قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5326|ئىنكاس: 118

مۇھەممەد ئىبنى ۋاھاب ۋە ئوسمانىيە دۆلىتى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

2

دوست

830

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28113
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 266
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 19:03:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

مۇھەممەدئىبنى ۋاھاب ۋە ئوسمانىيە دۆلىتى

-2-

     شەيخ مۇھەممەدئابدۇۋاھاپ ھەرىكىتى
      سەلەپى ھەرىكىتىنىڭ نوپۇزى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ رايونلىرىغاكېڭەيدى، ئەنگلىيە سەلەپى ھەرىكىتىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرىدى. چۈنكى بىرىنچى سەئۇدى دۆلىتىنىڭ نوپۇزى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئىراقنىڭ جەنۇبىغىچە كېڭەيگەن ۋە ياۋرۇپا بىلەن شەرق ئارىسىدىكى يولغا تەسىركۆرسەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ دۆلەتنىڭ دىنى ئاساسلىرى ئەنگىلىيىنىڭ بويسۇندۇرۇش ياكى ئىتتىپاق تۈزۈشىگە ئىمكانىيەت بەرمىگەن ئىدى. ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى چەتئەل(يەنى ئەنگلىيە) نوپۇزى بۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرسى ئىدى، شۇڭا سەئۇدى ئارمىيىسى 1806- يىلى ئەنگىلىيىنىڭ ھەربى پاراخوتلىرىغا شىددەتلىك زەربە بەرگەن ۋە يەمەندىن باشقا ئەرەب يېرىم ئارىلى بۇلارنىڭ نوپۇزدائىرىسىغا ئۆتۈپ بولغان.(1)


    شەيخ مۇھەممەدئابدۇلۋاھابنىڭ ھەرىكىتىگە قىلىنغان سۈيىقەست
      ياۋرۇپا مۇستەملىكە كۈچلىرى بىرىنچى سەئۇدى دۆلىتى مۇشۇ پېتى داۋاملىشىۋەرسە قانداق نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئويلاشتى ۋە سەئۇدى دۆلىتىنىڭ ئۇلارنىڭ شەرقتىكى بارلىق مەنپەئەتلىرىنى يوقىتىپ تاشلايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشتى، شۇڭا ئۇلار بۇ قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئاساس قىلغان بۇ يېڭى دۆلەتنى ۋەيران قىلىش لازىم دەپ قاراشتى ۋە سەلەپى ھەرىكىتىنىڭ نوپۇزىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن تۈرلۈك يوللارنى قوللىنىشتى:

     1.ئىسلام دىيارىدا مۇجەددىد ئىسلاھاتچى شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھابنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى خەلق پىكىرى توپلاش:
غەربنىڭ بۇ سۇيىقەستىنى ئاڭقىرالمىغان، بىدئەت ۋە خۇراپاتلارنى دىن دەپ چۈشىنىۋالغانلار شەيخ ئابدۇلۋاھابنىڭ ھەرىكىتىگە قارىشى تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇ قارشىلىقى بىر تەرەپتىن كەلمەستىن ھەممە تەرەپتىن تەڭ كېلىشتى. سەلەپى ھەرىكىتى بىدئەت ۋە خۇراپاتلارنىدىن دەپ قارايدىغان ئىشلاردىن قارشىلىققا ئۇچرىدى؛ نەزىرە ساندۇقلىرىدىن مەنپەئەتلىنىغانلاردىن قارشىلىققا ئۇچرىدى؛ شۇنداقلا شەيخ ئىبنى ئابدۇۋاھاپ «يېڭىبىر دىن ئېلىپ كەلدى» دەپ خاتا قاراشتا بولغانلاردىن قارشىلىققا ئۇچرىدى. بۇتۈردىكى ئادەملەر ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممە جايلىرىدا كەڭرى تارقالغان ئىدى.
ئىبنى ۋاھابنىڭ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن يۈز بەرگەن يۇقىرىقى قارشىلىقلار ئىنگىلىز، فرانسۇز ۋە باشقا ئىسلام دۈشمەنلىرى پۇلغا سېتىلغان يامان موللىلارنىڭ چىقارغان پەتىۋالىرى بىلەن شەيخ ئىبنى ۋاھاب ھەرىكىتىنىڭ باتىللىقىنى تەشۋىق قىلغاندىن يۈز بەردى (2). قارانىيەت موللىلار(ھۆكۈمەت موللىلىرى)دۈشمەنلەرنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ئىسلاھات ھەرىكىتىگە قارىشى تۇرۇشتى...ۋە تۈرلۈكئىغۋا تارقىتىشتى...

     2.شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ۋاھابنىڭ ئىسلاھات سەلەپى ھەرىكىتى بىلەن ئوسمانىيە دۆلىتى ئارىسىدا ئاداۋەت تېرىش ۋە پىتنە تۇغدۇرۇش:
ئىنگلىزلار، فرانسۇزلارۋە باشقىلار سۇلتان مەھمۇد ئىككىنىڭ قەلبىگە ئىبنى ۋاھاب ھەرىكىتى ئەرەب يېرىم ئارىلىنى مۇستەقىل سورىماقچى، ئوسمانلار خەلىپىلىك دائىرىسىدىن ئاجراپ چىقىپ كەتمەكچى، خىلاپەت بايرىقىنى ئوسمانلاردىن تارتىۋېلىپ، ئەرەب خىلاپەتلىكىنى تۇرغۇزماقچى دەپ قورقۇنچ سالدى. ئوسمانلار سۇلتانى مەھمۇد ئىككى دۈشمەنلەرنىڭ چېقىمچىلىقىغا ئىشىنىپ كەتتى. ئۇ دۈشمەنلەرنىڭ چېقىمچىلىقىغا ئىشەنمەي، ئىشەنچىلىك ئادەملىرىنى بۇ مەسىلە ھەققىدە تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىشى كېرەك ئىدى. سۇلتان بۇ يالغان خەۋەرنى تەستىقلاشنىڭ ساپ ئىسلاھات ئىسلام ھەرىكىتىگە قانچىلىك زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى ۋە دۈشمەنلەرنىڭ چېقىمچىلىقىغا ئاۋاز قوشقانلىقنىڭ نەقەدەرخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىدى.(3)
لېكىن سۇلتان دۈشمەنلەرنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ بىرىنچى سەئۇدى دۆلىتىبىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن پىلان تۈزدى ۋە بۇ ۋەزىپىنى قوشنا رايونلاردىكى ۋالىلىرىغا تاپشۇردى، سۇلتان بۇ ئىشتىن ئىككى مەقسەتنى كۆزلىدى. بىرىنچىسى:سەئۇدى دۆلىتىنىڭ مەشرىق ئەرەب رايۇنلىرىدا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىككىنچىسى: بۇ ۋالىلارنى ئاجىزلىتىپ ئوسمانىيە دۆلىتىگە تولۇق بويسۇندۇرۇش ئىدى.
     شۇڭا بۇ مەسىلىنى بىرىنچى قېتىم ئىراقنىڭ ۋالىسىغا تاپشۇردى،ئىراقنىڭ ۋالىيسى ئىچكى ماجرالار بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، قوشۇنلىرى ئاجىز بولۇپ،سەئۇدى ئارمىيىسى بىلەن قارشىلىشىشقا قۇربىتى يەتمەيتتى، شۇڭا بۇلار بىر قانچەقېتىملىق جەڭدە مەغلۇب بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئوسمانىيە دۆلىتى بۇ ۋەزىپىنى شام(سۈرىيە، ئىئوردانىيە، لىۋان ۋە پەلەستىن) نىڭ ۋالىسىغا تاپشۇردى. شام ۋالىسىمۇسەئۇدى دۆلىتى ئالدىدا مەغلۇب بولدى، ئاندىن مىسىرنىڭ ۋالىيسى 1807-يىلى مۇھەممەدئەلى باشاغا تاپشۇردى، مۇھەممەد ئەلى باشا ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ پەرمانىنى 4 يىلكېچىكتۈرۈپ 1811-يىلى ئورۇنلاشقا ئاتلاندى(4).
     سەلەپى ھەرىكىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى خەلىپىلىكنى تەلەپ قىلمىغان ۋەئوسمانىيە دۆلىتىگە تەۋە بولۇشقا ئېتىراز بىلدۈرمىگەن ئىدى. ئوسمانىيە دۆلىتى بىلەن سەلەپى ھەرىكىتى ئارىسىدىكى خىلاپ پەقەت ئىككى ئىشتا خۇلاسىلانغان ئىدى.
       بىرسى: سەلەپى ھەرىكىتى،ھەج ئۆمەكلىرى ئىسلام پرىنسىپىغا ئېسىلىش ۋە ئىسلام پرىنسىپىدىن چىقىپ كېتىدىغانئىشلارنى قىلماسلىق ئىدى. چۈنكى، شامدىن كەلگەن ھەج ئۆمەكلىرى دۇمباق، نەي ۋەقوراللىق كەلگەن، بۇ شەرىئەتكە خىلاپ.
         يەنەبىرى: ئوسمانىيە دۆلىتى ئىبنى ۋاھاب ھەرىكىتىنىڭ ھىجاز رايونىدا مۇقەددەس ئورۇنلارنى ئىگەللىۋالغانلىقى ئالدىدا ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىشى ئىدى، ئوسمانلارنىڭ بۇ تۇيغۇسى دۆلەتنىڭ ھەيۋىتىنى چۈشۈرگەنلىك ۋە سىياسى ئورنىنى يوقاتقانلىق دەپ قارايدىغان ئىدى.(5)
      ئوسمانىيە سۇلتانى مەھمۇد ئىككى مىسىرنىڭ ۋالىيسى مۇھەممەدئەلىدىن سەئۇدى دۆلىتى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ۋە ئىككى ھەرەمنى ئۇلاردىن تارتىۋېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. سۇلتاننىڭ مۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرۈشىگە بىر قانچەتۈرلۈك سەۋەبلەر بار ئىدى، ئۇسەۋەبلەرنىڭ كۈچلۈكرەكى ئىنگىلىزلارنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋەچېقىمچىلىق قىلىشى ئىدى... مۇھەممەد ئەلى باشا ھەربى يۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھىجاززېمىنلىرىنى قول ئاستىغا كىرگۈزدى ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىغا يېڭى ۋالى تەيىنلىدى.
     لېكىن سۇلتاننىڭ بىر قانچە قېتىملىق پەرمانلىرىنىڭ خۇلاسىسى پەقەتئىككى ھەرەمنى ئوسمانلار ھۆكۈمرانلىقىغا قايتۇرۇۋېلىش ۋە ھىجاز زېمىنىنىڭ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمران دائىرىسى كېرىشىلا مەقسەت قىلىناتتى.(6)
         مۇھەممەد ئەلى بىلەن شەيخ ئىبنى ۋاھابنىڭ ھەرىكىتى ئارىسىدىكى كۆرەش ئىسلامغا تەۋە ئىككى خىل كۈچ ئارىسىدىكى كۆرەش ئەمەس ئىدى. بەلكى بۇ ئۇرۇش ھېچقانداق سىياسى تاماسى يوق، ئىسلام پرىنسىپلىرىغا ھېرىسمەن ۋە ئىسلام ئەللىرىنى مۇستەملىكچىلەردىن مۇداپىئە قىلىۋاتقان سەلەپى ھەرىكىتى بىلەن ئالبانلار،خرىستىئانلار ۋە بىر قىسىم فرانسىيىلىك ھەربى مۇتەخەسسىلەردىن تەركىپ تاپقان مىسىرقوشۇنى ئارىسىدىكى كۆرەش ئىدى.(7)
         شۇ دەۋرنىڭ تارىخچىسى جەبەرىتى سەلەپى ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ تەقۋالىقى ۋە مىسىر ئارمىيىسىنىڭ دەسلەپتە مەغلۇب بولىشىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ:« بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان ئەمەس تۇرسا، بىز قانداقمۇئۇلاردىن( يەنى سەلەپى ھەرىكىتىدىن) غەلىبە قىلالايلى، بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىزدە نەئەزان نە پەرزنى كۆرگىلى بولمايدۇ... ئەمما ئىبنى ۋاھاب ئەگەشكۈچىلىرى ناماز ۋاقتى كەلسە نامازنى جەڭ مەيدانىدىلا دەل ۋاقتىدا خۇشۇ شەكلىدە ئادا قىلىدۇ....(8)
     مۇھەممەد ئەلى سەلەپى ھەرىكىتى بىلەن بولغان ئۇرۇشىدا شەرىئەتبويىچە ئىش قىلمىغان ئىدى، بەلكى ئۇ ئىسلام ئەھكاملىرىغا پىسەنت قىلماستىن ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېكىدىن ئاشىدىغانئىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ ۋەيران قىلاتتى، مال- مۈلۈكلەرنى بۇلاتتى ۋە مۇۋەھھىد مۇسۇلمانلارنىڭ ئابرۇيلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئىدى...مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى ھەزرىتى ئەلى جەمەل مەرىكىسىدە:«قاچقانلارنى قوغلىماڭلار،جاراھەتلەنگەنلەرنى ئۆلتۈرمەڭلار، قورالىنى تاشلىغانلارغا چېقىلماڭلار» دېگەنئىدى.(ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايەت قىلغان).
ئوسمانىيە سۇلتاننىڭ تەلىپى ۋە پەرمانى ھىجاز زېمىنى ئوسمانىيەھۆكمىگە بويسۇنسا كۇپايە قىلاتتى، سەلەپى ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى دىرئىيە شەھىرىگەھۇجۇم قىلىش پەرمان قاتارىدا يوق ئىدى، لېكىن مۇھەممەد ئەلى سەلەپى ھەرىكىتىتەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۇلھىدا بەك چىڭ تۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ھېرىس ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇشتىكى نىشانى-ئەنگىلىيىنىڭ سىياسىتى رۇخسەت قىلغان دائىرىدە- ئۆزىنىڭ شەخسى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىنى كېڭەيتىش ئىدى.چۈنكى سەئۇدى دۆلىتى قىزىل دېڭىز ياكى ئەرەب قولتۇقى ياكى قۇرۇقلۇق يولى بولسۇنئەنگىلىيىنىڭ شۇ رايونلىرىدىكى مەنپەئەتلىرىگە خەتەر بولۇپ شەكىللەنگەن ئىدى. شۇڭا مۇھەممەد ئەلىنىڭ سەلەپى ھەرىكىتىگە قارىشى قوزغىغان ھۇجۇمىنى ئەھل سەلىب كۆرۈشىدەپ سۈپەتلىسەك توغرا سۈپەتلەنگەن بولىدۇ.(9)
     مۇھەممەد ئەلىنىڭ قوماندانى «تۇرسۇن» سەلەپى ھەرىكىتىنىڭ قوشۇنلىرى ئالدىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، 1813- يىلى مۇھەممەد ئەلى باشا ئۆزى قوشۇن باشلاپ چىقىدۇ ۋە مەككىنىڭ ھاكىمى غالىبنى بويسۇندۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەئۇدىلىقلار بىلەن بىرلەشتى دەپ تۆھمەت چاپلايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇ بېسىم ئاستىداھىجازدىكى مۇھەممەد ئەلىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلىنىدۇ. 1815- يىلى مۇھەممەد ئەلىبىسىل ئۇرۇشىدا سەئۇدى ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ.
     سەئۇدى ئارمىيىسىنىڭ ئەمىرى ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئەلى باشائارمىيىسى بىلەن سۇلھ تۈزۈشنى تەلەپ قىلغاندا، مۇھەممەد ئەلى باشا شەرتنى قاتتىق قويۇۋېلىپ سۈلھىنى رەت قىلىدۇ، نەتىجىدە زور كۆلەملىك ئۇرۇش باشلىنىدۇ ۋە 1816-يىلى بالىسى ئىبراھىم باشانى قوماندان قىلىپ قايتىدىن ھۇجۇم باشلاشقا ئەۋەتىدۇ.مۇھەممەد باشانىڭ ئارمىيىسى فرانسىيىلىك ھەربى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن غەلىبە قىلىپ،سەلەپى ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى دىرئىيە شەھىرىنى 5 ئاي مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. 1818- يىلىسەئۇدى دۆلىتىنىڭ ئەمىرى ئابدۇللاھ تەسلىم بولىدۇ، مۇھەممەد ئەلىنىڭ قوماندانى ئەمىر ئابدۇللاھنى ئىستانبولغا ئۈشكەللەپ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئەمىر ئابدۇللاھ ئىستانبۇل كوچىلىرىدا ئۈچ كۈن سازايى قىلىنىپ، ئاخىرى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.(10)
    سەلەپى ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى شەيخ ئەھمەد ھەنبەلى مىسىرئارمىيىسىنىڭ ۋالىيسى تۇرسۇنغا خىتاب يوللاپ سۇلھىغا چاقىرغان، خىتابتا:«بىزئوسمانىيە سۇلتانلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز، بىز خىلاپەت دۆلىتىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقمايمىز»دەپ يېزىلغان. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن مەسىلىنى سۇلھ يولى بىلەن ئاياغلاشتۇرماي ھەربى يۈرۈش قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟. دېمەك، دۈشمەنلەرنىڭ سۈيىقەست بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرى ناھەق تۆكۈلدى. فرانسىيىلىكلەر مىسىرنى بېسىۋالغاندائەرەب يېرىم ئارىلىدىكى مۇسولمانلار مىسىر مۇسۇلمانلىرىنى قوللىغان ئىدى، ئۇنداق تانېمە ئۈچۈن مىسىر ۋالىيسى مۇھەممەد ئەلى قەستەن ھۇجۇم قىلىدۇ؟ مۇھەممەد ئەلىخەلىپىنىڭ پەرمانىنى ئىجرا قىلىۋاتىمەن دېگەن شوئار بىلەن خەلق ئاممىسىنى ئالداپ كېتىدۇ.(11)
     تەۋەللا ۋە تەبەررا(يەنى ساداقەتمەنلىك ۋە نەپرەتلىنىش)ئېتىقادى مۇھەممەدئەلى باشادا يوق ئىدى، چۈنكى ئۇ ساداقەتمەنلىكىنى ئىسلام دۈشمەنلىرىگە بەرگەن ئىدىۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنى ئۆلۈمگە باشلاپ مېڭىشىغا يول قويغان ئىدى. مانا بۇنەسەبى ئېنىق بولمىغان ئالبانىيىلىك مۇھەممەد ئەلى باشاغا ئوخشاش تاماكاسودىگىرىنىڭ ھۆكۈم بېشىغا چىقىۋالغانلىقىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى ئىدى.(12)
     قۇرئان ۋە سۈننەتنى دەستۇر قىلغان ۋە ئىسلام ئەللىرىنى مۇستەملىكەھۇجۇمىدىن مۇداپىئە قىلىشقا ياردەم قىلغان سەلەپى ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى مۇھەممەدئەلى باشانىڭ قولى ئارقىلىق يىقىلغان چاغدا ئەنگلىيە كۆپ خۇرسەن بولغان.(13)
     ئەگەر مۇھەممەد ئەلى(ئۇنىڭ كۈچى زور بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا شەرقنى پۈتۈن ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ ۋە ئوسمانلاردىن مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش مەقسىتى بارئىدى)، ئوسمانىيە دۆلىتى ۋە بىرىنچى سەئۇدى دۆلىتىنىڭ قوشۇنلىرى ئۆز-ئاراھەمكارلىشىپ ياۋروپانىڭ بولۇپمۇ ئەنگىلىيىنىڭ تەمەخورلۇق مۇستەملىكىسىگە بىرلىكتە قارىشى تۇرغان بولسا تارىخ يۈزىنى ئۆزگەرتكەن بولار ئىدى. ئوسمانىيە دۆلىتى بىدئەتخور ۋە خۇراپاتلىشىپ كەتكەن بىر قىسىم موللىلارنىڭ ئىغۋالىرىغا ئىشەنمەي سىياسى نۇقتىدا تۇرۇپ، بۇسەلەپى ھەرىكەتتىن پايدىلانغان بولسا ۋە رۇخسەت تەرىقىسىدە بولسىمۇ ياردەم بەرگەن بولسا، ئىسلام دۇنياسى قايتىدىن جانلانغان ۋە دۈشمەنلەرنىڭ نىجىس ئاياغلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قەدەم بېسشىغا چەكلىمە قويغان بولار ئىدى.سەلەپى ھەرىكتىدىن پايدىلانغان بولسا ئۆزىنىڭ سىياسى ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولارئىدى.
    سەئۇدى دۆلىتى دۆلىتىنى ساغلام سەلەپ سالىھ پرىنسىپىغا تۇرغۇزغان ئىسلام دۆلىتى ئىدى، ئىسلام دۇنياسى شۇمەزگىلدە بۇ دۆلەتكە بەك ئېھتىياجلىق ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن ئەنگلىيە بۇ شارائىتلاردىن ئوبدان پايدىلىنىپ كەتتى، شۇڭا ئەنگلىيە مۇھەممەد ئەلىنىڭ قوماندانى ئىبراھىم باشانى غەلىبە نۇسرىتى بىلەن تەبرىكلىدى ۋە ئىبراھىم باشانىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ  ئوتتۇرا شەرقتىكى دېڭىز ئارمىيىسى ئارىسىدا ھەمكارلىق ئاساسىنى يارىتىش ئۈچۈن تەبرىكلەشكەئالدىرىدى.
    ئەنگلىيە بىلەن مۇھەممەد ئەلى باشا ئارىسىدىكى ئالاقە قەدىمى ئالاقە. مۇھەممەد ئەلى ھۆكۈم سۈرگەن دەسلەپكى دەۋرلەردە ئۇلار بىلەن توختامنامەئىمزالاپ، ئۆزىنى ئۇلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇڭائىنگلىزلار مىسىرنىڭ بۇرۇنقى ۋالىلىرى «مەمالىك»(ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك ھاكىملىرى)دوستلىرىدىن ۋاز كەچكەن.
    تارىخچى جەبەرتى مۇھەممەد ئەلىنى:«خاراكتېرى كاززاپ ۋە قەسەمخورئادەم بولۇپ، قىلغان ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ئىدى»دەپ سۈپەتلەيدۇ.(14)


مەنبەلەر:
(1)- تارىخشۇناش ئەزھەر ئۇستازى دوكتۇر جامال ئابدۇلھادىنىڭ"ئوسمانىيە دۆلىتى" ناملىق كىتابى، 94-بەت.
(2)- دوكتۇر جامالئابدۇلھادىنىڭ "ئوسمانىيە دۆلىتى" ناملىق كىتابىنىڭ، 94-بەت
(3)- يۇقىرىقى مەنبەنىڭ، 95-بېتىگە قاراڭ.
(4)- دوكتۇر ئىسمائىل ياغىنىڭ"ئەرەب دۇنياسى يېڭىتارىختا" ناملىق كىتابى، 171-بېتىگە قاراڭ.
(5)  - دوكتۇر زەكەرىيابەييۇمى " ئوسمانىيە تارىخىي يېڭىچە ئوقۇش" ناملىق كىتابنىڭ ،185-بېتىگە قاراڭ.
(6) -  يۇقىرىقىمەنبە،  186- بەت،
(7) - دوكتۇر مۇھەممەد ئەنىسنىڭ"ئوسمانىيە دۆلىتى"ناملىق كىتابى، 233-بەت.
(8) -  دوكتۇر زەكەرىيا بەييۇمى "ئوسمانىيەتارىخىي يېڭىچە ئوقۇش" ناملىق كىتابنىڭ، 188-بېتىگە قاراڭ.
(9)  -   دوكتۇر زەكەرىيا بەييۇمى " ئوسمانىيەتارىخىي يېڭىچە ئوقۇش" ناملىق كىتابنىڭ، 189-بېتىگە قاراڭ.
(10) –   دوكتۇر ئىسمائىلياغىنىڭ " ئەرەب دۇنياسى يېڭى تارىختا" ناملىق كىتابنىڭ ، 184-بېتىگەقاراڭ.
(11) -دوكتۇر جامال ئابدۇلھادىنىڭ" ئوسمانىيە دۆلىتى"دېگەن كىتابى، 96- بەت.
(12) – يۇقىرىقىمەنبەنىڭ، 96-بېتىگە قاراڭ.
(13) -"ئەرەب ئارىلىنىڭ يېڭى تارىخى" ناملىق كىتابنىڭ،1- توم، 198-بەت.
(14) - دوكتۇر زەكەرىيابەييۇمى " ئوسمانىيە تارىخىي يېڭىچە ئوقۇش" ناملىق كىتابنىڭ، 159-بېتىگەقاراڭ.

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەري.
(دوكتۇرئاسپىرانتى).
2006- 11- 8 يېزىلغان



0

تېما

1

دوست

1377

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   37.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25486
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 428
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-10 16:21:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلمەي تۇرپ باشقىلارنى ئەيىبلەش نىمىدىگەن يامان! شۇڭا بىلمەيدىغان ئىشتا ئەڭ ياخشىسى بىلەرمەنلىك قىلماي سۈكۈت قلىش،ياكى ئۈگىنىپ كىلىپ سۆزلەش كىرەك!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

19

تېما

1

دوست

3699

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   56.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 980
توردىكى ۋاقتى: 172
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-10 17:06:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغرا بولۇپمۇ ھازىر ھە

0

تېما

0

دوست

132

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28618
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-10 19:58:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركىم ئۆز رەقىپلىرى ئۈستىدىن يالغاننى توقۇيالايدۇ ھەم شۇنداقلا ئۆزىنى ئاقلىيالايدۇ .

بارلىق ئالىملىرىمىزنىڭ ئىسلام ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى جانابى ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئەلاغا

ئايان بولغىنىدەك ئىسلامغا زىيان سالغانلارمۇ ئەلۋەتتە ئاياندۇر.

بىلگۈچى ئاللا .

ھەممىمىزگە جانابى ئاللاھ ھەق يولدا مېڭىشقا ئەقىل ئىدراك ئاتا قىلسۇن.‹‹ئامىن››

2

تېما

4

دوست

3289

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17083
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 950
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-10 20:32:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت تېمىڭىزغا ئەزھەرى .

0

تېما

2

دوست

2958

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 884
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 00:23:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تارىخنى سەئۇدى ئوردا تارىخچىلىىرى يازغا تارىخ ئوخشايدۇ ،ئابدۇل جەمەتى ئەنگىليە ئارمىيسىنىڭ جاسۇسى لاۋرىنىس  بىلەن بىرلىشىپ ئەرەپ ئارمىيىسى تەشكىلەپ ئوسمان تۇرۇكلىرىگە قارشى ئەرەپلەرنى تۇركلەردىن ئازات قىلىمىز دەپ  ئۇرۇش قىلىپ، ئەنگىليە ئارمىيسىنىڭ  ئېرسالىمنى  ئىگەلىۋىلىشغا  ئاقىۋەت  ئىسرائىليە دولىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا ياردەم قىلغان بولدىغۇ
ئىشقىلىپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇگۇنكىدەك ئاجىز ئورنىغا چۇشۇپ قېلىشىدا توھپىسى زور بۇ مۇستەبىتلەرنىڭ ئىككى ھەرەمنىڭ ئىگىسى بىز دەپ ئوزىنى چوڭ چاغىلىسا كىرەك  ئەمما ئامىركىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلسا  تەختىنىمۇ ساقلىيالغۇدەك مادارىمۇ يوق ئىكەنغۇ

1

تېما

1

دوست

580

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27551
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 166
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 06:16:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yangen يوللىغان ۋاقتى  2014-5-10 16:21
بىلمەي تۇرپ باشقىلارنى ئەيىبلەش نىمىدىگەن يامان! شۇڭا  ...

توغرا

0

تېما

0

دوست

955

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14498
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 11:22:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھابىيلارنى قوللىغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى......
سەئۇدىي ئەمرى ئەينى ۋاقىتتا خرىستىئانلارنىڭ پىلانى بويىچە ھەركەت قىلىپ،ياۋروپانىنىڭ يېرىمىنى فەتىھ قىلغان بۈيۈك ئوسمانىيە ئىسلام ئېمپىرىيىسىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشقان....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )