قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: azheri

ۋاھابى سەلەپى ھەرىكىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

5

دوست

6361

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9922
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 613
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 22:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lewir يوللىغان ۋاقتى  2014-5-11 21:30
تېما ئىگىسىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.شىنجاڭنىڭ باشقا ج ...

      بۇ ئاتالمىش ۋاھابىلار ھەركىتىنى دىيارىمىزدا ھۆكىمەت چەكلىگەندەك قىلىغىنى بىلەن ئەمەليەتتە ، دۆلىتىمىز ۋاھابىلار ۋە ئۇلارنىڭ يانداش ھاكىمىيەتلىرى بىلەن ناھايىيىتى يېقىن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ . سەئۇدىنىڭ پادىشاھلىرى دۆلىتىمىزگە كەلسە ياكى بىزنىڭ رەئىسلىرىمىز سەئۇدىغا بارسا قۇچاقلىشىپ سۆيۈشۈپ كۆرۈشىدۇ ، ھېچكىم بىربىرىنى ۋاھابى ياكى كومىنىست دەپ چەتكە قاقمايدۇ ...ئۇلارنىڭ يەنە كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان قانداق كېلىشىملىرى ، قانداق ئورتاق مەنپەئەتلىرى بار بۇنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ ...
   خوش ، ئەمسە نىمە ئۈچۈن دىيارىمىزدا ۋاھابىلىق نىقابى ئاستىدا نورمال دىنى پائاليەتلەر چەكلىنىدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن ۋاھابىلىق شىنجاڭدا ئۇنچىلىك كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولمىسىمۇ يەرلىك تاراتقۇلار ھەدەپ ‹‹ۋاھابىلىق يامراپ كەتتى ›› دەپ جار سالىدۇ ؟! ئۇ ۋاھابىلار بىلەن قۇچاقلىشىۋاتقان ، سۆيىشىۋاتقانلار ئۇيغۇرلار ئەمەس ئىدىغۇ ؟ ئۇيغۇرنىڭ  ھېچبىر سىياسى مەنپەئەتى ۋاھابىلار ياكى ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتلىرى بىلەن بىر يەردىن چىقمىغان ئەكسىچە دىيارىمىزدا ۋاھابىلىقنى چەكلەۋاتقان ئاتالمىش چوڭاملارنىڭ مەنپەئەتى ۋاھابى ھاكىمىيەتلىرى بىلەن بىرگە ئىدىغۇ ‹؟! ئەمدى قانداق بولۇپ ئۇيغۇر ۋاھابى بولۇپ قالدى ؟! بۇلارنىڭ ئارقىسىدا قانداق سىياسى نەيرەڭ ، قانداق سۈيقەستلەر يوشۇرۇنغان بىر ئاللاھ بىلسە كېرەك .
uyghuray

0

تېما

0

دوست

183

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28076
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 05:47:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Method يوللىغان ۋاقتى  2014-5-11 18:17
دىن مەيلى قانداق مەزھەپلەر بولسۇن،سىياسىغا ئارلاشمىس ...

سىز نىمىنى بىلەتتىڭىز؟   شەيتان ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا سىزدەك شەيتانىي ئىنسانلار كۆپلەپ مەيدانغا كىلىدۇ،           بىلىڭ ئاللانىڭ قانۇنى ئەڭ مۇكەممەل سىياسىي  قانۇن

1

تېما

0

دوست

168

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27451
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 06:15:00
تىما ئەگەر نامەلۇم ئادەم تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان بولسا ئىدى،ئەزھەردىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ئەلى جۈمئە بىلەن بوتى ئەپەندىمنىڭ پىشىنى كۆتۈرىدىغانلار باركەندە دەپ ئويلاپ قالاتتىكەنمەن.مەن دىنى ساھەدە تىما يوللىماقچى بولغانلارنىڭ زامان ۋە ماكانغا قاراپراق ئىش تۇتىشىنى سورايمەن،ھازىرقىدەك دىنىمىز كەمسىتىلىش،دىنى شۇئارلار مەقسەتلىك نىشانلانغان ۋاقىتتا ،خەلىققە نىمىنى  تەقدىم قىلىمەن دىگەننى ئويلايلى.بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەيلى دىنى مۇنازىرىلەردە بولسۇن،ياكى باشقا ساھەلەردە بولسۇن خۇددى ئامرىيكا ئافغانىستان ۋە ئىراققا تاجاۋۇز قىلىپ ،ئارقىدىن شۇ خەلىقنى تىرورىست دەپ قالپاق كەيدۇرگەندەك،بىزمۇ ئۆز قىرىنداشلىرىمىزغا زۇلۇم قىلمايلى،ئىلگىرى مەۋلانە ئەپەندىم سەلەفىلەر توغرىسىدا ۋە ۋەسەتىيلىك توغرىسىدا دىيارىمىزدا دىنى شۇئارلار قاتتىق  ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا ماقالىلەر ئىلان قىلىپ كەتتى،خۇددى شۇ زۇلۇملار ھەقتەك،ۋە شۇ ئىسلام شۇئارلىرىنى تەرك ئىتىش ئەڭ توغرىدەك.بۇنداق بىر شارائىتتا ئەسلى قىرىنداشلىرىمىزغا دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش تۇغرۇلۇق،سۈننەتلەرنى تىرىلدۈرۈشنىڭ قانچىلىك كاتتا ساۋاپ بارلىقى،سەبىر ۋە بوشاشماسلىق توغرىسىدا تۇغرۇلۇق تەشۋىق ئەپ بىرىش،قۇرئان-سۈننەتكە مەھكەم ئىسىلىش توغرىسىدا كۆپلەپ ئىلمى ئەمگەكلەرنى بەرپا قىلىش كىرەك ئىدىغۇ؟!ئەمدى بۇ دولقۇن مەيلى زىيالىيلار تەرىپىدىن بولسۇن،ياكى سىياسى كۈچلەر تەرىپىدىن بولسۇن بۇلار بىلەن بىر مۇقامنى توۋلىماي ،ئەكسىچە ئۇلار ھوجۇم قىلغان تەرەپنى قوغدىشىمىز ،ئۇلارنىڭ باتىللىرىنى ئىچىپ تاشلىشىمىز كىرەك ئىدىغۇ،نىمە بۇلارنىڭ ئاۋازىغا تەڭ ئاۋاز قوشۇپ؟بىز قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ زىيىنى قانچىلىك ،پايدىسى قانچىلىك بۇنى ئويلاشماي بەلكى نام تىپىش ،خەلىقە نامايەن بولۇش ئۈچۈن مۇدىرنىزىم ،ئەقىلانىزىم قاراشلىرىنى ئەمدى قۇرئان بىلەن سۈننەتنى چۈشىنىۋاتقان  خەلىققە چۈشۈندۇرۇشكە مايىل بولساق ئاللاھنىڭ ئالدىدا جاۋاپكارلىقتىن چىقىپ بولالامدۇق-يوق؟ئاخىرىدا ھەممە قىرىنداشلارنىڭ ئۆزبەك دەۋەتچىسى ئابدۇۋەلى قارىكامنىڭ ھېيلە-مىكىر ۋە ھىكمەت دىگەن ماۋزۇدا سۆزلىگەن نۇتقىنى ياكى ئۇيغۇرلاشتۇرۇلغان ماقالە شەكلىنى ئىككى قاپاق سوغۇق سۇنى كاللىسىغا قۇيۇۋىتىپ ئوقۇپ بىقىشىنى سورايمەن.

1

تېما

19

دوست

4884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6506
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 1525
توردىكى ۋاقتى: 595
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 09:18:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرجان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 05:47
سىز نىمىنى بىلەتتىڭىز؟   شەيتان ھاكىمىيەت بېشىغا چىقس ...

          ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم . بۇ كۆز قاراشتىكىلەرنىمۇ توغرا چۈشۈنۈش كىرەك. چۈنكى دىيارىمىزدا ھەقىقى ئىسلام ھۆكۈم سۈرمىگىلى ئۇزۇن بولدى، چەتئەللەردىمۇ كۆپ قىسىم كىشىلەر ئىسلام نامىنى سۇيئىستىمال قىلىپ ھاكىميەت بېشىدا تۇرۇۋاتىدۇ ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ يېرىمىدكى موللىلارنى ئىسلامنىڭ سۈپىدە تونۇغاچقا مۇشۇنداق دەيدۇ ، ئەگەر ھەقىقى ئىسلامى تۈزۈمدىكى ئادىللىق ، ئىنسانپەرۋەرلىك ..... لەرنى چۈشەنگىنىدە ئىدى ئۇنداق دىمەس ئىدى،   ( بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىم بۇرۇن method بىلەن ئوخشاشتى ، كىتاپ كۆرۈش ھەقىقەتەن ياخشى ئىشكەن)
uyghuray

1

تېما

0

دوست

168

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27451
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 11:17:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئەگەر نامەلۇم ئادەم تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان بولسا ئىدى،ئەزھەردىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ئەلى جۈمئە بىلەن بوتى ئەپەندىمنىڭ پىشىنى كۆتۈرىدىغانلار باركەندە دەپ ئويلاپ قالاتتىكەنمەن.مەن دىنى ساھەدە تىما يوللىماقچى بولغانلارنىڭ زامان ۋە ماكانغا قاراپراق ئىش تۇتىشىنى سورايمەن،
       ھازىرقىدەك  ۋاقىتتا ،خەلىققە نىمىنى  تەقدىم قىلىمەن دىگەننى ئويلايلى.بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەيلى دىنى مۇنازىرىلەردە بولسۇن،ياكى باشقا ساھەلەردە بولسۇن خۇددى ئامرىيكا ئافغانىستان ۋە ئىراققا تاجاۋۇز قىلىپ ،ئارقىدىن شۇ خەلىقنى تىرورىست دەپ قالپاق كەيدۇرگەندەك،بىزمۇ ئۆز قىرىنداشلىرىمىزغا زۇلۇم قىلمايلى،ئىلگىرى مەۋلانە ئەپەندىم سەلەفىلەر توغرىسىدا ۋە ۋەسەتىيلىك توغرىسىدا دىيارىمىزدا دىنى شۇئارلار قاتتىق  ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا ماقالىلەر ئىلان قىلىپ كەتتى،خۇددى شۇ زۇلۇملار ھەقتەك،ۋە شۇ ئىسلام شۇئارلىرىنى تەرك ئىتىش ئەڭ توغرىدەك.بۇنداق بىر شارائىتتا ئەسلى قىرىنداشلىرىمىزغا دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش تۇغرۇلۇق،سۈننەتلەرنى تىرىلدۈرۈشنىڭ قانچىلىك كاتتا ساۋاپ بارلىقى،سەبىر ۋە بوشاشماسلىق توغرىسىدا تۇغرۇلۇق تەشۋىق ئەپ بىرىش،قۇرئان-سۈننەتكە مەھكەم ئىسىلىش توغرىسىدا كۆپلەپ ئىلمى ئەمگەكلەرنى بەرپا قىلىش كىرەك ئىدىغۇ؟!
ئەمدى بۇ دولقۇن مەيلى زىيالىيلار تەرىپىدىن بولسۇن،ياكى سىياسى كۈچلەر تەرىپىدىن بولسۇن بۇلار بىلەن بىر مۇقامنى توۋلىماي ،ئەكسىچە ئۇلار ھوجۇم قىلغان تەرەپنى قوغدىشىمىز ،ئۇلارنىڭ باتىللىرىنى ئىچىپ تاشلىشىمىز كىرەك ئىدىغۇ،نىمە بۇلارنىڭ ئاۋازىغا تەڭ ئاۋاز قوشۇپ؟بىز قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ زىيىنى قانچىلىك ،پايدىسى قانچىلىك بۇنى ئويلاشماي بەلكى نام تىپىش ،خەلىقە نامايەن بولۇش ئۈچۈن مۇدىرنىزىم ،ئەقىلانىزىم قاراشلىرىنى ئەمدى قۇرئان بىلەن سۈننەتنى چۈشىنىۋاتقان  خەلىققە چۈشۈندۇرۇشكە مايىل بولساق ئاللاھنىڭ ئالدىدا جاۋاپكارلىقتىن چىقىپ بولالامدۇق-يوق؟ئاخىرىدا ھەممە قىرىنداشلارنىڭ ئۆزبەك دەۋەتچىسى ئابدۇۋەلى قارىكامنىڭ ھېيلە-مىكىر ۋە ھىكمەت دىگەن ماۋزۇدا سۆزلىگەن نۇتقىنى ياكى ئۇيغۇرلاشتۇرۇلغان ماقالە شەكلىنى ئىككى قاپاق سوغۇق سۇنى كاللىسىغا قۇيۇۋىتىپ ئوقۇپ بىقىشىنى سورايمەن.

1

تېما

7

دوست

4385

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22857
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1286
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 17:09:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرجان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 05:47
سىز نىمىنى بىلەتتىڭىز؟   شەيتان ھاكىمىيەت بېشىغا چىقس ...

يۇقىرىدىكى ئىككىسىدەك كىشىلەرگە ئاۋارە بولماڭلار قېرىنداشلار ئۆزەڭلارغا ئاھانەت بولۇپ قايتىدۇ. ئۇلار پەقەت ،ئەتىلا چۈشىنىپ قالىدۇ.يەنى ئۆلگەندە !ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان كىشىلەر ھەقىقەتنى ئۆلۈپ،كېچىكىپ تاپىدۇ!قاتتىق پۇشايمان ئىچىدە ھىس قىلىدۇ.ئەمما ئۇچاغدىكى پۇشايمان ئۇلارغا زەررىچىلىك پايدا ئېلىپ كىلەلمەيدۇ!

0

تېما

4

دوست

3875

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14246
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 540
تۆھپە : 837
توردىكى ۋاقتى: 463
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 17:38:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12---قەۋەتتىكى  قېرىندىشىم   بىخلاننىڭ  پىكرىنى  قوللايمەن  .

ئەسلى  مۇسۇلمانلار  ئىسلام  ئۈچۈن  خىزمەت  قىلىشى  كېرەك  ئىدى   ۋە  لېكىن  ھازىر  كۆپ  ساندىكى  مۇسۇلمانلار   ئىسلامنى  ئۆزى  ئۈچۈن  خىزمەت   قىلدۇرىۋاتىدۇ .

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28779
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 23:08:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرئان كەرىمنى قانداق ئوقۇشىمىز كېرەك؟

قۇرئان كەرىمنى نەچچە قېتىم قايتىلاپ ئوقۇغانىدىم، بىراق بۇنىڭدىن بۇرۇن «قۇرئاننى ھەقىقىي مەنىدە قانداق ئوقۇيمىز؟» دېگەن سوئال ھەققىدە پەقەتلا ئويلىنىپ باقمىغان ئىدىم.
بۇ سوئال ھەققىدە ئويلىنىپ كۆردۈم، نەتىجىدە كاللامدا پەيدا بولغان بەزى چۈشەنچىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشىنى مۇۋاپىق كۆرۈپ ئۇشبۇ ماقالىنى يازدىم.
ھەممىدىن ئاۋال شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز كېرەككى، قۇرئانى كەرىمدىكى ئايەتلەرنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ چۈشىنىشكە قەتئىي بولمايدۇ. قۇرئاندا بايان قىلىنىش ئۇسۇلىدىن ئايرىم ھالدا تىلغا ئېلىنغان ھەر قانداق بىر ئايەت بىزگە تولۇق مەنىسى بىلەن ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەيدۇ. پەقەتلا ئۇنىڭدىن مەلۇم بىر قىسمىنىلا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى ئەگەر قۇرئان بىر پۈتۈن ھالدا ئىزاھلانسا، ئاندىن تولۇق بىر ھەقىقەتنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. يالغۇز بەزى ئايەتلەرنىڭ ئىزاھلىنىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بۇ ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئايەت بىلەنلا چەكلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالنى بىر موزايكىغا ئوخشىتىپ چۈشەندۈرسەك تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك بولىدۇ. بىر موزايكا تەگلىكىدە قىزىل ياكى قارا رەڭلەر پەقەت باشقا رەڭلەر بىلەن بىرلىكتە بولغاندا مەنە ئىپادىلەيدۇ. تەگلىككە تەۋە رەڭدىن ياكى بىر پارچىسىنى ئالغىنىمىزدا بۇ رەڭ ياكى پارچە تەگلىكنى تەشكىل قىلغان باشقا رەڭ ياكى پارچىلار بولماستىن تەگلىكنىڭ گۈزەللىكىنى تولۇق ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان تۆۋەندىكى مىساللارغا قاراپ چىقايلى: «ئەي! ئىمان ئېيتقۇچىلار! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى» [سۈرە بەقەرە 178-ئايەتنىڭ بىرقىسمى] دېگەن قۇرئان ئايىتى قىساسنى يوللۇق كۆرىدۇ. يەنە بىر ئايەتتە بولسا ئەپۇ قىلىشقا چاقىرىدۇ. يەنى «بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر (يەنى ساڭا بىر كىشى قانچىلىك چېقىلسا، شۇنچىلىك چېقىلماي ئاشۇرۇۋەتسەڭ بولمايدۇ)، كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ﷲ بېرىدۇ.» [سۈرە شۇرا 40-ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە: «ئى مۆمىنلەر! اﷲ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزۈڭلارغا) ھارام قىلماڭلار، (اﷲ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، اﷲ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ» [سۈرە مائىدە 87-ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە: «بىز (كۇففارلاردىن) تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساۋابى بۇ پانىي نېمەتتىن) ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر» [سۈرە تاھا 131-ئايەت] بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى تېخىمۇ كۆپ بېرەلەيمىز. قۇرئاننى تۇبجى ئوقىغان بىرەرسىگە نىسبەتەن بىر قىسىم ئايەتلەردە زىتلىق باردەك بىلىنىشى مۇمكىن، بىراق بۇنداق بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. ئەكسىچە، ئەھۋال بۇنىڭ دەل ئەكسىنچە بولىدۇ. ئىشنىڭ ھەقىقىتى بولسا قۇرئان ۋە ئىسلامنىڭ يەككە يىگانە بولۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. ماھىيەتتە قۇرئان ئايەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تولۇق ماسلىشىشچانلىق بار بولۇپ، دەسلەپتە زىتلىق باردەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى قۇرئان بىزنى يالغۇز بىرلا ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىزنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەكسىچە، ئىككى ئىشنىڭ تەڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. قۇرئان بىزدىن يالغۇزلا قىساس ئېلىشىمىزنىلا تەلەپ قىلمايدۇ. بەلكى بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كەچۈرۈم قىلىشىمىزنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئويلىساقمۇ بولىدۇ. قۇرئان بىزدىن يالغۇز ئاخىرەت ئۈچۈنلا ئىشلىشىمىزنى تەلەپ قىلماستىن، بەلكى ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئىشلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنى يۇقىرىقىغا ئوخشايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بولماي تۇرۇپ يەنە بىرىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇڭا گەرچە ھەق ئۈستىدە بولسىمۇ جازادىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىشنى ئويلىمايدىغان(يەنى ئەپۇ قىلىشنى بىلمەيدىغان) بىر مۇسۇلمان، مۇكەممەل بىر ئىمانى سەۋىيىسىگە يېتەلمىگىنىگە ئوخشاش، ئەكسىچە يالغۇز كەچۈرۈم قىلىشنىلا ئويلايدىغان بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانىمۇ مۇكەممەل بىر ئىمان ھېسابلانمايدۇ. ئۇنداقتا كامالەتكە يەتكەن مۇسۇلمان ئەينى ۋاقىتتا ھەر ئىككى ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلگەن ھالدا مۆتىدىل مىقداردا مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىدۇر. بىر ئاز بۇرۇن يىغىنچاقلاپ ئۆتۈلگەن يەكۈنلەرنى قۇرئانى كەرىم بىر پۈتۈن ھالدا ئانالىز قىلىنغاندا ئاندىن تولۇق چۈشۈنۈپ يەتكىلى بولىدۇ. بىر قىسمىلا چىقىش قىلىنسا يۈزەكى چۈشىنىۋېلىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىسلام ۋە ئىسلام رىسالىسىنى تولۇق چۈشىنىش ۋە بۇ مەقسەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇۋاپىق ۋاستىلاردىن مۇشۇ ئۇسۇلنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا، قۇرئاننى ئىزچىل ئوقۇپ تۇرۇش لازىم. بۇ ئۇسۇلنى، قۇرئان نۇرىنىڭ پارلاقلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچلىك يول، دەپ قارايمەن. چۈنكى قۇرئاننى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمىزدا يېڭى - يېڭى نەرسىلەرنى چۈشۈنۋېلىشىمىزغا پايدىسى بولىدۇ. قۇرئانى كەرىمگە ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەسىتىن شۇ پېتى ساقلىنىپ كەلگەن. بىراق ئۆزگەرگەن بىرلا نەرسە بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەر، شەرت - شارائىتلار ئۆزگەردى، قىسقىسى دۇنيا ئۆزگەردى. بۇ ئۆزگىرىشلەر بولسا بىزنى يېڭى ئەمما مۇرەككەپ ۋە چېگىش مەسىلىلەر بىلەنلا بەنت قىلىپ قويۇش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوقۇغان قۇرئانى كەرىمدىن پۈتۈنلەي غەپلەتتە قېلىشىمىزنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمما بىردىنلا قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئايەتلەرنىڭ سادالىرىنى ھېس قىلغىنىمىزدا قۇرئاننىڭ ھەققىي مەنىسىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتتۇق. ھەر كىمنىڭ بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئۆزى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن بۇ ماقالەمدە بەزى شەخسىي تەجرىبىلىرىمدىن مىسال بېرىشىنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئۇزۇن يىللار بۇرۇن، يەنى ياش چاغلىرىمدا قۇرئانى كەرىمنى ئوقۇش ئەسناسىدا جىھاد، ئادالەت ۋە ئەمەل ھەققىدىكى ئايەتلەر ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىناتتىم. بۇنىڭغا ئۆز ۋاقتىدىكى خاتىرە دەپتىرىم ئىسپات بولالايدۇ. ئاللاھ باشقا نۇرغۇنلىغان دەپتەرلىرىم ئىچىدىن پەقەت مۇشۇ كىچىك دەپتەرچىنى ماڭا ھېچقانداق زىيان-زەخمەتسىز يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ دەپتەر قۇرئانى - كەرىمدىن ئېلىنغان بۇ ئايەتلەر ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان بەزى ئايەتلەر بىلەن تولغان ئىدى. بۇ ئايەتلەرنىڭ بىرىدە دۈشمەنلەرنىڭ ۋە ئىستىبداتنىڭ رەت قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇسۇلمانلارنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە توختىلىدۇ. «زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا اﷲ نىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر» [سۈرە شۇرا 39-ئايەت]. مەن نۆۋىتى كەلسىلا بۇ ماقالەمدە تەكىتلىگەن ئايەتلەر ھەققىدە ئويلىنىۋاتقاندا، بىر ئاللاھ ھەققىدە توختالغان ۋە دۇنيا ھاياتىنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئايەتلەر ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى. ئاللاھ تالادىن باشقا ھەر نەرسىنىڭ يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مېنىڭ شەخسىيىتىمنى تەسىرى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ۋە تەسىرىنىڭ ھازىرغىچە مەندە بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن. چۈنكى ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقەتتە زىتلىق تاپقىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەت ھېسابلىناتتى. «زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ. ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ» [سۈرە رەھمان 26-27-ئايەتلەر]. ئاللاھ تالا ئۆز ئالدىغا پۈتۈن شەيئىلەردىن بۇرۇن ۋە ئۇلاردىن كېيىنمۇ مەڭگۈلۈك ئىدى. بۇ دەل ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرمەس بىر ھەقىقەت ھېسابلىناتتى.
ئانام، قازا قىلغاندا ئىنتايىن قايغۇرغان ئىدىم. فەجر سۈرىسىدىكى «ئەي ئارام تاپقۇچى جان! سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن. سەن مېنىڭ «ياخشى بەندىلىرىم» قاتارىغا قوشۇلغىن. مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن». [سۈرە فەجر27-28-29-30-ئايەتلەر]. دېگەن ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى بۇرۇن ھازىرقىدەك ھېس قىلىپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۇ ئايەتلەر ماڭا بەكلا تەسىر قىلغان ۋە ئۆز ئۆزۈمدىن مۇنۇ سوئاللارنى سورىغان ئىدىم: «كىممۇ بىرەرسىنىڭ ئانىسى قازا قىلغاندا بىر بالىغا ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىن تېخىمۇ گۈزەل بىر سۆز ئېيتالىسۇن؟». ئۇنداقتا قۇرئان بىر تەرەپتىن شەرىئەت، يەنە بىر تەرەپتىن جىھادنى ئۇلۇغلايدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا زاماننىڭ دائىرىسىدىن چىقىش يولى تاپالمايۋاتقانلارغا تەسەللىي مەنبەسى ئىدى. بۇنىڭغا بىنائەن شەخسىي ھاللىرىمىزغا كۆرە دىققىتىمىزنى بىر نەرسە تارتقان بولسا يەنە بىرخىل ئەھۋالدا دىققىتىمىزنى باشقا بىر نەرسە تارتىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالنىڭ قۇرئاندىكى ئىپادىلىرى ئىنساننىڭ ئالاھىدە ئەھۋاللىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنىغا ئوخشاش ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي شارائىتلارغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنداقتا جەمئىيەت ياكى تارىخقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار، ئېتنىك ئوخشىماسلىقلارنىڭ جەمئىيەتنى پارچىلىشى، كۆز قارىشىمىزنى ئاياللارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە توختالغان ئايەتلەر ئۈستىدە كۆپرەك باش قاتۇرۇشىمىزغا بۇرايدۇ. مەسىلەن: دىنى قانۇن دەپسەندە قىلىنغان ياكى قايسى خىل شەكىلدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپلار ۋە ئوخشىماسلىقلار ئەۋج ئالغان بىر جەمئىيەتتە ئۈچ سۆزدىن تەشكىل تاپقان مۇنۇ ئايەت كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ، «دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) مەجبۇرلاش يوق.» [سۈرە بەقەرە 256-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
    بىز مۇسۇلمانلار ئايەتلەرگە ئوخشاش قارايمىز. بىراق غەيرى مۇسۇلمانلار يۇقىرىقى قىسقا قۇرئان ئايىتىنىڭ، دىنى كەڭچىلىك نۇقتىسىدىن ئەڭ چوڭقۇر مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ. بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلانساق بولىدۇ. بىراق مەزكۇر مەسىلە قىسقىغىنە بولغان ماقالەمنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ.
شۈبھىسىزكى، قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشى ۋە ئاڭلىنىشى ھەققىدە نېمىنى كۆزدە تۇتقانلىقىم ئۈستىدە توختىلىشىمىز لازىم. بەزى ئىنسانلار مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قۇرئاننى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇنى پايدىسى ئىنتايىن ئاز ئىشتەك ئويلىۋالىدۇ. مەن بۇ قاراشقا قوشۇلمايمەن ۋە ھاياتىمدا پەقەتلا ئېسىمدىن چىقمايدىغان بىر ۋەقەنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن بىر خەلقئارالىق ئىسلام يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئىدىم. يىغىن ياۋروپانىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرىدە چاقىرىلغان ئىدى. يىغىنغا كۆپ ساندىكى ئۆلىما ۋە ئالىملار ئىسلام چۈشەنچىسىنىڭ يېڭىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ۋە تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن قاتناشقان ئىدى. ھەر كۈنى يىغىننىڭ باشلىنىشىدا ۋە ئاخىرىدا دۇنيادا تونۇلغان قارىلار تەرىپىدىن قۇرئان تىلاۋەت قىلىناتتى. ئۆلىما ۋە ئالىملار ماقالە ئوقۇۋاتقاندا بەزى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىر - بىرىگە پىچىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتۇق. بىراق قۇرئانى كەرىمدىن ئايەتلەر ئوقۇلۇشقا باشلانغاندا زالدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلايتتى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن قۇرئان تىلاۋىتىنى ئاڭلايتتى. قارىنىڭ ئېغىزىدىن قۇرئان ئايەتلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىغاندىكى ئەھۋال بىر دەريانىڭ جىمجىت ۋە ئاستا ئېقىشىغا ئوخشايتتى. ئارقىدىن ئىنساننى تېخىمۇ ئۇزاقلارغا باشلىغان بىر شارقىراتمىنىڭ بېشىغا ئېلىپ كېتەتتى. قارى تىلاۋەت قىلىۋاتقان راھمان سۈرىسىدىكى «(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟» ئايىتى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى گويا بىپايان ئوكيانلارغا باشلاپ كەتكەندەك قىلاتتى. مەن بۇ گۈزەل مىنۇتلاردا شۇنى ھېس قىلدىمكى، تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان ئايەتلەرنى تولۇق چۈشەنگەن ئىدىم. ئۆزەمنى كونفېرانس جەرياندا يىغىن ئىشىتىراكچىلىرىغا شۇنچىلىك يېقىن ھېس قىلدىم. باشقىلارنىڭ يۈزىدىمۇ شۇ ئىپادىنى كۆرگىلى بولاتتى. شۇنداقلا «قارىمامسىز! ھەممىمىز ئىسلامدا قېرىنداشقۇ؟» دېگەندەك قىلاتتى.
بۇ ئىشتىن كېيىن قۇرئاننى چۈشۈنۈپ ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدىم. پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبلىرى قۇرئاننى مۇشۇ شەكىلدە ياكى باشقا بىر شەكىلدە چۈشىنەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئاننى چۈشىنىپ ئوقۇشمۇ ۋاجىپتۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )