- تىزىملاتقان
- 2011-5-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 778
- نادىر
- 0
- يازما
- 14
ئۆسۈش
55.6%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇختەر سوپى ئەپەندىم تەنلىرى سالامەت تىنچ -ئامان تۇرلىمۇ ؟ئىككىيلەن بىر نەچچە قىتىم ئۇچۇر قىلىشقان بەلكىم ئەسلىرىدە باردۇ؟شۇ ئۇچۇرلاشقاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ،بىر ئىدارە باشلىقى بولۇپلا قالماي ۋەتەن،خەلى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشكە تەييار كىشى ئىكەنلىكلىرىنى ھېس قىلغانىدىم ،ئالدىنقى قىتىم ئىنكاس قىلىنغان مەسىەلە بەلكىم ۋاقىتلىرىنىڭ يىتىشمەسلىكى ،باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ خاتالىقلارنى ۋاقتىدا بايقىيالماسلىقى سەۋەبلىك تېخىچە ھەل قىلىنمىدى ،بەلكىم سىلى تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتكەنلىكلرى ئۈچۈن ھازىرغىچە ھەل بولمايۋاتقاندۇ؟بىز خۇددى ئۇلۇغ كومپارتىيەگە ئىشەنگەندەك ،سىلنىڭمۇ ئۇ مەسلىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بىرىشلىرىگە ئىشىنىمەن .
ئەمدى ھازىر سىلىگە ئىنكاس قىلماقچى بولغان مەسىلە شۇكى ،ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى ياراتقان قەھرىمانلىرى ئالىم سىياسىئونلىرى ..قاتارلىق داڭلىقلىرى بولىدۇ ،ھەم شۇلارنىڭ ئەسلەش يۈزىسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قەبرىسى ،قەبرە تىشى ،زىيارەتگاھلىرى بولىدۇ .ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭمۇ جۈملىدىن قەشقەردەك تارىخى مەدىنىيىتى ئۇزۇن ئالىم ،تۆھپىكار ،سيىياسىئون.....كۆپ چىققان بۇ يۇرتتا بۇ خىلدىكى قەبرىلەر قەدەمدە بىر كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ .
ھازىر قەشقەردىكى نۇرغۇن تارىخى ئىزلار قەبرىلەر ھىلىھەم ھاياتى كۈچىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان بولسىمۇ ،شەھەر -يول قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۆپىيىشى نوپۇس بىسىمى سەۋەبلىك نۇرغۇن تارىخى ئىزلار چىقىپ يكتكەش ئارىلىقىدا يوقاپ كېتىش ،مۇۋاپىق ئاسرالماسلىق .ھەتتا يۇقاپ كىتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە .
بىز بۇ بىر ئەۋلاد شۇنداق بىر مەزگىلدە تۇرىۋاتىمىزكى ئەجدادلىرىمىز ياراتقان شۇ مەدىنى مىراسلارنى قانداق قىلىپ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قولىغا ساق -سالامەت يەتكۈزۈپ بىرىمىز ،بۇ ھەممەيلەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلەئەلۋەتتە ،بۇ مەسىلىدىكى ھەل قىلىدىغان ئىشلار تاغدەك دۆۋلىنىڭ بۇ بىر ئەۋلادنىڭ يولىنى توسۇپ تۇرۇپتۇ .
شۇ تارىخى ئىزلار قەبرىگاھلار ئىچىدىن ئەڭ تىپىك ،ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان ئىنكاسلاردىن ،20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى داڭلىق مائارىپچى ،ئىسلاھاتچى ،كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇلۋارىس قەشقەرىينىڭ قەبرىسىنى ئوڭشاش ،دائىرە ئىچىگە ئىلىش ،چۈشەندۈرۈش تاختىسى ئورنىتىش ،بولسا نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدىنى يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بىكىتىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى قىلىپ بىكىتىش تەخىرسىز مەسىلە دەپ قارايمەن .
بىر نەچچە يىل ئاۋۋال شۇ قەبرىلەرگە قارايدىغان مويسىپىت كىشى بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمىدە ئابدۇقادىر داموللام قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن مۇشۇيەرگە (ھەزرەت چوڭ قەبرىستانلىقى يول بويىغا )دەپنە قىلىنغانلىقى كېيىنچە ئاتۇشلۇق بايلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە ياساپ قويغىنىنى ،لېكىن داموللام قەبرىسى يىنىغا نۇرغۇن قەبرىلەر قويۇلۇپ ،كېيىنچە بەزى كىشىلىرىمىز بۇ قەبرىنى رىشاتكا ئىچىگە ئىلىپ قەبرىگە يوپۇق يىپىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ باشقا قەبرە ئىگىلىرىنىڭ قەبرىلەرنى يۆتكەشكە قوشۇلماسلىقى سەۋەبلىك ئۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقمىغىنىنى .
ھەر پەيشەنبە، جۇمە كۈنلىرى ،دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كىشىلەر كېلىپ ،خەتمە-قۇرئان ،دۇئا -تىلاۋەت قىلىپ زىيارەت قىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ،مۇشۇ قەشقەرنىڭ چىقىدىغانلارنىڭ ئازلىقىنى ئىيتىپ بەرگەنىدى .
مەن مۇشۇ ئىش ئۈستىدە كۆپ ئويلاندىم ،نېمە ئۈچۈن بىزنى دەپ قان كۆيدۈرگەن ،ئىسلاھاتچى ئالىمىمىزنىڭ قەبرىسىنى كۆپ كىشىلەر بىلمەيدۇ ؟باللىرىنى ئەكىلىپ شۇ تارىخى شۇ ئۆتمۈشلەرنى ،مۇشۇ قەبرىدە ياتقان كىشىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەپ بەرمەيدۇ ؟ھەزرەت قەبرىگاھىنى ئايلانغىنىمدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سابىق ۋالىيسى ئەيسا شاكىرى ،سابىق يەكەن ۋالىسى قاسىمقان قەمبىرى قاتارلىق تۆھپىكارلارنىڭ قەبرىگاھلىرى كۆزگە كۆرۈنگەن ،دائىرىدە خىلى ئەركىن -ئازادە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ،چۈشەندۈرۈش خەتلىرىمۇ خىلى ئىنىق چۈشىنىشلىك يېزىلغان ،نېمە ئۈچۈن 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بىر زاتنىڭ قەبېىسى مۇشۇنداق قىستاڭچىلىقتا بويۇن قىسىپ قالىدۇ ؟نېمە ئۈچۈن باشقىلار تەرىپىدىن ياتلانمايدۇ ؟يۈسۈپ خاس ھاجىب قاتارلىق خىلى كۆپ داڭلىقلىرىمىز قەبرىسى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى قىلىپ بىكىتىلدى ،ئۇلارنىڭ مىللىتىمىزگە قىلغان ئىشلىرى ھەقىقەتەن مۆلچەرلىگۈسىز لېكىن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قىلغان ئىشلىرىمۇ ئۇلاردىن قىلىشمايدۇ ،تېخى ئۇ 1000 يىل بۇرۇنقى تارىخقا قارىغاندا يۈز يىل بۇرۇنقى تارىخ ئىنىق ۋە رۇشەن ئەۋلادلىرىمىزنى تەربىيلەشتىكى ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى، شۇنداق ئىكەن يەنە نېمىشقا بۇ قەبرە شۇنداق تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ ؟
بۇ سۇئالار يۈرىكىمنى تىلغاپ كەلگەنىدى ،بۈگۈن مانا ئاپتاپ بۇرادىرىمىزنىڭ ھەيدەكچىلىكى بىلەن بۇ ئوچۇق خەتنى سىلىگە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم كەچۈرگەيلا .
ش ۇڭا مۇختەر ئەپەندى ئۇشبۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىلىنى باش قىلىپ تۇرۇپ پۈتۈن تور ئەھلىگە بۇ ئوچۇق خەتنى سۇندۇم .
ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مىللىتىنى ،دىنىنى ،ئالىملىرىنى سۆيۈش ھوقۇقى بار (ئاپتاپ)كىچىك ۋاقتىمىزدا مەھەللىمىزگە تۇرۇببا سۈيى كەلگەن چاغدا ،مەھەللىمىزدىكى كۆللەر تاشلىنىپ تۇنۇپ كەتكەنىدى ،مانا ھازىر بولسا كىشىلىمىز قانداق ئويلىدى تاڭ قايتىدىن كۆلنى چىپىپ رىشاتكا ئورنىتىپ چىرايلىق قىلىپ قويدى ،شۇڭا بىزمۇ شۇ مەڭگۈلۈك تارىخ چىقىلىپ تۈزلىنىپ كەتمەستىن بۇرۇن ھەرىكەتكە كەلمىسەك بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ قەبرىسى بەلكىم بىر نەچچە يىلدىن كېيىن يىنىدىكى باشقا قەبرىلەرگە قوشۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن.
مەن تۇغۇلدۇم باغرىڭدا ۋەتەن ،
كىندىك قېنىم تۆكۈلدى ساڭا .
بوۋاق چېغىمدا سېغىزلاپ ئانام ،
مېھرىڭ سىڭدى ھەسسىلەپ ماڭا .
سۈيۈڭ ئانام ۋۇجۇدى بىلەن ،
سۈت بولۇپ كېردى ،قان بولدى ماڭا !
نەپەس بىلەن كېرگەن ھېدلىرىڭ ،
ھايات بولدى جان بولدى ماڭا !
شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتىنىم سېنىڭ ،
چىمدىم توپاڭنى ئەزىزلەپ سۆيەي .
تۈز ئۆرۈسەم كۈندە -يا تۈندە ،
ئۆلۈپ سېنىڭدە خاك بولۇپ كېتەي .
مانا بۇ مۇىتەر ئەپەندىمنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدىكى ئوقچۇپ تۇرغان قايناق ھېسىياتلىرى ئىكەن ،خۇددى مۇشۇ مىسرالاردا تەسۋىرلەنگىنىدەك ۋەتەننىڭ چىمدىم توپىسىنى ئەزىزلەپ سۆيەلىگەن كىشىگە باشقاگەپ قىلىش ھاجەتسىز ،شۇڭا مۇختەر ئەپەندىم بار ئىمكانىيەتلىرى ،بار كۈچلىرىنى ئىشقا سىلىپ ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ،ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇلۋارىس قەشقەرىينىڭ قەبرىسىنى نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدىنى يادىكارلىق (قايسى دەرىجىدە بولسا بولىۋىرىدۇ )قەبرىنى ئوڭشاش ،رىشاتكا ئىچىگە ئىلىش ،چۈشەندۈرۈش تاختىسى ئورنىتىش ،ئىشلىرىغا يىقىندىن ھەمدەم بولىشىلىرىنى بارچە تورداشلار ،خەلقىمىزنىڭمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى پىكىر-تەكلىپ بىرىشىنى سورايمەن .
مەنبە:ئۆزۈم
|
|