قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1807|ئىنكاس: 17

گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

1

دوست

4389

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 58
تۆھپە : 1510
توردىكى ۋاقتى: 248
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 12:41:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار

(ئەخمەت مۆمىن تارىمى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)

قىسقىچە مەزمۇنى :مەزكۇرماقالىدە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن قۇرۇلغان يېڭى ھاكىمىيەت ــــگەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىنى ۋە ئاھالىسى، جۈملىدىن خانلىق تەركىبىدىكى ئۇيغۇرقەبىلىلىرى ۋە باشقا خەلقلەر ھەققىدە قىسقىچە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلىدۇ.
    مىلادىيە840 -يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى نىزا ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن يىمىرىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسمى جەنۇبقا ۋەغەربكە  كۆچكەن،بىر قىسمى ئەسلى ماكانىداقېلىپ كېيىنچە باشقا خەلقلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن. جەنۇبقا كۆچكەن تارامى تاڭ سۇلالىسىنىڭ چېگرىسىغا بېرىپ ئورۇنلاشقان ۋە كېيىنچەزەربىگە ئۇچراپ پىتىراپ كەتكەن.غەرىبكە كۆچكەن تارامى دەسلەپتە ئالتاي تېغىدىن ئۈتۈپ ئۇيەردىكى قارلۇقلار بىلەن ئۇچراشقان. كېيىن ئۇلارنىڭ بىرقىسمى ھازىرقى گەنسۇدىكى خېشى كارىدورى ئەتراپلىرىغا كەلگەن. بىرقىسمى  ئاۋال تۇرپان، بەشبالىققا(جىمىسار ئەتراپىغا)،ئاندىن كۈسەن(كۇچا)، قاراشەھەر ئەتراپىغا كېلىپ، كېيىنچە قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان. يەنە بىر قىسمى داۋاملىق غەرىپكە مېڭىپ، يەتتىسۇ ، سوياپ دەرياسى ۋە پامىر ئەتراپلىرىغا كېلىپ، بالاساغۇن ۋە قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار خانلىقىنى قۇرغان. خېشى كارىدورى ئەتراپلىرىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇيەردەبۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ (كېيىن جەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ پىتىراپ كەتكەن بىر قىسمىمۇ بۇيەرگە كەلگەن)، دەسلەپتە تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. كېيىن كۈچىيىپ، تەخمىنەن مىلادىيە 870-يىللىرى گەنجۇنى ( ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيې) مەركەز  قىلغان گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان.
          گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئاساسەن ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر خانلىقىنىڭ جەنۇبتىكى زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلغان. ﺋﻮرﺧﯘن -ﻳﯧﻨﺴﻪي ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮى، ﺋﻪرەب - ﭘﺎرس تارىخىي ماتېرىياللىرى ۋە ﻛﻮﻧﺎ، ﻳﯧﯖﻰ«ﺗﺎﯕﻨﺎمە» دﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ئەڭ كۈچەيگەن 8- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ 9 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ دەسلىپىگىچە بولغان مەزگىلدە ، ﮬﯚﻛﯜﻣﺮاﻧﻠﯩﻖداﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜل ﭼﻮڭ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ (گوبى چۆللۈكىنىڭ) ﺟﻪﻧﯘب ۋە ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪﺋﯧﻠﯩﭙلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ خېشى رايونى، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﻪ دالاسى، ﺟﯘﯕﻐﺎر ۋادﯨﺴﻰ،ﺗﺎرﯨﻢ ۋادﯨﺴﻰ، ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎغ ئېتىكى ۋە ﺋﯧﺮﺗﯩﺶ دەرﻳﺎﺳﻰ ۋادﯨﺴﻰ ، ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ۋادﯨﺴﻰ،ﭼﯘ دەرﻳﺎﺳﻰ ۋادﯨﺴﻰ،  ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻜﯚل ۋادىسىغىچە  ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن (1) . جۈملىدىنﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮاﺳﻰ ئېرغۇنا (ئەرگىنە) دەرﻳﺎﺳﻰ ۋادىسىنى ئۆزئىچىگە ئالغانخېشى رايونىغىچە يېتىپ بارغان. قەدىمدە بۇ رايۇندا ئۇسۇنلار ، توخرىلار ، ھۇنلارياشىغان بولۇپ، تۈرك خانلىقى دەۋرىدىمۇ بۇ رايون تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا ماكانى بولغان(2). ئۇرخۇن ئۇيغۇر  خانلىقى دەۋرىدىمۇ بۇ رايون يەنىلا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ماكانلىرىدىن بىرى  بولغان. 9 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خېشى رايونى بەزىدە تىبەتلەرنىڭ،تاڭ سۇلالىسىنىڭ،بەزىدە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرغان. مۇشۇ ۋەجىدىن، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى سەرسان بولغاندىن كېيىن قانداقتۇر پىتىراپ نىشانسىز ھالدا يات – يىراق جايلارغا كەتمەي، بەلكى ئۇلارنىڭ خېلى زور بىر قىسمى بۇرۇندىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىدە بولۇپ كەلگەن ھەم ئۆزقېرىنداشلىرى ياشاپ كەلگەن خېشى رايونىغا كۆچكەن.
     9– ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا خېشى رايونىدىكى ئۇيغۇرلار گەنجۇ( ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيې رايونى )نى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، تەدرىجى ھالداشاجۇ ( ھازىرقى گەنسۇئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ ئەتراپى )، لياڭجۇ ( ھازىرقى گەنسۇئۆلكىسىنىڭ ۋۇۋېي رايونى )، چىنجۇ ( ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تيەنشۇي رايونى )،خېلۇچۇەن ( ئېرغۇنا دەرياسى ۋادىسى)، سۇجۇ ( ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەنرايونى ) قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان.شۇڭا، بۇ ئۇيغۇرلار خەنزۇچە تارىخنامىلەردەخېلەنشەن ئۇيغۇرلىرى، چىنجۇ ئۇيغۇرلىرى، لياڭجۇ ئۇيغۇرلىرى،خېلوچۈەن(ئېرغۇنادەرياسى ۋادىسى) ئۇيغۇرلىرى، سۇجۇ ئۇيغۇرلىرى، گۇاجۇ ۋە شاجۇ ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتالغان(3).گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ ئۇيغۇرلارشەرق ۋە غەربنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان خېشى كارىدورىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ ،خېشى رايونى بويىچە قۇدرەتلىك كۈچ بولۇپ شەكىللەنگەن.10– ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 11 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىتازا روناق تېپىپ، سىياسىي تەسىرى ۋە زېمىن دائىرىسى كېڭەيگەن . « سۇڭ سۇلالىسىتارىخى » دىكى مەلۇماتلار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ شۇ چاغدىكى چېگرىسىنىئېنىقلىۋېلىشقا ئىمكان بېرىدۇ. ئۇنىڭدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گەنجۇ ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ چېگىرىسى شەرقتە چىنجۇغا، غەربتە شاجۇغا، شىمالدا ئېرغۇنا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكىئېقىنىغا، شەرقىي شىمالدا خېلەنشەن تېغىغا، جەنۇبتا چىليەنشەن تېغىغا يەتكەن. يەنەشۇ كىتاپتا ئەل تەۋەسىدە « بىر نەچچە يۈز كىچىك ۋىلايەتلەر بار ئىدى » دېيىلگەن(4). ئومۇمەن گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىنى كېڭەيگەنمەزگىللەردە شەرقتە ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى تيەنشۇي شەھرىنىڭ شەرقىگە،  غەربتە ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكىقۇمۇلنىڭ شەرقىگە (قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن چېگرىلانغان)(5) ، شىمالدا ھازىرقى ئىچكىموڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىدىكى ئېرغۇنا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ۋە خېلەنشەنتېغىغا ، جەنۇبتا چىليەنشەن تېغىغا يەتكەن. زېمىنى تەخمىنەن 540 مىڭ كۋادراتكىلومېتىر (غەربتىن شەرققە ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا كەڭلىكى450 كىلومېتىر )بولغان (6)
      
گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى ئاساس قىلغانھالدا تىبەت، خەنزۇ، قىتان، تاڭغۇت، سىبىر(شىرۋى)، تۇيغۇن، ﻗﯘﻣﯘق قاتارلىق خەلقلەر ياشىغان بولۇپ، بۇ خەلىقلەرنىڭ شۇچاغدىكى ئەھۋالى ، بولۇپمۇ نوپۇسى ھەققىدە تارىخي ماتېرىياللاردا ئېنىقراق مەلۇماتيوق. بىز پەقەت خەنزۇچە تارىخنامىلەردىن  «كونا بەش دەۋر تارىخى »، « يېڭى بەش دەۋىر تارىخى »، « سۇڭ سۇلالىسى تارىخى»دىكى بەزىبىر مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بۇھەقتە يەكۈن چىقىرىشقامەجبۇرمىز.گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىتەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان خېشى رايونىدا ياشاپكېلىۋاتقان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنجەنۇپقا ھەم غەرپكە كۆچۈپ بۇيەرگە كەلگەن بىرقىسىم ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭئومۇمىي گەۋدىسى ئىدى. ئۇلار بۇ جايلاردا بۇرۇنقى تىرىكچىلىك ئەنئەنىسىنىداۋاملاشتۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ تەبىئىي شارائىتىغا بېقىپ چارۋىچىلىق ، دېھقانچىلىق ،قول ھۆنەرۋەنچىلىك ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، خېلى قۇدرەت تاپقان ھەم تەدرىجىكۆپىيىپ ئاۋۇغان. ۋەھالەنكى، بۇ ئۇيغۇرقەبىلىلىرىنىڭ نوپۇسى ، بولۇپمۇ كۆپىيىپ ئاۋۇغانچاغدىكى نوپۇسى ھەققىدە ھېچقانداق تارىخىي ماتېرىيال يوق. پەقەت « سۇڭ سۇلالىسىتارىخى »دا خاتىرىلىنىشىچە، 1028 – يىلى تاڭغۇتلارگەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختىنى تارمار قىلغاندىن كېيىن،  1068 – يىلى ئۇيغۇر ئەلچىلىرى(شاجۇدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئەلچىلىرى) يەنە سۇڭ سۇلالىسىئوردىسىغا كېلىپ تارتۇق بېرىش بىلەن بىللە، « ماھا پراجىنا سۇترا » نومىنى سېتىپبېرىشنى تەلەپ قىلغان. 1073 – يىلى ئۇيغۇر ئەلچىلىرى (شاجۇدىن كەلگەن ئۇيغۇرئەلچىلىرى)  يەنە كەلگەن. پادىشاھ شېنزۇڭئۇيغۇر ئەلچىلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك نوپۇسى بارلىقىنى سورىغاندا، ئەلچىلەرئۇنىڭغا 30 تۈمەندىن كۆپرەك، بۇنىڭ ئىچىدە 20 تۈمەنى قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر، دەپجاۋاپ بەرگەن (7). ۋەھالەنكى، بۇ پەقەت گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭپايتەختى تارمار قىلىنغاندىن كېيىن شاجۇغا (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ ئەتراپى ) توپلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭلا نوپۇسمەلۇماتى بولۇپ، خانلىقتىكى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس مەلۇماتى ئەمەس. ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان خېشى رايونىدا ياشاپكېلىۋاتقانلىقىنى ۋە 840- ﻳﯩﻠﻰ ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى غول تارماقلىرىنىڭ جەنۇپقا ھەم غەرپكە كۆچۈپ بۇيەرگەكەلگەنلىكىنى نەزەرگە ئالساق ، ئۇ ھالدا مۇئەييەن چۈشەنچىگەئىگە بولالايمىز. جەنۇپقا ھەم غەرپكە كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭنوپۇسى ھەققىدە، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﺎﺑﯥﺗﺎﻛﯧﺌﻮ «ئۇكا تېكىن ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪا ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻛﯚﭼﻜﻪن 13قەبىلە ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪن220-230 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ، پان تېكىن باشچىلىقىدا ﻏﻪرﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪن 15 ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﺎزﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻧﺪا 100 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ، ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا 300 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯩﺸﻰ» دەيدۇ.ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﻟﻴﯘ ﻣﯧﻴﺴﯘڭمۇ ئۇكا تېكىن ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪا ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻛﯚﭼﻜﻪن ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪن 300 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪى، دەپ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. «ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ. ئۇيغۇرلارﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»دﯨﻤﯘ: «ﭘﺎن ﺗﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎراﺷﻪﮬﻪردە ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻳﺎﺑﻐﯘ دەپ ﺋﺎﺗﯩﺪى، ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰﺋﺎﻟﺘﯘن تاغدا ﻗﻮﻏﺪاﻧﺪى، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 200 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﺗﺘﻰ» دﯦﻴﯩﻠﮕﻪن. ئەمما ﺑﯘﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗلار ﭘﻪﻗﻪت ئۇرخۇن دەرياسى بويلىرىدىن ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ــــ ﺳﻪددﯨﭽﯩﻦﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ۋە ﻏﻪرﺑﻜﻪ ـــــ ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎغ ئېتىكىگە ﻛﯚﭼﻜﻪن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﯩﻲ نوپۇسى ﺑﻮﻟﯘپ، ﺧﯧﺸﻰ رايونىدا ھەمباشقا جايلاردا بۇرۇندىن ﻳﺎﺷﺎپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮىنىڭ نوپۇسىنى ئۆزئىچىگە ئالمىغان(8).يەنە كېلىپ جەنۇپقاھەم غەرپكە كۆچۈپ خېشى رايونىغا كەلگەن ، شۇنداقلا بۇيەردە بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقانئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.شۇڭا گەنجۇئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ئېنىق بىر يەكۈنگە كېلىشقىيىن. شۇنداقتىمۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سانلىقمەلۇماتلار بۇيىچە ، بولۇپمۇ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭپايتەختى تارمار قىلىنغاندىن كېيىن شاجۇغا توپلاشقانئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭلا 300 مىڭدىن كۆپرەك ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭگۈللەنگەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نوپۇسىنىڭخېلىلا زور ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز. خېشى رايونىغا 7-ئەسىرنىڭ دەسلەپكىمەزگىلىدىن باشلاپلا  ﺋﯘﻳﻐﯘر، ﻗﯘن(ھۇن)، ﺋﯩﺰﮔﯩﻞ، ﭼﯚﺑﻪ قەبىلىلىرى، ﻳﻪﻧﻪ دولاﻧﻐﯘت (ﺗﯚﻟﻪﻧﮕﯜت)، ﻗﯘﺷﯘ، ﺑﺎرﻏﯘت (ﺑﯚﮔﯜ) ، ﺋﺎﺗﯧﺌﯩﺰ، ﺳﯩﺮ -ﺗﺎردۇش ، ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ، ﺗﯘﯕﺮا قاتارلىق قەبىلىلەر كېلىپماكانلاشقان (بۇلارنىڭ بىرقىسمى كېيىن ئەسلى ماكانىغا قايتىپ كەتكەن) ، ئۇرخۇنئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنمۇ جەنۇپقا كۆچكەن 13 قەبىلىنىڭ بىرقىسمى ۋە غەربكە كۆچكەن 15قەبىلىنىڭ بىرقىسمى بۇيەرگە كېلىپ ماكانلاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ قايسى قەبىلىلەر ئىكەنلىكى ئېنىقئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنى پاناھ تارتىپ بۇيەرگە كەلگەنلىكىنىنەزەردە تۇتقاندا، يۇقىرىقى ئۇيغۇر (توققۇز ئوغۇز) قەبىلىلىرىنىڭ بىرقىسمىئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ . بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە :

  ﮬﯘن (ﻗﯘن): ﮬﯘن ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ دەسلەپتە «ﺳﯜﻳﻨﺎﻣﻪ.ﺗﯧﻠﯩلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»دە ﺗﯘﻏلا دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن دﯦﻴﯩﻠﮕﻪن، كېيىن «ﻳﯧﯖﻰﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن،دﯦﻴﯩﻠﮕﻪن. ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩلارنىڭمۇ ﮬﯘن ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﺋﻮرﻧﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰﻗﺎراﺷﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮدەك ﺋﻪﻣﻪس. ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﮬﯘن ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺧﯧﺸﻰ ﻛﺎرﯨﺪورىدىكى ﻟﻴﺎﯕﺠﯘ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪاﻳﺎﺷﯩﻐﺎن، دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ. ﻳﺎڭ ﺷﯧﯖﻤﯩﻦ: «ﮬﯘﻧلار ﺗﯘﻏلا دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚۋەﻧﻜﻰ ﺋﯧﻘﯩﻨﯩﺪاﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻳﺎﺷﺎﻳﺘﺘﻰ» دەﻳﺪۇ. ﻟﻴﯘ ﻣﯧﻴﺴﻮڭ : «ﮬﯘﻧلارﻧﯩﯔ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎنﻳﻪرﻟﯩﺮى ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪدﯨﻜﻰ ﺗﯘﻏلا دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﯧﻘﯩﻨﯩﺪا ﺋﯩﺪى» دەﻳﺪۇ. ﻟﻴﯘ ﺟﯩﺸﻴﺎۋ بوﻟﺴﺎ:«ﮬﯘن ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﮔﺎۋﻟﻪن ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﻰ ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯧﻨﯩﻖﺋﻪﻣﻪس» دەيدۇ(9). مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئۇلار خېشى رايونىدىكى ئۇيغۇرقەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان .

ﺋﯩﺰﮔﯩﻞ:ﺋﯩﺰﮔﯩﻞ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ دەﺳﻠﻪپﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪدﯨﻜﻰ ﺧﺎﻧﮕﺎي ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺑﯚﻟﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯚﺗﯜﻛﻪن ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﺮﯨﺪاﻳﺎﺷﯩﻐﺎن. «ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ. ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»دە : «ﻗﯘﻣﯘﻗلار ﺗﯘﯕﺮا ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪا ﻳﺎﺷﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺋﯩﺰﮔﯩﻞ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺳﯩﺮ - ﺗﺎردۇﺷلارﻧﯩﯔ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﺪە ﻳﺎﺷﺎﻳﺘﺘﻰ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺪا 20 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﺗﺘﻰ» دﯦﻴﯩﻠﮕﻪن. ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯩﺰﮔﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﯕﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎنﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩمى ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪا، ﺳﻪددﯨﭽﯩﻦ ئەتراپلىرىدا ۋەﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻜﯚل ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن(10).

ﭼﯚﺑﻪ (ﻗﺎﭘﯩﺶ): ﭼﯚﺑﻪ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘز ﺋﻮﻏﯘزلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯧﻠﻰﭼﻮڭ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ۋادﯨﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮى ﺗﯘﻏلا دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰﺟﺎﻳلارﻏﺎ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن، ﻏﻪرب ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻜﯩﻠﯩﺮى ﻗﺎرا ﺷﻪﮬﻪرﻧﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘزﻳﺎﻳلاﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن.6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ﺋﯘلار ﻏﻪرﺑﯩﻲﺗﯜرﻛﻠﻪردﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ چىققان، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺗﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺷﯘۋﯦﻠﯩﻨﻐﺎن،ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ئۇلارنىڭ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩمى ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻜﯚل ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩمى ﺧﯧﺸﻰﻛﺎرﯨﺪورﯨﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﻧﺠﯘ، ﻟﻴﺎﯕﺠﯘنىڭ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳلارﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن(11).

ﺑﯚﮔﯜ (ﺑﺎرﻏﯘت):  «ﺳﯜﻳﻨﺎﻣﻪ. ﺗﯧﻠﯩلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»دە ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯚﮔﯜ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﻪڭ دەﺳﻠﻪپ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟق ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻏلا دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن،ﻏﻪرﺑﺘﻪ ﺗﯘﯕﺮا ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن يېقىن ﺋﯚﺗﻜﻪن. ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 586 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯚﮔﯜ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﯜرﻛﻠﻪرگە ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﯩﺴﻴﺎن ﻛﯚﺗﯜرۈپ، ﺧﯧﺸﻰ ﻛﺎرﯨﺪورى ئەتراپىغاﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﻛﺎﻧلاﺷﻘﺎن.«ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ. ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ » دە:«ﺑﯚﮔﯜ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰدولاﻧﻐﯘت (ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯚﻟﻪﻧﮕﯜت)لارﻧﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن، ﭼﯧﺪﯨﺮﻟﯩﻖ ﺗﯜﺗﯜﻧﻰ 30 ﻣﯩﯔ،ﺋﻪﺳﻜﯩﺮى 10 ﻣﯩﯔ. ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن زﯦﻤﯩﻨﻰ ﺋﻪڭ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪا ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﮔﯧﭙﻰ ﺋﻮﭼﯘق، ﻟﯧﻜﯩﻦﻛﯚﻧﺪۈرۈش ﺗﻪس ﺋﯩﺪى» دﯦﻴﯩﻠﮕﻪن(12).

ﺗﯘﯕﺮا:  ﺗﯘﯕﺮالارﮬﻪﻗﻘﯩﺪە «ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ. ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»دە: «ﺳﯩﺮ - ﺗﺎردۇﺷلارﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ،دولاﻧﻐﯘﺗلارﻧﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﻜﻜﻪ ﻳﺎراﻣﻠﯩﻘﻰ 30 ﻣﯩﯔ كىشى »دﯦﻴﯩﻠﮕﻪن. ﺗﯘﯕﺮا ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻏلا دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪا ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، 8 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻠﯩﺮﯨﺪاﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺑﯘس ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮۋﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷلاپ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﺋﻮردۇس ۋادﯨﺴﯩﻐﺎﻛﻪﻟﮕﻪن. ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ئونوكاۋا يوكىبېي ( 小野川秀美) ئەﭘﻪﻧﺪىﺗﯘﯕﺮا ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯘﻏلا دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن، دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ(13).
      گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن سىرىت، يەنە تىبەت، خەنزۇ،قىتان، تاڭغۇت ، سىبىر(شىرۋى)، ﻗﯘﻣﯘق، تۇيغۇن قاتارلىق مىللەتلەرمۇ ياشىغان(14).بۇلارنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
  تىبەتلەر: تىبەتلەر قەدىمكى چانلار(چياڭلار)نىڭ ئەۋلادى بولۇپ،دەسلەپتە چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكىدە ياشىغان . مىلادىيە 7-ئەسىردە تىبەتخانلىقىنى قۇرۇپ، بارا-بارا كۈچىيىپ ئەتىراپقا كېڭىيىشكە باشلىغان. مىلادىيە 696 – يىلى تىبەت ئاقسۇڭەكلىرى خېشىدىكى گەنجوۋە لياڭجو رايونلىرىغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىپ، بۇ جايدا ياشايدىغان قەبىلىلەرنىبېسىۋالغان. مىلادىيە 742 ـــ 747 – يىللىرى ئارىلىقىدا، تاڭ سۇلالىسى بىر قانچەقېتىم  زور قوشۇن ئەۋەتىپ، بۇ جايلارنىئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن مىلادىيە 755 ــــ 762 – يىللىرى ئارىلىقىدا يۈز بەرگەنئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىدىن كېيىن، تىبەتلەر بۇ جايلارنى يەنە بېسىۋالغان. مىلادىيە745 – يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر قوشۇنلىرى تىبەتقوشۇنلىرىنى بىر قانچە قېتىم مەغلۇپ قىلغان بولىسمۇ، لېكىن گەنجۇ، لياڭجو رايونلىرىنىئۇلارنىڭ ئىلكىدىن تولۇق ئالالمىغان. 9 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خېشى رايونى بەزىدەئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ، بەزىدە تاڭ سۇلالىسىنىڭ، بەزىدە تىبەتلەرنىڭ  قولىغا ئۆتۈپ تۇرغان.ئۇيغۇرلار خېشى رايونىغا كۆچكەندىن كېيىن دەسلەپتە تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدابولۇپ، ئۇلارغا تۈرلۈك باج، سېلىق ۋە ئالۋان – ياساق تۆلىگەن. مىلادى 850 – يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇرۇنقى شاجۇرايونىنىڭ ( ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ ئەتراپى ) ھىراۋۇلى جاڭ يىچاۋ بۇجايدا ياشايدىغان خەنزۇلارغا ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا خەلقلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ،تىبەت ئاقسۇڭەكلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە ئۇلارنى گەنجو،شاجو، لياڭجو رايونلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىن تىبەتلەر ئاجىزلاپ،ئۇيغۇرلار تەدرىجى كۈچىيىپ، 862 – يىلغا كەلگەندە تىبەتلەرنىڭ خېشى رايونىدىكىھۆكۈمرانلىقى بەربات بولغان. 9 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تىبەت خانلىقى يىمىرىلگەندىن  كېيىن خېشى كارىدورىدا يەنىلا بىرقىسىمتىبەتلەر قېلىپ قالغان(15). گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇلار ئۇيغۇرلارغابېقىنغان. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى مەزگىلىدە، خانلىق تەۋەسىدىكىتىبەتلەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى، بولۇپمۇ ليۇگۇ، زوڭگېئىككى قەبىلە ئەڭ كۈچلۈك ئىدى.ئۇلار كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭغۇتلارغا قارشىكۆرىشىدە ئۇيغۇرلارغا ھەمدەم بولغان(16).

       خەنزۇلار: گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە خەنزۇلارمۇ كۆپ بولۇپ،  «يېڭى بەش دەۋىر تارىخى. تىبەتلەر تەزكىرسى»دىكى خاتىرىلەردىن قارىغاندا، تىبەتلەر خېشى رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانچاغلاردىلا،  «خۇاشيا (خەنزۇ) لاردىنمىليون كىشى تىبەتلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان». بۇلار كېيىن گەنجو ئۇيغۇرلىرىغابېقىندى بولغان . بەش دەۋردە ( ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىنكى بەشپادىشاھلىق دەۋرىدە) « لياڭجۇدا يات قوۋملاربىلەن خۇاشيالار (خەنزۇلار)  ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان».لياڭجۇ شەھىرىدە«نەچچە يۈز ئۆيلۈك خەنزۇ ئاھالە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسكەرلەرنىڭ ئەۋلادىئىدى »، «لياڭجۇ شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى يىراق جايلاردا تىبەتلەرگە مەھكۇم بولغانخەنزۇلار تېرىقچىلىق قىلاتتى » . شۇ چاغلاردا لياڭجۇنىڭ تۇرغاق سانغۇنى كۆپىنچەخەنزۇلاردىن قويۇلغان(17). ئۇنىڭدىن باشقا، شاجۇدىمۇنۇرغۇن خەنزۇلار بولۇپ، ئۇلار ئەسلىدە تاڭ سۇلالىسىگە بېقىنغان بەيئەتچىلەرقۇشۇنىنىڭ ئىدارىسىدە ئىدى . گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بەيئەتچىلەر قۇشۇنىنىبويسۇندۇرغاندىن كېيىن ئۇلار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن ھەمئۇلارغا ئۆزلىرىدىن ئەمەلدار قۇيۇلغان.

      ﻗﯩﺘﺎﻧلار:  ﻗﯩﺘﺎﻧلار قەدىمكى ھۇنلار بىلەن خوشنا ياشىغان ﺗﻮﯕﻐﯘﺳلاردﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ماتېرىياللارداشىرۋىلار( ﺳﯩﺒﯩﺮلار )ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎرﻣﯩﻘﻰ ﺋﯩﺪى، دېيىلگەن. ﻗﻪدﯨﻤﺪە ﺋﯘلار ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎل راﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮاﻣﻮرۇن دەرﻳﺎﺳﻰ ۋە لاۋﺧﺎ دەرﻳﺎﺳﻰ ۋادﯨﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن،ﺷﻪرﻗﺘﻪ ﻛﻮرﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪن، ﻏﻪرﺑﺘﻪ ﺗﺎﺗﺎﺑﯩلار ﺑﯩﻠﻪن، ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن،ﺷﯩﻤﺎﻟﺪا ﻣﻮﻏﺎﻟلار، ﺳﯩﺒﯩﺮلار ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯧﮕﺮالاﻧﻐﺎن. ﻛﯚﭼﻤﻪن ﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺋﻮۋﭼﯩﻠﯩﻖ ۋەﺑﯧﻠﯩﻘﭽﯩلىقنى ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺋﯘلار ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ،ﻛﯧﻴﯩﻦ راۋاج ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﭼﻮڭ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن. «ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ»دە: «ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﻜﻜﻪ ﻳﺎراﻣﻠﯩﻘﻰ34 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪى» دەپ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪن. ئۇلار دەﺳﻠﻪپ ﺗﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎرام ﺑﻮﻟﻐﺎن،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺋﻮرﺧﯘن-يېنىسەي ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ۋەﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻐﺎ داﺋﯩﺮ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪردﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﻗﯩﺘﺎﻧلار ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘرﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺷﻪرﻗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪى ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻏﺎ ﺗﻪۋەﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪپ، ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪت ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﭗﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن ﺗﺎﻣﻐﯩلارﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪن.ئۇلار ﺋﯘزاق ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻏﺎ ﻗﺎرام ﺑﻮﻟﯘپﻛﻪﻟﮕﻪﭼﻜﻪ، قىتان خانلىقىنى قۇرغان(مىلادىيە 907-يىلى)دىن كېيىن ﺋﯘﻳﻐﯘرلارنىڭﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﻪﻣﻪل - ﻣﻪﻧﺴﻪپ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮىنىمۇ ئۆزلەشتۈرگەن. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﻗﯩﺘﺎﻧلاردا ﺋﯧﻠﭽﯩﻦ،ﺑﯘﻳﺮۇق، ﺋﯧﺮﻛﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪل - ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻠﻪر ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺑﻪزﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ،ﻗﯩﺘﺎن ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎن ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن يەللىغ (耶律)ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺧﺎن ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﺎﻏلاﻗﺎر ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪنﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ، «يەللىغ» ــــ «ﻳﺎﻏلاﻗﺎر» دﯦﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪن،ﻳـﻪﻧـﻪ ﻗﯩﺘﺎن ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﻗـﺎﺗـﯘن ﺟـﻪﻣـﻪﺗـﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺷﯘﻟﯜ  (述律)ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯘرۇﻗﻰ ﺋﯩﻜﻪن(18). بۇنىڭدىن ھېچبولمىغاندىمۇ بىرقىسىم قىتانلارنىڭ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغۇچە ۋە قۇرۇلغاندىنكېيىنكى مەلۇم مەزگىلگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىغا يېقىن ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىتەۋەسىدە ياشىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.

    تاڭغۇتلار : تاڭغۇتلارمۇ قەدىمكى چانلار (چياڭلار)دىن كېلىپ چىققانبولۇپ، تارﯨﺨﯩﻲ ماتېرىياللاردا «تاڭغۇت چانلىرى» دېيىلگەن.قەدىمدە ئۇلار ھازىرقىچىڭخەينىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خۇاڭخې دەرياسى بويلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىپياشىغان. دەسلەپتە نۇرغۇن ئۇرۇق-قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، كېيىنچە ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﭼﻮڭﻗﻪﺑﯩﻠﻪ بولۇپ ئۇيۇشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە توغبات قەبىلىسى ئەڭ مەشھۇر بولغان .بەزىلەر توغباتلارنى سىيانپىلار( قەدىمكى تۇڭغۇسلارنىڭ بىر تارمىقى ) دىن كېلىپچىققان ، دەپ قارايدۇ. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، تاڭغۇتلار تىبەتلەرنىڭ بىر قانچەقېتىملىق زەربىسىگە ئۇچراپ، چىڭجو ( ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىدىكى چىڭياڭناھىيىسى )، يىڭجو ( ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى مىيجى ناھىيىسى )، شياجو( ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى خېڭشەن ناھىيىسى ) قاتارلىق جايلارنىڭشەرقىغە كۆچۈپ كېلىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. جۈملىدىن ھازىرقى گەنسۇ، نىڭشيا، شەنشىنىڭ چېگىرىلىنىدىغان جايىدا ياشىغان.گەنجۇئۇيغۇر خانلىقى مەزگىلىدە ، ئۇلارنىڭ ماكانى خېشى كارىدورى بىلەن تۇتاش بولۇپ،ئۇلاردىن خېشى رايونىغا كېلىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغانلار ئاز ئەمەس ئىدى.لياڭجۇ ( ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇۋېي رايونى) دا، « جۇڭلومىبەنجۇ ۋە رىبۇجىلودەندىنئىبارەت ئىككى قەبىلە »بار ئىدى. كېيىن تاڭغۇتلارنىڭ سەردارى  لى جىچيەن ۋە ئوغلى لى دېمىڭ لياڭجۇنى ئىگىلىگەندىنكېيىن، بۇ يەردىكى تاڭغۇت قەبىلىسى تېخىمۇ كۆپەيگەن(19).

ﺳﯩﺒﯩﺮلار (شىرۋىلار):سىبىرلار قەدىمكى ﺗﻮﯕﻐﯘﺳلاردﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ، ئۇرخۇن-يېنىسەي ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷلىرىدىن«ﻛﯚل ﺗﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ»دا «ﺋﻮﺗﺘﯘز ﺗﺎﺗﺎر» دﯦﮕﻪن ﻧﺎم ﺑﯩﻠﻪن، «ﺑﺎﻳﺎﻧﭽﯘر ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ»دا«ﺗﻮﻗﻘﯘز ﺗﺎﺗﺎر» دﯦﮕﻪن ﻧﺎم ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن. ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلاردا ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ،ﺳﯩﺒﯩﺮلار ﺳﯜي ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ دەۋرﯨﺪە ﺑﻪش ﭼﻮڭ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ دەۋرﯨﮕﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە 20 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪن. ئۇلار دەﺳﻠﻪپ ﺗﯜرك خانلىقىغا، كېيىن ﺋﻮرﺧﯘنﺋﯘﻳﻐﯘر خانلىقىغا ﻗﺎرام ﺑﻮﻟﻐﺎن. «ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ. ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ دﯨلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»دە :«ﺷﻪرﻗﺘﻪﻗﺎراﺳﯘ ﻣﻮﻏﺎﻟﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن، ﻏﻪرﺑﺘﻪ ﺗﯜرﻛﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن، ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﻗﯩﺘﺎﻧلار ﺑﯩﻠﻪن، ﺷﯩﻤﺎﻟﺪادﯦﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯧﮕﺮاﻟﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ ﻳﻮق ﺑﻮﻟﯘپ، ﭼﻮڭ - ﻛﯩﭽﯩﻚ 17 ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﯩﻠﻰﺑﺎر ﺋﯩﺪى، ﺋﯘلار ﺑﺎﻏﺎ ﺑﻪگ دەپ ﺋﺎﺗﯩلاﺗﺘﻰ» دﯦﻴﯩﻠﮕﻪن. ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩلارﺳﯩﺒﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ دەۋردﯨﻜﻰ ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖﻗﯩﻠﯩﭗ، «ﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ دەۋرﯨﺪە ﺳﯩﺒﯩﺮلارﻧﯩﯔ 20 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺧﯘﻟﯘﻧﺒﯧﺮ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺋﯧﺮﻏﯘﻧﺎ دەرﻳﺎﺳﻰ ۋە ﺧﯧﻴﻠﯘﯕﺠﻴﺎڭ دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﯧﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ بويلىرىغا،ﻧﯧﻨﺠﻴﺎڭ دەرﻳﺎﺳﻰ ۋادﯨﺴﯩﻐﺎ ۋە ﺧﻮﻟﯩﻨﺨﯥ دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ بويلىرىغا ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن» دەپﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﺪۇ (20).ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى كۆچكەندىن كېيىن سىبىر(شىرۋى) قەبىلىلىرى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا،يەنى چۆللۈكنىڭ شىمالىغا كىلىپ ماكانلاشقان، كېيىنچە بىر قىسىمى يەنە جەنۇبقاكۆچۈپ، خېشى كارىدورىغا كەلگەن(21).

قۇمۇقلار: قۇمۇقلار ﺗﻮﯕﻐﯘﺳلارنىڭ بىر تارمىقىبولغان سيانپىلار(سىبىرلار)دىن ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ماتېرىياللاردا ئۇلار شەرقىيسىيانپىلارﻧﯩﯔ  ئايرىم ئۇرۇقى، دېيىلگەن.ﻗﻪدﯨﻤﺪە ﺋﯘلار ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎل راﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮاﻣﻮرۇن دەرﻳﺎسىنىڭ يۇقىرىئېقىنى بويلىرىدا  ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن. ﻛﯚﭼﻤﻪنﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺋﻮۋﭼﯩﻠﯩﻖ ۋە ﺑﯧﻠﯩﻘﭽﯩلىقنى ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎن. ئۇلار دەسلەپتە  تۈرك خانلىقىغا قارام بولغان ، كېيىن تاڭسۇلالىسىگە قارام بولغان، ئۇنىڭدىن ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ قارام ﺑﻮﻟﻐﺎن.ﺋﻮرﺧﯘن-يېنىسەي ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ۋە ﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻐﺎ داﺋﯩﺮ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪردﯨﻦﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، قۇمۇقلار ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺷﻪرﻗﺘﯩﻜﻰ يەنە ﺑﯩﺮ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪىﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﻪﺷﮭﯘر رۇس ﺗﯜرﻛﻮﻟﻮﮔﻰ بارتولىد ئۇلارنى ئۇرخۇن-يېنىسەي ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷلىرىدىن«ﻛﯚل ﺗﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ»دا تىلغا ئېلىنغان تاتابىلاردۇر ، دەپ قارىغان. ﺋﯘلار بەشﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بىرقىسمى غەربكە كۆچۈپ خېشىكارىدۇرىنىڭ ئەتراپلىرىغا كەلگەن. بۇنىڭدىن ھېچ بولمىغاندىمۇ بىرقىسىم قۇمۇقلارنىڭگەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغۇچە ۋە قۇرۇلغاندىن كېيىنكى مەلۇم مەزگىلگىچەئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىغا يېقىن ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى تەۋەسىدە ياشىغانلىقىنىپەرەز قىلىش مۇمكىن (22).

تۇيغۇنلار: تۇيغۇنلارمۇ سيانپىلارنىڭ بىرتارمىقى ﺑﻮﻟﯘپ، ﻗﻪدﯨﻤﺪە ﺋﯘلار ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ئىچكى موڭغۇل رايونىنىڭ شەرقىدىكى سىيانپىتېغى باغرىدا   ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن.كېيىن غەربكە كۆچۈپ چىليەنشەن تېغى ۋەخۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بويلىرىغا، جۈملىدىن چىڭخەي ۋە گەنسۇنىڭ جەنۇبىغاكېلىپ ماكانلاشقان. ﻛﯚﭼﻤﻪن ﭼﺎرۋىچىلىقنى ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠىش بىلەن بىللە دېھقانچىلىقبىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇلار دەسلەپتە ئۆز ئالدىغا ئەل قۇرغان بولسىمۇ ، كېيىن سۈي،تاڭ سۇلالىلىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن ﻛﯧﻴﯩﻦ تىبەتلەرنىڭ زەربىسىگەئۇچرىغان. 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تىبەت خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇلارچىڭخەينىڭ شەرقىنى ماكان تۇتۇپ ياشىغان.گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىنزېمىنى جەنۇپتا چىليەنشەن تېغىغىچە يېتىپ، بۇ ئەتراپتىكى قەبىلىلەرنىمۇبېقىندۇرغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا ھېچ بولمىغاندىمۇ بىرقىسىم تۇيغۇنلارنىڭ گەنجۇئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغۇچە ۋە قۇرۇلغاندىن كېيىنكى مەلۇم مەزگىلگىچە ئۇيغۇرلارنىڭزېمىنىغا يېقىن ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى تەۋەسىدە ياشىغانلىقىنى پەرەز قىلىشمۇمكىن (23).
1036- يىلى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تاڭغۇت دۆلىتى گەنجۇئۇيغۇر خانلىقىنى بويسۇندۇرغان. بۇنىڭ بىلەن خانلىق تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭبىرقىسمى پاناھ ئىزدەپ دۇنخۇاڭنىڭ غەربىدىكى تەڭرى تېغىنىڭ ۋە ئالتۇنتاغنىڭكۈنگەي-تەسكەي تەرەپلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا كەتكەن. يەنە بىرقىسمى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى تىبەتلەرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىغا كەتكەن. يەنەبىرقىسىم ئۇيغۇرلار تاڭغۇت دۆلىتىگە ئەل بولغان. ئومۇمەن خېشى رايونىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت تىكلىگەندىن تارتىپ تاڭغۇتلار تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغانغاقەدەر  گەنسۇ ئەتراپىدا 160يىل ئەتراپىداھۆكۈم سۈرگەن(24) .

ئىزاھ:
(1) (8) (9) (10) (11) (12) (13) (18) (20) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: « ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق
نەشىرىياتى 2006 – يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.     
(2)  لى شۇخۇي:« گەنجۇئۇيغۇرلىرنىڭ تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىش(1) ـــــ ئۇغۇزلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدەتەتقىقات-10 »، «قەشقەر پىداگوگىكا
ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2007 – يىلى1-ئاي28-قىسىم1-سان.
(3) (ياپونىيە) مورىياسۇ تاكائو : «ئۇيغۇرلار ۋە دۇنخۇاڭ»،«دۇنخۇاڭ ھەققىدە لېكسىيەⅡ: دۇنخۇاڭنىڭ تارىخى » ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن،
305-306-بەتلەر، توكيو دايتو نەشرىياتى 1980-يىلى نەشرى(4) « سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» 490-جىلد  «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى »، جۇڭخۇاكىتاپچىلىق ئىدارىسى 1977-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(5) ليۇ زىشياۋ: « ئۇيغۇر تارىخى »بىرىنچى قىسىم 1-كىتاپ  136 -بەت ، مىللەتلەرنەشىرىياتى 1987 – يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە 1-
نەشىرى.
(6) قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى تۈزگەن، ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان:«ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى  
باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە  تارىخى »، 276 ــــ 290-بەتلەر، شىنجاڭ خەلقنەشىرىياتى 2000 – يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.
(7) سەي مېيبياۋ، جۇ چىڭشۇ، جۇرۈيشى، دىڭ ۋېيجى، ۋاڭ جوڭ :   « جۇڭگوئومۇمىي تارىخى » 5-توم 216 ــــ 219 – بەتلەر، شىنجاڭ
خەلق نەشىرىياتى  2009 –يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشىرى.
(14) لى شۇخۇي:« گەنجۇئۇيغۇرلىرنىڭ تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىش(3) ــــــ ئۇغۇزلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدەتەتقىقات-10 »، «قەشقەرپىداگۈگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2008 – يىلى9-ئاي29-قىسىم5-سان.
(15) جاڭ گۇاڭدا، روڭشىنجياڭ:« شىجۇ ئۇيغۇرلىرىغا دائىر بىر پارچە خەنزۇچە دۇنخۇاڭ ھۆججىتى »، « بېيجىڭ ئونۋېرسىتىتى ئىلمىيژورنىلى»  1989 –يىللىق 2 – سان.
(16) (17) (19) لىن گەن، گاۋ زىخۇ يازغان، ئابلەت نۇردۇنقاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى »، 314- ، 315-، 316-
بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000 – يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە1-نەشىرى.
(21) ۋاڭ گوۋېي:« تاتارلار ھەققىدە ئىزدىنىش »، « گۇەنتاڭ توپلىمى»غا كىرگۈزۈلگەن، جۇڭخۇاكىتابچىلىق ئىدارىسى 2004-يىلى
خەنزۇچە نەشرى.
  (22)چېن ليەنكەي:« جوڭگۇدىكى مىللەتلەر تارىخىدىن بايان»، جۇڭگو مالىيە-ئىقتىسادنەشرىياتى 1999-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.
(23) ياڭ جيەنشىن: « جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر تارىخى»،234-255-بەتلەر، مىللەتلەر نەشرىياتى 2003-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.
  (24) تۆمۈر: «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭمىڭ يىللىق تارىخى»، 29-30-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2012- يىلى 10-ئاي ئۇيغۇرچە1-نەشرى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

10

تېما

2

دوست

7660

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   53.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9848
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 675
تۆھپە : 1929
توردىكى ۋاقتى: 416
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 20:24:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت، قېرىندىشىم! ناھايتى مۇھىم بىر تارىخىي تېمىدىن خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزدىن چەكسىز سۆيۈندۈم! قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي. ‹‹گەنجۇ››نى ‹‹كەڭسۇ›› دەپ ئالغايسىز.

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 21:14:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام تارىم كا . مەن دە سىرىق ئۇيغۇرلار توغۇرلۇق بىر يازما باتى ، ئىنكاسقا يوللاپ قويسام بۇلامدۇ ؟‹تەستىقتىن ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن›.

0

تېما

2

دوست

2685

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27729
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 854
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 21:26:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ كىتاپلاردىكى مۇشۇ ‹ھۇن› دىگەن گەپنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم !  ‹ھۇن› دىگەن سۆزنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغىلى بولماسمۇ !

0

تېما

2

دوست

2685

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27729
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 854
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 21:32:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياكى ‹ھۇن› دەپ قايسى مىللەت بولغىيدى ! بۇرۇنقى ‹ھۇن› مىللىتى بولسا ھازىر ‹ھۇن› مىللىتىنىڭ ئىسمى نىمە ! نىمىشقا ھازىرمۇ ئۇ مىللەتنىڭ ئىسمى ‹ھۇن› ئەمەس !

0

تېما

2

دوست

2685

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27729
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 854
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 21:40:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنى دەرىسلىكلەردە جۇڭگو تارىخدا ئۇيغۇرلار دىگەن سۆزنى ئۇچۇرتىپ باقمىدىم ! بۇ زادى قانداق ئىشتۇ ! ياكى‹زامان-ماكان ›ماشىنىلىرى كەشىپ قىلىنىپ بىز خەۋەرسىز قالدۇقمۇيا !

نارات

1

تېما

0

دوست

4984

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14180
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 1320
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 23:00:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )