قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2428|ئىنكاس: 14

مەن كۆرگەن گېرمانىيە ( 4 )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

6

دوست

2617

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28166
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 810
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 00:46:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                             
   مەن كۆرگەن گېرمانىيە ( 4 )

                 




         گېرمانىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئالپ تېغى-مەملىكەت ئىچى،سىرتىغا مەشھۇر ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ئىكەن. بىز  ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ميۇنخېن شەھرىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ ئالپ تېغى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا يۈرۈپ كەتتۇق. پويىز يول بويلىرىدىكى ياپيېشىل چىملىقلار، بۆك-باراقسان ئورمانلىقلار، كالىلار يايلاۋاتقان ئوتلاقلىقلار، قۇلماقزارلىقلار ۋە كىچىك شەھەر، بازارلارنى كەينىدە قالدۇرۇپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. ئەتراپىمىزدا ئولتۇرغان گېرمانلارپويىزدا كېتىۋېتىپمۇ كىتاپ،ژورنال كۆرۈپ ئولتۇرىدىكەن. ئەمما بىزگە ئوخشاش گېرمانىيەگە ئەندىلا كەلگەن چەتئەللىكلەر يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن كۆزىمىزنى ئۈزەلمەي قالىدىكەنمىز. ئىككى سائەت ماڭغاندىن كىيىن پويىزدىن چۈشۈپ ئاپتۇبۇسقا ئالماشتۇق، يەنە يېرىم سائەتتىن كىيىن ئالپ تېغى باغرىغا يېتىپ كەلدۇق.
        پاھ، بۇيەرنىڭ مەنزىرىسى نىمىدىگەن گۈزەل!...ئەنە،  تاغ ئۈستى، تاغ باغرىدىكى ياپيېشىل قارىغايزارلىق، ئارچىزارلىقلار ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدا قەد كۆتىرىپ تۇرغان قەدىمىي قەلئەلەر يىراقتىنلا ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى. بۇ گۈزەل سەيلىگاھقا دونيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي كىلىپ تۇرۇشىمۇ بىكار ئەمەسكەن. بىز بۇيەرگە كىلىپلا ساياھەتچىلەر توپىغا ئەگىشىپ يانتۇ تاغ يولى بىلەن يوقۇرىغا ئۆرلىدۇق. ئىككى تەرىپى قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان بۇ تاغ يولىغا قوياش نۇرىمۇ ئانچە چۈشمەيدىكەن، يولىمۇ بەك تىك بولمىغاچقا،ئادەممۇ ھېرىپ كەتمەيدىكەن. پىيادە تاغقا چىقىشقا ئېرىنىدىغان بىر قىسىم ساياھەتچىلەر قاۋۇل ئىككى ئات قوشۇلغان ساياھەت ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ تاغقا چىقىپ چۈشىدىكەن. بۇ ساياھەت ھارۋىلىرى تاغنىڭ قاپ بېلىدىكى بېكىتىدە ساياھەتچىلەرنى چۈشۈرۈپ قويىدىكەن. ساياھەتچىلەر ئۇنىڭ نېرىسىغا  پىيادە چىقىدىكەن. تاغ يولىنىڭ بەزى جايلىرىدا قەھۋەخانىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ، ھېرىپ قالغان ساياھەتچىلەر بۇيەردە بىردەم ئولتۇرۇپ ئۇسسۇزلۇق ئىچكەچ ئارام ئېلىۋىلىپ ئاندىن ماڭىدىكەن. بىزمۇ ئاخىرى تاغ ئۈستىگە چىقىۋالدۇق. تاغ ئۈستىگىمۇ ساياھەتچىلەر ئارام ئالىدىغان مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى جايلاشتۇرۇلغان ئىكەن. تاغ ئۈستىدىن قارىغاندا يىراقتىكى ۋە پەس تەرەپتىكى مەنزىرىلەر ئاجايىپ گۈزەل كۆرىنىدىكەن. تاغ چوققىسىنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ ئۈزۈپ يۈرگەن ئاپئاق بۇلۇتلار، ئۇنىڭ ئاستىدىكى ياپيېشىل قارىغايلار كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىكەن.
        ئالپ تېغىدا 16-ئەسىردىكى باۋارىيە خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى لۇدۋىك-2 نىڭ چوڭ-كىچىك قەلئەلىرى جايلاشقان بۇلۇپ، بىز تاغ ئۈستىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قەلئەنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇق. كۆپ قەۋەتلىك بۇ قەلئە ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ئىدى. ئىچىدە ئەينى زاماندىكى پادىشاھلار ياشىغان نۇرغۇن ئۆيلەر بار ئىكەن. بىز تاغ باغرىدىكى بىر كىچىك بىنانىڭ ئادىدا نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئۇلارنىڭ نىمىگە ئۆچرەتكە تۇرغانلىقىنى ئاڭقىرمايلا تاغ ئۈستىگە قاراپ يول ئالغان ئىدۇق. ئەندى بىلدۇقكى، ئۇلار مۇشۇ قەلئەدىكى پادىشاھنىڭ ئۆيلىرىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىش ئۈچۈن ئىشىك بېلىتى ئېلىشقا ئۆچرەتتە تۇرغان ئىكەن. بىز ئالدىنئالا ئىشىك بېلىتى ئېلىپ قويمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۆي ئىچىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلالمىدۇق، پەقەت قەلئەنىڭ سىرتىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنىلا كۆرەلىدۇق.
        قەلئەگە ئانچە يىراق بولمىغان يەردە، ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان بىر ئاسما كۆۋرۈك بار ئىكەن. بىز ساياھەتچىلەر توپىغا ئەگىشىپ، ئىگىز-پەس تار يوللاردىن ئۆتۈپ، بەزىدە تاش پەلەمپەيلەر ئارقىلىق يوقۇرى-تۆۋەن چۈشۈپ بۇ ئاسما كۆۋرۈككە كەلدۇق. كۆۋرۈك ئۈستىدە ئادەم ناھايتى كۆپ ئىدى. كۆۋرۈكتە تۇرۇپ قارىغاندا،يىراقتىكى تۈزلەڭلىكلەر، ئورمانلىقلار، دەريا، كۆللەر، مەھەللىلەر غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كۆۋرۈك ئاستى ياپيېشىللىققا تولغان چوڭقۇر جىلغا ئىدى. كىشىلەر كۆۋرۈك ئۈستىدە ئۇيان-بۇيان ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بەزىلىرى سۈرەتكە چۈشەتتى، ئەتراپتىكى گۈزەللىكلەرنى سۈرەتكە تارتىشاتتى. كۆۋرۈك ناھايتى مۇستەھكەم ياسالغان بۇلۇپ، بىرەريۈز ئادەمنى بىمالال كۆتىرىپ تۇراتتى. بىز ئۆمرىمىزدە بۇنداق گۈزەل جاينى كۆرۈپ باقمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى تولىمۇ تەلەيلىك ھېس قىلدۇق. بۇيەردىكى گۈزەل تەبىئەت بىزنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغان ئىدى. ئەپسۇسكى، بىر ھازادىن كىيىن ھاۋا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، تاغ ئۈستىدىكى ئاپئاق بۇلۇتلارنىڭ ئورنىنى قارا بۇلۇتلار ئىگىلەشكە باشلىدى. بۇ يامغۇر ياغىدىغانلىقنىڭ بىشارىتى ئىدى. بىز يامغۇردا قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئالدىراپ-تىنەپ تاغدىن چۈشۈۋالدۇق. ئاپتۇبۇس بېكىتىگە كىلىپ بولغىچە شاقىراپ يامغۇر قۇيۇۋەتتى. بىز ئوچۇقچىلىقتا يامغۇرغا چىلىشىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ، ئاران دىگەندە ئاپتۇبۇسقا چىقىۋالدۇق، بىردەمدىن كىيىن پويىزغا ئالمىشىپ ميۇنخېنغا قايتتۇق.   

DSCF0480.jpg
DSCF0482.jpg
DSCF0485.jpg
DSCF0496.jpg
DSCF0499.jpg
DSCF0500.jpg
DSCF0501.jpg
DSCF0505.jpg
DSCF0507.jpg
DSCF0508.jpg
DSCF0518.jpg
DSCF0524.jpg
DSCF0510~2.jpg
DSCF0511.jpg
DSCF0527~2.jpg
DSCF0529.jpg
DSCF0530.jpg
DSCF0533.jpg
DSCF0536.jpg
DSCF0538.jpg
DSCF0550.jpg
DSCF0551~2.jpg
DSCF0552~1.jpg

0

تېما

3

دوست

1809

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   80.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22684
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 564
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 15:16:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ رەسىملەردىن،  تەبئەت،
قەدىمىلىك  ۋە  زامانىۋىيلىقنىڭ ئورگانىك بىركىشىنى كۆردۈم. نىمىدىگەن،گۈزەل!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

1809

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   80.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22684
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 564
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 15:17:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ رەسىملەردىن،  تەبئەت،قەدىمىلىك ۋە  زامانىۋىيلىقنىڭ   ئورگانىك بېرىكىشىنى كۆردۈم. نىمىدىگەن،گۈزەل!

7

تېما

0

دوست

2960

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10671
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 498
تۆھپە : 581
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 17:56:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ رەسىملەردىكى تەبىئەت بىلەن گىرەلەشكەن بىر ئاتىنىڭ شاتلىقى ئادەمنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇرىدىكەن.تىخىمۇ كۆپ ئاتىلىرىمىزنىڭ دۇنيانى كۆرۈش ۋە ھوزۇرلىنىش پۇرسىتى قولغا كەلگەن بولسا تولىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4805
توردىكى ۋاقتى: 1399
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 19:15:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە دېگەن گۈزەل جايلار -ھەق! بىزنىڭ ئۇ يەردىنمۇ گۈزەل ساياھەت  نوختىلىرىمىز بار  ئىدى. بۇ يەرلەر مۇھىت بولغىنىش ۋە باشقا نوپوس زىيادە كۆپىيىش .قاتارلىق  سەۋەپلەردىن بۇزغۇنچىلىققا  ئۇچرىماقتا

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4805
توردىكى ۋاقتى: 1399
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 19:15:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە دېگەن گۈزەل جايلار -ھەق! بىزنىڭ ئۇ يەردىنمۇ گۈزەل ساياھەت  نوختىلىرىمىز بار  ئىدى. بۇ يەرلەر مۇھىت بولغىنىش ۋە باشقا نوپوس زىيادە كۆپىيىش .قاتارلىق  سەۋەپلەردىن بۇزغۇنچىلىققا  ئۇچرىماقتا

1

تېما

4

دوست

8126

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2095
توردىكى ۋاقتى: 642
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 19:56:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىتى ھەقىقەتەن گۈزەل.چۈنكى،ئۇلاردا:ھەم مۇھىتتىن ھوزۇرلىنىش،ھەم مۇھىتنى ئاسراش ئېڭى شەكىللىنىپ بولغان.
بىزنىڭ ئىلىنىڭ تاغلىرى،باشكىرەمنىڭ ئانارلىق باغلىرى...مۇ ئاجايىپ گۈزەل.

1

تېما

4

دوست

8126

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2095
توردىكى ۋاقتى: 642
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 19:59:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ت.ئېلىيېفنىڭ شېئىرىدىكى بۇ قۇرلارنى  ئەسلىدىم:
....................................
ئۆزگە يۇرتتا شاھى تون ئىچرە قورۇنغان تەنلىرىم،
ئۆزيۇتۇمدا يايرىغاي كەيسەم كۇلاھۇ-جەندەمەن.
......................................................





كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )