ،نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ،نۇرغۇن ماتىرياللارنى كۆرۈشكە توغرا كىلەتتى ،شۇنىڭ بىلەن بىلەن بىرلا ۋاقىتتا سالمىقى خېلىلا ئېغىر بولغان ھەرخىل قىيىن ئىمتىھانلارغا تەييارلانمىساق بولمايتتى ،بۇرۇنقىدەك ئىمتىھانغا بىرنەچچە كۈن قالغاندا ،مۇھىم نۇقتىلارنى كۆرۈپلا ئىمتىھانغا كىرىپ 60 نومۇر ئۈچۈن كۆرەش قىلدىغان ئىشلار مۇمكىن ئەمەس ئىدى ،چۈنكى ھازىرقى ئىمتىھانلىرىمىزنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يوقىرى بولۇپ ،دەرسلىك كىتاپلاردىن سىرت ،شۇ دەرسلىككە ئائىت باشقا ماقالىلەر ،مۇناسىۋەتلىك بولغان ماتىرياللارنىمۇ كۆرەتتۇق ،بەزىدە ئۆگۈنۈش بېسىمىمىزنىڭ ئېغىرلىقىدىن چارچاپ «ھەي ئىسىت ،خىزمىتىمدىن ۋازكەچمەي ئىشلىگەن بولساق ،،بۇنداق جاپامۇ يوق مائاشىمىزنى خەجلەپ ئولتۇرار بولغىيتتۇق ،بۇنداق بېسىملارمۇ بولماستى »دەپ ئۆزئارا چاقچاقلارمۇ قىلىشاتتۇق .بۇ ،كۆڭلىمىزدە بۇ يولنى تاللىغىنىمىزدىن پەخىرلىنەتتۇق ،پۇشايمان قىلمايتتۇق .خىيالىمدا بۇ يولنى تاللىغان ئىكەنمەن چوقۇم غەلبە قازىنىمەنغۇ ،بىر باشقا ئۈزۈپ چىقىمەنغۇ دەيدىغانمۇ ئىشەنچىم بارئىدى .
   بىزگە ئوخشاش تولۇق كۇرىستىن  كىيىنلا ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنى  تاللىغان قىزلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەسەللى بىز بىلەن بىللە ئوقۇۋاتقان ،بۇرۇن نەچچە يىل ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن ،ئاللىقاچان ئانا بۇلۇپ  قالغان ھەدە ئورنىدىكى ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ دائىم «مۇشۇنداق ياش قىران چاغلىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگەللىۋېلىڭلار ،خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن رىقابەتكە يۈزلىنىش ،پۇت دەسسەپ تۇرۇش ھازىر ئۇل سېلىش كېرەك ،بىلىملىك ئىقتىدارلىق بولساڭلار ھازىر جاپا تارتقان بىلەن كىيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيسىلەر ،شۇخىزمەت ،شۇ تۇرمۇشۇڭلارغىمۇ تويۇپ نىمە ئۈچۈن بىرنەچچە يىل ئوقۇۋالمىغاندىمەن دەپ پۇشايمان قىلىپ قالمايسىلەر »دەيدىغان رىغبەت -ئىلھام سۆزلىرى ئىدى،ھەرقېتىم ئۇلاربىلەن پاراڭلىشىپ قالغاندا تاللىغان يولۇمنىڭ توغۇرلىقىنى يەنە بىر قىتىم مۇئەييەنلەشتۈرەتتىم .
   جەمىيىتىمىزنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ،كىشىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنىڭ كۈندىن كۈنگە يوقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ ،قىزلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇش نىسپىتىمۇ يوقىرى كۆتۈرلىمەكتە .لىكىن قىزلارنىڭ داۋاملىق يوقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشىغا باشقىچە قارايدىغان ،قوللىمايدىغانلار ھەتتا ئەيىپلەيدىغان ئەھۋاللارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ .
   چوڭلىرىمىزنىڭ نەزىرىدىكى :قىزبالا سىرتنىڭ ئادىمى ،ئۇنچە جىق ئوقۇپ نىمە قىلىدۇ ».«يوقۇرلاپ ئوقۇپ نەگە باراتتى ،يەنە ئوخشاشلا خىزمەت قىلىدۇ ،ئوخشاش مائاش ئالىدۇ ،ئۆرلەپ ئوقۇغانلارنىڭ بىشىغا ئالاھىدە بىرەر نەرسە ئۈنۈپ چىقىپ قالاتتىمۇ »دىگەن خاتا قاراشتىكى كىشىلەرنى دائىملا ئۇچرىتىپ قالاتتىم .
   مانا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچكەن يىلى بىر ساۋاقدىشىم مۇنداق دىگەنىدى :«قىزبالائاسپىرنتلىقتا ،دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيمەن دەپ نىمە كەپتۇ،بەرىبىر مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كىيىن  ئوخشاشلا خىزمەت ئىزدەيدىغان گەپ ئۇنىڭدىن ھازىر خىزمەت قىلىپ ،بىرەر يىل ئاتا ئاناڭنىڭ ھالىدىن خەۋەرئالساڭ ،ئۇنىڭدىن كىيىن توي قىلساڭمۇ ،بەش يىلغىچە خىزمەتنىڭمۇ ،ئائىلىنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقساڭ شۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىش بولامدۇ ؟ئۆزەڭلا ئەمەس ئاتاـ ئاناڭمۇ سەندىن رازى بۇلۇپ قالاتتى .ھازىر ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇساڭ ،27-28 ياشلاردا ئوقۇش پۈتكۈزۈپ بىرەر خىزمەتنىڭ پىشىنى تۇتقىچە قانچىگە كىرىپ كىتىسەن ،سەن پۈتكۈزگىچە نىمە ئىشلار بولۇپ كىتىدۇ ،خىزمەت تاپالماي قالامسەن تېخى قېرى قىز بولۇپ !»دىگەنىدى ،ئالىي مەلۇماتلىق بۇ زىيالىي ساۋاقدىشىمنىڭمۇ مۇشۇنداق دىيىشى مىنى ناھايىتى ئۈمۈدسىزلەندۈرگەنىدى .ھېلىمۇ ئېسىمدە ئۇنىڭغا رەددىيە بىرىپ «ھېچ بولمىسا كەلگۈسىدە ئالىي مەلۇماتلىق لاياقەتلىك ئانا بولىمەن !»دەپ جاۋاپ بىرىپ كىتىپ قالغانىدىم .
   ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن يىلى ،بىز بىلەن بىللە ئاسپىرانتلىققا ئۆتكەن لىكىن ئاتا-ئانىسى ،ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ مۇشۇنداق قاراشلىرى ۋەقارشى تۇرۇش تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەن ساۋاقداشلىرىمىنى ئويلىسام بىئارام بولاتتىم .
   ئەجىبا قىز ئىستۇدېنتلار ئاسپىرنتلىقتا ئوقۇسا راستىنلا قېرى قىز بولۇپ قالامدۇق؟ مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كىيىن تۇرمۇشلۇق بولىشىمىز ھەقىقەتەن چوڭلار دىگەندەك قىيىنلىشىپ كىتەرمۇ؟بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن چوقۇم يوقۇرلاپ ئوقۇشتىن ۋازكېچىشىم كېرەكمۇ ؟
   ياق ،ھەرگىزمۇ بۇنداق ئەمەس .مىنىڭچە ،يۇقىرىلاپ ئوقۇش ،بىلىم ئىگەللەش ،ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈش ھەرگىزمۇ ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ،ئۆمۈرلۈك مائارىپ تەشەببۇس قىلنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ياش چەكلىمىسىمۇ يوق بولىۋاتىدۇ .
   ئاسپىرانتلىق بولسا جەمىيەتكە بولغان كۆزقارىشىمىزنى ،تونۇشىمىز چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ،شۇنداقلا ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تونۇيدىغان ،دۇنيا قارىشىمىز ،كىشىلىك قارشىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردىغان بىر پەلەمپەي .بىر باسقۇچ يوقۇرلاپ ئوقۇساق ،جەمىيەتكە بىرپەلەمپەي يوقۇرلاپ نەزەر تاشلىيالايمىز .ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق نۇرغۇن قىز -ئاياللىرىمىز ئوخشاشلا پەن تەتقىقات ،مەدەنىيەت ساھەلىرىدە كۆرنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ،خەلقىمىزگە،مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ ئالقىشلارغا ئېرىشمەكتە ،ئاپىرىنلار ئوقۇلماقتا بۈگۈنكى ئاسپىرنىت قىزلىرىمىز بولسا شۇ تۆھپىكار قىز ئاياللىرىمىزنىڭ ۋارىسلىرى ،ئىز باسارلىرى .شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى قوللاپ ،ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرماي قىزغىنلىقىغا ،تىرىشچانلىقىغا سوغاق سۇ سەپمەي ،ئىلھام مەدەت بىرىشىمىز كېرەككى ھەرگىزمۇ ئەيىپلىمەسلىكىمىز كېرەك .
    بۈگۈنكە قىزلارــ ئەتىدىكى ئانىلاردۇر .بىر كىتاپتا كۆرۈشۈمچە ،ياپۇن مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ياپۇن ئاياللىرىنىڭ تۆھپىسى دەپ قارايدىكەن .چۈنكى ياپونىيەدىكى قىزلار تاكى دوكتورلۇققىچە ئوقۇپ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ،تويقىلىپ پەرزەنىتلىك بولغاندىن كىيىن يەنىلا ئائىلە ئايالى بولۇپ پەرزەنىت تەربىيلەيدىكەن .مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يوقىرى ساپالىق ،يوقىرى بىلىملىك ئانىلار جەمىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغان ،ئىجادچانلىقى كۈچلۈك ئەۋلاتلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىپ ،مىللەت ۋە دۆلەت تەرەققىيارتىغا ئۆيدە ئولتۇرۇپ بىركىشلىك تۆھپە قوشىدىكەن ،بۇ نىمەدىگەن قايىل قىلارلىق ئىش ــ  ھە !
    ئانا پەرزەنتىنىڭ تۇنجى ھەم ئۆمۈرلۈك ئۇستازى ،پەرزەنىت ئۈچۈن ئانىنىڭ تەربىيىسى ئىنتايىن مۇھىم ،ئۇچقانداق تەرەققىي قىلۋاتقان بۈگۈنكى جەمىيەت كىشىلىرىمىزدىن يوقۇرى سەۋىيەلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئەمەس بەلكى ساپالىق ،مەدەنىيەتلىك ئانىلارنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ ،مۇشۇ سەۋەپتىن بەزى ئانىلارمۇ جەمىيەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ ،پەرزەنىتلىرىنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ،نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بىرىش ۋە ئۇلارنىڭ بىلىم ئىگەنلەش ئېھتىياجىغا ،ماسلىشىش ئۈچۈن ياخشى شارائىتتىكى يوقۇرى مائاشلىق خىزمەتلەردىن ۋاز كېچىپ يوقۇرلاپ ئوقۇۋاتىدۇ ۋە بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۋېتىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا ،بىزگە ئوخشاش 20 نەچچە ياشلىق قىزلار ئۈچۈن بىرنەچچە يىلدىن ۋازكېچىپ يوقۇرلاپ ئوقۇش ئەلۋەتتە ئورۇنلۇق ھېساپلىنىدۇ .
    ئەتراپىمىزدىكىلەردىن ئۆتىنىدىغىنىم قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا سەل قارىمايلى ،ئاسپىرانىت قىزلارنى قوللايلى ،ئۇلارمۇ مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچى شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى ،قىزلىرىمىز يوقۇرلاپ ئوقۇسا قېرى قىز ئەمەس بەلكى مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ ياش ،جۇشقۇن ئاۋانگارتلىرى بولۇپ ،ئىلىم ساھەسىگە ھۆسۈن قوشىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىگە شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا تېخىمۇ جۇلالىنىپ نۇرچاچىدىغان ياقۇتقا ئايلانغۇسى .

(ئاپتور: شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلوگىيە ئىنىستىتۇتى مىللەتشۇناسلىق كەسپىدە )

  شىنجاڭ ياشلىرى ئىستۇدىنىت ژۇرنىلىدىن ئىلىندى .


باغداش تورىغىلا خاس .رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ!


19

تېما

1

دوست

3553

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 934
توردىكى ۋاقتى: 168
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 17:37:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇھىم مەسىلە ئەمەس.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

1

دوست

4101

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10928
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 221
تۆھپە : 1089
توردىكى ۋاقتى: 371
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 17:57:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭمۇ ئوقۇغۇم بار ئاسپرانتلىقنى

19

تېما

1

دوست

3553

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 934
توردىكى ۋاقتى: 168
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 18:05:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 17:45
ئۇكام بۇ مۇھىم مەسىلە ئەمەس دەيدىغانغا قانداق كۆز قار ...

ھەي ساقام شۇنچە مۇھىم مەسىللىلەرنىڭ ئالدىدا بىرەر-ئىككى ئاسپىرانىت قىزنىڭ قېرىپ كەتكىنى ھىچ ئىش ئەمەس دەيمە.

1

تېما

2

دوست

2544

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 758
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 18:32:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەنلا بىر مەسىلە،ياشنىڭ چوڭىيىشىغا كۆز يومىۋالغىلى بولمايدۇ.شۇڭا ئاسپىرانىت قىزلار ئوقۇش بىلەن بىرگە كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ غېمىنى قىلىپ قويۇشى كىرەك.

نىجات

3

تېما

0

دوست

2587

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 18:43:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاسپىرانتىلىقنى بىر يىل ئوقۇپ بولغاندا دادام ‹ قايتىپ كەل، تويۇڭنى قىلىپ قوياي › دېگەنتى، مەن ئوقۇشتىن چېكىنىپ قايتىپ كەلگەن، ھازىر بولغاندا شۇ چاغدا ئالدىراپ ئوقۇشنى تاشلاپ يېنىپ كەلگىنىمگە پۇشايمان قىلىپ قالىمەن.

0

تېما

5

دوست

2584

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 18:54:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسپىرانتلىقتا ئوقىمايمۇ قىرىپ كەتكەن قىزلار جىق. .ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىر مۇئەللىم، ئاسپىرانلىقتا ئوقىساڭ بەختىڭنى تاپقان بولىسەن دىگەنتى. ئەپسۇس ئوقىماپتىمەن. گەرچە 40ياشقا كىرگەن بولساممۇ  شۇ بىر پۇشايمىنىم بار،..

0

تېما

5

دوست

2584

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 18:56:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلتۇز ئوسمانىۋانىڭ بىر ناخشىسى بار ئىدىغۇ « لاۋ لاۋ يانىمەن »دەيدىغان. شۇ ھەۋەس، شۇ ئارزۇنىڭ ئوتىدا مەنمۇ گاھ يېنىپ گاھ سوۋۇپ يىللارنى مەنىسىز دىگۈدەك ئۆتكۈزىۋەتتىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )