- تىزىملاتقان
- 2010-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 12568
- نادىر
- 28
- يازما
- 230
ئۆسۈش
100%
|
باغداش تورى خەۋىرى :
دىيارىمىزدىكى زەپەر قۇچۇپ كېتىۋاتقان شانئال ئىگىلىك تىكلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئايتۇرسۇن خانىم ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئامىرىكا بوستۇندا زىيارەتتە بولدى ، بوستۇندا تۇرۇشلۇق مىللىتىمىزنىڭ مۇنەۋەر ئوغلانى قەيسەر مىجىت ئەپەندىم شانئال مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى قىزغىن كۈتىۋالدى ۋە شانئال مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا <دۇنياۋى ئىقتىساد دولقۇنىدا ئۇيغۇر كارخانىچىلار > تېمىسىدا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلىدى. ئارقىدىن قەيسەر مىجىت ئەپەندىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن شانئال مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خارۋاد ئۇنۋېرستىتىدا زىيارەتتە بولدى ، ئىگەللىشىمىزچە شانئال مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بوستىندىن قايتىپ باشقا شىتاتلاردا زاۋۇت ۋە كارخانىلاردا زىيارەتتە بولىدىكەن .
شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيلەش مەكتىپى ھەققىدە :
شىنجاڭ شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيلەش مەكتىپى 2006-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان شىنجاڭدىكى تۇنجى مەخسۇس ئىگىلىك تىكلەش بۇيىچە تەربىيلەش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپ بولۇپ، ھازىرغىچە 10000دىن ئارتۇق ئادەمنى كارخانا باشقۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە،15000 دىن ئارتۇق ئادەمنى خادىملار مۇناسىۋىتىنى باشقۇرۇش بۇيىچە ، 8000دىن ئارتۇق ئادەمنى بەختىيار ھايات بويىچە تەربىيلەپ چىقتى ھەمدە بۇتۈرلەر بويىچە داۋاملىق ئوقۇغۇچى تەربىيىلەۋاتىدۇ..
مەكتىپىمىز 2010-يىلى5-ئايدا چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتىMBA تەربىيلەش مەركىزى ۋە ئۈرۈمچى EMBA كارخانىچىلار بىرلەشمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ،چىڭخۇا سودا باشقۇرۇش ماگىستىرلىق قوش تىللىق سىنىپىنى ئېچىپ،،ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىپ بەردى، شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى سەرخىل كارخانىچىلارنى بىر يەرگە توپلاپ بايلىقلاردىن ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغا سەھنە ياراتتى.
مەكتەپ قۇرغۇچىسى ئايتۇرسۇن خانىم ئاپتونوم رايونلۇق ئايال كارخانىچىلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، دۇنيا كۆزگە كۆرۈنگەن جۇڭگولۇقكارخانىچىلار بىرلەشمىسنىڭ كېڭەش ئەزاسى ، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئايال كارخانىچى ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىگىلىك
تىكلەش باشلامچىسى ، چىڭخۇا سودا باشقۇرۇش ماگىستىرلىق سىنىپىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى .
|
|